. مىنگونىڭ 9- يىلى (1921- يىلى) دىكى «قەشقەر تىيزىسى›› بۇ 400 داچەنلىك پۇل بولۇپ، قىممىتى بىر سەر كۈمۈشكە بارابەركەن. پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىدىكى چاغىتاي ئۇيغۇرچىسىدىكى مەزمۇنلار: يان تەرىپىدە: «قەشقەر دوتەينىڭ تەۋەسىدە ئۆتىدۇ›› ئوتتۇرىسىدا: «ئۈشبۇ تىيزانى تۆت يۈز داچەنگە خەجلەيدۇ››
كەينى تەرىپىدە«شۇبۇ خىينەدىن چىقارغان تىيزىنىڭ ھەر بىرىنى تۆت يۈز داچەن، بىر سەر شاڭفىن كۈمۈشكە پۇقرالارنىڭ ئىچىدە خىينەگە بېرىدىغانلەڭ، باج قاتارلىقلارغا تەخىر قىلماي ئالىدۇ. مۇبادا، يالغان تىيزا چىقارسا، ئەلبەتتە جازاسىنى بېرىمىز دەپ چىقارغان ھۆكۈم مىنگونىڭ توققۇزىنچى يىلى ئاينىڭ كۈنىدە››
. مىنگونىڭ يەتتىنچى يىلى (1919- يىلى) دىكى «قەشقەر تىيزىسى›› ئوڭ يۈزى ئۈستىدە: «شۇبۇ تىيزىنى ساق يۈز داچەنگە ئالىدۇ››
ئارقا يۈزىدە: «شۇبۇ يۈز داچەنلىك كىچىك پۇل ئالتە مىسقال بىر فۇڭ بولۇپ، چوڭ تىيزىغا ئوخشاش لەڭ، باجغا بېرىلىدۇ. مۇبادا يالغان چىقىرىلسا جازاسىنى بېرىمىز.
مەنبە: ئۆزۈم يىغىپ ساقلىغان. (400 داچەنلىكىدىن 50 ۋاراق بار)
|