يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1378|ئىنكاس: 21

رەخىمە ئابدۇراخمان: قەبرە سېتىش ئېلانى( ھېكايە )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   قەبرە سېتىش ئېلانى  

    ( ھېكايە )


رەخىمە ئابدۇراخمان  


  ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا مەركىزى شەھەردە خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم. دوستۇمنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ھەرھالدا سەھرالىق دىگەن ئاتاقتىن قۇتۇلۇپ قالغان بولدۇق. خىزمەتكە چىقىپ  ئۆي، بالا، خىزمەت بىلەن بولۇپ كەتتۇق . كۆرۈشەلمىدۇق ئەمەس، يىلدا بىرەر قېتىم كۆرۈشسەكمۇ بىر -بىرىمىز بىلەن ھال- مۇڭ بولىدىغان ۋاقىتلىرىمىز يوق دىيەرلىك ئىدى .بالىلا چوڭ بولۇپ ئالى مەكتەپلەرگە يولغا سېلىۋالدۇق. شۇندىن كېيىن باشلانغۇچتىن تارتىپلا بىرگە ئوقۇغان دوستۇم بىلەن قايتا  تېپىشىۋالدىم .ئۇ بەك گۈزەللەردىن بولمىسىمۇ، يۈرۈش- تۇرۇشى، گەپ-سۆزى جايىدا، كۆڭلى تۈز، ئۆزى سادداراق،گەپنى ئۇدۇللا قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان مودا ئاياللاردىن ئىدى.ماڭا كۈندە بىرەر قېتىم تېلېفون قىلمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايىتتى. ئۇ دائىم: «ھەي، ئادىشىم، ئاۋۇ ئۈن دىدارنى  ئىشلەتسەڭ بولمامدۇ ،ئۇندىداردا  مۇڭداشساق  تېلېفون پۇلىمىز تېجىلىپ قالاتتى ئەمەسمۇ»دەيىتتى.مەن ئۇنىڭغا : « قويغىنا،شۇ بىرنىمەڭنى، ئۈن دىداردىن  ئېرىم بىلەن بالامنى  ئازاد  قىلالمايۋاتقاندا،ئەمدى ئۆزۈم قوشۇلۇپ... مۇڭداشقىڭ بولسا ئۆيگە كەل، چاينى دەملەپ قويۇپ ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىمىز » دېسەم، ئۇ « مەتۇ » دەپلا قوياتتى.   
ھېيتقا ئاز قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوستۇم ئىككىمىز بازارغا چىقتۇق . پىچىنە- پىشرۇقلارنى ھەرەمباغدىن،مىۋە- چېۋە ، قۇرۇق يەل-يېمىشلەرنى مەن باشلاپ بارغان تار  كوچىدىكى بازاردىن ئالماقچى بولدۇق. بۇ بازار خۇددى بىزنىڭ  غۇلجىدىكى  خەنزۇ بازىرىنىڭ ئۆزى بولۇپ، ھەممە نەرسە تۆكمە ئىدى. دوستۇم سالاھىيىتىگە ماس كەلمىگەن بۇ بازاردىن بىزارلىق ھېس قىلىپ قالدىمۇ بىلمىدىم، كوتۇلدىغىلى تۇردى.:« 30 يىل ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ،مۇنداق بازارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن. بولە تېز،ئالىدىغىنىڭنى ئال، تونۇش-بىلىشلەر كۆرۈپ قالغىچە كېتىۋالايلى »دەپ،ھالىمنى قويمىدى.مەن ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدە ئۆزگۈرۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم ۋە رەسمى چېچىلدىم :
-كۆرسە نېمە بوپتۇ،ئاش-تامىقىمىز ئۇلارنىڭ قازىنىدا قاينىمىسا ؟
-ۋاي مەتۇ،-دېدى ئۇ تامىقىنى چاكىلدىتىپ قويۇپ،-بۇ دېگەن سەن بىلەن بىز كېلىدىغان يەر ئەمەس،سىرىتتىن كەلگەن مەدىكارلارغا يارىشىدىغان بازار بۇ.بىزنىڭ خىلىمىزچۇ ئاۋۇ « كەررېفور »،«ھەرەمباغ»،«ئارمان»لاردا.
تاپىنىمدىن كىرگەن بىر پارچە مۇز،مېڭەمدىن چىقىپ كەتتى.
-ئۆرگىلەي خېنىم،-تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گەپنى يۇتۇۋېتىشكە ئامالسىز قالدىم،-سەن بىلەن بىز سىرىتتىن كەلمەي،ئانىمىز مەركىزى شەھەرگە تۇغۇپ قويۇپتىكەنمۇ؟ سۆڭگىچىنى ئۈرۈمچىگە پاتتۇرۇۋېلىپ، «كەررېفور»، «ھەرەمباغ»، «ئارمان»لاردىن باشقىسىنى ياراتمايدىغان بوپ قالدىڭمۇ تېخى ؟بۇ يەرنىڭ يەل-يېمىشى قايسى تاللا بازىرىنىڭ سۈپىتىدىن كەمكەن ؟مەن بۇ يەرگە يۇرتۇمدىكى قايناق بازارنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى كېلىمەن.يۈرۈكۈمدىكى سېغىنىش ئوتىنى بۇ يەرنىڭ يەل-يېمىشلىرى بىلەن باسىمەن.ھە،يەنە گېپىڭ بارمۇ ؟
ئىككىمىز مانا شۇنداق پات-پاتلا تەگىشىپ قالاتتۇق.گەپ چېڭىغا چىققاندا ئۇ ئۆزىگە ياراشمىغان ساختا كۈلكىسى بىلەن ھەممىنى بىراقلا يوققا چىقىرىۋېتەتتى.   
  كېبىرى ئۈستۈن «شەھەرلىك دوستۇم»نىڭ غەلىتە يېرى،شەھەردىكى ھەشىمى ئۈستۈن پارنىكلاردا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلارغا رايى بارماي،ئالاھىتەن يىراق سەھرادىن ئەكەلدۈرۈپ يەيتتى.مەن ئۇنىڭغا: «ھەسىنىكام ئاچچىق،ئامۇتى تاتلىقمىكەم ؟» دەپ،چاقچاق قىلىپ قوياتتى.
  بىر كۈنى بىرنەچچە ساۋاقداشلار چايدا بىللە بولۇپ قالدۇق.شۇ كۈنى دوستۇم ئىككىمىزنىڭ ئۈستىگە كىيىۋالغان يازلىق پەلتۇيىمىزنىڭ پاسۇنىدىن تارتىپ،رەڭگىگىچە ئوخشاپ كەتكەنىدى.دوستۇم كۆز ئالدىمدا ھېيىقمايلا پەلتۇيىنى ساۋاقداشلارغا كۆز-كۆز قىلغىلى تۇردى :
- «ۋاڭفۇجىن»دىن ئالدىم،قىممەت ئەمەس،ئېتىۋار  باھا بىلەن ئارانلا 2800 يۈەن،قانداق يارىشىپتىمۇ ؟
  ئۇ مەزگىللەردە ئىككى مىڭ يۈەننىڭ ئۈستىدىكى يازلىق پەلتولارنى خېلى مەن-مەن دىگەن ئادەملەر ئېلىپ كىيىدىغان چاغلار ئىدى.ساۋاقداشلىرىم دوستۇمنىڭ ئۈستىدىكى پەلتۇنى ھەۋەس بىلەن سىلىشىپ ماختىشىپ كەتتى-دە،ماڭا قاراپ:
- سىزچۇ ؟ سىز نەدىن ئالدىڭىز ؟- دەپ سوراپ قالدى.
مېنىڭ ئەزەلدىن گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرمايدىغان مىجەزىم بولغاچقا، ئۇدۇللا جاۋاب بەردىم:
-ئوتتۇرا بازاردىن310 يۈەن.
ئۆزەممۇ سەزمەي قاپتىمەن.شۇ ئارىدا دوستۇمنىڭ چىرايى بىر ئۆڭۈپ،بىر تاتىرىپ،كۆزلىرىمگە غەلىتىل
بىر سىياقتا تىكىلگەندەك قىلدى.قىزلارنىڭ  پىخىلداپ   كۈلىشىلىرى ئۇنىڭ    نېرۋىسىغا  تەككەن  ئىدى :بىرسىنىڭ  بىر يىرى ئېچىلىپ  قاپتۇمۇ  ؟ مەن  شۇنداق  قىممەت بازارغا  ئامراق ھەر قايسېڭلارمۇ  بېرىپ  ئېلىپ  كېيىڭلار  ۋاڭفۇجىن  دوڭفاڭ  يىبەينىڭ ئىشىكى  كېم  شاراق -شاراق  سانالىسا  شۇنىڭغا  ئوچۇق  ئىكەن...ئۇنىڭغا  تەڭ تۇردىغانلارمۇ  چىقتى . جىدەل  چوڭۇيۇپ  كېتۋاتاتتى  ئۇنى  بۇنى بىسىپ  دېگەندەك  چايدىن كۆڭۈلسىزلا قايتىپ كەلدۇق.ئۆيگە كېلىپ،بوسۇغىدىن پۇتۇمنى ئەمدىلا ئېلىپ تۇرۇشۇمغا ئۇنىڭدىن تېلىفون كەلدى.ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرىمەن. ئۇ سۆزلەيتتى :
-قاچانمۇ چوڭ بولارسەن سەن مىجىق ؟-دەيىتتى ئۇ چاڭىلداپ سۆزلەپ،-ھوي ئەخمەق،پو ئېتىش قانۇنغا خىلاپ بولمىغاندىكىن،پالانى-پۇستانى يەرلەرنى تىلغا ئېلىپ،چوڭ-چوڭ سۆزلىمەمسەن،نەدە بىر پىت بازىرى،بۈرگە بازىرىنىڭ گېپىنى قىلماي؟ خەقمىچۇ،ئۈستى-بېشىڭغا قاراپ باھا بېرىدىغان زامان بوپ كەتتى بۇ .ئون تەڭگىلىك نەرسە ئالساڭ مىڭ تەڭگە، مىڭ تەڭگىلىك نەرسە ئالساڭ يۈز مىڭ تەڭگىنىڭ گېپىنى قىلىپ ياشاۋەرمەمسەن ؟ سېنىڭ سەمىمى،ئاق كۆڭۈل،بولۇشۇڭ بىلەن خەقنىڭ نېمە ئىشى ؟ ھۇ،يېڭى زاماننىڭ ۋىجدان سۈيى ئىچىۋالغان سارىڭى...
  مەن ئۇنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلگەچكە،بەزى گەپلىرىگە ھە دەپلا قويىدىغان بولدۇم. شۇ كۈنى ئۇ تېلېفوندا بىر مۇنچە قاينىۋالغاندىن كېيىن،ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈپ ئۆيۈمگە كېلىدىغانلىقىنى،داڭلىق تېرە ئاسراش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، يۈزلىرىمىزنى يۇيدۇرۇپ،چاچلىرىمىزغا ئوزۇقلۇق بەرگۈزگەچ، يەنە قايسىبىر سودا سارايلارنى ئارىلاپ،ئالتۇن زىبۇ- زىننەت، گىرىم بۇيۇملىرى سېتىۋېلىپ،باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىشىمىز كېرەكلىكىنى، ئېيتتى.مەن كەسكىنلا رەت قىلدىم. ئۇ يەنە قايناپ قالدى.
  -يۈرىۋەر،-دەپ ۋارقىرىدى ئۇ تېلىفوندا،-يۈزۈڭنى كۇچانىڭ سوپۇنىدا يۇيۇپ،قېشىڭغا  ئاپاڭ تەرگەن ئوسمىنى قويۇپ،چېچىڭنى جىگدە يېلىمى، ئۇمۇ بولمىسا پولۇ ئەتكەن قازاننىڭ ئاستىدا قالغان ماي بىلەن مايلاپ يۈرىۋەر.ساڭىچۇ،( ئۇ قايسى بىر مەن بۇلمەيدىغان  داڭلىق ماركىلارنى  تىلغا ئېلىپ )بۇ  ماركىلارنىڭ  قاشلىقى،ئۇپپا-ئەڭلىكلىرى ياراشمايدۇ زادى،ياراشمايدۇ...
    بىر كۈنى ئۇ ئۆيگە تازىمۇ چۈشكۈن ھالدا كىرىپ كەلدى.مەن ئۇنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا چاقچاق ئارىلاش سورىدىم :
- بۈگۈن نېمە بولدى ساڭا،ئالا كۈچۈكلىرىڭ بىرنىمە بولمىغاندۇ ؟
- قېرىپتۇق ئاداش،-دېدى ئۇ كىرىسلوغا ئۆزىنى تاشلاپ،-تالاـ تۈزدە بولىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ ؟
- نېمە ئىشنى دەيسەنۇي ؟-مەن ئۇنىڭ باش-ئۇچى يوق گەپلىرىدىن خاتىرجەم بولالماي سورىدىم.
- سەنغۇ ئۆي بېقىشتىن باشقىسىنى بىلمەيسەن،-دېدى ئۇ ئېغىر بىرنى تىنىۋېلىپ،-بىز قۇراملىقلار ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن
يەرلىك سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش يۈرۈپتۇدەك.
  -ئالە شەرىڭنى،-بوغۇزىمغا كەپلىشىپ كەلگەن كۈلكىنى تازىمۇ تەستە يۇتۇۋەتتىم،-ئۆلمەي تۇرۇپ يەرلىكنىڭ غېمىنى قىلىدىغان مودا چىقىپتىمۇ ئەمدى ؟ ئۆزۈڭ ساقتۇ ھە ؟
  - مەن قاچان ساڭا چاقچاق قىلىپ باققان ؟-ئۇ رەسمى تېرىككەندەك قىلدى،-ئاخشام چايغا بارغان، ھەممىنىڭ ئاغزىدا شۇ گەپ.چايغا بارغانلارنىڭ بىر قىسىملىرى قەبرىستانلىقتىن يەرلىك سېتىۋېلىپ خاتىرجەم بولىۋاپتۇ.20 مىڭ يۈەن.
  -ۋاي ئاللا،-پېشانەمگە بىرنى ئۇردۇم مەن،-مۇنداق ئىشلارمۇ بارمىكەن تېخى،ئۆلگەندە ياتىدىغان گۆرنىڭمۇ باھاسى ئۆسكىلى تۇرسا،قانداق جاھان بوپ كەتتى بۇ ؟
   - سەن ئەخمەق،-دەپ دىمىقىنى قاقتى دوستۇم،-بېلىكوپنىڭ رولىنى ئېلىپ يۈرىۋەر.ئادەم كۆپىيىپ،جاھان تارلىشىپ كەتتى.قەبرىستاندا شۇنىڭغا مۇناسىپ يەرلىكنىڭمۇ باھاسى ئۆرلىدى.ئادەتتىكى يەرلىكنى ئالساڭ ئىككى مىڭ يۈەن،
پىششىق كېسەك،سېمونت بىلەن قوپۇرۇپ،چاقچۇق بىلەن بېزىگەن ئالاھىدە يەرلىك 20 مىڭ يۈەندىن...
- يەنە شۇ مودىنىڭ گېپى،-مەن ئەمدى ئۆزۈمنى تۇتۇپ تۇرالمىدىم،- ھوي،ئادىشوي،ئۇ دۇنياغا بارساڭ،ياراتقان
ئىگىسى نام-ئەمىلىڭگە قارامدىكەن ياكى ئورناتقان قەبرە تېشىڭ،ياساتقان قەبرەڭنىڭ دەرىجىسىگىمۇ ؟مودا قوغلاش دىسە شۇنچىلىكمۇ تېتىقسىزلىشىپ كېتەمدۇ بۇ ئادەملەر ؟ بولدى،مۇنداق مۇقامدا يوق گەپنى مەن ئاڭلىمىغان بولاي، سەنمۇ دىمىگەن بول. چوڭلىرىمىز :«تىزىڭدىن ئېشىپ كەتكەن قەبرىلەرنىڭ ھەممىسىىنى تۈپ-تۈز قىلىۋەت» دەپتىكەن،ماڭا ئىككى مېتىر يەر بولسىلا يېتىدۇ.ھەشەم-دەرىمىڭنى ئۆزۈڭ قىلىۋال.
- قىلىمەن،ساڭا ئوخشاش زاماننىڭ ئارقىسىدا يۈرۈشنى خالىمايمەن،-دوستۇمنىڭمۇ تەرسالىقى تۇتتى،- يېنىمىزدىكى
بار پۇلغا ماشىنا ئېلىۋېتىپتۇق.شۇنداقتىمۇ ئامالىنى قىلىمەن.
- بۇنىڭ يولى ئاسانغۇ، بانكىدىن قەرز ئال.قەرز ئېلىش گرافىكىنىڭ تۈر كاتەكچىسىگە : ‹ھەشەمەتلىك قەبرە
سېتىۋالماقچى، ئۆزۈمگە › دەپ تۇرۇپ ئېنىق ياز.
  -ئالىمەن،يازىمەن،قانداق قىلاتتىڭ ؟ ئېسىت،ساڭا ئۇپرىتىپ يۈرگەن ئاغزىم...
    دوستۇم چالۋاقىغان پېتى كېتىپ قالدى.ئۇ ماڭا مودىنىڭ گېپىنى تولا قىلىپ چارچاپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويغانىدى.شۇندىن بېرى ئۇنىڭ تېلىفونىمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى.ئۆزىمۇ يوقاپ كەتتى.كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام،مەركىزى شەھەرنىڭ قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن كۈنگەي تۆپىلىككە جايلاشقان تازىمۇ ھەشىمى يوغان بىر قەبرىنى سېتىۋاپتۇدەك.قەبرە سېتۋىلىش  جەريانىدا ئۆزىگە  ئوخشاش بىرنەچچە  مودىكەش خېنىملار  بىر  قەۋرىنى  تالىشىپ قېلىپ  جەڭگى جىدەل  قىلغانمىش .قەۋرە ساقۇچى ھە دەپ  قەۋرىنىڭ باھاسىنى  ئوستۇرگەن  بولۇپ ئاخىرىدا دوستۇم  قوقماي  40مىڭ  سوم  چىقىرىپ قەۋرىنى سېتىۋاپتۇ قەۋرە رەسىمىنى  يانفونىغا چۈشۈرۈۋېلىپ،ئولتارغان-قوپقان يەردە باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىپ يۈرگىدەك...
   راستىنى ئېيىتقاندا،ئۇنىڭ بىلەن بىر يۇرتلۇق بولۇپ قالغان،ئالى مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇپ قالغاننىڭ يۈزىنى دىمىسەم،باردى-كەلدى مۇناسىۋىتىمنى ئاللىقاچان ئۈزگەن بولاتتىم.ئىنسان دېگەن تولىمۇ ئاجىز كېلىدىكەن. ھەئە،گاھىبىر چاغلاردا پېشانىمىزگە يېزىلغان تەقدىر-پۈتمىشكە تەن بەرمەي ئامال يوقكەن. ئارىلىقتا ئۇ يۇرتقا تۇغقان يوقلىغىنى بېرىپ، ساياھەتكە چىققان تاغ سەپىرىدە ھادىسىگە ئۇچراپ تۈگەپ كەتتى.ئۇنىڭغا ئۇچرىغانلا ئادەمگە كۆز-كۆز قىلىپ ماختىنىپ يۈرگەن ھېلىقى ھەشەمەتلىك قەبرىنىڭ بوسۇغىسىنى كۆرۈش پەقەتلا نېسىپ بولمىدى.ناۋادا سىز باھار ئايلىرى يۇرتىمىزدىكى قەبرىستانلىققا بېرىپ قالسىڭىز،ئۈستىنى ئەمەن بىلەن كۆك شىۋاق باسقان ئاددىلا بىر قەبرىنى چېلىقتۇرالايسىز.قەبرە ئۈستىگە ئارمان بىلەن كېتىپ قالغان ئوتتۇر ياش ئايالنىڭ نىشانىسى سۈپىتىدە سۈنئى تالادىن ياسالغان قىزىل گۈل سانجىپ قويۇلغان. مانا بۇ مېنىڭ ئۆمرىنىڭ تەڭ يېرىمىنى مودا قوغلۇشۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن ھېلىقى دوستۇم بولىدۇ.
    ئۆلگەننىڭ كەينىدىن گەپ قىلىش گۇناھ دەيتتى چوڭلىرىمىز.مەن دوستۇمنىڭ گېپىنى ئەمەس،ئۇنىڭ مەركىزى شەھەردە كۆزلىرىنى ياشلاپ قالغان يولدىشىنىڭ ئىككى ئېغىز پارىڭىنى قىلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ.ھەئە، رەھمەتلىك دوستۇمغا قارىغاندەك ئۇنىڭ ئۇزۇن يىل بىر ياستۇققا باش قويغان مۇرەببەسى خېلى سەزگۈرچىقىپ قالدى.ئۇ مودا قوغلۇشۇپ كەتمەيدىغان ئەقىللىق كىشىلەردىن ئىدى.بىر كۈنى ئۇنىڭ نامىدا كوچا دوقمۇشىغا چاپلاپ قويغان مۇنداق بىر ئېلانغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى:
    « قەبرە سېتىش ئېلانى...»

                         2015-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-11 04:53:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزىڭدىن ئېشىپ كەتكەن قەبرىلەرنىڭ ھەممىسىىنى تۈپ-تۈز قىلىۋەت.
مۇنۇ جۈملە بەك يارىدى .





باھا سۆز

راست دەيسىز،مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس ھەدىسمۇ بار.  ۋاقتى: 2015-7-11 01:37 PM
ۋاقتى: 2015-7-11 08:25:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىز خىلى ياخشى چىقىپتۇ. تىلىغا يەنە ئازراق ئىشلىسىڭىز بولىدىكەن.
(ئىملاغا ئەھمىيەت بىرىڭ)

ۋاقتى: 2015-7-11 11:03:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكى ئۆزگىچە چىقىپتۇ. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-7-11 12:44:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىز ياخشى بوپتۇ، ۋەقەلىگىمۇ باشقىلار ئويلاپ باقمىغان نوقتىدىن بايان قىلىنىپتۇ.
ئامەت سىزگە يار بولسۇن.

مھراي بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-7-11 13:01:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-7-11 13:05:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا  دېيىش بىلەنلا كۇپايلىنىپ قالماي ئىبىرت ئالساق بولىدۇ . ھېلىمۇ مۇشۇ « مودا »| ئۈچۈن  قانچىلىك پۇللارنى ، قانچىلىك ۋاقىتنى سەرپ قىلىۋەتتۇق ، ھەمىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن .

ۋاقتى: 2015-7-11 15:40:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى يىزلغان ئەسەرنى ئوقۇپ يىنىكلەپلا قالدىم نادىر ئەسەرلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۇزۇلمىگەي.

ۋاقتى: 2015-7-14 11:43:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنى كىچىكىپ كۆرگىنمدىن ئېچىندىم.ۋەقەلىكنى ياخشى تاللاپسىز.جانلىق بايان قىپسز.ئاخىرلىشىش تىخىمۇ مۇاۋاپىقىيەتلىك بوپتۇ.
لىكىن ھېكايىنىڭ بىشىدا مۇنداق دەپسىز:بالىلا چوڭ بولۇپ ئالى مەكتەپلەرگە يولغا سېلىۋالدۇق. شۇندىن كېيىن باشلانغۇچتىن تارتىپلا بىرگە ئوقۇغان دوستۇم بىلەن قايتا  تېپىشىۋالدىم .ئۇ بەك گۈزەللەردىن بولمىسىمۇ، يۈرۈش- تۇرۇشى، گەپ-سۆزى جايىدا، كۆڭلى تۈز، ئۆزى سادداراق،گەپنى ئۇدۇللا قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان مودا ئاياللاردىن ئىدى.ماڭا كۈندە بىرەر قېتىم تېلېفون قىلمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايىتتى.
ئاخىرىدا:ناۋادا سىز باھار ئايلىرى يۇرتىمىزدىكى قەبرىستانلىققا بېرىپ قالسىڭىز،ئۈستىنى ئەمەن بىلەن كۆك شىۋاق باسقان ئاددىلا بىر قەبرىنى چېلىقتۇرالايسىز.قەبرە ئۈستىگە ئارمان بىلەن كېتىپ قالغان ئوتتۇر ياش ئايالنىڭ نىشانىسى سۈپىتىدە سۈنئى تالادىن ياسالغان قىزىل گۈل سانجىپ قويۇلغان. مانا بۇ مېنىڭ ئۆمرىنىڭ تەڭ يېرىمىنى مودا قوغلۇشۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن ھېلىقى دوستۇم بولىدۇ.
بالىلار ئوقۇشقا ماڭسا،40نەچچە ياشقا كىرىپ قالامىز؟ئاۋۇ چوكاننى 40 نەچچە ياشتا ئۆلگەن بولسا توغرا بولامدىكى دىدىمغۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-14 19:32:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aydanix يوللىغان ۋاقتى  2015-7-14 11:43
ھېكايىنى كىچىكىپ كۆرگىنمدىن ئېچىندىم.ۋەقەلىكنى ياخشى  ...

ئايدانىش  رەخمەت  پىكىر  بەرگىنىنىڭزگە
سىزنىڭ  تەھەلىلىڭىزمۇ توغرا  .  مەنچىمۇ  ئوتتۇرا  ياش  45 تىن  يۇقۇرى 55 باشتىن  تۆۋەنلەردۇر  .

باھا سۆز

توغرا.  ۋاقتى: 2015-7-14 07:55 PM
ۋاقتى: 2015-7-14 20:13:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ
بۇ مودا قوغلىشىش ئەمدى بېرىپ قەبرىلەرگىمۇ يەتتى ھە
ئاتاقلىق ناخشىچىمىز تاشمۇھەممەت باتۇر ئاكىنىڭ بىر ناخشىسىدىكى مۇنۇ مىسرا يادىمغا كىلىپ قالدى:

ئۆلگەندىمۇ ئەلدىن ئابرۇي تالاشقان،
قەبرىلەرنىڭ كەينىدىمۇ جىق گەپ بار.

ۋاقتى: 2015-7-14 20:29:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى پىششىقلىسا ئىسىل ئەسەر بولغۇدەك.

ۋاقتى: 2015-7-14 21:07:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aydanix يوللىغان ۋاقتى  2015-7-14 11:43
ھېكايىنى كىچىكىپ كۆرگىنمدىن ئېچىندىم.ۋەقەلىكنى ياخشى  ...

ئوتتۇز ئەمەس ئوتتۇرا ياش ئىكەن، يەنە شۇ ئىملا...

ۋاقتى: 2015-7-14 21:08:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلىڭىزنىڭ جېنى بار ئىكەن، ئۆتكەندىمۇ بىر ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق ئويلىغان ئىدىم، بۇ ھېكايىڭىزنىمۇ ئاشۇ ئەسىرىڭىزدەك ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-7-14 21:12:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىككىنە تەكلىۋىم:
ھېكايىنىڭ باش قىسمىنى ئازىراق تۈزەپ باقسىڭىز!
باشتىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن باشلاپ بالىلارنى چوڭ قىلىپ بولۇپ بىكار بولغان يەرگىچە بولغان جەريانلار بەك تىز ھەم تومتاق بولۇپ قالغاندەك بىلىنىۋاتىدۇ، بىر بولسا مۇشۇ قىسمى سەل كېڭەيتىلسە، ياكى بىراقلا مۇشۇ بۆلەكتىن ۋاز كەچسە بولىدىغاندەك ئويلاپ قالدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش