قارسۇ يوللىغان ۋاقتى 2015-10-11 17:46
ياخشى يېزىلىپتۇ.... بۇلۇپمۇ ھىكايىنىڭ تۈگەنچىسى دەل جاي ...
سىزنىڭ سىنچى كۆزلىرىڭىزدىن قۇتۇلالمىغان بۇلۇڭ-پۇچقاقلار، ھەر خىل ئادەملەر، جان-جانىۋارلار،
تەبىيئەت ھادىسىلىرى ، ھېس-تۇيغۇلار - قەلىمىڭىزدە ئۆز جۇلاسىنى خېلى ئوبدانلا تېپىپتۇ. يازمىلاردىكى
تۇرسىمۇ بولىدىغان، تۇرمىسىمۇ بولىدىغان قىسقا بايان-قۇرلاردىن مەرتلەرچە ۋاز كېچىشكە جۈئەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. [ئوقۇرمەنلەر كۆرسىتىپ قويۇپتۇ ].
ئويلاپ باقسام، سىزگە سايە بولۇپ نەچچە يىل يۈرسەممۇ ، مەندىن بۇنداق ياخشى ئەسەرلەر چىقمىغۇدك. جەلبكار تېما، تارتىملىق ‹‹ ھېكايەتلەر ›› سىزگىلا نىسىپ بوپتۇ، ئاپىرىن !
قەلىمىڭىزگە ئىزچىللىق تىلەيمەن !