كۆرۈش: 1476|ئىنكاس: 40

بۇ كىتابخانا ھەرگىز تاقىلىپ قالمىسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
            ئابدۇلۋاھىد خۇدابەردى مۆلجەرى

                                         بۇ كىتابخانا ھەرگىز تاقىلىپ قالمىسۇن

                                                    (سۆھبەت خاتىرىسى)

(ئۇچتۇرپان  ناھىيە « سەئىدىيە » كىتابخانىسىنىڭ غوجايىنى ئابدۇناسىر ئابدۇرېھىم سەئىدى بىلەن سۆھبەت )

          خېلى يىللاردىن بېرى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئىزچىل ئەسەر ئېلان قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان كىتابخۇمار، شائىر دوستىمىز ئابدۇناسىر ئابدۇرېھىم سەئىدى ناھىيىمىزدىكى ئەڭ ئاۋات كوچىلارنىڭ بىرى بولغان «دۆڭكۆۋرۈك» تە « ‹سەئىدىيە› كىتابخانىسى، سەئىدىيە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى» دېگەن قوش ۋېۋىسكا ئېسىلغان بىر شەخسى كىتابخانا ئاچتى. شۇنداق قىلىپ ناھىيىمىزدە كىتابتىن باشقا ھەممە نەرسە سېتىلىدىغان سان-ساناقسىز دۇكانلار قاتارىدا شەخسي كىتابخانىدىن بىرسى پەيدا بولدى. بۇ كىتابخانىنىڭ ئېچىلىشى بىزدەك كىتاب دىېسە جېنىنى بېرىدىغان دوستلارنى ناھايتى خۇشال قىلدى.
       ئاڭلىماققا بىر كىتابخانا ئېچىش شەھەر-بازارلاردا نېمە تولا، دۇكان تولا بولۇپ كەتكەن بۇ كۈنلەردە ھەيران قالغۇدەك بىر چوڭ ئىشقۇ ئەمەس. لېكىن كۆپ پايدىغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى ئاز بولغانلىقتىن باشقا تۈرلۈك سودا دۇكانلىرىغا قارىغاندا ناھايتى ئاز ئۇچرايدىغان بۇنداق بىر دۇكاننى ئېچىش، يەنە كېلىپ ناھىيە بازىرىدا ئېچىش ھەقىقەتەن قۇتلۇقلايدىغان ئىش-ئەلۋەتتە. شۇڭا دوستىمىزنىڭ بۇ غەيرەت-شىجائىتىگە بارىكاللا ئېيتىش يۈزسىدىن ئۇنىڭ بىلەن كىتابخانا ئېچىش جەريانىدىكى بىلگەن-ئويلىغانلىرى ھەققىدە قىسقا سۆھبەت ئېلىپ باردىم.

        سۇئال: سىز قانداق بولۇپ كىتابخانا ئېچىش خىيالىغا كېلىپ قالدىڭىز؟ كىتابخانا ئېچىشقا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىز تۈرتكە بولغانمۇ؟ مۇنداقچە ئېيىتقاندا، كىتابخانا ئېچىشىڭىز بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيىتىڭىز ئوتتۇرىسىدا قانداقتۇر زىچ باغلىنىش باردەك ھېس قىلدىم.بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك توختىلىپ باقسىڭىز ؟
       جاۋاپ: بۇ سۇئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن گەپنى ئۇزاقتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەقلىمنى بىلگىدەك بولسام دادام كىتابخۇمار كىشى ئىكەندۇق، گەرچە ئۇ يىراق سەھرادىكى ئاددى بىركەنىت دوختۇرى بولسىمۇ، قولى ئىشتىن بوشىغان چاغلاردا دائىم كىتاب ئوقۇيتتى. «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى»، «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»، «ھاتەم ھەققىدە قىسسە»، «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»، «ئىز»، «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»، «تۈندىكى چاقماق»، «چالا تەككەن ئوق» «قاينام ئۆركىشى»، «ئاقسۇدا 1945-يىل» قاتارلىق كىتابلارنى تۇنجى قېتىم دادامنىڭ قولىدا كۆرگەن ئىدىم. مەھەللىمىزىدىكى كىتابخۇمار كىشىلەرمۇ دادامدىن كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيتتى. بىز ئائىلىدىكى ئالتە بالا ئىچىدە تۆتىمىز ئالىي-ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردە ئوقۇدۇق. دادامنىڭ تەربىيىسىدە ھەم بىلىمخۇمار، ھەم كىتابخۇمار چوڭ بولدۇق. دادامنىڭ ئاشۇ كىتابخۇمارلىقى، مەرىپەتپەرۋەرلىكى بىز پەرزەنتلەرگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەندى. ئائىلىمىزدە مېنىڭلا يالغۇز مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇشۇم ئاتا كەسپىمگە ئىخلاس قىلغانلىقتىن بولسا، كىتابخۇمارلىقىم دادامنىڭ تەسىرىدىن  بولغان دەپ قارايمەن. شۇ تەسىرنىڭ تۈرتكىسىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردىن باشلاپلا ئەدەبىياتقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان ئىدىم. شۇ چاغلاردا دادام مېنى«تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىغا مۇشتىرى قىلىپ بەردى. شۇندىن كېيىن كىتاب ئوقۇش ۋە يېزىش قىزغىنلىقىم تېخىمۇ كۈچەيدى.
تەلىيىمگە باشلانغۇچ مەكتەپتىمۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ كىتابخۇمار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا ئوقۇدۇم. باشلانغۇچ 6-يىللىقتىن باشلاپ كۈندىلىك خاتىرە يازدىم. تۇلۇقسىز ئوتتۇرىدىكى سىنىپ مەسئۇلىمىز ئارسلان ياقۇپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، كىتابنى قەدىرلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ئېسىل كىشى ئىدى. ئارسلان مۇئەللىم  شۇ مەزگىىلدە مەكتىۋىمىزدە «ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرژىكى» تەشكىللەپ، بىزنىڭ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىمىزغا يىتەكچىلىك قىلاتتى. كىتاب ۋە يېزىقچىلىققا تېخىمۇ ئىشتىياق باغلىشىمغا ئاشۇ مۇئەللىم زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. «ئىز»، «سۇ بۇيىدا» قاتارلىق توم-توم كىتابلارنى تۇلۇقسىزدىن باشلاپلا ئوقۇشقا باشلىغان ئىدىم.
   ئەپسۇسكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيالمىدىم. كېيىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىسازلىق مەكتىۋىدە 2 يىل ئوقۇدۇم. 2000-يىلى شىنجاڭ تىببىي ئونۋېرستىتى چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ كېلىنكىلىق ئىچكى كېسەللىكلەر ۋە بالىلار كېسەللىكلەر كەسپىنىڭ مەخسۇس كۇرس سىنىپىغا ئوقۇشقا باردىم. شۇ مەزگىللەردە ئۆگىنىش بېسىمى شۇنچىلىك ئېغىر بولسىمۇ، يەنىلا كىتاب ئوقۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. كىتاب ئوقۇش مەن ئۈچۈن ئەڭ ھۇزۇرلۇق، ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى. بوش ۋاقتىم بولسىلا كىتاب ئوقۇيتتىم.  ھەر بىر پارچە كىتابنى ئوقۇغاندا كۆز ئالدىمدا بىر يىپيېڭى دۇنيا  پەيدا بولغاندەك ھاياجانغا چۆمۈلەتتىم. كىتاب ۋە قەلەم ماڭا ھەردائىم سىرداش، دوست بولۇپ كەلدى. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردەك بوش ۋاقتىنى ئەرزىمەس ئىشلارغا، ئايىغى چىقماس ئۇيۇن-تاماشاغا سەرپ قىلماستىن، بەلكى كىتاب ئوقۇشقا سەرپ قىلدىم. كىتابتىن خۇشاللىق تاپتىم، كىتاب ئارقىلىق تۇرمۇشۇمغا ئۆزگىچە مەنا تاپتىم. قىسقىسى بالىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپلا كىتاب مېنىڭ ئۆمۈرلۈك سىردىشىم، دىلكىشىم، روھى تايانچىم بولۇپ كەلدى.
         كىتابخۇمارلىقىم مېنى ئاخىر ئىجادىيەت سېپىگە باشلاپ كىردى. مەتبۇئاتتىكى تۇنجى ئەسىرىم- «سۆيگۈ قەتىرلىرى» نامىلق بىر يۈرۈش نەسىرلىرىم «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىندى. شۇندىن كېيىن ھازىرغىچە «جوڭگۇ مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «تۇرپان»، «ھاياتلىق»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «يېڭى قاشتېشى»، «پەن ۋە تۇرمۇش»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «مۇزات دولقۇنلىرى»، «مايبۇلاق»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «ئاقسۇ گېزىتى»،« شايار»، « كەلپىن»... قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ماقالە، نەسىر ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىندى.  2007-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا، 2013-يىلى ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىندىم.
        ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس تاللاش يولى بولىدۇ. مەن ئالى مەكتەپتە گەرچە كېلىنكىلىق داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان؛ بىر مەزگىل ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى دوختۇرخانىلاردا ئشلىگەن ۋە ئۆز ئالدىمغا دوختۇرلۇق قىلغان بولساممۇ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىدىم. مەن بىرنەچچە يىل جەمىئىيەتنى كۈزىتىش ئارقىلىق  بىر بازار بوشلۇقى بارلىقىنى، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىغىنى، شۇڭا مۇشۇ كەسىپنى تۇتۇپ ئىش باشلىسام  بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ، كىتابخانا ئېچىش قارارىغا كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن،  2014-يىلى 1-ئايدا كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئانا سەھرايىم ئىماملىرىم يېزىسىدا شەخسىي كىتابخانا- « سەئىدىيە » كىتابخانىسىنى ئېچىپ تىجارەت باشلىدىم. بوۋامنىڭ ئىسىمى سەئىدى مۇھەممەد ئىدى. مەرھۇم بوۋامغا بولغان  چەكسىز ھۆرمىتىم، شۇنداقلا بىزنىڭ يىلتىز ئىزدەش ئەنئەنىمىز بۇيىچە خېلىدىن بېرى تەخەللۇس سۈپتىدە ئىسىم-فامىلەمگە يانداشتۇرۇپ قويغان بوۋامنىڭ ئىسىمىنى كىتابخانىنىڭ نامى قىلىپ ئىشلەتتىم. بۇ ئىشنىڭ ئېپى-جېپىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، بازار ئېھتىياجى ۋە مەدەنىيەت تىجارىتىنىڭ تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا نەچچە ئاي قاتىراپ يۈرۈپ تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ، ئاخىرى 11-ئايغا كەلگەندە يېزىدىكى كىتابخانىنى ناھىيە بازىرى ئىچىگە يۆتكەپ ئەكەلدىم. ھازىر كىتابخانامدا كىتابنىڭ تۈرى 1000 خىلدىن، ژۇرنالنىڭ تۈرى 30 خىلدىن ئاشىدۇ. ئوقۇرمەنلىرىممۇ خېلى كۆپ.

       سۇئال: ئېسىمدە قېلىشىچە، 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىمۇ ناھىيە بازىرىدا كىتاب يايمىسى ئاچىدىغان كىشىلەر بولىدىغان. شۇ چاغدا دادامنىڭ بىر كىتاب يايمىسىدىن ۋىلايىتىمىزدە نەشىر قىلىنغان «قەدىمقى كىتابلار تەتقىقاتى»( ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمقى كىتابلىرىنى يىغىش، رەتلەش، نەشىر قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان، ناھايتى ياخشى ئەسەرلەر جەملەنگەن بۇ مەجمۇئە 1986-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە جەمىئىي 4 سان نەشىر قىلىنغان) دېگەن ژۇرنالنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلىمەن. شۇندىن كېيىنمۇ كىتاب ساقلاپ كەلگەن بەزى كىشىلەر ياكى ئۇلارنىڭ باللىرى كىتاب يايمىسى ئاچقان ئىدى. 1996-يىللار مابەينىدە ئۇچتۇرپان ناھىيىمىزدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئۈمىد كىتابخانىسى»، «بۇلاق كىتابخانىسى»، «مىسران ئۇيغۇر كىتابخانىسى»، «تىزگىن كىتابخانىسى» قاتارلىق كىتابخانىلار بىرى تاقالسا كۆپ ئۆتمەي يەنە بىرى ئىز باسار بولۇپ ئېچىلدى، لېكىن، نېمىشقىكىن ھەممىسى كۆپ بولسا ئىككى يىلدىن كۆپرەك، بولمىسا بىر يىل بولا-بولمايلا تاقىلىپ قالدى. شەخىسىلەر ئاچقان ئاشۇ كىتابخانىلار ئىچىدە «مىسران ئۇيغۇر كىتابخانىسى»نىڭ كىتاب زاپىسى ھەممىدىن كۆپ، مۇلازىتىمۇ ئالاھىدە ياخىشى ، ئېچىلغان ۋاقتىمۇ بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان ئىدى. كېيىن بۇ كىتابخانىمۇ چۆلدەرەپ قالغاندەك بولدى. شۇ چاغدا ئىچىم ئاچچىق بولۇپ «ئاپلا، بۇ كىتابخانىمۇ تاقىلىدىغان بولدى» دېگەن بىر ماقالە يازغان ئىدىم (2008- يىلى 2-ئايدا يېزىلغان بۇ ماقالە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىندى)، ئويلىغىنىمدەك ئاخىرى ئۇ كىتابخانىمۇ تاقالدى. بۇنداق ئەھۋالنىڭ يالغۇز بىزنىڭ ناھىيىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا ناھىيە-شەھەرلەردىمۇ كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم ياكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.  شەخىسىيلەر ئاچقان كىتابخانا ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەردە ئەڭ كۆپ ئىكەن، سوراپ بىلىشىمچە، ئۈرۈمچىدە 30 غا يېقىن شەخسى كىتابخانا بار ئىكەن. ئاشۇ كىتابخانىلاردىنمۇ تاقىلىپ قالغانلىرى بار ئىكەن. مېنىڭچە بۇنداق بولۇشنىڭ نۇرغۇن سەۋەپلىرى بولسىمۇ، ئاساسلىقى كىتابخانا ئاچقان كىشىلەرنىڭ كىتاب سودىسى ئارقىلىق تاپقان كىرىمى دۇكاننىڭ ئىجارىسى بىلەن غوجايىننىڭ (ياكى ياللاپ ئىشلەتكۈچىنىڭ) ئىش ھەققىنى قامدىيالمىغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بۇ ئەھۋاللاردىن ئاز-تولا خەۋىرىڭىز باردۇ؟... سىز مۇشۇنداق رېئاللىقنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە قانداقلارچە بۇ ئىشقا تەۋەككۈل قىلىپ قالدىڭىز؟ «مەنمۇ شۇنداق قىسمەتكە قالارمەنمۇ» دېگەننى ئويلىمىدىڭىزمۇ؟
     جاۋاپ: ھەربىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياكى ئىگىلىك تىكلەش سەپىرىگە ئاتلانغۇچىنىڭ كۆز قارشى ۋە ئارزۇسى ھەرخىل بولىدۇ. مەن شۇنداق ئويلايمەن، بىر ئادەم ئىش قىلغاندا ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىلا ئويلاشماي، ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنىمۇ كۆزدە تۇتۇشى كېرەك. مەشھۇر ئالىم ئېينىشتىيىن شۇنداق دېگەنكەن: «ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى ئېرىشكىنى بىلەن ئەمەس، بەلكى بەخىش ئەتكىنى بىلەن ئۆلچىنىشى كېرەك». بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەن بۇ يېشىمدا كىتابخانا ئېچىپ، ھالال ئەمگىكىم ئارقىلىق ئېرىشكەن پۇل بىلەن ئائىلەمنىڭ خەج-خىراجىتىنى غەملىدىم ھەم كىشىلەرگە بىلىم سېتىش ، مەدەنىيەت تارقىتىشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمگە ئېرىشتىم، دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن.
بايا دېگىنىڭىزدەك، ئىلگىرى ئېچىلغان شەخىسىي كىتابخانىلارنىڭ تاقىلىپ قېلىشىدا نۇرغۇن سەۋەب بار. مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئادەم ياللاپ ئىشلەتكەن. گەرچە ئىشلەتكەن ئادەملەرمۇ كىتابقا قىزىقىدىغان كىشىلەر بولسىمۇ، لېكىن دەسمايىنى ئۆزى سېلىپ قىلمىغاندىكىن، بۇ ئىشقا پۈتۈن زوقى بىلەن كىرىشىپ كېتەلمەيدۇ.  كونىلاردا «ئىش ئىگىسى بىلەن، قۇش مېڭىسى بىلەن»،  «كىشىنىڭ ئىشىغا تۇمۇزدىمۇ قول مۇزلاپتۇ» دەيدىغان ماقاللار بارغۇ؟ ھە، شۇنداق بولغاندىكىن،  كىتاب سودىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدا ھېلىقى ياللاپ ئىشلەتكەن كىشىلەر «ئىشەك بايدىن، تاغار بايدىن، يىقىلسا يۆلىمەيمەن، ئۆلسە تۆلىمەيمەن» دېگەندەك، ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ياخىش ئادا قىلالمىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاقىۋەت زىيان كېلىپ چىقىدۇ. زىيان كىمگە ئاچچىق ئەمەس؟ زىيان چىققان كىتابخانا ئاخىرى تاقالماي نىمە بولماقچى؟
     مەنمۇ شۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلدىم. كىتابخانىغا تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن يەنە بەزى تەدبىرلەرنى قوللاندىم. مەسىلەن:  ئېتىبار باھادا كىتاب سېتىش، كىتابنى مۆھلەت بەلگىلەپ مەلۇم ھەق بىلەن ئارىيەت بېرىش، كىتاب ئالماشتۇرۇش، كونا كىتابلارنى سېتىۋېلىش ، مەدەنىيەت بويۇملىرى پارچە سېتىش...دېگەندەك مۇلازىمەتنى يولغا قويدۇم. ئۈنۈمى خېلىللا ياخشى بولدى.
     يەنە بىر جەھەتتىن، مەن دۇرا دۇكىنى (مىللى تىبابەت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى) بىلەن  بىرلەشتۈرۈپ ئاچتىم. بۇنىڭدا خېرىدارىم تېخىمۇ كۆپ بولىدى. دۇرا ئالغىلى كىرگەن كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى كىتابلارنى كۆرۈپ قىزىقىپ سېتىۋالدىغان بولدى. كىتاب ئالغىلى كەلگەن كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئېتىياجلىق دۇرىلارنى سېتىۋالدى. شۇڭا ھازىر جەمىئيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى، جۈملىدىن ئوقۇغۇچىلار، سودىگەر-دېھقانلار، ياشانغانلار، پىنسىيىگە چىققانلار...كىتابخانامنىڭ دائىملىق خېرىدارى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. كىتابخانام بىر تەرەپتىن كىتابخانا، يەنە بىر تەرەپتىن كۈتۈپخانىلىق رولىنى ئۆتەۋاتىدۇ. كىتاب بىلەن دۇرا بىر دۇكاندا بولغاچقا دۇكان ئىجارىسىمۇ ئانچە ئېغىر توختىمايدىكەن. ئۇندىن باشقا مەن يەنە ھەر يەكەشەنبە كۈنى دېھقان بازىرىغا بېرىپ بىر كۈن كىتاب يايمىسى ئاچىمەن. بۇنىڭدا تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتىم. دېھقانلارنىڭ تولىسى ئاتايىنلاپ شەھەرگە كېلىپ كىتابخانىغا كىرەلمىگەچكە، ئەتىدىن كەچكىچە كىتاب يايمامنى ئورىۋېلىپ ئۆزى ياقتۇرغان كىتابلارنى سېتىۋالىدۇ. شۇڭا شۇ بىر كۈنلۈك سودام تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
      مەن كىتاب تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا؛ ئۆيلىرىگە، مېھمانخانىلارىغا ھە دېگەندىلا زىلچە گىلەم، خىرۇستال قاچ-قۇچا دېگەندەك قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئېلىۋەرمەي، قەلبىمىزنى نۇرلاندۇرىدىغان، ئىنسانغا توغرا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان مەشئەل،  مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە بايلىق ھېساپلىنىدىغان كىتابلارغىمۇ پۇل خەجلىشگە؛ كىتاب ئىشكاپلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىشكە؛ كىتابنى ئۆزلىرىگە ئۆمۈرلۈك سىرداش دوست قىلىشىغا تۈرتكە بولسامكەن دەيمەن. چۈنكى، بىز جەمىئىيەتتە بىر كىشلىك ئورنىمىزنى تېپىش ئۈچۈن، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن چۇقۇم ئۆزىمىزنى پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئاق-قارىنى، توغرا-خاتانى تۇنۇپ، توغرا نىشان تىكلەپ ئالغا ئىلگىرلىشىمىز كېرەك. بۇ جەرياندىمۇ كىتاب، پەقەت ۋە پەقەت كىتابلا بىزگە ئەسقاتىدۇ دەپ قارايمەن.  

      سۇئال: كىتابخانىغا ھەرخىل سەۋىيىدىكى، ھەرخىل ياشتىكى، ھەرخىل مىجەزدىكى ئادەملەر كىرىدۇ. مەيلى نىمىلا بولمىسۇن كىتابقا قىزىقىدىغان ئادەملەرنىڭ كىرىدىغىنى ئېنىق. ئەگەر كىتابقا زىنھار قىزىقمايدىغان، كىتاب ئوقۇشنى «بىھۇدە مېڭىنى ئوپراتقانلىق» دەپ قارايدىغان كىشىلەرنى قولىدىن مەجبۇرىي تارتىپ ئەكىرسىڭىزمۇ كىتاب سېتىۋالماسلىغى مۇمكىن. مەن دالى كارنىگىنىڭ «ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلار ۋە ئاجىزلىقلار» قاتارلىق بىر يۈرۈش كىتابلىرى، ئۇندىن باشقا «نۇتۇق سەنئىتىگە دائىر ئاساسىي بىلىملەر»،  «مۇئامىلە سەنئىتى»، «پۇل تېپىشنىڭ ئېپى»، «سودىدا غەلبە قىلىشنىڭ 70 ئۇسۇلى»، «سىزمۇ مۇۋەپپىقيەت قازىنالايسىز» قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق، مۇئامىلە سەنئىتىنىڭ تۇرمۇشتا، بولۇپمۇ سودا-تىجارەتتە نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشەنگەن ئىدىم. لېكىن بەزى «شىنخۇا كىتابخانىلىرى» ياكى شەخسىي كىتابخانىلاردىكى خادىملارنىڭ ئۆز ئورنىدا خۇددى قارانچۇقتەك ئولتۇرۇپ خېرىدار بىلەن قىلچە كارى بولمايدىغانلىقىنى، ھەتتا گەپ سورىسا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. سىز باشقا سودا- تىجارەتلەردە قوللىنىدىغان ئىللىق مۇئامىلە، سەمىمىيلىك، ئالدىن كۆرەرلىك ۋە پەم-پاراسەتنى كىتاب سودىسىدىغىمۇ تەدبىقلىساق بولىدۇ دەپ قارامسىز؟
       جاۋاپ: تەدبىقلىساق ئەلۋەتتە بولىدۇ، بەلكى ئۈنۈمى تېخىمۇ زور بولىدۇ. چۈنكى كىتاب سودىسىمۇ بىر سودا، بەلكى ناھايتى سەزگۈرلۈك تەلەپ قىلىدىغان سودا. سودا دېگەن رىقابەت تەلەپ قىلىدۇ. خەلقىمىزدە «كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر» دەيدىغان بىر ماقال بارغۇ؟ مەن كىتاب سېتىشتا مۇئامىلىدە قىزغىن بولۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردىم. مېنىڭ مۇئامىلىدىكى قىزغىنلىقىم تېخىمۇ كۆپ خېرىدارنى جەلىپ قىلدى.  دېھقان بازىرىدا بولسام ئالدىمدىن ئۆتكەن ياكى كىتاب كۆرگىلى كەلگەن كىشىلەرنى؛ دۇكاندا بولسام دۇكانغا كىرگەن كىشىلەرنى كىتاب كۆرۈشكە دەۋەت قىلدىم. كىتاب كۆرمەكچى بولغان كىشىلەرگە كۆرۈۋاتقان كىتابنىڭ قانداق كىتاب ئىكەنلىكى، كىم يازغانلىقى، قانچىلىك بازار تاپقانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە زېرىكمەي-تېرىكمەي چۈشەندۈردۈم. نەتىجىدە بۇنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخىش بولدى. خېرىدارىم بارا-بارا كۆپەيدى. تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ، چاچلىرى ئاقارغان بوۋاي-مومايلارنىڭ ئالدىمغا كېلىپ خالىغان كىتابنى قولىغا ئېلىپ، شۇنچە قېتىرقىنىپ، بېرىلىپ كىتاب ئوقۇغىنىنى كۆرگىنىمدە ئىچ-ئىچىمدىن يايراپ كېتىمەن. شۇنداق كىشىلەر ئەگەر كىتاب ئالماقچى بولغىنىدا پۇلى كەملەپ قالغۇدەك بولسا تالاشمايلا بېرىۋېتىمەن. مەن سەۋەبلىك ئۆيىدە كىتاب بولسا، كىتابلىرى كۆپەيسە شۇنىڭغا خۇش بولىمەن. چۈنكى، ئاشۇ ئائىلىدە بىرلا ئەمەس، بىرنەچچە ئادەم بۇلۇشى مۇمكىن، ئاشۇ ئائىلىدىكى كىشىلەر مەندىن سېتىۋالغان ئاشۇ كىتاب ئارقىلىق بىلىم ئېلىشى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى مۇمكىن. ئاشۇ كىتاب ھەتتا بالىدىن بالىغا مىراس قېلىشىمۇ مۇمكىن.
«شىنخۇا كىتابخانىسى» ھەممە ناھىيە-شەھەرلەردە بار. مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە، ھازىر شىنخۇا كىتابخانىسىدىن باشقا، يەنە ناھىيىلىك كۈتۈپخانا، يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىدىكى قىرائەتخانا-كۈتۈپخانىلاردا، كەنىت قىرائەتخانىلاردىمۇ نۇرغۇن ياخىشى كىتاب-ژۇرناللار بار، يەنە تېخى مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، مەدەنىيەتكە بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىش، «شەرق شامىلى تۈر قۇرۇلۇشى» سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن نەچچە يىلدىن بېرى «دېھقانلار ئائىلىسى كۈتۈپخانىسى»غىمۇ نۇرغۇن ياخشى كىتابلار سېلىندى، بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا كىتابلار شۇ قەدەر جىق. ئەمما، شۇ كىتابخانا ياكى كۈتۈپخانىلارغا مەسئۇل خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى  كىتابقا قىزىقمايدۇ. ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان بۇ شەرەپلىك خىزمەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ، ئۆز خىزمىتىنى بىر ئالۋاڭ، ھاشار ئورنىدا كۆرىدۇ. بەزىلىرى شۇ كىتابنى خۇددى شەخسى مۈلكىدەك بىلىپ، ئىچى تارلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئوقۇپ مەنپەئەت ئېلىشىغا ئىمكان بەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئېلىشش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇ ئىشنى ئويلىسا ئادەمنىڭ كۆڭلى ئاچچىق بولىدۇ.

     سۇئال: ھازىر كىتابخانىڭىزدا كىتابلارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى قانداق؟ قانداق كىتابلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولىۋاتىدۇ؟
     جاۋاپ: كىتاب سېتىشنى باشلىغىنىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە كىتابلارنىڭ سېتىلىشى ھەرھالدا خېلى ياخشى بولۇپ كەلدى. بايقىشىمچە تۆۋەندىكىدەك كىتابلارنىڭ بازىرى خېلى ئىتتىك بولىۋاتىدۇ:
1. تارىخ-مەدەنىيىتىمىزگە ئائىت كىتابلار(تارىخىي رومانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مەسىلەن: «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»، «ئانا يۇرت»، «مەھمۇد قەشقەرى»، «باھادىرنامە»، «تارىخى رەشىدى»، «تارىخى ھەمىدى»، «قاينام ئۆركىشى»، «تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىغاندا»، «تارىخىمىزدىكى سىرلار»، «تارىخ سەھنىسىدە» (بۇلار بىر يۈرۈش  جەمىئىي 7 كىتاب)، «مەن كەچكەن كېچىكلەر»، «ماناس دەرياسىدىن قايتىش»، «جاللات خېنىم»، «مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىسى»، «مەن شاھىد بولغان ئىشلار»، «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»، «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»،  «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام»، «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى»، «ئويغىنىۋاتقان ئەجدات روھى»،«ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى»، «ئىلى دولقۇنلىرى»، «ئەخمەت ئەپەندىمنى ئەسلەيمەن» (ئىككى قىسىم)، «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»، «ھۈسەيىنيە روھى-تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش»، «مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم»، «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە».
2. پەندى-نەسھەت، ئەدەپ-ئەخلاق، پەرزەنىت تەربىيسى، ساغلاملىققا ئائىت كىتابلار، مەسىلەن: «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى»،  «مىراس ئەدەبلەر»، «ئىلمىي ئەخلاق»، «سوۋغات»،  «قابۇسنامە»،  «ئاياللار سىردىشى»، «قىزلار ئەنگشتىرى»، «قىزلارغا كۈندە نەسھەت»،
3. مۇۋەپپىقيەت قازىنىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش تېمىسىدىكى كىتابلار، مەسىلەن:
«باي ئاكامنىڭ خورجۇنىدىكى 68 گۆھەر»، «تېرە پۈتۈك»، «پۇزتىسيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ»، «بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن»، «تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى»، «مۇۋەپپىقيەت دەستۇرى»، «ئۇتۇقنامە»، «بىل گايتىسنىڭ پىرىنسىپى»، «ياشلار ئۈچۈن 100 ھېكمەت»، «دۇنيادىكى ئەڭ ئولۇغ مال ساتقۇچى»، «باي دادام، نامرات دادام»،  «ھېكمەتنامە»، «پەيلاسۇپلار ھېكمىتى»، «توغرا تەپەككۇرغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش»، «بۈيۈك ئىلھامنامە».
4. ئەدەبىي كىتابلاردىن؛ «كەچمىش»، «ئېغىر تىنىقلار»، «ئامەت ۋە ئاپەت»، «زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى»، «كونا قاپقان»، «سېرىق ئاپتاپ»، «ئاق كۆلەڭگە»، «بېشى ئۈزۈلگەن ۋېناس ھەيكىلى»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»، «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى» (ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە)، مەمىتىمىن ھۇشۇر، ئەختەم ئۆمەر، بۇغدا ئابدۇللا، مۇھەممەتچان راشىدىن،  ئادىل تۇنياز، غوجامۇھەممەد مۇھەممەد، ئەنىۋەر ھاجى مۇھەممەد، ئىبراھىم قۇربان، ئىبراھىم نىياز، ئەخمەتچان تۇرۇپ بەگتۈرۈك قاتارلىق ئاپتۇرلارنىڭ ھېكايە-شېئىر توپلاملىرى.
5.ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتابلاردىن: يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان«قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)، «ياخشىلار باغچىسى»، «ھەدىس شەرىفتىن ئۈنچە-مارجانلار»، «تۆت خەلىپە»، «قۇرئان كەرىم›دىكى بىلىملەر»، «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، «ھىدايەت گۈلزارى» (1-،2-،3-قىسىم)، «قۇرئاندىكى قىسسىلەر»، «‹قۇرئان كەرىم› دىن سائال-جاۋاپلار»، «ھەدىس-شەرىفتىن سۇئال-جاۋاپلار»، «ئىسلامى ئەدەپ-يۇسۇن ھەققىدە سۇئال-جاۋاپلار»، «ئىسلام سەنئىتىدىن سۇئال-جاۋاپلار»، «مۇسۇلمانچە يىمەك-ئىچمەكلەر ھەققىدە سۇئال-جاۋاپلار»، «مۇسۇلمانلاردا گۈزەل ئەخلاق»، «ھەزرىتى ئائىشە»،  «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ» قاتارلىقلار، ئۇندىن باشقا يەنە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى»، «ھاياتلىق» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ بازىرى ئىتتىك.
سۇئال: بۇندىن كېيىن قانداق پىلانىڭىز بار؟ كىتابخانا ئېچىۋاتقان ياكى ئېچىشنى ئويلاۋاتقانلارغا قارىتا تەجىربە-ساۋاقلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟
بۇندىن كېيىنكى پىلانىم : ناھىيىمىزدىكى بىر شىنخۇا كىتابخانىسى خەلقىمىزنىڭ كىتابقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولالمايدۇ. چۈنكى، ھەممىلا كىشىنىڭ ئىككى خىل ئېھتىياجى بولىدۇ، بىرى ماددىي ئېھتىياج، يەنە بىرى مەنىۋى ئېھتىياج. كىشىلەرنىڭ ماددىي ئېھتىياجى قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئوخشاشلا مەنىۋى ئېھتىياجىمۇ شۇنچىلىك مۇھىم. مەنىۋى ئېھتىياج دەل بىلىم ئېھتىياجىدۇر. كىتاب ئىنساننىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك بايلىقتۇر. مەن بۇندىن كېيىن ئىمكانىيىتىم يار بەرگەن دائىرىدە  ئاشكارا نەشىر قىلىنغان، كىشىلەرگە ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدىغان، مەزمۇنى ساغلام ياخشى كىتابلارنى ئىزچىل ئەكىلىپ، باھادا ئېتىبار بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مۇئامىلىدە تېخىمۇ قىزغىن بولۇپ  موقىم خېرىدار توپى شەكىللەندۈرسەم، زاغرا تىلىمىز بۇيىچە ئېيتسام چۆپقەت يىغىپ، بازار كېڭەيسەم دەيمەن.
      شۇنچە كۆپ ئادەم دۇكان ئاچقان ياكى دۇكانسىزمۇ يايما ئېچىپ تۈرلۈك سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان دېھقان بازىرىدا بىر كىتاب يايمىسى ئېچىلىشى؛ كىشىلەرنىڭ ماددىي ئېتھىياجىغا كېرەكلىك نەرسىلەر سېتىلىدىغان شۇنچە كۆپ دۇكان ياكى تاللا بازىرى بار ناھىيە بازىرىدا بىر شەخسىي كىتابخانا چۇقۇم بولۇشى كېرەك. ئىشىنىمەنكى، بۇندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەتكە ، بىلىمگە بولغان تەشنالىقى، مەنىۋى ئېھتىياجى تېخىمۇ كۆپ ياخشى كىتابلارنى تەقەززا قىلىدۇ. ھازىر جەمىئيىتىمىزدە كىشىلەرنىڭ قورسىقى توق، ياماق سېلىنغان كىيىم كىيگەن كىشىلەرنى ئۇچراتقىلىمۇ بولمايدۇ.  ماددىي نامىراتلىقنى يوقاتقىلى بولۇشى مۇمكىن، بىراق مەنىۋى نامراتلىقنى يوقىتىش بەسى مۈشكۈل. مەن شۇنداق ئويلايمەن، كىشىلەرگە ماددىي ياردەم قىلىشتىنمۇ بەكرەك ئۆز كۈچىگە، ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ھالال ئەمگىكى، ئەجىر-مېھنىتى ئارقىلىق نان تېپىپ يەيدىغان يولنى ئۈگىتىش تولىمۇ زۆرۈر.  بۇ زۈرۈرىيەت دەل بىلىم ۋە ھۈنەر ئىگەللەش ئارقىلىق ئىشقا ئېىشىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بىلىم نەدە؟ بىلىم باشقا يەردە ئەمەس، دەل ياخىشى كىتابلاردا. مەن يەنە كىتابخانىغا كىتاب ئالغىلى كىرگەن ئوقۇرمەنلەرگە،كونا-يېڭى خېرىدارلارغا، دوست-بۇرادەرلەرگە قىزغىنلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ ئاپتونۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە چىقىدىغان بىر قىسىم ئىلمىي ژۇرنال ۋە  ئەدەبىي ژۇرناللارغا مۇشتىرى توپلاۋاتىمەن.( شىنجاڭ مەدەنىيىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم ژۇرناللارنىڭ مۇشتىرى سانى 40 دىن ئېشىپ كەتتى )
بىز ھە دېگەندە، «ۋەتىنىم، يۇرتۇم، خەلقىم» دەپ ئېغىزىمىزدا قۇرۇق پو ئېتىپ «شۇئار» توۋلىماي،  قولىمىزدىن كېلىدىغان، قىلالايدىغان ئەمىلىي ئىشلارنى ئىزدەپ قوغلاپ تۇرۇپ قىلىشىمىز  كېرەك، دەپ ئويلايمەن.
ئوتتۇرا مەكتەپتە فىرانسىيىلىك يازغۇچى دائودىتنىڭ «ئاخىرقى دەرس» دېگەن بىر ھېكايىسىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئۇنىڭدا، ئانا تىلى-فىرانسۇز تىلىغا مۇھەببەت باغلىغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىناتتى. ئۇ ھېكايە مېنىڭ گۈدەك قەلبىمگە بەك تەسىر قىلغان ئىدى. بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر، بولۇپمۇ ئەدەبىيات-سەنئەت ئەھلى ئانا تىلىمىزنى جان-دىل بىلەن سۆيۈشىمىز، قەدىرلىشىمىز، كېيىنكىلەرگە سۆيۈشنى ئۈگىتىشىمىز كېرەك. بۇ تەخىرسىز، قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچىمىزدۇر. سەن كىتابنى سۆيمىسەڭ ئۇ چاغدا پەرزەنتلىرىڭ قانداق سۆيۈشى مۇمكىن؟ شۇڭا كىتابنى سۆيۈش ئانا تىلىمىزنى سۆيۈشنىڭ، قوغداشنىڭ ئەمەلىي مىسالىدۇر.
گەپنى قىسقارتسام، ناھىيىمىزدە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەلەمكەشلەر 30 غا يېتىپ بارىدىكەن. شۇنداق بولغاندىكىن، سىلەردەك كىتابخۇمار دوستلار تۇرغان يەردە يەنە نېمىدىن غەم قىلاتتىم ؟(چاقچاق)  شۇڭا بۇ كىتابخانىنى ئۇزۇن مۇددەت ئېچىشقا تۇلۇق ئىشەنچىم بار، سىلەرمۇ قوللاپ بېرەرسىلەر.!!!
      مۆلجەرى:  ئەلۋەتتە قوللايمىز،كىتابخانىڭىزنى ئەمەلىي تەشۋىق قىلىمىز، بۇ ناھىيىمىزنىڭ پەن-مەدەنىيەت، ئاقارتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىغۇسى. سىزنىڭ كىتابخانا ئاچقىنىڭىز بىز قەلەم ئەھلى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ياخشى ۋە ئەھمىيەتلىك ئىش بولدى.
بۇ كەڭرى ئالەمنى قۇياش نۇرى يورۇتىدۇ، ئەمما، ئىنسان قەلبىنى يۇرۇتىدىغان قۇياش دەل كىتابتۇر. بىر ئائىلىگە نىسبەتەن كىتابسىز بايلىق شەكسىزكى مەنىۋى گادايلىقتۇر. بىز پۇتۇن  بىر ئەۋلاد كىشىلەر كىتابخۇمارلىق ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قەلبىگە كىتابقا بولغان ئىشتىياق ئوتىنى يېقىشىمىز لازىم. بۇ سىزنىڭ، مېنىڭ، جۈملىدىن ھەممىمىزنڭ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. كىتابخۇمارلىق  ئىلىمخۇمارلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئىلىمخۇمارلىق – بىر ئوت. بۇ ئىشتىياق، بۇ ئوت ئۆز نۆۋىتىدە ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇدلىقى، ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇلىقىنىڭ  كاپالىتىدۇر.
ئىلگىرى بەزى كىتابلارنىڭ نەشىر  قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ شىنخۇا كىتابخانىسىغا كىرىپ بولغۇچە ئۇ كىتاب تۈگەپ كېتەتتى. ئاندىن باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئاقسۇدىن يا ئۈرۈمچىدىن ئەكەلدۈرەتتۇق، ئەمدى بۇ قىيىنچىلىقىمىزمۇ ھەل بولىدىغان بولدى، بۇندىن كېيىن سىزگىلا ھاۋالە قىلىمىز. ئىلاھىم، كىتابخانىڭىز ھەرگىز تاقىلىپ قالمىسۇن.

   2014-يىل دېكابىر   ،   ئۇچتۇرپان  

( ئەسكەرتىش : بۇ سۆھبەت خاتىرىسى « ئاقسۇ ئەدەبىياتى » ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-3 01:25  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-3 08:49:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلاھىم، كىتابخانىڭىز ھەرگىز تاقىلىپ قالمىسۇن.

ۋاقتى: 2015-7-3 10:50:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر كىتاپخانىڭىز بىزنىڭ ناھىيەدە بولغان بولسا چۆپقەت بولۇپ قالاركەنمەن .
ئۇچتۇرپاندىكى دوستلارنىڭ بۇ كىتاپخانىنى قوللاپ قۇيىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
كىتاپخانا ھەرگىز تاقىلىپ قالمىسۇن .

ۋاقتى: 2015-7-3 10:51:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالىكەن ، ئاپتۇرغا رەھمەت .

ۋاقتى: 2015-7-3 11:04:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى «شىنخۇا كىتابخانىلىرى» ياكى شەخسىي كىتابخانىلاردىكى خادىملارنىڭ ئۆز ئورنىدا خۇددى قارانچۇقتەك ئولتۇرۇپ خېرىدار بىلەن قىلچە كارى بولمايدىغانلىقىنى، ھەتتا گەپ سورىسا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. سىز باشقا سودا- تىجارەتلەردە قوللىنىدىغان ئىللىق مۇئامىلە، سەمىمىيلىك، ئالدىن كۆرەرلىك ۋە پەم-پاراسەتنى كىتاب سودىسىدىغىمۇ تەدبىقلىساق بولىدۇ دەپ قارامسىز؟
  

بۇ ھەممىمىز ئويلۇنۇپ باقىدىغان سوئالكەن. كىتابخانىلارنىڭ رېقابەتچىلىرى كۆپ بولمىغاھچقا خېرىدار چاقىرىش ياكى خېرىدار تالىلىششنىڭ خاجىتى يوقمىدۇ؟ راست، ئىھتىياجى بارلار كىتابنى ئۆزى ئىزدەيدۇ، لېكىن يەنە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇشمۇ بولۇشى كېرەكقۇ؟

ۋاقتى: 2015-7-3 11:08:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابخنىڭىز تاقىلىپ قالمىسۇن بۇرادەر،  لېكىن تىجارەت دېگەندە نىيەت توغرا بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، تىجارەت ئۇسۇلىڭىزنى يېڭىلاپ تىجارىتىڭىزنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇش ھەققىدە داۋاملىق ئىزدىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-7-3 11:37:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابخانىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى مۇشۇنداق  قوللىغۇچىلىرىڭىز ۋە ئۆز تىرىشچانلىقىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسىلا ھەرگىز تاقىلىپ قالمايدۇ. مېنىڭچە، كىتاب - جۇرنالنىڭ تۈرىنى كونا - يېڭى دېمەي داۋاملىق ئاۋۇتۇپ مېڭىڭ...

ۋاقتى: 2015-7-3 11:44:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈندىدار كىتاپ دۇكىنى ئېچىشمۇ ياخشى ئىشكەن.كىتاپلارنى ئۈندىدىدار دۇكانلىرىغا چاپلاپ  ئاز تولا تونۇشتۇرۇش قىستۇرۇپ  قويۇپ،ناھىيە ئىچىگە يەتكۈزۈش مۇلازىمىمىتىنى قىلسا.

ۋاقتى: 2015-7-3 11:45:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شەخسى كىتاپخانىلارنىڭ ژورناللارغا مۇشرىتى قوبۇل قىلىدىغان ئىشىنىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم.

باھا سۆز

بۇمۇ مولازىمەتنىڭ بىر تۈرى،‹ مۇشرىتى›ئەمەس،مۇشتەرى دەڭ،قېرىندىشىم...  ۋاقتى: 2015-7-3 09:11 PM
ۋاقتى: 2015-7-3 12:43:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپخانىڭىز تاقىلىپ قالمىسۇن. بىزنىڭ چىرا ناھىيىسىدىمۇ ئابلىكىم كىرەم ئاچقان رىشتە كىتاپخانىسى بار. يىڭى نەشىردىن چىققان، كىتاپخانىلارغا سېلىنىشقا باشلىغان كىتاپلارنىڭ خەۋىرىنى شۇنىڭدىن بىلىمىز. مۇشتەرى بۇلالمىغان ژورناللارنىمۇ شۇ يەردىن تېپىپ ئۇقۇيمىز.

باھا سۆز

بەك كاتتا ئىش بوپتۇ. قۇتلۇقلايمەن.  ۋاقتى: 2015-7-3 11:27 PM
ۋاقتى: 2015-7-3 12:55:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابخانا دېگەن تاقىلىپ قالسا بولمايدۇ.

ۋاقتى: 2015-7-3 13:30:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ بۇ كىتابخانا ھەرگىز تاقىلىپ قالمىسۇن ›› ناملىق سۆھبەت خاتىرىسى ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2015-7-3 13:40:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-7-3 11:04
بەزى «شىنخۇا كىتابخانىلىرى» ياكى شەخسىي كىتابخانىلار ...

   ھازىر «شىنخۇ كىتابخانىسى»نىڭ مۇلازىمىتى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى. مەن «شىنخۇا كىتابخانىسى»غا كىرىپ ئالماقچى بولغان كىتابنى تاپالمىسام كىتابخانا خىزمەتچىلىرى شۇ ھامان ئىزدەپ تېپىپ بېرىدۇ. ئەگەر كىتابخانىدا بولمىسا تېلېفون نومۇرۇمنى يېزىۋالىدۇ. بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يا ئامباردىن تېپىپ بېرىدۇ، ياكى بولمىسا ئۈرۈمچىدىن ئەكەلدۈرۈپ تېلېفون قىلىدۇ.

ۋاقتى: 2015-7-3 14:16:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاقىلىپ قالدىغان ئىشلار بىزنىڭ يۇرۇتتىمۇ بولوپ تۇرىدۇ شەخسى كىتاپخانىدىن نەچچىسى ئىچىلىپ تاقالدى بۇ قىتىم كىتاپخانا ئاچقان ئادەم بەكلا سەپرا ئادەم ئكەن بۇمۇ تاقىلدىغان ئوخشايدۇ. دىمەك خرىدارغا مۇئاملە قىلىشنى بىلمەسلكمۇ كىتاپخانىنىڭ تاقىلىپ قىلىشىدىكى بىر سەۋەپ بولسا كىرەك.

ۋاقتى: 2015-7-3 15:03:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابخانىلار ئېچىلىپ تۇرىدۇ، بازىرى ياخشى بولمىسا تاقىلىپ تۇرىدۇ، بۇمۇ نورمال بىر ئىش.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش