ئا.ئا.سەئىدى يوللىغان ۋاقتى 2015-7-4 20:03
سەمىمىي تېلەكلىرىڭىزگە، ئۆزگىچە تەكلىپىڭىزگە تەشەكك ...
سەمىمىي تېلەكلىرىڭىزگە، ئۆزگىچە تەكلىپىڭىزگە تەشەككۈر. سىلەردەك ئەمەلىي قوللاپ تۇرىدىغان دوستلىرىمدىن پەخىرلىنىمەن. كىتابخانامنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرغىنىڭلاردىن؛
بىر كۈتۈبخانىغا، شۇنداقلا ئىلىم سورۇنىغا ئايلاندۇرغىنىڭلاردىن سۆيۈنىمەن.
...........................................................
..............................................................................................
..........................................................................................................................................
ماۋۇ گېپىڭىزنىڭ پىيىزى يوقتۇ دوستۇم ،ھە...(چاقچاق)...دەرۋەقە بەزىدە كۈنلەپ-كۈنلەپ كىتاب ئوقۇپ كىتابخانىنى كۈتۈبخانىغا ئايلاندۇرۋالغان چاغلىرىمىزمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ.... قانداق قىلىمىز ئەمدى، يانچۇق بوش، <<تاپقان پۇلنى كىتابقا تېگىشسە>>ك خوتۇن تىللايدىغان چاغلىرىمىزمۇ بولۇپ قالىدىكەن(كۈلكە)،شۇڭا ھازىرچە كىتابخانىڭىزنى بىز ئۈچۈن كۈتۈبخانا دەپ چۈشىنىپ تۇردۇق ھەم چۈشىنىڭ.... بۇمۇ كىتابخانىڭىزنىڭ ئارزۇيىمىزدىكى خاس تەرىپى.
تۇررپ شۇنداق ئويلاپ قالدىم: يېقىندا ئاقيار ئوتتۇرىدىكى بىر تۈركۈم ئايال ئوقۇتقۇچىلار ‹‹كىتاب چېيى ››دەپ بىر چاينى پەيدا قىپتۇ. 200سومدىن 10ئايال ئايدا 2000سومنى چاي ساھىبخانىغا بىرىدىكەن. ساھىپخان كيىنكى نۆۋەتلىك چاي سورۇنىغا چوقۇم 2000سومغا سېتىۋالغان ئەڭ سەرخىل كىتابلىرىنى، كىتاب تالۇنىنى ھەم شۇ بىر ئاي ئىچىدە مۇشۇ كىتابلاردىن خالىغان ئىككى ياكى ئۈچ كىتابتىن ئوقۇپ ئالغان تەسىراتلىرىنى بىللە ئالغاچ بارىدىكەن.سورۇندىكىلەر كىتابلارنى كۆرۈپ سېتىۋالغانلىقىنىڭ راست يالغانلىقىنى دەللىلەپ كىتابلارغا ئالدىنقى چاينىڭ ۋاقتى ئاساسىدا تىلەك، ئىمزالىرىنى قويۇشقاندىن كېيىن سورۇن باشلىنىپ كىتابلارنى ئاساسى تېما قىلغان كىتاب چېيى باشلىنىدىكەن.
مەن ئويلايمەن ، بىزمۇ ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن ئۆگۈنۈپ چايلىرىمىزدىكى يىغىلغان پۇلنى يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ مۇشۇنداق كىتاب سېتىۋېلىشقا ئىشلەتسەك بىر قىسىم قىممەت پۇللۇق كىتابلارمۇ شۇ يوسۇندا ئېلىنىپ قالىدىكەن دەپ ئويلىدىم.. .. بولسا مۇشۇخىل چاينى تەشەببۇس قىلساق، تارقاتساق چېيىمىزدىكىلەرنىڭ قوللىشىدىن ئۆتسە ھەممىمىز كىتاب خالتىلىرىدىن بولغاچ مۇشۇ يولغا كىرىشىۋالساق دەيمەنيا-ئەمدى..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-4 20:46