كۆرۈش: 1131|ئىنكاس: 21

سۇفىزىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شىنجاڭغا كىرىشى ھەققىدە ئومۇمىي بايان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سۇفىزىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شىنجاڭغا كىرىشى ھەققىدە ئومۇمىي بايان

جوۋ شيېفەن

(جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى)

     ئاساسلىق مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە، سۇفىزىمنىڭ شىنجاڭغا تارقالغان دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى تارىخى قىسقىچە بايان قىلىنغان بولۇپ، 16- ئەسىردىن بۇرۇنقى سۇفىلار ھەرىكىتىدە ئاساسلىقى ئەرشىدىن جەمەتى مۇھىم ئورۇندا قويۇلغان ئاساستا، 16- ئەسىردە مەخدۇم ئەزەم قاتارلىق كىشىلەر شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىسلام تارىخى ئىشانلارنىڭ تارقىلىش تارىخىغا ئايلىنىپ قالغىلى تاس قالغانلىقى، سۇفىلارنىڭ دائىم ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن مەنىۋى ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلىنىش، تەرىقەت تەسىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سىياسىي مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن، ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ قاينىمىغا كىرىپ كەتكەنلىكى، خوجىلار جەمەتىدىكى ھەر قايسى تارماقلارنىڭ دىنىي مەرتىۋە تالىشىشىنىڭ سىياسىي ھوقۇقنى كونترول قىلىش ئىستىكىدىكى مەزھەپلەر كۈرىشىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى، ئاقىۋەتتە پۈتكۈل يەركەن خانلىقىغا تارقىلىپ، جۇڭغارلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە مەرتىۋە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ بىر تۈركۈم خوجىلارنىڭ خەلقنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: كۇچار دىن تارقىتىش ئۆمىكى     نەقشىبەندىيە تەرىقىتى         ئىسھاقىيە   ئافاق خوجا    شىنجاڭدىكى ئىشانلار

     ماتېرىيال چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن سۇفىلارنىڭ جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان كونكرېت يىل دەۋرىنى بېكىتىپ بېرىشكە ئامالسىزمىز. مەشھۇر سۇفىست، شەھىد مەنسۇر ھەللاج (852-922) 905- 912- يىللىرى دىن تارقىتىش ئۈچۈن ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئاتلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا دۆلىتىمىزدىكى تۇرپان (ئىدىقۇت) رايونىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ ئۆيىدىكىلىرىگە يازغان خېتىدە، بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ مەقسىتى دىنسىزلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان. بىراق ئۇنىڭ تۇرپاندىكى پائالىيەتلىرى ھېچقانداق ئۈنۈم يارىتالمىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ جۇڭگو قەغىزىنى توشۇپ ساتىدىغان بىر كارۋانغا ئەگىشىپ باغدادقا قايتقاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، سەككىز يىل قامالغان ۋە 922- يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئۇنىڭ خۇراساندىكى مۇرىدلىرىنى فارىس دىناۋارى ئەتراپىغا يىغىشى، كېيىنچە يەسسەۋىي (ئەھمەد يەسسەۋىي، 1166- يىلى ۋاپات بولغان) ۋە نەسىمىي (ئىمادۇددىن نەسىمىي, 1417- يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ تۈركىي تىلىدىكى مىستىتسىزملىق شېئىرلىرىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.  
     ئىسلام دۇنياسىدا شەخسلەرنىڭ دىن تارقىتىشى مەيلى ئىچكى قىسىم ياكى چېگرا رايونلاردا بولسۇن، دائىملا تەسەۋۋۇپقا كىرىش ھادىسىلىرى بىلەن ئايرىلالمايدىغان باغلىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ كەتكەن. مەنسۇر ھەللەج ۋەقەسى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇكى، سۇفىلارنىڭ دىن تارقىتىش ھەرىكىتى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن دۆلىتىمىزنىڭ غەربىدىكى چېگرا رايونلارغا كىرىپ بولغان بولۇپ، ھەللاج تارىخىي ئورنى يۇقىرى بولغان تۇنجى كىشىدۇر. بارتولدنىڭ دېيىشىچە: «بۇ سۇفىلار ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە يايلاقلارنى ئارىلاپ تۈركلەرنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلغان. ئۇلارنىڭ خىزمىتى كېيىنكى ۋاقىتلارغىچە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا زور ئۇتۇق قازانغان. ئۇلارنىڭ دىن تەشۋىقاتى كىتابقا قاراپ دىن تەرغىب قىلغۇچىلارغا قارىغاندا ئوڭۇشلۇق بولغان. تەرغىباتچى سۇفىلار يايلاقلارنى ئارىلىغاندا غازات ۋە جەننەتنىڭ راھەت- پاراغەتلىرى ئۈستىدە گەپ قىلماي، بەلكى گۇناھلار ئۈچۈن دوزاختا بېرىلىدىغان ئازابلار ھەققىدە توختالغان ... مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئىسلام دىنى تۈركلەرگە ھېچقانداق يېڭى نەرسە بېرەلمىگەن. چۈنكى، تۈركلەر بۇرۇن بۇددا دىنى، مانى دىنى ۋە خىرىستىئان دىنى تەشۋىقاتچىلىرىدىن بۇنداق گەپ- سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغان. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئىسلام دىنى تەشۋىقاتى بۇرۇن شۇ يۇقىرىقى دىنلارنىڭ بىرەرسىدىنلا خەۋىرى بولغانلارنىڭ ئىچىدە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان».  ھەللاجدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان ساتۇق نىشاپۇرلۇق سۇفى ئەبۇ ھەسەن مۇھەممەد كارامىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، 915- يىلى بۇغراخان دەپ ئاتىلىپ، تاكى 943- يىلىغا قەدەر خاندانلىقنىڭ خانى بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى مۇسا ئارسلانخان (بايتاش) سۇفىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز ئېلىدە ئىسلاملىشىش يۈرگۈزگەن. 960- يىلى، 200 مىڭ چېدىرلىك (ئۆيلۈك) تۈركلەر دىنىنى ئىسلام دىنىغا ئۆزگەرتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قاراخانىيلار خاندانلىقى بىر تۈرك ئىسلام خاندانلىقىغا ئايلانغان. ھەمدە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇدۇن پادىشاھلىقى ۋە قوچۇ پادىشاھلىقىغا قارىتا نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان «غازات ئۇرۇشى» قوزغىغان.
     قارا قىتانلار دەۋرىدە، يۈسۈف ھەمەدانى (1048- 1140) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەرۋىگە يېتىپ كېلىپ، تۈركىي سۇفىلار مەزھىپىنىڭ شەيخىگە ئايلانغان ۋە «ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ ئىمامى، ئەرۋاھلارنىڭ مەخپىيىتى ۋە ھەرىكەتلىرىنى پىششىق بىلىدىغان كىشى»② دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ تەلىماتىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەراگانى ۋە بىستامىدۇر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئابدۇقادىر جىلانىنى ئوچۇق- ئاشكارا ھالدا تەبلىغات قىلىشقىمۇ ئۇ رىغبەتلەندۈرگەن ئىكەن. گەرچە ئۇ تۈركىي تىلىنى قىلچە چۈشەنمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مۇرىتى تۈركىي تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئاساس سالغۇچىسىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ مۇرىتلىرىدىن بولغان يەسسەۋى شامان دىنىدىكى مۇراسىملارنى قوللىنىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا زىكىر قىلىش (ئوقۇش) نى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن جەھرىيە (ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇغۇچىلار) نىڭ پىرى دەپ ئاتالغان. يەسسەۋى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر «دانىشمەن» بولۇپ، ئاتا يەسسەۋى دەپ ئاتالغان ۋە سۇفىزىمنىڭ تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا تارقىلىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىنچە ئۇنىڭ مۇرىتلىرى يەسسەۋى تەرىقىتىنى قۇرغان بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سۇلايمان باقىرغانى ــــ ھاكىم ئاتا (1186- يىلى ۋاپات بولغان) چۈشىدە نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بەھائۇددىن نەقشىبەندى (1318- 1389) گە يېتەكچىلىك قىلغان. ھەمەدانىنىڭ يەنە غىژداۋانى (ئابدۇخالىق غىژداۋانى، 1220- يىلى ۋاپات بولغان) ئىسىملىك مەشھۇر ئىنىسى بولۇپ، ئۇ تارقاتقان سۇفىزىم «خوجىلار تەرىقىتى» (تەرىقەتى ئەل خوجىگان) ياكى «خوجىلار مەزھىپى» دەپ ئاتالغان. بەھائۇددىن نەقشىبەندى بابا سەمماسى (1340- يىلى ۋاپات بولغان) بىلەن ئەمىر كۇلالى (1371- يىلى ۋاپات بولغان) نى بىۋاستە ئۇستاز تۇتۇپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا زىكىر قىلىشنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، بىراق غىژداۋانىنىڭ پەقەت ئۆزىلا ئاڭلىيالىغۇدەك تۆۋەن ئاۋازدىكى ئوقۇش ئۇسۇلىغا بەكرەك مايىل بولغان. غىژداۋانى ئورناتقان بۇ سەككىز تۈرلۈك پىرىنسىپ كېيىنچە نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنى قۇرۇشتىكى ئاساسقا ئايلانغان.
     قارا قىتانلار دەۋرىدە، يەسسەۋىي تەرىقىتى ھەر قايسى تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ كۆچمەن قەبىلىلەر ئارىسىدىكى تارقىتىشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. بەلكىم، «خوجىلار تەرىقىتى» نىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيەتلىرى ئەڭ بالدۇر بولسا كېرەك. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قەشقەرنىڭ بىر ھۆكۈمرانىمۇ غىژداۋانىنىڭ مۇرىتى بولغان. 1220- يىلى، چىڭگىزخان بۇخارا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان چاغدا، ئىمام ھافىزۇددىننى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان، ھەمدە ئۇنىڭ ئىنىسى شۇجائىددىن مەھمۇدنى قاراقۇرۇمغا سۈرگۈن قىلغان. 1256- يىلىدىن كېيىن، بۇ جەمەتتىكىلەر شىنجاڭنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى لوپ كېتىك بازىرىغا كېلىپ، مۇشۇ جايدىكى ئىسلام دىنىنىڭ شەيخۇلئىسلامىغا ئايلانغان. شەيخۇلئىسلام جامالىدىن ئىماملىق قىلىۋاتقان چاغلاردا كېتىك بازىرى قۇمنىڭ ئاستىدا قالغاچقا، جالالىدىن جەمەتىدىكىلەر ئاقسۇنىڭ ئايكۆلگە كۆچۈپ كەتكەن، ھەمدە ئاشۇ يەردە شىكار قىلىۋاتقان تۇغلۇق تۆمۈر بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. 1347- يىلى، تۇغلۇق تۆمۈر چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خانلىق ئورنىغا رەسمىي ئولتۇرغاندىن كېيىن، جالالىدىننىڭ ئوغلى مەۋلانە ئەرشىدىن ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئالمالىققا بېرىپ تۇغلۇق تۆمۈرخاننى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلغان. 1354- يىلى، تۇغلۇق تۆمۈرخانغا قاراشلىق قەبىلىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. «تارىخى رەشىدىي» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنىلا 160 مىڭ كىشى ئىسلام دىنىغا كىرگەن. شىنجاڭنىڭ كۇچاردىكى مەۋلانە ئەرشىدىن مازىرىدىكى تىلاۋەتخانا ئىچىدە ھازىرمۇ «ئىسلام ئەنبىيالىرى» نامىدىكى ياغاچ تاختا بار بولۇپ، ئۇنىڭغا يېزىلغان بېغىشلىمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «سۇڭ لىزۇڭ دەۋرىدە، مەۋلانە ئەرشىدىن ئىسىملىك ئەۋلىيا كىشى ئىسلام تەلىماتلىرىنى تارقىتىش ئۈچۈن، غەربىي يۇرتتىن نەچچە ئون مىڭ چاقىرىم يولنى بېسىپ قەدىمكى كۈسەن دۆلىتىگە كېلىپ، تۇغلۇق تۆمۈرگە قاراشلىق موڭغۇل قەبىلىلىرىدىكى نەچچە ئون مىڭ ئاممىنى ئىسلاھ قىلغان بولۇپ، ئۆز دەۋرىدىكى ئەھمىيىتى ئاجايىپ زور بولغان».  بۇنىڭ ئىچىدىكى «موڭغۇل قەبىلىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش» يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تارىخىي پاكىتقا قارىتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى «土胡鲁库» بىلەن «秃黑鲁» ئەمەلىيەتتە بىر ئىسىمنىڭ ئوخشىمىغان تەرجىمىلىرى بولۇپ، مەۋلانە بولسا داموللا دېگەن مەنىدە. خەلق رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، كۇچارغا ئەڭ بۇرۇن دىن تارقاتقىلى كەلگەن كىشى ھىندىستانلىق سۇفىست، دەرۋىش شەيخ نىزامىددىن دېھلىۋى بولۇپ، تەخمىنەن 1267- يىللارنىڭ ئالدى- كەينىدە يېتىپ كەلگەن، كۇچاردا ھازىرمۇ ئۇنىڭ مازىرى بار. مەۋلانە ئەرشىدىن نەۋرە قىزىنى ئەمرىگە ئالغان ۋە كۇچار خەلقىنىڭ دىنىنى بۇددا دىنىدىن ئىسلام دىنىغا ئۆزگەرتىشكە باشچىلىق قىلغان. شۇڭلاشقا، «سۇڭ لىزۇڭ دەۋرى» نى نىزامىددىن دىن تارقاتقان يىللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھېسابلاپ باقساق، تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكى ۋە خاتالىقلار كېلىپ چىققانلىقىنى بىلەلەيمىز.
     مەۋلانە ئەرشىدىن «موڭغۇل قەبىلىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش» نى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد مىراس قالىدىغان (سۇيۇرغاللىق) شەيخۇلئىسلاملىق ئالاھىدە مەرتىۋىسىگە ئېرىشىپ، خانلىقتىكى ئورنى موڭغۇللارنىڭ دىنى مۆتىۋەرلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئەمىرلىرىنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان. شەكىل جەھەتتە، يېڭى خان تەختكە چىققاندىن كېيىن مۇھىم مەنسەپ ئورۇنلىرىنى ئۇلارنىڭ خالىغىنىچە بېرىپ، ھەممە ئىشلارنى مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ دىنىي جەھەتتىكى ئىجازىتىدىن ئۆتكۈزۈپ، شەكسىز ھالدىكى دىنىي مەرتىۋىگە مۇيەسسەر قىلغان. تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ قوللىشى ئاستىدا، مەۋلانە ئەرشىدىن ئۆز جەمەتىدىكىلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان موللا، شەيخلەر ئاساسىدا كۇچار دىن تارقىتىش ئۆمىكىنى قۇرۇپ چىقىپ، كەڭ كۆلەمدىكى دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان.
     كۇچار مىلادىدىن بۇرۇن كۈسەن دەپ ئاتالغان. بۇددا دىنى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھىندىستاندىن شىنجاڭغا كىرگەندىن تارتىپ، تاكى تاڭ سۇلالىسىغا قەدەر مىسلىسىز گۈللىنىپ، كۈسەن بۇددا دىنى، ئۇدۇن بۇددا دىنى ۋە قوچۇ بۇددا دىنى غەربىي يۇرتتىكى ئۈچ بۇددا دىنى مەركىزى دەپ ئاتالغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن، غەربىي يۇرتتىكى بۇددا دىنى گۈللىنىشتىن زاۋاللىققا قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ، بىراق بۇددا دىنى مەدەنىيىتى يەنىلا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى يوقىتىپ قويمىغان. 10- ئەسىرلەردە، قاراخانىيلار خاندانلىقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، سۇفىلار كاشىغەرنى مەركەز قىلغان ئاساستا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇب، شىمال ئىككى بۆلىكىدىكى سودا يولىنى بويلاپ ئۈزۈكسىز شەرققە قاراپ مېڭىپ ئىسلام دىنىنى تارقاتقان. تاكى 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر، ئىسلام دىنى ئالدى بىلەن جەنۇپتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، 40 يىلغا سوزۇلغان «غازات ئۇرۇشى» ئارقىلىق قاراخانىيلار خاندانلىقى ئۇدۇندىكى بۇددا دىنى ھاكىمىيىتىنى ئىستېلا قىلغان. بۇ ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىغا تارقىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، «غازات ئۇرۇشى» دولقۇنى شىمالىي بۆلەكنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان كۇچارغا تېخى تەسىر يەتكۈزمىگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا، قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ شەرقىي چېگرىسى ئاقسۇ بىلەن باي ئارىلىقىدا بولۇپ، قاقاس تاغ ۋە دەشتى چۆل ئارقىلىق چېگرالىناتتى ۋە كۇچار بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 كىلومېتىردىن ئاشاتتى. قاراخانىيلار خاندانلىقى بىلەن قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تىركىشىشى 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر داۋاملاشقانىدى. بارتولد مۇنداق دېگەن: «ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام دىنىنىڭ شەرققە تارقىلىشى نىسبەتەن قىيىن بولۇپ، ئۇ يەردىكى مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇرلار خۇددى بىر سېپىلدەك بۇ دىننىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ تۇراتتى».  كۇچار قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ كېڭىيىشىگە قەيسەرلىك بىلەن قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇستەھكەم توساق ئىدى. يۈەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا، قوچۇ ئۇيغۇرلىرى چىڭگىزخانغا قاراشلىق بولغاچقا، ئەسلىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان زېمىنلارنىمۇ مۇھاپىزەت قىلاتتى. بىراق، 1284- يىلىغا كەلگەندە، بۇ يەر «قايدۇ- دۇۋا توپىلىڭى» دا چاغاتاي خانلىقى زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەنىدى. موڭغۇل ئىستېلاچىلىرى ھەرخىل دىنلارنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن ئوخشاش قاراپ، دىنى ئۇرۇش قىلىش ياكى دىنغا كىرىشكە زورلاشنى چەكلىگەنىدى. شۇڭلاشقا، بۇددا دىنى، نېستورى دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قارشى تەرەپلەرنىڭ زېمىنى ئىچىدىمۇ تارقىلىۋەرگەن. ئىسلام دىنى شەرققە قاراپ سىڭىپ كىرىپ، يىراقتا قومۇلغىچە يېتىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق دائىرىسى چەكلىك بولۇپ قالغان. 14- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن ئىلگىرى بۇددا دىنى كۇچار ۋە شەرق تەرەپلەردە يەنىلا ئەڭ مۇھىم دىنى تەسىرگە ئىگە بولغان. تۇغلۇق تۆمۈر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدىكى مۇھىم بۇددا دىنى ئورۇنلىرى ئويلىغاندىنمۇ تېز قولدىن كەتكەن بولغاچقا، كۇچار تەبئىيلا ئەڭ ئالدىدا ھۇجۇم قىلىنىدىغان نىشان بولۇپ قالغان. مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ كۇچاردىكى دىن تارقىتىش ئۆمىكى مانا مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا قۇرۇلغان.
     مەۋلانە ئەرشىدىن خاننىڭ قوللىشى ئاسىتىدا، كۇچاردا ئۆز جەمەتىدىكىلەر ئۈچۈن «خانىقا»، مەدرىس ۋە مەسچىت سالدۇرۇپ، قازى ئاخۇنۇملارنى بېكىتىپ، «قۇرئان كەرىم»، «سەھىھۇلبۇخارى» ۋە باشقا سۇفىزىمنى تەشۋىق قىلىدىغان كىتابلارنى تارقاتقان، ھەمدە كۇچارنى مەركەز قىلغان ھالدا ئاقسۇ، شايار، چالىش، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا ئادەم ئەۋەتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇغلۇق تۆمۈرخان يارلىق چىقىرىپ، ئاممىنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلشقا چاقىرغان ئىدى. سىياسىي كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا، بۇددا دىنى ئىبادەتخانىلىرى مەجبۇرى چېقىپ تاشلىنىپ، بۇددا دىنى قەدىمكى ۋەسىقىلىرىمۇ كۆيدۈرىۋېتىلگەن ۋە راھىبلارمۇ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانىدى. 1359- يىلىدىن 1361- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىسلام دىنىنى مەجبۇرى ئومۇملاشتۇرۇشقا قارشى ئەمىر بەگلەر تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا لەشكەر تارتىپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئالمالىقتا ئەسكەر توپلاپ خاندىن يۈز ئۆرۈدى. بۇ خەۋەر كۇچار، شايارغا تارقالغاندىن كېيىن، 10 مىڭدىن كۆپرەك بۇددىست دەرھال بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ، كۇچار دىن تارقىتىش ئۆمىكىنى تۇيۇق يولغا كىرگۈزۈپ قويدى. تۇغلۇق تۆمۈرخان بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تېزدىن ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قايتىپ كېلىپ، ئىككى جايدىكى ئىسيانچىلارنى تازىلاپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق بۇددا دىنى مۇرىتلىرىنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ، ئافغانىستاننىڭ شىمالىي چېگرىسى ۋە دۈنخۇاڭنىڭ شەرقىگە پالىدى ۋە كۇچارنىڭ بۇددا دىنى كۈچى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، يەرلىك ئاھالىلەر ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كۇچار ئەرشىدىن جەمەتىدىكىلەرنىڭ دىنى خوجىلىق زېمىنى ۋە دىن تارقىتىش سورۇنىغا ئايلىنىپ، بۇ رايوندىن يىغىلىدىغان بارلىق زاكات مۇشۇ جەمەتتىكىلەرگە تەۋە بولۇپ، خانلىق ھۆكۈمرانلىرى يەنە ھەر يىلى دىنى تەشۋىقات خىراجىتى قىلىشى ئۈچۈن دۆلەت خەزىنىسىدىن مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرخىل شەكىللەردىكى ۋەخپىلەر ئارقىلىق بۇ جەمەتتىكىلەرگە يەنە تېرىلغۇ يەر، ئېرىق، دۇكان قاتارلىقلارمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.
1389- يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغلى خىزىر خوجا تەختكە چىقتى. «تارىخى رەشىدىي» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «خان ئۆزى جىھاد ئېلىپ بېرىپ، خىتايلار (قىتانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ) غا ھۇجۇم قىلدى. ئۇ ئۆزى يۈرۈش قىلىپ، خىتايلارنىڭ ئىككى مۇھىم بازىرى قارا خوجا بىلەن تۇرپاننى ئىشغال قىلىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلىدى».  مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئەبۇ ناسىر خىزىر خوجىنىڭ «جىھاد ئۇرۇشى» غا بىۋاستە قاتنىشىپ، قارا خوجىدىكى مۇسۇلمانلارنى مەخپىي ھالدا قوزغىلاڭ قىلىشقا تەشكىللەپ، خىزىر خوجىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ماسلاشتى. كېيىن تۇرپاندا شېھىد بولۇپ، شۇ يەردە مازىرى قالدى. كۇچار دىن تارقىتىش ئۆمىكىنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا، خىزىر خوجا قوچۇدىكى بۇددا دىنى مۇرىتلىرىنىڭ قوراللىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، مەجبۇرى ھالدا ئىسلاملىشىشىنى يولغا قويدى. بۇددا دىنىنىڭ تەسىر كۈچى مۇشۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىنتايىن تېز زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق داۋاملاشتى. «مىڭ سۇلالىسى تارىخى. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە: «يۇڭلېنىڭ ئالتىنچى يىلى (1408)، بۇ ئەلدىكى غەربىي يۇرت راھىبلىرىدىن چىڭلەي ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرى فاچۈەن قاتارلىقلارنى باشلاپ كېلىپ ئولپان تاپشۇردى. پادىشاھ ئۇنى غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى بۇيرۇدى ۋە چىڭلەينى دۆلەت ئۇستازى قىلىپ تەيىنلىدى، ئۇنىڭ يەتتە شاگىرتى تۇرپان راھىبكالان مەھكىمىسىنىڭ بېگى بولدى».② 1420- يىلى، شاھرۇخنىڭ ئەلچىلىرى تۇرپاندىن ئۆتكەن ۋاقتىدا مۇنداق دېگەن: «ئاھالىنىڭ كۆپچىلىكى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىبادەتخانا بەك كۆپ، شۇنداقلا ھەممىسى دېگۈدەك ئاجايىپ ھەشەمەتلىك».  بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، گەرچە خىزىر خوجا بىر مەھەل بۇ رايونلارنى بويسۇرغاندىن بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزەلمىگەن. تەخمىنەن 70 يىلدىن كېيىن، «چېڭخۇانىڭ تۇنجى يىلى (1465)، بۇ قەبىلىدىكى ئەلى (كېبەك) ئۆزىنى سۇلتان دەپ جاكارلىغان. ئەلى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئەھمەد تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ سۇلتان بولغان».② شۇڭا، بۇ چاغدا تۇرپان ئاللىبۇرۇن ئىسلاملىشىپ بولغان ھەمدە شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ مەزكىزىگە ئايلىنىپ بولغان دەپ قارايمىز.
ئەرشىدىن جەمەتىدىكىلەر تارىختا «خوجىگان» دەپ ئاتالغان بولۇپ، غىژداۋانى قۇرغان سۇفىلار تەرىقىتىدۇر. ئىلگىرى بەھائۇددىن نەقشىبەندى ئۆزىنى غىژداۋانىنىڭ شەخسەن ئىنىسى ھېسابلىغان، ھەم بۇخارا خوجىگانلىرى ئىچىدىكى بىر مۇھىم شەخسكە ئايلانغان. شۇنداقلا، غىژداۋانى بىلەن ھەمەدانى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ نەسەبىدە يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. شۇڭلاشقا، 16- ئەسىرلەردە نەقشىبەندىيە تەرىقىتى شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن، كۇچار دىن تارقىتىش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تەرىقىتىگە ئۆزىنى ئاتىشىنىڭ ھېچقانداق ھەيران قالغۇچىلىكى يوق.
مەۋلانە ئەرشىدىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەبۇ فاتىخ، ئەھمەد، فەخرىدىن، سەدىرىدىن قاتارلىق ھەر قايسى ئەۋلادلار، جۈملىدىن بۇ خوجىلار جەمەتى ئىزچىل خانلىقنىڭ دىنى ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ كەلگەن. 16- ئەسىردىن ئىلگىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدا يېڭىدىن شەكىللەنگەن چوڭ تەرىقەتلەر تېخى تەسىر شەكىللەندۈرمىگەچكە، سۇفىلارنىڭ ھەرىكىتى ئاساسلىقى ئەرشىدىن جەمەتىدىكىلەرنىڭ تەرىقىتى ئاساسىدا بولغان. بۇ خوجىلار جەمەتى كۇچار، ئاقسۇنى مەركەز قىلغان ھالدا ھەر قايسى جايلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشىدا، بولۇپمۇ شەرقىي قىسمىغا تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

14- ئەسىرلەردە قۇرۇلغان نەقشىبەندىيە تەرىقىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېمۇرىيلەر سۇلالىسىدا يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. ئەمەلىيەتتە بۇ تەرىقەت تەرىقەتنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادى، ئىمام خوجا ئەھرار (نەسىرىدىن خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەل ئەھرار، 1404-1490) دىن ئىلگىرىلا ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئىگە بولۇپ بولغان. خوجا ئەھرار تۆمۈر سۇلتان ھۈسەيىن بىلەن ئۆزبېك شەيبانىخاننىڭ مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ئۇرۇشلاردا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانىدى. ئۇ «بۇ دۇنيا ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا سىياسىي كۈچلەردىن پايدىلىنىشنىڭ زۆرۈر» بولىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتى؛ ھۆكۈمرانلارنى كونترول قىلغاندىلا تۇرمۇشنىڭ پۈتكۈل ساھەلىرىدە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئومۇملاشتۇرغىلى بولاتتى. ئۇ ئىلگىرى يەنە شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئىچكى ماجىرالىرىغا قول تىقىپ، شىنجاڭدىكى دىنىي تەسىرىنى كېڭەيتكەنىدى. ئۇۋەيسخان (1418-1428- يىللار ئارىلىقىدا تەختتە ئولتۇرغان) تەختكە چىققاندىن كېيىن، كونا قائىدە بويىچە ئەرشىدىن جەمەتىدىكى خوجىلارنى ئۇستاز تۇتماستىن، بەلكى نەقشىبەندىيەنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد مۇرىتى، بۇخارالىق داموللا مەۋلانە مۇھەممەد كاسانىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئەرشىدىن جەمەتىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى. مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ نەۋرىسى ئەھمەد خوجا مۇرىتلىرىنى باشلاپ ئۇدۇن، كاشىغەرلەرگە بېرىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدا تايانچ پونكىت قۇرۇش غەرىزىدە بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك فېئودال كۈچلەر ۋە دىنىي تۆرىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغاچقا، ھېچقانداق نەتىجە يارىتالمىدى. ئۇۋەيسخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شەرقى چاغاتاي خانلىقى پارچىلىنىش پاتقىقا پېتىپ قېلىپ، ئىككىنچى ئوغلى ئېسەن بۇقا خانلىق تەختىنى (1429- 1462- يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇدىن مۇغۇلىستاننىڭ شەرقىي قىسمى تۇرپانغىچە بولغان رايونلىرىنى ئىگىلىدى. چوڭ ئوغلى ئۇۋەيسخان ئۆز ئالدىغا خان (1456-1487- يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) بولۇپ، ئىلى دەريا ۋادىسىدىن تارتىپ موغۇلىستاننىڭ غەربى قىسمى تاشكەنتكىچە بولغان جايلارنى ئىشغال قىلدى. 1468- يىلى، كاشغەرنىڭ بەگلىك ۋارىسلىرى بولمىش دوغلات قەبىلىسى ئەمىرلىرىدىن مىرزا ئابابەكرى بۆلۈنۈپ تۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا خان بولۇۋالدى. لېكىن، فەخرىدىن خوجا مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئۆزىنى سۇلتان دەپ ئاتىشىغا قارشى تۇرغاچقا، مىرزا ئابەكرى ئەرشىدىن جەمەتىنى پارچىلاپ بىتچىت قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە تارتىپ ئىشلەتكۈزمەكچى ۋە خوجا ئەھرارغا قول بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئابرۇيىدىن پايدىلىنىپ قىينچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇ خوجا ئەھرارنىڭ ئابرۇيىدىن پايدىلىنىپ، يەكەن رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتمەكچى بولغاندا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. يەكەنلىكلەر ئۇنىڭغا: «بۇ دۆلەت ئىلال ۋەلى (خوجا ئەھرار) غا قارىمايدۇ، خوجا مۇھەممەد فەخرىدىنگە قارايدۇ، يەكەن نەزەر مىرزا خوجا مۇھەممەد فەخرىدىننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن قۇرۇلغان ۋە گۈللەنگەن شەھەر»  دېگەن. كېيىنچە، يۇنۇسخان ۋە مەھمۇدخان ئاتا- بالا ئىككەيلەنمۇ خوجا ئەھرارغا قول بېرىپ، ئەرشىدىن جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئاقسۇ، كۇچارنىڭ شەرقىگە چېكىنىپ، شەرقىي چاغاتاي خانلىقىغا تاينىپ تۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا فەخرىدىننىڭ نەۋرىسى تاجىدىنمۇ نەقشىبەندىيە تەرىقىتىگە كىرىپ، ئۇزاق مەزگىلگىچە «خوجىلار سەردارى» خوجا ئەھرارنىڭ ھوزۇرىدا تەلىم ئالغان. كېيىنچە، تۇرپاننىڭ سۇلتانى ئەھمەدخان (1485- 1504- يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ۋە مەنسۇرخان (1502- 1544- يىللىرى تۇرپاندا تەختتە ئولتۇرغان، موغۇلىستاننىڭ شەرقىي قىسمىنى باشقۇرغان) نىڭ 50 يىلغا يېقىن دىنى ئۇستازى بولۇشتىن سىرت، يەنە مەنسۇرخان بىلەن سەئىدخان (1514- 1533- يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان، موغۇلىستاننىڭ مەركىزى قىسمىدا ئۆز ئالدىغا خانلىق «يەركەن خانلىقى» نى قۇرغان) ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچى بولغان. ئۇ قومۇلغا يۈرگۈزۈلگەن «غازات ئۇرۇشى» دا ئاۋانگارتلىق رول ئوينىغان بولۇپ، «مىڭ سۇلالىسى تارىخى» دىمۇ ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. 1513- يىلى، «مەنسۇر (قومۇل) سۇلتانى بايياجى ھوزۇرىدا مەخپىي تەربىيە ئېلىپ، خانلىق تەختىنى قايتا قولغا ئالغاندىن كېيىن خوجا تاجىدىننى بۇ دۆلەتنى ھىمايە قىلىشقا قويۇپ، ئىلگىر- ئاخىر بولۇپ 40 يىلدىن ئارتۇق بۇ يەرنى زىيانغا ئۇچراتتى. بىراق خوجا تاجىدىن تەكرار ئىنئام تەلەم قىلىپ تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى».② كېيىنچە، «ئۇ خىتاي (قىتان) ئۇرۇشىدا مەنسۇرخاننىڭ كۆز ئالدىدا شېھىت بولدى».③ 1514- يىلى، سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، يەركەننى مەركەز قىلىپ ئۆز ھالدىغا خانلىق قۇردى. بۇ يېڭى خان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ سۇفىلىرىنى ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلىپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەرشىدىن جەمەتىنىڭ تەسىر كۈچىگە زەربە بەردى. يېڭى سۇفىلارنىڭ تەسىرى شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىغاندىن ئېتىبارەن، ئەرشىدىن جەمەتىدىكىلەرنىڭ يالغۇر كۇچاردىن ئىبارەت بىرلا شەھەردە يەرلىك تەسىر كۈچى ساقلىنىپ قېلىپ، ھېسابتا شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنىدىكى تەرەققىياتىدا ئۆز تەسىرىنى يوقىتىپ قويدى.
15- ئەسىرلەرگە كەلگەندە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسەتلىرىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان نەقشىبەندىيە تەرىقىتى شىنجاڭغا بولغان تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى. 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، خوجا ئەھرارنىڭ نەۋرىلىرىدىن مەخدۇم نۇرى ۋە مۇھەممەد يۈسۈپنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا تۇرپان ۋە يەركەنگە كەلگەن بولۇپ، مەخدۇم نۇرى مەنسۇرخاننىڭ ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولدى، مۇھەممەد يۈسۈپنى بولسا سەئىدخان تەكلىپ قىلىپ ئەكەتتى. مەخدۇم نۇرى تۇرپاندا ئۈچ يىل دىن تارقىتىپ، مۇھەممەد يۈسۈپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن يەركەنگە يېتىپ كېلىپ، سەئىدخاننىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىكى مەنىۋى ئۇستازىغا ئايلاندى. 1533- يىلى، ئابدۇرەشىدخان (1533- 1566- يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) سەئىدخاننىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سەمەرقەندتىن كەلگەن مۇھەممەد شېرىفنى تېخىمۇ ھۆرمەتلىگەن بولغاچقا، بۇ جەمەت ناھايىتى تېزلا يەركەن خانلىقىدىكى مۇھىم خوجىلار جەمەتىگە ئايلاندى. بۇ ئارىلىقتا، نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد داھىيسى مەخدۇم ئەزەم «ئەۋلىيا» لىق سالاھىيىتىدە كاشغەرگە يېتىپ كېلىپ، يەركەن خانلىقى بىلەن ئۆزبېك ــ قازاق قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ياراشتۇرۇپ قويغان. ئۇ كاشىغەر ھۆكۈمرانىنىڭ ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولۇپ، كەڭ زېمىن ھەدىيە قىلىنغان ۋە تۇرمۇشلۇق بولغان. گەرچە ئۇ ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغا قايتىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كېيىنچە شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ دىنى كۈچلەرگە ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىككى ئەسىرلىك دىنى تۇرمۇشى ۋە سىياسىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەھمەد كاسانى بولۇپ، 1461- يىلى سەمەرقەندنىڭ ئەتراپىدىكى دىبھېد كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ تۆتىنچى ئەۋلاد داھىيسىغا ئايلانغان مەۋلانە مۇھەممەد غازىنىڭ ئىنىسى بولغان ۋە 1516- يىلىدىن باشلاپ بۇ تەرىقەتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ تەركىدۇنياچىلىق ۋە يەككە- يېگانە زاھىدلىققا قارشى تۇرسىمۇ، بىراق سۇفىلار دائىم خانىقادىلا تۇرىشى، تالا- تۈزلەرگە ئىستىقامەت قىلىش ۋە دىنى ئەھكاملارنى تارقىتىش ئۈچۈن چىقىش كېرەك دەپ قارىغان. ئىستىقامەت شەكلى جەھەتتە، ئۇ پىچىرلاپ ئوقۇيدىغان ئەنئەنىۋى شەكىلنى قۇۋۋەتلىگەن، ئۈنلۈك زىكىر قىلىشقا ۋە نەغمە- ساماغىمۇ يول قويغان.ئۇنىڭ بۇ خىل ئەھلى سۈننەتتە چىڭ تۇرىدىغان، لېكىن ئاددىي ئېتىقادقىمۇ يول قويىدىغان مۆتىدىل پوزىتسىيەسى بۇ تەرىقەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدا زور ئۇتۇق قازىنىشىغا تۈرتكە بولغان. 1542- يىلى مەخدۇم ئەزەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوغۇللىرى تەرىقەتنىڭ داھىيلىقىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىپ كەسكىن رىقابەتلىشىپ، تەرىقەتنىڭ بىر قىسىم تارماق سۈلۈكلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەپچى بولغان. «تەزكىرەئى خوجىگان»  دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، مەخدۇم ئەزەم تۇنجى ئايالىدىن بولغان تۆت ئوغلىغا ئوخشاش ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئىككىنچى ئوغلى خوجا دوست «باش خەلىپىلىك» نى ئۈستىگە ئالغان. «چوڭ خوجىلار تەزكىرىسى»② ۋە «ئافاق خوجا تەزكىرىسى»③ دا دېيىلىشىچە، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرىلا ئورنىنى ئۆزىنىڭ چوڭ ئوغلى، يەنى «چوڭ خوجا» دەپ ئاتىلىدىغان مۇھەممەد ئىمىن ئىشان كالانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلغان، ھەمدە رەسمىي شەكىلدىكى دىنى مۇراسىم ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئۈچ تارماق نەسەب ئەۋلادلىرى 16-، 17- ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭغا كىرىپ، تارىخ كىتابلىرىدىكى ئاتالمىش «كاشغەر خوجىلار جەمەتى» نى شەكىللەندۈردى.


ئەڭ بۇرۇن شىنجاڭغا كىرگەنلەر بولسا مەخدۇم ئەزەم بىلەن ئۇنىڭ كاشىغەرلىك خوتۇنىدىن تۇغۇلغان ئوغلى ئىسھاقتۇر. «ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭغا دىنىي سېستىمىنىڭ رەھبەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى بەرمىگەن» ، بىراق ئۇنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسى مەۋلانە لۇتفۇللا ئۇنىڭغا ئىجازە ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى «رۇخسەت ۋە تاپشۇرۇق» قا ئېرىشكەن. ئىسھاقنىڭ تارماق تەرىقىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى سەمەرقەنتلىك قاسىم شەيخ «بىدئەت» دەپ ئەيىبلىگەن، ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمران ئابدۇللاخان تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان. 1580- يىلى، ئۇ يەركەن خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇكېرىمخاننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل كۆرۈپ، ئانىسىنىڭ يۇرتىغا كەلگەن ۋە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كاشىغەر، يەركەن، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا 12 يىل پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 1592- يىلى ئۇ چۈشىدە ئابدۇكېرىمخانغا ئابدۇللاخاننىڭ كاشىغەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزگەنمىش. بۇ ئىشتىن كېيىن، كاشىغەر ئۇنىڭ تەرغىبات ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن دىنىي زېمىن قىلىپ بۆلۈپ بېرىلگەن، ھەمدە يېڭىسار، يەركەن، خوتەن قاتارلىق جايلارغا تەرىقەت يولباشچىلىرىنى تەيىنلەش ئىمتىيازىغا ئىگە بولۇۋالغان. ئىسھاق نەقشىبەندىيە تەرىقىتىدىكى پىچىرلاپ ئوقۇيدىغان ئەنئەنىدىن ۋاز كېچىپ، تۈركىيلەرنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۈنلۈك زىكىر قىلىدىغان ۋە نەغمە- ساما سالىدىغان ئەنئەنىنى قوللانغان. ئۇ بۇرۇنقى خوجىلار جەمەتىدىكىلەرنىڭ دىنى مۇراسىملارغا ئېتىبارسىز قارىغانلىقى ۋە دەھرىي ئەمەلدارلارغا بولغان ھېرىسمەنلىكنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا زىت ھالدا، دىنىي ئېتىقادىنى پاكلاش، چىن ئېتىقاد ۋە ئىستىقامەت قىلىش كۆز قارىشىنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، بىراق كوچا كېزىپ يۈزۈش ۋە ئاشلىق تىلەشتەك چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇپ، يېڭىلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولغان ئىسھاقىيە سۈلۈكىنى قۇرغان. «جالالىدىن كېتىكى ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخان ھەققىدە قىسسە» دە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «ئىسھاق ۋەلى ئاقسۇغا كېلىپ، ئايكۆلدە مەۋلانە جالالىدىننىڭ مازىرىنى زىيارەت قىلىپ، چۈشىدە جالالىدىندىن بىشارەت تاپتى. جالالىدىن: ‹ئەي ئىسھاق، ئاقسۇ، كۇچار، چالىش، تۇرپاننىڭ خوجىلىقىنى سىزگە بەردىم. بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئىشانلىقنى تاشلاپ ئەمەل تۇتۇشنى، بەگلىكنى ئارزۇ قىلدى. بەگلىك ئۇلارغا بولسۇن› دېدى.  ئۇ يەنە بۇ جەمەتتىكىلەرنىڭ ۋەكىلى، ئاقسۇنىڭ شەيخۇلئىسلامى ئابدۇرەھىمنى يوقلىدى. كېيىن قازى ئابدۇرەھىم ئىسھاق خوجىغا بەيئەت قىلىپ، خەلقنى مۇرىت بولۇشقا ئۈندىدى. خەلق قوبۇل قىلمىغاندا قازى ئابدۇرەھىم: ‹ئىشانلىق يولىنى قازىلىق- بەگلىك بىلەن ئالماشتۇرۇپ، بۇ ئىشنىڭ ئەھدىسىدىن چىقالماس بولدۇق، بوۋام جالالىددىننىڭ تەلىپى شۇنداق. ئەمدى خوجىلىق تەرىقىتىگە پىرلىق بىزدىن بۇ ئەزىزگە قالدى›».②
بۇ رىۋايەت شۇنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇكى، ئىسھاق يالغۇز يەركەن خانلىقى ھۆكۈمرانىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى ئەرشىدىن جەمەتى قاتارلىق دىنىي يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئەل بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەركەن خانلىقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرپان رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىدىكى دىنىي تايانچقا ئايلانغان. 16- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 17- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئىسھاقنىڭ مۇرىتى ئۇشتۇر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى خوجا شادى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، خانلىق ئوردىسىنىڭ دىنىي ئۇستازلىقىنى ئۈستىگە ئالغان، ھەمدە كاشىغەرنىڭ ئەتراپىدىكى فەيزىئاباد (ھازىرقى پەيزاۋات)، يەركەننىڭ توققۇز كەنت، خوتەننىڭ ئاقساراي، ئاقسۇنىڭ ئاقيار (ھازىر ئۈچتۇرپانغا قاراشلىق) قاتارلىق زېمىنلارغا ئىگە بولۇپ، يېتەرلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، كاشىغەر خوجىلار جەمەتىدىكى ئۈچ چوڭ تارماق نەسەبلەر ئىچىدە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان.
مۇھەممەد ئىمىن تەخمىنەن 1570- يىلى ۋاپات بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ تۆت ئوغلى ئۆزلىرىنىڭ تەسىر كۈچ دائىرىسىنى بۆلۈشكەن. بۇ ھەقتە شۈ سۇڭنىڭ «غەربىي يۇرتتىكى دەريا- ئېقىنلار خاتىرىسى» دە مۇنداق قىممەتلىك مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان: «ھەزىرىتى ئەلىنىڭ 25- ئەۋلادى مۇھەممەد ئىمىن ئىدى. ئۇنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلى قاسىم بۇخاراغا كەتكەن؛ 2- ئوغلى مۇسا بەلخقا كەتكەن؛ 3- ئوغلى مۆمىن ئۆز يۇرتىدا قالغان؛ 4- ئوغلى مۇھەممەد يۈسۈپ كاشىغەرگە كەتكەن».③ مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تەسىر كۈچ دائىرىسى موغۇلىستان بولغاچقا، ئۇ 1605- يىلى قومۇلغا يېتىپ كېلىپ، شۇ يەردىكى سۇفىلار يولباشچىسى، كاشىغەرلىك مىرسەئىد جېلىلنىڭ قىزىغا ئۆيلۈنۈپ، ئۇنىڭدىن ھىدايىتۇللا (ئافاق خوجامۇ دېيىلىدۇ) ئىسىملىك ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن. 1617- يىلىدىن كېيىن، مۇھەممەد يۈسۈپ كاشىغەرگە كەلگەندىن كېيىن، «سىرلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، يوشۇرۇن ئىستىقامەت قىلدى ۋە مىرسەئىد جېلىل قالدۇرۇپ كەتكەن تۇرار جاي قاراساقالدا ئولتۇراقلاشتى. ئۇ داۋاملىق جۈمە كۈنى شەھەرگە كىرىپ جۇمئى نامىزى ئوقۇيتتى».  ئېيىتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ «قوقەندتىكى بەزى تەسىرى بار خوجىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان، ھەمدە بۇ ئىتتىپاقداشلار يەتكۈزۈپ بەرگەن قورال كۈچىنىڭ ياردىمى بىلەن غەلىبىلىك ھالدا كاشىغەرنى ئىشغال قىلغان»، بىراق شۇئانلا ئابدۇلېتىفخاننىڭ قايتۇرما زەربىسىگە ۋە قوغلاپ چىقىرىشىغا دۇچ كەلگەن، ھەمدە 1622- يىلى يەركەن بىلەن كاشىغەر ئارىلىقىدىكى توخۇلۇقتا ۋاپات بولغان. «ئافاق خوجا تەزكىرىسى» گە ئاساسلانغاندا، «ئەينى چاغدا سەئىد ئافاق ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ»،② قومۇل، تۇرپان، لەنجۇ ۋە «سالار شەھىرى» قاتارلىق جايلاردا قېچىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. 1638- يىلى، ئۇ ئابدۇلېتىفخاننىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن كاشىغەرگە قايتىپ، 20 نەچچە يىللىق جاپا- مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا «ئىشقىيە» سۈلكىنىڭ تارماق تەرىقىتىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ يەركەن خانلىقىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللاخاننىڭ چوڭ ئوغلى يولۋاسخان (كاشىغەر ھاكىمى) بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىسھاقىيە بىلەن دىنىي زېمىن تالىشىشنى سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ئىمتىيازىنى كونترول قىلىشقا راۋاجلاندۇرغان. 1662-يىلى، ئۇ خانلىقنىڭ چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئولپان تاپشۇرىشىغا قارشى تۇرۇشقا باشلىغان، ھەمدە 1669- يىلى ئابدۇللاخاننى تەختنى يولۋاسخانغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ كېلىشكە مەجبۇرلىغان ۋە ھوقۇقنى كونترول قىلىۋېلىپ، ئىسھاقىيە مۇرىتلىرىغا بولغان زۇلۇمنى كۈچەيتكەن. 1670- يىلى، يولۋاسخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسى ئىسمايىلخان تەختكە چىقىپ، ئىسھاقىيە مۇرىتلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئافاق خوجىنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى رايونىغا قوغلاپ چىقارغان. ئافاق خوجا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا، كەشمىر، شىمالىي شىنجاڭ رايونى، گەنسۇ، نىڭشىيا، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا سەرسان ھالدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، سىرتقى مۇھاربىيە كۈچلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان. بۇ ئارىلىقتا (تەخمىنەن 1671- 1673- يىللار) ئۇ چىڭخەي شىنىڭ ۋە خۇاڭجۇڭدا سۇفىزىم تەرىقىتىنى تارقاتقان. «ئافاق خوجا تەزكىرىسى» دە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «سالارلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلماندۇر. ئۇ سالار شەھىرىدە ئالتە ئاي تۇرغاندىن كېيىن كىشىلەرگە مەدرىسە سالدۇرۇپ، مەخسۇس تىلاۋەت ۋە دىن تارقىتىش بىلەن شۇغۇللاندى. سالارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ قول بېرىپ، بەزى كىشىلەر سۇفىزىمچىلارنىڭ ۋاسىتىسى (تەرىقىتى) بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئالىي مەرتىۋىلىك كىشىلەرگە، يەنە بەزى كىشىلەر بەگكە ئايلاندى. ئالتە ئاي تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئادەم تەيىنلەپ خەلىپە قىلدى، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ۋىقايىتۇللا بولۇپ، لەقىمى ئالتۇنباش ئاخۇن ئىدى».
بۇ ئىش توغرىسىدا «چوڭ خوجىلار تەزكىرىسى» دىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەلۇماتلار بار بولۇپ، ھەر قايسى تەرىقەتلەرنىڭ خاتىرىلىرىدىنمۇ ئىسپاتقا ئېرىشكەن. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇ شىزاڭغا بېرىپ دالاي Ⅴ (بەزىلەر دىباساڭ جى جياسۇ دەپ قارايدۇ) نىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن جۇڭغار قىسىملىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، جەنۇبى شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى ۋە 1678- يىلى يەركەن خانلىقىنى يوقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئافاق خوجا شىمالدىكى جۇڭغار قىسملىرىغا قۇللۇق بىلدۈرۈپ جەنۇبى شىنجاڭدىكى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى ھۆكۈمرانغا ئايلاندى ۋە ئۇلارغا ئولپان تاپشۇرۇش شەرتى ئاستىدا ئىشانلارنىڭ دىنىي فېئوداللىق ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى. تاكى 1695- يىلى ئافاق خوجا كېسەل بولۇپ ئۆلگەنگە قەدەر، بۇ تارماق تەرىقەتنىڭ تەسىر كۈچى گۈللىنىش باسقۇچىغا بېرىپ يەتتى.
ئافاق خوجىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرقى مەزگىللەرگە كەلگەندە، ئىسھاقىيە مۇرىتلىرىنى تايانچ دەپ بىلىدىغان ھەر قايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ، ھەر قايسى نەسەبتىكى خوجىلارنىڭ تەسىر كۈچى ۋە يەرلىك فېئوداللار ئاساسلىقى سىياسىي ھوقۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كەڭ كۆلەمدە قوراللىق ئېلىشىش ئېلىپ بېرىپ، ئاقىۋەتتە ئىككى مەزھەپنىڭ بۆلۈپ تىزگىنلەش (1696- 1713) ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. بۇ خىل بۆلۈنۈپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شىمالدىكى قىسىملارغا تاپشۇرىدىغان سېلىقنى ئۈزۈپ قويغاچقا، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتتى. 1713- يىلى، جۇڭغار قىسىملىرى قايتىدىن جەنۇبى شىنجاڭغا بېسىپ كىرىپ، ئىككى جەمەتتىكى خوجىلارنى ئىلىغا نەزەربەنت قىلدى. لېكىن، جەنۇبى شىنجاڭدا «كىشىلەر قايتىدىن سەردار تىكلەپ، ئىككى خوجا دەپ ئاتىدى»، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇلار جۇڭغار مەنسەپدارلىرىنىڭ بىۋاستە كونتروللۇقى ئاستىدىكى قورچاق ھاكىمىيەت ئىدى. ئىككى خوجا مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئىككىنچى ئوغلى دوست خوجا جەمەتىنىڭ ئۇرۇق- ئەۋلادىدۇر. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، دوست خوجا ئەسلىدە دىنىي ھوقۇقنىڭ ھەقىقى مىراسخورى بولۇپ، كېيىنچە ئاكا- ئۇكىلىرى بىلەن بۆلۈنۈپ كەتكەچكە، خەلپىلىك مەرتىۋىسى نامدا بار، ئەمەلدە يوق بولۇپ قالغان. كېيىنچە، ئۇنىڭ ھەر قايسى ئەۋلادلىرى بولمىش جەمەتلەر يەككە تارقالغان بولغاچقا، شىنجاڭغا كىرگەن ۋاقتى ئىلگىرىكى ئىككى تارماقتىكىلەرگە قارىغاندا كېيىنرەك بولغان. ئىككى خوجا يەنە ئوش خوجا دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئادەتتە «بۇرھانىدىن خوجا» دېگەن نامىمۇ بار بولۇپ، سىياسىي كۈرەشلەر جەريانىدا ئىلگىرىكى ئىككى تارماقنىڭ سىرتىغا چەتنەپ كەتكەن ۋە تەرىقەت ئىستىقامەتلىرىدە روشەن بولغان ئەھلى رىيازەتلىك ئالاھىدىلىكلىرى بار بولغاچقا داۋانىيە سۈلكى دەپ ئاتالغان، شۇنداقلا قادىرىيەنىڭ ئىستىقامەت شەكلىگە ئەمەل قىلىپ كەلگەن. ئىككى خوجىدىن ئىبارەت بۇ تارماقنىڭ تەسىر كۈچى بەكلا ئاجىز بولۇپ، مۇقىم ھالەتتىكى ئالۋان- ياساقلارغا كاپالەتلىك قىلالمىغاچقا، 1720- يىلى جۇڭغار قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىمتىيازى بىكار قىلىنىپ، ھوقۇقنى ئىسھاقىيە گۇرۇھىدىكىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ جەمەتتىكى خوجىلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى 35 يىلغا يېقىن (1720- 1755) چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى، دىنىي فېئوداللارنىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان سىياسىي قورال ۋە دىنىي تايانچقا ئايلانغانىدى. چىڭ سۇلالىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن پەيتلەردە (1722- 1759)، ئىسھاقىيە خوجىلار جەمەتىدىكىلەر بۇرھانىدىن باشچىلىقىدىكى ئىشقىيە گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ قىرغىن قىلىشىغا دۇچار بولۇپ، ھايات قالغانلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەرغىلانغا بېرىپ پاناھلاندى. ئىككى خوجا چوڭ- كىچىك خوجىلار توپىلىڭىغا قارشى تۇرغاچقا، بۇرھانىدىننىڭ ئىنىسى خوجا جاھان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. چوڭ- كىچىك خوجىلار ئۇرۇشتا ھالاك بولۇپ ئۆلگەندىن كېيىن، بۇرھانىدىننىڭ كەنجى ئوغلى ئابدۇخالىق بېيجىڭدا تۇرغاق قىلىنغاچقا، چوڭ ئوغلى سامساق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقەند خانلىقىغا قېچىپ كەتكەن. ئافاق خوجىنىڭ ئىنىسى كارامەت خوجىنىڭ ئەۋلادلىرى چىڭ سۇلالىسىغا ئەل بولغاندىن كېيىن ئىززەت- ئىكراملارغا نائىل بولغان. ئىككى خوجىنىڭ نەۋرىسى ئابدۇراخمانمۇ توپىلاڭچى قوشۇن تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى قۇتقۇزىۋالغاندىن كېيىن بېيجىڭغا ئاپىرىلىپ، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ئېتىبارىغا مۇيەسسەر بولغان.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئىككى جەمەتتىكىلەرنىڭ كۈرىشى توختاپ قالماستىن زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، ھەر قايسى قاتلام ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرگە كېڭىيىپ، «قارا تەقىيەلىكلەر»، «ئاق تەقىيەلىكلەر»، «قارا تۇغلۇقلار»، «ئاق تۇغلۇقلار»، «قارا تاللىقلار»، «ئاق تاللىقلار» قاتارلىق ناملارنى شەكىللەندۈرگەن. ئىككى تەرەپ پەقەت ئۆزلىرىلا ئەتىۋارلايدىغان قىرغىزلارنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا قاراپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنى «قارا تاغلىق»، «ئاق تاغلىق» دەپ ئاتاشقان. ئاق تاغلىق (ئافاق خوجا نەسەبىدىكىلەر) خوجىلار ئۆز تەسىر كۈچى بىلەن جاھىللارچە دىنىي ھوقۇقچىلىق ۋە بۆلۈنۈش مەيدانىنى ساقلاپ، قوقەندنىڭ دىنىي ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، جاھانگىر توپىلىڭى (1820- 1828)، كۆرۈنۈشتە يۈسۈپ باشچىلىق قىلغان قوقەند تاجاۋۇزچىلىقى (1830)، يەتتە خوجا توپىلىڭى (1847)، ۋەلىخان تۆرە توپىلىڭى (1852- 1857)، بۇزرۇك خوجا دەۋەتچىلىكىدىكى ياقۇپبەگ تاجاۋۇزچىلىقى (1865) قاتارلىقلارنى قوزغىشى ئۈزۈكسىز ھالدا جەنۇبى شىنجاڭدا جەمئىيەت قالايمىقانچىلىقى ۋە ئىقتىسادىي بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىپ، خەلقنى زور كۈلپەتكە دۇچار قىلدى. ھەر قايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، قارا تاغلىقلار بىلەن باشقا دىنىي مۆتىۋەر زاتلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ توپىلاڭنى تىنچىتىشى ئوبيېكتىپ جەھەتتە يەنىلا ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە پايدا ئېلىپ كەلدى.


16- ئەسىردە مەخدۇم ئەزەم قاتارلىق كىشىلەر شىنجاڭغا كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنى تارىخى ئاساسلىقى ئىشانلار، جۈملىدىن سۇفىلار تەرىقىتىنىڭ تارقىلىش تارىخى بولۇپ قالغان. «ئىشان» پارسچە ئۈچىنچى شەخس كىشىلىك ئالماش، يەنى «ئۇلار» دېگەن سۆز بولۇپ، ئاستا- ئاستا تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئارىسىدىكى سۇفىلار تەرىقىتى يولباشچىسىنىڭ ھۆرمەت نامىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن. نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ يولباشچىسىمۇ ئىزچىل ھالدا ئىشان دەپ ئاتالغان، شۇنداقلا بۇ تەرىقەت 15- ئەسىردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھۆكۈمرانلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بارلىق جايلارغا تەسىر كۆرسەتكەن، ھەمدە شىنجاڭغا كىرگەن سۇفىلار تەرىقىتىنىڭ پىرلىرىنىڭمۇ ئىشان دەپ نامى بولغان. كېيىنچە، ئاق تاغلىقلار ياكى قارا تاغلىقلار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يولباشچىلىرى ئىشان دەپ ئاتىلىپ، شىنجاڭدىكى باشقا سۇفىلار تەرىقىتىنىڭ يولباشچىلىرىمۇ ئىشان دەپ ئاتالغان. ئىشان سۇفىلارنىڭ دەرىجىسى يۇقىرىراق پىرلىرى ياكى تارماق سۈلۈكلەرنىڭ تارقاتقۇچىلىرىنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ، شىنجاڭدىكى سۇفىلار كۆپىنچە ئىشانلار دەپمۇ ئاتالغان. 17- ئەسىرلەردە، شىنجاڭدىكى ئىشانلار تۆت سۈلۈك شەكىللەندۈرگەن. سۈلۈكنىڭ ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى «يول» دېگەنلىك بولۇپ، سۇفىلار تەرىقىتىنىڭ ئىستىقامەتلىرىدىكى مىستىتىسىزىملىق جەرياندۇر. سۇفىلار چوقۇم بىر مەنىۋى ئۇستاز، جۈملىدىن سۈلۈك يولباشچىلىرىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىغا كىرىشكە باشلاپ بىر قاتار «داۋالغۇش» ۋە «روھىي ھالەت» لەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىلا، ئاندىن ئۇ ئۆزىنى مۇكەممەل ۋە يۇقىرى دەرىجىگە يەتتىم دەپ ھېس قىلالايدۇ، شۇنداقلا ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يېتىپ بارالايدۇ. ئىستىقامەت ئۇسۇلى ۋە شەكىللىرى جەھەتتە بولسا ھەر قايسى سۈلۈكلەردە ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. بۇلار سۇفىلارنىڭ تەرىقەت تەلىماتلىرىدىكى كونكرېت ۋە ئەمەلىي كەچۈرمىشلەر جەريانىدا پەيدا بولغان پەرقلەر بولۇپ، شىنجاڭدىكى سىياسىي- دىنى كۈرەشلەر جەريانىدا «مەزھەپلەر» دە يەنىلا ئۆزگىچە ساھەلەرنىڭ ساقلىنىپ تۇرۇشى بىلەن سۇفىلار تەرىقىتى تارماقلىرىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى قالغان. تۆت سۈلۈكنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە: ئىنەكىيە بولسا ئاساسلىقى تەرىقەتنىڭ خاتىرە كۈنلىرى ياكى پۈتۈشكەن چاغلىرىدا، «مۇرىتلار كېچىدە ئىبادەت سورۇنلىرى (ئادەتتە سۇفى، خەلىپەلەرنىڭ ئۆيىدە) غا يىغىلىپ، ئاۋازىنى چىقارماستىن دىمىغىدا كەلىمە سانا ئوقۇپ، ئەھد ئەل فەجر (تاڭ سەھەر) گە قەدەر ئىبادەت ۋە دۇئا- تىلاۋەت قىلىدۇ. ئىسھاقىيە، ئاساسلىقى «سۇفىلار كۈندۈزى ھەلقە تۈزۈپ ئولتۇرۇپ ‹قۇرئان› ئوقۇيدۇ، ئاندىن مۇناجات ئوقۇيدۇ، شۇنىڭغا ئۇلاپ ساماغا چۈشۈپ، ئاي- ھاي ... دەپ يىغلاپ، ئۆتكەن مازايى- ماشايىقلارغا ئاتاپ دۇئا قىلىدۇ».  داۋانىيە بولسا ئاساسلىقى «ھەر جۈمە كۈنى كېچىدە بۈيۈك مازايى- ماشايىقلارغا يىغىلىپ، تاكى ئەتىسى سۈبھىگىچە توختىماستىن ھۆركىرەپ يىغلىغىنىچە ئىبادەت ۋە دۇئا- تىلاۋەت قىلىدۇ. ئىسكىيە «مۇرىت قوبۇل قىلغاندا، ئاۋۋال قول بەرگۈچىلەرگە تۆۋەنامە يازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ شەرتسىز ئۆزلىرىگە بويسۇنىشىنى، ھەر ۋاقىت پىر- ئۇستازلارنى ئويلاپ تۇرۇش تەرىقەت يولى دېگەن قائىدىنى ئۆگىتىدۇ. تەرىقەت ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ياخشىراق ئىبادەت قىلغانلارنى ئۆزلىرىگە ئىزباسار قىلىپ ئۆستۈرۈپ، جايلاردا مۇرىت توپلاپ، تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قايتۇرىدۇ».  
بۇ سۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىدىن بۆلۈنۈپ چىققان تارماق تەرىقەتلەر بولۇپ، ئىستىقامەت شەكلى ۋە مۇراسىم ئالاھىدىلىكلىرىدە پەرق بولۇپلا قالماستىن، پىرىنسىپلىرىدىمۇ ئىختىلاپ مەۋجۇت. ھەر قايسى سۈلۈكلەر ئارىسىدا، ھەتتا نەقشىبەندىيە تەرىقىتى بىلەن باشقا تەرىقەتلەر ئارىسىدىمۇ ئۆزئارا قوبۇل قىلىش، سىغىشىش خاھىشى بار بولۇپ، زادىلا چىقىشالمايدىغان ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلار پەقەت قۇرئاننى تۆۋەن ئاۋازدا ئوقۇش ياكى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇشتىن ئىبارەت ئوخشىماسلىقى، سىياسىي ھوقۇق تالىشىشى تۈپەيلىدىن، ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدا ئوت بىلەن سۇدەك سىغىشالمايدىغان دىنى ئۇرۇشلارغا ئۆزگىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خوجىلار جەمەتىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلارنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرىمۇ يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، ئىككى مەزھەپتىكىلەرنىڭ ئادەتتىكى ناملىرى ۋە سۈلۈك ناملىرىمۇ ئاستا- ئاستا قىممەتلىرىنى يوقىتىپ، جەھرىيە، قادىرىيە، خۇفىيە قاتارلىقلارنىڭ دىنى مۇراسىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بەلگە ناملىرىغا ئورۇن بوشاتقان. 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ھىندىستان نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ شەيخى ئەھمەد سىرھىندى (1564- 1642) جەمەتىدىكى ئىشان غالى ئاخۇن (تولۇق ئىسمى ھەزرىتى قۇتۇب ئەلفىل ئوسۇرى ۋەلىيۇل ئىشان مۇھەممەد غالى ئاخۇن شەيخ رەخمىتۇل ئەلى) شىنجاڭغا كىرىپ، ئاقسۇدا ئايكۆل خانىقاسىنى قۇرغان. كېيىنچە، شەيخ ئەۋلىيا دېگەن كىشى بەدەخشان ئارقىلىق جەنۇبى شىنجاڭغا كىرىپ، يەركەن خانىقاسىنى قۇرغان. 19- ئەسىرلەردە، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فەرغانە، نەمەنگان ۋە سەمەرقەند قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئابدۇراخمان، مىيانى مەھمۇدخان، قايانى ناسىرخان ۋە قەمىرخان قاتارلىق ئىشانلار ئۆزلىرىنى ئىمام رەببانىنىڭ ئەۋلادى دېيىشىپ، قاغىلىق، يەركەن قاتارلىق جايلاردا ئىمام رەببانىنىڭ دىنىي ئەھكاملىرىنى تارقىتىپ، ئىشانلار پائالىيەتلىرىنى يولغا قويغان».② سىرھىندى جەنۇبى ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىدا موغۇل پادىشاھى ئەكبەرنىڭ ئېتىقادنى كېلىشتۈرۈش ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇشقا باشچىلىق قىلىپ، سۇفىلارنىڭ سەۋدايىلىق بىلەن ۋاپات بولۇشى ۋە پان ئىلاھچىلىق خاھىشىنى تەنقىدلەپ، چىن ئىخلاس بىلەن ئېتىقاد قىلىشنى ۋە مۇستەقىللىقنى قەتئىي قوغدىغاچقا، «مۇجەددىدى ئەلف سانى» (ئىككىنچى ئىرانىڭ ئىسلاھاتچىسى) ۋە «بۇ قۇرۇقلۇقنىڭ مەنىۋىي ھامىيسى» دەپ تەرىپلەنگەن. جۇڭگولۇق مۇسۇلمانلار ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئىمام رەببانى (ۋەھىيگە مۇيەسسەر بولغان ئىمام) دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ئىسلاھ قىلغان تەرىقەت تەلىماتلىرى ۋە سۇفىلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەۋقەسى ئاق تاغلىقلارنىڭ كۆپ قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپ، ئابرويى يەر بىلەن يەكسان بولغان شارائىتتىمۇ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن، ھەمدە غەربى شىمالدىكى بەزى رايونلارغىمۇ تارقالغان.
شىنجاڭدىكى ئىشانلار بولسا سۇفىلار تەرىقىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرگەندىن كېيىنكى نام بولۇپ، كۈنىمىزدىكى شىنجاڭ سۇفىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەرىقەت يولباشچىلىرىنى پىرىم دەپ ئاتايدۇ، لېكىن باشقىلار يەنىلا ئىشان دەپ ئاتىشىدۇ. ئىشانلارنىڭ ھەر قايسى سۈلۈكلىرىنىڭ ھەممىسى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ تارماق سۈلۈكلىرىدىن ئىبارەت. بىر تەرەپتىن تەرىقەت مۇراسىملىرىدا مۆتىدىل، ئاددىي- ساددا ۋە كەڭ قورساق بولۇش خاھىشىغا ئىگە بولۇپ، باشقا تەرىقەتلەرنىڭ مۇراسىملىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ جەمئىيتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر قايسى سۈلۈكلەرنىڭ خىلمۇخىل يۆنىلىشلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولغان ئىسھاقىيەنى بارلىققا كەلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئىشقىيە قاتارلىقلارغىمۇ بىر قاتار ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتلەرنى قوشتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇزاق مەزگىللىك سىياسىي قالايمىقانچىلىقى ۋە بۆلۈنمە ھالىتى، سۇفىلار رەھبەرلىرىنىڭ دائىملا سىياسىي قايناملارغا شۇڭغۇپ كىرىشى نەتىجىسىدە، نەقشىبەندىيە تەرىقىتى سىياسىي ھوقۇق ۋە تەسىر كۈچنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنى ھەر قايسى ئىشانلار، يەرلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ مەنىۋى ئۇستازى ھېسابلاپ، ھوقۇق كۈرەشلىرىگە كىرىشىپ دىنىي تەسىرىنى كېڭەيتىشكە بېرىلگەن. «كاشىغەر خوجىلار جەمەتى» دىكى ھەر قايسى نەسەبلەر دىنىي ھوقۇق تالىشىشنى ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى كونترول قىلىشقا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاخىرى يەركەن خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭغار قىسىملىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە سىياسىي- دىنىي ھوقۇققا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا سەۋەبچى بولدى. ئىشانلار گۈللەنگەن مەزگىللەردە ھەر قايسى تارماقلار كۈچلۈك سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنى كونترول قىلىۋالغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بۇ بىر قىسىم ئىشانلار ئەڭ ئاخىرىدا خەلقنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان.
شىنجاڭ ئىشانلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سىڭىپ كىرىشىدە گەنسۇ، نىڭشىيا، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى تەرىقەت نەسەبىدىكىلەر تارقىلىش مەنبەسى بولغان بولۇپ، تۆت تەرىقەت ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ تەرىقەت بىلەن ھەر قايسى سۈلۈكلەر ئوتتۇرىسىدا نەسەبكە ۋارىسلىق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت. خۇفىيە مەزھىپىگە مەنسۇپ مۇفتى، بىجياچاڭ، شيەنمېن قاتارلىق سۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز سۈلۈكلىرىنى بىۋاستە ئافاق خوجا تەرىپىدىن تارقىتىلغان دەپ رىۋايەت قىلىشىدۇ. خۇاسى سۈلۈكىدىكى مالەيچى جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئافاق خوجىنىڭ دۇئاسى بىلەن تۇغۇلغان پەرزەنتى تايبابا بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا ئافاق خوجىدىن تەرىقەت ئۆگىنىپ، ھەتتاكى «كىيىم كىيىش» قا قەدەر ئۆگىنىپ، ئون يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا مەككىگە بېرىپ ھەج قىلغان ۋە ياقا يۇرتلاردا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئاساسلىقى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ خۇفىيە مەزھىپىنى ئۆگەنگەن. كېيىنچە قۇرۇلغان بېيجۇاڭ، دىڭمېن، خۇڭمېن قاتارلىق سۈلۈكلەرمۇ شىنجاڭ ئىشانلىرى ئىچىدىكى ئىمام رەببانى قان سېستىمىسىدىكىلەر تەرىپىدىن تارقىتىلغان. جەھرىيەنىڭ قۇرغۇچىسى مامىڭشىن «ئۆزىگە قايتىپ سىرت بىلەن ئالاقىنى ئۈزگەن» ۋە «يېڭى دىن قۇرۇشقا باشلامچىلىق قىلغان». جەھرىيەنىڭ نىسبەھ (شەجەرە) سى ۋە ئىستىقامەت شەكلىگە ئاساسلانغىنىمىزدا، ما مىڭشىن يەمەنگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە ھەج قىلىش سەپىرىدە بۇخارا، يەركەن، كاشىغەر قاتارلىق جايلاردىمۇ ئىلىم تەھسىل قىلغان بولۇپ، تەرىقەت دەپ ئاتىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسھاقىيە يەنى قارا تاغلىق ئىشانلار تەرىپىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلگەن. قادىرىيە مەزھىپىگە مەنسۇپ شياڭيۈەنتاڭنى ئىككى خوجىنىڭ نەۋرىسى ئابدۇراخمان بېيجىڭغا ئاپىرىلىش يولىدا لەنجۇنىڭ گاۋلەن ناھىيەسىدىكى گۇندىپاي خەي كوغا ئۆگەتكەن. لىڭ مىڭتاڭ سۈلۈكىمۇ شىنجاڭدىكى داشىياڭ (مۇشۇ مەزھەپ مۆتىۋەرلىرىنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ، پىرىم بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى نامدۇر) بابا ھەبىبۇللا تارقاتقان قادىرىيەنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، نەسەبى ۋە دىن تارقىتىش ئىسپاتلىرىنىڭ ھەممىسى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىگە مەنسۇپ. مۇشۇنىڭدىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭدىكى ئىشانلارنىڭ تارقاتقىنى يالغۇز يىغىلىپ قۇرئان ئوقۇش ۋە ئىستىقامەت شەكىللىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تۈزۈملەشكەن تەشكىلىي شەكىللەر ۋە يېرىم ئىلاھلاشقان تەرىقەت يولباشچىلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەرىقەت قۇرۇشنىڭ ئاساسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي رايونلىرىنىڭ ئىجتىمائىي شارائىتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن سۇفىلار تەرىقىتىنىڭ تارماق تەرىقەتلىرىدىمۇ  جۇڭگولىشىش ۋە مىللىيلىشىشتەك بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولۇپ، ئىشانلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىنى شەكىللەندۈردى.

ئىزاھاتلار:
Annemarie Schimmel, Mystical Dimensions of Islam, The University of North Carolina Prees, 1975, pp.62-77
① ۋ.ۋ. بارتولد، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا ئون ئىككى لېكسىيە»،  72-، 73- بەتلەر، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1984- يىل
① Annemarie Schimmel, Mystical Dimensions of Islam, pp.339, 364
① J.Spencer Trimingham, The Sufi Orders in Islam, Oxford, 1974, pp.66-65
① خۇاڭ ۋېنبى، «تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك خاتىرىسى»،31- بەت، ئىلىم- پەن نەشرىياتى، 1958- يىل
① ۋ.ۋ. بارتولد، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا ئون ئىككى لېكسىيە»، 87- بەت
① مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كۆرەگان، «تارىخى رەشىدىي»، 225- بەت، 1- توم، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرجىمە قىلغان، ۋاڭ جىلەي تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983- يىل
② خوجا غىياسۇددىن، «شاھرۇخ ئەلچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئەلچىلىككە بېرىش خاتىرىسى»، خې گاۋجى تەرجىمىسى، «ھايتۇن ساياھەتنامىسى  ئودورىكنىڭ شەرققە قىلغان ساياھىتىدىن خاتىرىلەر» گە بېسىلغان، (قوشما سان)، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى، 2002- يىل
«مىڭ سۇلالىسى تارىخى»، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى تۈزگەن، 5597- بەت
② «مىڭ سۇلالىسى تارىخى»، 329- جىلد، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى تۈزگەن، 4894- بەت
① ليۇ زىشاۋ، «ئۇيغۇر تارىخى»، بىرىنچى قىسىم، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1985- يىل، 415- بەتتىن ۋاسىتىلىك ئېلىنغان نەقىل
② «مىڭ شۈەنزۇڭ دەۋرىدىكى ئوردا خاتىرىلىرى»، 122- جىلد، تەيۋەن تارىخ- تىل مەكتىپى باستۇرغان نۇسخا، 7- بەت؛ يەن سوڭجيەن، «ياقا يۇرت خاتىرىلىرى»، 14- جىلد، «تۇرپان»، گۇگوڭ مۇزىيى كۇتۇپخانىسى باستۇرغان نۇسخا
③ مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان، «تارىخى رەشىدىي»، 1- توم، 347- بەت، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرجىمە قىلغان، ۋاڭ جىلەي تەكشۈرۈپ بېكىتكەن
① مۇھەممەد سادىق كاشغەرى، «تەزكىرەئى خوجىگان»، چېن جۈنمۇ، جوڭ مېيجۇ تەرجىمىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن، «مىللەتلەر تارىخىغا دائىر تەرجىمە ماقالىلار توپلىمى»، 8- توپلام ، 1980- يىل؛ چېن خۇيشېڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن، «جۇڭگو شىنجاڭ ئىسلام تارىخى»، 1- قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىل، 326- بەتكە قارالسۇن
② «چوڭ خوجىلار تەزكىرىسى»، سۈي ۋېيجۈن تەرجىمىسى، ۋاڭ شوۋلىي، باۋ ۋېنئەن تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، «شىنجاڭ دىن تەتقىقات ماتېرىياللىرى»، 12- توپلام، 5-، 6- بەتلەر، 1986- يىل
③ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، «ئافاق خوجا تەزكىرىسى»، ئاپتورى نامەلۇم، شافىگراف نۇسخا؛ خەن جوڭيى، «غەربىي يۇرت سۇفىزىمى ئۈستىدە تەتقىقات»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 2006- يىل، 98- بەتكە قارالسۇن
① مۇھەممەد سادىق كاشغەرى، «تەزكىرەئى خوجىگان»، چېن جۈنمۇ، جوڭ مېيجۇ تەرجىمىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن، «مىللەتلەر تارىخىغا دائىر تەرجىمە ماقالىلار توپلىمى»، 8- توپلام، 97- بەت
① شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، «شىنجاڭ دىن تەتقىقات ماتېرىياللىرى»، 16- توپلام، 1988- يىل؛ ۋېي لياڭتاۋ، ليۇ جېڭيەن، «خوجىلار جەمەتى ھەققىدە»، 120- بەت، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1998- يىل
② شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، «شىنجاڭ دىن تەتقىقات ماتېرىياللىرى»، 16- توپلام ؛ ۋېي لياڭتاۋ، ليۇ جېڭيەن، «خوجىلار جەمەتى ھەققىدە»، 120- بەت
③〔چىڭ سۇلالىسى〕، شۈسۇڭ، «غەربىي يۇرتتىكى دەريا- ئېقىنلار خاتىرىسى»، 1- جىلد، قەشقەر ماددىسى، گۇاڭ شۈ مىخ مەتبەئە نۇسخىسى
① «چوڭ خوجىلار تەزكىرىسى»، سۈي ۋېيجۈن تەرجىمىسى، ۋاڭ شوۋلىي، باۋ ۋېنئەن تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، «شىنجاڭ دىن تەتقىقات ماتېرىياللىرى»، 12- توپلام
② ماتوڭ، «جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى مەزھەپلىرىنىڭ مەنبەسى»، 63- بەت، نىڭشىيا خەلق نەشرىياتى، 1986- يىل
① ماتوڭ، «جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى مەزھەپلىرىنىڭ مەنبەسى»، 66- بەت
① ھاجى نۇرھاجى، «ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچىلىق (سۇفىزىم) نىڭ شەكىللىنىشى، تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 1983- يىللىق 7- سان
① ھاجى نۇرھاجى، «ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچىلىق (سۇفىزىم) نىڭ شەكىللىنىشى، تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 1983- يىللىق 7- سان
② ھاجى نۇرھاجى، «ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچىلىق (سۇفىزىم) نىڭ شەكىللىنىشى، تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا»، ماتوڭ، «جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى مەزھەپلىرىنىڭ مەنبەسى» دىن ۋاسىتىلىك ئېلىنغان نەقىل، 25- بەت

«غەربىي يۇرت تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 1- سانىدىن مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر تەرجىمىسى

«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 2013-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TANGRIKUT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-1 18:34  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-7-1 19:38:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ  ئىزدىنىشچانلىقى يۇقۇرى، تەتقىقات قىممىتى ئالاھىدە..... مۇشۇ دەۋىردە كۆرۈپ چىقىشقا ئەرزىيدىكەن.......................................

ۋاقتى: 2015-7-1 20:11:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام، ئاداش قانداق ئەھۋالىڭ؟ نەتىجىلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىسەن. نەدە بولساڭ ئامان يۈر ...

ۋاقتى: 2015-7-1 20:49:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇفىزىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شىنجاڭغا كىرىشى ھەققىدە ئومۇمىي بايان

سۇفىزىمنىڭ شىنجاڭغا ئەڭ دەسلەپكى كىرىشى ھەققىدە ئومۇمىي بايان

ماقالىنى ساقلاپ قويدۇم، تولۇق ئوقۇپ چىقىمەن.

ۋاقتى: 2015-7-1 20:57:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سوپىزىم ناھايىتى چوڭقۇر ئىسلامىي پەلسەپە ھەم بىر تارماق ئىلىم، بۇ ئىلىمنى خەنزۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىشى، ھەقىقەتەنمۇ يۈكسەك ئىلمىيلىكنى ۋە پەزىلەتنى نامايان قىلىدۇ.

ۋاقتى: 2015-7-1 21:06:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TANGRIKUT  سىز مەركىزىي مىللەتلەر ئونىۋېرسىتىدا ئاسپىرانلىقتا ئوقۇۋاتىسىزغۇ دەيمەن
مۇھەممەد ئەلى ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ ئەسىرىنى قايسى بىر يورنالدا كۆرگەنىدىم.

ۋاقتى: 2015-7-2 01:42:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارامەت ماقالىكەن

ۋاقتى: 2015-7-2 10:02:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋالدىم . بولسا مۇنبەردە مۇشۇنداق ماقالىلار كۆپرەك بولسا دەيمەن.

ۋاقتى: 2015-7-2 14:06:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تارىخى ماقالىلەرنى كۆپراق يوللاپ تۇرۇڭ.

ۋاقتى: 2015-7-2 14:12:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاش قىممىتى بار ئەسەركەن، ساقلىۋالدىم، ئەجرىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم...

ۋاقتى: 2015-7-2 14:48:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TANGRIKUT  ئىنىم تەرجىمىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم. ھارمىغايسىز.  تەرجىمە جەرىيانىدا بىر قىسىم تارىخى كىشى ئىسىملىرى ۋە باشقا ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلغاندا  ئەسلىدىكى ئاتالغۇنى تەرجىمىنىڭ كەينىگە ئۇلاپلا  تىرناق ئىچىگە ئەسكەرتىپ قويسىڭىز ياكى ئاخىرىغا مەخسۇس بىر  سېلىشتۇرما كۆزنىكى ئاچسىڭىز  تولىمۇ خاسىيەتلىك ئىش بولىدۇ.

ۋاقتى: 2015-7-2 14:52:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك بىر تىمىنى يورۇتۇپ بېرىپسىز، تەرجىمە ئەمگىكىڭىزگە يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-2 21:20:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاغۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-7-1 21:06
TANGRIKUT  سىز مەركىزىي مىللەتلەر ئونىۋېرسىتىدا ئاسپىرانل ...

مەن ئۈرۈمچىدە، ئاسپىرانت ئەمەس.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-2 21:21:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arttekin يوللىغان ۋاقتى  2015-7-2 14:48
TANGRIKUT  ئىنىم تەرجىمىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم. ھارمىغايسىز.  ت ...

بولىدۇ، مەن تىرىشاي.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-2 21:21:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2015-7-2 14:52
قىممەتلىك بىر تىمىنى يورۇتۇپ بېرىپسىز، تەرجىمە ئەمگىك ...

رەھمەت سىزگە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش