ئىگىسى: TANGRIKUT

سۇفىزىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شىنجاڭغا كىرىشى ھەققىدە ئومۇمىي بايان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-7-3 07:56:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدىكى سوفىلار ھەققىدە تەتقىقاتلار دۇنياۋىي تۈس ئالغان ئىكەن. فرانسىيەدىكى بىر ئالى مەكتەپ پروفېسسورىمۇ قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ماتېرىيال توپلىغان.قازاقىستاننىڭ يېقىن قوشنىسى-ئىلىدا ئۆتكەن سوفىيلار ھەققىدە بىز تېخى بىلمەيدىغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن.
پروفېسسورنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغاچ،ئۇنىڭ نامىنى، تەتقىقات مەزمۇنلىرىنى تور يۈزىدە ئاشكارىلاشقا مۇمكىن بولمىدى.
ھامان بىركۈنى تورداشلارغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىمەن.

ۋاقتى: 2015-7-6 22:00:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىپنىڭ جۇڭگۇدىكى سوفىزىمىنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە دەسلەپكى تەسىرلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىغا ئائىت يۇقارقى ماقالىدىكى تۆۋەندىكى قۇرلار:
«مەشھۇر سۇفىست، شەھىد مەنسۇر ھەللاج (852-922) 905- 912- يىللىرى دىن تارقىتىش ئۈچۈن ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئاتلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا دۆلىتىمىزدىكى تۇرپان (ئىدىقۇت) رايونىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ ئۆيىدىكىلىرىگە يازغان خېتىدە، بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ مەقسىتى دىنسىزلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان. بىراق ئۇنىڭ تۇرپاندىكى پائالىيەتلىرى ھېچقانداق ئۈنۈم يارىتالمىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ جۇڭگو قەغىزىنى توشۇپ ساتىدىغان بىر كارۋانغا ئەگىشىپ باغدادقا قايتقاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، سەككىز يىل قامالغان ۋە 922- يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئۇنىڭ خۇراساندىكى مۇرىدلىرىنى فارىس دىناۋارى ئەتراپىغا يىغىشى، كېيىنچە يەسسەۋىي (ئەھمەد يەسسەۋىي، 1166- يىلى ۋاپات بولغان) ۋە نەسىمىي (ئىمادۇددىن نەسىمىي, 1417- يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ تۈركىي تىلىدىكى مىستىتسىزملىق شېئىرلىرىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. »

سەل تېيىز ۋە ئاددى بولۇپ قاپتۇ. مۇئەللىپ بۇ نۇقتىدا سوفىزىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا، جۈملىدىن شىنجاڭغا كېرىشتىكى مۇھىم بىر شەكلى بولغان ئەدەبىياتنىڭ ۋاستىسىغا تازا ئىتىبار برىلمەي قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە «قۇتادغۇبىلىك»تىكى ئودغۇرمىش ئوبرازىغا بىرلەشكەن سوفىستىك قاراشلار، يەسەۋۋىينىڭ كەڭ تارقالغان «ھېكىمەت»لىرى ۋە باشقا كىلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىپادە قىلىنىۋاتقان تەسەۋۋۇپ قاراشلىرى .. دېگەن نۇقتىلارمۇ بىرگە يوروتۇلغان بولسا ماقالىنىڭ مۇشۇ نۇقتىدىكى چوڭقۇرلىقى يەنىمۇ ئاشقان بولاتتىكەن دەپ ئويلىدىم.

مۇھەممەدئەلىنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتى تەرجىمىچىلىكىگە كىرىشىپ كىلىۋاتقانلىقىنى بىر نەچچە پارچە تەرجىمە ماقالىسىدىن ھېس قىلىپ ئۈلگۈردۈم. قىممەتلىك ئەمگەكلەرنى قىلىۋاتىسىز. ھارماڭ !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-6 22:01  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-7 23:17:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rasheed يوللىغان ۋاقتى  2015-7-6 22:00
مۇئەللىپنىڭ جۇڭگۇدىكى سوفىزىمىنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە  ...

رەھمەت. ئاپتورنىڭ بۇ ماقالىسىنىڭ ھەجىمى قىسقا بولغاچقا، سىز دېگەن نۇقتىلارغا دىققەت قىلمىغان بولسا كېرەك. بىراق، ئاپتور(周燮藩)نىڭ جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «苏非之道———伊斯兰教神秘主义研究» ناملىق مەخسۇس تەتقىقات كىتابىدىن سىز دېگەن نۇقتىلار تولۇق تېپىلىدۇ.

ۋاقتى: 2015-8-13 17:16:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەرجىمە ماقالىنى تېلىفۇندا ساقلىۋېلىپ تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. تۆۋەندىكى بىر نەچچە جايدا ئازراق ئېنىقسىزلىق باركەن. بۇ ئەلۋەتتە تەرجماننىڭ ئەمەس، بەلكى ئاپتورنىڭ سەۋنلىكىدۇر ۋە ياكى مېنىڭ سەۋەنلىكىمدۇر.


ئەڭ بۇرۇن شىنجاڭغا كىرگەنلەر بولسا مەخدۇم ئەزەم بىلەن ئۇنىڭ كاشىغەرلىك خوتۇنىدىن تۇغۇلغان ئوغلى ئىسھاقتۇر.

بۇ جۈملە تولۇق مەنە چىقىرالماپتۇ. ناۋادا شىنجاڭغا ئەڭ ئاۋۋال كىرگەن سوپىلارنى مۇشۇلار دېمەكچى بولسا، ئۇنداقتا ماقالىنىڭ يەنە بىر بۆلىكىدە دېيىلگەن ئەبۇل ھەسەن مۇھەممەد كارامىتىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەن تۇنجى سوپىلىقى ئىنكار قىلىنىپ كېتىدۇ.


ھەمەدانىنىڭ يەنە غىژداۋانى (ئابدۇخالىق غىژداۋانى، 1220- يىلى ۋاپات بولغان) ئىسىملىك مەشھۇر ئىنىسى بولۇپ،

ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ يىلنامىسىغا قاراپلا باقساق، ئۇنداقتا يۇقىرقى ھۆكۈمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. يەنى 1140-يىلى ۋاپات بولغان يۈسۈپ ھەمەدانىنىڭ  1220-يىلى ۋاپات بولغان ئىنىسى بولمايدۇ.


قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان ساتۇق نىشاپۇرلۇق سۇفى ئەبۇ ھەسەن مۇھەممەد كارامىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، 915- يىلى بۇغراخان دەپ ئاتىلىپ،

بىزگە ئۇزاقتىن بېرى مەلۇم بولۇپ يادا بولغان ئۇچۇردا، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ سامانىيلارنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ نەسر سامانىي تەسىرىدە ئىسلاملاشقانلىقى ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئاتۇشتىكى ھەسسۇلتان مازىرىدا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھەيۋەتلىك قەبرىسى بار ، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بىر پەسرەك جايدا ناھايىتىمۇ ئاددىي ۋە غېرىبانە بىر قەبرە ياغاچ رىشاتكا ئىچىدە ساقلانغان بولۇپ، بۇ دەل ئەبۇ نەسر سامانىينىڭ قەبرىسى ئىكەنلكىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ بولدى. بىراق يۇقىرى بايان بۇنىڭغا زىت چىقتى، دېمەك ياكى ئۇ خاتا، ياكى بۇ خاتا. قارشى پىكىر چىققانىكەن، بۇنى تېخىمۇ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

ۋاقتى: 2016-4-5 10:21:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم،قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن

ۋاقتى: 2016-4-5 11:45:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ‹‹جاللات خېنىم››رومانىنى ئوقۇغاندىكىن سۇپىلار ۋە سوپىۋىزىمچىلار ھەققىدە خېلى يامان ئەمەس چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ئىدىم،بۇ ماقالىمۇ ساقلاش قىممىتى يۇقۇرى ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن ئاپتۇرغا ھەم تەرجىمانغا تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2016-4-5 11:45:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ‹‹جاللات خېنىم››رومانىنى ئوقۇغاندىكىن سۇپىلار ۋە سوپىۋىزىمچىلار ھەققىدە خېلى يامان ئەمەس چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ئىدىم،بۇ ماقالىمۇ ساقلاش قىممىتى يۇقۇرى ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن ئاپتۇرغا ھەم تەرجىمانغا تەشەككۈر!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش