ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى 2016-1-12 13:23
بىر ئاددى مودىل ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلساق چۈشۈنۆشلۈك ۋە قۇلايلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن.بىر دانە ئۇزۇنلۇغى 50سانتىمېتىر بولغان سېلىندىرنى بىر چاقنىڭ دىيامىتىر ئۇزۇنلۇغىغا،ئۇنىڭ ئىككى ئۇچىنى چاقنىڭ بىر-بىرىدىن ئەڭ يىراق ئىككى نۇقتىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،دەپ قارايلى.بۇ نۇقتىلارنى A ۋە Bدىن ئىبارەت ئىككى بەلگە ئارقىلىق ئىپادىلەيلى.بۇ سىلىندىرنى يەرگە قويۇپ چاقلاردەك دومىلىما ھەركەت قىلغۇزايلى.يەنى Aنى يەرگە تىرەلگەن ھالەتتە قويۇپ B نۇقتىنى كۆتۆرۈپ 180گرادۇس ئايلاندۇرساق بۇ دومىلىما ھەركەتنىڭ ئاددى مودىلى سۈپىتىدە بىزگە بەزى پارامىتىرلاردىن ئۆچۆر يەتكۈزىدۇ.بۇ جەرياندا B نۇقتا ئۆزىنىڭ تاينىش نۇقتىسىغا بىسىم چۈشۈرگەن ھالداجىم تۇرىدۇ.بۇ 180 گىرادۇس ئايلىنىشنىڭ تاماملىنىشى بىلەن سىلىندىر سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىدە 50سانتىمىتىر ئالغا سىلجىيىدۇ.
بۇ ھەركەت جەريانىدا Aنىڭ سىزىقلىق ھەركىتى 0 بولىدۇ.Bنىڭ سىزىقلىق ھەركىتى ھەرگىز 50 سانتىمىتىر ئەمەس،ئەمەليەتتە ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن ياي ئۇزۇنلىغىغا تەڭ بولىدۇ.50 سانتىمېتىر بولسا پەقەت تەكشىلىكتىكى تۆز سىزىقلىق سلجىشنىڭ مىقدارىدىنلا ئىبارەت.تەنھا ئەپەندىمنىڭ ھېساپلىشىچە بۇ جەرياندا Bنۇقتىنىڭ قالدۇرغان ياي ئىزى 75 سانتىمېتىردىن ئارتۇقراق بولۇپ چىقىدىكەن.
بىز يۇقۇرقى مىسالدىن دۇملاپ ئىلگىرلەۋاتقان چاقلار يالغۇز ئۆزىنىڭ مۇقىم ئوقىدا ئايلىنىپلا قالماي،ھەر بىر كونكىرىتلىقتا A نۇقتىدەك بىرنۇقتىنىمۇ ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى،ئەگەر بۇنداق نۇقتا ۋە بۇنداق نۇقتىنى ئايلىنىش ھەركىتى بولمىسا دۇمىلىما ھەركەتنى كەلتۆرۆپ چىقارغىلى،پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ.ھالبۇكى، A نۇقتا بولسا بۇ مىسالدا بىر جىم نۇقتا.
ئىككىنجى مەسىلە شۇكى،دەسلەپكى تۆرىتكىلىك كۈچ مۇستەسنا قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدۇ،بۇنداق دۇمىلىما ھەركەت پەقەت ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەتتىن ئىبارەت.مەسىلەن بىز بىر چاقنى تەكشىلىكتە قولىمىز بىلەن بىر دومىلىتىۋىتىپ قويۇپ بەردۇق دەيلى،بۇ چاقنىڭ قولدىن ئايرىلغاندىن كىيىنكى تاكى توختاپ يىقىلغىچە بولغان جەرياندىكى ھەركىتى ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەتتىن ئىبارەت.ئەگەر بىز چاقنىڭ قولدىن ئايرىلغاندىن كىيىنكى توختاپ يىقىلغىچە بولغان ھەركىتىمۇ تاشقى تەسىردىن كېلىپ چىققان ھەركەت دەپ قارىساق،ئۇنداقتا،بۇ ھەركەتكە تۆرىتكە بولىۋاتقىنى قايسى- قايسى كۈچلەر ئىكەنلىگىنى ئېنىق كۆرسۈتۈپ بېرەلىسەك بولىدۇ.بۇ يەردە پەقەت،سۆركۆلۈش كۈچى قاتارلىق چاقنىڭ دومىلاپ ئىلگىرلىشىگە قارشىلىق قىلىدىغان تاشقى كۈچلەرنى كۆرسىتەلەيمىزكى،چاقنى دومۇلۇتۇپ ئىلگىرلىتىۋاتقان ئاللىقانداقتۇر تاشقى كۈچنى كۆرسىتەلمەيمىز.