مەن ئېغىش كۇچى فورمۇلاسىنى قانداق كەلتۆرۆپ چىقاردىم؟
_ ئىنېرتسىيەلىك مەركەزدىن قىچىش كۇچى جىسىمغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
ماسىسى ئوخشاش ئۈچ دانە شارچىدىن تۇزۇلگەن بىر سىسىتىما بار دەپ پەرەز قىلايلى. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
بۇ سىسىتىما دەسلەپتە تىنىچ تۇرىدۇ. بۇ چاغدا سىستىمىسىنى ھاسىل قىلىدىغان ئىچىكى كۇچ ئوخشاش بولىدۇ دەپ تۇرايلى.
بۇ سىسىتىما ئوقىدا ئايلىنىۋاتقاندا ، يەنىلا سىسىتىما مەۋجۇت. بىراق بۇ سىسىتىمىنى سىسىتىما قىلىدىغان ئىچكى كۇچ N 10 بۇ يەردە N 100 بولدى . بۇ يەردىكى N 90 كۇچ نەدىن كەلگەن ؟
بۇ كۇچ (N 90) دەل ئىنېرتسىيەلىك مەركەزدىن قىچىش كۇچى سەۋەبىدىن كەلگەن. (سەۋەب: مەركەزگە ئىنتىلمە كۇچ بىلەن ئىنېرتسىيەلىك مەركەزدىن قىچىش كۇچى تەسىر ۋە ئەكىس تەسىر كۇچلەردۇر. ئىنېرتسىيەلىك مەركەزدىن قىچىش كۇچى N 100 بولغاندا ، مەركەزگە ئىنتىلمە كۇچمۇ N 100 بولىشى كىرەك .شۇنىڭ ئۇچۇن ، ئىچىكى كۇچ چوڭىيىشى كىرەك . بۇ يەردە ئىنېرتسىيەلىك مەركەزدىن قىچىش كۇچى سەۋەپ، ئاشقان ئىچىكى كۇچ نەتىجەبولىدۇ. )
ئىچىكى كۇچكە قوشۇلۇپ قالغان كۇچنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى شارچىنىڭ ماسىسى بۇلۇڭلۇق تىزلىكى، رادىئوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى سىسىتىما ئوقىدا ئايلىنىشى سەۋەبلىك ، سىسىتىمىنى سىسىتىما قىلىدىغان ئىچىكى كۇچنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆزگىرىپ بارىدۇ. ئەگەر بۇ سىسىتىمىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشى توختىسا، سىسىتىما ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ. (ئىچىكى كۇچى N 10 بولغاندىكى ھالەت.)
ئەگەر بۇ سىسىتىما ئوقىدا ئايلىنىپ تۇرۇپ سىزىقلىق ھەرىكەت قىلسا ، سىسىتىمىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان ئىچىكى كۇچلىرى تەڭپۇڭ بولماي قالىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن 29- تىئورمىچە ئېغىش كىلىپ چىقىدۇ. مەن يازغان ئېغىش كۇچى فورمۇلاسى_
_ دەل مۇشۇ تەڭپۇڭسىزلىقتىن كىلىپ چىققان.
شەرقىي شىمال پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى ئوقوغۇچىسى:
ئابلىمىت تۇرسۇن
2015-يىلى 8- ئاينىڭ 18- كۇنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-20 16:32