كۆرۈش: 1048|ئىنكاس: 38

29-تېئورما تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شەكىل نەزەرىيەسى 29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىلدى


6- ئاينىڭ 18-كۈنى غۇلجا شەھەر دادامتۇيېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە قاسىم سىدىق ئوتتۇرىغا قويغان شەكىل نەزەرىيەسى29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا قاسىم سىدىق ۋە بۇتەتقىقاتقا يېڭىدىن قاتناشقان ئابدۇقاھار ئابدۇللا شەكىل نەزەرىيەسى 29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ماتېماتىكىلىق ۋە فىزىكىلىق نۇقتىدىن ئىلمىي شەرھىيلىدى.
دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئىلىدىكى ھەرقايسى ئالىي، كەسپىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىر قىسىم تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ، مۇشۇساھەگە قىزىقىدىغان ھەر ساھە كىشىلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى. بۇ قېتىمقى تەجرىبە دوكلات يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ھوشۇر ئىسلام تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ قۇتلۇقلىدى


.
قاسىم سىدىقنىڭ شەكىل نەزەرىيەسىگەبولغان قىزىقىشى ئۇنىڭ 1978-يىلى «ئىمپولۇس يۇلتۇزلار» ناملىق كىتاب بىلەن ئۇچرىشىشى بىلەن باشلانغان. بۇ كىتاب ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنى يەر شارى، ئاسمان جىسىملىرى ۋە كەڭ كائىناتتىكى سىرلىق ئاجابىيات قوينىغا سۆرەپ، بۇ ھەقتە تەپەككۇريۈرگۈزۈشكە ئۈندەيتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ تەبىئەت دۇنياسى، ئاسمان جىسىملىرى،ماددا، جىسىم ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى ھەققىدە توختاۋسىز ئىزدەندى. بۇ جەرياندا ئۇ تەدرىجى كىلاسسىك فىزىكىنىڭ بەزى قاراش ۋە نۇقتىئىينەزەرلىرىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. ئەسلى بۇلاردىن گۇمانلىنىشقا بولمايتتى. چۈنكى نيۇتون، ئېينېشتېيىن قاتارلىق ئىلىم-پەن ساھەسىگەزور تەسىر كۆرسەتكەن ئالىملار بۇ قاراشلارنى دەلىللىگەن ۋە بېيىتقانىدى. بىراق ئىلىم-پەن ساھەسى ھامان ئەنئەنىنى يېڭىلاشنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگەئىنسانلارنىڭ دۇنيانى بىلىشى تېخى بوۋاق ھالەتتە تۇراتتى. شۇڭا قاسىم سىدىق ئۆزىنىڭ گۇمانىي قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇ ھەقتە ئەتراپلىق ئىزدەندى

.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى «بوشلۇق نەزەرىيەسى» نامىدا ئوتتۇرىغا قويدى. 1990-يىلى ئۇ غۇلجا ناھىيەلىك بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپىدە تۇنجى قېتىم «بوشلۇق نەزەرىيەسى» ھەققىدە نەزەرىيەۋى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئالەم، ماددا، جىسىم ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرى ھەققىدىكى نەزەرىيەۋى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا مۇشۇ ھەقتىكى ئىلگىرىكى نوپۇزلۇق قاراشلارغا «جەڭ» ئېلان قىلدى شۇ تەرىقىدە ئۇئۆزىنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرى ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ، ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلىرىنى تەدرىجى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلدى. غۇلجا، ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە بىر نەچچە قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. گەرچە ھەر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇنىڭ غەيرىتىگە،جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇلغان بولسىمۇ، ئەمما نەزەرىيەۋى قاراشلىرىنى ھەقىقىي مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلار چىقمىدى. چۈنكى بۇ ئالدىراپ باھا بەرگىلى بولىدىغان تېما ئەمەس ئىدى.كېيىنچە بەزى مۇتەخەسسىسلەر قاسىم سىدىققا ئۇنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ تېخى ئادەتتىكى نەزەرىيە باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، بۇنى يەنىمۇئىچكىرىلەپ تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەجرىبەئۈسكۈنىلىرى كەمچىل، ئىقتىساد يار بەرمىگەن ئەھۋالدا ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى بىلەن ئاددى ۋە ئەنئەنىۋى تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەكىل نەزەرىيەسى ھەققىدە تەجرىبە ئېلىپ باردى.
بۇ قېتىمقى شەكىل نەزەرىيەسى29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى دەل قاسىم سىدىقنىڭ 37 يىلدىن بۇيانقى شەكىل نەزەرىيەسى ھەققىدە ھاسىل قىلغان ئۆزگىچە قاراشلىرىنى دەلىللەيدىغان نەق مەيدان پائالىيىتى بولۇپ، ئۇ ئاددىي تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئالەم دەۋرىي بولىدۇ، كېڭىيىپ-تارىيىپ ئىزچىل دەۋر قىلىدىغان ئالەمنىڭ باشلىنىش-ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولمايدۇ؛ مۇتلەق تىنچ بولغان نيۇتونچە ماكان-يوقلۇق مەۋجۇد؛ ئوبيېكتىپ زامان ئەسلا مەۋجۇد ئەمەس،ئالەمدىكى بارلىق ماسسا ئېنېرگىيە تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە؛ ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىيىتى ئەگرى بولىدۇ، بۇ خىل ئەگرىلىك دەۋرىي ئالەمنىڭ ئالدىنقى شەرتى؛ نيۇتوننىڭ تارتىش كۈچى ئىدىيەسى، ئېينېشتېيىننىڭ ماكان -زامان ئىدىيەسى چەكلىمىلىككە ئىگە، دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇلارنى ئىلمىي شەرھىلەپ ئۆتتى ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەجرىبە دوكلاتى پات ئارىدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەكىل نەزەرىيەسى 29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئالدىن ئىشلەنگەن تەييارلىق خىزمىتى ئىكەن. ئەگەر شەكىل نەزەرىيەسى 29-تېئورمىسىنىڭ تەجرىبىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، بۇ تېما تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىنسا، نيۇتون مىخانىكىسى، ئېينېشتېيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ۋە كۇۋانت مىخانىكىسى ئوتتۇرىسىدىكى ماكان، زامان، ئۈزۈلمىلىك، ئۈزلۈكسىزلىك قاتارلىقلارنى مەركەزقىلغان زىددىيەت ۋە تالاش -تارتىشلارغا خاتىمە بېرىلىدىكەن ھەم ئىلىم-پەن ساھاسىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك رول ئوينايدىكەن.
قاسىم سىدىق بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىنى پەقەت مۇكەممەل ئۇقۇم ۋە ئىدىيەسىستېمىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ نەزەرىيەنىڭ چېتىلىش دائىرىسى بەك كەڭ بولۇپ،ھازىرقى زامان فىزىكىسىدىكى نۇرغۇن يادرولۇق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. نۆۋەتتە سالاھىيەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىنى قايتا ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ دەلىللىشىنى قولغاكەلتۈرۈش بۇ تەتقىقاتنىڭ ئەڭ مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى. بۇ نەزەرىيە تەتقىقاتىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش يېتەرلىك ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئالاقىدار ئورۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ بۇئىشنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن"

   نۇرمۇھەممەت ئەخمەت
   (ئۆز موخبىرىمىز)


ماياتنىكتا ئېلىپ بېرىلغان 29-تېئورېمىچە ئېغىش تەجىربىسىدىن دوكلات

ئابدۇقاھار ئابدۇللا

تەجىربە مەقسىدى:
شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ 29-تېئورېمىسىنىڭ ئورۇنلۇق ياكى ئورۇنسىزلىغىنى ئىسپاتلاش.
شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ 29-تېئورېمىسىنىڭ بايانى
ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان زەررىچە ۋە جىسىملار ئوقىدا ئايلىنىشتىن كېلىپ چىققان سىزىقلىق تېزلىكى ئاستا تەرەپكە ئاغىدۇ.ئېغىشنىڭ قىممىتى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

تەجىرىبە ئەسۋاپلىرى
ئېلېكتىر ماتۇر:ئومۇمى ماسسىسى:0.608 كىلوگىرام،روتۇر ماسسىسى:0.228كىلوگىرام،ئايلىنىش تىزلىكى:40 قىتىم (سىكۇنت)
110 ۋولىتلۇق ئىلىكتىر مەنبەسى.
ماياتنىك يىپىى:ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مىتىر بولغان ئىلىكتىر سىمى.
تەجرىبە پىرىنسىپى
ماياتنىك تەۋرىنىش جەريانىدا ئېغىرلىق كۈچى ۋە ماياتنىك يىپنىڭ تارتىش كۈچى تەسىردە ۋېرتىكال تەكشىلىكتە تەۋرىنىش ياسايدۇ.بۇ جەرياندا كورىئولىس كۈچى قاتارلىق تاشقى كۈچلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ ۋېرتىكال تەكشىلىكتىن ئېغىشىدۇ.ماياتنىك شارچىسى ئۆز ئوقىدا ئايلاندۇرۇلۇپ تەۋرىتىلىگەن شارائىتتا بېرنوللى قانۇنى ۋە ماگنۇس ئىففىكتىنىڭ تەسىردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

بۇ تەجرىبىدە بىرنوللى قانۇنى ۋە ماگنۇس ئىففىكتىنىڭ تەسىردىن ساقلىنىش مەخسىتىدە تاشقى قېپى ئايلانمايدىغان ئېلېكتىر ماتۇر ماياتنىك بىشى قىلىنىپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىلدى.
  تەجرىبە باسقۇچى
ئېلېكتىر ماتۇر ئۈچ مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېىلېكتىر سىمغا ئۇلىنىپ تورۇسقا ئېسىلىدۇ ۋە 110 ۋولتلۇق تۇراقلىق توكقا ئۇلىنىدۇ.ئايرىم -ئايرىم ئايلاندۇرۇلمىغان، سائەت ئىستىرىلكىسىغا قارشى ئايلاندۇرۇلغان سائەت بويۇچە ئايلاندۇرۇلغان ئۈچ خىل ئىغىش سانلىق مەلۇماتلىرى خاتىرلىنىدۇ.ماتۇر سائەت ئىستىرىلكىسى بويۇچە ئايلاندۇرۇلغاندىكى ماياتنىك تىرايكتۇريىسى ئېغىشتىن خاتىرلەنگەن سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكىدەك:


تەجرىبە نەتىجىسى ۋە خۇلاسىسى
تەجرىبە ۋە ماتىماتىكىلىق ھىساپلاشلاردىن ئايان بولدىكى شەكىل نەزىريەسى 29- تېئورېمىسىدا تەشەببۇس قىلىنغان ئېغىش ھەقىقەتەن مەۋجۇت.ئېغىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى ئوڭ قول قائىدىسى بويىچە بەلگىلىنىدۇ.يەنى جىسىم ياكى زەرىچىلەرنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلانغاندىكى بۇلۇڭلۇق تېزلىك يۆنۈلىشى ئالقاندىن تېشىپ ئۆتكەن تۆت بارماقنىڭ يۆنىلىشى ئۇلارنىڭ سىزىقلىق يۆنىلىشى  بىلەن بىردەك بولسا،باشمالتاق كۆرسەتكەن يۆنىلىش ئېغىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى
بولىدۇ.
  بۇ خىل ئېغىش كۈچىنىڭ چېتىلىش دائىرلىرى
  1.  ئالەملىك تارتىش كۈچى
بۇنداق ئېغىش كۈچى ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەمىلى مىقدارلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.
2.  دې بېروگلى ماددى دولقۇن قىياسى
دې بېروگلى ئوتتۇرغا قويغان ماددى دولقۇن قىياسىدىكى دولقۇن ھەقىقى ماددى دولقۇن بولماي شەكىل نەزىريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان 29-تېئورمىچە ئېغىش ۋەجىدىن كىلىپ چىققان زەررىچىنىڭ ئەگرى ھەركەت شەكلى بولۇشى مۈمكىن.
3 .يورۇقلۇقنىڭ ماھىيىتى
يورۇقلۇقنىڭ دولقۇنلۇق خۇسۇسيىتىمۇ ماھىيەتتە ئايلىنىۋاتقان فۇتۇننىڭ 29-تېئورېمىچە ئېغىشتىن كىلىپ چىققان ئەگرى ھەركەت شەكلى بولۇشى مۈمكىن.

مەنبە: "ئىلى كەچلىك گىزىتى" 2015- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى سانى.  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-30 19:10:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موبارەك بولسۇن قاسىمكا،ئەجرىڭىزنىڭ يەردە قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!سىزگە يىڭى ئۇتۇق،شان-شەرەپلەر يار بولغاي...

ۋاقتى: 2015-7-1 10:13:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



     بىر ئىشنى قىلاماسلىق ئەڭ چوڭ گۇنا، قىلىش ساۋاب، چۈنكى زېرىكمەي ئىش قىلغان ئادەم قۇرۇق قول قالغان ئەمەس.
   1991 - يىلى 9- ئايدا شىنشجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارغان ۋاقتىمدا قاسىم سىدىق دېگەن بىر تىرىشچان كىشىنىڭ شۇ يىلى 7- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ كېچە-كۈندۈز قىزىكا تەتقىق قىلغانلىقىنى (شائىر ئىكەنلىكىنى «مېنىڭ ناخشام» ناملىق شېئىرىدىن بىلگەن) ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاڭلىغان. كېيىنكى يىللاردا ماتېرىياللاردىن ۋە ئېغىزلاردىن بوشاشماي شۇ قىلىۋاتقانلىنىقىنى بىلىپ تۇردۇم. 2012 - يىلى تور دۇنياسىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ شۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرۈپ تۇردۇم (گەرچە چۈشىنەلمىسەممۇ). مانا ئاخىرى نەتىجىسى چىقىشقا ئاز قاپتۇ. بۇ جاپاكەش تەتقىقاتچىغا قۇت بولسۇن!   

ۋاقتى: 2015-7-1 14:16:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە قۇت بولسۇن.ئۇيغۇرلار ئارسىدا بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقانلار بەكلا ئاز. ئامەت ۋە شان-شەرەپلەر ئىزدەنگۈچىلەرگە يار بولغاي!

ۋاقتى: 2015-7-1 19:10:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنى ئىپادىلەشكە ئىنتىلگەن خىلۋەتتىكى روھقا ئاپىرىن...

ۋاقتى: 2015-7-1 19:45:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       تەبىي پەنلەردىكى بوشلۇققا ھۇجۇم قىلالايدىغان  قاسىم سىدىقتەك پەخرىرلىك ئوغلانلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ چىققىنى بىزنىڭ بەختىمىز...

تەدرىجى يوسۇندا ھېسسىي مىللەتلىكىمىزدىن ئەقىلىي مىللەت بولۇش تەرەپكە يۈزلىنەلىشىمىزدە مانا مۇشۇنداق ئىخلاسمەن ئىلىم ئەھلىلىرى باشلامچى بولالايدۇ.


ۋاقتى: 2015-7-1 19:45:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       تەبىي پەنلەردىكى بوشلۇققا ھۇجۇم قىلالايدىغان  قاسىم سىدىقتەك پەخرىرلىك ئوغلانلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ چىققىنى بىزنىڭ بەختىمىز...

تەدرىجى يوسۇندا ھېسسىي مىللەتلىكىمىزدىن ئەقىلىي مىللەت بولۇش تەرەپكە يۈزلىنەلىشىمىزدە مانا مۇشۇنداق ئىخلاسمەن ئىلىم ئەھلىلىرى باشلامچى بولالايدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-1 20:11:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش مۇنبىرىگە قالدۇرۇلغان ئىنكاس:

                                       
ۋاقىت ئاجرىتىپ ئىنكاس يازغان،مەدەت بەرگەن تورداشلارغا رەھمەت!
تورداشلارغا مەلۈم بولغاي:
بۇ قېتىمقى تەجىربىنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەممەيلەن چۈشىنەلەيدىغان بىر ئاممىباپ مىسال بىلەن چۈشەندۆرسەك،بىكھام قاتارلىقلار تەپكەن يايىسىمان توپ  ھازىرغىچە بىرنوللى قانۇنى،ماگنۇس ئىففىكىتى دىيىلىدىغان قانۇن ۋە ئىففىكىتلار بىلەن چۈشەندۆرۆلۈپ كەلگەن.بۇ تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان ماياتنىك تەجىربىسى يۇقۇرقىدەك چۈشەندۆرۈشنىڭ خاتالىغىنى ئىسپاتلىدى.نەتىجە دىگەن مانا مۇشۇ!
تەجىربە دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان تارتىش كۈچى،ماددى دولقۇن،يورۇقلۇقنىڭ ماھىيىتى قاتارلىقلار بولسا بۇ نەتىجىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىلىرى ھەققىدىكى پەقەت بىر قانچە مىسالدىن ئىبارەت.ئەگەر ماياتنىك تەجىربىسىدە قولغا كەلتۆرۆلگەن ئېغىشنى(بىز" 29-تىئورمىچە ئېغىش"دەپ ئاتاۋاتقان ئېغىش) ھازىرقى فىزىكا بىلىملىرى بىلەن چۈشەندۆرگىلى بولمىسا،بۇ ھالدا،شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسى ئورۇنلۇق بولغان،خۇددى شىنجاڭ ئونېۋىېرىستېتىدىكى بەزىلەر ئېيىتقاندەك «فىزىكىنى چۇۋۇپ قايتا توقۇيدىغان»ۋەزىيەت كېلىپ چىقىدۇ.
بىر يىلدىن بۇيان بۇنداق ئېغىشنى ھازىرقى فىزىكا بىلىملىرى بىلەن چۈشەندۆرگىلى بولىدىغانلىغىغا ئائىت پۇت تىرەپ تۇرغىدەك بىرەر ئۇچۇرغا ئىرىشمىدۇق.ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى بەزى يۇقۇرى دەرىجىلىك مۇتەخەسىسلەر(ھەممىسى ئەمەس) ھەتتا ھازىرغىچە بۇنداق ئېغىشنىڭ يۆز بېرىشى مۆمكىن ئەمەس،دەپ قارىماقتا.ئەپسۇس،تەجىربە ئىسپاتى ئۇلارنىڭ خاتاقاراشلىرىغا بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك جاۋاپ.ھازىر پەقەت ئىككىلا تاللاش بار:بىرى،ئەمەلى فىزىكىدىن قايىل قىلارلىق «پەتىۋا»تېپىپ ماياتنىكتىكى ئېغىشنى چۈشەندۆرۈش ۋە 29-تىئورمىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتىش.يەنە بىرى،قايىل قىلارلىق «پەتىۋا» تاپالمىسا  29-تىئورمىنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى ئېتراپ قىلىپ،فىزىكىنى «چۇۋۇپ قايتا توقۇش».
ئەمدى بۇ ماياتنىك تەجىربىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۆزەڭلار دەڭسەپ باقساڭلار بولىدۇ.
بەزى تورداشلار بۇ ماياتنىك تەجىربىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق ھېس قىلالمىغاندەك قىلىدۇ.شۇڭا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ قويدۇم.

___ قاسىم سىدىق

2015.6.3
مەنبە 18-قەۋەت:

http://bbs.bagdax.cn/thread-31017-3-1.html

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-1 20:13  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-1 21:09:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسى



يۇقۇرقى پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسى 3 ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان يايسىمان توپلارنىڭ فىزىكىلىق سەۋەبىنىڭ خاتا چۈشەندۆرۆلۈپ كېلىۋاتقانلىغىنى ،بۇنداق توپلارنىڭ ئېغىش يۆنىلىشى تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمى تېزلىكىنىڭ كىلاسسىك چۈشەندۆرۈشلەرنىڭ ئەكسىچە ئاستا بولىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشىلىك يەنە بىر موھىم نۇقتا شۇكى،مەن شۇنچە ئىزدىنىپمۇ ئىلگىرى بۇنداق توپلارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھاۋا تېزلىكىنى تەجىربە ئارقىلىق ئۆلچىگەنلىككە ئالاقىدار بىرەر ئۇچۇرنى تاپالمىدىم.بۇنداق تەجىربە ئېلىپ بېرىلغانلىغىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى بىلىدىغان ئەپەندىلەر بولسا قېنى، ئوتتۇرىغا قويغاي.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-1 21:43  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-2 12:58:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېزىتتە ‹ئالقاندىن تىشىپ ئۆتكەندە تۆت بارماقنىڭ يۆنىلىشى› ئىكەن.يوللاش جەريانىدا“دە”چۈشۈرۆلۈپ قويۇلۇپتۇ.جەدىۋەلدىكى سانلىق قىممەتلەر ئېنىق بولماي قاپتۇ.

ئىلىكتىر ماتۇر ئايلاندۇرۇلماي،ئوڭ ۋە تەتۈر ئايلاندۇرۇلۇپ سانلىق قىممەتلەر ئايرىم-ئايرىم خاتىرىلەنگەن.ئايلاندۇرۇلمىغىنىنىڭ  يەر شارىنىڭ ئايلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ  تەسىرىدىن كېلىپ چىققان ئېغىشى 2.7سانتىمىتىر.ئوڭ ئايلاندۇرۇلغاندىكى قىممەت:4.7سانتىمىتىر.تەتۆر ئايلاندۇرۇلغاندىكى ئېغىش قىممىتى:6.1سانتىمىتىر.گېزىتتە ئېلان قىلىنغان جەدىۋەلدىكى قىممەتلەر مۇشۇلار.





v—سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشى.
F - ئېغىش يۆنىلىشى.

_________________
پايدىلىنىش:

ئايلىنىۋاتقان بىر جىسىمنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى ،بۇ جىسىمنىڭ ئۇچۇش(سىزىقلىق)تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى بىلەن ئۈسىتمۇ-ئۈسىت چۈشمىگەندە(不重合时)،ئايلىنىۋاتقان بۇلۇڭلۇق تىزلىك ۋىكتۇرى ۋە سىزىقلىق تىزلىك ۋىكتۇرىدىن شەكىللەنگەن تەكشىلىكتە بىر ۋىرتىكال كۈچ پەيدا بولىدۇ.بۇ ۋىرتىكال كۈچنىڭ تەسىرىدىن جىسىملارنىڭ سىزىقلىق تىرايىكتورىيىسىدە ئېغىش يۇز بېرىدىغان ھادىسە ماگنوس ئىففىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
بايقىشىمچە،ماگنوس ئىففىكىتىنىڭ يۇقۇرقىچە شەرھى بىلەن 29-تىئورما مەزمۇنى ئوتتۇرىسىدا پىرىنسىپال پەرىق يوق ئىكەن.ھالبۇكى ماگنوس ئەپەندىم بۇ ئىففىكىتنى ئاقارجىسىملار مىخانىكىسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىزاھلاپتۇ.مۇبادا ماگنوس ئەپەندىم بۇ ئىففىكىتنى ھەقىقى بوشلۇققا كېڭەيتىۋەتكەن بولسا مىنىڭ 29-تىئورمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمغا ھاجەت ۋە پۇرسەت قالمىغان بولار ئېكەن.ئېھتىمال بۇ تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان كىچىككىنە پۇرسىتى بولسا كېرەك.
«ماگنوس ئىففىكىتى»گە ئالاقىدار  تەڭلىمىدە  بىر Sئەزا بولۇپ،ئۇ،جىسىم يۆزىدىكى ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچ كويفىنىستىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا شۇكى،29-تىئورما بۇيىچە ئۈزى ئايلاندۇرۆلۆپ تىپىلگەن بىكخامچە توپ ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ(ۋاكۇئومدىمۇ) ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ يايسىمان ئاغىدۇ.ئېغىشنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسى توپنىڭ پىقىراش تىزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

http://www.kayinat.com/bbs/forum ... 24483&extra=&page=1

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-2 21:23:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

一个半球形的类型在1846发明的约翰托马斯罗姆尼鲁滨孙杯式风速计




يۇقۇرقى رەسىمدىكىدەك ئانېمومىتىر(شامال تېزلىكىنى ئۈلچەش ئەسۋابى)1846-يىلى كەشىپ قىلىنىپتۇ.تا ھازىرغىچە بۇنداق بىرەرئەسۋاپ بىلەن يايسىمان توپلارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى شامالنىڭ تېزلىك پەرقىنى ئۆلچىگەنلىككە ئائىت بىرەر ئۇچۇرنى تاپالمىدىم.ماگىنوس ئىففكىتى تونۇشتۇرۇلغان مەن ئۇچراتقان بارلىق يازمىلاردىمۇ بۇنداق تەجىربە ياكى ئۆلچەشنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىغىغا ئالاقىدار ئۇچۇر يوق.نىيوتۇن زامانىسىدا بۇنداق تەجىربىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى تېخىمۇ پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ.ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن ئىشلەپ كۆرگەن بالىلار ئويۇنچۇغى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان قوش پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسى يايسىمان توپلارغا ئالاقىدار ھەم تۇنجى ھەم ئەڭ ئاددى تەجىربىدەك قىلىدۇ.
كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،ھازىرغىچە ماگنۇس ئىففىكىتى يايسىمان توپلارنى تەجىربە ئاساسى بولمىغان بىر ئىدىيە شەكلىدىلا چۈشەندۆرۈپ كەلگەن.ھالبۇكى،پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسى بۇنداق كىلاسسىك چۈشەندۆرۈشنىڭ خاتالىغىنى ئىسپاتلاپ قويدى.

ۋاقتى: 2015-7-2 23:18:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىق ئاكا ياخشىمۇسىز،سىزگە راس گەپنى قىلسام بۇ مۇنبەردە سىزنىڭ تەتقىقاتلىرىڭىزنى چۈشىنىدىغان ئادەم يوق دىيەرلىك،خالىسىڭىز تۇرپان شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا پىراپىسورىغۇ دەيمەن،ئىشقىلىپ بەك يۇقىرى ئۇنۋانى بار بىر ئوقۇتقۇچى بار،ئىسمى ياسىن،فىزىكا ئۆتىدۇ،سىز دائىم ئېتىشىدىغان بېكخام تەپكەن توپ دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئېتىشىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر ئالاقىلىشىپ بېقىڭ،مەن تىلفۇن نۇمۇرىنى ئىزدەپ باقاي

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-5 05:51:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆرىخۇمار يوللىغان ۋاقتى  2015-7-2 23:18
قاسىم سىدىق ئاكا ياخشىمۇسىز،سىزگە راس گەپنى قىلسام بۇ  ...

رەھمەت.
ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ پىراپىسوربولامدىكەن؟.بۇ جەلىپ قىلارلىق ئۇچۇركەن.
بولىدۇ،تېلېفۇنىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-11 14:23:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاۋانىڭ بىسىمى بىسىمغا ئۇچرىغۇچى يۆزنىڭ چوڭ -كىچىكلىگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
شارسىمان جىسىملاردا (مەسىلەن توپ)بۇنداق بىسىمنى بىر قەدەر كەڭ يۆزگە چۈشۆدۇ شۇڭا،ئىككى تەرەپتىكى يۆزگە چۈشىدىغان بىسىم پەرقى يېتەرلىك چوڭ بولىدۇ،دەپ قارىۋالساقمۇ،لىكىن قېلىنلىغى سانتىمىرغا ھەتتا بىرقانچە مىللىمىتىرغا يەتمەيدىغان ئايلىنىۋاتقان دېسكىسىمان جىسىملارنىڭ ئېغىشىغا يېتەرلىك بولىدۇدەپ قاراشنىڭ ھېچقانچە ئاساسى يوق.سىز مانا مۇشۇنداق قېلىنلىغى بىر مىللىمىتىر كېلىدىغان بىر دېسكىنىڭ مەركىزىدىن بىر ئوق ئۆتكۈزۈپ سىناپ باقسىڭىزيەنىلا 29-تېئورېمىچە ئېغىشقا ئىرىشىسىز.ھالبۇكى،يايسىمان توپلارنىڭ كىلاسسىك چۈشەندۆرۆشىنى توغرا دەپ قارىۋالغان تەقدىردىمۇ،بۇنداق كىچىك يۆزگە چۈشكەن بىسىم پەرقى ئارقىلىق بۇنداق ئېغىشنى بىرنوللى قانۇنىنى قوللۇنۇپ ئەسلا چۈشەندۆرگىلى بولمايدۇ.


气压_百度百科


压力_百度百科



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-11 14:23:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەگلەك نىمە ئۈچۈن ئۇچىدۇ؟يىتەرلىك ھاۋا ياكى شامال بىسىمى يىتەرلىك كەڭ يۆزگە چۈشۈش شەرتى ئاستىدىلا ئۇچالايدۇ.مۇبادا بىز لەگلەكنىڭ قىرىنى شامال يۆنىلىشىگە توغۇرلاپ ئۇچۇرماقچى بولساق بۇ تولىمۇ ئەخمىقانە تىرىشچانلىق بولۇپ قالىدۇ.
خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش يايسىمان توپلار شارسىمان جىسىم بولغانلىغى،ئۇلاردا بىرنوللى قانۇنىنى تەدبىقلىغىدەك يۆز بولغانلىغى ئۈچۈنلا مانا مۇشۇ شەرىتتىن پايدىلىنىپ بۇ قانۇننى بۇنداق توپلارغا خاتا ھالدا تەدبىقلاپ كەلدۇق.مۇنداق پەرەز قىلىپ كۆرەيلى:توپنىڭ ھەجىمىنى ئۆزگەرىتمەي شەكلىنى ئۆزگەرتىپ بىر دېسكىغا ئايلاندۇرايلى،مانا مۇشۇنداق دېسكىسىمان توپنى بېكھام يەنىلا تېخنىكىسىنى ئىشقا سېلىپ تەپسە سىزىقلىق ئىلگىرلەش جەريانىدا ئوخشاشلا يايسىمان دېسكا بولۇپ قالىدۇ.ھالبۇكى ،بۇ دېسكىنىڭ نېپىز گىرۋەكلىرىگە چۈشكەن ھاۋانىڭ بىسىم پەرقىدىن بۇنداق توپنىڭ دىنامىكىلىق سەۋەبىنى ئەسلا تاپالمايمىز.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش