سېغىنىش
پارچىغىنا بۇلۇت ،
چەكسىز ئاسمان،
ئېدىر ئارقىسىدىكى يالغۇز ئاياق يول.
بارلىق تەشۋىشلەرنى ئۇنۇتۇپ شۇتاپ،
كەتكۈم كېلەر يېنىڭغا ئۇدۇل.
قىسمەت مەيىن ئىچتىم ئاچچىق ۋە قىرتاق،
تۇيدۇم ئېھتىراسنىڭ ساماۋىي كۈچىن.
دۇنيادا ئادىمىزات ياشىماس ئاخىر،
پەقەت ئىرادىسىنى سىنىماق ئۈچۈن.
پارچىغىنا بۇلۇت،
چەكسىز ئاسمان،
ئېدىر ئارقىسىدىكى يالغۇز ئاياق يول.
بارچە تەشۋىشلەرنى ئۇنۇتۇپ شۇ دەم،
قايتالىسام ئىدى يېنىڭغا ئۇدۇل.
ئانام ۋاپاتىغا
ماكاندا لاماكانسەن،ئەمدى قايدىن ئىزلىگەيدۇرمەن،
پىغانىمنى كىمگە ئېيتىپ ،كىمگە سەن ھەققىدە سۆزلىگەيدۇرمەن.
بىراۋلار ماتىمىدە ئاھۇ پەرياد ئەيلىگەن ئىدىم،
سېنىڭ ئۈچۈن ئەي غېرىبىم ئىچ-ئىچىمدىن بۇزلىغايدۇرمەن.
|