يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: Berqi

ئابدۇللا ئارىپوپنىڭ يېڭى ئۇچراتقان شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 03:50:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى ئۇچراتقۇچە
    ئابدۇللا ئارىپوۋ

قاي پۇرسەت مەن سىزنى كۆردۈم بىنىگاھ،
ئەمدى زەررە ھىجران دىلىمنى غەشلەر.
نەقەدەر ياراشقان ئۆزىڭىزگە،ئاھ
دەرتلىك تەبەسسۇم،مەيۈس قاراشلار.

ھىچكىمنى ھەيرەتكە سالماس ھىچقاچان،
مېنىڭ يېنىڭىزدا يوقۇم يا بارىم.
يا پەلەك شۇنچى يىل يۈرۈپتىمەن سەرسان،
سىزنى ئۇچراتقۇچە ئەركە دىلبىرىم...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 04:11:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر
ئابدۇللا ئارىپوۋ

ئېچىنما شائىرغا خورلىقى ئۈچۈن،
ياكى پارچە نانغا زارلىقى ئۈچۈن.
بىلىپ قوي ئەسلىدە ياشايدۇ شائىر،
دۇنيادا مۇھەببەت بارلىقى ئۈچۈن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 04:14:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامۇ دەرياغا

  ئابدۇللا ئارىپوۋ

كىملىكىمنى بىلەر ئىدىم ئازراق،
بىلەر ئىدىم سۇيۇقلىقىمنى.
ئامۇ دەريانى كۆرگەندە بىراق،
بىلىپ قالدىم بۈيۈكلىكىمنى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 04:26:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھانكەشتە
     ئابدۇللا ئارىپوۋ
بىر كۈن سورىدىلەر جاھانكەشتىدىن،
ئېيتقىن بىر يۈرەككە ئالەم سىققايمۇ؟
ياكى يوقمۇ سەندە تۇرار جاي ۋەتەن،
قاڭقىپ يۈرمەكلىكتىن باشقا مۈڭگۈز چىققايمۇ؟

ئۇ دىدىم تاقىتىم يوقتۇر پىراققا،
مەن ئەسلى مۇھەببەت ئۈچۈن يارايمەن.
پەقەت گاھى گاھى كېتىپ يىراققا،
يۇرتنى دەس كۆتۈرۈپ تويۇپ قارايمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 04:30:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا دۇئاسى
   ئابدۇللا ئارىپوۋ

ئوغلۇم سورىماسمەن سەندىن مال-دۇنيا،
ئۆي ھەم سېلىپ بەرمە مەيلى ئالامەت.
مەيلى كۆزلىرىمگە بولمىغىن زىيا،
يېنىمدا يۈرسەڭ بەس ساقۇ سالامەت.

مەيلى كۆتۈرمىگىن مېنى يەلكەڭدە،
قالقان ھەم بولمىغىن ياغسا مالامەت.
بىر كۈن ياستۇققا باشىم تەككەندە،
يېنىمدا تۇرساڭ بەس ساقۇ سالامەت.

ۋاقتى: 2016-2-14 19:04:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئېچىنما شائىرغا خورلىقى ئۈچۈن،
ياكى پارچە نانغا زارلىقى ئۈچۈن.
بىلىپ قوي ئەسلىدە ياشايدۇ شائىر،
دۇنيادا مۇھەببەت بارلىقى ئۈچۈن.»
بۇ شېئىر ماڭا زور ئىلھام ئاتا قىلدى. تېما ئىگىسىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش