كۆرۈش: 1617|ئىنكاس: 22

بەگيار(ئىزگۈگە): بوۋاي ۋە ئۇنىڭ سېرىق مۈشۈكى (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا» تەۋسىيە

بوۋاي ۋە ئۇنىڭ سېرىق مۈشۈكى

(ھېكايە)

تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار

1

    ئۇ قەھرىماندەك يالغۇز ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار يالغۇزلۇقىغا كۆنۈپمۇ قالغان ئىدى. چۈنكى ئۇ ئاشۇ سېرىق مۈشۈكى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى ھېچقا چان يالغۇزدەك ھېس قىلمايتتى. ئۇنىڭ مۈشۈكى يوق چاغلاردىكى ياشلىقىمۇ خۇددى قەھرىمانلارنىڭكىدەك ئاجايىپ سەلتەنەتلىك ئۆتكەن. ئۇ چاغلاردا ئۇ ئۇستا تۆمۈرچى ئىدى، دۈشەنبە بازارنىڭ دوقمۇشىدىكى ئۇستىسىدىن قالغان تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ئۇنىڭ داڭقىنى يىراق-يېقىنغا تاراتقان ئىدى. مۇشۇ كىچىككىنە دۇكاندا كېچە-كۈندۈز ئۇچقۇن چاچرىتىپ،ئۆزى يالغۇز ئىشلەيدىغان جىبىلئاخۇن تۆمۈر چىلىكتىن ئىبارەت ئەقىل، دىت، پەم-پاراسەت ۋە خوراپ تۈگىمەيدىغان،مەڭگۈ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان جىسمانىي كۈچ-قۇۋەت بولمىسا بولما يدىغان بۇ ھۈنەرنىڭ نەقەدەر ھالال ۋە نەقەدەر جاپالىق بولىشىغا قارىماي، كىشىلەرگە خۇددى قوشقا يېڭىدىن ئۈگىتىلگەن چىشقېرىتما بوقىنى ئەسلىتەتتى. ئۇ بويى ئىگىز، قوللىرى يۇغان، كالپۇكلىرى قېلىن، يەلكىسى كەڭ، خۇددى قەھرىمانغا ئوخشايدىغان پالۋان سۈپەت ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ ئالىي كوپراتسىيە خۇددى مۇغا تېشىۋەتكەن دامبىدىن ئېتىلىپ چىققان لاي سۇنىڭ كۈپىكىدەك ئۆزلىكىدىن تار قىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاشۇ بىر چاغلار دىكى«تۆمۈر-پۇلات تاۋلاش»ھەركىتى مەزگىلىدە قۇرۇلغان كوللىكتىپ ئۇستىخا نىدىن قولىغا تەگكەن تۆمۈرچىلىك ئەسۋاپلىرى بىلەن ئېچىۋالغان مۇشۇ كىچىككىنە دۇكىنىدا، ئۆزى يالغۇز تۆمۈرچىلىك ھۈنىرىنى داۋاملاشتۇرۋاتقان ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئۇ، مۇشۇ تام-تورۇسلىرى ئىسلىشىپ قارىداپ كەتكەن نىمقاراڭغۇ دۇكاندا سوققان كەتمەن، ئورغاق، ئۇتۇغۇچ، پالتا، كەكە، ھەتتا قوي قىرقىيدىغان قايچا ۋە ئات-ئېشەكلەرنىڭ تاقىلىرى يۇرتنىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك تونۇش ھەم داڭلىق ئىدى. ھەتتا قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قىشتا قومۇش ئورۇپ، يازدا بورا توقۇپ جان باقىدىغانلارمۇ، مىنەپتە بازاردىكى تۆمۈر ئەسۋاپلارنى ساتىدىغان بازارچىلارنىڭ ئالدىدىن جىبىلئاخۇن ئۇستامنىڭ ئۇزۇن دەستىلىك ئورغاقلىرىنى ئىزدەپ-سوراپ سېتىۋېلىشاتتى. دېمىسىمۇ، ئۇ تۆمۈر بىلەن قۇيۇچنى پەرق ئېتىشنى، قۇيۇچى يىتەرلىك بولغان ياخشى تۆمۈرنى قانداق تاۋلاشنى، قانداق چاغدا سوقۇپ شەكىلگە كىرگۈزۈپ، قاچان، قانداق چاغدا، قانداق سۇغۇرۇشنى ئوبدان بىلەتتى. شۇنداق، ئۇنىڭ ئاشۇ كەمسۆز ئۇستىسىدىن كۆڭۈل قويۇپ ئۈگىنىۋالغان سىرلىق ھۆنىرىنىڭ بىرى، دەل مۇشۇ سۇغۇرۇش ئىدى. ئۇ لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان ياغاچ كۆمۈرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ، قىپقىزىل تاۋلىنىپ، چۆپتەك يۇمشىغان تۆمۈرنى ئانچە كۆپ كۈچ سەرىپ قىلماي، بولقىنىڭ ئېغىرلىقىدىن پايدىلىنىپ، يىنىك، تېز سوقۇپ چىققاندىن كېيىن، دۇكاننىڭ بۇلۇڭىدىكى ئېغىزى پۇچۇق كۈپكە قاچىلانغان تۇزلۇق سۇغا سېلىپ بىراقلا سۇغار ماستىن، قىپقىزىل تۆمۈرنى سۇغا بىر چۆكۈرۈپ، بىر ئېلىپ، ئاستا-ئاستا، ئاز-ئازدىن قاندۇرۇپ سۇغۇراتتى. شۇڭا ئۇ سوققان كەتمەن،ئورغاقلارنىڭ بىسى ئاسان گاللىشىپ قالمايتتى، توڭ چاپسىمۇ سۇنۇپ كەتمەيتتى. بەزى بىر مىجەزى زىل، زىرىپ چۆپقەتلىرىنىڭ ئۆتۈنۈش، ئىلتىماسى بىلەن تەڭلىككە چىدىماي سوقۇپ بېرىدىغان قىڭراق، پىچاقلىرىمۇ شۇنداق مۇستەھكەم ۋە ئۆتكۈر بولاتتى. ئەمما ئۇ مۇشۇنداق دىلخاھ، ئىنچىكە،زىل ئادەم بولغىنى ئۈچۈنمىكىن، پەقەتلا شاگىرد قۇبۇل قىلىپ باقمىدى. ئۇ كىشىلەر بىلەنمۇ ئانچە كۆپ گەپلەشمەيتتى، ئەتىگەن-كەچتىن باشقا چاغلاردا دۇكاندىن پەقەت چىقمايتتى، تىنماي ئىشلە يتتى. ئۇ ھەتتا بىرەر قېتىم ئۆيلىنىپمۇ باقمىغان. گەرچە، ئۇ مۇشۇ يۇرتنىڭ كاتتا ئۆتكەن كونا ئادەملىرىنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇنڭ بىرەر ئۇرۇق-تۇققان، يېقىن-يۇرۇقلىرىمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇ خۇددى بۇ يۇرتقا باشقا جايدىن كېلىپ قالغان مۇساپىردەك تەنھا، يىگانە ئادەم ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قەھرىمانغا ئوخشايدىغان تەرەپلىرى كۆپ ئىدى. راسىت، يالغۇز، يەككە-يىگانە ياشىيالىغان ئادەم قەھرىمان ئادەمدۇر.
    ئۇ ئاشۇ قۇيۇچ،كەتمەن، ئورغاق، كۆمۈر، ئوت يالقۇنى دېگەنلەردىن باشقىنى بىلمەيتتى.سودىدا كىشىلەر بىلەن تالاشمايتتى، چۆپقەتلىرى نېمە بەرسە شۇنى ئالاتتى. ئۇ پەقەت قار ياغقان قىش كۈنلىرىلا دۇكىنىنى بىر نەچچە كۈن تاقايتتى، ئىككى قۇزۇققا بىكىتىلگەن قۇم چاقنى مۆرىسىگە سېلىپ،نەلەرگىدۇر كېتەتتى، يىراق مەھەللىلەرگە بېرىپ كىشىلەرنىڭ پىچاق، قىڭراق، ئورغاق، قايچىلىرىنى چاقلاپ بېرىپ، يەنە قايتىپ كېلەتتى. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ يالغۇزلىقى ھەققىدە پەيدا بولغان مىش-مىش گەپلەرمۇ ئۆزلىكىدىن بېسىقىپ قالدى. چۈنكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈل، كەمسۆز، ئەمما راۋان، ئورۇنلۇق سۆزلەشلىرىدىن ئۇنى ئاددىي ئادەم ئەمەس، دەپ بىلىپ تەبىئيلا ھۆرمەت قىلاتتى.
    قەھرىمان ھاياتىنىڭ ئاخىرلىرى ياخشى بولمىغىنىدەك، ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا ئانچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدىغان مۇشۇ سېرىقتال كۈنلىرىمۇ ئانچە ئۇزاققا بارالمىدى. ئېتىزلاردا،تېرىشتىن تارتىپ ئورۇش-يىغىشقىچە ھەممىگە ئىشلەتكىلى بولىدىغان ماشىنىلار پەيدا بولدى. كەتمەن، ئورغاق، قايچىلارمۇ قايسىدۇر بىر يەرلەردىن ئېلىپ كېلىنىپ، ئازادە-يۇرۇق دۇكانلاردا سېتىلىدىغان بولدى. شۇڭا ئەمدى ئۇنىڭ ئانچە-مۇنچە پىچاق، قىڭراقلارنى چاقلاشتىن باشقا،تۆمۈرچىلىك دۇكىنىدا قىلغۇدەك ئىشى قالمىدى.
   ئۇ ئاخىرى دۇكىنىنى تاقاپ، تۆمۈرچىلىك ئەسۋاپلىرىنى مەھەللە چېتىدىكى ئۆيىنىڭ بۇلىڭىغا تاشلاپ قويدى،ئەمدى ئۇنىڭ ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى بارى-يوقى نەچچە تۈپ ئالما كۆچىتى تىكىلگەن كىچىككىنە بېغى ۋە بىرمۇ يېرىنىڭ تېرىم-تىكىم ئىشلىرىدىن بوشىغاندا، قۇلۇم-قوشنىلىرىنىڭ ئېغىر-يىنىك ئىشلىر ىغا قارىشىپ بېرىشتىن باشقا ئىشى قالمىدى. ئەمدى ئۇ تېخىمۇ يالغۇز قالغان ئىدى.
   بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى قشتىن باشلاپ، ئۇ يول بويلىرىدىكى ئەخلەت دۆۋىلىرىدىن، كىشلەرنىڭ ئۆيلىرى ئەتراپىدىكى سۈپرۈندىلىكلەردىن ئەسكى- تۈسكىلەرنى يىغىپ، كىملەرگىدۇر ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر ئىشنى تېپىۋالدى. مۇشۇ ئىشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خېلى چوڭ، كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى. بۇ ئىشنى بىر يىلنىڭ ھەرقانداق پەسلىدە قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا قارىماي، ئۇ مۇشۇ ئىشى ئۈچۈن ھېچكىمدىن نۇمۇس قىلمايتتى.
    قارا قىشتا،قار ياغقان كۈنلىرى سوغۇق ئانچە قاتتىق بولمايدۇ. يامان بولىد ىغىنى قار توختىغاندىن كېيىنكى شىۋىرغانلىق سوغۇق، بۇنداق سوغۇقتا كىشى تۈكۈرسە ئېغىزىدىن تورۇكلاپ مۇز چۈشىدۇ، دەممۇ-دەم يالاپ تۇرمىسا كالپۇكلار چاپلىشىپ قالىدۇ، بۇنداق سوغۇق سۆڭەكتىن ئۆتۈپ،يىلىكنى توڭلىتىدۇ. ئۇ ئاشۇ سېرىق ئاسلاننى تېپىۋالغان كۈنىمۇ دەل مۇشۇنداق تاڭ-تاڭ سوغۇق بولغان ئىدى. ئۇ چوقىسى تىشىلىپ يۇڭ-چۇپۇرلىرى چىقىپ قالغان، قىرىلىپ كەتكەن گىرۋە كلىرى پاقىراپ تۇرىدىغان كونا تەلپىكىنى باستۇرۇپ كىيىپ،پەشلىرى خۇددى مەغلۇپ بولغان قوشۇننىڭ بايرىقىدەك لەپىلدەپ تۇرىدىغان جۇۋىسىنىڭ ئۈستىد ىن ئىنچىكە چىگە شوينا بىلەن باغلاپ، تۇمشۇقىنى ياقىسىغا تىقىپ، مەھەللىنىڭ چېتىدىكى بىر سۈپرۈندىلىكتىن نەرسە-كېرەك تېرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تەلپىكى يىرتىق، جۇۋىسىنىڭ نەچچە يېرىگە ياماق سېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن پۇتىغا كىيىۋالغان پىيمىسى پۇختا ھەم ئىسسىق ئىدى. ئۇ ئەخلەت دۆۋىسىنى ئېرىنمەي ئاختۇرۇپ، يارىغۇدەك نەرسىلەرنى تېرىۋالغاندىن كېيىن، خالتىسىنى بوغۇپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى. دەل شۇچاغدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا خۇددى پىچاق چاقلايدىغان قۇم چاقنىڭ چىرىلدىشىدەك ئىنچىكە، خىقىراق بىر ئاۋاز ئاڭلانغا ندەك قىلدى،كېيىن مۈشۈك ئاسلىنىنىڭ يەر تېگىدىن چىقىۋاتقاندەك ئاجىز، زەئىپ مىياڭلىشى بوش، ئەمما ئېنىق ئاڭلاندى. ئۇ جۇۋىسىنىڭ ياقىسىدىن تۇمشۇ قىنى چىقىرىپ، بوينىنى سوزۇپ ئەخلەت دۆۋىسىنىڭ قار ئېرىگەن ئويمان يېرىگە قارىدى، ئەخلەت ئارىسىدا تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا نەچچە كۈن بولغاندەك قىلىدىغان ساپسېرىق بىر مۈشۈك ئاسلىنى كىرپىدەك تۈگۈلۈپ يېتىپ، بوش مىياڭلاۋاتاتتى.
شۇ كۈنى ئۇ،ئاشۇ ساپسېرىق مۈشۈك ئاسلىنىنى جۇۋىسىنىڭ ئىچىگە، ئىسسىق قوينىغا سېلىپ، ئۆيگە ئېلىپ كەلدى. مورا ئۇچاققا ئوت قالاپ، جۇۋىسىنى ئوچا قنىڭ يېنىغا سېلىپ ئاسلاننى ئۈستىگە ياتقۇزدى، ئۆي ئاستا-ئاستا ئىسسىدى، ئاسلان بىرەر ئاش پىشىمغىچە خىرىلداپ يېتىپ ئۇخلىدى. كېيىن بوش مىياڭلاپ ئويغاندى ۋە تېخى تولۇق سۈزۈلۈپ كېتەلمىگەن ئەلەس كۆزلىرىنى تەسلىكتە چىمىلدىتىپ ئېچىپ، ئاۋال ئۇچاقتىكى ئوت يالقۇنىغا، ئاندىن ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قارىدى. يىرتىلىپ كەتكەن قەغەز پارچىسىدەك لىپىلداپ تۇرغان قېنىق ھالرەڭ تىلىنى تەستە چىقىرىپ،يۇمران تۈكلۈك نىپىز كالپۇكلىرىنى يالىدى. ئاسلانغا قاراپ ئۇنىڭ ئىچى سېرىلىپ، بۇرنىنىڭ ئۇچچى ئېچىشقاندەك بولدى، ئاندىن نېمىدۇر ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ،ئىنجىقلاپ،خېلى تەستە ئورنىدىن تۇردى- دە،تەكچىدىكى سېۋەتتىن بىر پارچە نان ئېلىپ،ئوچاقنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئوبدان جايلىشىپ ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن، ناننىڭ يۇمشاق يېرىدىن ئۇششاق ئۇۋۇتۇپ، ئالقىنىغا قويۇپ ئاسلاننىڭ تۇمشۇقىغا ئېلىپ باردى. ئاسلان ئاجىز بويۇنلىرىنى سوزۇپ نان ئۇۋاقلىرىنى پۇرىغاندەك قىلدى، باراڭدا ئېسىلىپ تۇرغان قاپاق نۇگايدەك گىلدىڭلاپ تۇرغان مۇشتۇمچىلىك بېشىنى بۇراپ، ئوچاقتىكى ئوتقا قاراپ قويۇپ، ناننى يەنە بىر قېتىم پۇراپ زەئىپ ئاۋازدا بوش ئىڭراپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى، ئاسلاننىڭ كۆزلىردە ئەكىس ئەتكەن يىڭنىنىڭ ئۇچىچىلىك ئۇچقۇن خۇددى قەھرىماننىڭ كۆزلىرىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمىد نۇرلىرىدەك ئاجىز، ئەمما قەيسەرلىك بىلەن پىلىلدايتتى. ئۇنىڭ سارغىيىپ شالاڭشىپ قالغان قاشلىرى كۆتۈرۈلۈپ،خۇددى ئالدىدىكى ئاشۇ ئاسلاننىڭكىدەك خىرەلىشىپ قالغان نۇرسىز كۆزلىرى يۇغان ئېچىلدى، ئۇ قويۇق ساقال-بۇرۇتلىرى ئارىسىدىكى قېلىن كالپۇكلىرىنى ھىمىرىپ بوغۇزىدا خىرىلداپ كۈلدى، ئاندىن ئالقىنىدىكى نان ئۇۋاقلىرىنى كاپ ئېتىپ، چىشلىرىنىڭ يېرىمى قالغان كۇماك ئېغىزلىرىدا ئايلا ندۇرۇپ بىر ئاماللارنى قىلىپ يۇمشاق چايناپ، شۆلگەيلىرى بىلەن قوشۇپ ئالقىنىغا تۈكۈرۈپ،يەنە ئاسلاننىڭ تۇمشۇقىغا ئېلىپ باردى. بۇ قېتىم ئاسلان يەنە ئاۋالقىدىنمۇ زەئىپ ئاۋازدا مىياڭلاپ قويۇپ، قېنىق ھالرەڭلىك نېپىز تىلىنى چىقىرىپ چاينالغان نانغا بىر-ئىككى قېتىم تەككۈزدى-يۇ، لېكىن يىيەلمىدى. ئۇ ئاسلاننى قۇچىقىغا ئېلىپ، چاينالغان ناننى بارمىقىنىڭ ئۇچىدا ئىلىپ ئاسلاننىڭ ئېغىزىغا تىقتى.ئاسلان تۇنجى قېتىم بىر ئىلىم ئىسسىق ناننى يۇتتى. ئاندىن ئاستا-ئاستا تېنىگە ماغدۇر كىرگەندەك بولۇپ، چاينالغان ناننىڭ ھەممىسىنى يەپ بولدى. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ كۆزىدىكى بايىقى يىڭنىنىڭ ئۇچىچىلىك نۇر زەررىچىسى بارا-بارا يوغىناپ،تېخىمۇ يارقىنلىشىپ قالغاندەك ئىدى.
    شۇ كېچىسى ئۇ ئاسلاننى قوينىغا سېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇخلىدى. قولتۇقىنىڭ ئاستىدىكى ئاسلاننىڭ بوش خىرىلدىشى ئۇنىڭغا كېچىچە خۇددى يېقىملىق بىر كۈيدەك ئاڭلىنىپ تۇردى.

2

    ئۇ قەھرىمانلاردەكلا يالغۇز ئىدى. ئۇ بۇ ئۇلۇغۋار يالغۇزلۇققا كۆنۈپ قالغاندەك، بۇ يالغۇزلۇق ئۇنىڭغا تۇغۇلىشىدىنلا ھەمراھتەك، مۇشۇ يالغۇزلۇق ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتىدەك قىلاتتى،لېكىن ئەمدى، ئۇ ئاۋۇ سېرىق مۈشۈكى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى يالغۇزدەك ھېس قىلمايتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ئەمدىكى كۈنلىرى مۈشۈكى يوق چاغدىكىدىن مەنىلىك، تېخى خېلى كۆڭۈللۈك بىلىنىپ، ئۆزىنى ئالدىراش ھەم خوشال ئۆتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. ئەسكى-تۈسكىلەرنى تېرىش ئۈچۈن نېرىقى مەھەللىلەرگە ئۆتكەن چاغلاردىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۆزىدەكلا يالغۇز، خۇددى باشقا ئۆيلەر ئارىسىدىن سىقىپ چىقىرۋېتىلگەندەك مەھەللىنىڭ ئەڭ چېتىگە، مەھەللىنىڭ شەرق تەرىپىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان چوڭقۇر، ئەمما سۈ يىنىڭ سۈزۈكلىكىدىن تېگىدىكى تاشلار كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىچىك ئېقىننىڭ بويىغا جايلاشقان ئۆزىدەكلا يالغۇز، تەنھا، يىگانە ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆز مەھەللىسىگە بارغاندىمۇ كۆڭلىدە، كۆڭلىدىلا ئەمەس، يۈرىكىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، پۇت، قوللىرىدا ئوخچىغان ئىش-ھەركەتلىرىدىمۇ بىرخىل جۇشقۇنلۇقنى، ئالدىرا شچىلىقنى سېزەتتى.ھەر ۋاقىت نېمىگىدۇر ئىنتىلگەندەك، ئۆزى تەشنا بولىۋاتقاندەك ئەمەس،بەلكى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۇلۇغ بىر تەقەززالىقنىڭ ئۆزىگە بولغان چەكسىز تەشنالىقىنى ھېس قىلغاندەك ئۆيى تەرەپكە تەلمۈرەتتى،ئۆيىگە قايتىشقا ھەر ۋاقىت ئالدىرايتتى. ئىش-ھەركەتلىر ىنى،ھەتتا تىنىقىنىمۇ توختۇتۇپ،ئاشۇ بىردىنبىر ھەمراھى بولغان سېرىق مۈشۈ كىنىڭ مىياڭلىشىدىكى يېقىملىقلىقنى تىڭشىماقچى بولغاندەك ئۆيى تەرەپكە قۇلاق سالاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ كونا چاپىنىنىڭ يېڭى بىلەن دەممۇدەم سۈرتۈپ تۇرسىمۇ،لېكىن خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى ئاپتاپتا قالغان كونا قېتىقتەك بۇژۇ لداپ، شورلۇق يەرنىڭ شورىدەك ئۆرلەپ چىقىدىغان سېرىق چاپاقلىق كۆزلىرىدە، خۇددى جەڭگە كەتكەن قەھرىمان ئوغلىنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىۋاتقا نلىقىنى ئاڭلاپ،تىك قىيا ئۈستىدە قەھرىمان ئوغلىنىڭ يولىغا قاراپ تۇرغان ئۇلۇغۋار ئاتىنىڭ كۆزلىرىدىكىدەك بىر خىل قانائەت، رازىمەنلىك، ئۆز-ئۆزىگە بولغان سۆيۈنۈش ۋە پەخىرلىنىش ئەكىس ئېتەتتى.
    ئۇ ھەركۈنى ئەتىگەن، نەچچە يېرى قاتمۇ-قات يامالغان كونا خالىتىسىنى قو لتۇقىغا قىسىپ، ئۆيدىن چىقىشقا تەمشەلگەندە، سېرىق مۈشۈك يەۋاتقان نەر سىسىنى تاشلاپ،خۇددى قاراقاتتەك يالتىراپ تۇرىدىغان يېقىملىق بۇرنى، ئەتراپىدىكى سېرىق تۈكلەر ئالتۇندەك پاقىراپ تۇرىدىغان ھالرەڭ كالپۇكلىرىنى يالاپ، چۈژگۈن ئوتنىڭ پۆپۈكىدەك يۇمشاق، قامچا گۈلنىڭ چېچىكىدەك توم ھەم ئۇزۇن قۇيرۇقىنى پىلتىڭلىتىپ،قىسقا-قىسقا مىياڭلىغىنىچە ئاللىقاچان ئىشىكتىن چىقىپ، ئىشىكتىن نەچچە قەدەم نېرىدىكى بوۋايدىنمۇ قېرى، لېكىن ھەر يىلى يازدا ھەممىدىن باراقسان كۆكلەپ، مىۋىلىرى ھەممىدىن كۆپ، سوختا، بودەك ھەم تاتلىق بولىدىغان قەدىمىي ئاق ئۈجمىنىڭ تۈۋىدە ئۇنى ساقلاپ تۇرغان بولاتتى. بوۋاي ھويلىسىز ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى قىيا ئوچۇق قويۇپ گۈس-گۈس دەسسەپ ئۆيدىن چىقاتتى، ئۈجمە تۈۋىدىن ئۆتەتتى، سېرىق مۈشۈك شۇھامان ئۇنىڭغا ئەگىشەتتى. بوۋاي توختىسا ئۇمۇ توختايتتى، ماڭسا يەنە ماڭاتتى. ئۇنىڭدىن بىردەممۇ ئايرىلغۇسى يوقتەك، مەڭگۈ مۇشۇنداق ئەگىشىدىغاندەك ئۇنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ ماڭاتتى. بوۋاي نەچچە قەدەم مېڭىپ توختاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ مۈشۈككە قارايتتى. سېرىق مۈشۈك شۇ ھامان توختاپ، قۇيرۇقىنى يان تەرەپتىن ئاستا سايپاپ ئەكىلىپ بېقىنىغا قىستۇرۇپ، قوڭىنى يەرگە قويۇپ، ئالدى ئىككى پۇتىنى تىك قىلىپ زوڭ ئولتۇراتتى. خۇددى نامازشام گۈلىنىڭ ياپرىقىدەك كىچىككىنە قولىقىنى دىڭ قىلىپ، بېشىنى دەم ئۇ ياققا، دەم بۇياققا ئىگىپ،پىروزىدەك دۈپدۈگلەك يېشىل كۆزلىرىنى بوۋايغا ھەيرانلىق بىلەن تىكەتتى. بوۋاينىڭ چاپاق ئۆرلەپ تۇرىدىغان كۆزلىرى ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالاتتى. سېرىق مۈشۈكنىڭ يېشىل كۆزلىرىدە ھەيرانلىق، بوۋاينىڭ چاپاق ئۆرلەپ تۇرىدىغان گۈنسىز كۆزلىرىدە مېھىر، مەنمۇنلۇق ۋە سۆيۈنۈش بالقىيتتى. ئەمما شۇ ھامان بوۋاينىڭ يۈزلىرى جىددىي تۈسكە كىرەتتى، قاردەك ئاقارغان ئاپئاق قاشلىرنى ھىمىرىپ، قاپىقىنى زورىغا تۈرۈپ، خۇددى قاشلىرىغا ئوخشاشلا ئاپئاق ئاقارغان بومبۇر ساقاللىرىنى تىترىتىپ؛«قايت، ئۆيگە قايت! سەن ئۆيدە قېلىشىڭ كېرەك!»،دەيتتى قەھرىمان جەڭچىسىگە بۇيرۇق قىلىۋاتقان سەركەردىدەك كەسكىن تەرزدە. سېرىق مۈشۈك لىككىدە ئورنىدىن تۇراتتى، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئوڭ-سولغا بىرنەچچە قەدەم ماڭاتتى،«ياق!»دېگەندەك بېشىنى تېز-تېز سىلكىپ، قىپقىزىل تىللىرى بىلەن تۇمشۇقىنى يالاپ، سوزۇپ مىياڭلايتتى. بوۋاي ئاپئاق ساقا للىرىنى تىترىتىپ، بۇغۇزىدا خىرىلداپ كۈلەتتى. بېشىدىكى سالۋا تەلپىكىنى قولىغا ئېلىپ قاتتىق-قاتتىق سىلكىپ قويۇپ يەنە بېشىغا كىيەتتى؛«بولدى قىل سېرىق مۈشۈك»،دەيتتى خۇددى بالىسىغا نەسىھەت قىلىۋاتقان ئاتىدەك ئەستايدىللىق بىلەن؛«قارا،سېنى سېرىق مۈشۈك دەپ ئاتىسام بولامدۇ-بولمامدۇ؟بىلمەيمەن،سېنىڭ باشقا ئىسمىڭ بولمىسا،سېرىق مۈشۈك دېسەم نېمە بوپتۇ؟! سېنى ئاسلان چېغىڭدىن باشلاپ شۇنداق دەپ كېلىۋاتىمەنغۇ، سەن مېنى نېمە دەپ ئاتايدىغانسەن سېرىق مۈشۈك، تۆمۈرچى دەمسەن،تاشلاندۇق بوۋاي دەمسەن، جاھىل قېرى دەمسەن، نېمە دېسەڭ مەيلى، مەن سېنى نېمە دەي، سەن مېنى نېمە دېمە بىز ھامان بىللە ياشاۋاتىمىز، بەلكىم ئاداققىچە بىللە ياشارمىز،بەلكىم مەن سەندىن بۇرۇن بۇ دۇنيادىن كېتەرمەن... بولدى قىل،بېشىڭنى سىلكىۋەرمە،ئۇنداق غېرىپ مىياڭلىما. بولدى،بۇلارنى دېيىشىپ نېمە قىلىمىز، بەربىر سەن ئۆيدە قېلىشىڭ كېرەك. مانا ياز تۈگەي دېدى، ئۇزاققا قالماي قىشمۇ كېلىدۇ،سەن ھازىر مەن بىلەن بىللە بارساڭ قىشتىمۇ بارغۇڭ كېلىدۇ، ئۇ چاغدا، ھە... بىلەمسەن سېرىق مۈشۈك، ئۇچاغدا سېنى سوغۇققا توڭۇپ قالىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن. لېكىن ئۆيدىكى چاشقانلارنى دېمىگە ندىمۇ، مەن ئەسكى-تۈسكى تېرىدىغان يالاق، سۈپرۈندۈلىك ۋە ئەخلەت دۆۋىلىرى ئەتراپىدا ھامان ئىتلار بولىدۇ. قانجۇق ئىت، ئەركەك ئىت، لالما ئىت، پىستە كۈچۈك...ھە،سېنىڭ ئىككى دۇنيالىق دۈشمەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى بار، مەن يىللاردىن بېرى ئۇلار بىلەن چىشىمنى چىشلەپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ چىقىشىپ،بەرداشلىق بېرىپ ئەپ ئۆتۈپ كېلىۋاتىمەن، سەن نېمىگە ئارلىشاتتىڭ، سېنىڭ قولۇڭدىن نېمە كېلىدۇ؟ ئۆزۈڭ ھالاك بولىسەن، ھېچبولمىسا بىرمۇنچە تالاپەت چېكىۋالىسەن. مەندىن رەنجىۋاتامسەن،مەن كىمدىن رەنجىيمەن؟ قايت، ئۆيگە كىرىپ ئوچاقنىڭ يېنىدىكى جايىڭدا ئاشۇ تۈگىمەس، ئۇلۇغ ئۇيقۇڭنى داۋاملاشتۇر! بېشىڭنى سىلكىمە سېرىق مۈشۈك، سېنى ھامان بىر كۈنى ئۆيگە سولاپ قويىمەن!...». بوۋاي تولا سۆزلەپ خېلىلا چارچاپ قالغانلىقتىن قوللىرى بوشىشىپ قولتۇقىدىكى خالتا يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇ ئىككى قولىنى ئىككى يانغا تاشلاپ، پەشلىرى قىرىلىپ يىرتىلغان ئۇزۇن چاپىنىنىڭ پەشلەرىنى كۆتۈر مەكچى بولغاندەك بارماقلىرىنى بوش مىدىرلىتىپ، قىمىر قىلماي، خۇددى پىيازلىققا تىكلەنگەن قارانچۇقتەك ئۆز سايىسىغا ھەمرا بولۇپ جىممىدە تۇرۇپ قالدى.
    سېرىق مۈشۈك قۇيرۇقى بىلەن يەرنى سۈپۈرۈپ، قەغەزدەك نېپىز تىللىرى بىلەن تۇقمۇشقىنى بىر نەچچە قېتىم يالاپ، تېخىمۇ بوش، ئاڭلىنار-ئاڭلانماس بوغۇق ئاۋازدا مىياڭلاپ قويۇپ، كەسكىنلىك بىلەن كەينىگە ئۆرۈلدى-دە، ئاۋال يورغىلاپ، ئاندىن سوكۇلداپ يۈگۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇ ئۆيگە كىرىپ ئىسسىقى تېخى كەتمىگەن شور ئوچاقنىڭ بېقىنىغا چىقىپ ياتتى ۋە قىيا ئوچۇق تۇرغان ئىشىكنىڭ كۈن شولىسى شىددەت بىلەن كىرىۋاتقان يۇچۇقىدىن، ئىشىك ئالدىدىكى يالغۇز ئاياق يولدا مۈكچەيگەن ھالدا ئاستا مېڭىپ كېتىۋتقان بوۋايغا قارىدى. بوۋاي بولسا، نېمىشقىدۇر ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، مەھەللە ئىچىگە قاراپ ماڭدى،ئۇ كۈننىڭ ئاستا-ئاستا كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ، قويۇق دەل- دەرەخلەر ھەممە نېمىنى يۇشۇرۇپ تۇرغان مەھەللىنىڭ قوينىغا سىڭىپ كەتتى.

3

    ئۇ ئۆزىنىڭ قەھرىمانلاردەك يالغۇزلۇقىنى پەقەت ئاشۇ سېرىق مۈشۈكى بىلەن مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرىدىغان ئاخشاملاردىلا ئۇنتۇيتتى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ كۈنلىرىنىڭ ئەڭ كۆڭۈللۈك دەملىرى مۇشۇنداق ئۇزۇن قىش ئاخشاملىرى بولساكېرەك، بەلكىم سېرىق مۈشۈك ئۈچۈنمۇ شۇنداقتۇ. ئۇ قىش كۈنلىرىمۇ ئاشۇ سېرىق مۈشۈكنى (ئۇ چاغدا ئۇ تېخى ئاسلان ئىدى) تۇنجى قېتىم ئۇچراتقان چاغدىكىدەك ئەسكى- تۈسكى يىغىشنى توختاتمايتتى. مەھەللىلەرنى ئارلاپ يۈرۈپ يول بويلىرىدا، مەھەللە دوقمۇ شلىرىدا دۆۋۈلىنىپ كېتىدىغان ئەخلەت، سۈپرۈندىلىكلەردىن تېرىپ، يىغقان نەر سىلىرىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ ئۇزاقتەك، ناھايتى يىراقتا قالغان قەدىمكى چاغلار دەك بىلىنىدىغان ياشلىق چاغلىرىدا ئۆزى تۆمۈرچىلىك قىلغان، ھازىرقى كۈندە خۇددى شەھەرگىلا ئوخشاپ قالغان بازاردىكى بىر تۇلخوتۇننىڭ ھويلىسىغا ئاپىرىپ ساتاتتى. ئۇ ھېلىقى تۇلخوتۇننىڭ گېپىنى ئۇقالمايدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئىما-ئىشارەت بىلەن سودىلىشاتتى. ئۇنىڭ ئۈ ستىگە بۇ ئەسكى-تۈسكى سودىسىدا باھا تالىشىشقا بولمايتتى،پەقەت ئاشۇ تۇلخو تۇن نەرسىلەرنى چاغلاپ بېقىپ قانچە پۇل بەرسە،شۇ ھېساپ بولاتتى. ئۇ شۇنىڭغا كۆنۈك ئىدى. ئۇ ئاشۇ ئەسكى-تۈسكىلەرنى ساتقان پۇللارغا قاراپ خوشال بولۇپمۇ كەتمەيتتى، نارازى بولۇپ قايغۇرۇپمۇ كەتمەيتتى. پەقەت ئەمدىلىكتە شەھەرگە ئوخشاپ قالغان بۇ بازارنىڭ بۇرۇنقىدەك تازا ھەم سۈزۈك ئەمەس ئاسمىنىغا قاراپ ئۇلۇغ-كىچىك تىناتتى-دە، ئاستا مېڭىپ ياندىكى كوچىغا بۇرۇلۇپ، ئۆزى ھەر كۈنى نان ئالىدىغان ناۋايدىن ئۆزى ۋە سېرىق مۈشۈكىگە يىتەرلىك نان ئېلىپ، يىراقتىكى مەھەللىنىڭ چېتىدە يالغۇزسىراپ تۇرىدىغان غېرىبانە ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرايتتى. ئۇنىڭغا ھەركۈنى نان ساتىدىغان ناۋاي ئۇنى تۆمۈرچىلىك قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىدىن تارتىپ تونۇمدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئۇزاق يىللاردىن بېرى نان ئېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈنمۇ،ئۇنىڭغا ئىللىق مۇئامىلە قىلاتتى، ئۇنىڭ نانلارنى خىللاپ،ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراپ،ئۇلىغا شور چاپلىشىپ قالمىغان، كۆيۈكى يوق، سۆلرەك پىشقان يۇمشاق نانلارنى تاللىۋېلىشىغا يول قوياتتى. ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭدىن قىسقا ئەھۋال سوراپ، چاخچاق قىلىپ قويغاندەكمۇ قىلاتتى. لېكىن ئۇ ناننىڭ پۇلىنى كەم قىلماي بېرىپ، ئۈندىمەي كېتىپ قالاتتى.
    ئىھ، ئادەم بەزىدە ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن ياكى ئۆز كۆڭلىدىكىنى بىلگۈسى، تارىخىنى،ئۆتمۈشىنى ۋاراقلىغۇسى كەلمەس. ئۇ ئۆزى بۇرۇن تۆمۈرچىلىك قىلغان كوچىغا پەقەتلا ئاياق باسمايتتى. گەرچە،ئۇنىڭ تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ھازىر يوق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ بازاردا، توغرىسى، بۇ دۇنيادا ئۇنداق بىر كوچا يوقتەك،ناھايتى بۇرۇنقى چاغلاردا ۋۇجۇدىدىن كۈچ- قۇۋەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياش ھەم قاۋۇل بىر يىگىت تۆمۈرچىلىك قىلغان ئۇنداق بىر كوچا ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغاندەك، ئۇ كوچىنى ئەسلەپمۇ قويمايتتى.
    سېرىق مۈشۈك قىش-ياز دېمەي،ھەركۈنى ئۇنى ھېلىقى قېرى ئۈجمىنىڭ تۈۋىدە تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلايتتى. يىراق-يىراقلاردا خۇددى بىر پارچە توما ندەك قارىيىپ كۆرۈنىدىغان مەھەللىگە قاراپ كۆزى تالغاندەك كۆزلىرىنى توختىماي چىمچىقلىتىپ، پات-پات ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈجمىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ياپراقلىرى تامامەن تۆكۈلۈپ چۈشكەن بولسىمۇ، شاخلىرى سوغۇق شامال بىلەن قەھرىمانلارچە تىركىشىپ ۋىش-ۋىش ئاۋاز چىقىرىپ، مەزمۇت تۇرغان ئۈجمىگە بېشىنى كۆتۈرۈپ بىردەم قاراپ، يەنە جايىغا كېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بوۋاينىڭ يولىغا قارايتتى. مۇشۇ يالغۇز ئۆينىڭ ئالدىدىن مەھەللە ئىچىگىچە سوزۇلغان يالغۇز ئاياق يولدىن ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمنىڭ كەلمە يدىغانلىقىنى بىلىدىغان سېرىق مۈشۈك، مەھەللە تەرەپتىن مۇشۇ يالغۇز ئاياق يولغا چۈشكەن بىرسىنىڭ مەھەللىنى ئوراپ تۇرغان تومان ئىچىدىن سوزۇلۇپ چىققا نلىقىنى ئىلغا قىلغان ھامان،ئىككىلەنمەستىن،خۇددى كىرچتىن ئۈزۈلگەن يا ئوقىدەك ئالغا قاراپ ئېتىلاتتى، ئۇ قىش سوغۇقىدىن توڭلىغان ئاچچىق شامالنى يېرىپ ئۇچقاندەك يۈگۈرگەن چاغدا قۇيرۇقى دۈمبىسى بىلەن تەڭلىشىپ، تايا قتەك تۈپتۈز بولۇپ قالاتتى، چۆچۈرىدەك كىچىككىنە قۇلاقلىرى گەجگىسىگە چاپلىشىپ، ياپيېشىل كۆزلىرى قىسىلىپ كېتەتتى...ئۇنىڭ ئالدىغا يىتىپ بارغاندا نەچچە قەدەم يىراقلىقتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن سەكرەپ، ئۇچۇپ، ھاۋادا خېلى ئۇزاق لەيلەپ بېرىپ ئۇنىڭ كەڭ ئېچىلغان قۇچاقلىرىغا چۈشەتتى. ئۇ ساقاللىرىنى تىترىتىپ خىرىلداپ كۈلۈپ، ئۇنى ئەسكى-تۈسكى يىغىدىغان خالتىغا ئورىۋالغان ئىسسىق نان بىلەن قوشۇپ چىڭ قۇچاقلاپ، ئۇنىڭ يۈزلىرىگە ساقاللىرىنى سۈركە يتتى،يەنە بىر قولى بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئېڭىكىنىڭ ئاستىنى، بويۇ نلىرىنى قاشلايتتى، سېرىق مۈشۈكنىڭ يېشىل كۆزلىرى ھوزۇر، راھەت ئىچىدە ئاستا ئېچىلىپ-يۇمۇلاتتى. تۇمشۇقىدىن ئىككى قولىقى تەرەپكە سوزۇلغان يىڭنىدەك ئىنچىكە ئىككى تال بۇرتى لەززەتتىن خۇددى يىڭناغۇچنىڭ قانىتىدەك دىرىلدەپ تىترەپ، مەرۋايىتتەك ئۇششاق چىشلىق ئېغىزى يۇغان ئېچىلىپ قالاتتى. ئۇ كىچىك بېشىنى، قۇلاقلىرىنى، يىڭنىدەك ئىنچىكە بۇرتىنى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە، ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ كىردىن رەڭگى ئۆچۈپ رەختى تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن ياقىلىرىغا پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن سۈركەيتتى. شۇ تاپتا ئۇلار گويا بىر جان، بىر تەنگە ئايلىنىپ كەتكەندەك بولۇپ، ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىنى، پۈتكۈل ئالەمنى، ھەتتا ئۆزلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، خۇددى تۇنجى ياغقان ئاپئاق قارنىڭ خىرامان ئۇچقۇنلىرىدەك ئۆيگە كىرىپ كېتىۋاتاتتى.
    تالادا قەھرىتان سوغۇق ئەۋجىگە چىققان، ئاچچىق شامال ئۆينىڭ ئالدىدىكى قېرى ئۈجمىنىڭ يالىڭاچ شاخلىرىغا ئۇرۇلۇپ بىرخىل مۇدھىش ئاۋاز چىقىراتتى. ئەمما سوغۇق شاماللىق زېمىننى چۈمكەپ تۇرغان قاپقاراڭغۇ ئاسماندا يۇلتۇزلار جىمىرلاپ،زېمىنگە قاراپ شۇخلۇق بىلەن كۆز قىسىشاتتى.ئەمىدىلا كۆتۈرلۈپ يۇلتۇزلار ئارىسىغا قوشۇلغان يېرىم ئاي يۇلتۇزلارنى ئارلاپ ئاستا ئۈزەتتى. يالغۇز ئۆينىڭ ھىم يېپىلغان ئىشىكىنىڭ يۇچۇقىدىن سىرغىپ چىقىۋاتقان غۇۋا چىراق نۇرى، قىش كېچىسىنى يۇرۇتۇپ تۇرغان ئاي نۇرى بىلەن قوشۇلۇپ ئىشىك ئالدىغا، خېلى يەرلەرگىچە ئاق بەلۋاغدەك سوزۇلۇپ ياتاتتى.
    ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى مورا ئوچاققا ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىلغان قۇرۇق ئوتۇن چىرىس-چرىس قىلىپ لاۋۇلداپ كۆيمەكتە ئىدى. ئۆي ئىچى خېلىلا ئىللىغان، مورا بېشىغا ئېلىپ قويۇلغان قارا چىراق قاپقارا ئىس چىقىرىپ پىلىداپ يېنىپ تۇراتتى. ھېلىراقتا تالاغا چىقىپ قايسىدۇر بىرجايغا چىچىپ، پىشىپىنى كۆمۈپ كىرگەن سېرىق مۈشۈك ئۆينىڭ تېگىدىكى توپا بۇخسۇپ تۇرىدىغان كونا كىگىز ئۈستىدە بوۋايغا ئەركىلىگەندەك پىلتىڭلاپ سەكرەپ، قايەرلەردىندۇر تېپىۋالغان كىچىككىنە بىر كاللەك پاختىنى ئالدى پۇتلىرى بىلەن ئۇيان-بۇيان ئىتتىرىپ شوخلۇق قىلىپ يۈرەتتى. ئۇ گاھىدا خۇددى چاشقان مارلاۋاتقاندەك كىگىزگە چاپلىشىپ جىممىدە يېتىپ، مۇشۇنداق ئاخشاملىرى تېخىمۇ نۇرلىنىپ كېتىدىغان يېشىل كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، ئاستا دومىلاۋاتقان پاختىغا تىكەتتى، ئاندىن بىردىنلا ئالدىغا تاشلىنىپ كاللەك پاختىنى كاپ قىلىپ باساتتى، ئۇنى چىشلەپ تۇرۇپ، خۇددى ئولجىسىنى نامايىش قىلغاندەك بېشىنى مەغرۇر كۆتۈرۈپ، كۆز قارچۇقىنى پىلدىرلىتىپ، ئاۋال مورا بېشىدىكى چىراققا،ئاندىن يوغان ياغاچ ئاياققا چىلاپ پاختىدەك يۇمشۇتىلغان ئاپئاق ناننى ياغاچ قوشۇق بىلەن ھوزۇرلىنىپ يەۋاتقان بوۋايغا قاراپ قويۇپ، يەنە كاللەك پاختىنى يەرگە تاشلاپ شوخلۇق بىلەن سەكرەپ ئويناشقا باشلايتتى. بوۋاي ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇرۇپ، ئۆپكىدەك ئىسىلگەن يۇمشاق ناننى قويۇق ساقال-بۇرۇتلىرى ئارىسىدىكى كوماك چىشلىق ئېغىزىغا سېلىپ، ئالدىرىماي يالماپ يۇتقاچ خىرىلداپ كۈلەتتى. ئۇ ھەر قېتىم چىڭقىلىپ كۈلگەندە، ئۇنىڭ خۇددى ئىشىك ئالدىدىكى قېرى ئۈجمىنىڭ تۈپىدەك زور ھەم مەزمۇت گەۋدىسى يىنىك سىلكىنەتتى، نان ئۇۋاقلىرى يۇقۇپ قالغان ئاپائاق ساقاللىرى دىرىلدەپ تىترەيتتى.
    ئۇ ئاياقتىكى ناننى پاك-پاكىز يەپ بولۇپ،ئاياقنىڭ تېگىدىكى نان تەمى چىققان ئىلمان سۇنى غۇرتۇلدىتىپ يۇتتى، ئاندىن ئاياقنى يېنىغا قويۇپ، جەينىكىنى قولتۇقىدىن ئاجرىتىپ، قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ خېلى ئۇزۇنغىچە پىچىرلاپ دۇئا قىلدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرى سېرىق مۈشۈكنىڭ ھەركىتىدىن ئۈزۈلۈپ، قاپقارا ئىسلاشقان تۇرۇسقا، ئۆينىڭ سىرتىنى قاپلاپ تۇرغان ئاسمانغا تىكىلگەندەك،شۇ تىكىلىشىدە ئاسماندىكى يېرىم ئاي ۋە ساناقسىز يۇلتۇزلار بىلەن نېمىلەرنىدۇر دېيىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ دۇئاسىنى تۈگىتىپ يۈزنى سىيپىدى. سېرىق مۇشۇك خۇددى دەل شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك تېپىپ ئويناۋاتقان كاللەك پاختىنى تاشلاپ،بوش مىياڭلىغىنىچە خۇددى بوۋاي خىرىلداپ كۈلگەن چاغد ىكىدەك خىرىلداپ كېلىپ ئۇنىڭ قوچىقىغا چىقتى. ئەمدى بوۋاي ئۇنىڭغا نان چايناپ بېرىشى كېرەك ئىدى. ئۇ يىللاردىن بېرى پەقەت بوۋاي چايناپ بەرگەن ناننىلا يەيتتى، ئۇ شۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان ئىدى. ھەئە، بوۋاي ئۆيدە يوق چاغلاردا ئۆيدىن ياكى ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى بەستە چىتەننىڭ تۈۋىدىن تۇتىۋالغان چاشقانلارنى بىر ھازا دومىلىتىپ ئويناپ، چاشقاننىڭ بىچارىلىك چىقىپ تۇرغان سىياداندەك كىچىك كۆزلىرىگە ئۇزاق قاراپ تۇرۇپ كېتىپ، ئاندىن يەنە كاپ قىلىپ چىشلەپ خالىراق بىرەر جايغا ئېلىپ بېرىپ پاك-پاكىز يەپ تۇمشۇقىنى يالىۋېتەتتى. ئەمما ئۇ يەنىلا بوۋاي چايناپ بەرگەن نانغا ئەڭ ئامراق ئىدى، ئۇنىڭ كوماك ئېغىزلىرىدا خېلى ئۇزۇن چاينىلىپ، ئۇنىڭ بوغۇزىدىن چققان شىلىمشىق شۆلگەيلەر بىلەن نەملىشىپ ئۇماچتەك يۇمشىغان مىزىلىك ناننى، كۆزلىرىنى يۇمۇپ ھوزرلىنىپ يەيتتى. مۈشۈككە نان چايناپ بېرىۋاتقان بوۋاينىڭ چاپاق كۆزلىرىمۇ مۇشۇنداق چاغلاردا،نېمەئۈچۈندۇر بىرخىل قانائەتتىن راھەت ئالغاندەك نۇرلىنىپ كېتەتتى.
    بوۋاي ئوچاقتىكى ئوتقا قاقلاپ ئىسسىتقان يۇغان بىر پارچە ناننى، بىر چىشلەم،بىر چىشلەمدىن ئالدىرىماي چايناپ، ئالقىنىغا تۈكۈرۈپ سېرىق مۈشۈ كنىڭ تۇمشۇقىغا يېقىن ئېلىپ كېلەتتى، مۈشۈك نىپىز ھالرەڭ تىللىرى بىلەن لەۋلىرىنى يالاپ قويۇپ،ناننى پۇراپ-پۇراپ قويۇپ ماچىلدىدىپ يېيىشكە باشلايتتى. نان تۈگىگەندە مۈشۈك ئۇنىڭغا مىننەددارلىق بىلدۈرگەندەك، ئۇنىڭ تارىشىدەك قېتىپ چاك-چاڭ يېرىلغان ئالقىنىنى ئىسسىق تىللىرى بىلەن يالاپ قوياتتى. بۈگۈن كېچىمۇ ھەممە ئىشلار شۇ تەرتىپتە داۋاملىشىپ، تۈگىدى.
    -تويدۇڭمۇ سېرىق مۈشۈك،-دېدى بوۋاي. بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە تۇنجى قېتىم زۇۋان چقىرىپ قىلغان گېپىنىڭ تولىمۇ ھارغىن ۋە مۇڭلۇق چىقىپ كەتكىنىدىن ئۆزىمۇ ھەيران بولۇپ.
سېرىق مۈشۈك «ھەئە» دېگەندەك بوش مىياڭلاپ،ئاۋال خۇددى شەبنەم قونغان تاۋۇز شاپىقىدەك پاقىراپ تۇرىدىغان تۇمشۇقىنى،ئاندىن يۇمشاق تۈكلۈك بېشىنى بوۋاينىڭ قوللىرىغا مېھرى بىلەن بوش سۈركىدى.بوۋاي ئۇنىڭ بويۇنلىرىنى، قوسا قلىرىنى ئاۋايلاپ قاشلىدى، مۈشۈك راھەتلىنىپ كېرىلدى.
    -ئۇھ...قەدىردان سېرىق مۈشۈك، بۈگۈن بەك ھېرىپ كەتتىم. ئېھ...قانداق قىلىمىز، مانا قىش چىللىگە كىردى، بۈگۈن كېچىدىن باشلاپ زېمىستان باشلىنىپ، قەھرىتان سوغۇق بولىدىغاندەك قىلىدۇ، ئەتە قار يېغىپ كېتەمدۇ تېخى...
ئۇ ئوچاقنىڭ يېنىغا سېلىنىپ، ئۇ يىلدىن-بۇ يىلغا يىغىلمايدىغان تۆشەككە قىيسايدى،سىقىراپ ئاغرىۋاتقان پۇتلىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ، پۇتىدىكى جۇل-جۇل يىرتىقلىرىدىن پايتمىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كونا چۇرۇقىنىمۇ سالماستىن،ئۈ ستىگە پىمىسىدىنمۇ بەتتەر كونىراپ مازلىرى چۇۋۇلۇپ تۆكۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان يوتقىنىنى تاشلاپ، بېشىنى سامان تىقىلغان تەكىيگە قويدى،جۇۋازچىنىڭ پېشىدەك پارقىراپ كەتكەن تەكىينىڭ ئىچىدىكى سارغايغان سامان خۇددى بايا ئۇنىڭ پۇ تلىرى سۇنۇلغاندا غىرىسلىغاندەك، خۇددى يوغان چۇرۇقلۇق پۇت قېلىن قار ئۈستىگە دەسسىگەن چاغدىكىدەك ئېچىنىشلىق غىرىسلاپ كەتتى. مۇرا ئوچاقتىكى ئوت بايىقىدىن سەل پەسلەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا لاۋاۇلداپ كۆيمەكتە ئىدى.
-ئەتىدىن باشلاپ ئۆيدىن چىقما سېرىق مۈشۈكۈم...بوۋاينىڭ ئاۋازى ئېغىر ھەم بوغۇق ئىدى. مۈشۈك خۇددى ئىشىك غىچىرلىغاندەك ئىنچىكە ئاۋازدا مىياڭلىدى.
    -نېمىشقا، دەمسەن؟ سوغۇق بەك قاتتىق بولىۋاتىدۇ، بۈگۈن بىر كۈن پۇت- قولۇم ئىسسىمىدى، توڭۇپلا تۇرىمەن، خۇددى يۈرۈكۈم مۇزلاشقا باشلىغاندەك. كەچتە بىر خالتا تېرىندىنى يۈدۈپ كېتىۋېتىپ تىزلىرىم پۈكۈلدى مۈشۈك، نەپىسىم قسىلدى، يۈرۈكۈمنى بىرنەرسە بېسۋېلىپ، قاتتىق مۇجىغاندەك سىقىراپ ئاغرىپ كەتتى...سەن يالغۇز، سېنىڭ يالغۇزلۇقۇڭدىن ئەنسىرەيمەن، پەقەت مەن ئۆيدە يوق چاغلاردا تالاغا چىقسا توڭلاپ قالارمۇ، ئاشۇ ياپيېشىل كۆزلىرىڭ مېنىڭ يولۇمغا قاراپ ئوچۇق پېتى قېتىپ قالارمۇ دەپ غەم قىلىمەن...ئۆينىڭ ئەتراپىدا، ئاۋۇ پەستىكى ئېقىننىڭ بويىدا لالما ئىتلار، كۇسۇك قانجۇقلار پەيدا بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ، ئۇلار سېنى بوغۇپ قويارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن...مەن...سەن يالغۇز...
    بوۋاينى مۈگىدەك باسقاندەك قىلاتتى، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ سۆزلىرى يىنىك پۇشۇلداشقا ئالماشتى،لېكىن ئۇنىڭ قويۇق ساقال-بۇرتلار ئارىسىدىكى قېلىن كالپۇ كلىرى يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولىۋاتقاندەك لىپىلداپ تۇراتتى. ئوچاقتىكى ئوت بارغانچە پەسلەۋاتاتتى، مورا بېشىدىكى قارا چىراقنىڭ مېيى تۈگەپ، قۇرۇق پىلىكنىڭ ئاجىز نۇرلىرى تېخىمۇ خىرەلەشتى.
سېرىق مۈشۈك ئاستا كېلىپ، بوۋاينىڭ ئۈستىگە يېپىلغان يوتقانغا بېشىنى تىقىپ،تۇمشۇقى بىلەن مۆڭۈپ ئۇنىڭ قولتۇقىدىكى ئىسسىق جايغا قىسىلدى. بېشىنى ئۇنىڭ بىلىكىگە قويۇپ، خۇددى نەچچە يىل ئاۋالقى قار قېلىن ياغقان بىر كۈنى بوۋاي ئۇنى ئەخلەتلەر ئارىسىدىن تېپىۋېلىپ، ئۆيگە ئېلىپ كەلگەن تۇنجى كۈنى بوۋاينىڭ ئىسسىق قوينىدا يېتىپ لەرزان كۈيگە خىرىدىغىنىدەك يېقىملىق خىرىلداپ يېشىل كۆزلىرىنى ئاستا-ئاستا يۇمدى...

4

    شۇ كېچىسى قاچانلاردىدۇر يېغىشقا باشلىغان قار، ئۈچ كۈنگىچە توختىماي ياغدى. مەھەللىنىڭ چېتىدىكى يالغۇز ئۆينى، ئىشىك ئالدىدىكى قېرى ئۈجمىنىڭ شاخلىرىنى قېلىن قار باسقان ئىدى، ئۈجمىنىڭ چوقا شاخ-چىۋىقلىرى قاردىن ئىگىلگەن ئىدى. ئۈچ كۈندىن بېرى بۇ يالغۇز ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ باقمىدى، ئۆگىزىدىن نەچچە غېرىچ ئىگىز چوخچىيىپ تۇرغان مورىدىنمۇ ئىس چىقىپ باقمىدى. ئىشىك ئالدى ۋە ئىشىكنىڭ ئالدىدىن مەھەللىگىچە سوزۇلغان يالغۇز ئاياق يولغا ھېچقانداق بىر ئىز چۈشمىدى. ھاۋا بەكمۇ سوغۇق، كىمگىدۇر ماتەم تۇتقاندەك تۇتۇق ئىدى. ئەمما پۈتۈن زېمىننى، ھەممە-ھەممە نەرسىنى چۈمكەپ ياتقان ئاپئاق قار يەنىلا كۆزلەرنى چاقاتتى. قاياقلاردىندۇر ئېزىپ كەپ قالغان بىر قاغا قېرى ئۈجمىنىڭ چوقا شاخلىرىدىن بىرىگە قونۇپ قاق...قاق...قاق! قىلىپ ئارقا-ئاقىدىن ئۈچ قېتىم قاقىلدىدى. ئۈجمە شاخلىرىدىكى قارلار توزۇپ، خۇددى ئاسماندىن چۈشكەن ئاققۇ پەيلىرىدەك يىنىك لەيلىشىپ، يەرگە سىلىق قونۇشتى.
    ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى مورا ئوچاقنىڭ ئوتى ئاللىقاچان ئۆچكەن، كۇلۇڭدىكى تۇزىغان كۈللەر خۇددى قاتىلنىڭ يۈزىدەك خۇنۈك تاتىرىپ ياتاتتى. بوۋاي ئوچا قنىڭ يېنىدىكى تۆشەكتە ئىككى قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ تۈپتۈز، جىمجىت ياتاتتى، تىگىدىن قارامتۇل يۈزلىرىدىكى ئاپئاق ساقاللىرى سالۋاراپ تۇراتتى. ئەمما سېرىق مۈشۈك جان-جەھلىرى بىلەن مىياڭلاپ، بوۋاينىڭ ئەتراپىدا توختىماي پىقىرايتتى، ئاۋازى پۈتۈشكە باشلىغان مۈشۈكنىڭ ئامالسىزلىق، ئىلاجىسىزلىق، ئاجىز لىق چىقىپ تۇرغان يېشىل كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلەتتى. ئۇ ئۆزىنى ھەريان ئۇرۇپ ئېچىنىشلىق مىياڭلايتتى، پات-پات توختاپ ئۈنتۈنسىز ياتقان بوۋاينىڭ مۆرىسىگە چىقىپ ئۇنىڭ ساقاللىرىنى، ساقال-بۇرۇتلار ئارىسىدىكى ئېغىزىنى، قاڭشارلىق بۇر نىنى پۇرايتتى، بوينىنى ئىلتىجا بىلەن سوزۇپ بوغۇلۇپ، بوغۇلۇپ مىياڭلايتتى، بوۋاي جىممىدە ياتاتتى.
    سېرىق مۈشۈك ئەتىگەندىن بېرى ئىشىكنى جان-جەھلى بىلەن تاتىلايتتى، ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ تىرناقلىرى قايرىلىپ، يۇڭلۇق چەمەكلىرى ئارىسىدىن قىپقىزىل قان سىرغىپ چىقىۋاتاتتى. ئۇ ئاخىرى بۇسۇغىنىڭ ئاستىدىن بېشى پاتقۇدەك بىر كامار كولىدى، كاماردىن ئېتىلىپ چىقىپ ئېچىنىشلىق مىياڭلىغىنىچە مەھەللە ئىچىگە قاراپ چېپىپ كەتتى. شۇ كۈنى چۈشكە يېقىن ئاسماندا كۈن پەيدا بولۇپ، كۈننىڭ تەپسىز ئەمما سۈزۈك نۇرلىرى زېمىننى بېسىپ ياتقان قارلار ئۈستىدە جىمىرلىدى. مەھەللىنىڭ چېتىدىكى يالغۇز ئۆينىڭ ئالدىدىن يىراق- يىراقلارغا سوزۇلغان يالغۇز ئاياق يول ئۈستىدىكى قارلار ئۈستىدە مۈشۈكنىڭ چىكىم-چىكىم قانلىق ئىزلىرى ئالغان ئىدى.


ئاپتۇر: قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن
تېلىفۇن:13779291157
2014-يىل 27-يانۋار





ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-10 12:51:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلىغا يەنە ئىشلىسە بولغۇدەك.

ۋاقتى: 2015-6-11 16:25:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ھېكايە بوپتۇ بۇ. بولۇپمۇ ئاخىرقى قىسمى بەكلا تەسىرلىك يېزىلىپتۇ. ئەمما مۈشۈكنىڭ ئاسلېنى، قىپقىزىل قان دىگەندەك سۆزلەر ئارتۇقچىدەك ھىس قىلىپ قالدىم. بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە قۇت يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-6-11 16:39:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ھېكاينى تۈنىگۈن ئەتىگەن ئوقۇپ ئىنكاسنى يىزىپ يوللسام تور نورمالسىز بولغانلىقتىن يوللانماي قاپتۇ.
   ھېكايىدىكى ۋەقەلىكنىڭ قوراشتۇرۇلۇشى ۋە راۋاجىغا قايىل بولدۇم. تىلدىمۇ ھېچقانداق مەسىلە يوق ناھايتى ياخشى يىزىلىپتۇ. بولۇپمۇ ھېكايىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە بوۋاينىڭ مۈشۈككە دىگەن سۆزلىرى شۇنداق تەبىئىي، تەسىرلىك بوپتۇ. مېنى تېخىمۇ قايىل قىلغىنى  بوۋاي ئۈنسىزلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغاندىن كېيىنكى مۈشۈكتە كۆرۈلگەن ماتەم ۋە جىددىيلىك.
   ھېكايە تىلى ياخشى چىققان بولسىمۇ ئىملا خاتالىقى ۋە ھەرپلەردىكى ئۈزۈكچىلىك بەگيارغا سەل ياراشمىغاندەك قىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەمكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-11 16:39  


ۋاقتى: 2015-6-11 16:58:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ.سىزگە ئامەت يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-6-11 17:11:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ھېكايە بوپتۇ، تىلىمۇ شۇنداق يېقىشلىق تەبئىي بوپتۇ، داۋاملىق تىرىشقايسىز!

ۋاقتى: 2015-6-11 17:25:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز نەسىننىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى دەل مۇشۇ يەرگە يوللىغىم كەلدى:

ئۆلگەندە سېنىڭمۇ خەۋىرىڭ بولمايدۇ،
شۇڭا ئۆزۈڭگە ئۆلۈم خەۋىرىڭنى يەتكۈز.
سېنىڭ كىمىڭ بار ئىدى ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزىدىغان؟!
*
ئۆزۈڭنىڭ مېھمىنى ھەم ساھىبخانىسەن،
ۋاقتىڭنىڭ بارىدا ئۆز- ئۆزۈڭنى ئەزىزلە...
ئۆزۈڭنى سۆي، ھازىردىن باشلاپ سۆيۈشنى باشلا،
سېنى سۆيىدىغان ئۆزۈڭدىن باشقا يەنە كىمىڭ بار ئىدى؟! .…

ۋاقتى: 2015-6-15 17:17:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە ياخشى يېزىلىپتىكەن،بىراق ئىملا خاتالىقى  بار ئىكەن شۇڭا يەنە بىر ئىشلىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىققىدەك

ۋاقتى: 2015-6-15 18:36:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنىڭ ماڭا تەسىر قىلغان ئىككى نۇقتىسى... بىرى، ماۋزۇدىكى گۈزەللىك .يەنە بىرى ، بوۋاينىڭ يىگانىلىقى...ئاپتور، بوۋاي ۋە سېرىق مۈشۈكتىن ئىبارەت ئاددى ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق مۇرەككەپ  ئىژتىمائىي تۇرمۇش كارتىنىسىنى سىزىپ بەرگەن.ھېكايىنى ئوقۇپ تۈگەتكىنىمدە چىخوپنىڭ «ھەسرەت» ھېكايىسىنى ئەسلەپ قالدىم. خېلى كۈنلەرگىچە بۇ ھېكايە توغرىسىدا ئويلىنىپ يۈردۈم...ئاپتور قەلىمىگە ئۇتۇق تىلەيمەن. مۇۋەپپىقىيەت يار بولسۇن!!

ۋاقتى: 2015-6-15 19:44:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىنى ئوقۇپ بولۇپمۇ مۇنبەردىكى نورمالسىزلىق سەۋەبىدىن  خېلى كۈنلەرگىچە ئىنكاسىمنى يوللىيالماي كەلگەن ئىدىم.
ھىكايە ياخشى چىقىپتۇ.بولۇپمۇ پىسخىك تەسۋىر بىلەن قىياپەت تەسۋىرلىرى بەك ئىنچىكە،جانلىق بېرىلىپتۇ ئوقۇغان ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا دەرھال كەلگۈدەكلا .
سىزگە ئوتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-6-15 19:47:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە ۋەقەلىكى ۋە باشقا تەرەپلەردە ھېچقانداق مەسىلە يوق. ئىشقىلىپ مۇئاپىقىيەتلىك يىزىلغانلىقىدا گەپ يوق.

ۋاقتى: 2015-6-15 21:14:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز بەگيار ئاكا مۇۋەپىقىيەت يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-6-15 21:46:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ مۈشۈككە ئىچىم ئاغرىپ قالدى.

مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيىمىزدىكى مۈشۈككە ئاشۇنداق نان چايناپ بېرەتتىم، يۇمشاق چاينىمىسام يىمەيتتى تېخى يىرىك چاينالغان ناننى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablipiz idiris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-15 21:46  


ۋاقتى: 2015-6-15 22:21:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشىلتىلگەن سۆزنىڭ بىرى‹‹قەھىرىمان››ئاتالغۇسى .ئاپتۇر ھىكايىنىڭ باشلىنىشىدىلا بۇۋاينى ئۇ بويى ئىگىز، قوللىرى يۇغان، كالپۇكلىرى قېلىن، يەلكىسى كەڭ، خۇددى قەھرىمانغا ئوخشايدىغان پالۋان سۈپەت ئادەم ئىدى.دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
دىمەك ئاپتۇر بۇۋاينى كىتاپخانلارغا بايان ،تەسۋىر ،خارەكتىر ئارقىلىق بۇۋاينىڭ قەھىرىمان خارەكتىرىنى تەبىئى ھىس قىلدۇرماستىن مەجبۇرى ھالدا كىتاپخانىلارنى بۇۋاينى قەھىرىمان دەپ ھىس قىلسىكەن دىگەن مۇددىئاسىنى ئۇقۇرمەنلەرگە تېڭىپ قۇيىدۇ.بۇۋاينى قەھىرىمان دەپ تۇنۇش ئۈچۈن ھىكايىدە بۇۋاينىڭ ياشلىقىدا ياكى قىران دەۋىرلىرىدە قەھىرمانلىقنى ئىپادىلەيدىغان بىرەر ۋەقە تەپسىلاتى بىرىلىشى كىرەك ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇقۇرمەنلەر  بۇۋاينى يالغۇزلىقى ،پىنھان ياشىغانلىقى،بۇي-بەستى تەسۋىرىگە قاراپلا قەھىرمان دەپ ھىس قىلالمايدۇ.( يالغۇز ياشاشنى قەھىرمانلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى ياكى ئاساسى دەپ ھىچبىر ماتىېريالدا كۈرۈپ باقمىدۇق)  بەگيار ئەپەندىم رەنجىسىمۇ دىمەي بولمايدۇكى بۇ ھىكايىدە بىر سۈنئى ھاياجان مەۋجۇت.يەنە كىلىپ خارەكتىرى كۈچلۈك ،كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بىر شەخىسنىڭ بىردىنلا ئەسكى-تۈسكى تەرگۈچىگە ئايلىنىپ قېلىشى ،ئاخىردا مۈشۈككە سۆزلەپ يۈرىدىغان بىر بىچارە بۇلۇپ قېلىشى بۇۋاينىڭ باشتىكى ‹‹قەھىرىمان ››ئوبرازىغا قارا سۈركەيدۇ.
ھىكايىدە يەنە ئارتۇقچە تەپسىلاتلارمۇ يوق ئەمەس.ئاددىيسى يۇقىردا قىزىل بۇيالغان قۇرلاغا كۆز يۈگۈرتسەكمۇ قەھىرىمانغا ئوخشايدىغان پالىۋان سۈپەت ئادەم ئىدى دىگەن جۇملىمۇ كىسەلدىن خالى ئەمەس .ئاپتۇر بۇۋاينى قەھىرىمان دەپ تەسۋىرلەپ ئىتراپقا ئالغانكەن يەنە گەپنى ئۇزارتىپ پالىۋان سۈپەنى قۇشۇپ يۈرۈشنىڭ ھىچبىر زۈرۈريىتى يوق.
بەگيار ئەپەندىم ئەدىبىيات كۆچىسىدا تەمتىلەپ يۈرگەن بالا ھەۋەسكار ئەمەس قانداقلا بولمىسۇن بىر رۇماننىڭ ئاپتۇرى. بىر ھىكايىدە بۇنداق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۋىتىدىغان ئىش ئەمەس .بەگيار ئەپەندىگە بۇ ھىكايىنى قايتا ئىشلەش تەكلىپىنى بىرىمەن.

ۋاقتى: 2015-6-21 00:56:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكەيە  ياخشى يېزىلىپتۇ. بۇۋاينىڭ يالغۇزلىقى ئوقۇغان كىشىنىڭ دىلىنى ئېزىدىكەن. رىئاللىقتىكى ئادەملەر ئارىسىدا ياشاۋىتىپمۇ يالغۇز قالىدىغان پاجىئە ياخشى يورىتىلغان. تەسۋىرلىرى ئىنچىكە ھەم جانلىق يېزىلىپتۇ.
ئەمما  مەن بۇۋاينى قەھرىمانغا ئۇخشاش يالغۇز، قەھرىماندەك دەپ ئۇخشىتىشلىرىنى ياقتۇرمىدىم...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش