ئىگىسى: bagyar

بەگيار(ئىزگۈگە): بوۋاي ۋە ئۇنىڭ سېرىق مۈشۈكى (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-6-15 22:21:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشىلتىلگەن سۆزنىڭ بىرى‹‹قەھىرىمان››ئاتالغۇسى .ئاپتۇر ھىكايىنىڭ باشلىنىشىدىلا بۇۋاينى ئۇ بويى ئىگىز، قوللىرى يۇغان، كالپۇكلىرى قېلىن، يەلكىسى كەڭ، خۇددى قەھرىمانغا ئوخشايدىغان پالۋان سۈپەت ئادەم ئىدى.دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
دىمەك ئاپتۇر بۇۋاينى كىتاپخانلارغا بايان ،تەسۋىر ،خارەكتىر ئارقىلىق بۇۋاينىڭ قەھىرىمان خارەكتىرىنى تەبىئى ھىس قىلدۇرماستىن مەجبۇرى ھالدا كىتاپخانىلارنى بۇۋاينى قەھىرىمان دەپ ھىس قىلسىكەن دىگەن مۇددىئاسىنى ئۇقۇرمەنلەرگە تېڭىپ قۇيىدۇ.بۇۋاينى قەھىرىمان دەپ تۇنۇش ئۈچۈن ھىكايىدە بۇۋاينىڭ ياشلىقىدا ياكى قىران دەۋىرلىرىدە قەھىرمانلىقنى ئىپادىلەيدىغان بىرەر ۋەقە تەپسىلاتى بىرىلىشى كىرەك ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇقۇرمەنلەر  بۇۋاينى يالغۇزلىقى ،پىنھان ياشىغانلىقى،بۇي-بەستى تەسۋىرىگە قاراپلا قەھىرمان دەپ ھىس قىلالمايدۇ.( يالغۇز ياشاشنى قەھىرمانلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى ياكى ئاساسى دەپ ھىچبىر ماتىېريالدا كۈرۈپ باقمىدۇق)  بەگيار ئەپەندىم رەنجىسىمۇ دىمەي بولمايدۇكى بۇ ھىكايىدە بىر سۈنئى ھاياجان مەۋجۇت.يەنە كىلىپ خارەكتىرى كۈچلۈك ،كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بىر شەخىسنىڭ بىردىنلا ئەسكى-تۈسكى تەرگۈچىگە ئايلىنىپ قېلىشى ،ئاخىردا مۈشۈككە سۆزلەپ يۈرىدىغان بىر بىچارە بۇلۇپ قېلىشى بۇۋاينىڭ باشتىكى ‹‹قەھىرىمان ››ئوبرازىغا قارا سۈركەيدۇ.
ھىكايىدە يەنە ئارتۇقچە تەپسىلاتلارمۇ يوق ئەمەس.ئاددىيسى يۇقىردا قىزىل بۇيالغان قۇرلاغا كۆز يۈگۈرتسەكمۇ قەھىرىمانغا ئوخشايدىغان پالىۋان سۈپەت ئادەم ئىدى دىگەن جۇملىمۇ كىسەلدىن خالى ئەمەس .ئاپتۇر بۇۋاينى قەھىرىمان دەپ تەسۋىرلەپ ئىتراپقا ئالغانكەن يەنە گەپنى ئۇزارتىپ پالىۋان سۈپەنى قۇشۇپ يۈرۈشنىڭ ھىچبىر زۈرۈريىتى يوق.
بەگيار ئەپەندىم ئەدىبىيات كۆچىسىدا تەمتىلەپ يۈرگەن بالا ھەۋەسكار ئەمەس قانداقلا بولمىسۇن بىر رۇماننىڭ ئاپتۇرى. بىر ھىكايىدە بۇنداق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۋىتىدىغان ئىش ئەمەس .بەگيار ئەپەندىگە بۇ ھىكايىنى قايتا ئىشلەش تەكلىپىنى بىرىمەن.

ۋاقتى: 2015-6-21 00:56:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكەيە  ياخشى يېزىلىپتۇ. بۇۋاينىڭ يالغۇزلىقى ئوقۇغان كىشىنىڭ دىلىنى ئېزىدىكەن. رىئاللىقتىكى ئادەملەر ئارىسىدا ياشاۋىتىپمۇ يالغۇز قالىدىغان پاجىئە ياخشى يورىتىلغان. تەسۋىرلىرى ئىنچىكە ھەم جانلىق يېزىلىپتۇ.
ئەمما  مەن بۇۋاينى قەھرىمانغا ئۇخشاش يالغۇز، قەھرىماندەك دەپ ئۇخشىتىشلىرىنى ياقتۇرمىدىم...

ۋاقتى: 2015-6-22 11:14:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنھالىققا چىداشمۇ قەخىرمانلىق !!

ۋاقتى: 2015-6-22 19:20:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئ‍اخىرى ناھايىتى ئ‍ۇتۇقلۇق ئ‍اخىرلىشىپتۇ، ئ‍ىجادىيىتىڭىزگە ئ‍وتۇق تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-6-23 22:59:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكوم ئۇكام بەگيار ئەپەندىم،«بوۋاي ۋە ئۇنىڭ سېرىق مۈشۈكى»ناملىق ھىكايىللىرىنى ئوقوپ ھىكايىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ۋە تورداشلارنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىقتىدارلىردىن  بەكمۇ تەسىرلەندىم.شۇنداقلا ئۆزەمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىمنىڭ  تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ بەكمۇ خىجىل بولدۇم.شۇ سەۋەپتىن،ئۆزلىرىدىن كەمىنىلىك بىلەن سورايدىغىنىم، مىنىڭ بەزى ئەسەرلىرىم تەستىقلانماي ئەخلەتخانىغا تاشلىنىپ كىتىدۇ،ئەسەرلىرىمدىكى سەۋەنلىكنى بىلىۋالغان بولسام.تەكلىۋىمنى توغرا چۈشۈنىپ يوليوروق بەرگەن بولسىللىرى.تىلفۇن نۇمۇرۇم؛-
13899151577

ۋاقتى: 2015-6-29 19:54:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازى3 يوللىغان ۋاقتى  2015-6-22 11:14
تەنھالىققا چىداشمۇ قەخىرمانلىق !!

تەنھالىققا چىداشمۇ قەخىرمانلىق !!

ماۋۇ ئىنكاس بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ...«قەخىرمانلىق » دىگەن ئاتالغۇنىڭ كۆپ تەرەپلىمە مەنا قاتلىمىغا  چوڭقۇرلاپ كىرىشكە توغرا كېلىدۇ .

ۋاقتى: 2015-6-30 09:26:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. ئاپتور قەلىمىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2015-7-12 21:40:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بازغان تۇتۇپ  كۆنگەن  كۈچلۈك قوللارنىڭ ئاخىرىدا ئەسكى -تۈسكى يىغىدىغان بولۇپ قېلىشى كىشىنى ئېچىندۇردىكەن . قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن .  
بوۋاينىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن سېرىق مۆشۈكنىڭ قايغۇرۇپ كېتىشىگە چىدىيالماي بىر بېلەت تاشلىۋەتتىم ئەسىرىڭىزگە .

ۋاقتى: 2015-8-29 17:41:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن

ۋاقتى: 2016-2-23 22:25:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىنىڭ مۇۋاپىقىيتى ئاساس، ئانچە-مۇنچە ئىملا خاتالىقىنى ھىساپقا ئالمىساقمۇ بولىدۇ، بۇ ھىكايە بىزگە تۇرمۇشىمىزدىكى يالغۇزلۇق ، غېرىپلىقنى ياخشى يۇرتىپ بەرگەن، مۇۋاپىقيەت تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش