كۆرۈش: 494|ئىنكاس: 0

ئانارگۈل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 252
تۆھپە : 12
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 15:24:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانارگۈل، ئۇيغۇر، ماگىستىر، 1981–يىلى 2–ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى تۇزكۆل ئەتراپىدا تۇغۇلغان. 1992–يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جاڭجياكوۋ شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇ ھازىر باجوۋ شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك ئورمانچىلىق باش ئىدارىسىدىن چىقىدىغان «ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، «جۇڭگولۇقلار» ژۇرنىلىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەررىرى، مەملىكەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئانارگۈلنىڭ ھازىرغىچە ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ «قورسىقىم تويۇپ، ئۇچام ئىللىغاندا ئۆيلۈنىمەن»، «ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى ئايال» قاتارلىق رومانلىرى؛ «تىمتاس تاغلار»، «كىچىك ناھىيىدىكى ئەخمەق» قاتارلىق ھېكايە ، پوۋېستلار توپلىمى (خەنزۇچە) نەشر قىلىنغان. «بېلىق قىلتىرىقى ھەققىدە ھېكايە»، «قېتىپ قالغان تەبەسسۇم»، «بوۋا، جاندىن تويۇپسىز» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئامېرىكا، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئېلىمىزنىڭ شياڭگاڭ، تەيۋەندە چىقىدىغان تۈرلۈك مەتبۇئاتلارىدا كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنغان.

ئانارگۈلنىڭ «ئورمان باققۇچى ئېسىلزادە» ناملىق رومانى «جۇڭخۇانى ياشنىتايلى» تېمىسىدا مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ «كرىستالدەك بىر چىمدىم تۇز » ناملىق ھېكايىسى 1991–يىلى «مەملىكەتلىك ياخشى ئەترەت باشلىقى» تېمىسىدا مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مەكتەپ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا «ھەسەل ھەرىسى مۇكاپاتى»غا ؛ «چوكانتال يامغۇرى، چوكانتال يېشى» ناملىق پوۋېستى 1999–يىلى «شۇغلا لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ «قالتىس برىگادا» ناملىق پوۋېستى 2001–يىلى مەملىكەتلىك ياشلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ «شەپكە» ناملىق پوۋېستى 2000–يىلى ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە «خەلقئارا ئەدەبىيات ئالتۇن بارماق» مۇكاپاتىغا؛ «شىنجاڭ نەزمىلىرى» ناملىق ھېكايىسى 2001–يىلى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان «توكيو لوڭقىسى» ئەدەبىيات مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ؛ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2007–يىل 11–سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئاچكۆز بوۋاي ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى» ناملىق ھېكايىسى 2008–يىلى 10–ئايدا 17–نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش