ئابدۇخالىق ئابلىمىت 1980- يىلى 6 - مارت تۇرپان شەھىرىنىڭ چاتقال يېزىسىدا تۇغۇلغان . 2002- يىلى 7- ئايدا سانجى ئىنىستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن . 2005- يىلى 9 – ئايدىن ھازىرغىچە تۇرپان خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا مۇخبىر ، مۇھەررىر ، تەرجىمان بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە .
1996- يىلى تۇرپان گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان " ئۈزۈمزار " ناملىق بالىلار شېئىرى بىلەن رەسمىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن <<تۇرپان گېزىتى>> ، << ئاسىيا كىندىكى گېزىتى >> ، << ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى >> ، << ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >>، << بايىنغۇلىن گېزىتى> > << تۇرپان >> ، << تارىم >> ، << شىنجاڭ ياشلىرى >> ،<< مىللەتلەر ئەدەبىياتى >> ، << ياشلار سالونى >> قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 150 پارچىغا يېقىن شېئىر ، نەسر ، ئوبزور ، تارىخىي تېمىدىكى ماقالە ۋە 50 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسىرى ئېلان قىلىنغان . 1998-يىلى تۇرپان گېزىتى ئۇيۇشتۇرغان << مەرىپەتپەرۋەر دېھقان غوپۇر روزى >> نامىدىكى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە " تىمتاس سادالار " ناملىق نەسرى ، 2007 – يىلى تۇرپان گېزىتى بىلەن ئۈرۈمچى ئىزچىلار شىركىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان << ئىزچىلار >> نامىدىكى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە << ئىككى شېئىر >> ى ، 2010 – يىلى تۇرپان گېزىتى بىلەن << شىنجاڭ ئەنۋەر ئابدۇگۈل ئادۋۇكاتلىق ئورنى >> بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان << ئىدىقۇت قەسىدىسى >> نامىدىكى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە << يار بىلەن ئولتۇردۇم گۈللۈك باغچىدا >> ناملىق ئۈچ پارچە شېئىرى ، 2011 – يىلى تۇرپان گېزىتى بىلەن << شىنجاڭ ئابلىز ساتتار ئادۋۇكاتلىق ئورنى >> بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان << ئۈزۈمزار ناۋاسى >> مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە << مۇھەببەت خاتىرىسى >> ناملىق نەسرى ئايرىم – ئايرىم مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ، << تاڭلاردەك جۇلالىق باھارىڭ ، ۋەتەن >> ناملىق شېئىرى 2015 – يىلى 5 – ئايدا تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومېتىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن << ئاپتونۇم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ، تۇرپان ۋىلايىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش >> ياشلار – ئۆسمۈرلەر شېئىر مۇسابىقىسىدە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىك تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .