كۆرۈش: 1178|ئىنكاس: 0

ئابدۇخالىق ئابلىمىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
09.jpg


     ئابدۇخالىق ئابلىمىت  1980- يىلى 6 - مارت  تۇرپان شەھىرىنىڭ  چاتقال يېزىسىدا تۇغۇلغان . 2002- يىلى 7- ئايدا سانجى ئىنىستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن .  2005- يىلى 9 – ئايدىن ھازىرغىچە  تۇرپان خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا مۇخبىر ، مۇھەررىر ، تەرجىمان بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە .
     1996- يىلى تۇرپان گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان " ئۈزۈمزار " ناملىق  بالىلار  شېئىرى  بىلەن رەسمىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن .  شۇنىڭدىن ئېتىبارەن <<تۇرپان گېزىتى>> ، << ئاسىيا كىندىكى گېزىتى  >> ، << ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى >> ، << ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >>،  << بايىنغۇلىن گېزىتى> > << تۇرپان >> ، << تارىم >> ،  << شىنجاڭ ياشلىرى >> ،<< مىللەتلەر ئەدەبىياتى >> ، << ياشلار سالونى >>  قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 150 پارچىغا يېقىن شېئىر ، نەسر ، ئوبزور  ، تارىخىي تېمىدىكى ماقالە ۋە  50 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسىرى ئېلان قىلىنغان .  1998-يىلى  تۇرپان گېزىتى ئۇيۇشتۇرغان  << مەرىپەتپەرۋەر دېھقان غوپۇر روزى >> نامىدىكى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە " تىمتاس سادالار " ناملىق  نەسرى  ، 2007 –  يىلى تۇرپان گېزىتى بىلەن ئۈرۈمچى ئىزچىلار شىركىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان << ئىزچىلار >> نامىدىكى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە << ئىككى شېئىر >> ى ، 2010 – يىلى تۇرپان گېزىتى بىلەن << شىنجاڭ ئەنۋەر ئابدۇگۈل ئادۋۇكاتلىق ئورنى >> بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان << ئىدىقۇت قەسىدىسى >> نامىدىكى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە << يار بىلەن ئولتۇردۇم گۈللۈك باغچىدا >> ناملىق ئۈچ پارچە شېئىرى ، 2011 – يىلى تۇرپان گېزىتى بىلەن << شىنجاڭ ئابلىز ساتتار ئادۋۇكاتلىق ئورنى >> بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان << ئۈزۈمزار ناۋاسى >> مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە << مۇھەببەت خاتىرىسى >> ناملىق نەسرى ئايرىم – ئايرىم مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ، << تاڭلاردەك جۇلالىق باھارىڭ ، ۋەتەن >> ناملىق شېئىرى 2015 – يىلى 5 – ئايدا تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومېتىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن << ئاپتونۇم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ، تۇرپان ۋىلايىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش >> ياشلار – ئۆسمۈرلەر شېئىر مۇسابىقىسىدە  2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىك تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .





ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش