6-ئاينىڭ 4-كۈنى << تارىم >> ژورنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى ، ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئەپەندىم كۇرسانىتلارغا ،ئۈزىنىڭ ئوبزورچىلىق جەريانىدىكى ئۈسۈپ يىتىلىش ئەھۋالىنى ،بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوبزورچىلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ،شۇنداقلا تور ئوبزورچىلىقىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا دەرس سۆزلىدى .ئۇ يەنە كۇرسانىتلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى .ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئەپەندى ئوبزورچىلىقتا ئەدىپلەرنىڭ شەخسىيىتىگە ،زىتىغا ۋە غۇرۇرىغا تىگىدىغان خاھىشلاردىن ساقلىنىشنى ،تور ئوبزورچىلىقىدا قالايمىقان بەس مۇنازىرە قوزغاپ ،ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈز قىلمىشلاردىن ساقلىنىشنى تەكىتلىدى.
|