تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى 2015-5-31 15:48
ھەي زەينۇللا، سىز جىق بېرىپسىز، مەن بىر قېتىممۇ بېرى ...
بۇ تەرىپىنى ئويلىماپتىمەن پاتىگۈل. راست، جەنۇبىي تاغدىكى پائالىيەت سەيلى - ساياھەتكىلا ئەمەس، قەلەمكەشلەر ئۆز ئارا جەم بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئۈرۈمچىدىكى نوپوزلۇق نەشىرىياتلار ۋە ژۇرناللارنىڭ مۇھەرىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇتەخەسىسلەردىن تەلىم ئېلىشقا قولايلىق ياخشى جاي.
مەنمۇ چەت، يىراق كەنتتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. لېكىن بىز كەنتىمىزنىڭ غەربىدىكى قاراتاغ دېگەن يەردىن ئاشساقلا جەنۇبىي تاغقا چىقاتتۇق. تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ۋاقتىمىزدىن تارتىپ كەنتىمىز ئىتتىپاق سىكىرتارى ھەر يىلى ئىيۇل ياكى ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا ئىتتىپاق ئەزالىرىنى جەنۇبىي تاغقا ساياھەتكە ئېلىپ چىقاتتى. خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن يەنە ھەر يىلى دېگۈدەك تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى شۇ يەرگە ئېلىپ چىقىدىغان بولدۇق. گەرچە قارا ماشىنىدا توڭلاپ، تىترەپ دېگۈدەك چىقساقمۇ، بەك كۆڭۈللۈك ئىدى. ھازىرمۇ بىر - ئىككى كۈنلۈك ساياھەت بولۇپ قالسا يەنىلا شۇ يەرگە چىقىمىز.
تاغنىڭ كەينىگە تولا چىققان بىلەن تارىم دىيارىغا بېرىپ باقماپتىمەن. مەن شۇنى كۆزدە تۇتقان ئىدىم. ئەلۋەتتە بۇندىن كېيىنمۇ جەنۇبىي تاغقا تالاي بېرىشىم مۇمكىن. لېكىنزە 2012 - يىلى سانجىدا ئوقۇشتا بولۇپ قېلىپ تۇرپان ئەدىبلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسىغا (شۇ چاغدا بۇ پائالىيەتنى شۇنداق ئاتايتتى) قاتنىشالمىدىم. بۇنداق پائالىيەتنىڭ تەمى باشقىچە بولىدۇ. ھەم ساياھەت ھەم ئىجادىيەت ھەم ئۆگىنىش.