يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: admin

كېرىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت كۇرسى باشلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-6-2 15:42:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موبارەك بولسۇن ،بۇ قىتىملىق پائالىيەتتىن ياخشى تەسىراتلارغا ئېگە بولغايسىلەر.

ۋاقتى: 2015-6-2 18:43:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى پائالىيەت بوپتۇ

ۋاقتى: 2015-6-3 10:46:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپمۇ ھەۋىسىم كەلدى. كېرىيە ئەدىبلىرىگە سالامىم يەتكەي، ئامان بولغايسىلەر!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-3 11:00:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-ئاينىڭ 2-كۈنى كېرىيەلىك يازغۇچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئاكا ئىجادىيەت مەركىزىمىزگە كېلىپ كۆپچىلىك بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى. كېرىيەلىك يازغۇچىلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.
_MG_0647.jpg

_MG_0573.jpg

_MG_0566.jpg

_MG_0588.jpg

_MG_0608.jpg



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-3 11:32:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبىي تاغ مەنزىرىلىرى

_MG_0685.JPG

_MG_0696.JPG

_MG_0697.JPG

_MG_9973.JPG

_MG_9961.JPG


ھۆسەنجان قاسىم فويۇسى





باھا سۆز

بارغان بولاتتىم، ئ‍ەپسۇس....  ۋاقتى: 2015-6-4 04:29 PM
پاھ، ئ‍ەجەپ چىرايلىق مەنزىرىلەركىنا، قانىتىم بولسا ھازىرلا ئ‍ۇچۇپ  ۋاقتى: 2015-6-4 04:28 PM
ۋاقتى: 2015-6-3 12:26:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-3 13:38:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن ئاۋال، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شائىر، يازغۇچى ئابلىكىم ھەسەن ئىجادىيەت مەركىزىمىزگە كېلىپ نۆۋەتتىكى نەشرياتچىلىق ۋە نەشرياتقا كېلىۋاتقان ئەسەرلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە كېرىيەلىك يازغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەپ بەردى.

_MG_0227.jpg

_MG_0232.JPG

_MG_0236.jpg

_MG_0705.jpg

_MG_0720.jpg

_MG_0728.jpg

IMG_0223.jpg

_MG_0733.jpg




ۋاقتى: 2015-6-3 17:56:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-ئاينىڭ1-كۈنى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ئەپەندى كېرىيەدىن كەلگەن يازغۇچىلارغا دەرس ئۆتتى. ئۇ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جۇڭگۇ ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىايىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلار ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تۇنۇشتۇردى. ئۇ يازغۇچى شائىرلارنى ئويلىنىش تىپىدىكى يازغۇچىغا ئايلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.
6-ئاينىڭ 2-كۈنى داڭلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇر كۇرسانتلارغا ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مىتودىنى، يېزىقچىلىق تەجرىبىسىنى تۇنۇشۇردى، شۇنداقلا كۇرسانتلارنىڭ يېزىقچىلىققا دائىر سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.
6-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئابلىكىم ھەسەن،شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ھەسەن، مۇئاۋىن مۇدىرى  ئىلغارجان سادىق كۇرسانتلارغا ئاپتورلار ۋە نەشرىيات
  توغرىسىدا  دەرس سۆزلىدى.

ۋاقتى: 2015-6-4 15:21:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-ئاينىڭ 4-كۈنى << تارىم >> ژورنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى ، ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئەپەندىم كۇرسانىتلارغا ،ئۈزىنىڭ ئوبزورچىلىق جەريانىدىكى ئۈسۈپ يىتىلىش ئەھۋالىنى ،بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوبزورچىلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ،شۇنداقلا تور ئوبزورچىلىقىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا دەرس سۆزلىدى .ئۇ يەنە كۇرسانىتلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى .ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئەپەندى ئوبزورچىلىقتا ئەدىپلەرنىڭ شەخسىيىتىگە ،زىتىغا ۋە غۇرۇرىغا تىگىدىغان خاھىشلاردىن ساقلىنىشنى ،تور ئوبزورچىلىقىدا قالايمىقان بەس مۇنازىرە قوزغاپ ،ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈز قىلمىشلاردىن ساقلىنىشنى  تەكىتلىدى.

ۋاقتى: 2015-6-6 22:00:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يېڭى ئۇچۇرلار يوللانماپتىغۇ؟ كۇرس داۋامىدىكى پائالىيەتلىرىڭلار كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتامدۇ ئەزىزلەر! يېڭىلىقلاردىن بىرلىكتە بەھىر ئالغايمىز، پائالىيەت داۋامىدىكى ئۇچۇرلارنى يوللاپ تۇرغايسىلەر!

ۋاقتى: 2015-6-9 11:52:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، جەنۇبى تاغنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن  قانغۇچە يايراپ  كىلىشڭلارغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-6-23 17:10:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتۇ. تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ.

ۋاقتى: 2015-7-3 17:40:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-7-16 00:05:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتداشلارنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-7-26 22:44:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرىيە ئەدەبىيات- سەنئىتى ناھايتى ياخشى جانلىنىۋاتىدۇ، كىرىيە ناھيەسىمۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەشكىللەشتە ئاكتىپ رول ئويناۋاتىدۇ. ئۆزگىچە، يارقىن، تېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت، تۇرمۇشى مۇھىتىغا پىششىق كىرىيە يازغۇچىلىرى! سېلەر نېمىدىگەن تەلەيلىك؟ ئىجادىيتىڭلارغا بەركەت تىلەيمەن.
تەكلىپىم: بۇ قېتىم يەنە بۇنداق تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئاراڭلاردىكى بويى ئىگىزرەك، ئىگىزگە چىقسا بېشى قايمايدىغان بىرەرىڭلار ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتى ئىجادىيەت مەركىزى›› دېگەن ۋېۋىسكىنى تامنىڭ ئەڭ كۆركەم ئورنىغا يۆتكەپ قويساڭلار! بۇ بىر بۇلۇڭدا قالىدىغان ۋېۋىسكا ئەمەس.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش