ھاجىرە قاسىم 1979- يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيسىدە توغولغان . 1985- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسىدە بولغان. 1992- يىلىدىن 1995- يىلغىچە ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان.1995- يىلى 9- ئايدىن 2012 – يىلى 9- ئايغىچە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان.2006-يىلىدىن 2008-يىلغىچە ئىلگىرى - كېيىن شنجاڭ مائارىپ ئنىستىتوتى، شىنجاڭ ئۇنۋىرىستېتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ جوڭگو – چەتئەل فاكولتېتى ۋە فىلولوگىيە ئىنستوتىدا بىلىم ئاشۇرغان، 2009- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 2002- يىلىدىن باشلانغان بۇلۇپ ھازىرغىچە مەمىلكەت ئىچى، ئاپتۇنۇم رايۇندىكى ھەر قايسى گېزىت- ژۇرناللاردا « قوشنىلار »، « ئاھ، مەجنۇنۇم قېنى سەن قېنى »، « قاچانلاردا »، « ئۇقۇتقۇچى »، «كەچۈر مېنى قىلاي ئىلتىماس»، «يۈرىكىمنى قايتۇرۇپ بەر »، « ئىشەن، جېنىم ئىشەنگىن جېنىم »، « راستتۇر»، « كەلدىم بۈگۈن يىراقتىن »، « بېيجىڭدا نۇرۇز »، « بېيجىڭدىكى خوتەن قىزلىرى »، «بەلكىم...»... قاتارلىق كوپلىگەن شېئىرى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەم ھەم داۋاملىق تەرجىمە قىلنۋاتماقتا «ئۈرۈمچى» ناملىق ناخشا تېكستى دۆلەت دەرىجىلىك 1- دەرىجىلىك ناخشىچى شامىل شاكىر تەرپىدىن ناخشا قىلىپ ئىشلەنگەن. 2009 – يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن «يۈرىكىمدە پەقەت سەنلا بار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.مەزكۇر كىتاپ شۇ يىلى ۋىلايەتنىڭ ئون بىر يۇرۇق نوقتا قۇرۇلۇشى بۇيىچە كىتاپ باھالاش پائالىيىىدە «بىر ياخشى كىتاپ » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2011 بۇ يىل 3- ئايدا «مەن ياشايمەن پەقەت سەن ئۈچۈن » ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.بۇ كىتاپ «جىجىياڭ لوڭقىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2013-يىلى ‹‹ ئايال بولماق بەختتۇر – بەخىت ›› ناملىق شېئرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ھەر قايسى گېزىت- ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
ئۇ ھازىر جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسنىڭ كېڭەش ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى » ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى، توقسۇ ناھىيلىك ظةدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-28 18:39