ھاجىرە قاسىم 1979- يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيسىدە توغولغان . 1985- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسىدە بولغان. 1992- يىلىدىن 1995- يىلغىچە  ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان.1995- يىلى 9- ئايدىن  2012 – يىلى 9- ئايغىچە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان.2006-يىلىدىن 2008-يىلغىچە ئىلگىرى - كېيىن شنجاڭ مائارىپ ئنىستىتوتى، شىنجاڭ ئۇنۋىرىستېتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ جوڭگو – چەتئەل فاكولتېتى  ۋە فىلولوگىيە  ئىنستوتىدا بىلىم ئاشۇرغان، 2009- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات  كەسپىدە   بىلىم ئاشۇرغان. 
   ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى  2002- يىلىدىن باشلانغان بۇلۇپ ھازىرغىچە  مەمىلكەت ئىچى، ئاپتۇنۇم رايۇندىكى ھەر قايسى گېزىت- ژۇرناللاردا « قوشنىلار »، « ئاھ، مەجنۇنۇم قېنى سەن قېنى »، « قاچانلاردا »، « ئۇقۇتقۇچى »، «كەچۈر مېنى قىلاي ئىلتىماس»، «يۈرىكىمنى قايتۇرۇپ بەر »، « ئىشەن، جېنىم ئىشەنگىن جېنىم »، « راستتۇر»، « كەلدىم بۈگۈن يىراقتىن »، « بېيجىڭدا نۇرۇز »، « بېيجىڭدىكى خوتەن قىزلىرى »، «بەلكىم...»... قاتارلىق كوپلىگەن شېئىرى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.  بىر  قىسىم  ئەسەرلىرى  خەنزۇچىغا  تەرجىمە   قىلىنغان  ھەم   ھەم  داۋاملىق  تەرجىمە   قىلنۋاتماقتا  «ئۈرۈمچى»  ناملىق ناخشا تېكستى  دۆلەت دەرىجىلىك  1- دەرىجىلىك  ناخشىچى   شامىل شاكىر  تەرپىدىن   ناخشا قىلىپ ئىشلەنگەن. 2009 – يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن «يۈرىكىمدە پەقەت سەنلا بار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى  نەشىر قىلىنغان.مەزكۇر كىتاپ شۇ يىلى ۋىلايەتنىڭ  ئون بىر يۇرۇق نوقتا  قۇرۇلۇشى بۇيىچە  كىتاپ باھالاش پائالىيىىدە «بىر ياخشى كىتاپ » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2011 بۇ يىل 3- ئايدا «مەن ياشايمەن پەقەت سەن ئۈچۈن » ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.بۇ كىتاپ «جىجىياڭ لوڭقىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2013-يىلى ‹‹ ئايال بولماق بەختتۇر – بەخىت ›› ناملىق شېئرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.  ھەر قايسى گېزىت- ژۇرناللاردا  كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 
     ئۇ ھازىر جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسنىڭ كېڭەش ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى » ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى، توقسۇ ناھىيلىك ظةدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسنىڭ  ئەزاسى. 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-28 18:39