ximal
كۆرۈش: 240|ئىنكاس: 12

خەنجەر: كونا مۇنبەردىكى بىر قىسىم ئەسەرلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  151
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 481
تۆھپە : 16
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 01:06:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قۇمغا سىڭگەن مۇھەببەت
−«قۇم ئۇپۇقلىرى» ئويغاتقان ھېسلار
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر

قۇم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن چەمبەرچاس بىرىكىپ كەتكەن. قۇمدا ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزى بار. قۇمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بار . قۇمدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەسىر-سارايلىرى بار. ئۇيغۇرلارنىڭ كىندىك قېنى قۇمغا تۆكۈلگەن، ھاياتلىق قاراشلىرى قۇمدا ئاپىرىدە بولغان. شۇنداقلا ئېچىلغان-ئېچىلمىغان نۇرغۇن سىرلارنىڭ يىلتىزى يەنە شۇ قۇمنى مەنبە قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىدە-ئىخلاسلىرى، ئازۇ-ئارمانلىرى، ھەتتا قايغۇ-ھەسرەتلىرىمۇ قۇمغا سىڭىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ قۇمغا بولغان مۇھەببىتى ئۇزاق تارىختىن بۇيان خۇددى ئاشۇ قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا ئەسىرلەردىن بۇيان ياپيېشىل كۆكىرىپ تۇرغان خىسلەتلىك توغراقلاردەك ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى. شۇڭلاشقا بىزنىڭ دەسسىگىنىمىزمۇ قۇم، ئۈستىمىزگە ياغىدىغىنىمۇ يەنە شۇ قۇم. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قۇم تېما قىلىنىپ يېزىلغان ئەسەرلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەسىلەن، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانى، توختى ئايۇپنىڭ «قۇم باسقان دېڭىز»، ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قۇملۇق تىترەۋاتىدۇ»، خالىدە ئىسرائىلنىڭ «قۇملۇقنىڭ چۈشى» قاتارلىق پوۋسىتلىرى قۇم ۋە قۇم بارخانلىرى تېما قىلىنىپ يېزىلغان نادىر ئەسەرلەر ھىسابلىنىدۇ. مەيلى«قۇم باسقان شەھەر»دە بولسۇن، مەيلى «قۇم باسقان دېڭىز» دا بولسۇن، قۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە، يۇرتىغا سىمۋول قىلىنىدۇ. بۇ ئەسەرلەردە ئاشۇ بىپايان قۇملۇق ئەتراپىدا ياشاۋاتقان مېھنەتكەش خەلق ئاممىسىنىڭ ۋەتەنگە، ئەل-يۇرتقا بولغان مۇھەببىتى، ئەقىدىسى، ساداقىتى، ۋاپادارلىقى ئەكس ئېتىدۇ. نېفىتلىك باغرىدا ئۆسۈپ يىتىلگەن، نېفىتلىك قوينىدا قەلىمى قۇۋۋەت تاپقان شائىر ئىبراھىم نىيازنىڭ «قۇم ئۇپۇقلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىمۇ شائىرنىڭ قۇمغا−ۋەتەنگە، خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئەكس ئەتكەن. «قۇم ئۇپۇقلىرى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل نەشرى) ئىبراھىم نىيازنىڭ تۇنجى شېىئرلار توپلىمى بولۇپ، توپلامغا شائىرنىڭ 1988-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە يازغان 99 پارچە شېئىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. توپلامدىكى ھەربىر پارچە شېئىردا شائىرنىڭ ۋەتەنگە، خەلققە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتى ئەكس ئەتكەن. جۈملىدىن  ئۆزى ياشاپ كېلىۋاتقان باغرى ئىللىق نېفىتلىككە، نېفىتلىكتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان يالقۇنلۇق ھېسسياتى ئىپادىلەنگەن. بىز «قۇم ئۇپۇقلىرى» نىڭ ئىللىق باغرىدا يېتىپ ئىللىق نەپەس ئالغىنىمىزدا، شائىرنىڭ قۇم بارخانلىرى ئەتراپىغا جايلاشقان سۆيۈملۈك ئانا يۇرتىغا بولغان چەكسىز سېغىنىشىنى تولۇپ-تاشقان قايناق ھىسىيات بىلەن   ئىنتايىن جانلىق، تەسىرلىك، ئوبرازلىق ئىپادىلىگەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز.
  
رەسساملار سىزالماس چېھرىڭنى سېنىڭ،

يارقىن نۇر چاچىسەن قۇياشقا ئوخشاش.

شائىرلار يازالماس مېھرىڭنى تۈگەل،

مۇڭلىنىپ كۆزىدىن تاراملايدۇ ياش.

    («ئاھ، مېنىڭ دۇنيانى ياراتقان ئانام»، توپلام 31-بەت)

شائىرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ مېھرىبان كىشى ھېسابلانغان ئانىنىڭ بۈيۈك ئوبرازىنى قۇياشقا ئوخشىتىپ، ئۇنىڭ مېھرىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئارزۇسى ۋە ئۇنى مەڭگۈ ئۇلۇغلاش ھېسسياتىنى ئىنتايىن ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن. مەشھۇر شائىر گيوتو: «شائىر ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن جەەمئىيەتنى ۋە تەبىئەتنى كۆزىتىدۇ. ئۇنىڭ بىر كۆزى كۆزەتكۈچى، يەنە بىر كۆزى تەسەۋۋۇر يۈرگۈزگۈچى بولىدۇ. شائىر ئوبيېكتىنى ئىزچىل كۆزىتىش داۋامىدا، ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا بىر خىل مۇرەككەپ تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ كىشىلەر ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئىلھامدۇر. ئۇ ھېچقانداق دەخلىسىز ۋە مۇستەقىل بولۇپ، شائىرنىڭ ئىدىيىسىنى خۇددى ئۇنىڭ ھەرىكىتىدەك ئەركىن ئىپادىلەپ بېرىدۇ.» دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداق، تەبىئەت−شائىرلار ئەڭ كۆپ قەلەمگە ئالىدىغان، شائىرلارغا ئىلھام ئاتا قىلىدىغان سېھىرلىك كان. بۇ كاننىڭ ئىشىكىنى ئېچىش ئۈچۈن شائىرلاردا ئۆتكۈر كۆز، سەمىمىي پوزىتسىيە، يۈكسەك ئىرادە ۋە ئالىيجاناب ئېتىقاد بولۇشى كېرەك. چىنلىقتىن ئايرىلىپ قېلىش گۈزەللىكتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنى چىن ۋە ھەقىقىي يېزىش شائىرلارنىڭ ۋىجدان-غۇرۇرىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم تارازا ھېسابلىنىدۇ. شائىر ئىبراھىم نىياز «قۇم ئۇپۇقلىرى» دا، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاجايىپ سېھرىي كارامەتلەرنى تولۇپ ـ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تەسۋىرلەپ، سېھىرلىك قۇملۇققا، جۈملىدىن بىپايان قۇملۇق باغرىدا ياشاۋاتقان مېھنەتكەش خەلققە بولغان يۈكسەك مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

پاياندازغا ئوخشاپ كەتتى يېشللىقلىرىڭ،

سېھىرلىدىڭ يۈرىكىمنى ئانا تەبىئەت.

تاغلىرىڭنى قۇچاقلاشقا مەندە ئىمكان يوق،

ئەمما سېنى قۇچاقلدى ئۇلۇغ مۇھەببەت.



ئانامدىكى گۈزەللىكنىڭ يوقتۇر تەڭدىشى،

ئوخشاپ قاپسەن ئاق سۈت بەرگەن ئانامغا قەۋەت.

چەكسىز مېھرىڭ ئانامدىكى مېھىر ئەمەسمۇ،

ئېھ، قەلبىمنى ئۇتۇۋالغان گۈزەل تەبىئەت.

     («ئانامدەك گۈزەلسەن ئانا تەبىئەت»، توپلام 7-بەت)

دېمەك، شائىر گۈزەل تەبىئەتنى ئانىغا، ئانا ۋەتەنگە ئوخشىتىپ، ئۇنى ئانىنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلايدىغانلىقى، ۋەتەننى سۆيگەندەك سۆيىدىغانلىقىغا بولغان يۈكسەك ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدۇ. داڭلىق شائىر ئەي چىڭ: «شائىر بىر تەرەپتىن، دۇنيانى ئوبرازلىق چۈشىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوبرازنىڭ ياردىمى بىلەن دۇنيانى كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شائىرنىڭ دۇنيانى چۈشىنىش چوڭقۇرلۇقى ئۇنىڭ ياراتقان ئوبرازىنىڭ روشەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.» دەپ توغرا ئېيتقان. سەھرا−كىشىگە ئاق كۆڭۈللۈك، سەمىمىيلىك، كەڭ قورساقلىق، ۋاپادارلىق ئۆگىتىدىغان مەكتەپ. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئەلمۇساقتىن بېرى بۇ مەكتەپتىن تەلىم ئېلىپ ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ كەلگەن ھەمدە بۇ مەكتەپنى ئۇلۇغلاپ، قۇغداپ كەلگەن. شائىرلارمۇ بۇ مەكتەپكە بولغان سەمىمىي ساداقىتىنى، ۋاپادارلىقىنى شېئىر-داستانلىرىدا كۈيلىگەن، مەدھىيىلىگەن ھەمدە بۇ مەكتەپنىڭ بۈيۈك ئوبرازىغا داغ تەگكۈزىدىغان ناچار ئىللەتلەرنى پاش قىلغان، تەنقىدلىگەن. شۇنداقلا بۇ مەكتەپنىڭ نوپۇزىنى پەسلەشتۈرمەكچى، پۇچەكلەشتۈرمەكچى بولغان بىر قىسىم قارا نىيەتلەرگە، پەزىلىتى ناچار، روھى ئۆلۈك ۋىجدانسىزلارغا كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەت ياغدۇرغان. «قۇم ئۇپۇقلىرى» دا، شائىر ئۆزىنىڭ ئانا تەبىئەتكە، ئانا سەھراغا بولغان ئوتتەك تەلپۈنۈشىنى، سەمىمىي ساداقىتىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، سەھرانى، سەھرالىقنى ياراتمايدىغان، كۆزگە ئىلمايدىغان بىر قىسىم پەزىلەتسىز، ئېتىقادسىز ناكەسلەرگە كەسكىن رەددىيە بېرىدۇ.

شېرىن ۋە ھەسرەتلىك سەھرانىڭ چۈشى،

بەختكە ھامىلدار بولمايدۇ لېكېن.

توپىلىق يوللاردا ئېشەك ھارۋىسى،

ئۆتىدۇ شۇ قەدەر غىچىرلاپ مىسكىن.



پىلىلداپ جىنچىراغ ھەر كۈنى كەچتە،

بالدۇرلا بېرىدۇ كېچىگە نۆۋەت.

لامپۇچكا دېگەنلەر بۇ يەردە تېخى،

قانغۇدەك يېنىشىغا تاپمىدى پۇرسەت.



تەڭ قىلغۇم يوق لىكېن چوڭ-چوڭ شەھەرگە،

سەھرانىڭ ئاسمىنى، يېرى، سۈيىنى.

دوراپمۇ بولالماس بەزمىخانىلار،

ھەتتاكى بۇندىكى قۇشلار كۈيىنى.

   («سەھرانىڭ چۈشى»،توپلام 80-81-بەتلەر)

دىمەك، شائىر بۇ مىسرالاردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن سۆيۈملۈك سەھرانى، سەھرادىكى پاكار-پاكار ئۆيلەرنى، توپىلىق يوللارنى چوڭ شەھەرلەردىكى ئېگىز-ئېگىز بىنالارغا، كەڭ ۋە پاكىز ئاسفالىت يوللارغا ھەرگىز تەڭ قىلمايدىغانلىقىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئانا سەھرانىڭ يېشىللىقىنى، كۆك ئاسمىنىنى، مۇنبەت تۇپرىقىنى، سۈپسۈزۈك سۇلىرىنى چەكسىز سېغىنغانلىقىنى ھاياجان بىلەن ئىپادىلەيدۇ. خۇددى لىۋانلىق مەشھۇر شائىر جېبران خېلىل جېبران:«شېئىردا ئىپادە قىلىنىدىغىنى پىكىر ئەمەس، بەلكى يارا ئېغىزىدىن ياكى كۈلكە ئېغىزىدىن ئۇرغۇپ چىققان ناخشىدۇر» دەپ ئېيتقىنىغا ئوخشاش، شائىر ئىبراھىم نىيازنىڭ شېئىر-غەزەللىرىدىمۇ ئاجايىپ يېقىملىق بىر ناخشا قۇلاق تۈۋىمىزدا جاراڭلايدۇ. بىز بۇ يېقىملىق ناخشىنىڭ لىرىك ئەللەيلىتىشلىرى ئىچىدە تەبىئەت ۋە جەمئىيەت، شۇنداقلا ھاياتلىق ھەققىدە چوڭقۇر خىيالغا پاتىمىز. ئېلىمىزنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر شائىر بەي جۈيى: «شېئىردا ھېسسىيات يىلتىز، تىل مايسا، ئاھاڭ چېچەك، مەنا مېۋىدۇر» دەپ ئېيتقان. شائىرلار ھايات دولقۇنلىرىدىن بۈيۈك مەنالارنى ئىزدەيدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدە بۈيۈك ھەقىقەت چېچەكلەيدۇ، يۈكسەك مۇھەببەت مېۋىگە كىرىدۇ. شائىر ئىبراھىم نىياز «قۇم ئۇپۇقلىرى» نىڭ چەكسىز بارخانلىرىدا تۇرمۇشتىن يېڭى مەنا، بۈيۈك ھەقىقەت ئىزدەشكە كۈچەپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ يۈكسەك مەنالار بىلەن سۇغۇرۇلغان لىرىكىلىرىدا ھاياتلىق ئەڭگۈشتىرى ھېسابلانغان ئانا تەبىئەت ۋە تەبىئەت قوينىدىكى بارلىق مەۋجۇدات تولۇپ-تاشقان ھاياجان بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ ۋە ئۇلۇغلىنىدۇ. بولۇپمۇ تەبىئەت باغرىدا ھاياتلىق كۈرىشىگە ئاتلانغان ئادەملەرنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئادەمدەك ياشاشقا ئۈندەيدۇ .

باشلىق بوپ ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ،

ياكى ياۋ ئالدىدا كەتسىمۇ بېشىڭ،

ئامەت كەپ سەكسەندىن ئاشسىمۇ يېشىڭ،

ھەقىقىي ئادەم بول ھەممىدىن ئاۋۋال.



مىللەتكە شان-شەرەپ كەلتۈرمىسەڭمۇ،

تويوڭدا ئات، كالا ئۆلتۇرمىسەڭمۇ.

ئۆزگىنى رازى قىپ كۈلدۇرمىسەڭمۇ،

ھەقىقىي ئادەم بول ھەممىدىن ئاۋۋال.



خىزىر بوپ ھۆرمەتنىڭ چىققىن تۆرىگە،

ئوت ياققىن ئىبلىسقا، شەيتان گۆرىگە.

ئاشىق بوپ كۆي ھەتتا ھۆرگە-پەرىگە،

ھەقىقىي ئادەم بول ھەممىدىن ئاۋۋال.

(«ئادەم بول»،توپلام 69-70-بەتلەر.)

شائىر قەقىقىي ئادىمىيلىكنى ئۇنىڭ قانچىلىك شەرەپكە ئىرىشكەنلىكىگە ياكى قانچىلىك كۆپ پۇل تاپقانلىقىغا قاراپ ئەمەس، بەلكى ئەل- ۋەتەنگە قانچىلىك دەرىجىدە خىزمەت قىلغانلىقىغا قاراپ ئۆلچەش كىرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك قاراشلىرىنى يالقۇنلۇق مىسرالار ئەۋجىدە ئوبرازلىق ئىپادىلەيدۇ. بىز «قۇم ئۇپۇقلىرى» نىڭ بىپايان بارخانلىرىنى ئەستايىدىل تەكشۇرۈپ تەتقىق قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇنىڭدىكى ھەربىر پارچە شېئىرنىڭ مەيلى مەزمۇن، مەيلى بەدىئىيلىك جەھەتتە بولسۇن قەدەممۇ قەدەم پىشىپ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنى، شائىرنىڭ ھادىسىۋى ئۇقۇملارنى ماھىيەتلىك مەنالار بىرىكمىسىگە ئايلاندۇرۇشتا كۆپ تىرىشقانلىقىنى، ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىمۇ بەلگىلىك خاسلىق ياراتقانلىقىنى  ھېس قىلالايمىز. مەسىلەن، بىز شائىرنىڭ 1991-يىلى يازغان «ئانامدەك گۈزەل سەن ئانا تەبىئەت» ناملىق لىرىكىسى بىلەن 2001-يىلى يازغان «روھ دەرىخى» ناملىق لىرىكىسىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى:

گۈزەللىكنىڭ ئىلاھى سەن ئانا تەبىئەت،

ئۇتۇۋالدىڭ يۈرىكىمنى مەڭگۈلۈك بۇ دەم.

ئاتا قىلدىڭ سۆيگۈگە باي ناخشىنى ماڭا،

شۇ ناخشاڭدىن كۈيگە تولۇپ كەتتى ھەر ئادەم.(«ئانامدەك گۈزەلسەن ئانا تەبىئەت»،توپلام 7-بەت)

قاغجىراپ بارماقتا روھ دەرەخلىرى ،

چىچەكلەر قىساس كۆتۈرمەكتە تىغ.

تومپايغان قورساقلار تەنگە ئېغىر يۈك،

گىدىيىپ يۈرگەنلەر ھېلىھەم مىغ-مىغ

.                 («روھ دەرىخى»،توپلام 157-بەت)

يۇقىرىقى سېلىشتۇرمىدىن بىز شائىرنىڭ تەپەككۇر، قەلەم قۇۋۋىتى، بەدىئىي ماھارەت جەھەتتە بارغانسېرى ئالغا باسقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئاددىي تەسۋىرلەر يىغىندىسىنى پەلسەپىۋى پەللىگە كۆتۈرۈشتە، ئاددىي ۋە ئابىستراكىت مىسرالار تىزمىسىنى جانلىق ۋە ئوبرازلىق مىسرالار جىلۋىسىگە ئايلاندۇرۇشتا كۆپ ئىزدەنگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە، خەلققە بولغان چەكسىز مۇھەببەت ۋە ساداقىتىنىڭ «قۇم ئۇپۇقلىرى» غا ئىنتايىن تەبىئىي ھالدا سىڭدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.

قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

2011-يىل 25-يانۋار
مەنبە: «مايبۇلاق» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 3-سان



ئۆزگىرىش
(مىكرو ھېكايە)
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
ئۈچ ئايلىق يېزا خىزمىتىنى تۈگىتىپ،بۈگۈن ئادەتتىكىدىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئەسلىدىكى ئىش ئورنۇمغا- مەكتەپكە ئىشقا  كەلدىم،مەكتەپ قورۇسىنى ئايلانغاچ مەكتەپتىكى قاينام-تاشقىنلىق ۋەزىيەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.مەكتەپتە ئۈچ ئاي ئىچىدىلا شۈنچە زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ كەتكەن ئىدى. خىزمەت دېسە دائىم بېشى ئاغرىيدىغان مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى نۇربىيە مەيداننىڭ بىر يېنىدا قىرىق-ئەللىكتەك ئوقۇغۇچىنى يىغىۋېلىپ قىزغىن ئىشتىياق بىلەن مۇزىكا چېلىۋاتقان،دائىم ئېغىزىدىن ھاراق ھىدى كەتمەيدىغان تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن بىر توپ ئوقۇغۇچىلارنى يىغىۋېلىپ تورنىكتا شامالدۇرغۇچنىڭ قاناتلىرىدەك پىرقىراۋاتقان،ئەزەلدىن دەرسلىك كىتاپتىن باشقا كىتاپلارنى ئوقۇشقىمۇ خۇشياقمايدىغان،ئىككى تاغار سامانغا جايلاپ ھۈججەت يازالمايدىغان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى رامىلە بىر توپ ئوقۇغۇچىنى گۈللۈك ئەتراپىغا يىغىپ مەنزىرە تەسۋىرى يازغۇزىۋاتقان، قارىماققا كىيىم-كېچەك دۇكانلىرىدىكى مودىللاردەك غەلىتە ياسىنىۋېلىشقا ئامراق خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ماھىرە ھە دەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكىست يادلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان، كۆزلىرىنى تۆت كۆزلۈك ئىتنىڭكىدەك قىلىپ قاشلىق ئېتىپ،ئېغىزلىرىنى قان ئىچكەندەك قىپ-قىزىل بويىۋېلىپ يۈرىدىغان بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى ئايگۈزەل بىر توپ ئوقۇغۇچىنىڭ تۈرلۈك ئەۋرىشكىلەرنى يىغىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا ئىدى... تۇيۇقسىز كۆزۈم مەكتەپ مەمۇرىيەت بىناسى ئالدىغا چاپلانغان ‹‹يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش جەدىۋىلىنى 15-چېسلادىن قالدۇرماي مەكتەپ مەمۇرىيەت ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار›› دېگەن خەتلەرگە چۈشتى. كۆڭلۈمگە گۈپپىدە بىر ئىش كەلدى-دە،مەنمۇ دەرھال بىكار قالغان  ئوقۇغۇچىدىن  ئون-يىگىرمىنى تەستە ئىزدەپ تېپىپ،كەسپىمنىڭ ماتېماتېكا بولۇشىغا قارىماي،مەيداننىڭ بىر بۇرجىكىنى ئىگىلەپ رەسىم سىزدۇرۇشقا باشلىدىم...

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ مائارىپى›› ژۇرنىلى 2009-يىلى 10-سان




ئوقۇتقۇچى، رەڭۋازلىق ئەمدى ئاقمايدۇ
−ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغنىڭ «ئۆزگىرىش» ناملىق ھېكايىسى ھەققىدە مۇلاھىزە
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ ھەربىر سانىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىمەن ھەمدە ئۆز كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلىمەن، روھىي دۇنيايىمنى ئىلىمنىڭ يېڭىلمەس كۈچ-ھېكمەتلىرى بىلەن بېيىتىمەن. ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان سۆز-جۈملىلەرنىڭ ئاستىغا سىزىمەن ياكى خاتىرە قالدۇرىمەن. بۇ ئارقىلىق كەسپىي سەۋىيەمنى ئاشۇرىمەن، بىلىمىمنى تولۇقلايمەن؛ يېزىقچىلىققا ھەۋەس قىلىدىغىنىم ئۈچۈن ئۇنىڭدىكى سەرخىل ئەسەرلەردىن بەھر ئېلىپ، كۆڭۈل قەسىرىمنى ئادىمىيلىكنىڭ گۈزەل خىسلەتلىرى بىلەن زىننەتلەيمەن. ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئالتۇن بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان نادىر ھېكايىلەرنى، تەسىرلىك نەسىرلەرنى، پەلسەپىۋىلىككە تويۇنغان شېئىرلارنى ئوقۇسام، كۆڭلۈم خۇددى باھار ئاپتىپىدەك يورۇپ، زېھنىم ئۆتكۈرلىشىدۇ، يېزىقچىلىق خۇمارىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئەنە شۇنداق يالقۇنلۇق ئوت، ئەنە شۇنداق قىزغىن ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2009-يىللىق 10-سانىنى قولۇمغا ئالدىم. ئالدى بىلەن، قۇربان داۋۇت شاھىدىنىڭ «مۇئەللىمنىڭ دۇنياسىدىكى توزۇماس گۈل» ناملىق ماقالىسىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقىپ «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ تۆھپىسىگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم ھەمدە ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاسىم تېخىمۇ ئاشتى. ئاندىن «كەسپىي ئۇنۋان باھالاشتا كۆرۈلۈۋاتقان كۆپۈكلىشىش مەسىلىسى» ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ چىقتىم ھەمدە كەسپىي ئۇنۋان باھالاشتا ساقلىنىۋاتقان ناتوغرا ئىستىللاردىن قاتتىق غەزەپلەندىم. ئاخىرىدا ئۆز كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماقالىلىرىدىن ئاينۇر قاۋۇزنىڭ «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆتۈشتە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار»، غەيرەت ھەبىبۇللانىڭ «يېزىقچىلىق ۋە ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش»، مۇختارجان مۇھەممەدنىڭ «ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەزى ئەدەبىي ژانىرلارنىڭ پەرقى» قاتارلىق ماقالىلەرنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن بەلگىلىك بىلىم ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولدۇم. مەن يەنە، بۇ مۇبارەك ژۇرنالنىڭ «مەشھۇر شەخسلەر» سەھىپىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەينى دەۋردە كىشىلەر تەرىپىدىن «زېھنىي-قۇۋۋىتى ئاجىز، ئىستىقبالى يوق» دەپ قارالغان، ئەمما كېيىن پۈتۈن جاھان ئەھلىنى ھەيران قالدۇرۇپ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 20-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىم ئالبېرت ئېينېشتېيىننىڭ بالىلىق دەۋرىنى ئوقۇپ چىقتىم ھەمدە ئادەملەرگە ئالدىراپ باھا بېرىشنىڭ تازا ئاقىلانىلىق بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم، ئۇلۇغ ئالىم ئېينېشتېيىنگە بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى. ئەلۋەتتە، بۇ سان ژۇرنالدا مېنى ئۆزىگە تېخىمۇ جەلپ قىغىنى، قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر قىلغىنى يەنىلا «ئەدەبىيات گۈلزارى» سەھىپىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئابدۇروسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغنىڭ «ئۆزگىرىش» ناملىق مىكرو ھېكايىسى ئىدى. ھەجىۋىي ئۇسلۇبتا يېزىلغان، ئۆز ھەجىمىگە قارىغاندا خېلى چوڭقۇر مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرگەن بۇ مىكرو ھېكايىدە مىللىي مائارىپىمىزدا ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان شەكىلۋازلىق، ساختىلىق، داغۋازلىق، چاكىنىلىق ئىللەتلىرى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن پاش قىلىنغان. بىز ھېكايىنى كۆڭۈل قويۇپ بىرقانچە قېتىم ئوقۇپ چىقىدىغان بولساق، مىللىي مائارىپىمىزدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۆسمىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تراگېدىيىلىك قىسمەتلىرىدىن ئېچىنماي تۇرالمايمىز. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، مەكتەپنىڭ شەكىلۋازلىقى ئوقۇتقۇچىلارنى شەكىلۋاز قىلىپ قويىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ شەكىلۋازلىقى ئوقۇغۇچىلارنى شەكىلۋاز قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىدۇ. دېمەك، بىرى يەنە بىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىر قىسىم مەكتەپلەردىكى خىلمۇ خىل كۆز بويامچىلىق، شەكىلۋازلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ داغۋازلىق، كۆز بويامچىلىق ئىللەتلىرى باش كۆتۈرۈپ قالدى. سىنىپتا مۇئەللىم بولسا بىرخىل، مۇئەللىم بولمىسا يەنە بىرخىل قىياپەتتە ئولتۇرۇش، تاپشۇرۇق كۆچۈرۈش، سىنىپ مۇدىرى بىلەن باشقا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولماسلىق قاتارلىقلار يۇقىرىقى قارىشىمىزنىڭ روشەن دەلىلى. تەكشۈرۈش ياكى باھالاشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن بىر قىسىم مەكتەپلەردە شەكىلۋازلىق قىلىش نورمال ئىشقا ئايلىنىپ كەتتى. «ئىشخانىمىزنىڭ ئىشىكى كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن، قۇلۇپى بۇزۇلۇپ يا ئېچىلماس، يا ئېتىلمەس بولۇپ قالغانىدى،-دەيدۇ مەلۇم بىر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ساۋاقدىشىم ئېغىر خۇرسىنىپ،-مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىگە تولا دەرد ئېيتتۇق، لېكىن ئۇلار ‹ ئۆزۈڭلار بىر ئامال قىلىڭلار›دەپ كارى بولمىدى. كېيىن مەكتىپىمىزگە ‹ئىككى ئاساسەن›خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ئادەم كېلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىلىۋىدى، ئىشخانىمىزنىڭ ئىشىكى بىر كېچىدىلا يېپيېڭى ھالەتكە ئۆزگەردى. بىز ئىچىمىزدە ‹تەكشۈرۈپ باھالايدىغانلار مەكتىپىمىزگە كۈندە كېلىپ تۇرسا نېمىدېگەن ياخشى-ھە!›دېيىشتۇق.» ھەجىۋىي ياكى مەسخىرە ساتىرىك ئەسەرلەرنىڭ جېنى. «ئۆزگىرىش» ناملىق ھېكايىنىڭ ھەربىر سۆز-جۈملىلىرىدە ھەجىۋىيلىكنىڭ كۈچلۈك ئېلېمېنتلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. «ئۆزگىرىش» تە، ئاپتور مەكتەپ مەمۇرىيەت بىناسى ئالدىغا چاپلانغان «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى 15-چىسلادىن قالدۇرماي مەكتەپ مەمۇرىيەت ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار» دېگەن قىسقا ئۇقتۇرۇشنى يىپ ئۇچى قىلىپ تۇرۇپ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردىكى رەڭۋازلىقنى، كۆز بويامچىلىقنى ئاچچىق قامچا ئاستىغا ئالغان. بولۇپمۇ ئۆز كەسپىنىڭ ھۆددىسىدىن تۈزۈك چىقالمايدىغان، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقىغا دىققەت قىلمايدىغان، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان بىر قىسىم قۇرۇق سۆلەت، ھاكاۋۇر ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچلۈك تەنقىد ئاستىغا ئېلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۇرانە ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈۋاتقان بىر قىسىم مىتىلەر ئۈستىدىن ئاچچىق شىكايەت قىلغان. قارايدىغان بولساق، «خىزمەت دېسە بېشى ئاغرىيدىغان مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى نۇربىيەنىڭ مەيداندا قىرىق-ئەللىكتەك ئوقۇغۇچىنى يىغىۋېلىپ قىزغىن ئىشتىياق بىلەن مۇزىكا چېلىشى»، «ئاغزىدىن دائىم ھاراق ھىدى كەتمەيدىغان تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئەركىننىڭ بىر توپ ئوقۇغۇچىلارنى يىغىۋېلىپ تورنىكتا شامالدۇرغۇچتەك پىرقىرىشى»، «ئەزەلدىن دەرسلىك كىتابتىن باشقا كىتابلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغان، ئىككى تاغار سامانغا جايلاپ ھۆججەت يازالمايدىغان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى رامىلەنىڭ بىر توپ ئوقۇغۇچىنى گۈللۈك ئەتراپىغا يىغىۋېلىپ مەنزىرە تەسۋىرى يازدۇرۇشى»، «قارىماققا كىيىم-كېچەك دۇكانلىرىدىكى مودېللاردەك غەلىتە ياسىنىۋېلىشقا ئامراق خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ماھىرە ھەدەپ ئوقۇغۇچىلارغا تېكىست يادلىتىشى»، «كۆزلىرىنى تۆت كۆزلۈك ئىتنىڭكىدەك قىلىپ قاشلىق ئېتىپ، ئېغىزلىرىنى قان ئىچكەندەك قىپقىزىل بويىۋېلىپ يۈرىدىغان بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى ئايگۈلنىڭ بىر توپ ئوقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك ئەۋرىشكىلەرنى يىغىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى...» ئەمەلىيەتتە ئاپتورنىڭ ئاچچىق كىنايىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاپتور كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلمايۋاتقان تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنى، كەسپىي ساپانى ھازىرلىمىغان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مىللىي ئەنئەنىنى تەرك ئەتكەن خەنزۇ تىلى ۋە بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسىنى ئاچچىق قامچا ئاستىغا ئېلىپ تەنقىدلەش ئارقىلىق، بىر قىسىم مەكتەپلەردىكى شەكىلۋازلىق، كۆز بويامچىلىقنى شەپقەتسىزلەرچە پاش قىلىدۇ. سىلەر ئويلاپ بېقىڭلار، «دەرسلىك كىتابتىن باشقا كىتابنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغان، ئىككى تاغار سامانغا جايلاپ ھۆججەت يازالمايدىغان» تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى قانداقمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىقىغا يېتەكچىلىك قىلالىسۇن؟ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان كىشى ئالدى بىلەن كۆپ كىتاب كۆرۈشى، شۇنداقلا بەلگىلىك يېزىقچىلىق ساپاسىنى ھازىرلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ئۆزى بىرەر پارچە نەرسىنى قاملاشتۇرۇپ يازالماي تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىشى ياكى باھالىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

مەن بەزى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ساپاسىنىڭ يوقلۇقىنى يېپىپ «ھېچكىم ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى چوقۇم بەلگىلىك دەرىجىدىكى يېزىقچىلىق ساپاسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ قانۇن بېكىتىپ قويمىغان، بۇ دېگەن شۇ كىشىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. بىز يېزىقچىلىق قىلىپ كەتسەك يازغۇچىلار نېمىش قىلىدۇ؟» دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بەلگىلىك يېزىقچىلىق ساپاسىغا ئىگە بولۇشى قانۇن تەرىپىدىن بېكىتىلمىسىمۇ، لېكىن كەسپىي مەسئۇلىيەت، ۋىجدانىي بۇرچ شۇنى تەلەپ قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۆزىمىز بىرەر ئىشنى قاملاشتۇرۇپ قىلالماي تۇرۇپ، باشقىلارغا شۇ ئىشنى قانداقمۇ قاملاشتۇرۇپ قىلدۇرۇلايمىز؟ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېزىقچىلىقنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئاددىيسى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېزىقچىلىققا بېرىلىدىغان نومۇر 55 كە يەتتى. دېمەك، بۇ بىزنىڭ يېزىقچىلىققا بولغان تەلەپنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرىدۇغۇ؟ ھېكايىنىڭ قانداق يېزىلىدىغانلىقى، نەسىرنىڭ قانداق يېزىلىدىغانلىقى، مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ قانداق يېزىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى نەزەرىيىنى كىتابتىن چۈشەندۈرۈپ قويۇش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. مۇھىمى ئاشۇ نەزەيىۋى بىلىملەرنى قانداق قىلىپ ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشتا. ئۆزىڭىز بىر پارچە ماقالىنى قاملاشتۇرۇپ يازالمىغان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارنىمۇ توغرا يېزىقچىلىققا يېتەكلىيەلمەيسىز. ھېكايىنىڭ ئاخىرىدىكى ھەجىۋىي كىشىنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. «كۆڭلۈمگە بىر ئىش كەلدى-دە، مەنمۇ دەرھال ئوقۇغۇچىدىن ئون-يىگىرمىنى ئىزدەپ تېپىپ، كەسپىمنىڭ ماتېماتىكا بولۇشىغا قارىماي، مەيداننىڭ بىر بۇرجىكىنى ئىگىلەپ ئوقۇغۇچىلارغا رەسىم سىزدۇرۇشقا باشلىدىم...» بۇ تەسۋىرلەر ماڭا كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى «ئات جۇۋازدا، كالا مەپىدە» دېگەن مەشھۇر ساتىرانى ئەسلەتتى. شەكىلۋازلىق، ساختىلىق، كۆز بويامچىلىق قىلىپ جان بېقىشقا كۆنۈپ قالغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارغا قاتتىق نەپرەتلەندىم. مەن بۇ يەردە ئاشۇ كۆز بويامچىلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ: ماقۇل، تۈنۈگۈن، بۈگۈنغۇ شۇنداق كۈن ئۆتكۈزدىڭىز، لېكىن ئەتە، كەلگۈسىدىچۇ؟! سىزگە ئېيتسام، بۇ قەتئىي مۇنمكىن بولمايدۇ! رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان بۈگۈنكى دەۋر سىزدەك ماڭقۇرتلارغا ياشاش ئىمكانىيىتى بەرمەيدۇ! رەڭۋازلىق، كۆز بويامچىلىق ئەمدى ئاقمايدۇ. بۈگۈنكى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە كىمنىڭ قورسىقىدا ئومىچى، يۈرىكىدە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد-ئەنشەنچىسى، كەسىپكە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولسا، شۇ پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ!...«ئۆزگىرىش» ناملىق ھېكايىنى نۆۋەتتىكى مائارىپ قوشۇنىمىزدا ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن «ئۆزگىرىش» لەرنى بىزگە ئەينەك سۈپىتىدە كۆرسىتىپ بەرگەن، بىزگە بېشارەتلىك سىگنال بەرگەن نادىر ھېكايە، دېيىشكە بولىدۇ.



مەنبە: "شىنجاڭ مائارىپى" ژۇرنىلى 2010-يىل 1-سان

قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

2010-يىل 17-مارت


ئەبەدىيلىككە تۇتاشقان ئوت

ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر

−ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ «جەرەن رىۋايىتى» ناملىق كىتابى ئۈستىدە مۇلاھىزە
ھەرقانداق ئادەمدە بىرەر ئىشقا ياكى بىرەر كەسىپكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە تەلپۈنۈش بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ خىل ھېسسىياتقا يانداشقان ھالدىكى يۈكسەك ئىرادە ۋە چىدام-غەيرەت بولسا، شۇ ئىش ۋە كەسىپتە ھامان نەتىجە قازانماي قالمايدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت ئادەمدىن تىنىمسىز تىرىشچانلىقنى، ئاجايىپ سەۋرچانلىقنى، كۈچلۈك چىدامچانلىقنى، تەۋرەنمەس ئىرادىنى، مول تۇرمۇش بىلىمىنى، يۈكسەك بەدىئىي ماھارەتنى ۋە ئىلغار دۇنيا قاراشنى تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق ئەقلىي ئەمگەك. شۇنداقلا ئادەمنىڭ روھىنى تاۋلايدىغان مەنىۋى ئوچاق. بۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يېيىش، بۇ كەسىپ ئارقىلىق خەلققە مەنىۋى نەپ بېرىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ئەمما كىمىكى بۇ كەسىپكە زور ئىشتىياق باغلىيالىسا، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقالىسا، مەيلى ئۇ كىشى قانداق مەكتەپتە، قانداق كەسىپتە ئوقۇغان بولۇشىدىن ۋە ياكى قانداق ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلق چىن يۈرىكىدىن ئېتىراپ قىلىدىغان يازغۇچى-شائىرلارغا ئايلىنالايدۇ. ئابدۇرېھىم ئابدۇللا ئاز ھەم ساز يازىدىغان يازغۇچى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە قويۇق تۇرمۇش پۇرىقى ۋە كۈچلۈك دەۋر روھى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر سانائەت ئەدەبىياتى ۋە شەھەر ئەدەبىياتىنىڭ روشەن ئېلېمېنتلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. «جەرەن رىۋايىتى» ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى بولۇپ، بىز بۇ كىتابنى ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ پروزا ئىجادىيىتىدە تىنىمسىز ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ھەمدە نېفىتلىك ئەدەبىياتىنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىللىك تەرەققىياتىغا قوشقان بىر كىشىلىك تۆھپىسى، دەپ ئېيتساق قىلچە ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. 2008-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتابقا ئاپتورنىڭ «ئاچا يول»، «قىزىل رەڭلىك پىكاپ» قاتارلىق ئىككى پارچە پوۋېستى، «قونالغۇدا»، «ئۆمەرنىڭ كارامىتى» قاتارلىق 15 پارچە ھېكايىسى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. كىتابتىكى ھەربىر پارچە ئەسەردە ئەكس ئەتكەن چوڭقۇر ئىدىيىۋى مەزمۇن بىزنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. «ئاچا يول» ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك پوۋېستلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاپتور بۇ پوۋېستتا گۈزەللىك بىلەن خۇنۇكلۈك، چىنلىق بىلەن ساختىلىق، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن قارا نىيەتلىك، سەمىمىيلىك بىلەن سەمىمىيەتسىزلىكنى روشەن سېلىشتۇرما قىلىپ، دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ رەڭگارەڭ تۇرمۇش كارتىنىسى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. بۇ پوۋېستنىڭ ئەڭ روشەن بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئاپتور رېئال تۇرمۇشتىكى بىر قىسىم پۇرسەتپەرەس، ئالدامچى، ياۋۇز كىشىلەرنى ئابلىز ئوبرازى ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئىبرەتلىك ساۋاق بېرىدۇ ھەمدە «مەن» گە ئوخشاش باشقىلارغا بەك ئاسان ئىشىنىپ كېتىپ، «ئاچا يول»−تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماسلىقنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ئابلىز ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلەپ، ئۇنىڭغا جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئالدامچى، قويمىچى كىشىلەرنىڭ رەزىل خاراكتېرىنى يۈكلەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى رەزىل ئۆسمىلەرنى ئوقۇرمەنگە قالدۇرماي سۈرەتلەپ بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر قەلبىدە نەپرەت تۇيغۇسى ئويغىتىپ، ئۇلارنى ئىبرەتلىك ساۋاققا ئىگە قىلىدۇ.
ئاپتور ئابلىز ئوبرازىنى تەسۋىرلىگەندە، ئۇنىڭ گەپدانلىقىغا ئالاھىدە كۈچەيدۇ. چۈنكى ئادەم ئالداشقا ئۆگىنىپ كەتكەن قويمىچىلارنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى دەل ئۇلارنىڭ گەپدانلىقى، ھېيلە-مىكىرگە بايلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئاپتور ئابلىزنىڭ «مەن» نى ئۇچراتقاندىن كېيىنكى كانىدەك چاپلىشىشلىرىنى، تۈرلۈك باھانە-سەۋەب، تاكىتىكىلار بىلەن ئۇنىڭ پۇلىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ قاق سەنەم قىلىپ قويۇشى، ھەتتا ئۇنى ئۆلۈم گىردابىغا سۆرەپ بېرىش جەريانىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. ئابلىز ئوبرازى ئارقىلىق قانۇننى كۆزگە ئىلماي جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بىر قىسىم رەزىل كۈچلەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى شەپقەتسىزلەرچە ئېچىپ تاشلايدۇ ھەمدە قانۇن ئورۇنلىرىنى بۇنداق جىنايى شايكىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشكە، كىشىلەرنى قانۇنىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ. «ئاچا يول» ئەمەلىيەتتە تۇيۇق يولغا سىمۋول قىلىنغان. ئاپتور جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم تۇيۇق يوللاردا مېڭىۋاتقان، مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقان كىشىلەرگە «مەن» (ئەركىن) ئوبرازى ئارقىلىق  ئىبرەتلىك ساۋاق بېرىدۇ ھەمدە ساياھەتكە ياكى كاماندۇرۇپكىغا چىققاندا، يول باشلىغۇچىلارنىڭ، تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاكتىپ ماسلىشىشنىڭ لازىملىقىنى، بولمىسا ئويلاپ باقمىغان يامان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ. ئاپتور پوۋېستتا، ئۆزىگە خاس خاراكتېرگە ئىگە يول باشلىغۇچى قىز ئايچېۋەر ئوبرازىنىمۇ ياخشى تەسۋىرلەپ، ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارىغىلا ئەمەس، بەلكى ئالىيجاناپ پەزىلىتىگە، كەسپىي ئەخلاق ئىستىلىگە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىدۇ. بىز «ئاچا يول» پوۋېستى ئارقىلىق تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغان ئادەملەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىمىزنى بىلەلەيمىز ھەمدە توغرا، تۈز يولدا مېڭىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز. بىز يەنە «ئاچا يول» پوۋېستى ئارقىلىق توغرا يولنىڭ ئۇلۇغلىقىنى، ئۇنىڭ كىشىلەرگە بەخت-سائادەت ئاتا قىلىدىغىنىنى چۈشىنىۋالالايمىز ھەمدە «ئاچا يول» لارنى تۈزەشنىڭ، تۈزلەشنىڭ، راۋانلاشتۇرۇشنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى كۈچەيتىشتىكى رولىنىمۇ بىلىپ يېتەلەيمىز. «ئاچا يول» ناملىق پوۋېست يۇقىرىقىدەك چوڭقۇر ئىدىيىۋى مەزمۇنغا ئىگە قىلىنغاندىن سىرت، ئۇنىڭدا يەنە بەلگىلىك تەسۋىرىي گۈزەللىكمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئاپتور ئەركىننىڭ سەپەر جەريانىدا كۆرگەن-ھېس قىلغانلىرىنى، تاغ-دەريا، ئېتىز-قىر، گۈل-گىياھ مەنزىرىلىرىنى شۇنداق ئوبرازلىق تەسۋىرلەپلا قالماي، يەنە ئىنساننىڭ نازۇك ھېس-تۇيغۇلىرىنى غىدىقلايدىغان ئىنچىكە تەسۋىرلەرنىمۇ، خوتۇن-قىزلارنىڭ جەلپكار ھۆسۈن-جامالىنىمۇ شۇنچىلىك ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. شۇنداقلا ئاشۇ تەسۋىرلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات، تۇرمۇش، ھەۋەس، پۇل ھەققىدىكى بەزى پەلسەپىۋى مۇھاكىمىسىنىمۇ قوشۇپ ئىپادىلەيدۇ.
شېرىن مۇھەببەت ئىنسان ۋۇجۇدىغا باھار ئاپتىپى ئاتا قىلىدىغان، قۇدرىتى ئاجايىپ چەكسىز بىر خىل ئىلاھىي كۈچ. بارلىق ئىچكى-تاشقى كۈچلەر ئىچىدە مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچىگە تەڭ كەلگۈدەك يەنە بىرەر كۈچ مەۋجۇت ئەمەس. مۇھەببەت ئىرادىنى تاۋلايدۇ، ئادەمنى تاللايدۇ. بەزىدە مۇھەببەتنى ئادەمنىڭ غۇرۇر-ۋىجدانىنى، ئىمان-ئېتىقادىنى، ئىرادىسىنى، بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى سىنايدىغان ئىمتىھانغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. بۇ سىناقتىن ئۆتەلىگەنلەر مۇھەببەتنىڭ لەززەتلىك ئەللەيلىتىشلىرىدە كۈنلىرىنى خۇشال-خورام، بەختلىك ئۆتكۈزىدۇ. «قىزىل رەڭلىك پىكاپ» ناملىق پوۋېستتا، ئاپتور مۇھەببەت سىناقلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كۈنلىرىنى مەنىلىك، خۇشال-خورام ئۆتكۈزگەن ئىككى ياشنىڭ ساپ مۇھەببىتىنى ناھايىتى تەسىرلىك سۈرەتلەپ بېرىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇش، ئوقۇش ۋە ياشاشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا، تۈرلۈك دىشۋارچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن نۇربىيە ئوبرازىنى، مۇھەببەت ئوتىدا كۆيۈپ باغرى كاۋاپ بولغان، ئىشىق سەۋداسىدا خۇدىنى يوقىتىپ خىزمەتتە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن نۇرئەلى ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلەپ، مۇھەببەتنىڭ ھەم ئۇلۇغلۇقىدىن، ھەم ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىدىن يوشۇرۇن شەپە بېرىدۇ. ئاپتور نۇربىيەنىڭ ئۆگەي ئانىسى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى سەردارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى غەزەپ بىلەن پاش قىلىش ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى ئاشۇنداق پەسكەس، پاسىق كىشىلەرگە ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ ھەمدە كىشىلەرنى ئۇنداقلاردىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.ئاپتور ئەسەر باش قەھرىمانى نۇربىيەنىڭ ئار-نومۇسى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەستىن قانۇن ئورۇنلىرىغا بېرىشتىكى جۈرئىتىگە، ئىسيانكارلىق روھىغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ. ئاپتور بۇ يەردە نۇربىيە ئوبرازىنى باشقا كۆپ ساندىكى ھېكايە-رومانلاردىكى ياكى كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىكى قىزلاردەك ئۆلۈۋېلىشقا ياكى سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرۇۋېلىشقا يېتەكلىمەي، بەلكى ئۇنى جۈرئەتلىك ھالدا قانۇن ئورۇنلىرىغا بېرىشقا يېتەكلەيدۇ. ئاندىن ئۇنى قىلچە چۈشكۈنلەشتۈرۈۋەتمەي، بەلكى ھاياتلىق گۈلىنى قايتا ئېچىلدۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ. مانا بۇنى مەزكۇر پوۋېستنىڭ ئوقۇرمەن قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان مۇھىم ئېلېمېنتى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. دېمەك، نۇربىيە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان قەيسەر، ۋاپادار قىز. ئۇنىڭ قەيسەرلىكى ئۆزىنىڭ ئىپپەت-نومۇسىنى قوغداشتىكى باتۇرلۇقىدا، ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇن ئورۇنلىرىغا بېرىشتىكى غەيرەت-شىجائىتىدە، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي ياشىشىدا ئىپادىلەنسە، ۋاپادارلىقى نۇرئەلىنىڭ سەمىمىي مۇھەببىتىگە بولغان ئەقىدىسىدە، ئۆزىگە ئىگە بولالمىغان بىچارە دادىسىغا بولغان مېھرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. قىسقىسى، ئەسەردىكى نۇربىيە ئىسيانكار، قارشىلىق كۆرسىتىش روھىغا ئىگە قىزلارنىڭ ۋەكىلى. ئۇنىڭ روھىدىن بىز بىردە نۇزۇگۇمنىڭ سىيماسىنى، بىردە رابىئە، لەيلىگۈللەرنىڭ سىيماسىنى كۆرگەندەك بولىمىز.
ئاپتور نۇرئەلى ئوبرازىغىمۇ بەلگىلىك ئورۇن بەرگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ پاك مۇھەببەت ئۈچۈن بىر مىنۇتمۇ ۋاز كەچمەسلىكتەك ۋاپادار، جەڭگىۋار روھىغا، پاك مۇھەببەت ئۈچۈن قۇربان بېرىش روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. جەمئىيەتتىكى ياشلارنى ئۇنىڭدەك ۋاپادار، سەمىمىي، پىداكار بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ئاپتور ئەسەردە غىلپاللا قىلىپ كۆرۈنۈپ ئۆتۈپ كېتىدىغان، نۇربىيەنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە ئازراقمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىگەن، ھەتتا نۇربىيەنىڭ غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنىپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىمۇ تەقدىرگە باش ئېگىپ قاراپ تۇرۇشتىن باشقىسى قولىدىن كەلمەيدىغان نۇربىيەنىڭ 35 ياشلىق «مۆمىن» دادىسىغا يا ھېسداشلىق قىلمايدۇ، يا غەزەپلەنمەيدۇ. نۇربىيە غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنغاندىن كېيىن ساقچىغا ئەرز قىلىپ، ھېلىقى لۈكچەكنى قولغا ئالدۇرۇۋېتىدۇ، ئەمما بۇ «مۆمىن» دادا بۇ تراگېدىيىنىڭ باش جىنايەتچىسى بولغان ھېلىقى ئىپلاس، پەس خوتۇن بىلەن بىرگە ياشاشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ. قىزىنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىگە سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرىدۇ. ئويلاپ باقايلى، ئۆز پۇشتىدىن بولغان قىزىنىڭ غۇرۇرى، ئىپپەت-نومۇسى دەپسەندە قىلىنىۋاتسا قاراپ تۇرىدىغان ئاتا نەدە، قايسى مىللەتتە بار؟ يەنە كېلىپ شۇنداق جىنايى قىلمىشنىڭ باش جىنايەتكارى، پىلانلىغۇچىسى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇپ، بىر ياستۇققا باش قويۇپ يېتىش ئادەمنىڭ ئەقلىگە قانداقمۇ سىغسۇن؟ ئاپتور بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرنى جەمئىيەت، كىشىلىك تۇرمۇش ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ھەمە ئۇلارنى غۇرۇر، ۋىجدان ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ پوۋېستنىڭ تىل ۋە ئىپادىلەش جەھەتتىكى بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتىمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئاپتور تەتۈر بايان ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى چەتتە تۇرۇپ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ھەمدە ئوقۇرمەننى تەبىئىي ھالدا ۋەقەلىك قوينىغا باشلاپ كىرىدۇ ۋە ۋەقەلىك قوينىدىن رېئاللىققا قايتۇرۇپ كېلىدۇ. ۋەقەلىكنى بايان قىلىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپ كارتىنىلىرىغا، جەمئىيەتنىڭ خىلمۇ خىل كۆرۈنۈشلىرىگە، ئادەملەر دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك قىسمەتلەرگە بولغان ھەرخىل باھاسىنى تەبىئىي ھالدا سىڭدۈرۈپ ماڭىدۇ. بۇ جەرياندا باياننىڭ رەتسىز، چۇۋالچاق بولۇپ قېلىشنىڭ، تەسۋىرنىڭ قۇرغاق ياكى يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بەدىئىي تىلنىڭ باشتىن-ئاخىر جانلىق، يېقىملىق، تەسىرلىك ۋە ئوبرازلىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھېكايە ژانىرى ئابدۇرېھىم ئابدۇللا پروزا ئىجادىيىتىدە مۇھىم ۋە كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن بىر تۈر. ئاپتور ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن بۇيان بۇ ژانىر ئۈستىدە كۆپ ئىزدەندى ھەمدە بۇ ساھەدە بەلگىلىك ئۇتۇقلارغىمۇ ئېرىشتى. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدە ھەر مىللەت نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرى ئوبرازلىق ئىپادىلەندى. ئاپتور سانائەت شەھىرىنىڭ گۈزەل قىياپىتى ۋە بۇ گۈزەل ماكاندا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ياشاش ئادىتى، پسىخىكىسى، مۇھەببەت-نەپرىتى، تەبىئەت، جەمئىيەت ھەققىدىكى خىلمۇ خىل قاراشلىرىنى خاس ئۇسلۇپتا ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى ئۆزگىچە ھېسلاردا زەرەتلەپ كەلدى. ئۇنىڭ ئاز ھەم ساز يېزىلغان ھېكايىلىرى مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ھەجىمىنىڭ ئىخچاملىقى، تىلىنىڭ ئاددىي ۋە ئاممىبابلىقى بىلەن ئوقۇرمەننى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. «نېفىت شەھىرىنىڭ ئەزىز پۇقراسى» ناملىق ھېكايىدە، ئاپتور قوينى كەڭ، ھىممەتلىك گۈزەل نېفىت شەھىرىگە بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببىتىنى، شۇنداقلا بۇ گۈزەل شەھەردە ياشاۋاتقان ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مېھرىبان، ئاقكۆڭۈل، كەڭ قورساق، مېھماندوست پەزىلىتىگە بولغان پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ئىپتىخارلىق ھېسسىياتتا ئىپادىلەيدۇ. ئۇ، بۇ گۈزەل شەھەرگە تاسادىپىي ھالدا كېلىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى بەخت-ئىقبالىنى تاپقان ئالىمجان ئوبرازى ئارقىلىق بۇ شەھەرگە ھەمدە بۇ شەھەردە ياشاۋاتقان ئەمگەكچان خەلققە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاپتور ھېكايىدە ئىشنى كاۋاپچىلىقتىن باشلىغان ئالىمجاننىڭ ئاخىرى ئالىمبايغا ئايلىنىپ، بۇ گۈزەل شەھەردە كاتتا سودا بىناسى سېلىشلىرىغىچە، ھەتتا شەھەر باشلىقى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشەلەيدىغان شەرەپكە نائىل بولۇشلىرىغىچە بولغان جەرياننى زوق-شوخ بىلەن تەسۋىرلەپ، بۇ خاسىيەتلىك ماكانغا، بۇ يەردە ياشاۋاتقان مېھنەتكەش خەلق ئاممىسىغا بولغان ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. «ئوۋچى» ناملىق ھېكايىنى ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ ھېكايە ئىجادىيىتىدىكى يەنە بىر نامايەندە، دېيىشكە بولىدۇ. ئاپتور بۇ ھېكايىدە شەھەرلىشىشنىڭ بىر قىسىم ئادەملەرگە ئېلىپ كېلىۋاتقان سەلبىي، چاكىنا تەرەپلىرىنى ئەستايىدىل قېزىپ چېقىپ، ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، ئاچچىق شىكايەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ كومپيۇتېردىن ئىبارەت زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىسىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، ئۇنى كۆڭۈل ئېچىشنىڭ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭ، ھەتتا ئاشنا ئىزدەشنىڭ چاكىنا ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان بىر قىسىم كىشىلەرنى ئاچچىق قامچا ئاستىغا ئېلىپ، تراگېدىيىلىك قىسمەتلەر ئارقىلىق ئۇنداقلارنىڭ ھامان خەلقى-ئالەم ئالدىدا پاش بولۇپ كۈلكىگە قالدىغانلىقىدىن، ئاخىرىدا پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي، ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىدىن ئىبرەتلىك بېشارەت بېرىدۇ. ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن كامىل ئايالى ۋە بالىلىرى بار ئادەم، ئۇ توردا پاراڭلىشىشقا خۇمار بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ھەمىشە خوتۇنىغا يالغان ئېيتىپ ئىدارىسىدە تورغا چىقىدۇ ۋە نامەلۇم يات جىنىسلىقلار بىلەن شەھۋانىي گەپ-سۆزلەرنى قىلىشىپ ئۆزئارا «ئوۋ» ئوۋلىشىدۇ. ئۇ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، مۇھىمى خوتۇن-بالىلىرىنى ئالداپ، ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلىدۇ. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ئاپتور كامىلدىن ئىبارەت بۇ ۋاپاسىز، ئەخلاقسىز «ئوۋچى» نىڭ ئاخىرقى تەقدىرىنى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئاخىرلاشتۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرگە ئىبرەتلىك ساۋاق بېرىدۇ. كامىلنىڭ خىلمۇ خىل ھۈنەر-تاكىتىكىلار بىلەن شۇنداق تەستە ئىندەككە كەلتۈرگەن «ئوۋ» ىنىڭ ئۆز سىڭلىسى بولۇپ چىقىشىنى يېزىش ئارقىلىق ئادەملەرگە، ئۇلارنىڭ ۋىجدان-غۇرۇرىغا ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى چالىدۇ. ئاپتور بۇ يەردە شەھەر مۇھىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان بىر قىسىم ئادەملەرگە بولغان ئېچىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، كىشىلەرنى ئىلغارلىققا ئىنتىلىش بىلەن ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشقا، تەرەققىياتنى قوبۇل قىلىش بىلەن مىللىي مەدەنىيەتكە سادىق بولۇشقا چاقىرىدۇ. «جەرەن رىۋايىتى» ھەم كىتابنىڭ ئىسمى، ھەم ئابدۇرېھىم ئابدۇللا ھېكايە ئىجادىيىتىدىكى يەنە بىر يارقىن نامايەندە بولۇپ، ئاپتور بۇ ھېكايىدە تامامەن ئۆزگىچە بىرخىل پىكىر ئېقىمىنى−يەنى تەبىئەت بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ، ئادەملەرنىڭ شەخسىيەتچىلىكى، نەپسى-بالاخورلۇقى تۈپەيلىدىن تەبىئەت بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ بارا-بارا سۇسلىشىۋاتقانلىقىنى، شەھەر قوينىدا ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ تەبىئەتتىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلەپ، ئۆزىنىڭ تەبىئەتكە ئىنتىلىش، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەسلىدە تەبىئەت بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئاجرالماس مۇناسىۋەت بار ئىدى. ئىنسانلار تەبىئەت ئاتا قىلغان زور نېمەتلەردىن قانائەت قىلىپ، تەبىئەتنى قوغدىسا، ئۇنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرسە توغرا بولاتتى. لېكىن دەۋرنىڭ تەرەققىياتى، شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن ھازىر تەبىئەت بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا كەسكىن زىددىيەت يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئاپتور بۇ مەسىلىنى مەزكۇر ھېكايىدە قەتئىي نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمىگەن. ھېكايىدە كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭمۇ تەبىئەت دۇنياسىنى قوغدىشىنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ ئەۋلاد ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مانا بۇ ھەم ئاپتورنىڭ ئاكتىۋال دۇنيا قارىشى، ھەم مەزكۇر ھېكايىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرىپى. ھېكايىدە ئاپتور جەرەننى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇرمەننى بىردە تەبىئەتنى سۆيۈش ۋە تەبىئەتنى قوغداشقا دالالەت قىلسا، بىردە كېيىنكى ئەۋلادلارغا تەبىئەت ھەم تەبىئەتنى سۆيۈش ھەققىدە سىستېمىلىق دەرس ئۆتىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئوقۇرمەننى «جەرەنبۇلاق» ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ-چىقىشى ھەققىدە رىۋايەت خاراكتېرلىك بىلىمگە ئىگە قىلىدۇ. ھېكايىنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى بەلگىلىك چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىنىپلا قالماستىن، بەدىئىيلىكىمۇ روشەن خاسلىققا ئىگە قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇرمەننىڭ يۈرەك تارىنى چەكمەي، قەلبىنى لال قىلماي قالمايدۇ. ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ يۈرىكىدە كۆيۈۋاتقان ئوت بىرى، ئۆزى ياشاۋاتقان خاسىيەتلىك ماكانغا، مېھنەتكەش خەلققە، گۈزەل تەبىئەتكە تۇتاشقان، يەنە بىرى، ئۆزى مەڭگۈلۈك ئاشىق بولغان، بىر ئۆمۈر ھاياتىنى بېغىشلىغان ئەدەبىي ئىجادىيەتكە تۇتاشقان. ئەبەدىيلىككە تۇتاشقان بۇ ئوتنىڭ ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ بەرىكەت ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

2012-يىل 12-فېۋرال
ئەسكەرتىش:  

يۇقىرىقى ماقالە 2012-يىل 26-فېۋرال قارامايدا ئۆتكۈزۈلگەن "يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئابدۇللا ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى" دا ئوقۇلغان. "مايبۇلاق" ھەم "شىنجاڭ گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان

«مايبۇلاق» تا ئايال ئاپتورلار
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
ئايال ئاپتورلار قوشۇنىنى كۆپەيتىش، ئۇلارنىڭ سۈپەت-ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر قەدىمى. ئايال ئاپتورلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ خۇشپۇراق گۈلى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس پۇراققا ئىگە ئەسەرلىرى ئەدەبىياتىمىزنى رەڭدارلىققا، ئوقۇشچانلىققا ئىگە قىلىدۇ. ئەدەبىياتىمىزنى سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن بەلگىلىك تەرەققىياتقا ۋە قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ. «مايبۇلاق» نېفىتلىك ئاپتورلىرىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنى سىنايدىغان بەيگە مەيدانى، شۇنداقلا سانائەت ئەدەبىياتىنى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرىدىغان مەنىۋى كۆۋرۈك. بۇ مەنىۋى ئوچاقنىڭ نۆۋەتتىكى سانلىرىغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئالتۇن بەتلىرىنى تۈرلۈك ژانىردىكى ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن بېيىتىپ كېلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئايال ئاپتورلارنى بايقايمىز. ئۇلار مەيلى شېئىرىيەت ياكى نەسىرچىلىكتە بولسۇن، مەيلى ئەدەبىي خاتىرە ياكى ھېكايىچىلىقتا بولسۇن، «مايبۇلاق» نى سەرخىل ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، نېفىتلىك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. گۈلباھار سىدىق ئابباس، گۈزەلنۇر مۇتەللىپ، ئايگۈل ھەمدۇللا، ئارزۇگۈل ئابلەم، ئارزۇگۈل جېلىل، ئارزۇگۈل ئابدۇرېھىم، دىلنۇر ياسىن، مەريەم مۇھەممەت، خەيرىنسا مەمتىمىن، ئاينۇر ئابدۇرېھىم قاتارلىق ئاپتورلار ئەدەبىي ئىجادىيەتتە تىنىمسىز قەلەم تەۋرىتىپ، «مايبۇلاق» تىلا ئەمەس، بەلكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خېلى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىمۇ ئەسەر ئېلان قىلالايدىغان سەۋىيىگە ئىگە بولدى. مانا بۇلار «مايبۇلاق» نىڭ ھۈپپىدە ئېچىلىۋاتقان خۇشپۇراقلىق گۈللىرى، مانا بۇلار نېفىتلىك ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا كۈچ بېرىۋاتقان قەلەم ئىگىلىرى، مانا بۇلار «مايبۇلاق» نىڭ پەخىرلىك گۈل- غۇنچىلىرى.
«مايبۇلاق» نى سەرخىل ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بۇ ئايال ئاپتورلارنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىسىگە نەزەر سالساق، ھېكايە-پوۋېستلىرى بىلەن بىر نەچچە نۆۋەت «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلەرنىمۇ، ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات، ئەدەبىي خاتىرىلىرى بىلەن مۇستەقىل كىتاب چىقارغانلارنىمۇ بايقايمىز. نېفىتلىك قوينىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان، «مايبۇلاق» پەپىلەپ يېتىلدۈرگەن ياش ئاپتور گۈزەلنۇر مۇتەللىپ چوڭقۇر مەزمۇندىكى ھېكايىلىرى بىلەن نېفىتلىك ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ «كەچۈرۈڭ، سۆيەلمەيمەن»، «يولدىشىمنىڭ سۆيگىنى» قاتارلىق ئىككى ھېكايىسى ئىككى نۆۋەت «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشىپ، نېفىتلىك ئەدەبىياتىغا شان- شەرەپ كەلتۈردى ھەمدە ئايال ئاپتورلارنىڭ پەخىرلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ھېكايىلىرى تۇرمۇشقا يېقىن، چىن ۋە سەمىمىي بولۇپ، ئوقۇرمەننى ئىختىيارسىز ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. گۈزەلنۇر مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئۇتۇقى ھېكايىچىلىقتا كۆزگە چېلىقسىمۇ، ئۇ ھېكايىدىن باشقا يەنە نەسىر ۋە پوبلىستىك ماقالىلەرنىمۇ يېزىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. گۈلباھار سىدىق ئابباس بىر تۈركۈم پوۋېست، ھېكايە، ئەدەبىي خاتىرىلىرى بىلەن نېفىتلىك ئەدەبىياتىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان ئايال ئاپتورلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ «زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى» ناملىق كىتابى 2005-يىللىق شىنجاڭدىكى ئەڭ بازىرى ئىتتىك ئون كىتابنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ، نېفىتلىك ئەدەبىياتىغا زور شان- شەرەپ ئېلىپ كەلدى. ئاپتور بۇ كىتابىدا، جەمئىيەتتىكى ناچار ئىللەت، بولمىغۇر قىلىقلارنى، بولۇپمۇ ئاياللار ئەخلاقىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئىجتىمائىي كىرزىسلارنى چىن ۋە سەمىمىي ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ چىن ئىنسانىي خىسلىتىنى نامايان قىلدى. ئايگۈل ھەمدۇللا تەپەككۇرغا باي شېئىرلىرى ئارقىلىق نېفىتلىك ئەدەبىياتىدا بىر مەزگىل چاقنىغان ئايال ئاپتورلارنىڭ بىر ئىدى، ئۇنىڭ بىر بۆلۈك شېئىرلىرى ئىلگىرى بىر نۆۋەت «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنىدى. يېقىندىن بۇيان، بۇ ئۈمىدلىك ئاپتور چەت ئەلدە ئوقۇش ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى جاپالىق ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن ئىجادىيەتتە ئىزچىللىققا ئىگە بولالمىدى. نېفىتلىك ئەدەبىياتى، نېفىتلىك خەلقى، جۈملىدىن «مايبۇلاق» ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ. ئايال ئاپتورلارنىڭ پەخىرلىك ئىش-ئىزلىرىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، «مايبۇلاق» تا پوۋېست ئېلان قىلىش سەۋىيىسىگە يەتكەن ئايال ئاپتورلاردىن ئارزۇگۈل ئابلەم، خەيرىنسا مەمتىمىنلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇلار ئىجادىيەتتە ئالاھىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىۋەتمىگەن، كۆپ نەرسىلەرنى يېزىۋەتمىگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئېلان قىلغان پوۋېستلار مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، پىكرىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، بەدىئىيلىكىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلغانىدى. ئارزۇگۈل ئابلەم يازغان «شەبنەم» ناملىق پوۋېست ئۆز ۋاقتىدا نېفىتلىك خەلقىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان ھەمدە «‹شەبنەم›دىن چاقنىغان ھېسلار» ناملىق ماقالىنىڭ يېزىلىشىغا تۈرتكە بولغانىدى. ئەپسۇس، ئۈمىدلىك قەلەم ئىگىسى ئارزۇگۈل ئابلەم يېقىندىن بۇيان كۆرۈنمەس بولۇپ كەتتى. نېفىتلىك خەلقى ئۇنىڭدىن يەنە زور ئۈمىد كۈتىدۇ. يېشى كىچىك بولسىمۇ، پىكرىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، قەلەم قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرلىقى بىلەن نېفىتلىك ئاپتورلىرىنى ھەيران قالدۇرغان ياش ئاپتور خەيرىنسا مەمتىمىن «سىڭىلنىڭ ئىلتىجاسى» ناملىق پوۋېستى بىلەن  جەمئىيەتكە ئىلتىجا قىلىپ، تۇيۇق يوللاردا مېڭىۋاتقان، مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقان قىزلارنى توغرا يولدا مېڭىشقا، ئەدەپكە قايتىشقا، ئەدەپ-ئەخلاق، شەرم- ھايا، قائىدە- يوسۇنلۇق بولۇشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. گەرچە ئۇ ياش جەھەتتىن باشقا ئايال ئاپتورلاردىن كۆپ كىچىك بولسىمۇ، جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشتىن ئالغان بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەسىراتىغا ئاساسەن، ئوبيېكتىپ دۇنيا، كىشىلىك تۇرمۇش ھەققىدە كىشىنى قايىل قىلارلىق خۇلاسە چىقىرىدۇ. خېلى پىشقان پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. نېفىتلىك ئەدەبىياتى ئۇنىڭدەك ئىستىداتلىق ئاپتورلارنى ئەزىزلەيدۇ، «مايبۇلاق» ئۇنىڭدەك ئاپتورلارغا كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئايال ئاپتورلاردىن يەنە ئارزۇگۈل جېلىل، ئارزۇگۈل ئابدۇرېھىم، دىلنۇر ياسىن، مەريەم مۇھەممەت، ئاينۇر ئابدۇرېھىملار ھېكايە، نەسىر، شېئىرلىرى بىلەن «مايبۇلاق» نى سەرخىل ئەسەرلىرى بىلەن بېيتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە سان جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ، گۈللىنىۋاتقان نېفىتلىك ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور قىممەتكە ئىگە. نېفىتلىك خەلقى ئۇلاردىن زور ھەجىملىك ئېسىل ئەسەرلەرنى كۈتىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، يېقىندا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنغان "قاراماي ئەسەرلىرى" توپلىمى ("قۇياش نۇرى ئاستىدا"، "بۇمۇ مۇھەببەت"، "گۈلۈم ئۈچۈن ياشايمەن"، "سۆيگۈ نىدالىرى") بىلەن "مايبۇلاق ئەسەرلىرىدىن تاللانما" ناملىق كوللېكتىپ توپلامغا بۇ ئايال ئاپتورلارنىڭ پوۋېست، ھېكايە، شېئىر، نەسىرلىرى كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارغا زور ئىلھام ئاتا قىلدى. ئاياللار مىللەتنىڭ ئانىسى، ئەتىنىڭ ياراتقۇچىلىرى ھېسابلانسا، ئايال ئاپتورلار مىللىي ئەدەبىياتنىڭ قىزىل گۈللىرى ھېسابلىنىدۇ.  ئۇلار خىزمىتىنىڭ جاپالىق بولۇشىغا، ئائىلە يۈكىنىڭ ئېغىر بولۇشىغا قارىماي، ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ ئەسەر يازىدۇ، تىنىمسىز ئىزدىنىدۇ، تەپككۇر قىلىدۇ. ئۇلاردىن خەلقىمىز سۆيۈنىدۇ، ئۇلاردىن ئەۋلادلار سۆيۈنىدۇ، ئۇلاردىن ئەدەبىياتىمىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلىدۇ. مەيلى «مايبۇلاق» نى مەركەز قىلىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئايال ئاپتورلار بولسۇن، مەيلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئايال ئاپتورلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ مەقسىتى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەملىكەتكە، دۇنيا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، خالاس.


مەنبە: تېخى ئېلان قىلىنمىغان

دەرۋازا، ۋەتەن ۋە جەڭچى
−ئېزىز نۇرنىڭ «دەرۋازىۋەن» ناملىق ھېكايىسى ھەققىدە مۇلاھىزە
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
ئۇ قارىماققا ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان ئاددىي ئادەم، لېكىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئاجايىپ بۈيۈكلۈك، ئاجايىپ ئۇلۇغلۇق بالقىپ تۇرىدۇ. بىز «ئازاپلىق مەۋجۇدىيەت ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتقان» بولسىمۇ، ئەمما «نى-نى ئىشلارنى قىلشنى ئويلايدىغان، دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە ئىشەنچىسى بار» بۇ ئادەمنىڭ خاراكتېرىدىن ئىختىيارسىز سۆيۈنۈپ كېتىمىز، ۋۇجۇدىمىزنى ئىللىق ھاياجان ئۆز ئىلكىگە ئالىدۇ. شۇنداق، ئۇ بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە پەقەت «قوغۇنلۇقنىڭ قارانچۇقى» دەپ قارىلىدىغان ئاددىي بىر دەرۋازىۋەن بولسىمۇ، لېكىن دەرۋازىنى «ئائىلىسىنىڭ بىر قىسىمى» دەپ قارايدىغان ئۇلۇغ ئادەم. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىز تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئالىيجاناپ روھ تاڭ قۇياشىدەك بالقىپ تۇرىدۇ. بۇ روھ بىزنى چەكسىز سۆيۈندۇرىدۇ، ئىپتىخارلاندۇردۇ. بۇ روھ ھەققىدە بىزنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىشقا ئۈندەيدۇ. «دەرۋازىۋەن» («تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق1-سانىدا ئېلان قىلىنغان ھېكايە) دىكى ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، ئىش ئورنىنى (دەرۋازىغا قاراشنى) قەدىرلەيدىغان، «دۇنيادىكى جاھان تەۋرەتكۈچى شەخىسلەردەك ئىنسانىيەت تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلىگۈدەك چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايدىغان» بۇ ئادەم دەرۋازىغا، دەرۋازىدىن كىرىپ-چىقىۋاتقان كىشىلەرگە چەكسىز مۇھەببەت بىلەن قارايدۇ. «ھەشەمەتلىك ئېگىز بىنالار، ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا قاتارلاشتۇرۇپ توختىتىپ قويۇلغان بىر-بىرىدىن  ئېسىل ماشىنىلار، ھەرخىل كىينىپ ئىش ئورۇنلىرىغا كىرىپ-چىقىۋاتقان كىشىلەر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قارىغانچە بۇ ئازاپلارمۇ ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەك بۇلاتتى». ئۇنىڭ  نەزىرىدە دەرۋازا ۋەتىنى، ئۇنىڭدىن كىرىپ-چىقىۋاتقانلار خەلقى ئىدى. ئۇ بۇلارنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى. بۇلارغا قاراپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالاتتى. شۇنداق، «بۇ بىنالار، بۇكىشىلەر ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بىر بايلىق ئىدى». ئۇ بۇ «بايلىقلىرى» ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا تەييار ئىدى. ھەمىشە بۇ «بايلىقلىرى» غا ھەۋەس بىلەن قارايتتى، «بەزىدە يالغۇز قالغانلىرىدا، دەرۋازىنىڭ رېشاتكىلىرىنى تۇتۇپ تۇرغۇسى، ئۇنى سىلىغۇسى، قۇچاقلىغۇسى، نېمىلەرنىدۇر دېگۈسى كېلەتتى». دەرۋازىنى «ئىش ئورنۇم، رىزقىم!» دەپ بىلىدىغان بۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىز كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىكنى، خەلىقپەرۋەرلىكنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز. شۇنداق، ئۇ ئاغىزىدا «ۋەتەن، خەلق» دەپ شوئار توۋلاپ قۇيۇپ ئىچىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىشنى خالىمايدىغان، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىشنى ئويلىمايدىغان، ھەتتا ۋەتەن ۋە خەلقنى مۇناپىقلارچە تاشلاپ چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتمەكچى بولغانلارنىڭ ئالدىدا  شۇنداق نۇرانە، شۇنداق قەيسەر جەڭچى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بۇلىدۇ. دەرۋازىنى «ۋەتىنىم»، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ-چىقىۋاتقانلارنى «خەلقىم» دەپ ئۇلۇغ بىلىدىغان بۇ قەيسەر جەڭچى چۈشىدىمۇ ئاشۇ دەرۋازىنى چۈشەيدۇ، ھەتتا خوتۇنى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان شېرىن دەملەردىمۇ پۈتۈن ئوي-خىيالى، ئەس-يادى ئاشۇ دەرۋازىدا−ۋەتىنىدە بۇلىدۇ. ئۇنىڭ روھىدىن بالقىپ چىققان بۇنداق ئالىيجاناپ روھتىن بىز ئىش ئورنىنى قەدىرلىمەي قاخشاپلا يۈرىدىغان، ھەدېسە باشلىقلارنى قارغاپ تىللايدىغان، ئۆز كەسپىگە، خىزمىتىگە ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالىمايدىغان بىر قىسىم كىشلەرنىڭ چاكىنا ھالىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز ۋە ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيمىز. دەرۋازىۋەننىڭ ئالىيجاناپ روھىدىن قەلبىمىز ئىللىق سېزىمگە ئىگە بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاشۇ ئاددىي، ئەمما نۇرانە سېيماسىدىن بالقىپ چىققان ئاجايىپ روھتىن قەلبىمىزدە ئىشەنچ ۋە ئۈمىدنىڭ يالقۇنلۇق شولىسى ئەكىس ئېتىدۇ. ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق پەزىلىتىگە ئىگە بولغان، ئۆز خىزمىتىدىن خوشاللىق ئىزدىيەلەيدىغان بۇ ئاددىي كىشىگە ھۆرمەت بىلەن قارىغۇمىز، قاداق باسقان قوللىرىنى چەكسىز مۇھەببەت بىلەن چىڭ تۇتقىمىز كېلىدۇ. گەرچە ئۇ ھەربىي فورما كىيىپ قوراللىق ھالەتتە دەرۋازىدا تۇرمىسىمۇ، ئۇنىڭ دەرۋازىنى «مېنىڭ بايلىقىم، مېنىڭ ئۈمىدىم، مېنىڭ يۈرىكىم»دەپ بىلىشلىرىدىن، ئۇنىڭ ئىچىگە ھەرقانداق يات ئادەمنى كىرگۈزمەي ئامان ساقلاشلىرىدىن بىز ئۇنى «باتۇر جەڭچى»، «ۋەتەنپەرۋەر ئەزىمەت» دەپ ئېيتالايمىز. ئۇنىڭ بۇ خىل پەزىلىتى ئالدىدا «تۇزىنى يەپ تۇزلۇقنى چاقىدىغان» بىر قىسىم نامەرد، ئېتىقادسىز، ساداقەتسىز كىشىلەر كۆز ئالدىمىزدا ئىنتايىن بەتبەشىرە، يىرگىنىشلىك سىياقتا ئەكس ئېتىدۇ. ھېكايىدە دەرۋازا ۋەتەنگە، دەرۋازىۋەن ۋەتەنپەرۋەر جەڭچىگە سىمۋول قىلىنغان. «دەرۋازا، قورۇقتام ئالدىدىكى رېشاتكىلار، ئېگىز بىنا، توختىتىپ قۇيۇلغان ماشىنىلار ئاپئاق قار ئاستىدا قالغانىدى، ئەمما بۇ نەرسىلەر يەنىلا ئۇنىڭ بايلىقى ئىدى، شۇ چاغقىچە ئۇ بۇ نەرسىلەرگە تارتىشىپ، بۇ نەرسىلەرگە مەلىكە بۇلۇپ ياشاپ كەلگەنىدى. ئۇ بىر چاغلاردا  ئاستا بېرىپ قولىغا سۈپۈرگىنى ئالدى-دە، بۇ قۇمۇش سۈپۈرگە بىلەن مەيدانلارنى، دەرۋازىنىڭ ئالدى-كەينىنى، ماشىنىلارنىڭ ئۈستىنى، قورۇقتام ۋە رېشاتكىلارنى بىر قۇر سۈپۈرۈپ چىقتى. ئاندىن بۇ نەرسىلەرگە قاراپ مەمنۇن بولغان ھالدا غالىبلارچە كۈلۈپ قويدى». شۇنداق، ئۇ دەرۋازىنى «ئائىلەم، ۋەتىنىم» دەپ بىلىدۇ، جىسمىنى، روھىنى ئۇنىڭغا ئاتايدۇ. مەيلى تومۇز ئىسسقتا بولسۇن ياكى قەھىرىتان سوغۇقتا بولسۇن، ئۇ ھەمىشە ئۆزىنى ۋەتەننىڭ مۇقەددەس چېگراسىنى قوغداۋاتقان باتۇر جەڭچىدەك ھېس قىلىدۇ، دەرۋازىنى، شۇنداقلا دەرۋازا ئىچىدىكى پۈتۈن «بايلىقلىرى» نى−بىنالارنى، ماشىنىلارنى، رېشاتكىلارنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قوغدايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىشتىن قورقمايدۇ. دېمەك، ئۇ دەرۋازا ئىچىدىكى ئاشۇ «بايلىقلىرى» ئالدىدا ئۆزىنى ئىنتايىن بەختلىك ھېسابلايدۇ. بۇ نېمىدېگەن ئالىيجاناپ روھ-ھە! ئەگەر ھەممىمىزدە ئاشۇنداق روھ، ئاشۇنداق قەلب بولسا ئىدى، كەلگۈسىمىز ئۈستىدە كۆپ باش قاتۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى.  ھېكايىدىكى دەرۋازىۋەن ئاددىي ئادەم، لېكىن ئۇ كۆز ئالدىمىزدا ئۇلۇغلۇقنىڭ، بۈيۈكلۈكنىڭ نۇرانە مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان گىگانت ئادەم سۈپىتىدە نامايان بۇلىدۇ. كىشنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرىدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى−خوتۇنى، بالسى، مۈشۈكى دەرۋازىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدۇ، قوغدايدۇ. مانا بۇ ھېكايىدىكى ئەڭ ئىسىل روھ، ئەڭ ئىسىل پەزىلەت! بىر ئائىلە ئەمەلىيەتتە بىر ۋەتەن دېمەكتۇر. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە دەرۋازىدىن ئىبارەت ۋەتەننى قوغدىشى ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەننى قاتتىق تەسىرلەندۈرمەي، چوڭقۇر ئويلاندۇرماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئاپتۇر بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىدىيە ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى بۇ خىل ئورتاقلىقى  ئارقىلىق ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ۋەتەننى سۆيۈشكە، ئۇنى جان تىكىپ قوغداشقا چاقىرغان. مانا بۇ نۇقتا مەزكۇر ھېكايىنىڭ ئالغان سۈرگەن تۈپ ئىدىيىسى. ھېكايىدە بىز سۆيۈنۈپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان تەرەپلەر ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ بىرى، دەرۋازىۋەن دادىسى قالدۇرۇپ كەتكەن «بۇ يەر... بىزنىڭ كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن مەھەللە، ئوبدان قوغدىغىن...» دېگەن بىر پارچە يازمىنى چىڭ سىقىمدىغان پېتى جان ئۈزىدۇ، ئۇ بۇ يازمىلارنى ئۆز كۆز قارچۇغىدىنمۇ ئارتۇق كۆرۈپ ساقلاپ كەلگەن، قوغداپ كەلگەن ئىدى. چۈنكى بۇ يازمىلارغا دادىسىنىڭ ئەقىدىسى، ئۈمىدى سىڭدۈرۈلگەندىن باشقا، ئۇنىڭدا يەنە ئۆزىنىڭ دادىسىغا، دادىسىنىڭ ئەقىدىسىگە بولغان سادىقلىق، ۋارىسلىق قىلىش ئىدىيىسىمۇ مۇجەسسەملىشىپ كەتكەن، شۇنداقلا بۇ يازمىلاردا يەنە دەرۋازىۋەننىڭ ئوغلىدىن−ئەۋلادلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىد-ئارزۇلىرىمۇ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. مانا مۇشۇنداق چەكسىز ئۈمىد ۋە ئارزۇ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن بۇ مۇقەددەس تەۋەررۈك  ئەسەرنىڭ  ئاخىرىدا ئۆز ئىگىسىنى تاپالايدۇ. «ئۇنىڭ ئوغلى ياشلىرىنى سۈرتۈپ، ئاتىسىنىڭ شۇ چىڭ تۇتۇۋالغان يازمىلىرىنى قولىدىن بوشىتىپ ئاستاغىنە ئالدى...». بۇنىڭدىن بىز ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت ئالىيجاناپ ئەقىدىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز. ھەمدە ئاپتورنىڭ بۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن سۆيۈنىمىز.   دېمەك، «دەرۋازىۋەن» بىزگە ۋەتەننى قانداق قوغداشنى، خەلىقنى قانداق سۆيۈشنى، ئىش ئورنىنى قانداق قەدىرلەشنى، خىزمەتتىن قانداق خوشاللىق ئىزدەشنى ئۆگەتكەن قىممەتلىك دەرسلىك  بولالايدۇ، دېسەك قىلچە مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز.

قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

2010-يىل 25-ماي، قاراماي

مەنبە: ئېلان قىلىنمىغان

ئاسىي روھ ۋە مەنىۋى كىرىزىس
−ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ«ئېچىلىش» ناملىق پوۋېستى ھەققىدە
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاق-مىزانلىرىنى تەرك ئېتىپ، ۋەتەن، مىللەت، ئاتا-ئانا، ئەل-يۇرت ھەققىدە زەررىچىلىك باش قاتۇرمايدىغان، ئاتالمىش «مۇتلەق ئەركىنلىك» شوئارىنى بۇلۇشىغا توۋلاپ ۋۇجۇدىنى خۇنۇك، زەئىپ روھ چىرمىۋالغانلار مەيلى قەيەردە، قانداق شەكىلدە ياشىسۇن، ئۇنداقلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسى قاراڭغۇ، روھى قۇرغاق، ۋۇجۇدى زەئىپ، ۋىجدانى ئۆلۈك، قەلبى ئېتقادسىز كېلىدۇ. غورۇرسىز، ئېتقادسىز كىشىلەردە يۇرت ئۇقۇمى، ۋەتەن ئۇقۇمى، مىللەت ئۇقۇمى بولمايدۇ. ئۇنداقلارنىڭ نەزەرىدىكى ۋەتەن ياكى مىللەت ئۆز ۋەتىنىدىن، ئۆز خەلىقىدىن ئايرىلغان ھالدىكى مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشش ياكى ئاتالمىش «مەنىۋى ئەركىنلىك» پەللىسىگە يېتىشتىن ئىبارەت، خالاس. ھەمىشە ئۆز مىللىتىدىن، ئۆز يۇرتىدىن قاخشاپ، ۋەتەننى، خەلىقنى مۇناپىقلارچە تاشلاپ يات ئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغانلار ياكى مىللىي غورۇر، مىللىي ئېتقادنى تەرك ئېتىپ ئازغۇن، ئاسىي روھنىڭ ئسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغانلار جەمئيەتتە ئىنتايىن ئېغىر مەنىۋى كىرىزىس پەيدا قىلىدۇ. ئاتالمىش «مۇتلەق ئەركىنلىك» نى تەرغىپ قىلغۇچىلاردا ياكى جىنسىي ئاڭنى كۈچەپ قوغلاشقۇچىلاردا مىللىي ئاڭ، مىللىي ھېسسىيات، مىللىي بۇرچ بولمايدۇ. ئۇنداقلاردا شەخسىيەتچىلىك خاھىشى باش كۆتۈرگەن بۇلۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن ھەرگىز سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. «ئېچىلىش»(«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 3-ساندا ئېلان قىلىنغان) تا، ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت بىلەن ئەبجەش، شالغۇت مەدەنىيەت، مىللىي روھ بىلەن ئازغۇن، ئاسىي روھ، ھايا بىلەن ھاياسىزلىق، ئەخلاق بىلەن ئەخلاقسىزلىق قاتتىق تىرىكىشىدۇ. مىللىي روھ ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغدىغۇچىلار بىلەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغۇچىلار، «ئېچىلىش» قا قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن «ئېچىلىش» نى تەرغىپ قىلغۇچىلار ئوتتۇرسىدا كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىددىيەت يۈز بېرىدۇ. ئاتالمىش «يېڭىلىق» نى قۇبۇل قىلغۇچىلار بىلەن «يېڭىلىق» قا قارشى تۇرغۇچىلار ئوتتۇرسىدا كەسكىن كۈرەش يۈز بېرىدۇ. ئىدىيە ۋە ئاڭ ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن كەسكىن تىرىكىشىشلەر، مۇنازىرىلەر، پۇت تېپىششلەر پېرسوناژلار خاراكتېرىنى روشەن خاسلىققا ئىگە قىلىپ، ئوقۇرمەن قەلبىدە ئۆزگىچە ھاياجان پەيدا قىلىدۇ. سەئىد قارىي بىلەن زۆھرە، زۆھرە بىلەن ئادىلە، سەئىد قارىي بىلەن ئادىلە ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن مۇنازىرىلەر، تىرىكىشىشلەر بۇ قارىشىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. سەئىد قارىي كەم تېپىلىدىغان مىجەز-خاراكتېرى، ئېسىل ئەخلاق پەزىلىتى، ئىمان-ئېتقادى ۋە ۋىجدان-غورۇرى بىلەن ئاتالمىش «مەنىۋى ئەركىنلىك» كە ئىنتىلگۈچىلەر، ئەبجەش مەدەنىيەتنىڭ گۇماشتىلىرى ھېسابلانغان زۆھرە بىلەن ئادىلەگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن سەئىد قارىي ئۇلارنىڭ دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قاراشلىرىنى، ھەممىدىن مۇھىمى ئىدىيىسىنى، ئېڭىنى ئۆزگەرتىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ خاراكتېرىدە مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق ئېڭى، ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ تارتىنچاق، غورۇرلۇق خاراكتېرى، ئەخلاقنىڭ، دىننىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى چەكلەش كۈچى مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئۇ روھيىتىدىكى بۇ خىل كۈچ بىلەن ئاتالمىش«يېڭىلق» قا ئىنتىلىدىغان، ئاتا-ئانا، يۇرت-مەھەللە ھەققىدە ئازراقمۇ ئويلىنىپ قويمايدىغان، زامانىۋى چوڭ شەھەرلەردە ئۆزى بەگ، ئۆزى خان بۇلۇپ ئەركىن ياشاشنى كېچە-كۈندۈز ئارمان قىلىدىغان زۆھرەنى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىنى پۈتۈنلەي تەرك ئېتىپ، ئۆز تېنى ئارقىلىق ئەركىنلىكنى سېتىۋالماقچى بولغان، چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشنى «مۇتلەق ئەركىنلىك» كە ئېرىششنىڭ «يول خېتى» دەپ بىلىدىغان، مىللەت، ئېرىق ۋە دۆلەت ئايرىماي بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان ئادىلەنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. سەئىد قارىي ئىمان-ئېتقاد ئېتىكاپىدا ئولتۇرۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقاندا، ئاتالمىش «مۇتلەق ئەركىنلىك» نىڭ ئىزدەنگۈچىلىرى ھېسابلانغان زۆھرە بىلەن ئادىلە غەپلەت ئۇيقۇسىدا موللاق ئاتىدۇ. بولۇپمۇ كۈندۈزى ئۆلۈكتەك ئۇخلاپ كېچىسى شەپەرەڭدەك ھەرىكەت قىلىپ بۇزۇقچىلىق يولىغا قاترايدىغان ئادىلە گۈزەل جىسمى بىلەن تالايلىغان پەرەڭلەرنىڭ كۆڭۈل خۇشىغا ئايلىنىدۇ. دىنىي بىلىم بىلەن پەننىي بىلىملەرنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىۋاتقان، خەنزۇتىلى، ئەرەپ تىلى ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا ئۆز ھۆددىسىدىن خېلى يامان ئەمەس چىقالايدىغان، كىيىم-كېچەك، يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆزلەردە ئەدەپ قائىدىنى، شەرمىي-ھايانى ئېسىدىن چىقارمايدىغان سەئىد قارىي گەرچە زۆھرە بىلەن ئادىلەنىڭ نەزەرىدە مۇتەئەسسپتەك، «ئىش كۆرمىگەن»، «مەتۇ» دەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇ كۆزئالدىمىزدا ھەققىي ئەركەك، ھەققىي ئەزىمەت سۈپىتىدە نامايەن بۇلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، سەئىد قارىي بىلەن زۆھرە ۋە ئادىلەلەر ئوتتۇرسىدا ھەمىشە ئىدىيە كۈرىشى، ھېسسىيات كۈرىشى، كىيىم-كېچەك كۈرىشى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. سەئىد قارىي يۇرتداش قىز زۆھرەنىڭ ئىدىيىسىنى، دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىنىم تاپماي تىرشچانلىق كۆرسىتىدۇ. زۆھرەنىڭ ياغلىق چىگىپ يۈرىشىنى، نامازنى قازا قىلماي ئوقۇشىنى، دىني بىلىم بىلەن پەننىي بىلىمنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن غايىبانە ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ. تۇيۇق يوللاردا يۈرۈۋاتقان ئادىلە بولسا روھى ئۆلۈك، ئەمما جىسمى پاك گۈزەل قىز زۆھرەنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بۇزۇلۇشىنى، ئۆزى بىلەن بىر يولدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ مۇشۇ ئىستەك، مۇشۇ ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆھرەنى ھەشەمەتلىك سودا سارايلىرىغا، قاۋاقخانا، دىسكوخانىلارغا ئېلىپ بارىدۇ، ئامېرىكىنىڭ  ئەڭ ۋەھشىي فىلىملىرىنى، شۇنداقلا ئۈچىنچى دەرىجىلىك سېرىق فىلىملەرنى كۆرۈشكە زورلايدۇ. لېكىن ھەرقانچە كۈچەپمۇ زۆھرەنى ئۆزى بىلەن بىر كېمىدە ئولتۇرغۇزالمايدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ئويلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئادىلە زۆھرەنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جىنسىيەت ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئەڭ ۋەھشىي گەپلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ جىسمىنى غىدىقلىماقچى، ھېسسىياتىدا داۋالغۇش پەيدا قىلماقچى بۇلىدۇ، ھەتتا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان زۆھرەنىڭ يېنىغا كىلىپ «ئەگەر ئەر كىشى بولغان بولسام ساڭا باسقۇنچىلىق قىلغان بۇلاتتىم» دەپ خىيال قىلىدۇ. ئۇ زۆھرەگە ھەمىشە ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قارايدۇ. ئۇنىڭ پاكلىقىغا ھەسەت قىلىدۇ. زۆھرە بىلەن ئادىلەنى سېلشتۇرغاندا، زۆھرە كۆز ئالدىمىزدا ئۆز پاكلىقى بىلەن ياشاۋاتقان سۆيۈملۈك قىز سۈپىتىدە نامايەن بۇلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ مەركىزىي شەھەردە ئېغىر قىيىنچىلىقتا ياشىشى، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن زور بەدەللەرنى تۆلىشى ھەرگىزمۇ ئاتا-ئانىسىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ياكى يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى چوڭ شەھەرلەردە قېلىپ ئەركىن ياشاش، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈنلا خالاس. كىشىنى تېخىمۇ ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، ئۇ يۇرتقا قايتىپ بىرەر دېھقان يىگىتكە ياتلىق بۇلۇپ قېلىشتىن، بالا تۇغۇشتىن، سەھرانىڭ توپا-تۇمانلىرىغا كۆمۈلۈپ ياشاشتىن ئۆلگىدەك قورقىدۇ. گەرچە ئۇ ئۆز ئىپپەت-نومۇسىنى قوغداش جەھەتتە بىزگە ئالىيجاناپتەك تەسىر بەرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدا بىز مەڭگۈ قۇبۇل قىلالمايدىغان ئازغۇن روھ خېلىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. يەنى ئۇنىڭدا ۋىجدان، ئېتقاد ئامىلى كەمچىل. ئۇ ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان شەخسىيەتچى قىز. ئەرەب ئەلچىنىڭ ئۆيىدىكى باياشاتچىلىق ئۇنى تامامەن ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالىدۇ. ئەلچىنىڭ خوتۇنىنىڭ زىبۇ-زىننەت، ئۈنچە-مەرۋايىتلىرى ئۇنى تامامەن رام قىلىۋالىدۇ. مەركىزىي شەھەرنىڭ قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرىسى ئۇنىڭ خۇدىنى يوقىتىدۇ. ئۇ ھەمىشە ئۆز يۇرتى بىلەن مەركىزىي شەھەرنى سېلىشتۇرۇپ، يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ ئۇ يەردە بىر ئۆمۈر توپىغا مىلىنىپ ياشاشتىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ. ئۇ بىر قېتىم يۇرتىغا خېلى كۆپ پۇل بىلەن قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، چوڭ شەھەردە ياشاش ئىستىكى ئۇنى يەنە جىم تۇرغۇزمايدۇ-دە، يەنە ئاللىقانداق غايىۋى ئىستەكلەرگە ئەسىر بۇلۇپ قايتىپ كېلىدۇ. ئۆز ئىپپەت-نۇمۇسىنى، پاكلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىگە چېقىلماقچى بولغان خالىد بىلەن كەسكىن ئېلىشىشلىرىدىن ئۇنىڭدىن چەكسىز سۆيۈنسەكمۇ، لېكىن شەخسىيەتچى، ئازغۇن روھىدىن  قاتتىق ئېچىنىمىز، ئۆكۈنىمىز. گەرچە ئۇ ئادىلەنىڭ ئۆيىدىن قوغلىنىپ، تۇرىدىغانغا جاي تاپالماي ئامالسىز قالغان ھالەتتىمۇ، يۇرتىغا قايتىپ كېتىشنى قىلچە ئويلىمايدۇ. ئۇ چوڭ شەھەردە تۇرۇپ تىل ئۆگىنىشنى پەقەت چوڭ شەھەردە مەڭگۈلۈك تۇرۇپ قىلىشنىڭ بىردىنبىر دەسمايىسى قىلىۋالىدۇ. دېمەك، ئۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرغىچە روھىدا چۇقان سالغان ئاسىي روھنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئەمدى بىز ئادىلەگە كەلسەك، ئۇنىڭ قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى، نىكاھ ۋە مۇھەببەت قاراشلىرى زۆھرەدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. ئۇمۇ گەرچە ئوقۇپ بىلىم ئېلىشنى باھانە قىلىپ مەركىزىي شەھەردە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ زۆھرەگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ياشاش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل رۇخسارى، چىرايلىق بەدىنى ئارقىلىق پۇل تېپىش، يول تېپىش، بۇ ئارقىلىق بىرەر چەت ئەللىكنىڭ پېشىغا ئېسىلىپ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىش تاماسىدا بۇلىدۇ (بولۇپمۇ ئامېرىكىغا). ھەرقانداق چەكلىمىدىن خالىي ھالدا بەختلىك، ئەركىن ياشاشنى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ھايات مىخانىزىمى، كۈرەش نىشانى قىلىپ تاللىۋالىدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس-يادىنى، ئوي-خىيالىنى پەقەت ئامېرىكىغا چىقىپ كېتىپ ئەركىن ياشاشتىن ئىبارەت بىرلا ئىستەك چىرمىۋالىدۇ. ئۇنىڭ كاللىسىدا ۋەتەن، ئائىلە، نىكاھ، مۇھەببەت، ئاتا-ئانا دېگەن ئۇقۇم ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن قاشاڭلىششىنى قاينام-تاشقىنلىق شەھەر تۇرمۇشى ۋە پۇل كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېيىشكە بۇلىدۇ. بىز زۆھرەنىڭ ھايات قىسمىتىدىن بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ جىسمىنى، تېنىنى پاك تۇتۇشىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاز-تولا ھېسداشلىقىمىز قوزغالسىمۇ، لېكىن ئادىلەنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن، يۈرۈش-تۇرۇش، سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن، ئوي-خىياللىرىدىن يىرگىنىمىز، نەپرەتلىنىمىز. ھە دېسە چەت ئەلنىڭ سېرىق فىلىملىرىنى كۆرۈشلىرىدىن، چەتئەللىكلەر بىلەن خالىغانچە ئارىلىششلىرىدىن، بۇلۇپمۇ بۇ ئىپلاس يولغا زۆھرەنى مەجبۇرلاشلىرىدىن ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك سەسكىنىمىز، بوغۇپ ئۆلتۈرۋەتكىمىز كېلىدۇ. ئۇنىڭ قىممەت قاراش، دۇنيا قاراشلىرىدىن ئادىمىيلىكنىڭ ئىزناسىنى، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ شەرمىي-ھايا، ئەخلاق-پەزىلەت ھەققىدىكى قىممەتلىك ئېلمىنتلىرىنى قەتئىي تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇ ئىدىيە، جىنسىيەت جەھەتتىن ئاللىقاچان مىللەت چېگىرسىدىن، دىن چېگىرسىدىن، ئەخلاق چېگىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن. دېمەك، ئۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىغىچە ۋۇجۇدىدا تىنىم تاپماي قۇترىغان ئاشۇنداق ئاسىي روھنىڭ كۈشكۈرۈتۈشى بىلەن مىللەتتىكى مەنىۋى كىرىزسنى كەلتۈرۈپ چىقىرشنىڭ «زەپەر مارشى» نى ياڭرىتىدۇ. بىز گەرچە سەئىد قارىي ۋۇجۇدىدىكى ئىمان-ئېتىقاد، شەرمىي-ھايا، ئەدەپ-ئەخلاق، تىرىشچانلىقتىن، ئاتا-ئانا، يۇرت-مەھەللىگە بولغان ئوتتەك سېغىنىشتىن ئەركەكلىرىمىزدىكى ۋىجدانىي تۇيغۇنى، ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتنى روشەن كۆرگەندەك بولساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭ زۆھرە ۋە ئادىلەنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالماسلىقىدىن، ئاجىزلىقىدىن ئەركەكلىرىمىزنىڭ زىممىسىدىكى ۋىجدانىي يۈك، ۋىجداني مەسئۇلىيەتنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى روشەن ھالدا ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. قايسىبىر دانا:«ئەركەكلىرى زەيپانە مىللەتنىڭ ئاياللىرى بۇزۇق كېلىدۇ» دەپ ئېيتقان. گەرچە بىز سەئىد قارىي ئوبرازىدىن زەيپانىلىكنىڭ ئېلېمېتنلىرىنى تاپالمىساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭ زۆھرە بىلەن ئادىلەنىڭ قىممەت قاراش، دۇنيا قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئاجىزلىق قىلغىنىدىن ئەركەكلىرىمىزدىكى روشەن ئاجىزلىقنى ھېس قىلالايمىز. بالزاك: «مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلارنىڭ قولىدا» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان، لېكىن بىز زۆھرە بىلەن ئادىلەنىڭ ۋۇجۇدىدىن مىللەتكە ئانا بولالىغۇدەك سالاھىيەتنى تاپالمايمىز. توپا-تۇمانغا كۆمۈلۈشتىن، سەھرالىققا تېگىپ بالا تۇغۇشتىن ئۆلگۈدەك قورقىدىغان زۆھرە ئانا بۇلۇشقا لايىق كېلەرمۇ؟ مەيدە-كۆكرەكلىرىنى، پاقالچاق-يوتلىرىنى ئوچۇق قويۇپ مىللەت ئايرىماي بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان ئادىلە ئانا بۇلۇشقا ماس كېلەرمۇ؟ بىز ئادىلە ۋە زۆھرەگە ئوخشاش ئاسىي روھنىڭ ئسكەنجىسىدە توختىماي پالاز قېقىپ مىللەتتە ئېغىر مەنىۋى كىرىزس پەيدا قىلىۋاتقانلاردىن يەنە قانداق ئۈمىدلەرنى كۈتەلەيمىز؟ بولدى، بەس! ئۇلار پەقەت مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكىدۇ، ئەمما مىللەتكە ياراملىق ئەزىمەتلەرنى ئاپىرىدە قىلالمايدۇ. بىز چەت ئەلگە چىقىپ كېتىش ئۈچۈن مىللەت، ئېرىق، دۆلەت ئايرىماي بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان ئادىلە ئوبرازىدىن ئەينى دەۋردىكى ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى، ئىپپەت-نۇمۇسىنى، ۋىجدان-غۇرۇرىنى قوغداش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلغان سۆيۈملۈك ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇمنى يادىمىزغا ئالىمىز. نۇزۇگۇمدەك قىزلىرىمىز قانچە كۆپ بولسا، مىللەتكە ياراملىق ئانىلار شۇنچە كۆپ بولغان، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىدىغان ئەزىمەتلەرمۇ كۆپ تۇغۇلغان بۇلاتتى. مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىنى تەرك ئەتكەن، ئەبجەش، شالغۇت مەدەنىيەتنىڭ سەنىمىگە ئۇسسۇل ئوينىغان خوتۇن-قىزلاردىن يەنە قانداق ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟ غاپىللىق يالغۇز بىر ئادەمنى تۈگەشتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى بىر مىللەت، ھەتتا بىر دۆلەت كىشىلىرىنىڭ روھى دۇنياسىنى چىرماپ زەيپانە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. تارىختا غاپىللىق تۈپەيلىدىن تالان-تاراج بۇلۇپ كەتكەن مىللەتلەر كۆپ بولغان. ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي ئېتقادىنى تەرك ئېتىپ غاپىللىقنىڭ سەنىمىگە ئۇسسۇل ئويناش، ئار-نۇمۇس، شەرمىي-ھايادىن ئايرىلىپ ئاتالمىش ئەركىنلىك ئۈچۈن پالاقشىش ئاخىرقى ھېسابتا مەھكۇملۇقنى، مەنىۋى كىرىزسنى پەيدا قىلىدۇ. مەنىۋى كىرىزسقا چوڭقۇر پاتقان مىللەتنىڭ ئەتىسى پارلاق بۇلمايدۇ. ئەلۋەتتە. «ئىككىسى بەسلىشىپ ئۇخلايتتى، ئەركىنلىكتىن ھېرىپ كەتكەندەك ياكى ئەركىنلىك ئىزدەش ئۈچۈن دەم ئېلىۋاتقاندەك، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈچ توپلاۋاتقاندەك ئۇخلىشاتتى. خىيال، شېرىن چۈش، جىنسىي ئاڭ، ئاڭسىزلىق قېتىغا شۇڭغۇيتتى؛ شەھەرنىڭ شاۋقۇنلىرى ھاياتلىققا چىللاپ تۇرسىمۇ، شېرىن ئۇيقۇنىڭ ئارامبەخىشلىرىدىن ئىزىلىپ ياتاتتى...» مانا شۇنداق زەيپانىلىك، مانا شۇنداق ئەسەبىي شېرىن چۈشكە مۇپتىلا بولغان قىزلىرىمىز زادى قانچىلىكتۇ؟ بۇ رېئاللىق ھەر قانداق بىر ۋىجدان ئىگىسىنى جىددىي ئويلاندۇرماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. «مۇھىت ئادەمنى ئۆزگەرتىدۇ، ئادەممۇ مۇھىتنى ئۆزگەرتىدۇ» دەپ ئېيتالايمىز-يۇ، مۇھىتنىڭ روھىمىزنى، ۋىجدانىمىزنى ئۆزگەرتىۋېتىشىگە سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرىمىز، لېكىن ئۇنى ئۆزگەرتىشكە، ئۇنىڭ قەلبىمىزگە، روھىمىزغا، ئىمانىمىزغا، ئېڭىمىزغا رەھىمسىزلەرچە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنى توسۇشقا ئامالسىز قالىمىز. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تۇنۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، شەھەر مۇھىتى بىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كەتتى، جۈملىدىن نۇرغۇن قاۋۇل ئەركەكلىرىمىزنىڭ، نۇرغۇن نازاكەتلىك قىزلىرىمىزنىڭ ۋىجدان-غورۇرىنى، ئىمان-ئېتقادىنى، ئار-نۇمۇسىنى رەھىمسىزلەرچە يەپ كەتتى. لېكىن بىز مۇھىتنىڭ رەھىمسىزلەرچە بوزەك قىلىشىغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرساق مىللەتنىڭ كېلەچىكىدىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتەلەيمىز؟ ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلماي تۇرۇپ، مۇھىتنى ئۆزگەرتىش ياكى مىللي ئەنئەنە، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ھەققىدە سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئادىلە ۋە زۆھرەلەرنىڭ ئىدىيە كىرىزسى بىزنى مىللەتنىڭ ئەتىسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. مەنىۋى كىرىزسقا چوڭقۇر پاتقان بىر مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئويلىنىش مىللەتنىڭ ھەر بىر پۇقراسىنىڭ ۋىجدانى مەسئۇلىيىتى. پوۋېستتا، زۆھرە بىلەن ئادىلەنىڭ خام-خىياللىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، لېكىن سەئىد قارىينىڭ ئىمان-ئېتىقادى، ۋىجدان-غورۇرى ئۇنىڭغا پارلاق كېلەچەك  ئاتا قىلىدۇ. دېمەك، ۋىجدان-غورۇر، ئار-نۇمۇسنى يوقاتقان، ئائىلىسىنى، ۋەتىنىنى، ئاتا-ئانىسىنى تەرك ئەتكەنلەرنىڭ ھېچقانداق كەلگۈسى بولمايدۇ. ئەكىسچە، زەئىپلىشىپ، خاراپلىشىپ زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. مانا بۇ نۇقتىلار مەزكۇر پوۋېستنىڭ ئوقۇرمەننى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مۇھىم بىر تەرىپى. «ئېچىلىش» تا، يالغۇز قىز-ئاياللارنىڭ جىسمانىي تېنىدىكى «ئېچىلىش» نىلا ئىپادىلەپ قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىن بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى، ئەخلاقىمىزدا، ئېڭىمىزدا، مەدەنىيىتىمىزدە، ئۆرپ-ئادەت ۋە پسىخىكىمىزدا كۆرۈلۈۋاتقان شەكلى ئۆزگەرگەن «ئېچىلىش» لارنى تىپىكلەشتۈرۈپ كۆرسىتىپ بەرگەن.

قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

2010-يىل26-ئىيۇل

مەنبە: ئېلان قىلىنمىغان

ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە يازغۇچىنىڭ ھۆرمىتى
−يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «يازغۇچى، ھۆرمەت شارابى ۋە چىۋىن» ناملىق ھېكايىسى ئۈستىدە يانداش مۇلاھىزە

ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
ھەممىمىزگە مەلۇم، خەلىقىمىزنىڭ 11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر شائىرى، ئۇلۇغ دۆلەت ئەربابى، يېتۈك پەيلاسوپى، بۈيۈك مۇتەپپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەخمىنەن 1069-1070-يىللىرى شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» نى يېزىپ پۈتتۈرۈپ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ شۇ دەۋردىكى ھۆكۈمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان، ھۆكۈمدار ئەبۇئەلى ھەسەن مۇئەللىپكە «خاس ھاجىپ»(خاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى ياكى باش ۋەزىر دەرىجىلىك ئۇنۋان) لىق  ئۇنۋانىنى بەرگەن. شۇنداق، خەلقىمىز ئەلمىساقتىن بېرى، يازغۇچى-شائىرلارنى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر، دەپ چوڭ بىلگەن، ھۆرمەتلىگەن، ئۇلۇغلىغان. ھەتتا يازغۇچى-شائىرلارنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە، ئۇلار بىلەن جاپادا بىرگە بولغان. ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىغاندا، قىلچى ئىككىلەنمەي ئۇلارنى قوغدىغان. چۈنكى خەلقىمىزدە ئەزەلدىن يازغۇچى-شائىرلارنى مىللەتنىڭ بايلىقى، دەپ قارايدىغان ئېسىل ئەنئەنە بار. دەرھەقىقەت، يازغۇچى-شائىرلار مىللەتنىڭ بايلىقى. بىر مىللەتكە نىسبەتەن يازغۇچى-شائىرلار قانچىلىك قەدىرلەنسە، ھۆرمەتلەنسە، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ. ئەدەبىياتنى چۈشەنگەن مىللەتنىڭ يازغۇچى-شائىرلىرى ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدۇ، يازغۇچى-شائىرلارنى چۈشەنگەن خەلقنىڭ مەنىۋى بايلىقى مول بولىدۇ، ساپاسى يۇقىرى بولىدۇ. يازغۇچى-شائىرلار بىر مىللەتنىڭ روھىي ئىنژېنېرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىننەتسىز مەنىۋى ئەمگەكلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېستېتىك تەلىپىنى قانائەت تاپقۇزىدۇ، روھىنى نۇرلاندۇرىدۇ. چىن ئىنسانىي خىسلەتتتىن دەرس ئۆتىدۇ.  نۆۋەتتە، ئەدەبىياتنى چۈشىنىش ۋە تونۇشىمىزنىڭ يېتەرسىز بولۇشى تۈپەيلىدىن جەمئىيىتمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە يازغۇچى-شائىرلارنى چۈشۈرۈش، مازاق قىلىش، ھەتتا كەمسىتىشتەك ناچار ئىللەت باش كۆتۈرۈپ قالدى. بۇ خىل يامان خاراكتېرلىك ئۆسمىنىڭ يىلتىز تارتىپ قېلىشىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ سەۋەبلەر ئىچىدە كىتاب ئوقۇماسلىق، گېزىت-ژۇرنال كۆرمەسلىكتەك ناچار ئىللەتنى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە شۇنداقمۇ بىر قىسىم ئادەملىرىمىز باركى، ھاراق، تاماكا، ئولتۇرۇش دېسە تۇتام-تۇتام پۇل خەجلەشكە رازى بولىدۇ، ئەمما كىتاب، گېزىت-ژۇرنال سېتىۋېلىشقا قارنى ئاغرىيدۇ؛ بەزىلەر ئەتىدىن كەچكىچە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇشقا رازىكى، بىرەر كىتابنى ۋاراقلاپ بېقىشقا، بىرەر پارچە ئەسەرنى ئوقۇپ بېقىشقا رايى بارمايدۇ. لابولبى: «تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ھەربىر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئوقۇۋاتقان كىتابلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. كىتاب− دۇنيانىڭ كۆزى، بىلىمنىڭ ماكانى. بىز كىتاب ئارقىلىقلا دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنەلەيمىز. كىتاب بولمىغان ئۆي خۇددى دېرىزىسى يوق گۇندىخانىغا ئوخشايدۇ، ئۇ يەردىن قۇياش نۇرىنى كۆرگىلى بولمىغاندەك، ھايات تەلقىنلىرىنى، دۇنيا ماھىيەتلىرىنى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك سەۋەب- نەتىجىلىرىنى، ھاياتنىڭ قىممىتىنى، شەيئىلەر تەرەققىياتىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. شۇڭا كىتاب ئارقىلىق دۇنيانى تونۇيمىز، كىتاب ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تونۇيمىز، كىتاب ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئۆزگىلەرگە تونۇشتۇرىمىز. ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر دراماتورگ ۋىليام شېكىسپىر ( 1564- 1616 ): « تۇرمۇشتا كىتاب بولمىسا كۈن نۇرى بولمىغانغا ئوخشاش بولىدۇ، ئۇنى ئوقۇمىغان ئادەم قانىتى سۇنغان قۇشقا ئوخشايدۇ» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقانىدى. دەرھەقىقەت، ئارىمىزدا كىتاب ئوقۇمايدىغان، كىتاب ئوقۇسا كۆزى ئاغرىيدىغان، ئۇيقۇسى كېلىدىغان ئادەملىرىمىز نۇرغۇن. ئۇلار ھاراق سورۇنلىرىدا كېچە- كېچىلەپ ئولتۇرۇشقا رازىكى، بىرەر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇشقا ھەرگىز رايى بارمايدۇ. نەچچە يۈز يۈەنلىك ھاراققا ياكى گېرىم بويۇمىغا قورسىقى ئاغرىمايدۇ، لېكىن نەچچە ئون يۈەنلىك كىتاب سېتىۋېلىشقا قورسىقى ئاغرىيدۇ. ھەتتا بەزىلەر: « نېمە قىلىدۇ كىتاب ئوقۇپ، ھەممىسى قۇرۇق گەپلەر، نوچىسى يەنىلا پۇل. پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا!» دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ ئۆز سەنىمىگە ئۇسسۇل ئوينايدۇ. «كىتاب بىلەن بىللە ياشىغان ئادەم مەڭگۈ ھەسرەت چەكمەيدۇ» دەيدۇ ئەنگىلىيىلىك شائىر رومىن روللان. كىتاب ئادەمگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولالايدىغان ئەڭ سادىق سىرداش دوست ھېسابلىنىدۇ. سىز ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنىڭ خۇشاللىقىنى، ئارزۇ- ئارمىنىڭىزنى تاپالايسىز. ئۇ سىزگە پۈتمەس- تۈگىمەس كۈچ- قۇۋۋەت، جاسارەت ۋە ئاجايىپ ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ. ئۇ سىزنىڭ مىسكىن روھىي دۇنيايىڭىزنى باھار تېڭىدەك يورۇتىدۇ، قاراڭغۇ دىلىڭىزنى تاڭ قۇياشىدەك يورۇتۇپ، سىزنى ئادىمىيلىك يولىغا باشلايدۇ. ئۇ سىزگە ئۈمىد، ئىشەنچ، پارلاق كەلگۈسى ئاتا قىلىدۇ. بىر مىللەت كىشىلىرى ئىچىدە كىتاب ئوقۇيدىغانلار قانچە كۆپەيسە، شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتى شۇنچە تېز، شۇنچە بالدۇر بولىدۇ. ئەينى چاغدا يولداش جۇ ئېنلەيمۇ:«مەن جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيمەن» دەپ جاراڭلىق توۋلىغاندى. بىزمۇ ئۆزىمىزنى كۈچەيتىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇساق بولمامدىكەن؟!... بىر ئۆمۈر كىتاب بىلەن ھەپىلەشكەن ھەم كىتاب دۆۋىسى ئىچىدە ئۈن- تىنسىز جان ئۈزگەن مەشھۇر شائىر، يېتۈك ئالىم، تالانتلىق پەيلاسوپ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن (1933- 1995) ئۆزىنىڭ «كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى» ھەققىدىكى گىگانت ئەسىرىدە: « كىتاب ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئۆلمەس روھى. ئۇلۇغ تارىخىي سىمالارنىڭ ھەقىقەت يالقۇنلىرىنى تىرىكلىك دەرگاھىدا مەڭگۈ يىلىنجىتىپ تۇرىدىغان مۇقەددەس ئوچاق. ئەگەر كىتاب بولمىغان بولسا، دۇنيانى مىڭلىغان قۇياشمۇ جاھالەت ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالمىغان بولاتتى!» دەپ خىتاب قىلىپ، كىتابنىڭ خاسىيىتىنى قۇياشتىنمۇ ئۇلۇغلىغان. ئۇ يەنە: «كىتاب ئۆز ئاشىقىغا چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر بەخش ئېتىدۇ. ناداننىڭ بىر ئەسىرلىك ئۆمرى بىلىملىك كىشىنىڭ يېرىملىك ئەسىرلىك ئۆمرىدىن كۆپ قىسقا ھېسابلىنىدۇ. كىتاب قەلبنى پاكلايدۇ. ئۇنىڭ ئىنسانغا بېغىشلىغان نۇر- ھېكمىتىنى ھەرقانداق زىننەت بويۇملىرىمۇ پەيدا قىلالمايدۇ. ئۇ قەلبنى نۇرلاندۇرۇپ، روھىيەتنى بېيىتىپ، ئۆمۈرنى مەنىۋى بەخت ۋە يۈكسەك نەزەر بىلەن بېزەيدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ يۈزى، كۆزى ۋە سۆزىگە مۇقەددەسلىك نۇرى ئاتا قىلىدۇ. كىتاب ئاشنالىرى خۇددى ئالماستەك يارقىن بولسا، نادانلىق ئىجىللىرى بەئەينى گۆشىيىپ تۇرغان قارا تاشقا ئوخشايدۇ» دەپ تەكىتلەپ، كىتابنىڭ خاسىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ. دېمەك، مەنىۋى زەئىپلىك مىللەتنى ھالاكەتكە باشلايدىغان بىرىنچى ئامىل ھېسابلىنىدۇ. روھىي زەئىپلىكتىن خالاس بولۇشنىڭ، مىللەتنى تەرەققىي قىلغان ئەللەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشنىڭ بىرىنچى پەلەمپىيى يەنىلا شۇ مۇقەددەس كىتابتۇر. دېمەك، كىتابنىڭ خاسىيىتىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، كىتابنى ئۇلۇغ بىلمىگەنلىكتىن بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدە كىتابنىڭ ئىختىراچىلىرى ھېسابلانغان شائىر-يازغۇچىلارنى تونۇماسلىقتەك، ھەتتا مازاق قىلىشتەك روھىي گادايلىق باش كۆتۈرۈپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ تولىمۇ خەتەرلىك ئەھۋال، ئەلۋەتتە. «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان ياش تالانتلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ دەل مۇشۇنداق روھىي قالاقلىقنى ئۆتكۈر ھەجىۋىي تىل ئارقىلىق قاتتىق قامچىلاپ يازغان «يازغۇچى، ھۆرمەت شارابى ۋە چىۋىن» ناملىق ھېكايىسى مېنى مۇشۇ ھەقتە يۇقىرىقىدەك چوڭقۇر ئويلىنىشقا، ئاخىرىدا قەلەم تەۋرىتىپ بېقىشقا سۆرەپ كىردى. مەنمۇ ئەتراپىمىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ روھىيىتىكى بۇ خىل گادايلىق ۋە ئەبگالىقنىڭ ماڭا تەسىر قىلغان ئېلېمېنتلىرىنى ھېكايىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشنى لايىق تاپتىم. ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن يازغۇچى ئەپەندىم يىراقتىن كەلگەن نامەلۇم بىر «ئېزىز مېھمان» نىڭ «ھۆرمىتى» ئۈچۈنلا شۇنچە كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي، ئاللىقاچان سېلىۋەتكەن كىيىملىرىنى قايتىدىن كىيىپ سورۇنغا بارىدۇ. چۈنكى ئاشۇ ئالتە مەستنىڭ ئارىسىدىكى ئاتالمىش «ئەدەبىيات ھەۋەسكارى» نىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، يىراقتىن كېلىپ سورۇنغا داخىل بولغان ھېلىقى «ئېزىز مېھمان» نىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىسى بار ئىدى. لېكىن «ھۆرمەت قىلغانغا ئىززەت قىلغان ئەلا» دېگەن ئەقىدىنى ئۆزىگە يار قىلىپ سورۇنغا يېتىپ بارغان يازغۇچىنىڭ دۇچ كەلگىنى تامامەن باشقىچە بىر مۇھىت بولۇپ چىقىدۇ. «كىچىككىنە ئايرىمخانىنى ئالتە مەست ئوماچ قاينىغاندەكلا قىلىۋەتكەنىدى، ئۇلار يازغۇچىنى كۆرۈپ ‹گۈررىدە›ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى-دە، چاۋاك چېلىپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.

- قانداق، كەلدىمۇ؟
-     كەلمەيدۇ دەۋاتمامتىڭ؟
-     ھە، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
-     ۋەدىسىدە تۇرسۇن.
-     تۇرمىسا بولمايدۇ.
-     سەن راست گەپ قىلمىدىڭ.
-     راست گەپ قىلدىمغۇ!
- راست گەپ قىلغان بولساڭ كەلمەيتتى، يىراقتىن كەلگەن مېھمان بارتى، سىلى بىلەن كۆرۈشكۈسى بار ئىكەن، دەپ ئالداپ ئەكەلدىڭ.»
ئۇلارنىڭ «گۈررىدە» ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولسىمۇ، «چاۋاك چېلىپ قاقاقلاپ كۈلۈش» نى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايتتى. چۈنكى خەلقىمىزدە ئەزەلدىن ناتونۇش بىرەيلەن بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدىغان ئادەت يوق ئىدى. بۇنداق قىلىقنى ھۆرمەتسىزلىك، ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايتتۇق. ئەمما بۇ ھېكايىدە يازغۇچى ئەپەندىم مۇشۇنداق رېئاللىققا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلار گويا بالىلار ئويۇنى ئوينىغاندەكلا يازغۇچىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە غۇرۇرى بىلەن ئوينىشىدۇ. ئەجدادلىرىمىز بېشىدا ئېلىپ كۆتۈرگەن، چوڭ بىلگەن، ئۇلۇغلىغان، تۆر بوشاتقان يازغۇچى-شائىرلارنىڭ بىر قىسىم نادان، ئويغانمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئاخماق قىلىنىشى، ئىززەت-ھۆرمىتى يەرگە ئۇرۇلۇشى دىلى ئويغاق ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىماي قالمايدۇ.
«ئايرىمخانىغا ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›دەپ كىرگەن يازغۇچى تېخىچىلا ئۆرە تۇراتتى. ئالتە مەست ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەدەپ گەپ تالىشىۋاتاتتى. يازغۇچى بۇ سورۇندا يىراقتىن كەلگەن ھۆرمەتلىك مېھماننىڭ يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاشۇنداق دەپ ئالدىغىنىنى ھەمدە سورۇندا ئۇنى كېلىدۇ، كەلمەيدۇ، دېيىشىپ باغلاشقىنىنى چۈشەندى. ئۇ ئالتە مەستنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننى تونۇدى. ئۇ، بۇ يۇرتتىكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ئىدى...»
تەرەققىي قىلغان مىللەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ يازغۇچى-شائىرلىرىنى چوڭ بىلىپ ھۆرمەتلىگەندىن سىرت، ئۇلارنى «يازغۇچى»، «شائىر» دېگەن پەخىرلىك نامى بىلەن قوشۇپ چاقىرىدىغان ئادەت بار. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئالىم-ئۆلىمالىرىمىزنىڭ، شائىر-يازغۇچىلىرىمىزنىڭ مۇبارەك ئىسمىنىڭ ئالدىغا «مەۋلانە» دېگەن ھۆرمەت نامىنى قوشۇپ ئاتاشتەك گۈزەل ئەنئەنىۋى ئادەتنى بىزگە ئۇدۇم قالدۇرغانىدى. مەسىلەن، مەۋلانە مەھمۇد كاشغەرى، مەۋلانە لۇتفى... دېگەندەك. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىزنىڭ بىر قىسىم نادان كىشىلىرىمىز يازغۇچى-شائىرلارنى ھۆرمەت قىلىش، چوڭ بىلىش ئەمەس، بەلكى مازاق قىلىش، ئاخماق قىلىشتەك چاكىنا ئىللەتلەرنى مەيدانغا چىقىرىۋالدى. ھەتتا يازغۇچى-شائىرلارنى سورۇنلارغا زورلاپ دېگۈدەك ئالاھىدە چاقىرىدۇ-يۇ، ئەمما لاۋزا، تېتىقسىز شېئىر-قوغاقلارنى، لەتىپىلەرنى ئېيتىشقا دالالەت قىلىدۇ. بۇلارنىڭ «ھۆددىسىدىن» چىقالمىغانلارنى بىردەك يازغۇچى ياكى شائىر قاتارىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. ھەتتا ئوچۇقتىن ئوچۇق تىل-ھاقارەت قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ. «يازغۇچى، ھۆرمەت شارابى ۋە چىۋىن» ناملىق ھېكايدىمۇ ئاپتور مۇشۇنداق ناتوغرا ئىستىللارنى پاش قىلىش ئارقىلىق بىر قىسىم قاپيۈرەك، نادان كىشىلەرنى غەزەپ بىلەن تەنقىدلەيدۇ. بۇ گېپىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مەزكۇر ھېكايىدىن تۆۋەندىكى ئۈچ تۇرمۇش تەسۋىرىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ:
«- مانا، بىز كېچە دېمەي يوتقاندىن سۇغۇرۇپ ئەپچىقالايمىز.
- تېخى تىللىيالايمىز.
- كىمنى؟
- يازغۇچىنى.»
«- ھېلىقى ئاداشنى ھەممىڭلار يازغۇچى دېيىشىپ كەتتىڭلار، لېكىن بىر سائەتتىن بېرى مۆرىمەي ئولتۇرۇپ يەنە مۆرىمەي كېتىپ قالدى. مۇشۇ شائىر ئاداشچىلىكمۇ ئىككى ئېغىز تاتلىق گېپى يوقكەن.
- شۇ «قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل» دەپ قۇرۇق نام چىقىرىۋالغان-دە.
- يازغۇچى دېگەن ماۋۇ شائىر ئاداشتەك بولمامدۇ؟
- سورۇنغا كەلسە بىرەر ئېغىز لەتىپە، چاقچاق سۆزلىيەلىسە، شېئىر-قوشاق ئوقۇيالىسا ھېساب.
- ئاندىن يازغۇچى دەيمىز.»
«ساقى ئىككى رومكا ھاراقنى تەخسە بىلەن يازغۇچىغا تەڭلىدى.
-     ئالسىلا، يازغۇچى ئەپەندىم، ئاۋۋال ئىككىمىز بىر رومكىدىن ئىچەيلى.
-     مەن... مەن ئىچمەيتتىم.
-     توۋا دېسىلە، يازغۇچى ھاراق ئىچمىسە قانداق بولىدۇ؟
-     ئىلھام نەدىن كېلىدۇ؟
-     ئىلھام ئەمەس، ئىلھامى دېگىنە.
-     ئىلھامى ئەمەس، ئىلھام پەرىسى، دەيمىز ئادىشىم.
-     ۋاھ، پەرىدەك بىر قىز بالىنى كەلتۈرۈۋېلىپ يازىدىكەن-دە!
-     قىلىدىغان ئىشمۇ نېمە يازغۇچىلىق دېگەن؟!
-     ئاسان چاغلىماڭلار ئادىشىم.
-     شۇنداق، ھېلىقى ئاكا-ئۇكا كۈلدۈرگە چولپانلىرى دېگەنغۇ، ئىلھامى كەلسە بەش مىنۇت، ئىلھامى كەلمىسە بەش يىل، دەپ.
-     بىزنىڭ يازغۇچىمىزنىڭ قېشىغا ئىلھام، ئىلھامى ئەمەس، ئىلھام پەرىسى كېلىدىكەن ئەمەسمۇ؟ پەيزى تۇتقاندا ئىككى قەلىمىنى تەڭ ئىشقا سالىدىكەن-دە!»
فرانسىيىلىك داڭلىق يازغۇچى بالزاك (1799-1850):«يازغۇچى−دەۋرنىڭ ۋىجدانى.» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. يازغۇچى-شائىرلار مىللەت روھىنىڭ سىمۋولى. ئۇلار مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى مەنىۋىيەتنىڭ تاڭ قۇياشى بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، ۋۇجۇدىدا باھار ئاپتىپى ھاسىل قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ كېچىلەرنى تاڭغا ئۇلاپ قىلغان مىننەتسىز ئەمگىكى مىللەتنىڭ مەنىۋى بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار ھۆرمەتلىنىشكە، قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك كىشىلەر ئىدى، ئەمما «يازغۇچى، ھۆرمەت شارابى ۋە چىۋىن» ناملىق ھېكايىدە ئۇلار مازاق قىلىنىدۇ، كەمسىتىلىدۇ. بۇ بىزدىكى روھىي گادايلىق بولماي نېمە؟!
يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى ھېكايە ژانىرىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيىمىزدە يىلتىز تارتىپ قېلىۋاتقان، ھەتتا بارغانسېرى ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بىر قىسىم ئەخلاق چىركىنلىكلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلىپ، جەمئىيىمىزدىكى ئومۇمىي خەلقنى يازغۇچى-شائىرلارنى چۈشىنىشكە، قەدىرلەشكە، ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدۇ. يازغۇچى ياكى شائىر بولۇش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. بىر-ئىككى پارچە خەۋەر ياكى سالام خەت يېزىپ قويۇش بىلەن يازغۇچى بولغىلى، بىر-ئىككى كۇپلېت شېئىر-قوشاق يېزىپ قويۇش ياكى ئوقۇپ قويۇش بىلەن شائىر بولغىلى بولمايدۇ. يازغۇچى-شائىرلىق ئادەمدىن كۈچلۈك ئىرادىنى، چىدامچانلىقنى تەلەپ قىلغاندىن سىرت، يەنە مول بىلىمگە ۋە بەلگىلىك يېزىقچىلىق ساپاسىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا نەچچە يۈز مىڭ ئادەمنىڭ ئارىسىدىن ئاران بىر-ئىككى يازغۇچى-شائىر چىقىدۇ. پارغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ياكى ئىشخانىدىن چىقمايلا يېزىلغان بىرنەچچە پارچە پاخپاق يازمىلار ئارقىلىق يازغۇچى-شائىر بولغىلى بولىدىغان بولسا، بۇ جاھان يازغۇچى-شائىرغا كۆمۈلۈپ كەتكەن بولاتتى. تالاي شېرىن ئۇيقۇلارنىڭ، ئولتۇرۇش-زىياپەتلەرنىڭ مەرىدىن كېچەلىگەنلەردىن، خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنى ئاساسەن كىتااب دۆۋىلىرى ۋە يېزىقچىلىق شېرەسى ئالدىدا ئۆتكۈزەلىگەنلەردىن، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ قەلبىدىكىنى تاپالىغان ھەم قازالىغانلاردىن ئوقۇرمەنلەر رازى بولغۇدەك يازغۇچى-شائىر يېتىشىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا تارىختىن بۇيان يازغۇچى-شائىرلار ئۇلۇغلىنىپ كەلگەن، ھۆرمەتلىنىپ كەلگەن.
ھەقىقىي يازغۇچى-شائىرلارنى خەلق باھالايدۇ. خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشەلىگەنلىرى ئاندىن ھەقىقىي يازغۇچى-شائىر بولالايدۇ. جەمئىيەتتە شۇنداقمۇ بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار ئايدا-يىلدا يېزىپ قويغان بىرنەچچە پارچە يازمىسىنى كۆز-كۆز قىلىپ ئۆزىنى ئاتالمىش «يازغۇچى» ياكى «شائىر» چاغلايدۇ. بارغانلىكى يەردە، كۆرگەنلىكى ئادەمگە ئۆزىنى ماختايدۇ. خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىش-قىلماسلىقى بىلەن كارى بولمايدۇ. ھەتتا بىر قىسىم ئاتالمىش «ئەدەبىيات ھەۋەسكار» لىرى خەلق ئېتىراپ قىلغان، مۇئەييەنلەشتۈرگەن يازغۇچى-شائىرلارنى كۆرەلمەيدۇ، ئارقىسىدىن يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ نۇرانە ئوبرازىنى پۇچەكلەشتۈرۈشكە، خۇنۇكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇنداق مىتە قۇرۇتلارنى ئاتاقلىق ئەدىب، پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن «ئەدەبىياتنىڭ رو چىۋىنلىرى» دەپ ناھايىتى  ياخشى ئاتىغانىدى. شۇنداق، ئۇلارنى ئەدەبىياتنىڭ، ئىجادىيەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى غىزاغا بىزەڭلىك بىلەن قونۇۋالغان رەزگى چىۋىنلەر دېسەك، تامامەن بولىدۇ. «يازغۇچى، ھۆرمەت شارابى ۋە چىۋىن» ناملىق ھېكايىدە ئاپتور مۇشۇنداق رەزگى «چىۋىن» لەرنى ئاچچىق قامچا ئاستىغا ئالىدۇ ۋە غەزەپ بىلەن سۆكىدۇ.
«سورۇندىكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارى زەھەرخەندىلىك بىلەن ئېغىز ئاچتى:
- باياتىن بېرى ۋاي يازغۇچى ئەپەندىم، دېيىشىپ كەتتىڭلار غىدىقىمنى كەلتۈرۈپ. ئەمەلىيەتتە يازغانلىرىمۇ تايىنلىق ئۇنىڭ.
- ئۇنداق ئەمەستۇ؟
- ئىشەنمەيۋاتامسىلە؟ ئۇنداق نەرسىلەرنى يازغان بولسام مەن ئاللىقاچان يېزىپ بولاتتىم.
- راست دەيسىلەر، سىلى دېگەن يازغۇچى ئەمەس، شائىر تۇرساڭلا.
- بىر شېئىر ئوقۇپ بېرىڭلار ئاداش.
- ھە، ھېلىقى شېئىرنى ئاڭلايلى.
- قايسى شېئىرنى دەيسىلە؟
- ھېلىقىچۇ! «ئىس چىقتىمۇ مورىدىن، قاراپ بېقىڭ ئوچاققا» دېگەننى.
- ياق! «ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى» دېگەننى ئاڭلايلى.
- ياكى بولمىسا «ئېشەك مىنمەك تەس» دېگەننى ئوقۇپ بېرىڭلا.»
شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، جەمئىيەتتە ھازىر يازغۇچى-شائىرلارغا بولغان ھۆرمەت ئىلگىرىكىدىن سۇسلىشىپ قالدى. بۇنىڭدىكى سەۋەبنى تۈرلۈك نۇقتىلاردىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى كىشىلەردە مەنىۋى ئېھتىياجغا قارىغاندا ماددىي ئېھتىياجغا بولغان تەلەپنى بەكرەك كۈچەيتىۋەتتى. كىشىلەر ماددىي مەنپەئەتنى كۈچەپ قوغلىشىدىغان بۇنداق ۋەزىيەت تەبىئىي ھالدا مەنىۋىيەتنىڭ ئۇلتاجى ھېسابلانغان كىتابقا بولغان سېلىنمىنى تۆۋەنلىتىپ، كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكنى سۇسلاشتۇرۇپ قويدى. كىشىلەردىكى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلىشى نەتىجىسىدە كىتابنى ئىختىرا قىلغۇچىلارغا بولغان تونۇش، قىزىقىش ۋە ھۆرمەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭدىن باشقا، كىنو-تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتى، كۆڭۈل ئېچىش شەكلىنىڭ كۆپىيىشى كىشىلەرنى كىتابتىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرۇپ قويدى. نەتىجىدە كىتاب ۋە ئۇنىڭ ئىختىراچىلىرى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. تەرەققىي قىلغان مىللەتلەردە ھەربىر ئائىلىدە كەم دېگەندە بىر ئائىلە قىرائەتخانىسى بولىدىكەن، ئۇلار كىتابقا تايىنىپ ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن. مىللەتنىڭ تەرەققىياتى تەبىئىي ھالدا دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى، گۈللىنىشىنى، قۇدرەت تېپىشىنى بەلگىلىگەن. ئىنگلىزلار، ياپونلار، يەھودىلار نېمىشقا دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؟ ئۇلار كىتابنىڭ خاسىيىتىنى تونۇپ يەتكەن. كىتاب ئوقۇشنى، كىتاب ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئەۋلادلىرىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن. كىتاب−مەنىۋىيەتنىڭ تۈۋرۈكى. تۈۋرۈك بولمىسا، ئۆي قانداق ئۆرە تۇرىدۇ؟ تۈۋرۈك بولمىسا ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلە قانداقمۇ تەرەققىي قىلالايدۇ؟
«بەلكىم سىلەر مەندىن ‹ئۇنداقتا سەن كىم؟ بايا ئاشۇ سورۇندا بارمىتىڭ؟›دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. ھەئە، مەن ئاشۇ سورۇندا بار ئىدىم. مېنى ھېچكىم تەكلىپ قىلمىغان، ئۆزۈم قاشاڭلىق قىلىۋەرگەنىدىم. چۈنكى، مەن دېگەن بىر تال چىۋىن، يوچۇق تاپساملا كىرىۋېرىمەن، لېكىن ئەدەبىياتنىڭ ھېلىقى رو چىۋىنلىرىدىن پەرقلىنىمەن.» دەيدۇ ئاپتور ھېكايىنىڭ تۈگەللىمە قىسمىدا ئاچچىق كىنايە قىلىپ. ئادەم بارلىكى جايدا چىۋىن پەيدا بولىدۇ. ئەمما ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ پىكىر قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، تەربىيىلەش قورالىغا قونۇۋالغان چىۋىنلەرگە نېمە دېيىش كېرەك؟ چىۋىن چۈشكەن تاماقنى يەپ سالغان ئادەمنىڭ قورسىقى ئاغرىپ يېگەن نەرسىسىنىڭ ھەممىسى يېنىپ كېتىدۇ، قاتتىق بىئارام بولۇپ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا چىۋىن قونغان ئەدەبىياتنىڭ قىسمىتى قانداق بولۇپ كېتەر؟ چىۋىن قونغان ئەدەبىيات بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ تەقدىرى يەنە قانداق بولۇپ كېتەر؟ يازغۇچى-شائىرلارنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرۈۋاتقان شۇنداق رەزگى چىۋىنلەرنى، مىتە قۇرۇتلارنى نېمە دېسەك بولار؟ ساپ ئەدەبىيات خەلق ئاممىسىنى ئىلغار ئىدىيىۋى پىكىر بىلەن تەربىيىلەپ، ئۇلارغا ئەدەپ-ئەخلاقتىن، ۋىجدان-غۇرۇردىن، شەرمىي-ھايادىن دەرس ئۆتىدۇ. بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ھەقىقىي ئەدەبىيات ئاشىنالىرى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغۇ؟!
ئەدەبىي ئىجادىيەت−يازغۇچى-شائىرلاردىن يۈكسەك بەدىئىي ماھارەتنى، مول تۇرمۇش بىلىمىنى، زور چىدام-غەيرەتنى تەلەپ قىلىدىغان تەپەككۇر جەريانى. يازغۇچى-شائىرلار تۇرمۇشتىن تېما تاللاپ، ئۇنى بەدىئىي جەھەتتىن پىششىقلاپ ئىشلەشتىن تارتىپ تاكى قەلەم تەۋرەتكىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن جاپالىق ئەقلىي ئەمگەك باسقۇچىنى بېسپ ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ يازغانلىرى مول تۇرمۇش بىلىملىرىگە ئاساسەن يىغىنچاقلاپ چىقىلغان تەپەككۇر جەۋھەرلىرى بولۇپ، بۈگۈن ۋە ئەتە ئۈچۈن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا يازغۇچى-شائىرلار ئۆزلىرىگىلا ۋەكىللىك قىلىپ قالماي، بەلكى بىر مىللەتكە، خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت مېۋىلىرىمۇ مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ مەنىۋى بايىلىقىغا تەۋە بولىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بولغاندىلا، ئاندىن يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ھۆرمىتى بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قىممەتتىن ھۆرمەت مەيدانغا كېلىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك» لەر نېمىشقا مىڭ يىللاردىن بېرى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلىنىپ كەلدى؟ نېمىشقا بۇ شاھانە ئەسەرلەر ئۆز مىللىتى، ئۆز دۆلىتىدىن ھالقىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىدا شۆھرەت قازىنالىدى؟ چۈنكى بۇ شاھانە ئەسەرلەردە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان مەنىۋى دۇنيا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار نېمىشقا تا ھازىرغىچە دۇنيا ئىلىم مۇنبىرىدە گىگانتلىق تەختىدە نۇر چاقنىتىپ كەلدى؟ چۈنكى ئۇلار ئىجادىيەت ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە قىممەت ئاتا قىلدى. بۇ خىل قىممەت ئۇلارغا يۈكسەك شان-شۆھرەت ئاتا قىلدى.
نادان ئادەمنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ روھىنى داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. نادان ئادەمنىڭ ئەقلىنى ئېچىپ، تەپەككۇرىنى قوزغىتىشتا كىتابقا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا مەنىۋىيەتنى نۇرلاندۇرىدىغان كىتابلارنى كىملەر ئىختىرا قىلىدۇ؟ ئەلۋەتتە، شائىر-يازغۇچىلار ئىختىرا قىلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇلار ھۆرمەتلىنىشكە، ئىززەتلىنىشكە، قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك ئەمەسمۇ؟ ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى تەرك ئېتىپ، شالغۇت، بۇلغانما مەدەنىيەتنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ، قەدىرلىنىشكە، ھۆرمەتلىنىشكە تېگىشلىك ئەدەملەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويساق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيمىز؟!...
يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان «يازغۇچى، ھۆرمەت شارابى ۋە چىۋىن» نامىلىق بۇ چاققان ھەجىملىك ھېكايىدە، ئۆتكۈر ھەجىۋىي تىل ۋە قويۇق يەرلىك تىلدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئۆز ھەجىمىگە قارىغاندا كەڭ ۋە چوڭقۇر مەزمۇننى مۇپەسسەل ئەكەس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ھەمدە ئۆزگىچە بولغان تىپىك مۇھىتنى سۈرەتلەپ چىققان. بۇ خىل تىپىك مۇھىت ئەدەبىياتنىڭ، يازغۇچى-شائىرلارنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرۈۋاتقان ئالتە مەستنىڭ قاۋاقخانىدىكى تېتىقسىز دىئالوگلىرى، چاقچاقلىرى ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئاپتور ئۇلارنىڭ تېتىقسىز چاقچاقلىرى، كۈلكىلىرى ئارقىلىق ئۆزى ياراتقان تۇرمۇش مۇھىتىغا بولغان كۈچلۈك غەزىپىنى، ئاچچىق كىنايسىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھېكايىنى قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى، تىلىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، مەزمۇنىنىڭ چوقۇرلۇقى بىلەن مۇنەۋۋەر ساتىرىك ھېكايىلەر جۈملىسىگە كىرىدۇ، دېسەك قىلچە مۇبالىغا قىلغان بولمايمىز.

قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

2009-يىل 23-دېكابىر تاماملاندى

مەنبە: ئېلان قىلىنمىغان




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-28 01:38  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1562
تۆھپە : 0
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 14:45:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بۇ يەردىمۇ بىر دالاي ئېسىل يازمىلىرىڭىز باركەن ،كۆرمەپتۇق.چۈش بولۇپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ .ئاخىرى تولۇق ئوقۇپ تۈگەتتىم .ئۇتۇقلار سىزگە سايىدەك ھەمراھ بولسۇن!

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  151
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 481
تۆھپە : 16
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 16:50:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەت بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ماھىرە.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  151
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 481
تۆھپە : 16
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 16:50:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەت بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ماھىرە.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1562
تۆھپە : 0
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 22:35:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2012-5-28 16:50
مەدەت بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ماھىرە.

ياخشىمۇسىز خەنجەر ئەپەندى . بىر ئىنكاسقا ئىككى جاۋاپ قايتۇرۇپسىز .سىزگە قايتۇرۇپ رەھمەت!!!!!!!!( بۇ رەھمىتىم تاغلار ئارىسىدا جاراڭلاپ ياڭرىغان قوش ئەكىس سادالىق ئالاھىدە رەھمەت جۇمۇ....چاخچاق)

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2737
تۆھپە : 1
توردا: 435
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 01:07:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجەر ئەپەندىنىڭ ئوبزور ماقالىلىرى خېلى باركەن.بۇلارنىڭ ئىچىدە «قۇم ئۇپۇقلىرى » سالماقلىق ئورۇن تۇتىدىكەن.ئەسلى شۇ ئوبزورنىڭ ماۋزۇسىنى مۇشۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسى قىلىش مۇۋاپىق ئىكەندۇق.كونا مۇنبەردىن ئېلىنغانغانلىقى كەينىگە ئەسكەرتىلسە بولاركەن.چۈنكى يۇقۇرقى شۇ ماۋزۇنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى خېلى يۇقۇرى ئىكەنتۇق ئەمەسمۇ ؟

بارلىق مەخسەتلىرىم،- ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈشىمگە باش ئىگىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  151
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 481
تۆھپە : 16
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 09:36:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بۇ كونا مۇنبەردىن يۇلۇپ ئاچىققان بىر تۈركۈم يازمىلىرىم، ئىلگىرى باشقىلار كۆرۈپ بولغان، يېڭى مۇنبەرگە يۆتكىۋېلىش چاقىرىقى چىقىرىلغاچقا، مەنمۇ بۇ چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتۇم خالاس. شۇڭا باش ماۋزۇسىنى «كونا مۇنبەردىكى بىر قىسىم ئەسەرلىرىم» دەپ قويدۇم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  151
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 481
تۆھپە : 16
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 09:39:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2012-5-28 16:50
مەدەت بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ماھىرە.
ياخشىمۇسىز خەنجەر ئەپەندى . بىر ئىنكاسقا ئىككى جاۋاپ قايتۇرۇپسىز .سىزگە قايتۇرۇپ رەھمەت!!!!!!!!( بۇ رەھمىتىم تاغلار ئارىسىدا جاراڭلاپ ياڭرىغان قوش ئەكىس سادالىق ئالاھىدە رەھمەت جۇمۇ....چاخچاق)
  

ئىنكاسقا ئىنكاس قايتۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن ماھىرە، سىزگىمۇ زېمىننى تىترەتكۈدەك ئاۋازدىكى رەھمەتلەر ئۇچۇپ كەتتى ئەمىسە، ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ قۇلاق سېلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1562
تۆھپە : 0
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 10:24:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2012-5-29 09:39
خەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2012-5-28 16:50
مەدەت بەرگىنىڭىزگە كۆ ...

ھاھاھاھا...... ئاڭلىدىم كۆپ رەھمەت!بۈگۈنىڭىز خەيرلىك بولسۇن!

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  151
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 481
تۆھپە : 16
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 12:28:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگىمۇ شادلىق ۋە خۇشاللىق مەڭگۈ يار بولسۇن ماھىرە.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 09:46:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئۇكام خەنجەر، ئىلگىرى بۇ ماقالىلىرىڭىزنى ئوقۇپتىكەنمەن، يەنە بىر قېتىم ئوقۇدۇ، شۇنى ھېس قىلدىمكى بىر ئوبزورلار توپلىمى چىقارسىڭىز بولاتتى، مەن يېقىندا بىر ئوبزورلار توپلىمىنى نەشرىياتقا ئېلىپ بارسام ‹‹ ئوبزورلار توپلىمىنىڭ بازىرى يوقكەن، خېلى داڭلىقلارنىڭمۇ سېتىلمايۋاتىدۇ›› دېگەنتى، مەن ئاغزىم ئىشتىكلىىك قىلىپ‹‹ بىز داڭلىق ئەمەسلەرنىڭ سېتىلىدۇ، بىز كونا رامكىلارنى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭى رامكا بويىچە يازغان ئوبزورلار ئىدى، دەۋرگە ماسلىشىپ يازغان ئوبزورلار بۇ ›› دېسەم قاپىقى تۈرۈلۈپ :‹‹قاندا ق ئوبزور بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر سېتىلمايدىكەن›› دەپ يېقىن كەلگىلى ئۇنىمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر كىتاب سودىگىرى بۇنى ئاڭلاپ مەن كۆرۈپ بقاي دېگەنتى بەرسەم بىر ئايدىن كېيىن تېلېفۇن  قىپتۇ مەن چىقىراي دەپ بولىدۇ دەپ توختاملىشىپ بېرىۋەتتىم ئەمما تورداۈ ئوبزور ئوقۇيدىغان يەنە كېلىپ مۇھاكىمە قىلىدىغانلار شۇنداق جىقكەن، بۇ تەھرىرلەر قايسى زاماندا ياشاۋاتىدىغاندۇ. بۇشۇ تورغىلىق بىر قەلەم تەۋرىتىپ باقسىڭىز بوپتىكەن. ئىجادىيەت تۇلپاراڭىز مەڭگۈ چاپچىپ تۇرغاي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  151
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 481
تۆھپە : 16
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 18:28:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت پولاتكا، مۇمكىن بولسا، مېنىمۇ شۇ كىشىگە بىر تونۇشتۇرۇپ قويغان بولسىڭىزكەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  371
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 183
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 18:56:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئەلىجان مۇئەللىم !
كونا مۇنبەردىكى يازمىلىرىڭىزنى بۇ يەرگە توپلاپ بەك ياخشى قىپسىز ، بىر باشتىن يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ چىقتىم . بەزى ئوبزورلىرىڭىزنى پايدىلىنىش مەقسىدىدە ، شۇ چاغدىلا پىرىنتىرلاپ چىقىرۋالغان ئىكەنمەن . تېنىڭىزگە سالامەتلىك ، ئىجادىي قەدەملىرىڭىزگە تېخىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن !  ھارماڭ !!![

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش