o.kawul يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 08:43
«دوكىلاتقا خەنزۇ، موڭغۇل، قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر مىللە ...
شاڭخەيدە ئۆگېنىشكە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياش يازغۇچىلىرىغا:
ئوسمان قاۋۇل ئەپەندىم، تەنقىدىڭىزنى قوبۇل قىلاي دەيمە-نۇ، ئەمما ئېچىمدە بىر نەرسە مىنى سۆزلەشكە زورلاپ تۇرىدۇ. توغرا دەپسىز، ئەسلى ماگىسترئاسپرانتى ئىدىم، سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىز چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي دوكتۇرلۇق ئىمتىھان نەتىجەممۇ ئىلان قىلىندى. شۇڭا «دوكتۇرانت» دېگەن ناممۇ ئانچە كىنايىلىك ئاڭلانمىدى. سىز شاڭخەيدە، ھە قاچان تورغا دائىم چىقىپ تۇرالمىغان بولغاچقا بەزى ئىشلاردىن خەۋەرسىز قالغان بولىشىڭىز مۆمكىن. بۇ تېما بىرىنچى قېتىم تورغا يوللانغادا دەل «ئۇيغۇر» دېگەن ئاتالغۇنى ئارتۇق ئىشلەتكىنىم ئۈچۈن، بۇ يېغىننىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئۇستازلارنى كۆپرەك تىلغا ئىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئۆچۈرۈلگەن ئىدى.
«ئىككىنچى قېتىم يوللىماسمەن» دېگەن ئويدا ئىدىم. ئەيبۇ ئەپەندىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ھۆرمەت قىلىپ، تىلىم كۆيۈپ تۇرسىمۇ بۇ خەۋەرنى بەردىم. بۇ تېما ھەققىدە نورغۇن رەسىملەر بار ئىدى. نورغۇن گەپلەر بارئىدى. بۇنداق يېغىننى ئۆتكۈزۈشنىڭ بەسى مۈشكۈل ئىكەنلىكىنىڭ ئۇستاز ئازات سۇلتان، ئەيبۇ ياقۇپ ۋە مەكتىۋىمىزدىكى ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، ئىقبال تۇرسۇن، مامبەت تۇردى قاتارلىق ئەزىزلەرنىڭ قانچىلىك جاپا تارتىۋاتقانلىغىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن بىر كۈن يېغىندا ناھايتى قىينىلىپ ئولتۇردۇم. ئاخىرىدا يەنىلا يېغىننىڭ ئىچىلغىنىدىن سۆيۈندۈم. ئىچىمدە خىلى ئازاپلىنىپ چىققان بولساممۇ، تەلىيىمىگە يېغىن بەك ياخشى ئېچىلدى.
يېغىنغا جوڭ شەن مۇئەللىم رىياسەتچىلىك قىلىدى، دوڭلىبۇ، ت بايىن باتى قاتارلىق ئەربابلار پىكىربايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئازات سۇلتان ئەپەندى ئۇيغۇر رومانىچىلىغىنىڭ ئېستىقبالى ھەققىدە سۆزلەپ، قوش تىللىق يازغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ يىتىشپ چىقىشىنى تەكىتلىدى. ئارقىدىنلا باشقا ھەربىر رەھبەر قوش تىل مۇۋاپىقيەتلىرىنى تەكىتلەۋاتقاندا مىنىڭ كۆز ئالدىمدا موشۇ يېغىننىڭ چوڭ ئىلان تاختىسى بىلەن ئۈستىدىكى لوزىنكا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرستېتىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ يغىن مەيدانىغا كەلگۈچى بولغان يول بويىدىكى تاختىلارغا يېزىلغان يېزىقلار كىملەرنىدۇر مەسخىرە قىلىپ تۇرىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. ماھىيەتتە سىز دەۋاتقان «مىللى تىروتورىيەلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىنى»، دۆلەتنىڭ قوش تىل ھەققىدىكى ئەمىر-مەرۇپلىرىنى مەن ئەمەس مەلۇم بىرەيلەن قەستەن كۆزگە ئىلمايۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇڭا ئۇ رەسىملەرنى يوللىمىدىم. ھەمدە قەلبىمدە قارلىق تۇتۇپ ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنى ئەڭ كەينىگە ئىلىپ دوستلارنى خۇرسەن قىلاي دېدىم. كەچۈرۈڭ!... بەلكى مەسىلە بىز ئاسپىرانت، دوكتۇرانىتلاردىمۇ ئەمەستۇ!...
-ئابدۇمىجىتتىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-5 17:10