يايسىمان توپنىڭ سىرى
قاسىم سىدىق
بۆگۆن بازارغا كىرىپ پېقىرىغۇچ ئىلىپ چىقىپ،ئىككى دانە پېقىرىغۇچنىڭ بىرىنى بىر تاياقنىڭ ئۇچىغا ۋە يەنە بىرىنى مەلۆم ئارىلىق قالدۇرۇپ يەنە بىر ئۇچىغا ئورۇنلاشتۇردۇم.ياغاچنىڭ پېقىرىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان ئۇچىدىن تۇتۇپ ئۇزەممۇ پېقىراپ ياغاچنى ئايلاندۇرىۋىدىم،ياغاچ ئۇچىدىكى پېقىرىغۇچ تېز،مەن تۇتۇپ تۇرغان تەرەپتىكى پېقىرىغۇچ ئاستا ئايلاندى.مانا مۇشۇنداق بىر ئاددى تەجىربە يايسىمان توپلارنىڭ سەۋەبىنى نەچچە ئەسىردىن بىرى خاتا چۈشۈنۆپ كىلىۋاتقانلىغىمىزنى،بۇنداق توپلارغا بېرنوللى قانۇنىنىڭ خاتا تەدبىقلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىغىنى ،مىنىڭ"
ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش" ماۋزۇلۇق يازمامدا ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسلارنىڭ توغرىلىغىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
قايىل بولمىغانلار،كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۆزلىرى سىناپ باقسا بولىدۇ.
يايسىمان توپ يۇقۇرقىدەك ئىلگىرلەش جەريانىدا قولدا تۇتۇپ ئايلاندۇرۇلىۋاتقان تەرەپكە ئېغىپ ياي ياسايدۇ.ھازىرغىچە بۇنداق توپلارغا بېرنوللى قانۇنى خاتا تەدبىقلىنىپ،قول تەرەپتىكى شامال تېزلىكى يۇقۇرى،بىسىم تۆۋەن دەپ چۈشەندۆرۆلۈپ كەلگەن.بۇ پۈتۈنلەي خاتا ھالدا برنوللى قانۇنىنىڭ تەتۆر تەدبىقلىنشىدىن ئىبارەت.بىز ئىككى پېقىرىغۇچنىڭ ئارىلىغىنى توپنىڭ دىيامىتىرى دەپ پەرەز قىلساق بولىدۇ.توپنىڭ قول تەرەپتىكى يۆزىنىڭ سىزىقلىق تېزلىكى قارشى تەرىپىدىن ئاستا بولغاچقا،ئۇ تەرەپتىكى پىقىرىغۇچقا تەسىر قىلىدىغان شامالنىڭ تېزلىكىمۇ ئاستا بولغان ۋە شۇ تەرەپتىكى پېقىرىغۇچ ئاستا پېقىرىغان. ئەمدى يايسىمان توپنىڭ يۇقۇرقىچە چۈشەندۆرۆشى بىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كىلاسسىك چۈشەندۆرۆش ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن قارمۇ-قارشىلىقنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۆپ قايسىنىڭ توغرا،قايسىنىڭ خاتالىغىنى مۇھاكىمە قىلىپ بېقىڭلار:
ئوتتۇرىدىكى چەمبەر سائەت سىتىرىلكىسى بويىچە ئايلىنىپ -يەنى ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپ بولغان ئوڭ تەرەپكە ئېغىپ ياي ياساپ ئىلگىرلەۋاتقان توپ.ئىككى تەرىپىدىكى ئىككى ئاق ئەگرى سىزىق توپنىڭ ئىككى يېنىدىن سىيپاپ ئۆتۆۋاتقان ھاۋا ئېقىمى.رەسىم ئەنئەنىۋى چۈشەندۆرۆش بولۇپ،توپنىڭ سول تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى ئاستا بىسىمى چوڭ،ئوڭ تەرەپتىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى چوڭ،بىسىمى كىچىك.سول تەرەپىتىكى ھاۋا بىسىمى چوڭ بولغاچ توپنى سول تەرەپكە ئاغدۇرۇرۇرۇپ،يايسىمان ئىلگىرلەشكە مەجبۇر قىلغان دەپ چۈشەندۆرۆلگەن.بۇ چۈشەندۆرۆش پۈتۈنلەي پاكىتنىڭ تەتۆرى بولۇپ،ئەمەليەتتە ھاۋانىڭ تېزلىكى ئوڭدا ئاستا بىسىمى چوڭ،ھاۋا تېزلىكى سولدا تېز،بىسىمى كىچىك.بېرنوللى قانۇنى بويىچە بۇ توپ ئەسلى ئوڭغا ئەمەس،سولغا ئېغىپ ياي ياساپ ئىلگىرلىشى كىرەك.دىمەك، بۇنداق يايسىمان توپلارنىڭ دىنامىكىلىق سەۋەبى ئەسلا بىرنوللى قانۇنى ئەمەس.ئەمەليەتتە بۇنداق توپلارغا ھاۋا بىسىمى قارشىلىق قىلىدۇ.
بۇ يەردە مەن موھىم بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىپ قوياي:يۇقۇردىكى رەسىمدە قولنى مەركەز قىلىپ بىللە ئايلانغان ئىككى پېقىرىغۇچنىڭ يېرىم ياكى چارەك ئايلانغاندىكى مۇساپىسىدىن ئىككى ئۆلچەملىك بىر ياي كېلىپ چىقىدۇ.بۇنداق يايلارنى ئىككى ئۆلچەملىك چەمبەرنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك بىر كىسىكى دەپ قارىساق بولىدۇ.بۇ كىسىكنىڭ قول تەرەپتىكى-يەنى ئايلىنىش مەركىزى تەرەپتىكى چىگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇغى ھامان قارشى تەرەپتىكى چىگرىسىنىڭ ئۇزۇنلىغىدىن قىسقا بولىدۇ.مەن ئىككى پىقىرىغۇچنىڭ ئارىسىنى توپنىڭ دىئامىتىرى دەپ پەرەز قىلىشنى ئەسكەرىتكەن ئىدىم.دىمەك قول تەرەپتىكى توپنىڭ سىزىقلىق ئىلگىرلەش تېزلىكى ھامان قارشى تەرەپنىڭكىدىن ئاستا بولىدۇ.مەركەزداش چەمبەرلەرنىڭ ئىچىدىكى چەمبەرلەرنىڭ ئايلانمىسىنىڭ سىرتىدىكىلىرىدىن ھامان ھامان قىسقا بولىدىغانلىغى بەكمۇ ئەقەللى گىئومىتىرىيىلىك ساۋات ئىدى.ھازىرغىچە بىز يايسىمان توپلارنى چۈشەندۆرگەندە دەل مۇشۇ ئەقەللى ساۋاتنى ئۇنتۇپ قالدۇق.ئەمدى ئايان بولدىكى،بۇنداق توپلارنىڭ بېرنوللى قانۇنى بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەن.ئۇلار پەقەت 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ مەھسۇلى ئىكەن!
بۇ خىل تولىمۇ ئاددى بولغان تەجىربىنىڭ ئەھمىيىتى مىنىڭچە كىچىك ئەمەس.ئۇ بۇندىن كىيىن بىزنى نۇرغۇن بېھۇدە تەجىربىلەرنى ئىشلەپ،ئىسراپچىلىق قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوقلىغىدىن دىرەك بىرىدۇ.ھازىرقى زامان فىزىكىسدىكى ئالاقىدار خاتا قاراشلارنىڭ تۆزىتىلىشى ئەلۋەتتە تېخىمۇ كاتتا ئىش.كىچىك بالىلار ئوينايدىغان ئەشۇ پېقىرىغۇچنىڭ ھەتتا ھاكىممۆتلەقلىق لىباسىنى كەيگەن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنىمۇ مۆشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۆپ قويۇشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز!.تەبىئەت قانۇنلىرى مانا مۇشۇنداق ساددا ۋە ئۆز سۆزلۈك.بىز بۇنداق پېقىرىغۇچلارنىڭ-ئويۇنچۇق نۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان فىزىكىسىغا يەنە نىمىلەرنى دەپ بېرىدىغانلىغىنى ھازىر تولۇق پەرەزمۇ قىلىپ بولالمايمىز.ھازىرئاڭلاۋاتقىنىمىز پەقەت بۇ پېقىرىغۇچ ۋە نۇرلارنىڭ "يايسىمان توپلارنىڭ بېرنوللى قانۇنى بىلەن ئالاقىسى يوق! تارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس!"دىگەن ھايقىرىشلىرىدىن ئىبارەت!
ئېخ، مىنىڭ سۆيۆملۆك پېقىرغۇچلۇرۇم!
2015.4.29
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-30 10:27