كۆرۈش: 462|ئىنكاس: 13

قاسىم سىدىق: يايسىمان توپنىڭ سىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يايسىمان توپنىڭ سىرى

قاسىم سىدىق

بۆگۆن بازارغا كىرىپ پېقىرىغۇچ ئىلىپ چىقىپ،ئىككى دانە پېقىرىغۇچنىڭ بىرىنى بىر تاياقنىڭ ئۇچىغا ۋە  يەنە بىرىنى مەلۆم ئارىلىق قالدۇرۇپ يەنە بىر ئۇچىغا ئورۇنلاشتۇردۇم.ياغاچنىڭ پېقىرىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان ئۇچىدىن تۇتۇپ ئۇزەممۇ پېقىراپ ياغاچنى ئايلاندۇرىۋىدىم،ياغاچ ئۇچىدىكى پېقىرىغۇچ تېز،مەن تۇتۇپ تۇرغان تەرەپتىكى پېقىرىغۇچ ئاستا ئايلاندى.مانا مۇشۇنداق بىر ئاددى تەجىربە يايسىمان توپلارنىڭ سەۋەبىنى نەچچە ئەسىردىن بىرى خاتا چۈشۈنۆپ كىلىۋاتقانلىغىمىزنى،بۇنداق توپلارغا بېرنوللى قانۇنىنىڭ خاتا تەدبىقلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىغىنى ،مىنىڭ"ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش" ماۋزۇلۇق يازمامدا ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسلارنىڭ توغرىلىغىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
قايىل بولمىغانلار،كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۆزلىرى سىناپ باقسا بولىدۇ.

                                                

يايسىمان توپ يۇقۇرقىدەك  ئىلگىرلەش جەريانىدا قولدا تۇتۇپ ئايلاندۇرۇلىۋاتقان تەرەپكە ئېغىپ ياي ياسايدۇ.ھازىرغىچە بۇنداق توپلارغا بېرنوللى قانۇنى خاتا تەدبىقلىنىپ،قول تەرەپتىكى شامال تېزلىكى يۇقۇرى،بىسىم تۆۋەن دەپ چۈشەندۆرۆلۈپ كەلگەن.بۇ پۈتۈنلەي خاتا ھالدا برنوللى قانۇنىنىڭ تەتۆر تەدبىقلىنشىدىن ئىبارەت.بىز ئىككى پېقىرىغۇچنىڭ ئارىلىغىنى توپنىڭ دىيامىتىرى دەپ پەرەز قىلساق بولىدۇ.توپنىڭ قول تەرەپتىكى يۆزىنىڭ سىزىقلىق تېزلىكى قارشى تەرىپىدىن ئاستا بولغاچقا،ئۇ تەرەپتىكى پىقىرىغۇچقا تەسىر قىلىدىغان شامالنىڭ تېزلىكىمۇ ئاستا بولغان ۋە شۇ تەرەپتىكى پېقىرىغۇچ ئاستا پېقىرىغان. ئەمدى يايسىمان توپنىڭ  يۇقۇرقىچە چۈشەندۆرۆشى بىلەن  تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كىلاسسىك چۈشەندۆرۆش ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن قارمۇ-قارشىلىقنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۆپ قايسىنىڭ توغرا،قايسىنىڭ خاتالىغىنى مۇھاكىمە قىلىپ بېقىڭلار:



ئوتتۇرىدىكى چەمبەر سائەت سىتىرىلكىسى بويىچە ئايلىنىپ  -يەنى ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپ بولغان ئوڭ تەرەپكە ئېغىپ ياي ياساپ ئىلگىرلەۋاتقان توپ.ئىككى تەرىپىدىكى ئىككى ئاق ئەگرى سىزىق توپنىڭ ئىككى يېنىدىن سىيپاپ ئۆتۆۋاتقان ھاۋا ئېقىمى.رەسىم ئەنئەنىۋى چۈشەندۆرۆش بولۇپ،توپنىڭ سول تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى ئاستا بىسىمى چوڭ،ئوڭ تەرەپتىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى چوڭ،بىسىمى كىچىك.سول تەرەپىتىكى ھاۋا بىسىمى چوڭ بولغاچ توپنى سول تەرەپكە ئاغدۇرۇرۇرۇپ،يايسىمان ئىلگىرلەشكە مەجبۇر قىلغان دەپ چۈشەندۆرۆلگەن.بۇ چۈشەندۆرۆش پۈتۈنلەي پاكىتنىڭ تەتۆرى بولۇپ،ئەمەليەتتە ھاۋانىڭ تېزلىكى ئوڭدا ئاستا بىسىمى چوڭ،ھاۋا تېزلىكى سولدا تېز،بىسىمى كىچىك.بېرنوللى قانۇنى بويىچە بۇ توپ ئەسلى ئوڭغا ئەمەس،سولغا ئېغىپ ياي ياساپ ئىلگىرلىشى كىرەك.دىمەك، بۇنداق يايسىمان توپلارنىڭ دىنامىكىلىق سەۋەبى ئەسلا بىرنوللى قانۇنى ئەمەس.ئەمەليەتتە بۇنداق توپلارغا ھاۋا بىسىمى قارشىلىق قىلىدۇ.

بۇ يەردە مەن موھىم بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىپ قوياي:يۇقۇردىكى رەسىمدە قولنى مەركەز قىلىپ بىللە ئايلانغان ئىككى پېقىرىغۇچنىڭ يېرىم ياكى چارەك ئايلانغاندىكى مۇساپىسىدىن ئىككى ئۆلچەملىك بىر ياي كېلىپ چىقىدۇ.بۇنداق يايلارنى ئىككى ئۆلچەملىك چەمبەرنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك بىر كىسىكى دەپ قارىساق بولىدۇ.بۇ كىسىكنىڭ قول تەرەپتىكى-يەنى ئايلىنىش مەركىزى تەرەپتىكى چىگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇغى ھامان قارشى تەرەپتىكى چىگرىسىنىڭ ئۇزۇنلىغىدىن قىسقا بولىدۇ.مەن ئىككى پىقىرىغۇچنىڭ ئارىسىنى توپنىڭ دىئامىتىرى دەپ پەرەز قىلىشنى ئەسكەرىتكەن ئىدىم.دىمەك قول تەرەپتىكى توپنىڭ سىزىقلىق ئىلگىرلەش تېزلىكى ھامان قارشى تەرەپنىڭكىدىن ئاستا بولىدۇ.مەركەزداش چەمبەرلەرنىڭ ئىچىدىكى چەمبەرلەرنىڭ ئايلانمىسىنىڭ سىرتىدىكىلىرىدىن ھامان ھامان قىسقا بولىدىغانلىغى بەكمۇ ئەقەللى گىئومىتىرىيىلىك ساۋات ئىدى.ھازىرغىچە بىز يايسىمان توپلارنى چۈشەندۆرگەندە دەل مۇشۇ ئەقەللى ساۋاتنى ئۇنتۇپ قالدۇق.ئەمدى ئايان بولدىكى،بۇنداق توپلارنىڭ بېرنوللى قانۇنى بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەن.ئۇلار پەقەت 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ مەھسۇلى ئىكەن!

بۇ خىل تولىمۇ ئاددى بولغان تەجىربىنىڭ ئەھمىيىتى مىنىڭچە كىچىك ئەمەس.ئۇ بۇندىن كىيىن بىزنى نۇرغۇن بېھۇدە تەجىربىلەرنى ئىشلەپ،ئىسراپچىلىق قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوقلىغىدىن دىرەك بىرىدۇ.ھازىرقى زامان فىزىكىسدىكى ئالاقىدار خاتا قاراشلارنىڭ تۆزىتىلىشى ئەلۋەتتە تېخىمۇ كاتتا ئىش.كىچىك بالىلار ئوينايدىغان ئەشۇ پېقىرىغۇچنىڭ ھەتتا ھاكىممۆتلەقلىق لىباسىنى كەيگەن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنىمۇ مۆشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۆپ قويۇشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز!.تەبىئەت قانۇنلىرى مانا مۇشۇنداق ساددا ۋە ئۆز سۆزلۈك.بىز بۇنداق پېقىرىغۇچلارنىڭ-ئويۇنچۇق نۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان فىزىكىسىغا يەنە نىمىلەرنى دەپ بېرىدىغانلىغىنى ھازىر تولۇق پەرەزمۇ قىلىپ بولالمايمىز.ھازىرئاڭلاۋاتقىنىمىز  پەقەت بۇ پېقىرىغۇچ ۋە نۇرلارنىڭ "يايسىمان توپلارنىڭ بېرنوللى قانۇنى بىلەن ئالاقىسى يوق! تارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس!"دىگەن ھايقىرىشلىرىدىن ئىبارەت!

ئېخ، مىنىڭ سۆيۆملۆك پېقىرغۇچلۇرۇم!

2015.4.29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-30 10:27  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-30 10:31:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قولغا يېقىن تەرەپتىكى پېقىرىغۇچنىڭ ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئاستا بولىدىغانلىغىنى بېۋاستە كۆز بىلەن كۈزەتكىلى بولىدىكەن.ھازىرچە شۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك.ئەگەر شامال تېزلىكىنى ئۆلچەش ئەسۋابى بولسا ئىككى تەرەپتىكى پېقىرىغۇچقا تەسىر قىلىۋاتقان  شامالنىڭ تېزلىكلىرىنىڭ سانلىق قىممەتلىرىگىمۇ ئىرىشكىنى بولاتتى.بۇنداق ئەسۋاپ توردا سېتىلىدىكەن.پۇل تاپقان كۈننىڭ ئەتىسى بۇنداق ئەسۋاپتىن ئىككىنى ئېلىپ،پېقىرىغۇچلارنىڭ ئورنىغا قويساممۇ بولغىدەك.

شامال تېزلىكىنى ئۆلچەش ئەسۋابى

بۇنداق ئەسۋاپ ئارقىلىق ئىرىشكەن سانلىق قىممەتلەر بىزنى يايسىمان توپنىڭ يېڭىچە چۈشەندۆرۆلىشى ئۈچۈن فىزىماتلىق ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.




ۋاقتى: 2015-4-30 14:10:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام باشقۇرغۇچىلار ، يوللىغان تېمىللىرىم تەستىقلانمايۋاتىدۇ، بىر قاراپ باقساڭلار ياكى چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار بوپتىكەن رەھمەت

ۋاقتى: 2015-4-30 15:02:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ ئىزدىنشىگە مەدەت ۋە ئېلھاملار يار بولسۇن

ۋاقتى: 2015-5-2 01:58:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-2 10:00:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاشتاش يوللىغان ۋاقتى  2015-5-2 01:58
بۇ ئادەم مۇشۇنداق ئاخىرى چىقماس تەتقىقاتلار بىلەن ئاۋ ...

ئاخىرى چىقمايدىغىنىغا،چىقمايۋاتقىنىغا نىمىگە ئاساسەن جەزىم قىلىدىڭىز؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-2 23:13:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىزىكا ئالىملىرى كىۋانىت يەككە ماگىنىت قۇتۇبىنى بايقىدى
物理学家发现量子力学的磁单极子

مەنبەدە فىلىم بار:
http://phys.org/news/2015-04-phy ... ical-monopoles.html
_____________________

بۇ بايقاش شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئېن ئىدىيىسىگە نىسبەتەن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بايقاش ئىكەن.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-2 23:51:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2015-5-2 23:13
فىزىكا ئالىملىرى كىۋانىت يەككە ماگىنىت قۇتۇبىنى بايقى ...

ماگىنىت يەككە قۇتوبى
单极子 - 维基百科,自由的百科全书



磁荷_百度百科  

___________

شەكىل نەزەريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان ھەققى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە "ئېن"نىڭ ئۈچ تۈرى بار.ئۇلار:مەنپى زەرەتلىك،مۇسبەت زەرەتلىك ۋە زەرەتسىز نىترال ئېندىن ئىبارەت.
يەككە ماگىنىت قۇتوبىنىڭ بايقىلىشى يەنە شەكىل نەزەريىسىنىڭ "ماددا چەكسىز پارچىلانمايدۇ" دەيدىغان مەۋقەسىگە پايدىلىق ئۇچۇر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-3 00:14  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-4 19:24:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماگىنىت ئارقىلىق ئايلىنىۋاتقان نۇرنى تارتىپ تالاي قېتىم سىناش نەتىجىسىدە،مەن نىيوتۇنچە تارتىش كۈچىنى دەلىللەيدىغان بىرەر مىسالنى تاپالمىدىم.تارتىش كۈچى ئۇقۇمىدىكى «تارتىش- تارتىشىش»لارنىڭ بىز ھازىرغىچە بېۋاستە تەجىربىدىن ئۆتكۆزگەن شەكىللىرىدىن باشقا، بىز بىلمەيدىغان،يالغۇز نىيوتۇنغىلا ئايان بولغان بىرەر شەكلى بارمىدۇ-يا؟.....،

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-4 20:33:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر شارى ئېكىۋاتورىنىڭ دىئامىتىرى 12000كىلومىتىردىن ئۇزۇنراق.يەر شارىنىڭ كۆنگەي يۆزىنىڭ ئوربىتىدىكى مۇساپىسى ئاز بولغاندىمۇ  تەسكەي تەرىپىنىڭ ئوربىتىدىكى مۇساپىسىدىن 12000كىلومىتىر قىسقا.مانا بۇ ئىكىۋاتۇرنىڭ كۈنگەي ۋە تەسكەي تەرەپلىرىدىكى سىزىقلىق تېزلىك(ئوربىتا تېزلىكى)نىڭ پەرقىدىن ئىبارەت.مانا مۇشۇ پەرىق يەر شارىنى سىزىقلىق تېزلىك ئاستا بولغان كۈنگەي تەرەپكە ئاغقان ھالدا ياي ياساپ ئىلگىرلىتىۋاتقان سەۋەپ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-4 20:57:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2015-5-4 20:33
يەر شارى ئېكىۋاتورىنىڭ دىئامىتىرى 12000كىلومىتىردىن ئۇز ...


ئوقىدا ئايلىنىپ يايسىمان تىرايىكتورىيىدە ئىلگىرلەۋاتقان ھەرقانداق زەررىچە ۋە جىسىمغا يۇقۇرقى مىتوتنى تەدبىقلىغىلى بولىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-5 09:14:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2015-5-4 20:33
يەر شارى ئېكىۋاتورىنىڭ دىئامىتىرى 12000كىلومىتىردىن ئۇز ...


ئېكىۋاتۇر دىئامىتىرى 12756 كىلومىتىر.
دىمەك،يەر شارىنىڭ كۈنگەي تەرىپى تەسكەي تەرىپىگە قارىغاندا ھەريىلى 12756 كىلومىتىر مۇساپىنى كەم باسىدۇ.بۇ ساننى 365كۈن، سائەت،مىنوت،سىكونىتلارغا بۆلۈپ بەرسەك كۈنگەي ۋە تەسكەي تەرەپلەرنىڭ كونكىرىت سىزىقلىق تېزلىك پەرىقلىرىگە ئىرىشىمىز.
جىسىملارنىڭ سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا سىزىقلىق تېزلىك ئاستا تەرەپكە ئاغىدىغانلىغىنىڭ مىساللىرى ئاز ئەمەس.بىز ئۆزىمىز بىر تەرەپكە ئايلانماقچى ياكى ئاپتۇمۇبىل،قاتناش قوراللىرىنى ئايلاندۇرۇرماقچى بولساقمۇ ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپتىكى سىزىقلىق تېزلىكنى ئاستىلىتىش بەدىلىگە بۇ جەرياننى ئىشقا ئاشۇرۇمىز.باراۋەر سىزىقلىق تېزلىكتە ئايلىنىش مۆمكىن ئەمەس.

地球半径
- 维基百科,自由的百科全书



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-6 13:38:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2015-5-5 09:14
ئېكىۋاتۇر دىئامىتىرى 12756 كىلومىتىر.
دىمەك،يەر شارىنى ...

بىرسىنىڭ ھېساپلىشىچە،يەر شارىنىڭ تەسكەي تەرىپى كۆنگەي تەرىپىگە قارىغاندا ھەر سىكونىتتا ئوربىتىدا 2.062مىتىر،يەنى ئىككى مىتىر 62سانىتىمىتىرئارتۇق يول باسىدىكەن.دىمەك، كۆنگەي تەرەپنىڭ سىزىقلىق تېزلىكى ھەرسىكونىتتا تەسكەي تەرەپتىن ئىككى مىتىر 62سانىتىمىتىر ئاستا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-29 22:00:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


شەكىل نەزەرىيەسى 29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىلدى
http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=7511



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش