تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1405 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 38|ئىنكاس: 1

سەھرا كۈيى (ئەقىدە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1077
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 76
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھرا كۈيى (ئەقىدە)


بۈگۈن كەلدىم سەھرادىكى ئۆيۇمگە،
ئانام بىلەن «گوڭۇر -مۇڭۇر» بولغىلى .
بەختىمىزگە كۆز تەگمىسۇن دەپ تىلەپ ،
تەمەچ تىرىپ كەچتە «ئىسرىق» سالغىلى .

شۇنچە گۈزەل سەھرادىكى مەنزىرە ،
خۇش ھاۋالىق ياپ-يېشىللىق باغلىرى .
«دېهقان ظاتام » پەرۋىش قىلىپ كۆكەرتكەن،
ظةتة-ظاخشام ۋة دةم ظالغان چاغلىرى.


چاث - توزان ؤة ئىس-تۈتەكتىن مۇستەسنا،
جانغا ھوزۇر بېغىشلايدۇ ساپ ھاۋا .
ظذنتذلدذرار قةلبىمدىكى ھەسرەتنى ،
باغدا قۇشلار تذشمذ-تۇشتىن قىپ ناۋا .

ئۆينىڭ  ئالدى چوڭ ئۆستەڭدەئېقىن سۇ ،
ئەتراپتا بار شۇنچە گۈزەل چىمەنزار.
نېمە ئۆتەر بۇ گۈزەللىك ئالدىغا ،
هاجةت ظةمةس ئىزدەش باشقا سەيلىزار.
.

قوي كالىلار ئېتىزلىقتا ئوتلىسا،
توخذ كةپتةر هةر تةرةپتة دانلىشىپ .
سۈت-تۇخۇم ۋە قېتىق -قايماق ئۈزۈلمەس،
داستىخانمۇ شۇنىڭ بىرلە موللىشىپ.

شۇنچە گۈزەل سەھرادىكى بۇ تۇرمۇش،
مةپتذن قىلار شۇڭا مېنى ئۆزىگە .
مەدھىيلەيمەن سەھرايىمنى بىر ئۆمۈر ،
مېھمان قىلىپ بۇ قەلبىمنىڭ تۆرىگە.

مەنبە : ئۆز قەلىمىم
2012-يىلى 17-ماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەقىدە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-26 12:42  


EARXH%L@NMG6Q@Y4MSIY(YJ.png
u=3027412011,3325325116&fm=52&gp=0[1].jpg
ئەزەلدىن نىسىپ بولمىغان بەخىتنى قوغلىشىشمۇ بىر بەخىتسىزلىك

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 89
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 9 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەقىدە. گۈزەل سەھرانى ساددا ۋە سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن كۈيلىگەن قەلىمىڭىزگە ئاپىرىن.
ئۆز قەلبىگە سادىق بولۇش، قەلب تىۋىشلىرىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىش... مېھىرلىك كىشىلەرگە خاس خۇسۇسىيەت دەپ ئويلايمەن.
تېخىمۇ ئېسىل شېئىرلارنى يېزىش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزلىنىڭ. ئاللاھ سىزگە يار بولسۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش