تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1405 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 83|ئىنكاس: 2

ھەلىمە خۇدايبەردېيىېۋا شېئرلىرىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  365
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 201
تۆھپە : 2
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەلىمە خۇدايبەردېيىېۋا شېئرلىرىدىن

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ئابلىكىم مۇھەممەت   



      ھەلىمە خۇدايبەردىيېۋا 1947-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى سىردەريا ۋىلايىتىنىڭ باياۋۇت ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى ئۇممەتقۇل خۇدابەردى ئوغلى باغۋەن ئىدى. ئانىسى شاراپەت خاننەزەر قىزى بولغۇسى شائىرە ئىككى ياش ۋاقتىدا ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن كىچىك ئانىسى قارشىگۈل خاننەزەر قىزى ئانىلىق قىلىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،  1968-1977-يىللىرى موسكۋا گوركىي نامىدىكى جاھان ئەدەبىياتى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي كۇرسىدا ئوقۇغان. 1985- يىلدىن  باشلاپ ئۇدا ئون يىل مابەينىدە «سائادەت» (Saodat) ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋەزىپىسىدە خىزمەت قىلدى. 1990-يىلى «مۇقەددەس ئايال» (Muqaddas ayol) توپلىمى ئۈچۈن «ھەمزە» نامىدىكى دۆلەت مۇكاپاتى، 1991-يىلى «ئۆزبىكىستان خەلق شائىرەسى» ئۇنۋانى بېرىلدى.

     شائىرەنىڭ «ئىپتىخار» (Gordost 1976  - رۇسچە توپلام)، «ئاق ئالما» (Beloye yabloko 1979  - رۇسچە توپلام)، «يەكۈن» (Reshimost 1985  - رۇسچە توپلام) ناملىق توپلاملىرى موسكۋا، تاشكەنتلەردە بېسىلغان. شائىرەنىڭ يەنە «تۈنجى مۇھەببەت» ناملىق تۈنجى توپلىمى (1969)، «ئاق ئالمىلار»، «چىمەن»، «سۆيۈنۈش تاغلىرىم» (1991)، «بۇ كۈنلەرگە يەتكەنلەر بار» (1993) قاتارلىق بىرقانچە شىئېرلار توپلاملىرى بار.



يۈرەك يانار



يۈرەك يانار، تۇيغۇلىرىم مەستانە دەيدۇ،
تاش ئەيتۇر،ئاھ،بۇ قەلەم ھېچبىر يازمايدۇ.

دەخلى قىلماڭ،سۇندۇرارمەن ئىككى پۈكۈپ راسىت،
يۈرىكىمدىن قوشاق بولۇپ ئۇچار سۆيگۈ-دەرىد.

شاتلىقىمنى ئېتىكىدىن قالالماي تۇتۇپ،
ئويلىرىمنىڭ قۇيۇنىنى شىئېرغا تۆكۈپ.

قولۇمدىكى قورالىمدىن كۆرمىسەڭ قەدىر،
يېزىلماستىن چىرىپ كەتسۇن كۆڭلۈمدىن سەتىر.

ئىشەنىچ بىلەن قەددىمنى تىك كۆتەرگەن چاغدا،
شۇ قەلەمدەك دوسىت ھەم مېنى قالدۇرسا داغدا.

شۇ پۇرسەتتىن مەن دىگەيمەن ئۇڭا خەير-خوش،
ئەمدى ئارىلىق ئارقانىنى قويۇپ بولماس بوش.

دەردىڭ تارىتقۇم،ھەم كۆتۈرۈپ تۇرغاي مېنى تەن،
يا تۈگۈشۈپ يىقىلغايمىز قارىشىپلا ھەم.

كىمگە بەرسەم بەردىم دىلنىڭ بارچە ئوتىنى،
ھەركىشىنىڭ بېشىغا ھەم كىلەر بۇ تۈنى.


ئىستىمەيمەن،رىزقىم مېنىڭ بولمىسۇن يارىم،
پارلاپ يانغان نىگاھىدا ئۆچسۇن دىدارىم.

ياشاي بىلمەي شاتلىنىشنى يا غەم چېكىپ كەم،
ھاياتىم يا جەننەت بولۇر،يا دۇد-جەھەننەم.





قىزلار بىلەن سۆھبەت




ئېيتىڭ قىزلار،ئېچىلىسىز گۈل بولۇپ قاچان   
نىمە سىزنى تەلپۈندىرەر ئەزەلدىن-ئەزەل؟                                    
خەق بىلمىسۇن ،بىلسەڭ، بىزدە قالمايدۇ ھۇش – جان،
يىگىتنىڭ شوخ كۆزلىرىدە ئوت يانغان مەھەل.

قاچان سېزىلمەس ھاياتنىڭ تارلىقى،كېمى؟
قولىڭىزدىن تۆلىنىدۇ ھەممىگە بەدەل.
نىمە بوپتۇ بۇ ئاۋارە دۇنيانىڭ غېمى،
يىگىتنىڭ شوخ كۆزلىرىدە ئوت يانغان مەھەل.

گۈلدەك تولۇپ ،ھۇسنىڭىزگە قوشۇلۇپ ھۆسىن،
شادلىقلاردىن تارتىلارسىز قايسى پەيىتتە سەل؟
مەيىنلىشىپ بىز  بىناگاھ ئاي بولارمىز ،ئاي
يىگىتنىڭ شوخ كۆزلىرىدىن ئوت يانغان مەھەل.

قاچان ئېقىپ ياشلىرىڭىز، قالىسىز تىنىپ،
قارا تۈندە يورۇقلۇققا  خىيالىڭىز دەل ؟
يىگىت شۇندا كۆرۈشۈشنى ئۇنتۇغان كۈنى-
يىگىتنىڭ شوخ كۆزلىرىدە ئوت يانغان مەھەل.


قاچان خازان باغلار ئارا قالارسىز كىرىپ،
كۆتىرەرسىز چەكسىز- چەكسىز قايغۇ تاشىنى؟
بىز يىگىتنى تاپالمىساق تۆت يان يۈگرۈپ،
بىز ياستۇقتا كۆرسەك ئۇنىڭ ئەزىز باشىنى.

قاچان قارا كىيىم كىيىپ ئولتۇرارسىز تاق؟
چىداپ بولماس  نالىلەردىن پۈتكەن پۇرسەتكە.
يىگىتنىڭ شوخ كۆزلىرىگە تولغاندا تۇپراق،
بىز يىگىتنى يوقاتقاندا ئەبەد-ئەبەدكە.





زەنجىربەنىد دىل




ئىشىنىڭ،كۆزۈمنى تا تۇپراق بېسىپ-
قالغانچە سىزنىڭكى بولمايمەن دىسەم.
ئەمما سىز ھېچ كىمگە بولمايسىز نېسىپ،
ھېچكىمگە بەرمەيمەن،ئىچكەنمەن قەسەم.

سىز مېنىڭ بېشىمدا بولمايسىز پاناھ،
مۇستەسنا بولمايسىز دىلىم ئوتىدىن.
باشقا ئايال دەپ ھەم چېكەلمەيسىز ئاھ؟
يولغا چۈشەلمەيسىز ئۆزگە قېتىدىن.

ئاياقلىرىڭىزدا زەنجىر بارلىغى-
بىر ماڭا ،بىر سىزگە ئايان ھەقىقەت.
مەن تۈندە كىمدۇر دەپ كۆيۈپ بارلىقىم-
تاڭدا ئۆزى كەلسە ئەتكىنمىدەك رەت.

خۇددى مەن دۇنيادا دائىم كىمدۇر كەم،
جۇدالق-ھىجراندىن يۈرسەم ھەي! بېزىپ.
كىمدۇر چاقىرغاندا باسالماي قەدەم،
زەنجىربەنىد ئىكەنىم قالغاندەك سېزىپ.



خاتىرەمنى ئۆچۈرۈپ




بىر مەكتۇپ ئوخشۇتۇپ خاتىرەمنى مەن،
ئۆچۈرۈپ-ئۆچۈرۈپ ياشاپ ئۆتىمەن.
دىلىمنى ئۆرتىگەن ئارمان،غەمنى مەن،
قەغەزگە كۆچۈرۈپ ياشاپ ئۆتىمەن.

سىرىمنى يوشۇرماي تۆكىمەن تۈنگە...
تۈن بويى يىغلاپلا ئۆتكۈزگەن پەيتىم.
كۈندۈزدە ئۇ ئاڭا ئىزلەپ كەلگەندە،
ۋاقتىدا ئايرىلدۇق،ياخشى؟دەپ ئېيىتتىم.

تۈن بويى كۆزۈمدىن ئاچچىق ياش سېزىپ،
ئارمانىم بابىدىن ئالغاندا دەرس،
تاڭدا ئۇ كەلگەندە«ئۇيقۇمنى بۇزۇپ... »
ئاچچىقلاپ يۈزىگە ئىشىك ياپتىم بەس!

بەرىبىر ئىشىكنى ئاچالماس بىراۋ،
كېلىمەن؟-جىمجىتلىق...يىللاركى مۈشكۈل.
ئەمدى ئۇ كەلگۈنچە چېچىمغا قىراۋ-
قار ياغار،ۋە ياكى ئۆلىمەن ئۇدۇل.

توسىغان سەۋەبلىك كۆزۈمنى نىقاپ،
مۇشۇدۇر سىرىم دەپ بېرىمەن جاۋاپ.



بۆگۈن ئۆزۈم زارمەن



ئېگىكلىك بېشىمنى كۆتۈرمەي تۇرۇپ،
ياشارسىز ئېگىلگەن باشلارنى سىيلاپ،
بۆگۈن سىزگە كەلدىم ئۆزۈم باش ئۇرۇپ،
بۈگۈن مەن تۇرىمەن مېھرىڭىز چىللاپ.

مىڭ دەرددىن بىرىنى سالسام خېتىمگە،
بىر شاددىن ئۆمرۈمگە تارتاتتى ئوزۇق.
بىر چاغلار ماڭا زار بولغان بەختكە
بۆگۈن مەن زاردۇرمەن قوللىرىم قۇرۇق.



مەن كېتىپ بارىمەن




مەن كېتىپ بارىمەن،قارامتۇل ساما،
قوغلىشىپ ئويۇنچى شاماللار بىلەن.
تەقدىرىم  ئارىلاش-مۇرەككەپ ئەمما،
بىرگىمۇ جاۋاپ يوق سوئاللار بىلەن.

مەن كېتىپ بارىمەن،يارىشىملىق كۆك
ناگاندا ئاۋازلار قىلىدۇ تەقدىم.
چاقىرماڭ،ئەتەمگە قايتالمايمەن،ياق،
چاقرىماڭ ،يوقتۇر ھەم قايىتقۇدەك  رەغدىم.

ئىزدىگەن پەيتىڭىز  ئاجىزمەن،ئېيىتتىم،
كىتەي ھەم قۇلۇقۇم،كۆزۈمنى تېڭىپ،
قايىتمىسام،يوللىرىم  بەرمەس ئىجازەت،
قايىتسام،كەلمەسمەن ھەرگىزمۇ يېنىپ.

سېغىنغان بولسىڭىز شاھمەن،قۇلدۇرمەن،
ئارا يول ئۈستىدە ئېزىپ قالىمەن.



   ئالداشنى كۆرمەيمەن راۋا



مەن سىزنى ئالداشنى كۆرمەيمەن راۋا،
چۈشىنىڭ ،شۇ ئۆزى مەن ئۈچۈن بەستۇر.
سېزىمەن،مەندىكى بۇ دەرد-بىداۋا،
ئىستىكىم بولسىمۇ ئىشىق سۆيمەستۇر.

مەن سىزنى ئالداشنى كۆرمەيمەن راۋا،
ئىھتىياج ئەمەسمەن ئارتۇق تىرەككە.
مەن ئۈچۈن قاچاندۇر كۈيلەنگەن ناۋا،
ئەمدىكى ناۋالار سىغماس يۈرەككە.

سىز سادىق دوستۇمنى ئالدىمايمەن،ياق،
ئىشىنىڭ،بۇ يوللار چۈشمەس بىر ئىزغا.
كۆكسۈمگە بىر چاغدا تەككەنىدى ئوق،
بارالماس يارىدار دىل يېنىڭىزغا.



شائىرەنىڭ «مۇھەببەت»، «چىمەن»ناملىق توپلاملىرىدىن تاللاپ ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sakarauli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-26 11:56  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 271
تۆھپە : 3
توردا: 192
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 15:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ دۆلىتىنى ئەسكەرتىپ قويساڭلار

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  365
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 201
تۆھپە : 2
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 22:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۆزبىكىستان خەلق شائىرەسى» ئۇنۋانى بېرىلدى دىگەن بايان بولغاچقا دۆلەت تەۋەلىكى شۇنىڭدىن چىقىپ قالار دەپتىمەن.

تۈنجى رەت ئۇچرىشىش ئايرىلىش ئۈچۈن،
ئاخىرقى ئايرىلىش كۈل بولۇش ئۈچۈن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش