1. گۈزەل ئوپال ،ئۇندىن زوق ئال .
كۆزلەپ مەھمۇد دىيارىنى ،
ئىزلەپ سىياق دىدارىنى .
زىيارەت قىپ مازارىنى ،
ئايلنىپ چوڭ بازارىنى .
گۈزەل ئوپال ،ئۇندىن زوق ئال .
ئالىم ماڭغان يوللار بىلەن ،
پىچىرلاشقان گۈللەر بىلەن.
مارجان بۇلاق سۇلار بىلەن ،
سۆھبەت قۇرۇپ ئەجدەر بىلەن ،
گۈزەل ئوپال ،ئۇندىن زوق ئال .
يىلتىز تارىتقان ئېگىز تاغلار ،
جىلۋە قىلار گۈزەل باغلار .
يادىكار ئۇ قەدىم چاغلار ،
شىجائەتنى بەلگە باغلار .
گۈزەل ئوپال ،ئۇندىن زوق ئال .
يىشىل تون كىيىپ ھاي -ھاي تىرەك ،
ئۈنچە چاچسا زىلالبۇلاق .
ھوزۇر ئېلىپ قاندى يۈرەك ،
ئەجداد روھى بولۇر يۆلەك ،
گۈزەل ئوپال، ئۇندىن زوق ئال .
تاغلار ئارا ، ئېگىز ئىزلەپ ،
روھى خۇشال كىتەر تىزلەپ .
بوۋام مەھمۇد بەردى سۆزلەپ ،
ئىلىم ئال دەپ ،ئەلنى كۆزلەپ .
گۈزەل ئوپال ،ئۇندىن زوق ئال .
كۆرۈنىدۇ كۆپكۆك دالا ،
ۋارقىرىساڭ تۈمەن سادا .
سىلكىنىدۇ بىر ئەجدىھا .
ئوغلۇم يولنى قىلغىن ئادا .
گۈزەل ئوپال ،ئۇندىن زوق ئال .
سۇنى ئىچكەن بۇلاقلاردىن ،
كۈلكە كۆردۈم زىناقلاردىن .
ئىللەت ئۆچسۈن يۈرەكلەردىن ،
كىلىپ يېقىن يىراقلاردىن .
گۈزەل ئوپال، ئۇندىن زوق ئال .
مەنبە : ئۇيقۇت
2. ئۆكۈنۈش
ئاھ ، ۋاقىت كىتىپ بارىدۇ ،
بۇ ئۆمۈر ئۆتۈپ بارىدۇ .
سەھەردە چىقىپ ئۇز قۇياش ،
كەچقۇرۇن پېتىپ بارىدۇ .
قىممەت ۋە قىممەتلىكىمنى ،
بۇ ھايات يۈتۈپ بارىدۇ .
يوقۇلۇپ ھەممە ھەممەلەر ،
يۈرەكنى تىتىپ بارىدۇ .
ۋاي ئىسىت ...!دەقىقە ھايات ،
قېنى ؟مانا !كىتىپ بارىدۇ !
خوشاللىق ۋە ئازاپنى ،
ئىنسانغا سېتىپ بارىدۇ .
مەنبە : ئۇيقۇت
3. ئانا
بۈگۈن ئۆيدە يوق ئىدىڭ ئانا ،
شۇڭا سەھەر، تۇردۇم كىچىكىپ .
سەن قايناتقان چاي ئەجەپ تەملىك،
كەتكەنمەن زەپمۇ ئىچىكىپ .
سەرەڭگىنى ئىزدەپ بىر ھازا ،
ئىزدەپ تەستە ئۇشتۇپ ئوتۇننى .
بىر چەينەك چاي قايناتتىم ئاران ،
خېلىغىچە پۈدەپ تۈتۈننى.
چالا - پۇلا يۇيۇپ يۈزۈمنى ،
تېز نان چىلاپ ئىچتىم چېيىمنى .
تاپالمىدىم ئايىغىم نەدە ،
ئىزدىمىدىم يۇيغان كىيىمنى .
كۈلۈپ خوش دەپ ئۇزاتمىدىڭ ھەم ،
ئۆي ئىشىكىدە قالدى بىر قۇلۇپ .
قۇلۇپ يىغلار ئۇ يالغۇز قېلىپ ،
نە قۇلۇپ ئۇ يىغلايدۇ قەلىپ .
دەرىسكىمۇ قالدىم كىچىكىپ ،
تەسكەن كىيىن كىرىش ئىشىك چىكىپ .
سەن يوق بۈگۈن قالدىم قىزىرىپ ،
قەلبىمدە ياش كىردىم ئىشىك يېپىپ .
قالغانكەنمەن ئۇنتۇپ نېنىمنى ،
چۈشكە ئۆيگە باردىم تاماققا .
ھىدىمۇ يوق ئەتكەن ئېشىڭنىڭ ،
نان چىلىدىم تىزىپ تاۋاققا .
بىر قايغۇدىن بۇلۇپ كۆڭۈل غەش ،
دەرىسكىمۇ قېتىلمىدى باش .
ئاشخانىغا كىردىم كەچقۇرۇن ،
سەن يوق تاماق بۇلۇپ قالدى تاش .
يەۋېتىپ تېز قاتتىق - قۇرۇقنى ،
تەلمۈرۈپ كەچ قارىدىم يولغا.
ئاي -يۇلتۇزلار نۇرى يۈتكەندە ،
كىردىم سەھەر قالغان ئورۇنغا.
بىر چاغقىچە كەلمىدى ئۇيقۇ ،
چۈش كۆرمىدىم ،سېغىندىم سىنى .
توۋا تۈندە چۆچۈپ ئويغۇنۇپ ،
توۋلىۋەتتىم : جان ئانام قېنى ؟
ئاپتورى : ئۇيقۇت
4. چېچىلغان كۆڭۈل
قارا شېئىر چېچىلىپ كەتتى ،
تۇتالمىدىم تۇراقلار بىلەن .
كېپىنەكلەر ئۇچۇپ كىتىشتى ،
تۇتالمىدى گۈل ...
تۇرسام بەزلەپ ئىلھامنى مانا ،
قاياقتىندۇر مۆرىدى كالا .
سۈتچى موماي قېنى ،
چېچىلدى كۆڭۈل .
كۈركىرايدۇ پاقىمۇ ياندا ،
توختىمايدۇ ئاچكۆز تومۇزغا ،
شوخ شامالار ناخشا باشلىسا ،
تىمتاسقىنە ئۇخلاپ قالار كۆل .
چىمىرلىسا ئاسماندا يۇلتۇز ،
سايدا بىرى ئورىدۇ قۇمۇش .
ئاپلا ! باغلىماي مەھكەم ،
قۇمۇش يولدا چېچىلىپ كەتتى .
بۇ چىغىر يول بوپ ساما يولى ،
چىقىپ كەتتى ئاسمانغا قۇمۇش ،
ئۇز يۇلتۇزلار نەگە قېچىشتى ؟
قۇمۇشلاردىن ئوت يېنىپ كەتتى .
قۇمۇشلۇقنىڭ ئارىسى دېڭىز ،
تۇلپار ئۇندىن ئۆتىدۇ چېپىپ ،
كېچەر بۇندىن تالاي يولۇچى ،
ھىلال ئايمۇ قولۋاق بوپ كەتتى .
مەنبە : ئۇيقۇت
غەزەللەر
باھار كۆكلەمنى ياقتۇرساڭ ، قەلىپدەك كۆك جاھان يوقتۇر ،
ئەگەر قىلساڭ ئۇنى نابۇت ، ئۇنىڭدەك ھال يامان يوقتۇر .
جۇدالىققا سېلىپ دىلنى ، ئۇنى قىلما زىمىستان سەن ،
ئەگەر بىلسەڭ بۇ زىمىستاندا قەلبىمدە تىنىچ-ئامان يوقتۇر .
زىمىستان بولسىمۇ دۇنيا سىنىڭ ئىشقىڭدا مەن كۆيدۈم ،
يېشىمنى ئاقتۇرۇپ پەلەك، مىنىڭدە ياش تامام يوقتۇر .
سىنى ئىزلەپ ئۇچار كۆككە، گويا قۇشتەك كىزەر كۆڭلۈم ،
ئۆزۈم كۆكتە ، گاھى يەردە بىلەلمەسمەن ھوشۇم يوقتۇر .
ئەي شائىر بولدى ياش تۆكمە ، جۇدالىققا بويۇن ئەگمە ،
ئەگەر بولسا ۋاپادار يار مىنىڭ قىلچە ئاھ-زارىم يوقتۇر .
لەيلىنى ئىزدەر كۆڭۈل لەيلىدىن ھېچ ئەسەر يوقتۇر ،
لەيلىچە ۋاپاداردىن ئەسەر تۇرماق خەۋەر يوقتۇر .
مۇھەببەت دەپ كىزىپ ئىزلەپ يۈرەر كۆڭلۈم چىن لەيلىنى ،
لەيلىلەر ئۇچراشسىمۇ ماڭا ھېچ بىر نەزەر يوقتۇر .
گۈل كۆرەي دەپ ماڭغىنىمدا كۆرۈندى گۈل كۆپ باغلاردا،
ۋە لىكىن بۇ كۆڭۈل ھېچ ئۇنى لەيلى سىزەر يوقتۇر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇيقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-26 12:00