يامغۇرلۇق كېچە
ياسىنجان ئىمىن(ئۈمىد)
سېغىنىش تۇيغۇمنى يەلپۈيدۇ نەمخۇش،
كېچە يوللىرىمغا ياغماقتا سىم-سىم.
دەرىزە ئەينىكىدە يول-يول ئۆرتىنىش،
ھىجران قاراقلىرىدىن سىرغىيدۇ تىم-تىم...
ۋال- ۋۇل چېقىن ئارا ياندى سىماھىڭ،
قاراڭغۇ ئىچىمدىن كېلىۋاتقان كىم؟
يامغۇرنىڭ ئاۋازى
سۇنىڭ ئۆكسۈشى
تاكسىدىن مەن بىلەن چۈشمەيدۇ ھېچكىم...
نازۇك شىۋىرلايدۇ ئىسمىڭنى ياپراق،
كوچا چىراقلىرىنىڭ كىرپىگى چىم-چىم.
سۆيگۈ سىمىلدىغان ئاشۇ كېچىدە
كۈنلۈك ئاستىدا بىز كۆيۈپ كەتكەن جىم...
ئارمان قۇچاقلىرىدا تاڭنى ئاتقۇزغان
بىدار كېچىلەرنى سەنسىز سېغىندىم.
ئەمدى
ئاڭلىيالمايسەن
بوزلاشلىرىمنى
ئىككى غولاچ يەر تەكتىدە جېنىم......
ئاھىمدا ئوت -يالقۇن، تىنىقىم بوران،
لاۋۇلداپ يامغۇرنىڭ باغرىغا سىڭدىم.
ئۇپۇققا سوزۇلغان سۈزۈك قىرائەت،
ئۈستۈڭگە سىمىلداپ ياغدى ئاۋازىم....
توختىماس بۇ كېچە ئالەمنىڭ يېشى،
كېچە ئەينىكىدىن ئىسسىق سىيرىلدىم....
2012-يىل23-ماي.ئۇچتۇرپان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-26 10:39