تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1405 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 243|ئىنكاس: 15

ئابدۇرېھىم زۇنۇن: تور دۇنياسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1142
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تور دۇنياسى ئاجايىپ دۇنيا

          (ئۆزۈمگە ھەجۋ)

                1
تور دۇنياسى قىزىق دۇنيا ئاجايىپ،
ئۈمىد بىلەن كىرگەن قالار باغلىنىپ...
ئۇ مەقسەتكە يېتەر تاشقا مىخ قېقىپ،
بۇنىڭ كېتەر يۈرەك ـ باغرى داغلىنىپ.

ئاڭا مۇشتاق بولۇپ بەلنى باغلىغان،
پۈتمەس بىلىم، قۇۋەت - مادار تاپىدۇ.
ھۆرمەت تەمە قىلىپ دىلنى داغلىغان،
ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ...

مەنمۇ كىرىپ تۈننى تاڭغا ئۇلۇدۇم،
پاتقاندا تاش تاپىنىمغا ئاھ،- دېدىم!
كېچىپ دەريا، بۇ دېڭىزغا شۇڭغۇدۇم،
ئۇچرىغاندا دۇر، جاۋاھىر پاھ،- دېدىم!

ئايانماستىن قىلىپ كۈن - تۈن ئىجتىھات،
چەكسىز دالا، تاغلاردا ئوۋ ئوۋلۇدۇم...
تېپىش ئۈچۈن ئەقىل، تالماس پەر- قانات،
گويا يىڭنە بىلەن قۇدۇق كولۇدۇم...

شۇ قۇدۇقتىن قىلسام ھامان سۇ تەلەپ،
قىيام - شەربەت چىقتى، ئىچىپ قانمىدىم.
«ئاتا قىلدى ماڭا پۈتمەس بىلىم» دەپ،
ئىچكىرلىدىم، ئەقدەمدىن يانمىدىم...
               2      
يوللاپ قويۇپ تورغا يۈرەك قېنىمنى،
تەستىق كۈتۈپ ئېرىپ كەتتى كۆز نۇرۇم.
ئاخىر تولۇن ئايدەك پارلاپ چىقتى ئۇ،
شۇندا دېدىم: «گۆھەر، ئالتۇن ھەر قۇرۇم...»

تېنىم يايراپ، ئويناپ كەتتى يۈرىكىم،
تومۇرۇمدا ئاقتى قانلار جۇش ئۇرۇپ.
ھاياجاننىڭ دولقۇنىدا ئاقىساممۇ،
ئالقىشلارسىز بارار بۇدەم لەۋ قۇرۇپ...

خام تەمەدە كۈتكەنسېرى مەدھىييە،
«ئاي» سۈرۈلدى پەسكە قاراپ ئۈزۈكسىز.
ئىچىم ئاچچىق ئەلەم بىلەن تولۇپ لىق،
پۇتۇم بىلەن دۇتار چالدىم تۈزۈكسىز...

دېدىم شۇندا: «كۆرەلمەسلەر كۆپ ئىكەن،
ئۆزگىلەرنىڭ يازمىسىدىن ئۆرگىلەي!...»
ئۆز يازمامغا ئۆزۈم ئالقىش ياغدۇردۇم،
ئۆزگىلەرنىڭ ئىنكاسىغا كۈيىمەي...

دېدىم يەنە ئۆز- ئۆزۈمگە پىچىرلاپ:
كور خېرىدار نە بىلسۇن دۇر، ئالتۇننى...
گەز-گەز بولۇپ ئۆز گۆشۈمىنى ئۆزۈم يەپ،
قۇچاقلىدىم پەرۋانىدەك يالقۇننى.
......................
بىلدىم، «ئالتۇن» دېگىنىم مىس، تۇچ ئىكەن،
«گۆھەر، ياقۇت» دېگەنلىرىم قوتۇر تاش.
ھەق ھۆكۈمنى كەستى ئادىل سودىيە،
ئەل ئالدىدا ئاجىزلىقىم بولدى پاش...
                 3
تور دۇنياسى ئىكەن قىزىق ئاجايىپ،
بىلمىگەننى بىلدىم نەپكە ئېرىشىپ.
بۇرۇن ھىيلە- ھېكمىتىنى بىلمەيتتىم،
ئەمدى قالدىم خېلى ئوبدان كىرىشىپ.
...................
يالماپ يۇتتى مېنى تەگسىز بۇ «پېتىق»،
تىپىرلايمەن، تولغىنىمەن چىقالماي...
يېرىلغىدەك بولىمەن گاھ غەزەپتىن،
شۇم غەرەزنىڭ پوكىنىنى سىقالماي...

بويۇن قىسىپ، تەمە تۇتۇپ گاھىدا،
باقتىم تونۇش- بىلىشلەرنىڭ كۆزىگە.
ياقىلاشتىم «ھاي» بېرەلمەي ئۆزۈمگە،
يۇندى چېچىپ گاھ بىرىنىڭ يۈزىگە...

ئولتۇرىمەن ئېڭەك يۆلەپ كۈنۇتۈن،
گويا «ئۆتمەس ماتا، زورلاپ ساتار»دەك؛
گەر چىشىمغا تەگسە بىرى، پارتىلاپ،
تىل ئوقلىرى ياغدۇرۇپ بەش ئاتاردەك...

زايە قىلدىم زەردىن قىممەت ۋاقتىمنى،
كايىپ ئاپئاق يەردە تۈگمەن تالىشىپ.
گاھ ئىچىمگە تىندىم، گاھى خۇش بولدۇم،
دوست تارتىشىپ، ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ...

ئۆز- ئۆزۈمنى شۇنداق سالدىم بازارغا،
داش قازاندا ھامان ئوماچ قاينىتىپ...
كاركىرىدىم تۆكمە قىلىپ «مېلىم»نى،
«داڭ قازاندىم بۇ گۈلباغنى ئاينىتىپ...»
                4
ئەجەپ قىزىق دۇنيا بۇ تور دۇنياسى،
بىلگەنگە كۆپ ئازابىدىن راھىتى.
بېلى بوشنىڭ ئۆرتىنىدۇ يۈرىكى،
تاقىتى تاق بولۇپ، توشۇپ سائىتى.

ئويۇنلارنى چىدىغانغا چىقارغان،
بۇ ئويۇنمۇ بىلگەنلەرگە چىڭ ئويۇن.
ھەربىر ئىشنىڭ بار قائىدە - مىزانى،
بويسۇنمىسا پۈكلىدۇ بەل، بويۇن...

بۇ «ئويۇن»دا چىدام، تاقەت، دىت كېرەك،
ھەم ئەقىلنى باش قىلغۇلۇق ئۆزىگە.
چېنىپ گالۋاڭ، لايغەزەللەر قەدەمدە،
ھەسرەتلىك ياش ئالار ئاخىر كۆزىگە...

    2012.1.8

               200(16).png


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-27 11:56  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  964
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 137
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تور دۇنياسى ئەجەپ ئىكەن باشقىچە ،
تورغا چىقىپ ئولتۇرىمىز كەچكىچە ....
ئەل ئاغزىدىن قايىللىقلار ئاڭلايمىز ،
باھاچى كۆپ ئىزامۇ بار يەتكۇچە ...

بۇ دۇنيادا ھەممە ساھە قاينايدۇ ،
ھەممە چقىپ ئۆز مېلىنى داڭلايدۇ ...
ئېتىكى كەڭ ، ئەگرى -توقاي دۇنيا بۇ ،
قۇسۇرى يوق گەپنى ئاندىن ئاڭلايدۇ ...

  توختىمىساق بىز پايدىلىق بىر ئىشتىن   ،
نەپ ئالساقلا ئوقۇش بىلەن  يېزىشتىن ...
تور دۇنياسى غەلبە بىلەن قاينايدۇ ،
شۇئار  يازساق ‹ ئىزدەن بىلەن تىرىش › تىن .


  مەنمۇ   چامىمىنىڭ يېتىشچە  يېزىپ باقتىم ....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-26 12:43  


ئۇيقۇت

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  349
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 103
تۆھپە : 1
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ تۇيغۇسى ئاستىدىن تۆكۈلگەن مەزكۇر ھەجۋىي ھەقىقەتەن جايىدا يېزىلىپتۇ. مۇئەللىم، ئالتۇن تېنىڭىز ئامان بولسۇن!

سۇغا قارا!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  582
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 81
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەق -ئادالەت ئۈچۈن قەلەمنى قولىغا ئالغان ئىجاتكارنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنى خېمىرتۇرۇچ قىلغان  ئاچچىق كۈلكىلەر دىن ئۆز-ئۆزۈمگە چوڭقۇر چۆكۈپ كەتتىم.ئەدىپنىڭ قىسمىتى ۋە ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئويلاندىم...  ئاپتورنىڭ قەلەم تۇتقان قولىغا دەرىت كەلمىگەي

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 352
تۆھپە : 3
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەكسىز دالا، تاغلاردا ئوۋ ئوۋلۇدۇم...؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  182
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 292
تۆھپە : 4
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنىڭ مەشھۇر يازارمىنى ئابدۇرەھىم زۇنۇن بۇرادەرنىڭمۇ بۇ توردىن  دىلى سۇ ئىچمەپتۇ - دە ؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1142
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيقۇت يوللىغان ۋاقتى  2012-5-26 12:41
تور دۇنياسى ئەجەپ ئىكەن باشقىچە ،
تورغا چىقىپ ئولتۇرىم ...

ئۇكام ئۇيقۇت، رەھمەت!
سىزنىڭ يازغىنىڭزمۇ خېلى كېلىشىپتۇ. سىزنىڭ ئوپالدىن ئىكەنلىكىڭىزنى بۈگۈن بىلدىم. مەن بۇلاقسۇدىن.

ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلما ئابرويىڭنى يوقتىسەن،

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  182
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 292
تۆھپە : 4
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇرەھىم زۇنۇن بۇرادەرنىڭ يۇقىرىقى يازمىسىغا ئۇلاپ ،بۇلتۇر يازغان بۇ يازمىنى يوللاپ قويدۇم .


بارمۇ سىز ئامان-ئېسەن تورداشلىرىم،

ھەر تۈرلۈك تەلقىنلەردە خورداشلىرىم.

قاسقانغا مانتا  كەبى تىزىلىشىپ ،

بىر ئوتتا تەڭ پىشىشقان ھورداشلىرىم.



كۆپ بولدى بىز مۇنبەردە سۆزلەشكىنى،

ياتلىقتىن تۇققان بولۇپ ئۆزلەشكىنى.

بىلگەچكە چىققىنىنى  بىر كىمىگە ،

كۆپىنىڭ بىر بوپ كەلدى كۆزلەشكىنى.



بىر لىرى تۈزەپ قويار مەدەت بېرىپ،

ھەتتاكى خاتا يازغان يازماڭنىمۇ.

ئىشتىنىڭ چۈشۈپ كەتسە تىزىڭغىچە،

كۆتۈرۈپ،باغلاپ قويار تاسماڭنىمۇ.



بىرلىرى تورغا چىقتى تۈنلەشكىنى،

باشقىچە بىر ئاھاڭدا ئۈنلەشكىنى.

پاكىتتىن پىتنە تولا ئىنكاسلاردا،

تاس قالدى ئەرنى ئەردىن كۈنلەشكىنى.



پاكىت دەپ تۇتۇپ تۇرار ھاقارەتنى،

سۇندۇرۇپ سائىتىگە تاھارەتنى.

ئاغزىدا ئىت ئوينۇتۇپ سېھىرگەردەك،

كۆرسەتسە تاڭ قالىسەن ماھارەتنى.



بىرىنىڭ تامايى بار قازىلىقتىن،

ئۈزمەيدۇ ئۈمۈدىنى غازىلىقتىن.

ئانىسى تۇققىنىدا بۇ قازىنى،

ئاتىسى تاپقانمىكىن لازىلىقتىن؟



بىرلىرى كىرىپ،چىقىپ كېتىدىكەن،

ھارغىچە تىللاپ تېخى بىرلىرى.

ئۇنداقلار كىرەمدىكىن بۇ مۇنبەرگە،

ئاشكارە قىلىش ئۈچۈن سىرلىرىنى.



بەزىلەر تىرتەك تېخى مىجەزى چۇس،

ئالىدۇ ئېسىلغانچە ياقاڭدىنمۇ.

ئېلىشقا ئۈگەنگەندىن نەزەر ئەيلە،

كېيىنچە ئېپ يۈرمىسۇن پاتاڭدىنمۇ.



مۇھەرىر،باشقۇرغۇچى قاقشاپ كەلدى،

ياخشى ۋە يامىنىنى تاسقاپ كەلدى.

بىرلىكنىڭ بەھىرلىرى بۇزۇلغاچقا،

ئېتىمىز بەيگەلەردىن ئاقساپ كەلدى.




Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1142
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tamkin يوللىغان ۋاقتى  2012-5-26 12:55
ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ تۇيغۇسى ئاستىدىن تۆكۈلگەن مەز ...


   تەمكىن، رەھمەت!
   تىلەكلىرىڭىز ئىجابەت بولغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-26 18:41  


ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلما ئابرويىڭنى يوقتىسەن،

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1142
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىل يوللىغان ۋاقتى  2012-5-26 13:54
ھەق -ئادالەت ئۈچۈن قەلەمنى قولىغا ئالغان ئىجاتكارنىڭ ئ ...


   پاسىل، سىزگە رەھمەت!
  تىلەكلىرىڭىز ئاللاغا يېتىپ، ماڭا قايتىپ كەلگەي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-26 23:48  


ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلما ئابرويىڭنى يوقتىسەن،

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  767
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 160
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىن ۋە چۈشكەن ئىنكاسلاردىن زوقلاندىم.

تىرىكلىكتە ھەرتىنىق ماددىي ياكى مەنىۋىي جەھەتتىن قىممەت يارىتىشى كېرەك.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 658
تۆھپە : 18
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 18 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور ئالدىدىن كېتەلمەيمەن ھىچ،
تورغا سېزىك بولدوممىكىن تاڭ.
ئەتراپىمغا قارىسام ئەنسىز،
كۆرىنىدو ئالدىمدا بىر ھاڭ.

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 305
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 18 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە بولغان قىممەتلىك بايلىقىدۇر. ئۇنى قانداق ۋە قەيەرگە سەرپ قىلىش ھەر كىشىنىڭ خالىشى. لىكىن جايىدا ئىشلىتىلمىگەن ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ كەتكىنىدە، شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئەمەس بەلكى بىر زامانلاردىن كىيىن پۇشايمان قىلىدىغان گەپ. يەنە بىرسىگە، ئادەم ئۆزى ئادەتلىنىپ قالغان ئىشلىرى ئۈچۈن ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى چىقىرىدۇ، ھەتتا تاماق يىيىش، ئۇخلاش، ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىنىمۇ... شۇنچىلىك قىلىپ تۇرۇپ ئاخىرى قىلىۋاتقان ئىشلىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشسا ياكى قىلىۋاتقان شۇ ئىشىنى قىلچە مەنىسى بولمىغان بىھۇدە ئىش دېگەن يەكۈنگە كىلىپ قالسا مانا ھازىرقىدەك كەيپىياتتا بولۇپ قالىدىغان گەپ. قارىغاندا ئابدۇرېھىم مۇئەللىم كەينىگە قاراپ ئۇھسىنىپ قالغان ئوخشايدۇ. بىراق يامغۇردىن كىيىن ئاپتاپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشلارغا سەرپ قىلغان ۋاقىت بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەندەك بىلىنسىمۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كىشىگە خۇشاللىق بېغىشلىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەرمەك بولغان بولىدۇ.
سالامەت بولۇڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1142
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 6 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aydanix يوللىغان ۋاقتى  2012-5-26 14:48
چەكسىز دالا، تاغلاردا ئوۋ ئوۋلۇدۇم...؟

  ئايدانىش، سىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن. دېمەكچى بولغىنىم ئۇ ئەمەس. ئامان بولۇڭ!

ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلما ئابرويىڭنى يوقتىسەن،

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1142
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخېلىل يوللىغان ۋاقتى  2012-5-26 16:31
مۇنبەرنىڭ مەشھۇر يازارمىنى ئابدۇرەھىم زۇنۇن بۇرادەرن ...

  ئىنىم ئابدۇ خېلىل، ئاۋۇ «مەشھۇرلۇق» سىزگە قالسۇن، قالغان گەپلىرىڭىز ئۈچۈن رەھمەت!

ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلما ئابرويىڭنى يوقتىسەن،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش