ئۇيقۇدىن ئويغاندى بۈگۈنمۇ سەھەر
ئۇيقۇدىن ئويغاندى بۈگۈنمۇ سەھەر.
ئۆزىنىڭ رەڭگىدە ئىچىلدى قۇياش.
بىر كۈنلۈك ھاياتنى باشلىدىم يەنە،
كۈندۈزگە ئەگىشىپ شۇنچە ئالدىراش.
شاماللار ئۆيىگە ماڭدى بەس-بەستە،
قۇشلارنىڭ سايرىشى يىڭىلىق بۈگۈن.
ماڭا چىڭ چاپلاشقان خىيال باغرىدا،
ئەتىگە ئىنتىلدىم ئارمانلار گۈلگۈن.
رەڭگارەڭ مەنزىرە قالدى كەينىمدە،
ئالدىمدا رىئاللىق تۇرار جىلمىيىپ.
ئۆلۈمگە يىقىنلاپ بارىمەن ھە راسىت!
ھەر قەدەم ، ھەر دەقىق بەكمۇ سوغ تىنىپ.
بۈگۈننى ياشىدىم يەنە ئارمانسىز،
يۇلتۇزلار چاراقلاپ قاماشقۇچە كۆز.
چۈشلىرىم شۇڭغىدى تۈننىڭ باغرىغا،
سىردىشاي ئاي بىلەن يەنە يۈزمۇ-يۈز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تەلقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-26 10:49