تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1405 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 91|ئىنكاس: 3

شېئىر يېزىۋاتىمەن... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  349
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 103
تۆھپە : 1
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                    شېئىر يېزىۋاتىمەن...

شېئىر يېزىۋاتىمەن. بەلكىم ھەممە شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن. جىمى كائىنات ئۇزاق سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغاندەك شۇنداق جىمجىت، شۇنداق ئېغىر...
شېئىر يېزىۋاتىمەن. ئاسماندا نە ئاي، نە يۇلتۇز كۆرۈنمەيدۇ. نەشتەردەك زەھىرىنى سانجىۋاتقان سوغ شامالدا پۈتۈن بەدىنىم غال-غال تىترەۋاتىدۇ...
شېئىر يېزىۋاتىمەن. ئەتتىگەن بامداتتىن كېيىن ماللىرىنى ھەيدەپ چىقىپ كېتىپ، خۇپتەن بىلەن قايتىپ كېلىپ، ئايالىنىڭ بىر چىنە  ئىسسىق سۈيۇق  ئېشىنى ھۇزۇر بىلەن ئىچىپ ئاللاغا ھەمدۇ سانا ئېيتىپ، كەنجى بالىسىنى قۇچاقلىغىنىچە ئۇيقۇغا كەتكەن دېھقان دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن غەم-ئەندىشىسىز...
شېئىر يېزىۋاتىمەن. يىگىتىدىن ئايرىلىپ قالغان قىز ئەڭ ئاخىرىقى بىر تامچە يېشىدا گۈللۈك نەقىشلەنگەن ياستۇقىنى يۇيىۋەتتى...
شېئىر يېزىۋاتىمەن. نامراتلىق تۈپەيلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالماي سەھرادا مال بېقىپ، دېھقان بولۇپ قالغان يىگىت قىز دوستىنى ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتقانچە ئۇنىڭغا بەخىت تىلىدى...
شېئىر يېزىۋاتىمەن. ئىمام ئەڭ ئاخىرىقى دۇرۇتلىرىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاللادىن ئائىلىسىگە بەخىت تىلىدى...
شېئىر يېزىۋاتىمەن. دىبادا (ئېلىكتىرونلۇق تۈنەك) تاساددىۋى تۇنۇشۇپ قالغان قىز-يىگىت بىر-بىرسىنى قانداق قىلىپ ئۆز ئېھتىياجىغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ. يىگىتنىڭ يېنىدا كاللەك-كاللەك پۇلى بار. قىزنىڭ ئوخشىغان تېنى، تىنىدە تولغان كۆكسى ۋە پاچاقلىرى ئارىسىدا بىر تال ئېچىلغان گۈلى بار. يىگىت قىزنى  ئۇخلىتىش كۇيىدا، قىز يىگىتنى...
شېئىر يېزىۋاتىمەن. ئىدارىدىكى قايسى بىر ئاقنانچى ئىدارە باشلىقىنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بەدىنىنى ئۇۋلاۋاتىدۇ. بەلكىم ئەتە  ئۇنىڭغا «زۇجاڭ»لىق  ئەمىلى تېگىپ قالار...
شېئىر يېزىۋاتىمەن. ئائىلىسىدىكى 6 جاننى بېقىش ئۈچۈن جاڭگالدىن ئوتۇن ۋە شور تۇز توشۇۋاتقان ئوتۇنچى بوۋاي ئېشىكىنى يىنىك نوقۇپ قويغىنىچە ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ تۈگىمەس خىياللارغا بەنت بولدى. ئاللا ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلغاي!..
شېئىر يېزىۋاتىمەن. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بەللىرى مۈكچىيىپ كەتكەن ئانامغا قاراپ يىغلاپ تاشلىدىم...
شېئىر يېزىۋاتىمەن. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان  قىز  ياتاققا كىرىپلا ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى-دە،  چارچىغان مېڭىسىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن كۆزىنى چىڭ يۇمدى. ئۇنىڭ ئوي-خىيالىدا يىگىتىلا بار. يوتقاننى قۇچاقلاپ تامغا قاراپ ياتقىنىچە ئەتە ئېلىنىدىغان ئىمتىھاننى غۇۋا ئويلىدى. بىراق خىيالىدا يەنىلا يىگىتى بار. ئۇ بىئارام بولدى. ئۇنى جىمغىنا يىغا تۇتتى.  يوتقاننىڭ بۇرجىكىدە كۆزىدىكى  ياشنى سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن خىيالغا كەتتى. بۈگۈن كېچە ئۇنىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئۇ يىگىتى بىلەن بىرگە بولغان چاغلارنى ئەسلىدى. مىيىققىدە كۈلگىسى كەلدى. تىنى چىمىلداپ كەتتى. ئۇ يىگىتىنىڭ شۇ تاپتا ئاخشام يېزىپ تۈگىتەلمىگەن ھېكايىسىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىنى يېزىپ ئولتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ تىنى جۇغۇلداپ كەتتى. كاللىسىدا  ئىزتىراپ، خىياللىرى چىگىش... كاللىسى قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى. ئۇنى يەنە يىغا تۇتتى. يەنە شۇ يىگىتى. خۇددى بىرسى ئۇنى تارتىۋالىدىغاندەك... ئۇ يەنە ئۆرۈلۈپ ياتتى. قانداقلا ياتسۇن، كۆزىگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئۆزىنى ئۇيقۇغا زورلاغانچە ئاستا كۆزىنى يۇمدى...
شېئىر يېزىۋاتىمەن...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tamkin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-26 03:10  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  964
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 137
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ  قەلبىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىپسىز !!!

ئۇيقۇت

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  431
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 123
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئېسىل شېئر يازدىغان بولسىڭىز تۇزۇت قىلماي يېزىۋىرىڭ !...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  282
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 336
تۆھپە : 4
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەخەللۇسىڭىزدەكلا تەمكىن يېزىپسىز... سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم...

مەن ئاللىقاچان بىر بارسە كەلمەس يولغا كىرىپ قالدىم..... it s A Long Road...  第一滴血
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش