تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1405 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 33|ئىنكاس: 0

تۈڭلۈككە ھېكايە سۆزلەيدۇ ھۈكەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 378
تۆھپە : 1
توردا: 146
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈڭلۈككە ھېكايە سۆزلەيدۇ ھۈكەر

ئەڭ ئىسىل كۈيلەرگە ئوخشايدۇ قىزلار،
ئەڭ ئۇلۇغ تۇيغۇنى ئۇلغايتىپ بارار.
ئاشىقلىق ئوتىدا كۆيمەكتە دۇنيا،
روماللىق چوكاننىڭ يۈرىكى ئاغار.

ئاسمىنىم تولۇپتۇ يۇلتۇزلارغا لىق،
ئۇيقۇسىز كېچىلەر ئايغا ئىنتىزار.
خىياللار قەلىبنىڭ ئەركىسى ھامان،
سەيلىگە چىللايدۇ چولپاننى تاڭلار.

تۈڭلۈككە ھېكايە سۆزلەيدۇ ھۈكەر،
يۇلتۇزلار قىسسىسى تۈگىمەي تۇرۇپ.
قۇياشنىڭ لەۋلىرى قاناپ بارماقتا،
ئاينىڭكى ئەڭ شىرىن چۈشى بۇزۇلۇپ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش