كۈتۈش
ئۆمەر مەھمۇد
بىر تۈپ مامكاپ تۈۋىدە
ئۆلۈپ قالار ئىسمى...
شامال ئۇنى يالاپ ئۆتەر
يامغۇر سىم- سىم كۆيۈپ تۈگەر...
بىر چاغلاردا يۇپۇرماقلار
ئەسلىرىنى يەرگە تۆكەر...
ھەيران قالسا توساتتىنلا
بىر ئىسم يەر سۆزلەپ كېتەر:
-بىر تۈپ مامكاپ تۈۋىدە
-ئۇ كۈتكەنتى ئەسلىدە...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۆمەر مەھمۇد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-26 02:54