تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1405 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 30|ئىنكاس: 0

كېچىككەن پۇشايمان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  349
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 103
تۆھپە : 1
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                             كېچىككەن پۇشايمان  
                                                        ھېكايە

         ئەلا بىلەن توي قىلغاندىن بۇيان بىز ناھايىتى ئىناق-ئىجىل ئۆتۈپ كەلگەن ئىدۇق. مەن ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسۇل ئارتىسى ئىدىم. ئۇ بولسا يېزىلىق  ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. بىز بىر- بىرىمىزگە شۇنداق كۆيۈنەتتۇق. ئەلا ئىشتىن چۈشۈپلا بازاردىن سەي-كۆكتات ئېلىپ كىرىپ، كەچلىك تاماقنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ تۇراتتى. مەن ئىشتىن چۈشۈپ كېلىپلا تاماق ئېتەتتىم. بىز ھۇزۇرلىنىپ تاماق يىگەچ كۈندىلىك يېڭى ئىشلار توغرىسىدا قىزغىن پاراڭلىشاتتۇق. يالغۇز ئوغلىمىز بابۇرنىڭ  كەلگۈسى ھەققىدە ئاجايىپ پىلانلارنى تۈزۈشەتتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ، سىرىتقا چىقىپ كەچلىك سەيلە قىلاتتۇق.
       بۈگۈنمۇ يەنە ئوغلىمىزنى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ گۈل سەيلىسى قىلىش ئۈچۈن كوچىغا چىقتۇق ( راستىنى ئېيىتسام ، ئادەتتە ئوغلۇمغا ئاپام قارايىتتى) . گۈل سەيلىسىدىن كېيىن،  ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئارام ئالدۇق. تاڭ يۇرىشى بىلەنلا مەن ئالدىراپ- تېنەپ  ئىشقا ماڭدىم. ئەلا بولسا ئۇخلاپ قالغان ئىدى. مەن بۇ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان  «شېنجىن ساياھەت ھەپتىلىكى» سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشتۇرىلىدىغان  ئۇسۇل نۇمۇرلىرىنى  تاللاش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىپ، ئۆيگە كەچراق قايتىپ  كەلگەن ئىدىم.  بەزىدە  ئىدارىدە قونۇپ قالىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بەرگەن ئىدى. مەن ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن مەشىق قىلىپ، مۇسابىقىگە ئالدىراۋاتاتتىم. مۇسابىقە ۋاقتىمۇ يېتىپ كېلەي دىگەن ئىدى. بىر كۈنىسى بالدۇرلا مەشىقنى تۈگىتىپ، ئۆيگە كېلىپ، ئىشىكتىن كىرىپلا ھەيرانلىقىمدىن تۇرۇپلا  قالدىم. ئۆي ئىچىدە چېچىلغان بوتۇلكىلار، تاماكا قالدۇقى،  ئۆي ئىچىنى بىر  ئالغان سېسىىق بۇس ... مەن بۇرنۇمنى ئېتىۋېلىپ، مېھمانخانا ئۆيگە كىردىم. شىرە  ئاستىدىن ئەلانىڭ ئامراق كۈچۈكى يۈگۈرۈپ كەلدى. مەن ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدىم.  ئارقىدىنلا بىر ئەرنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەلا ياندىكى ئۆيدىن بىر بوتۇلكا ھاراقنى كۆتۈرۈپ چىققىنىچە غورتتىدە  ئىچىۋەتتى، دە، كىرىسلوغا يىقىلدى. مەن ئىتتىكلا ئەلانىڭ غۇلىدىن يۆلەپ تۇرغۇزدۇم. ئەلا قاچاندىن بېرى ھاراق ئىچىشنى ئۆگەنگەن بولغىيتى، دەپ ئويلىدىم-دە، ئۇنىڭغا قارىدىم.  ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ، كۆزلىرى چۆچەكتەك چىقىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئىتتىكلا ماڭا بۇرۇلۇپ، يۈزۈمگە بىر مۇش سېلىۋەتتى. مەن قاڭقىپ بېرىپ بوسۇغا تۈۋىگە يىقىلدىم. بۇرنۇمدىن ئوقتەك قان چىقىشقا باشلىدى.  بېشىممۇ  ئىشىكنىڭ يېنىغا تىگىپ  زىڭىلداپ كەتتى. مەن بۇ ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاڭقىرالماي بېشىمنى تۇتۇپ، يىغلاپ تۇرۇپلا قالدىم.
     - سەن بۇزۇق، مېنى ئالداپ يۈرۈپسەن!... ئەلا ماڭا قاراپ يەنە يۇپۇرلۇپ كەلدى. – سەن نەچچە كۈندىن بېرى دائىم يېرىم كېچىدە ئۆيگە قايتىپ كەلدىڭ، ھەتتا ئىدارەڭدە قونۇپمۇ قالدىڭ... مەن تېخى سېنى خىزمەت ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن. سەن ئەسلىدە سېپى ئۆزىدىن بۇزۇق، ۋاپاسىز، ھايۋان ئېكەنسەن!... ئۇ شۇنداق دېگىنىچە كېلىپلا قورسىقىمغا بىرنى تېپىۋەتتى. مەن «ۋايجان»! دېگىنىمچە ئارقامغا ئۇچۇپ چۈشتۈم. قورسىقىم تولغاپ ئاغرىپ كەتتى.
    – ئۆيدىن چىق، بۇ ئۆيدە سەندەك ھايۋانغا ئورۇن يوق!... ئۇ يەنە يۇپۇرلۇپ كەلدى. مەن گاڭگىرىغىنىمچە  سومكامنى ئېلىپلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. شۇ ماڭغانچە ئاپامنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئاپام يۈزۈمدىكى قان ۋە ئىشىقنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. مەن ھېچقانداق گەپ قىلماي ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم. مەن ئەلانى بەك ياخشى كۆرەتتىم. ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرەتتى. بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز ھەر دائىم بىر يەردىن چىقاتتى. بىز بىر-بىرىمىزگە يول قوياتتۇق. مەن  ئۇنى باشقا ئەرلەردىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ئۇ بەك قالتىس، دەپ ئويلايىتتىم. دېمىسىمۇ ئۇ بەك ئالىجاناپ، سۆيۈملۈك ئەر ئىدى. بۈگۈنكى تاساددىۋى يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكنى ئويلاپ، كۆڭلۈمدە  يەنىلا ئەلانى ئاقلىدىم. بەلكىم بىرەرسى مەن توغرىلىق ئەپقاچتى گەپ-سۆز قىلغاندۇ؟ ئۇنىڭ غۇرۇرى بەك كۈچلۈك بولغاچقا ماڭا قىيداپ شۇنداق قىلغاندۇ ۋە ياكى نىجىس ھاراقنىڭ تەسىرىدىن شۇنداق بولغاندۇ، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئەتىسى ئىدارىگە تېلىفۇن بىرىپ مىجەزىم يوق، دەپ قويۇپ بىر كۈن ئۆيدە ئارام ئالدىم. ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆمەك باشلىقىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە شېنجىن شەھىرىگە يول ئالدۇق. ئۇ يەرگە بېرىپلا خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئېغىزلىرى ئېچىلىپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. شېنجىن ھەقىقەتەن گۈزەل ،  پاكىز  شەھەر ئېكەن. ئېگىز-ئېگىز بىنالار، پايانسىز كەتكەن دېڭىز بىزنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان ئىدى.  مەن ئەتە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلىقىمنى ئويلاپ شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم.... مۇسابىقە تۈگەپ بىز زور شان- شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلدۇق. ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى بىزنىڭ پائالىيىتىمىزنى بەس-بەستە ئاڭلاتتى. مەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇل « چىنە ئۇسۇلى» نى غەلىبىلىك  ئورۇنداپ، مەملىكەت بۇيىچە بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتى-ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن  ئىدىم. مەن ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئاپامنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئاپام مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، پىشانەمگە سۆيۈپ قويدى. مەن سومىكىدىن ئويۇنچۇق ئايرۇپىلاننى ئېلىپ بابۇرنى  سورىدىم.      – سەن كەتكەن كۈنىسى ئەلا كېلىپ، بىز بىلەن سوقۇشۇپ، سېنى ھاقارەتلەپ، تىللىغىنىچە  بابۇرنى  ئېلىپ كەتتى....ئاپام شۇنداق دېگىنىچە يىغلاپ كەتتى.  ئەلانىڭ بۇ ئىشلىرى ماڭا بەك ھار كەلگەن ئىدى.  مەن ئەتىسى ئىشتىن چۈشۈپ  ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى ئېلىپ ئەلانى ئىزدەپ  باردىم. ئۆيگە كىرىپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئەلا بولسا بىر  قولىدا ھاراق بوتۇلكىسىنى تۇتۇپ،  يەنە بىر  قولىدا  تاماكىسنى شوراپ تۇراتتى.  بابۇر كىرىسلودا تۈگۈلۈپ ياتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستى-بېشىغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. ئۆي ئىچىدىن بوران ئۇچۇپ تۇراتتى... مەن ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى كىرىسلوغا قويۇپ، بابۇرنى ئويغىتىش ئۈچۈن تەمشەلدىم. كىم بىلسۇن، ئۇنىڭ يەنە ھاقارىتىگە ئۇچرىدىم....
    ـ ئەلا سەنمۇ ئادەممۇ؟ سەن تولۇق  ئادەم قېپىدىن چىقىپ كېتىپسەن!... دەپلا، ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. راستىنى ئېيتىسام، ئۆمرۈمدە ئەلانى تۇنجى قېتىم «سەن» دەپ  ئاتىشىم ئىدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاجرىشىشنى تەستىقلاش قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئوغلۇم ماڭا بۇيرۇلغان ئىدى. مەن ئۆيدىن ھېچنەرسە ئالماي، بابۇرنى يۆتىلەپلا يېنىپ چىقتىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئوغلۇم بىلەن ئىدارىدىكى ياتىقىمغا كۆچۈپ كەتتۇق. ئۇ يەردە ئىككىمىز ناھايىتى خوشال-خورام ئۆتۈپ كەلگەن بولساقمۇ، ئوغلۇم دائىم دادىسىنى كۆرگىسى كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرىۋالاتتى. مەنمۇ بىر ئاماللار بىلەن ۋاقىتنى ئارقىغا سوزاپ كېلىۋاتاتتىم. ئۈچ ئايدىن كېيىن ئەلانىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن بىر سىتۇدىنىت قىز بىلەن توي قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بەخىت تىلىدىم. كۈنلەر شۇنداق رىتىمدا ئۆتۈۋاتاتتى. بىر كۈنى مەن بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان خىزمەتدېشىم نازىم كىرىپ كېلىپ، ئەلانىڭ ئالدىنقى كۈنىسى كىيىنكى ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېىيتتى. مەن كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلدىم. بىر كۈنىسى بابۇرنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنى باشلاپ، ئەلانىڭ ئۆيىگە باردىم. ئىشىكتىن كىرىپلا كۆڭلۈم بىر قىسم بولۇپ قالدى. تاپسىدىن شور ئۆرلەپ كەتكەن بولۇپ، تاماكا قالدۇقلىرى تاپسىنى بىر ئالغان  ئىدى. بۇنىڭدىن   سۈپۈرگە تەگمىگىلى خېلى ۋاقىت بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. ئۆي ئىچىدىن رەزگى چىۋىنلارنىڭ غوڭۇلداشلىرىدىن ئۆزگە ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمايىتتى.  ئۆيدىكى ئۆي جاھازىلىرىمۇ كۆرۈنمەيىتتى. بابۇر بوسۇغىدا قاتقان قوزۇقتەك قېتىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى. مەن  ئاشخانا  ئۆيگە كىرىپ تۇرۇپلا قالدىم...ئەلا قاتتىق شىرەگە بېشىنى قويۇپ يەنە ھاراق ئىچىۋاتاتتى.  ئۇنىڭغا قارىدىم:  ئىككى قوۋۇزى ئېنىقلا كۆرۈنۈپ قالغان بولۇپ، جۈدىگەن، ھالسىرىغان چىرايى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇراتتى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. مېنى تۇيۇقىسز قاتتىق يىغا تۇتتى... مەن بۇرۇنقى ئەلانى ياخشى كۆرەتتىم. بىراق، بۇ يەردە ئولتۇرغىنى باشقا بىرسى... ئەلا بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا، ئېغىزىنى مىدىرلىتىپ، مېنىڭدىن ھېسداشلىق تىلىۋاتاتتى....
     مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپلا  بوسۇغىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان بابۇرنى يېتىلەپ، ئۆيدىن چىقىپ  كەتتىم. يولدا كېتىۋاتقاچ ئارقامدىن بىرىسى تارتىۋالىدىغاندەك قەدىمىمىنى تېخىمۇ تىزلەتتىم...




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tamkin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-26 02:52  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش