ئاينۇرى سەن ماڭا ئەجەپ تۇنۇشلۇق!...
مەن
ھاياتقا ئورۇنسىز مەنا ئارتمايمەن،
سۆزلەرنىڭ باغرىغا ھېچبىر قانمايمەن.
بۈگۈندۈر نىشانىم، بۈگۈندۈر ھەممە،
مۇھاببەت ئوتىدا مەڭگۈ ياشنايمەن!
سەن
ھاياتنىڭ مەنىسىنى يەشمەكچى بولۇپ،
سۆزلەرنىڭ باغرىغا ئاتتىڭ ئۆزۈڭنى.
شائىرنىڭ تارىسىنى ئەشمەكچى بولۇپ،
بىر دەقىق ھەسرەتتە يۇمدۇڭ كۆزۈڭنى.
مەن
شېئىرنىڭ باغرىنى تىلغاپ ياشىدىم،
مۇھاببەت-نەپرەتنى ئىلغاپ ياشىدىم.
سۆزلەرنى يىغلاتتىم ئۇيغۇر تىلىدا،
ئۆزەمنىڭ باغرىنى تولغاپ ياشىدىم.
سەن
چۆلدىكى چوغلۇقنى ئەسلەتتىڭ ماڭا،
تۇرمۇشنىڭ تەبىرنى تەسلەتتىڭ ماڭا.
ھاياتنى سۆيگەننى ھايات سۆيىدۇ،
بىر دەقىق ھاياتنى ياشناتتىڭ ماڭا.
مەن
سۆزۈڭنىڭ سىرتىدىن نەپرەت ئىزدىدىم،
كۆزۈڭنىڭ ئىچىدىن ھەسرەت ئىزدىدىم.
تىلىڭدىن تۆكۈلدى بىر ئوچۇم شەربەت،
تۇيغۇنىڭ ئىچىدە ئۇزاق تىڭشىدىم.
سەن
رېئاللىق قەلبىمدەك بولىدۇ، دېدىڭ،
قەلبىڭدە بار ئېكەن قاراڭغۇ بوشلۇق.
ھېسياتنىڭ ئورنىدا ئۆزەڭنى يىدىڭ،
ئاينۇرى سەن ماڭا ئەجەپ تۇنۇشلۇق؟!...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tamkin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-26 02:39