كۆرۈش: 1834|ئىنكاس: 22

ئابدۇرېشىت ئېلى(ئىزگۈگە): كېچە كۆيۈپ قالدى يۇلتۇزلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«‹ئىزگۈ› مۇكاپاتى» گە تەۋسىيە

كېچە كۆيۈپ قالدى يۇلتۇزلار

ئابدۇرېشىت ئېلى

كېچە كۆيۈپ قالدى يۇلتۇزلار

2015-يىلى24-مارت يېرىم كېچىدە قارامايدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى (ئۈندىدار خەۋىرى)


- ئەي ئوت،
قارامايغا ئامراقسەن نېچۈن؟
- ئۇلار مېنى ئۆزى كۆيدۈردى
مۇھەببىتى، نەپرىتى بىلەن!
- نېمىسىگە چۈشكەندۇ كۆزۈڭ؟
- مەن ئۇلارنىڭ مۇھتاجلىقىنى
كۈل قىلىمەن، ئېلىپ كېتىمەن.
- قاچانغىچە كۆيىسەن، ئېيتقىن
- ئۆزۈم كۆيۈپ كۈل بولغۇچە تا.
- مۇشۇ بىرلا يولۇڭ بارمىدى؟
- يوللارمەندىن باشلىنار قايتا

كېچە گۇيا سەرگەردان ئادەم
ئوت ئۇنىڭكى يۈرىكى بەلكىم.
كۈيەر چۈشلەر، كۈيەر رېئاللىق
كۆيەر ئۆلگەن ئارمانلارمۇ جىم.

كۆيۈپ-كۆيۈپ بولىدۇ نېمە
كۈل بولىدۇ، دەيسىلەر، بىراق
كۈل ئىچىدىن چىقار ئۆمىلەپ
پاتماس تاڭلار كۆتۈرۈپ بايراق.

كۆيۈپ كەتتى سىلەر
پىشانىسىگە سۆيمەك بولغان ئانىلار
كۆيۈپ كەتتى سىلەردىن تەكرار
ئۈمىد ۋە پۇرسەت كۈتكەن ئاتىلار
كۈيۈپ كەتتى بىر تال تېزەكتەك
گۈلنى پۇراپ ياتقان بالىلار
كۆيۈپ كەتتى تاپشۇرۇق دەپتەر
كۆيۈپ كەتتى قەرز ھۆججىتى
كۆيۈپ كەتتى ئۇلارنىڭ
ئېغىرىنى كۆتۈرگەن يەرنىڭ قات-قېتى...
ئەمدى نەدە ئاتىسىلەر
ئەمدى نەدە پاتىسىلەر
ئەي، تاڭلار
ئىشىنىشىڭلاركېرەك ئىدى، ئۇلارسىز
ھالىڭلار بولاتتى كۈلدىنمۇ بەتتەر!

كېچە كۆيۈپ قالدى يۇلتۇزلار
كۆز ياشلىرى بولۇپ باھارنىڭ.
يەردە ياتقان قارا غېرىبلىق
جەسىتىدۇرئاخىرقى قارنىڭ.


ئۆلسە دەيسىلەر

ئۆلسە دەيسىلەر مېنى
بىر تال چىۋىندەك پالاق ئاستىدا جان بەرسەم
دىققىتىنى تارتمىسام
ئۆلتۈرگۈچىلەردىن باشقا ھېچكىمنىڭ.
چىۋىن ئۆلسە
«چىۋىن ئۆلۈپتۇ» دېمەيدۇ ھېچكىم.
ھەممىسى ئۆز ئىشى بىلەن؛
ئاشخانىدا تاماق ئىتىۋاتقان ئايال
تامىقىنى ئىتىۋىرەر خىيال ئارىلاش،
بالكۇندىكى ئەر
تاماكىسىنى چېكىۋىرەر
خىيالىدا ئاشۇ قەلەمقاش.
چىۋىن ئۆلتۈرگەن بالا پالىقىنى تاشلاپ
داۋاملاشتۇرارتاپشۇرۇقىنى؛
ماتېماتىكىدىكى بىر مەسىلە
بايان ماقالىسى يېزىش ۋەزىپىسى
ئۇنى بىئارام قىلار
ئۆلتۈرۈلمەي قالغان چىۋىندەك.
چىۋىننىڭ جەسىتى چاپلىشىپ قالغان تام
ئۇ يەر- بۇ يەرگە چېچىلغان قان
ئۆلگەن چىۋىنگە تۇتىدۇ ماتەم
ئېشىپ قالغانبىر لوقما تائام.

بىراق كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر
مەن تېخى ھايات،
چىرايىڭلاردىكى ئەپسۇسلۇق تۇمانلىرىدەك
سۈرۈلۈپ كەلدىم ئۆزۈمگىچە تا
باھار شاماللىرىدەك ياكى قار ئۇچقۇنىدەك
قۇنۇپ ئاستا ئۈستى - بېشىڭلارغا.

بىرەر ماشىنا ئۆتمىدى
مەن ماڭىدىغان يولدىن،
ئەزرائىل يېقىنلاپ كەلگەندە
چۈشۈپ كەتتى خەنجىرى قولدىن،
يول بويىدىكى دەرەخلەر يىقىلدى
مېنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىمگىلا،
كىمدۇربىرى ئاتقان خائىن ئوق
تەگدى كېلىپ بىر كونا تامغا...
قانداققىلاي
تەلىيىم كاج كەلگەندەك دائىم
ئېشىپ قالدى يەنە ھاياتىم.
كېتىۋاتىمەن بىر پەرىشتىدەك
ئۆز ناخشامنى ئېيتقىنىمچە جىم.

ئۆلسە دەيسىلەر
رەھمەت سىلەرگە،
ئۆلسە دېگەن نەرسىلەرنىڭ
ياشايدىغانلىقىنى ئۆلۈمدىن ئۇزاق
سىلەر بىلمەيسىلەر.
... بىلمەيسىلەر.



ئەي باھار بەر ماڭا بىر تال يوپۇرماق

باھار كەلدى، دېيىشتى خەقلەر
خوشاللىقى بىر  ئاسمان، بىر دۇنيا
مەن نېچۈن خوش بولالمايمەن
كۈتكەن باھار كېلىۋاتقاندا.

قارىدىم، دەرەخلەر ئويغىناي دەپتۇ
يالىڭاچ ھاياجىنى تەۋرىنەر يېنىك
تېشىپ تۇئۆزىدىن ئۆزىگە قەدەر
تاپىنىم ئاستىدا مۇزلىغان ئېرىق.

بالىلارئەگەشتۈرۈپ ئۆتمۈشۈمنى
تۇپىلىق يوللارنىڭ توپىسى كەبى
قونار كۆزلىرىم چۈشكەن جايلارغا
تەشنالىقىمدەك شۇنچە ئەسەبىي.

تۈنۈگۈنكى ئاسمان ئەمەس ھازىرقى ئاسمان
بويلىرى ئۆسكەندەك سەزدىم بىر مېتىر،
ئۇنىڭ دېڭىزدەك رەڭگى، يىراقلىقى ھەم
ئوخشىدى ھېچكىمگە باغلانمىغان ئۈمىدكە ئاخىر.

مەن نېچۈن خوش بولالمايمەن، ئېيتقىنچۇ ئانا
ئېيتقىنچۇ بۇنچە غەمگە پاتماستىن دادا!
مېنىڭ بۇيالغۇز بېشىمنى سىلايدۇ ھىجران
لەۋلىرىم ھېلىھەم شېرىن ئۇيقۇدا.

ئاشكارە بولماقتا قورقۇنچلىق سىرلىرىم،
تەكرار كېتىشلەردىن قۇرىدى يېشىم.
شاماللارنى توسساممۇ سۇۋىدى يەنە
قوللىرىم يەتمەيدىغان بىر قاچا ئېشىم.

ئەي باھار بەر ماڭا بىر تال يوپۇرماق
ياپاي مەن ئېچىلىپ قالغان يىرىمنى.
پۈتۈن ھالىتىدە كۆرسۇن كىشىلەر
يارسىز يېرىم قالغان تېنىمنى.


بىرپەس توختاڭلار

بىر دەم توختاڭلار،
ئەي ئالدىراش بىنالار
ئاشۇ ئالتىنچى قەۋەتتە،
بېسىلىۋاتقان خىش
توختىغاندەك بېسىلغان يەردە.
لاي توشۇۋاتقان ئىشلەمچى
توختىسۇن پىشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈشتىن
توختىسۇن  چەتتە تۇرغان خاتىرىلىگۈچى
ئىشلەمچىلەرنىڭ تەقدىرىنى پۈتۈشتىن.

چارچىدى ۋاقىت
بىنانىڭ پۈتمىگەن پەلەمپىيىدە
چارچىدى ئۆيى يوقلار، ۋە
ئۆيى يوقلاردىن باشلىنىپ كۆتۈرۈلۈۋاتقان بىنادا توختىغان سەرسان ئىدىيە.
چارچىدى تاشچىلار
سېتىلماي بېسىلىپ قالغان تاشلاردەك.
چارچىدى بىر تېرە، بىر ئۇستىخان ئۈمىد
مەزلۇمنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياشلاردەك.
چارچىدى ئىنتايىن سوغۇق بىر ھالدا
يۈرەكتە ئېيتىلىشنى كۈتكەن ناخشىلار.
چارچىدى توخۇ ئوغرىلىرى ھەم
چارچىدى ئەمانى يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان ياخشىلار...

كېلىڭلار، ئالقىنىمدا ئولتۇرۇڭلار
ئۆزۈڭلارنى تاشلاڭلار بىر پەس،
تاشلىغاندەك سىلەرنى كۈلكە
تاشلىغاندەك بالىلىق ھەۋەس.
مەن تاشلىمايمەن سىلەرنى،
بىردەم تىنچ تۇرىۋېلىڭلار
تىنچ تۇرسۇن سىلەر بىلەن بىللە
بارلىق مەجبۇرىيەت، ئالدىغا سېلىشلار.

جاننى بازاردا ساتمايدۇ
موھتاجلىقلاردائىم ياتمايدۇ.
ھەممىسى توختىغان مۇشۇ سائەتتە
سىلەرمۇ توختىساڭلار ھېچنېمە بولمايدۇ.

قاراڭلار ئاسمانغا، ئاسمان بىپايان
ئارزۇيۇڭلارنى ئەپ كېتەر قايان...
قاراڭلار بۈشۈكتىكى بۇۋاققا
قىشتەك تىنچقىنە ئۇخلىغان...

يەنە ئىشقا چىقىسىلەر
يەنە مۇھتاجلىق بىلەن جەڭ قىلىسىلەر
ئالدىڭلاردىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاشىق-مەشۇقنى كۆرۈپ
كىچىككىنە بەخت تۇيغۇسىغا چۈمۈلگەنچىلىك
ئۆزۈڭلارنى قويۇۋېتىڭلار،
نەپەس ئېلىڭلار بىر مۈشۈكچىلىك.


زۆرۈربولسا بىر نەرسە دېيىش

كىچىك ۋاقتىمدا

مەن ئۆزۈمنى چوڭ بولدۇم دەيتتىم،
مەن يەردىن ئېگىز
چۈمۈلىدىن ئۇستىخانلىق
ئانامدىن سۆزمەن
دادامدىن باتۇر ئىدىم،
دادام ئۆلتۈرەلمىگەن چۈمۈلىلەرنى مەن ئۆلتۈرەتتىم
ئانام دېيەلمىگەن گەپلەرنى مەن دەيتتىم
يەر مەندىن بوي تالىشىپ
ئايىغىم ئاستىدا دەسسىلەتتى جىم.

ئاكام مېنى«... كىچىك» دېسە ئاچچىقىم كېلەتتى،
بىر قېتىم تامغا ئۈسكەنىدىم مەن،
ئانام كېلىپ تامنى ئۇرغان
بېشىمنى ئاغرىتقىنى سەۋەبلىك قەستەن.
ئاكامغا چوڭ بولغانلىقىمنى بىلدۈرەلمەي
يىغلار ئىدىم باھانە تاپسام.
ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يوق ئىدى يىغلاشتىن باشقا
مەن بىلەن يىغلايتتى يۇلتۇزلۇق ئاخشام.

مانا ئەمدى«چوڭ بوپسەن» دېدى
سۈكۈت قىلسام بىرسى نېنىمنى تارتىۋالغاندا
بىرسى مەن بەرگەن قوغۇننى يەپ بولۇپ
شاپىقىنى ماڭا ئاتقاندا.

دەرەخلەرگە باقتىم
دەرەخلەر مەندىن ئېگىز ئىدى
يەر مەندىن ئېغىر-بېسىق ئىدى
ئانام ماڭا قارايتتى تويماي
دادام ئولتۇراتتى تام تۈۋىدە
كۈز ئاپتىپىدەك شۇنچە خۇشچىراي...

مەن چوڭ بولغانلىقىمدىن گۇمانلاندىم
بارغانچە كىچىكلەپ بارغانلىقىمغا ئىشەندىم.
كىچىكلەپ- كىچىكلەپ كۆزۈمدىن يىتتى
ئاشۇ بالىلىقتىكى باتۇرلۇقلىرىم.

بىر ۋاقىتتا «كىچىك...» دېسە
مەن ئۈسكەن تام يوقتۇر ھازىر ھېچيەردە.
«چوڭ بوپسەن» دېگەن گەپ مەسخىرە بولۇپ
كىچىككىنە جېنىمغا سالىدۇ رەندە.

مېنى «چوڭ بولدى» دېمەڭلار
«تېخى كىچىك...»دېمەڭلار.
ئەگەر زۆرۈربولسا بىر نەرسە دېيىش
«ئابدۇرېشىت ئېلى ئۇ...» دەڭلار.

………………

رەندە:ياغاچچى ئۇستىلار ئىشلىتىدىغان بىر خىل ئەسۋاپ


نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئايالغا


سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلىيالماس
تىللاشلىرىمدىن تاكى شېئىرلىرىمغىچە
سەندىن ئايرىلماسلىق ئۈچۈن يېنىڭدىن كەتتىم
ئارىمىزدا قالدى بىر كېچە.

بارلىق يالغانلىرىم سەن ئۈچۈن بولدى
راستلىرىم بىلەن سېنى ياسىدىم
ئىشىكىڭنى چەككىنى ھەمدە
ساڭا يەتكەن خىيال مەن ئىدىم.

سېنى يازدىم ئۆچۈرۈپ تۇرۇپ
سۈكۈتلىرىم بىلەن ئۈمىدلىرىم بىلەن.
كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى خېتىمنى چىراق
يوشۇرغانسېرى مەن ئۇنى ئەينەن.

سەندىكى شەرقتىن چىقىدۇ قۇياش
سەندىكى دالىدا ئېچىلىدۇ گۈل
سېنى باشلاپ كىرىش ئۈچۈنلا
سەن ئامراق ھەر نەرسىگە ئايلاندى كۆڭۈل.

كەينىمدىن قارىغان بولساڭ ئۆزەڭمۇ سەزمەي
بىر نەرسەڭ كەتكەندەك تۇيۇلغان بولسا
مېنىڭ خوش دېمىگىنىم يۈرىكىڭگە
ئۆلۈم ھەقىقىتىدەك قۇيۇلغان بولسا،
ئىشەن، بېشىڭدىكى ئاسمان
تاپىنىڭدىكى يەر
يېنىڭدىكى يالغۇزلۇق
كۆزلىرىڭدىكى بىر تامچە ياش
مەندۇرمەن ھەممىسى ساڭىلا تەۋە.

كىملىكىمنى سوراۋاتامسىز؟

ئاۋۋال ئىسمىمدىن باشلاي:
ئىسمىم ئالدىڭىزدىكى كېچىدۇر
ئايدەك نۇرانە، ئۈمىدتەك جىمجىت،
ئېگىزلىكىم سىزنىڭ ئەتىڭىز
قەدەم تېۋىشى ئاڭلىنىۋاتقان،
رەڭگىم بىر جۈملە سۆزدۇر
سىز ماڭا ئېيتماق بولۇپ
ئۇشتۇمتۇت ئۇنتۇپ قالغان،
يېشىم سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز
سانىغانغاتۈگىمەس،
مەنزىلىم سىزنىڭ ۋەسلىڭىزدۇر
قوللىرىم سۇزۇلغان، پۇتلىرىم يەتمەس.
«كىم» دەپ سورىسىڭىز
سىزگە كۆرسىتەرمەن يىراقنى
كۆرسىتەرمەن قوينۇمدىن ئېلىپ
يىرتىلغان، قانغا بۇيالغان بايراقنى.

ئەمدى بىلدىڭىزمۇ
مەن سىزگە ناتونۇش ئادەممەن
قارايسىز، قارىغانچە ئېزىپ كېتىسىز
سىزدىن باشقا ئالەممەن.
بېرىپ باققۇڭىز كېلىدۇ،
يايلاقلىرىمدا ياتقۇڭىز كېلىدۇ
نەدىندۇرئاڭلىنار بىر مۇڭلۇق ئاۋاز
ئاستا قۇلاق ياققۇڭىز كېلىدۇ.
كېلىڭ، دەيمەن، توختاپ قالىمەن
چۈنكى سىز دەسسەپ تۇرغان ئۇ يوللار
ئەپ كەلمەس سىزنى ماڭا ئاقىۋەت
ياتسىڭىز ياتقىنىڭىز بولىدۇ باھار
ئاڭلىسىڭىز، ئاڭلارسىز ئىسمىمنى پەقەت.

قاراشلىرىڭىزنىڭ بىر ئۇچىدا
كېلىشىڭىزنىڭ ئاخىرىدا
كېتىشىڭىزنىڭ بۇسۇغۇسىدا
كۆرگەن بولسىڭىز ئەگەر سىز مېنى
بىر ئىشىنىڭ ۋە بىر ئىشەنمەڭ.
كېتىڭ، يۈزۈمنى سىيپاپ ئۆتكەن شامالدەك
مەن دەپ قالاي: «كەتتى ئۇ... ھەتتەڭ...»

كىملىكىمدەك غەمكىن يۈزۈمدىن
كۆزىڭىزگە چۈشكەن كۆزۈمدىن
لەۋلىرىمگە كېلە-كەلمەيلا
خانىۋەيران بولغان سۆزۈمدىن
ئاق يول تىلەپ قالاي مەن سىزگە،
ئاق يول تىلەپ قالغاندەك دەرەخ
ئالتۇن- ئالتۇن ياپراقلىرىغا
كۈزگە كىرىپ ھايالشىمايلا.

كۆرمەيۋاتىسىلەر


كۆرمەيۋاتىسىلەر
قۇياشنىڭ ئاستا-ئاستا مۇزلاۋاتقانلىقىنى
ئۇپۇقنىڭ يالغۇز قېلىۋاتقانلىقىنى
دەرەخلەرنىڭ زېرىكىپ تۈۋىگە تۆكۈلۈۋاتقانلىقىنى
يوللارنىڭ بىز ئېرىق بويىدا ياسىغان تۇپا ئۆيلەردەك
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چۇۋۇلۇۋاتقانلىقىنى
ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدىكى زەنجىرنى
مېھىر-مۇھەببەت دەپ چىرايلىق ئاتاۋاتقاندا
يۈرەكنىڭ بىزگە تۇيدۇرماستىن ئاغرىۋاتقانلىقىنى
بىردىن- بىر مۈلكىمىز بولغان سۈكۈتنىڭ
ئەسكى ئىستاكاندەك چېقىلىۋاتقانلىقىنى
شېئىرلارنىڭ يېزىلماي تۇرۇپ
بىراۋلار تەرىپىدىن ئوقۇلۇۋاتقانلىقىنى
كۆرمەيۋاتىسىلەر.


كۆزۈڭلاردىن گۇمانلىنىڭلار
گۇمانلانغاندەك ھاياتتىن
سىلەر بارىدىغان باھار
يالغان بولۇپ چىقار توساتتىن.
ئۆزۈڭلارنى تاشلاپ قويۇپ
كېتەلەمسىلەربۇ يەردىن تولۇق
گۈل دەيسىلەرئېچىلىۋاتقان
قوللىرىڭلار تۇرمامدۇ قۇرۇق.

سۆيگۈ ئاخىر بولىدۇ زىندان
ئاشىق ئۈچۈن ئىككى ئالەملىك
كىرىسىلەركىرگەندەك شامال
يوق ئۆيلەردە چەككۈدەك ئىشىك.

يىغلايسىلەر، كۆز ياشلىرىڭلار
يىغاڭلارنى قىلىدۇ ئىنكار.
تەكرارلىقلارئىچىدە پەقەت
يېڭىلىنىپ تۇرار ئازابلار.

كېلەر بىرتوپ كېپىنەك ئۇچۇپ
بېغىڭلارغا سىلەردىن كېيىن
ئىشىنىڭلارئەمدى باغلارنى
ئەسلىمەكمۇ چۈشىدۇ قىيىن.

سىلەر ئەمەس سىلەردىن كېتىۋاتقان كۈنلەرنى
قۇرۇقدىلىۋاتقان ئىدىيەلەرنى
چۈشۈۋاتقان گۇگۇم ۋە
تاپىنىڭلاردىن قاچقان يەرلەرنى
كۆرمەيۋاتىسىلەر!


ئېرى ئۆلۈم كەتكەن ئايالغا

ياخشىمۇ سەن،
ئىرى ئولۈپ كېتىپ يالغۇز قالغان ئەي ئايال
ئۆيۈڭنىڭ ئىچىدىن تاكى تېشىغىچە كىزىسەن
سەن مىسالى سەرگەردان شامال.
بىر نەرسە ئىزدەمسەن
ياكى بىر يەرگە كېتىشنى ئىستەمسەن
ساڭا ئۇچرىغان بارچە نەرسىلەر يالغاندۇر
ئېرىڭ ئۆلگەندىن تا ھازىرغىچە
سەندە كېتىش ئىستىكى بولۇپ باقمىغاندۇر.

جىمجىت باقىسەن تاملارغا
ئېرىڭدىن قالغان كىتابلارغا
ئېرىڭ ئۇخلىغان كارىۋاتتىن ئەگىپ ئۆتىسەن
ئىشەنمەستىن ئويغىنىشىغا.

ئېرىڭ بار چاغدىمۇ يالغۇز يۈرەتتىڭ
ئەمدى ئۇ پەقەتلا ئاشكارىلاندى
ئاشكارلانغاندەك تۇيۇڭ بولغاندا
ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭ باشقا بىرىنى.

ئۇنىڭ پاختىدەك يۇمشاقلىقى ئېسىڭدە
«تاشتەك قاتتىق ئىدى» دەيسەن
ئۇنىڭ ئېرىڭ ئىكەنلىكى ئېسىڭدە
ئېسىڭدە بولغاندەك تۇللىقىڭ ئەينەن.

مەن سېنى تونىيتتىم
سەن بىرئېرى بار ئايال ئىدىڭ،
10 يىلدىن كېيىنكى بىر يەكشەنبىدە
سەن ماڭا «ئېرىم ئۆلۈپ كەتتى» دېدىڭ.
ئۇ ئۆلۈپ كېتىپتۇ تۇغۇلماي تۇرۇپ
ئاندىن ئۇنى مۇھەببىتىڭ بىلەن يۇپ-تاراپ
دەپىن قىپسەن سەھەردە
ئۇ بىرقېتىم تۇغۇلمىغان
ياشىمىغان
ھاياتىڭدەك بوش يۈرىكىڭگە.

ساڭا ئىچ ئاغرىتالمىدىم،
يىغاڭغا قوشۇلۇپ يىغلىيالمىدىم
ھەسرىتىڭ دېڭىزدەك تاشاتتى تىنماي
مېنى بېلىق بول دەۋاتقاندەك جىم.

مېنى ئۇنتۇما، دېگەن ئىدىڭ
ئۇنتۇمىدىم راستىنلا سېنى:
سەن بىر ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال
مەن دۇنياغا كەلگەندىن بىرى.

تىللىغۇملا كېلىدۇ سېنى

تىللىغۇملا كېلىدۇ سېنى
تىلىمىزدىكى تىللاش سۆزلىرىنىڭ ئەڭ يامىنى بىلەن.
يېنىمدا بولساڭ شۇ تاپتا
تىللاپ- تىللاپ پۇسكەيتىۋەتسەم.

نېمىشقا تىللايسەن، دېمە
ساڭا قانداق چۈشەندۈرىمەن بىلمەي تۇرۇپ ئۆزۈممۇ.
لېكىن ماڭا ناھايىتى ئېنىق،
ئالدىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنى كەلمەس تىللىغۇم
ھەتتا ئۇلارنېنىمنى تارتىۋالسىمۇ،
پەقەت تىللاشقا تېگىشلىكلەر ئىچىدە
سەن ئىكەنلىكىڭ ئەڭ مۇۋاپىقىنىڭمۇ.

سېنى تىللىسام ئازابلانمايمەن
چۈنكى بىردىن-بىرئادەمسەن
تىللاشلىرىمغا ماس كېلىدىغان.
يۈرەك-باغرىم كېتىدۇ ئويناپ
قانغۇدەك تىللىسام سېنى مەن قاچان.

گاچا دەيمەن، ئېچىلىسەن
قار گۈللىرىدەك شۇنچە چىرايلىق.
ساراڭ دەيمەن، چېچىلىسەن
ساڭا قايتۇرىمەن تىرىپ كېلىپ.

تىللايدىغان سۆزلەردىن زېرىكتىم
ھەممىنى ئىشلىتىپ بوپتىمەن ساڭا
ئەمدى يېڭى سۆز تېپىش كېرەك
جېنىم سېنى تىللايدىغانغا.


رەنجىگىن، تېخىمۇ قاتتىقراق

سېنى سۆيىمەن دېسەممۇ رەنجىسەڭ،
سۆيمەيمەن دېسەممۇ رەنجىسەڭ،
سۈكۈتكە يۆلەنسەممۇ رەنجىسەڭ،
رەنجىمەسمۇ دېدىم، بۇ يەردىن
تۇيماي قالغىنىدا ئاستىلا كەتسەم.

سەن تۇيماي قالىسەن، تۇيمايسەن زادى
مەن كەتسەممۇ، كەلسەممۇ ھەم تۇرساممۇ
تۇيمىغاندەك چىۋىن قانىتىچىلىك
سەن قەلبىمگە كىرگەندە مەنمۇ.

كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولىدۇ
بىلەمسەن، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا.
بارلىق ئىشەنچىمنى يوقىتىمەن
سەن مەندىن يىراقلاۋاتقاندەك بارا-بارا.

يېنىمدا تۇرىسەن، دېڭىزدەك تەۋرەپ
مەن بىلىدىغان كۆزلەر ئەمەس كۆزلىرىڭ.
جېنىمنى بىر-بىرلەپ ئالار سۇغۇرۇپ
ئاھ، ماڭا ئاڭلانماس تاشتەك سۆزلىرىڭ.

سۆزلىرىڭنى ئاڭلاش ئۈچۈن دىققىتىمنى يىغىمەن،
رىئاللىققا تۇتاشقان دېرىزىنى ياپىمەن.
سېنى سۆيىمەن، دەيمەن ۋارقىراپ تۇرۇپ
ئاۋازىمنى سەنمۇ ھېچ ئاڭلىيالمايسەن.

سۆيۈشتىن ئارتۇق جاۋاب يوق ئىدى
سۈكۈتتىن ئارتۇق سوئال يوق ئىدى.
مېنى مەست قىلماقتا، سېنى يەشمەكتە
چوڭقۇر ۋە يۇمشاق رەنجىشلەر ھىدى.

رەنجىگىن، تېخىمۇ قاتتىقراق بولسۇن،
ئاشىقلار بولالمىساق بولايلى رەقىپ.
ئايرىلىپ ياشىغان بىلەن ئاشىقلار
رەقىبلەر ياشىيالماس زىنھار ئايرىلىپ.

2015-يىلى،فېۋرال

                                «‹ئىزگۈ› مۇكاپاتى» گە تەۋسىيە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-14 23:28  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-15 01:00:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يېزىشنى ئوبزورچىلارغا قالدۇراي.

ۋاقتى: 2015-4-15 11:32:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزىدىن بىر سەمىمىي تىۋىش پارلاپ تۇرۇپتۇ، مۇنبەرنى يەنىمۇ قوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-4-15 11:40:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



      سىزگە قۇت يار بولسۇن!
      سىزنىڭ بۇ مۇنبەرنى روياپقا چىقىرىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا كۈچىڭىز ئاز كەتمىگەن. ئەيبۇ قاتارلىق باشقۇرغۇچىلار ھېلىمۇ سىزدىن ئۈمىد كۈتىدىغىنىنى دېدى.
       دېمەكچى بولغىنىم: بۇ مۇنبەرنى تاشلىۋەتمەڭ، مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلىرىڭىز ئارقىلىق بولسىمۇ قوللاپ تۇرۇڭ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-15 11:47:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-4-15 11:40
سىزگە قۇت يار بولسۇن!
      سىزنىڭ بۇ مۇنبەرنى روياپ ...

رەھمەت، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن، مېنىڭ بۇ مۇنبەرگە چوڭقۇر مۇھەببىتىم بار، بۇ مۇنبەردە نۇرغۇن دوستلىرىم، ئۇستازلىرىم بار.

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە!  ۋاقتى: 2015-4-17 01:11 PM
ۋاقتى: 2015-4-15 12:41:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭنى ئاجايىپ ھاياجان ئىچىدە يەپ چىقتىم، ئۇنىڭدىكى تەمدىن ھۇزۇرلاندىم. شېئىر ئىچىدىكى سېنى تەبرىكلەيمەن!

مېنى «چوڭ بولدى» دېمەڭلار

«تېخى كىچىك...»دېمەڭلار.

ئەگەر زۆرۈربولسا بىر نەرسە دېيىش

«ئابدۇرېشىت ئېلى ئۇ...» دەڭلار.

مۇشۇ بىر كۇپلېت ئاشقازىنىمنى ئاغرىتىۋاتقاندەك قىلدى. خالىساڭ ئېلىۋېتەمدۇق يە؟




………………



ۋاقتى: 2015-4-15 12:42:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلارنى ئۇقۇۋاتىمەن!.... شېئىرلارنى مەن ئوقۇدۇممۇ ياكى شېئىرلار مىنى ئوقىدىمۇ بىلەلمەيلا  قالدىم. چۇنكى نۇرغۇن مىسرالار مىنى ئاچچىق خىياللار قاينىمىغا نەچچە قېتىم غەرىق قىلدى. ئابدۇرېشىت ئېلى ئەپەندىنىڭ ئىسدىتاتىغا ئىچ ئىچىمدىن قايىل بولدۇم. شېئىرلار ھىقىقەتەن ئىسىل ھەم تەرۈپلىگۈدەك چىقىپتۇ. بەزى مىسرالارنىڭ ۋەزنى بەكمۇ ئېغىركەن. پىكىرلەر بەكمۇ تىرەنكەن. ئابدۇرېشىت ئېلىدەك شائىرلىرىمىزغا كۆز تەگمىسۇن!

ۋاقتى: 2015-4-15 12:48:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-4-15 15:56:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇردۇم.مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن

ۋاقتى: 2015-4-15 16:36:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇشېئىرلار ئارقىلىق سېزنى تەبىرىكلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-4-15 17:27:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شئېر ،ئىنسان روھىيىتىنىڭ چاڭقاقلىرىغا زەم- زەم بولىدۇ .
بەددىي رەڭدارلىققا بىرلەشكەن  لېرىكلىق تۇيغۇغا ئوقۇرمەننىڭ تۇيغۇسى يېقىنلاشسا ، بۇ شاىئر ۋە ئوقۇرمەنگىمۇ ئوخشاشلا ئامەت.
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2015-4-15 17:59:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە ۋاقىتتىن بىرى نەگە يوقالدىكىن دېسەم شېئىرنىڭ قاناتلىرىدا لەيلەپ يۈرۈتىكەنسىلە ئەمەسمۇ ! بۇ شېئىرلارغا ئارتۇقچە بىرنىمە دىيىشنىڭ ئورنى قالماپتۇ. ئۆزەڭلىنىڭ جىم تۇرمىغىنىڭلىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. ئاخىرىدا تازا بىر تىللىۋالاي: قەدىمىڭلا تېخىمۇ نۇرلۇق بولسۇن، ئاپرىن دوستۇم !

ۋاقتى: 2015-4-15 23:24:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى سۈيۈندىم، شېئىىرلىرىڭىزنى ئۇقۇپ باشقىچە خىل ھېسياتتا بولوپ قالدىم

ۋاقتى: 2015-4-15 23:41:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بۇ مۇنبەردە شېئىرنىڭ ئىستىتىك قىممىتىنى بىلىدىغان باشقۇرغۇچى يوق ، ئابدۇرېشىتكا ئەمدى قايتمىسڭىزمۇ بولمايدىغان يەرگە يەتتى!

باھا سۆز

ئالامەت گەپ بولدى.  ۋاقتى: 2015-4-17 12:34 PM
ۋاقتى: 2015-4-16 03:38:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېرى ئۆلۈم كەتكەن ئايالغا

شېئىر  ياخشى يېزىلىپتۇ ،بىراق،يۇقۇرقىدەك ،ئىملا خاتالىقى باركەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش