قاچانلاردا ساقلىۋالدىمكىن، بۇ شېئىرىڭنى يوللاپ قويغۇم كەلدى.
--------------------------------------------
بىر بېشىمنى ئۇردۇم مىڭ تاشقا
ئابدۇرېشىت ئېلى
بىر بېشىمنى ئۇردۇم مىڭ تاشقا
شېئىرلىرىم تۈگىدى
ئوقۇپ بەرمەي بىر پارچىسىنىمۇ
قول تۇتۇشۇپ ماڭماي يانمۇ – يان
باغلاردا كۈز ھۇشقىتىدۇ.
كۆڭلۈم يېرىم قۇلۇڭنى سىقتىم
باھارنى سەزدىم
تۇرار ئىدىڭ ئالدىمدا
مەندەكلا جىم.
ئىككىمىز ئارىسىدا بىر سۆز
يوشۇرىدۇ ئۆزىنى.
قارشىمىزدا تاش ئورۇندۇق
چاقىرىدۇ بىز ئىككىمىزنى.
بەلكىم كېتەرسەن
ئاۋۇ دوقمۇشتىن قايرىلىپلا يۈتەرسەن
ئىزىڭ قالار بىر ھېكايىنى
ماڭا شۇ ئارقىلىق بىلدۈرەرسەن.
ھېچكىم يوق مەندىن باشقا،
باقتىم ئاستا قۇياشقا.
ئېھتىمال كېيىنكىسى چۈشۈم بولۇشى مۇمكىن
بىر بېشىمنى ئۇردۇم مىڭ تاشقا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا غازى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-17 09:59