كۆرۈش: 259|ئىنكاس: 7

قالمىسۇن جىسمىمدە دات-[ئەل فارابى] [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 08:53:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قالمىسۇن جىسمىمدە دات
           [ئەل فارابى]

1
شەيئىلەر مەۋجۇتلىقىدىن ھەم سەۋەپلىك كائىنات،
ھەم سەۋەپلىكنىڭ تۈپەيلى ياخشىلىق ئۇندىن نىجات.
يەر بىلەن بەھرى-دېڭىزلار تۇرىدۇ ھەمراھ بولۇپ،
رەببىنا، ئاسمان-ساما مەرگەزلىرىمۇ قاتمۇ قات.
قايدا سەن بولدى ماڭا نۇقسان-گۇناھ ئۈلپەت بۈگۈن،
پەيز-رەھمەت بەخش ئېتىپ قىلغىن گۇناھتىن ئازات.
رەببى-شەيئىم پاكلىغىن بولسا مەگەر مۇمكىن مېنى،
ئاناسىر-ئونسىرلىرىدىن قالمىسۇن جىسمىمدە دات.

2
پىشمايىن سىرى ۋۇجۇد خام قالدى ئەلەم ئۆز پېتى،
يا تېشىلمەي گۆھىرى ھەم قالدى ئالەم ئۆز پېتى.
گەر ئەقىل يورۇق چېچىپ ھەركىم ئاڭا مەنە ئېيتسىمۇ،
ئەسلى چىن تەسۋىرىدىن كەم قالدى ئالەم ئۆز پېتى.

3
ھەم چېكىنگەن ھەمدە تەتۈر بۇ زامان دەۋرانىغا،
سەن قىلىپ سۆھبەت يېتەلمەيسەن كۆڭۈل ئارمانىغا.
بارچە ئەل باشلىقلىرىنىڭ باشلىرى قاتقان تۈگەل،
ھەممە باشقا دەرت يېتىپ ئايلاندىمۇ سەۋدايىغا.
ھاجىتىم بىلسەم ئۆزەمنىڭ جانىغا راھەت كېرەك،
نۇر چۈشۈپ تۇرماق ئۈچۈن مەندەك پېقىر ئالقانىغا.
بىر نىدا كەلدى ماڭا ئىلكىمدىكى نۇر بەرقىدىن،
زوق-ھوزۇرى ئوخشىغاي مىسلى ساما جەۋلانىغا.
يۇرتلىرى چۆللۈككە غەرق بولغان قەدىم ئەللەر ئارا،
مېۋە تەرگەندەك قەدەم قويدۇم جاۋاھىر كانىغا.

4
ئەي قېرىنداش،خالى تۇر ھەمراھ ئەمەس ناھەق ساڭا،
ھەق-ئادالەتنىڭ قېشىدا سەن ماكان تۇت دائىما.
بۇ جاھان ساڭا تۇرار مەڭگۈ ماقام-جايمۇ ئەمەس،
زەربە قىسمەتتىن خالاس بولمايدۇ ھېكىممۇ يانا.
قالغۇسى مۆجىز بولۇپ ئىخچام تەۋەررۈك سۆزلىرىڭ،
بەخش ئېتىپ تۇرغاچ تىرەن مەزمۇن پاراسەتلىك ئاڭا.
بىپايان ئالەم ھامان مەشغۇلى ھەركەت ئۈستىدە،
تۇرىمىز ئوخشاپ پەقەت تامچە ۋە ياكى نوقتىغا.

5
ئىككى شىشە جام بىلەن بولدى مېنىڭ ئۆمرۈم ئادا،
ھەممىلا مەشغۇللىقىمنى تولدۇرۇپ قۇيغان ئاڭا.
بىر قەدەھتە قاپقارا تۇرسا سىيايىم لىقمۇلىق،
ئۆزگىدە پەيۋەند بولۇپ تۇرغان شارابىمدۇر يانا.
بىرسىگە تولدۇرغىنىم گەر بولسا ھېكمەت گەۋھىرى،
بىرسىدىن غەم-قايغۇنى يۇدۇم پۈتۈن قەلبىم ئارا.

6
يەتتە يۇلتۇز كائىناتتا مەنبەئىي نۇر رەببىنا،
مىسلى كۆكتە يەتتە دەريا تىزمىسىدەك دائىما.
ھەم بىرى سەييارىنىڭ سىمائىي بىر ئامىل ئۇنىڭ،
ماددە-جەۋھەر خىسلىتى بىر ئەسلى ھەم جەمدۇر ئاڭا.
ئەي، زۇھەل ھەم ئاتارۇپ ھەم مۇشتەرى شەيئىلىرى،
مەن قىلۇرمەن ياخشىلىق ئىزلەپ ھامان سۆھبەت ساڭا.

7
چەكسىز زەخمەت-مۇلاقەت سىز تەرەپتىن تەندە جان،
سىنە-قەلبىم سىز تەرەپكە تەلپۈنۈپ شەيدا ھامان.
ئولتۇرالماسمەن ئىزىمدا قوزغۇتۇپ تۇرغاچ مېنى،
زوق،ئۈمىد ئىككى سەۋەپ دەل سىز تەرەپكە دائىمان.
قوزغۇلۇپ چىقسام ئىزىمدىن سىزدىن ئۆزگە يوق ۋەتەن،
يا ئىزىمغا قويغىلى يوق بىر بەدەل مەن ئوخشىغان.
سىزدىن ئەبزەلرەك دىيار-ئەل گەر تەئەزرىز قىلسىمۇ،
ئىلكىگە قەلبىمنى ئالماق ئىشقا ئاشماس ھېچقاچان.

8
قەسەم بىللا ھاياتلىقتىن بىزارمەن كۆڭۈلسىز ئەمدى،
بەئەينى ئوق كەبى تەندىن چىقارجان ۋاختى تىز ئەمدى.
بەخت باشلانسا يەتكەيلەر زاۋاللىققا بەختسىزلىك،
تەبىئەت جىنسى بىر، ئۆز جىسمىمىزغا قايتقۇمىز ئەمدى.

9
بىر نۆۋەتلەشنىڭ بولۇر ئەۋجى ھامان،
يوقىتىش بولغاي سوقۇشتا دائىمان.
ئۆز خانامنىڭ راھىتى ھاجەت ماڭا،
مەن غۇرۇر ئۆز ئىززىتىمدىن دائىمان.
ئىچكىنىم ئىلكىمدە شەربەت مېنىڭ،
راھىتىمنىڭ شولىدا بەرقى ئايان.
نۇر جۇلا شېشەمدە ئەكس ئەتكەن نىدا،
خوپ ھوزۇرلۇق ساز-ساماغا ئوخشىغان.


مەنبە: "يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت" (ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن)
تورغا ئۇزاتقۇچى: بارخان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhammadbarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 09:01  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  657
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 254
تۆھپە : 0
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 09:54:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارخان ئاكا ئېسىل ئەسەرنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغىنڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت. بۇنىڭدىن كېيىن ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تۇرداشلارنىڭ چاڭقاقلىقىنى قاندۇرىدىغان يازمىلارنى يېزىشىڭىزنى ۋە ئەۋەتىشىڭىزنى چىن دىلىمىدىن ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1312
تۆھپە : 0
توردا: 622
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 13:05:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەخمەت !

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 772
تۆھپە : 1
توردا: 121
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 14:01:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا !
ئۇلۇغلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرى قەلىب چاڭقاقلىقىمىزغا ھۇزۇر بولدى .

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 861
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1414
تۆھپە : 4
توردا: 175
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 19:07:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى كاتتىلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ كاتتا بولىدىكەن. ئىسىل تەربىيەتلىك.
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 744
تۆھپە : 3
توردا: 247
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 19:20:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلىدۇ.
بىلمىسە ، كىم ئۇنى زەرگەر بىلىدۇ؟
بارخانغا كۆمۇلگەن زەرنى تاپار كىم،
كىملىك ۋە ئۆزلۈكنى ئەگەر بىلىدۇ ...

بارخان ئەپەندى، ئەجىر-مىھنەتلىرىگە تەشەككۈر !

شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 22:10:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلىرىم

  قارىسام «جانمۇجان ئۆزنىڭ جېنى»دەك ھەمىشە ئۆزەمنىڭ تەرمەچلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاجايىپ يۈكسەك ئىدىيە بىلەن تويۇنغان ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە سەل قارىغاندەك قىلىمەن... ھەممىمىز كۈندە ئازغىنە ئىدىيە بىلەن قۇراللانساق، يىللىق مەنىۋى ھوسۇلىمىزنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىلا ئەمەس، بارلىق تورداشلىرىمىز تەقۋىدار قابىللاردىن بولىشىدا گەپ يوق...

  

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1431
تۆھپە : 0
توردا: 270
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 22:54:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدە نۇرغۇن كۆمۈلۈپ قالغان ھىممەتلەر بىلەن تونۇشتۇق ھەم تونۇشۇۋاتىمىز بارخان ئەپەندى.جاپا چەكتىڭىز،سالامەت بولۇڭ!

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش