كۆرۈش: 2259|ئىنكاس: 31

رەخىمە ئابدۇراخمان: «سالچىلار» رومانىدىن تۇغۇلغان ئاچچىق ئەسلىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‹  سالچىلار › رومانىدىن تۇغۇلغان  ئاچچىق ئەسلىمىلەر
                                رەخىمە  ئابدۇراخمان
  يېقىندا ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا بەلگىلىك نەتىجە ياراتقان يازغۇچىمىز مەمتىمىن   ھوشۇرنىڭ  «سالچىلار»  رومانىنى پۈتۈن ئىشتىياقىم   بىلەن ئوقۇپ  چىقتىم . روماندىكى پېرسوناژلارنىڭ   دەريا  دولقۇنلىرى   بىلەن  ئېلىشىپ، ئسسىق جانلىرىدىن ئايرىلغان تەسۋىرلىرىنى ئوقۇغىنىمدا كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي   قالدىم. ئۇنىڭدىكى تۇرمۇشقا يېقىن ۋەقەلەر مېنى ئۆز قوينىغا ئېلىپلا قالماي بەلكى، خىياللىرىمنى ئۆزۈم ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ئەسلىمىلەر دۇنياسىغا  ئېلىپ كەتتى...  
مەھەللىمىزدە    ناھايىتى بەستلىك، كۈچتۈڭگۈر ، ئاق كۆڭۈل  ، ئۇزۇن  يىللىق  سالچىلىق ھاياتىدا كۆپلىگەن ئىسسىق -سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، نۇرغۇن ياش  سالچىلارنى  يېتىشتۈرگەن  پېشقەدەم سالچى، دادامنىڭ  ئەڭ  يېقىن  بۇرادىرى  ھەمدۇل سالچى دېگەن  كىشى  بار ئىدى.
  ئېسىمنى  بىلسەم  ھەمدۇلكام  ھەر قېتىم  سالدىن كەلگەندە  دادامنىڭ «ھەمدۇل  ساق -سالامەت  قايتىپ  كەپتۇ»    دېيىشلىرىنى،  ئاپامنىڭ «ھەرنېمە   بولسا   ساق -سالامەت كېلىۋاپتۇ»  دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق.
ھەمدۇلكام   يازدا سال ھەيدەش  بىلەن ئالدىراش ئىدى،     قىشتا   بولسا  ئاغرىقچان ئايالىنىڭ، ئۇششاق بالىلىرىنىڭ  ھالىدىن  خەۋەر ئالغاچ ، قاپقان  ھەم كونا  ئوۋ  مىلتىقىنى  ئېلىپ دەريا  بويدىكى  ئۇزۇن  كەتكەن جاڭگاللىقتا   ئوۋ ئوۋلايتتى. ئۇ قۇرغان قاپقانغا توشقان  قىرغاۋۇل، جەرەن  ۋە بەزىدە  تۈلكىلەرمۇ  چۈشۈپ قالاتتى .  ھەمدۇلكام  تۇتقان ئولجىلىرىنى مەھەللىگە ئېلىپ كەلگەندە  مەھەللىدىكى قارانچۇقسىز زىۋىدىخان موماينىمۇ قۇرۇق  قويمايتتى. قىشنىڭ  ئۇزۇن  كېچىلىرى   بىزنىڭ  ئۆيگە  كىرىپ،  قوناق  ئۇۋلىغاچ دادام بىلەن مۇڭدىشاتتى، بىز  ھەمدۇلكامنىڭ  داۋاملىق  ئۆيىمىزگە كىرىشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق. ئۇ كىرسە  ئۇنىڭ  قىزىق پارىڭىنى ئاڭلايتتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەر مىشكاپ  قوناق ھەمدۇلكامنىڭ  سالنىڭ پالىقىنى تۇتۇپ چېنىققان يوغان ئالقانلىرى ئارىسىدا  بىردەمدىلا  بىر تەرەپ قىلىنىپ  بولاتتى. ھەمدۇلكامنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ دەريا  بويىدىكى ھەر بىر تۈپ  دەرەخ ، گۈل -گىياھلارمۇ  ئۇنىڭ ئېسىدە بارمىكىن  دەيتتۇق. ئۇ دەريانى پەقەتلا  قورقۇنۇشلۇق تەسۋىرلىمەيتتى، قاپچىغاي، موخۇر  ياماتۇ دېگەندەك   ئادەم ئېسىدە تەستە   تۇتىدىغان  بىر   يەرلەرنىڭ ناملىرىنى، «سال قىيداپ قالدى»،  «سال كۆككە  مېنگىشىۋالدى» دىگەندەك گەپلەرنىمۇ  جىق ئاڭلايتتۇق.
__ پالانچى يەردىكى قاينام، پۈكۈنچى يەردىكى جەينەك ئەگمە يامانراق شۇ يەردىن  ئۆتۈۋالدىڭمۇ  ئۆيگە سالامەت كەلگىنىڭ  شۇ، __ دەپ دادامغا  پاراڭ  قىلىپ بېرەتتى. بەزىدە مەھەللىمىزدىكى ھېمىتكاممۇ دۇتتارىنى  كۆتۈرۈپ كىرىپ،  دادام بىلەن كېچىچە  ناخشا   ئېيتىشىپ  قىش كۈنلىرىدىكى  ئۇزاق تۈنلەرنىڭ زېرىكىشلىرىنى باساتتى.
     بىر يىلى باھارنىڭ  كېلىشى بىلەنلا   يېڭى ئۆي سېلىشقا  تۇتۇش  قىلدۇق، دادام  ئاپامغا ھەمدۇل  بىلەن بىرگە بېرىپ  بىرنەچچە  كوبا قارغاي ياغىچى  ئېلىپ سال  باغلاپ  كېلەي . ئۆينىڭ لىملىرىنى  قارىغايدا  قىلساق چىداشلىق  بولىدۇ، دىدى. چاي ئىچىۋاتقان ئاپام  ئورنىدىن  تۇرۇپ كەتتى ھەم:
- ياق  بولمايدۇ، قەتئىى بولمايدۇ، ھەمدۇل  دىگەن ئۇزاق يىللىق  سالچى،سىزچۇ  ئىلى دەرياسىنى ئاق ئۆستەڭ دەپ   قالدىڭىمىزمۇ ؟بولمايدۇ  ھەرگىز  بولمايدۇ!
  - نېمىلەرنى  دەپ كەتتىڭ، ھەمدۇل  بار تۇرسا.  مەنمۇ  ئەركەكقۇ؟ قارا ھەمدۇلنىڭ  ئوغلى ئەزىمەتكە، ھازىر  ئۆزى مۇستەقىل باش سالچى بولۇپ  سال ھەيدەيدۇ  مەن ئاشۇ  بالىلارچىلىك  بولالماسمەنمۇ  ؟
دادام  ئاپامنىڭ  قارشىلىقىغا قارىماي  تەييارلىقىنى  پۇختا  قىلىپ ھەمدۇلكام  بىلەن  مۇڭغۇلكۈرەنىڭ  شوتا دېگەن يېرىگە چىقىپ  كەتتى، دادامنىڭ  ئېيىتىشىچە شوتا دېگەن يەردە بىر نەچچە  قازاق ئاغىنىلىرى بولۇپ  تەييار  كېسىپ  قويغان قارىغايلارنى ئېلىپلا  قايتارمىش.   
    دادام كېتىپ بىر ھەپتە ئۆتتى، ئاپام قويغان- تۇتقىنىنى   بىلمەي  قالغاندەك  قىلاتتى، ئاپام كەشتە ئىشتىن  چۈشۈپلا ھاپىلا -شاپىلا  تاماق قىلىپ،  مېنى ئەگەشتۈرۈپ دەريا  بويىغا  باراتتى. بىز  ئېگىز  يار لېۋىدە  تۇرۇپ كۈن چىقىشقا ئۇزۇندىن -ئۇزۇن قارايتتۇق. قاش قارايغاندىلا  ئۆيگە  قايتاتتۇق. يولدا  كەلگۈچە  ئاپامنىڭ يىتىلەپ ماڭغان قۇللىرىمنى قىسىشلىرىدىن  ئۇنىڭ  قانچىلىك  بىئارام  بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايتتىم.
مەن خىيالىمدا  داداملار  ياغاچنى  باغلاپلا   دەريادا  ئېقىتىدۇ، ھەمدۇلكام   ئېيتقان  قاپچىغاي، ياماتۇ دېگەندەك  يەرلەردىن ئۆتۈۋالسىلا  سالدا بىخارامان  ئولتۇرۇپ، ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى  توۋلاپ    مەھەللىگە  كېلىدۇ، دەپ  ئويلاتتىم.  ئەمما، سال ئەكىلىشنىڭ  خېلىلا خەتەرلىكلىكىنى- دەرەخ  كېسىشتىن تارتىپ سال باغلاش، سال ھەيدەشكىچە بولغان جەرياندا  نۇرغۇن  بالا- قازالارنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقىنىنى پەقەت سالچىلار  ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرلا ھېس قىلىپ يېتەلەيدىكەن.  ئەسلى ئاپامنىڭ  ئەنسىرەشلىرىمۇ   بىكار  ئەمەس ئىكەن.
دادام كېتىپ خېلى كۈنلەردىن كېيىنكى بىر ئەتىگىنى مەھەللىمىزدىكى ئىتلار  تەڭلا قاۋاپ پۈتۈن مەھەللىنى  بىر ئالدى. ئاپام: «قۇپۇڭلار داداڭلار كەلگەن  ئۇخشايدۇ»   دەپلا   ئوچاققا  ئوت قالاپ چايغا  تەييارلىق قىلدى. راست دېگەندەك خېلىدىن كېيىن دادام ھويلىغا  كىرىپ  كەلدى. دادام بەكلا ئورۇقداپ ھەم  قارىداپ تۇنۇغۇسىز  بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۈستىدىكى  قىشلىق  چىبەرقۇت چاپىنى يىرتىلغان، ئۇزۇن  قونجۇلۇق رىزىنكە ئۆتۈكى ئۆتمە تۆشۈك بولۇپ كەتكەن، قوللىرىنى نىمىلەردۇر جىراپ يارا قىلىۋەتكەن ئىدى. دادام يۈزلىرىنى يۇيۇپ دەستىرخانغا  كەلدى، دادامنىڭ روھى ھالىتى  بەكلا چۈشكۈن ئىدى. ئاپام  دادامنىڭ  چىنىسىگە  نان  ئۇشتۇپ  سېلىۋېتىپ  سورىدى:
__ بىرەر ئىش بولدىمۇ، چىرايىڭىز  بەك ئوسالغۇ، ھەممىڭلار  ساق -سالامەت كەلگەنسىلەر؟ دادام:
-   __ سالامەت كەلدۇق بىراق،__  دەپلا يىغلاپ  كەتتى .دادامنىڭ  يىغىسىنى  كۆرۈشىمىزمۇ  تۇنجى قېتىم   ئىدى.  ھەممىمىز دادامغا  قاراپلا   قالدۇق، دادامنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ ئويدە  يىغلاڭغۇ  لەقىمى بار سىڭلىممۇ  يىغلاپ كەتتى، ئۇنىڭ نېمىگە   يىغلىغىنىنى، دادامنىڭ نېمىگە يىغلىغىنىنى  بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالدۇق. دادام  بىر ھازادىن كېيىن يىغىسىدىن  توختاپ  «ھەمدۇل  يۈرەك پارىسىدىن، ئارزۇلۇق ئوغلىدىن   ئايرىلىپ قالىدىغان  بولدى» دېدى. دادامنىڭ ئېيىتىشىچە شوتىغا  بىرىپ ئەتىسى داداملار    ياغاچ ئەكىلىشكە تاغ ئىچكىرىسىگە  كېتىپتۇ. ئەزىمەتكام  شوتىدا ياغاچلارغا  تۆشۈك ئېچىپ سال باغلاشقا  قالغان ئىكەن، بەكلا  چارچاپ  كەتكەچكە ياغاچ دۆۋىسى يىنىدا   ئۇخلاپ  قالغاندا قاياقتىندۇر كەلگەن بىر غالجىر ئىت قۇلىقىنى چشلەپلا  ئۈزۈۋالغان ئىكەن. ئىككى كۈن ئۆتۈپلا  ئەزىمەتكام قىزىپ ئاغرىشقا باشلاپتۇ، غالجىر  كېسىلى  بولغانلار  سۇدىن قورقارمىش. شۇڭا، ئۇ سالغا  چىققىلى  ئۇنىماي   تۇرۇۋاپتۇ، بىراق ئۇلار ئەزىمەتكامنى    باغلاپ سالغا ياتقۇزۇپ  مىڭ  مۇشەققەتتە قايتىپ  كېلىۋاپتۇ .
   ئۇزاق ئۆتمەي  ھەمدۇلكامنىڭ ئۆيىدىكى  چىقىرىغان يىغا ئاۋازى مەھەللىنى  بىر ئالدى،  بىز ھەمدۇلكامنىڭ چىڭ ئېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ  يوچۇقىدىن،  يىگىت بولۇپ  يېتىشكەن، بويلىرى  ئېگىز، بەستلىك،  ئىنچىكە بۇرۇتى ئۆزىگە خويمۇ ياراشقان، مەھەللىمىزدىكى  قىزلارنىڭ  يۈرىكىگە ئوت ياققان  ئەزىمەتكامنىڭ  زەنجىر ئارقانغا  باغلانغانلىقىنى، دائىم ئېغىز گارموننى شوخ پەدىلەرگە چېلىپ ئاپىسىنىڭ  كۆڭلىنى ئالىدىغان ئەزمەتكامنىڭ  تىتما -تىتما بولۇپ قان ئۇيۇپ كەتكەن  بىلەكلىرىنى كۆرۈپ قورقۇپ ئىككىنچى ئۇلارنىڭ  دەرۋازىسى قىشىغا  بىرىشقا پېتىنالمىدۇق. ھەمدۇلكام بولسا  يۈرەك پارىسىنىڭ  بۇ ئېچىنىشلىق ھالىتىگە چىدىماي  تامغا  مۇشتلاپ، ئۈسۈپ  يۈز-كۆزلىرىنى  قانغا  بويىۋەتكەنىدى. ئەزىمەتكامنىڭ كېسىلى  تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەچكە، ئۇنى  قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ  قۇيۇشقا مەجبۇر بولدى. بىچارە بەكمۇ  قىينىلىپ، ئاخىرى  بۇ ئالەمدىن مەڭگۈگە خوشلاشتى. بۇ ئائىلىگە كەلگەن كېلىشمەسلىك مەھەللىمىزدىكى ھەممە  كىشىنىڭ يۈرىكىنى  زېدە  قىلدى.
  ئەزىمەتكام تۈگەپ كېتىپ ھەمدۇلكامنىڭ  قارىغايدەك تېمەن   بەستى  بىردىنلا  مۈكچەيدى، ئۇنىڭ يەرنى  گۈس -گۈس  تەۋرىتىپ مېڭىشلىرىدىن ئەسەرمۇ  قالمىغان ئىدى. ھەمدۇلكام   ئوغلى ھايات چاغدا  يېنىدىن  ئايرىمايدىغان  ئېغىز گارمۇنىنى تۇتۇپ  خىيالغا  كېتىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنىڭغا بىردىنلا قېرىلىق يەتكەندەك قىلاتتى.
   بىزنىڭ پىشايۋانلىق  ئايۋان - سارايلىرىمىزمۇ  پۈتتى. ئويلاپ باقسام  «سالچىلار» رومانىدىكى  بىر  پېرسوناژ: «بىر ئۆمۈر  سال ھەيدىگەن بىلەن   تۈزۈكرەك ئۆي سېلىپ ئولتۇرۇپ باقماپتۇق»  دېگىنىدەك  ھەمدۇلكامنىڭمۇ ئۆيى  قارىغاي لىم  ئىشلەتمىگەن، ناھايىتتى ئاددى ئۆي ئىدى، ئۇ چەككەن  جاپاسىغا  تۇشلۇق   راھەت  كۆرمىگەن  ئادەم   ئىدى.
بىر كۈنى تاماق  ئۈستىگە ھەمدۇلكام  كىرىپ قالدى ،تاماقنى  يەپ  دۇئادىن كېيىن، كۈز  كىرىپ قالغاچقا ھاۋا سوۋۇپ كەتكۈچە  بىرنەچچە  قېتىم   سال ئەكىلىشكە تەييارلىق  قىلۋاتقانلىقىنى، بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە يولغا چىقىدىغانلىقىنى  ئېيتتى. دادام ئاپامنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان شۇنچە   نەسىھەتى،  يېلىنىپ-يالۋۇرۇشلىرى كار قىلمىدى، دادام  ھەمدۇلكامنى گەپكە  كىرگۈزەلمەي ئۆزىنىڭمۇ  بىرگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاپام  بولسا  كوتۇلداپ يۈرۈپ  تەييارلىق  قىلىپ، ئۇلارغا ئامان -ئېسەنلىك  تىلەپ يولغا  سېلىپ قويدى. ئاپامنىڭ ئېيتىشىچە  نېمىشقىدۇر  بىر ئەنسىزلىك ئۇنى بىئارام  قىلىپ تۇرارمىش، ئاپام   بۇ قېتىم   دەريا بويىغا   بىرىپ  سالنىڭ  يولىغا  قارىمىدى، ئويدە  بىر ئىشلار  بىلەن مەشغۇل  بولاتتى،  ھەمدۇلكامنىڭ  ئۆيىگە  كىرىپ ئۇنىڭ ئاغرىقچان  ئايالى ۋە ئۈچ قىزىدىن ھال سوراپ  تۇراتتى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىزلا  مەھەللىمىزدە «ھەمدۇل    ھەيدىگەن   سال  تاشقا  سوقۇلۇپ كېتىپتۇ، ھەمدۇلنىڭ  جەسىتى    توقايلىقتىن  تېپىلىپتۇ»      دېگەن شۇم خەۋەر تارقالدى. ھەمدۇلكام راستتىنلا  قازاغا  ئۇچرىغان  بولۇپ،  ئۇنىڭ  مېيىتىنى ئەكەلگەن كۈنى  پۈتۈن  مەھەللە جامائىتى  نەچچە  كىلومېتىر يول يۈرۈپ ئالدىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ قورۇقماس  ئوغلانىنى كۈتۈۋالدى.  ئۇنىڭ مېيىتى دەريا  بويىدىكى  دوڭلۈككە   دەپنە قىلىندى، دەريا  بالىسى، دەريا  شاۋقۇنلىرى ئىچىدە مەڭگۈلۈك  ئۇيقۇغا كەتتى.
دادامنىڭ ئېيتىپ  بىرىشىچە:
سالچىلار ھەمدۇلكامدىن  ئەنسىرەپ ئۇنى  باش سالچىلىققا قويماپتۇ ھەم دادام  بىلەن ئىككىسىنى ھەمرا  قىلىپ سەمى دېگەن  سالچى  بالىغا   تاپشۇرۇپتۇ. ئۇلار  نۇرغۇن  قايناملاردىن ساق سالامەت  ئۆتۈپتۇ. باش سالچى دادامغا:
  __ئاكا، ھەمدۇلكام بىلەن بىردەم  ئارام ئېلىۋېلىڭلار  ئالدىمىزدا خەتەرلىك  يەرلەرمۇ  يۇق، دەپتۇ.
دادام ئوغلىنىڭ قول گارمۇنىنى تۇتۇپ خىيال  سۈرۈپ  ئولتۇرغان ھەمدۇلكامغا قاراپ
«ھەمدۇل سەنمۇ  بەك چارچىدىڭ، بىردەم ئارام ئالامسەن»  دەپتۇ ھەمدە دادام بىر نەرسىنى سەزگەندەك:
__ ئەكىلە گارمۇشكاڭنى  مەن  ساقلاپ  بىرەي دەپتۇ. ھەمدۇلكام:  
گارمۇشكىنى  تېخىمۇ  چىڭ تۇتۇپ:
-__ ياق، سەن ئارام  ئېلىۋەر-دەپتۇ. دادام  بۇنداق جاپالارغا  كۆنمىگەن بولغاچقا، ھەم بەكلا  چارچاپ  كەتكەچكە  بىردەمدىلا كۆزى ئۇيقىغا كېتىپتۇ.
  سالنىڭ  قاراس -قۇرۇس  قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ، سالچى بالىنىڭ:
__ ھاي ھەمدۇلكا  دېگەن ئاۋازىدىن دادام چۇچۇپ  ئويغىنىپ  قارىسا ھەمدۇلكاممۇ سالچى  بالىمۇ  يۇق،  دادام نېمە قىلارىنى  بىلەلمەي «ھەي ھەمدۇل، ھەي سەمى  قېنىسىلەر؟! »  دەپ ۋارقىراپتۇ.
  بىر  ھازادىن كېيىن   سەمى سالغا  يامىشىپ  چىقىپلا ئۆزىنى كاچاتلاپ يىغلاپ تۇرۇپ:
__كىچىككىنە بىر قاينامدا سال تاشقا  ئۇرۇلۇپ كەتتى، ھەمدۇلكام گارمۇشكىنى  تۇتۇپ خىيالغا  كەتكەن بولسا  كېرەك  گارمۇشكا  قولىدىن  چۈشۈپ كېتىشى بىلەن مەن توسۇشقا  ئۈلگۈرمەيلا دەرياغا  ئۆزىنى ئاتتى، مەنمۇ ئارقىسىدىنلا ئۆزەمنى ئاتتىم، مەن ئۆزەمنى  سۇ ئۈزۈشكە كەلگەندە  دەريا تېگىدىكى تاشلارنى  سۈزۈپ  چىقالايمەن،  دەپ  ئويلايتتىم  لېكىن  دەريادىن  تاغدەك  ھەمدۇلكامنى  تاپالماي  قالدىم، ھۆ ھۆ__ دەپ يىغلاپ كېتىپتۇ.  داداممۇ  ئۇنىڭغا قېتىلىپ يىغلاپتۇ، باشقا  سالچىلارمۇ  يېتىپ كېلىپ  شۇ يەرگە چۈشكۈن قىلىپ  ئۇنى ئىزدەپتۇ، ئەتىسى كەشتە    شەھەرگە  يېقىن دەريا ساھىلىدىن  ئۇنىڭ جەسىتىنى  تېپىپتۇ.
ھەمدۇلكامنىڭ گېپى چىقسىلا  دادام :
__ئەرنى تاغ باسالمايدۇ،  غەم باسىدۇ، دېگەن توغرا گەپكەن،  ھەمدۇلغا  ئۇنچىلىك قايناملار  نېمىتى،  ھەمدۇلنى  قاينام ئەمەس  بالىسىنىڭ دەردى ئېلىپ كەتتى، ئۇ بالىغا چىدىمىدى،- دەيتتى
  ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي داداممۇ ئاغىنىسىگە  «ھەمرا بولغىلى» كەتتى.  خىيالىمدا، ئۇلار بەلكىم بۇرۇنقىدەك، ھەمدۇلكام سال ئەكىلىش  جەريانىدىكى ئۆزىنىڭ  قايسى قاينامدىن قانداق ئۆتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرسە، دادام:
- ھە! ھەمدۇل  مۇنداق- دە  شۇنداقمۇ خەتەر بار دېگىنە؟ خۇدايىم  بىر  ساقلاپتۇ -دېگەندەك  مىڭ  قېتىم  سۆزلەپ  مىڭ  قېتىم  ئاڭلىسىمۇ  زېرىكمەيدىغان  پاراڭلىرى بىلەن  ئۆتكۈزۈۋاتقاندۇ_ ھە، دەپ ئويلايمەن.
  ئىھ! قەدىرلىك  دادا،  ھەمدۇل  ئاكا،  ئەزىمەت ئاكا  ۋە باشقا  بارلىق  سالچى ئوغلانلار سىلەرنى ئەۋلاتلىرىڭلار  مەڭگۈ ئەسلەپ  تۇرىدۇ!  ياتقان يېرىڭلار  جەننەتتە بولسۇن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رەخىمە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-9 15:59  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-8 16:55:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرنى تاغ باسالمايدۇ،  غەم باسىدۇ، نىمە دىگەن چوڭقۇر مەنالىق سۆزلەر-ھە!.
رەھمەت سىزگە!.

ۋاقتى: 2015-4-8 17:04:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ئەسلىمىنى ئوبدان يېزىپسىز، ئەمەلىي مىساللىرىڭىز كىشىنى قايىل قىلىدىكەن. بەزى جۈملىلەرنى شۇنداق يېقىشلىق قۇراشتۇرۇپسىز، تەپەككۈرىڭىزگە بارىكاللا!

ۋاقتى: 2015-4-8 17:06:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلىك بايانلىرىڭىزغا ھەمجۆر بولغىنىمدىن كۆپ خۇرسەنمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-8 17:17:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلارنىڭ نەزەر ئاغدۇرغىنىغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر.
تەكلىپ پىكىرلىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن...

ۋاقتى: 2015-4-8 18:07:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىمە ياخشى يىزىلپتۇ

ۋاقتى: 2015-4-8 20:32:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ىلگىرىكى ئ‍ەسەرلىرىگە يەتمىسىمۇ ھەر ھالدا ئ‍وقۇغۇچىلىكى بار

ۋاقتى: 2015-4-8 20:32:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ىلگىرىكى ئ‍ەسەرلىرىگە يەتمىسىمۇ ھەر ھالدا ئ‍وقۇغۇچىلىكى بار

ۋاقتى: 2015-4-8 21:19:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى بەكمۇ تەسىرلىك خاتىرىگە ئاپسىز.ئوقۇۋىتىپ قەلبىم لەرزىگە كەلدى.مەرھۇملارنىڭ ئاخىرەتلىكى خەيرلىك بولغاي.قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي.

ۋاقتى: 2015-4-8 23:39:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىر ئوقۇۋاتىمەن ئاشۇ روماننى، ئەسلىمىنى بەك تەسىرلىك يىزىپسىز

ۋاقتى: 2015-4-9 10:44:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەسلىمىنى ئوقۇپ «سالچىلار» رومانىنى تېخىچە قولۇمغا ئېلىپ بولالمىغانلىقىمغا ئۆكۈندۈم. رەھمەت قېرىندىشىم، يازمىڭىز ماڭا بەكلا تېتىدى.

ۋاقتى: 2015-4-9 12:32:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            ھەئە،بىزنىڭ سۆيۈملۈك سالچىلىرىمىزنىڭ ھاياتى مانا شۇنداق ئاچچىق كەچمىشلەر بىلەن تولغان.قانچىلىغان سالچىلىرىمىز دەريا ئوپقۇنلىرىغا يەم بولۇپ كەتتى،يەنە قانچىلىغان سالچىلىرىمىزنىڭ جەسىتى دەريا قىرىدىكى ئېگىز تۆپىلىكلەردە قالدى ؟ بۇنى ھىچكىم دەپ بېرەلمەيدۇ. جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ يۈرگەن سالچىلىرىمىز ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا سال ئۈستىدە يۈرۈپ ئاجايىپ بىر تارىخنى،ئاجايىپ بىر سال مەدەنيىتىنى ياراتتى.ئۇلار قارام، تەلۋە، لۈكچەك ئىدى. ئەشۇ تەلۋىلىكنىڭ ئارقىسىدا ئاجايىپ بىر مەردانىلىق چاقناپ تۇراتتى. سال ئۈستىدە ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان شۇ سۆيۈملۈك سالچىلىرىمىزنىڭ روھىغا مىڭلاپ دۇئالار بولسۇن ! رەخىمەنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك ئەسلىمىسىگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-4-9 12:52:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم، نەچچە يەردە تېنىم جىغىلدىدى. ئېسىل ئەسەر بوپتۇ...

ۋاقتى: 2015-4-9 13:16:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ.مەن ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان شوتا،دىگەن يەردىن بولغاچقا بەك تەسىر قىلدى.

ۋاقتى: 2015-4-9 13:18:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلىك ئەسلىمىنى يازغان قوللىرىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن.جانلىق ،ئوبرازلىق تەسۋىرلەر مېنى ئىلى دەرياسىغا چۆمۈلگەن چاغلىرىمنى ئەسلەتتى.مېنىمۇ تاس-تاس قالغانتى،كۈچلۈك سۇ ئېقىنى ئېلىپ كەتكىلى،يەيدىغان رىسقىم باركەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش