ئىگىسى: رەخىمە

رەخىمە ئابدۇراخمان: «سالچىلار» رومانىدىن تۇغۇلغان ئاچچىق ئەسلىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-2 17:46:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچىگىمدە دەريا بويىغا بىرىش بەك كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى .دادامنىڭ يازدا بېلىق تۇتۇش،  قىشتا  توشقان  تۇتۇشقا ئامراق ئىدى.  ۋاقتى  چىقسىلا   مېنى ئەگەشتۇرۇپ  دەريا بويغا بارتتى. دادامنىڭ  يىقىن بۇرادىرى  مەتنىيازكام  دەريانى  بەش  قولدەك  بىلىدىغان ئەزىمەت  ئىدى . دەريا بويدا ئىز قالدۇرمىغان يىرى قالمىغان ئۇ ئادەمنىڭ بەستى  دىېۋىدەك، پۇتلىرى پالاقتەك ئىدى .ئۇ دادامغا   دەريانىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى  زوق -شوق بىلەن  چۈشەندۇرەتتى :
  -قارا راخمان  ئاۋۇ ئېقىننىڭ پەسلەپ  ئاققان  يېرىگە،  نەچچە  سېتكا  سېلىپ   قويدۇم. بۇگۈن  سۇمۇ  پەسلەپ قالدى . نەچچە  كۈن قارا قىيان كېلىپ  قىرغاقلارنى ئېلىپ كەتتى، مۇشۇ  ئاي ئېچىدە  نەچچە  بالىنىڭ  جەسىتى  سۇزۋالدىم. ھەي مۇشۇ باللارزە... دەريا  دېگەن ھېچكىمگە  رەھىم  قىماي  ئادەم يۇتۇىغان  يالماۋۇز  جۇمۇ  . لاماسىنلىق  سالچى ئاخشام  ئۆتۈپ  كەتتى خېلى  كۆپ سال  باغالاپتۇ .مۇشۇ  سالچلىق  جاننى  ئالقانغا  ئېلىپ قويۇپ   دەريا  بىلەن ئېلىشىدغان ئىش .ئۇلار ھەر بىر سال  ئېلىپ  ماڭسا  تەنلىرىم  جۇغۇلداپ  كېتىدۇ .ئىشقىلىپ  ئاللا  ئۇلارغا   ئاسانلىق  بەرسۇن  .بالللىرىنى  بىقىپ  قاتارغا   قوشۋالسۇن  جۇمۇ . قايسى كۈنى  بىر قىز دوڭدىن  پەسكە چۈشۋاتىدۇ،  قارىسام  چىراي  ئوڭى  ياخشى ئەمەس  ئاستا  كەينىگە  چۈشتىم  .ئويلىغىنىمىدەك  ئۆيدىن يامانلاپ چىققان  قىز ئىكەن  قارا،  دەرياغا ئۆزىنى ئاتتى  .مەنمۇ  كەينىدىن  ئۆزەمنى  ئېتىپ  بەك تەستە   سۈزۈپ  ئەچىقىپ  قويدۇم .
  - ھەي  تاز  دەيتى  دادام  نېمە  دەرياغا  ئۆزىنى  ئاتقۇچە  ساقلاپ تۇردۇڭ
  --- ھېې  قىز ئۆزىنى ئاتقان  يەر غول ئېقىن ئەمەس   قىزغا  نىسبەتەن  دەريا ماڭا  .ئۇنداق ئەمەس  قىز  ئۆلۇمنىڭ   نېمىلىكىن  بۇلسۇن  ھايتنىڭ  تاتلىقلىقى  بۇلسۇن  دىدىم  . مەنچە بۇ قىز  ئەمدى  گۈلدەك  ياشايدۇ  .ئوقۇمۇغان  بىر ئادەمنىڭ  ئاغزىدىن  بۇنداق  گەپلەرنى  ئاڭلاش تولىمۇ  ھەيران  قالتتىم شۇڭلاشقىمۇ سالپاڭ  قۇلا  گەدەنگەىچە  تاز ، دايىم   كۈلۈل  تۇردىغان غاردەك  يوغان  ئېغىزىدىن   ساپسېرىق     توڭكاي چىشلىرى   چىقىپ  تۇردىغان(مەتنىياز دېگەن  ئېسىمنى  داداملا ئېتايتىى  پۇتۇن كەنت كىشلىرى شاپىرىكام  دەپ ئاتايتۇق )   شاپىرىكام   ماڭا ئۇنداق  دەپ بەت بەشىرىمۇ   كۆرۈنمەيتى  ئۇنىڭ  ياخشى  مىجەز خۇلقى  ئۇنىڭ  كۆرۈمسىز  تەرپىنى  يې   يېپىپ  كەتكەن  ئىدى 。
   دادام ئىككىسى  بىردەم ئۇياق بۇياقتىن   سۆزلەشكەندىن  كېيىن     كېيىملىرى  سېلىشىپ   دەريانىڭ   سېتكا  سېلىنىغان  يەرلىرىغا   قاراپ  ئۇزىشەتتى .
  دادامنىڭ  چاققان  ھەركەتلىرى   مەتنىيازكامنىڭ   ئېغىر سالماق  غۇلاچ  تاشلاپ  ئۈزۇشلىرىگە    قاراپ  ئولتۇرۇپ  كېتەتىم .دادام  مېنى  دەريا   بويىغا  يېقىن كەلگۈزمەيتى   5 مېتىر   نېرىدا تۇر بالام  ،  دەريا سۇيى   قىرنىڭ ئاستىنى يالاپ   ئېپلىپ ماڭىدۇ . قارساڭ   خەتەر  يۇقتەك  تۇرغان بىلەن دەسسىسەڭلا   كۈمتۇرلۈپ كېتىدۇ   دەيتتى  .بەزىدە دادام  مېنى  تېيىز ئېقىنلاردا  قولۇمنى   تۇتۇپ تۇرۇپ  چۆمۇلدۇرۇپ قوياتتى ، ئۇ چاغلاردا  مەن ئۆزمنى  دەريادا  غۇلاچلاپ  ئۈزگەندەك  ھسېس  قىلىپ  كېتەتتىم  .بەزىدە  سالچىلارمۇ  ئۆتۈپ  قالتتى ، بالىلار  بولسا  خلى  يەرگەىچە   سالچىلارغا ئەگەىشىپ  قىرغاق بويلاپ  يۈگەرىشىپ]  كېتەتى .
ئۇلار   بەزىدە  سالپىيىپ   دەرياغا  قىرغىقىغا  چىقىغاتتى بەزىدە  بولسا  يوغان بىلىقلارنى سورىشىپ  چىقاتتى
   ئۇلار بىلىقلارغا    قارىشىپ ھەۋەس بىلەن  :
  -ۋاھ !  ما جانۋاتنىڭ  يۇغانلىقىنى  قارا  خۇددى  رەخىمەدەكلا   تۇرامدۇ  دەپ ماڭا  قاراپ   ئۆز خۇشالىقىنى  ئىپادە  قىلشاتتى .
  بىلىقىنى    شۇ زامات  تازلاپ  بىلىق  كاۋابى قىلاتتۇق   بىلىق  كاۋىپىنىڭ   پۇرقى  دەريا   بويدا پادا  بىقىۋاقان باللارنى   بىردىن  -ئككىدىن  ئاتراپىمىزغا   يىغاتتى    سېخى  سايىپخاننىڭ  بىلىق  كاۋپىدىن  ئىغىز  تېگەىشەتتى .
  قايتىشمىزدا   چوڭ بىلىقلارنى  ئاران كۆتۈرۈپ  ئويگە  كىلەتتۇق ، ئاپام   بىلىق  پىشتۇرشقىمۇ   بەك ئۇستا  ئىدى  ئاۋال  مايدا  پىشرۇپ  ئاندىن  قازانغا  دۇملەپ  پىشىرۇغان  بىقىلىلارنىڭ  خۇش ھىددى  مەھەلىنى بىر  ئالاتتى .ئۇ  پۇراق  ئۇ  تەم  مەڭگۈ  ئېرسىمدىن   چىقمايدۇ   تا  ھازىرغىچە  سىغىنىپ  تۇرىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رەخىمە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-2 21:43  


ۋاقتى: 2015-8-2 18:37:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخىمە يوللىغان ۋاقتى  2015-8-2 17:46
كېچىگىمدە دەريا بويغا بىرىش بەك كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى .دا ...

imla....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش