كۆرۈش: 386|ئىنكاس: 6

قەلب ئەركىسىنىڭ نەسەپ بوسۇغۇسىدا ــ نەۋايى تەتقىقاتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 2388
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 7604
تۆھپە : 10
توردا: 698
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 19:59:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                               قەلب ئەركىسىنىڭ نەسەب بوسۇغىسىدا

                                 ئابدۇراخمان توختى، ئوبۇلقاسىم مەمەت

                           (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىيەت ئىشخانىسى)

قىسقىچە مەزمۇنى: ئەلىشىر نەۋايى ـ تۈ*ركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق شائىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا ناھايىتى زور شۆھرەت قازانغان ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار نەۋايىنىڭ نەسەبى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ماقالىدە، چاغاتاي خانلىقى ۋە تۆمۈرىيلەر ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەتتە تۇتقان ئورنىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ نەسەبى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئەلىشىر نەۋايى؛ نەسەب مەسىلىسى؛ نەۋايىنىڭ نەسەبى


قەلب ئەركىسى ئەلىشىر نەۋايى − 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياشىغان، ئۆز دەۋرى ۋە كېيىنكىلەرنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، تۈ*ركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مول ھوسۇللۇق شائىرىدۇر. ئۇ ياراتقان ئىجادىيەت مېۋىلىرىمۇ تۈ*ركىي تىللىق خەلقلەرنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق مەدەنىي مىراسى. شۇڭا، ئەلىشىر نەۋايى ۋاپات بولغان ۋاقىتتا «پۈتۈن ھىرات ھازىخانىغا ئايلاندى، ھەممىنىڭ كۆزى ياش، ئۇچىسىدا ماتەم لىباسى، ئاسمانمۇ ماتەم تۇتقاندەك قارا بۇلۇت بىلەن قاپلانغان.»① ۋە «ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان، بىرقانچە مىللەت بىرلىكتە ئولتۇراقلاشقان ئەينى قەشقەر تەۋەسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاۋاممۇ ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ۋاپاتىنى ئاڭلاپ، خاندانلىق ئىچىدە ۋە ھەرقايسى يۇرت-شەھەرلەردە ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىنى توختىتىپ، يەتتە كۈنگىچە ھازا تۇتقان. ئۆي-ئۆيلەردە ئات، كالا، قويلارنى سويۇپ، نەزىر-چىراغلارنى ئۆتكۈزگەن.»② دېمەك، بۇ خىلدىكى ماتەم مۇراسىملىرى پەقەت ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يۇرتى قەشقەر ۋە ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ھىراتتا ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماستىن، بەلكى خاندانلىق ۋە مىللەتتىن ھالقىپ، نەۋايىنىڭ قەدىمى يەتكەن يۇرتلارغىچە ئومۇميۈزلۈك ھادىسىگە ئايلانغان.
ئەلىشىر نەۋايى دەرۋەقە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قەدىرلەشلەرگە ئېرىشكەنىدى. نۇرغۇنلىغان خەلقنىڭ ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ۋاپاتىغا ماتەم تۇتۇشى ۋە نەزىر-چىراغلارنى ئۆتكۈزۈشى، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئەينى دەۋردە ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە قىممىتىنى يوقاتمايدىغان ھەرخىل ساھەگە مۇناسىۋەتلىك مۇقەددەس ئابىدىلەرنى ياراتقانلىقى ۋە خەلق ئارىسىدا يۈكسەك دەرىجىدە ئىنسانىي پەزىلىتىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن بولۇپ، بۇ نەتىجىلەر ئۆز دەۋرى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە قىممەتلىك بولۇش بىلەن بىرگە، يېڭى دەۋر كىشىلىرىگە نەۋايى ئەسەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتەك مۇقەددەس بۇرچنى يۈكلىدى.
تۈ*ركىي تىللىق خەلقلەر، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەت مۇقەددەس بۇرچنى ئادا قىلىش يولىدا كۆپ ئىزدەندى. بۇرۇنقىلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تۇغۇلغانلىقى ۋە ۋاپاتىغا ئاتاپ ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. بۇ جەھەتتە يەنىلا تۈ*ركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئەمما، خۇددى جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ، ئىش تەقسىماتى ئىنچىكىلىشىپ، ھەرقايسى كەسىپلەر كونكرېتلاشقاندەك، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ نەسەبى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارمۇ يەككە يۆنىلىشكە قاراپ يۈزلەندى. شۇ مۇناسىۋەت تۈپەيلى، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى ئۆزىگە بۇرچ دەپ ھېسابلىغان تۈ*ركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدىكى ھەرقايسى مىللەتنىڭ بەزى تەتقىقاتچىلىرى ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ، مۇھىملىقىنى ھېس قىلغانسېرى، ئەلىشىر نەۋايىنى ئۆز مىللىتىنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، ئۇل سالغۇچىسى، دەۋر بۆلگۈچىسى، تەتقىقاتىدىكى يۆلەنچۈكى قىلىمىز، دەپ تەتقىقات ئەسەرلىرىدە ئەلىشىر نەۋايىنىڭ نەسەبى ھەققىدە «ئەلىشىر نەۋايى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى، شائىرى»، «نەۋايى ئۆزبېك شائىرى، مۇتەپەككۇرى ۋە جامائەت ئەربابى»، «نەۋايى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار شائىرى»، «نەۋايى تۈ*ركىي خەلقلەرنىڭ بەدىئىي سۆز ئۇستىسى» ۋە «پارس، تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ جاھانشۇمۇل پېشۋاسى» دېگەندەك دەبدەبىلىك سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى، شۇنداقلا ئەلىشىر نەۋايىنىڭ بىرىنچى ئەسىرىنى پارس تىلىدا يازغانلىقىنى ۋە تاغىسى مىرسەئىدنىڭ (تەخەللۇسى: كىتابلاردا كابىلى③، قابۇلىي④، كابولى⑤ دەپ ئېلىنغان) تەخەللۇسىنى تۇتقا قىلىپ، نەۋايىنىڭ ئانىسىنى كابۇللۇق، ئىران تىللىق كىشى بولۇشى مۇمكىن، دېگەندەك پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىل كۆزقاراش ۋە پەرەزلەرنىڭ بەزىلىرى قىسمەن نۇقتىدىن توغرا بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي نۇقتىدىن تارىخىي ئەسەر «تارىخىي رەشىدى»دىكى پاكىتلاردىن چەتنىدى. بۇ خىل چۈشەنچە ۋە كۆزقاراشلار تۈ*ركىي تىللىق خەلقلەرگە تەۋە بولمىغان باشقا بەزى ئەللەردە ئەلىشىر نەۋايىنىڭ نەسەبىنى «تۈ*ركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ شائىرى»مۇ دېمەي، نوقۇل «ئۆزبېك» دەپ قاراشتەك خاتا چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلدى. بۇ ھېسسىيلىق بىلەن ئىلمىيلىكنىڭ ئۆزئارا ئارىلىشىپ كېتىشى بولۇپ، بۇ يەردىكى ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە دەل تۈ*ركىي تىللىق خەلقلەردىن باشقا بىر ئەلنىڭ پاكىتتىن چەتنەپ، «ئۆزبېك» دەپ قەلەم تەۋرىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئېنىقكى، ئۆزبېك خەلقىنىڭ ۋە بەزى تۈ*ركىي تىللىق خەلقلەردىن باشقىلارنىڭ ئەلىشىر نەۋايىنى «ئۆزبېك» دەپ تونۇشى ئۆزبېكلەرنىڭ ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرىنى يىغىپ، رەتلەپ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ روياپقا چىقارغانلىقىنى تۇتقا قىلغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرى توغرىسىدا خېلى كۆپ ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، تەتقىقاتقا چوڭقۇرلاپ كىرەلمىگەنلىكى؛ يازغان ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر سانىنىڭ ئازلىقى؛ ئەسەرلىرىنى باشقا تىللاردا يېزىش ئىشلىرىنىڭ يوق دېيەرلىكلىكى؛ مەخسۇس ناۋايىشۇناسلىق ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ كەملىكى ۋە بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ نەۋايىنىڭ نەسەبىنى تالىشىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق دەپ قاراپ، تارىخىي مىراسنىڭ رولىدىن چەتنەپ، تارىخىي پاكىتلارنى قايتا-قايتا تىلغا ئالمىغانلىقى قاتارلىق ئامىللارمۇ ئۆزگىلەر (ئۇيغۇرلاردىن باشقىلار)نىڭ ئەلىشىر نەۋايىنى «ئۆزبېك» دەپ پىكىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. شۇڭا، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ نەسەبى توغرىسىدىكى بۇ غۇلغۇلا ھەققىدە بىرقەدەر ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن قايتا-قايتا ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
مەلۇمكى، ئۆز تالانتى ۋە قابىلىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە ئىشقا سېلىش ئارقىلىق بەدىئىي ئىجادىيەت يارىتىپ، پۈتۈن دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بۈيۈك شائىر، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى، ھازىرغا قەدەر ئىلىم ئەھلى ئۈچۈن مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب دەل ئەلىشىر نەۋايى ئۆزىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى بارلىق ئەلگە
ئەگەر بىر قوۋم گەر يۈز، يوقسە مىڭدۇر،
مۇئەييەن تۈ*رك ئۇلۇسى خۇد مىنىڭدۇر.
(مەنىسى: بىرەر قوۋمنىڭ سانى نەچچە يۈز ياكى نەچچە مىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت تۈ*رك ئۇلۇسلا مېنىڭ نەسلىمدۇر.)
سەنەملەر ھۇسنىدىن مەقسۇد
يار ئولمىش نەۋايىگە:
ئەگەر بارلاس، ئەگەر تارخان،
ئەگەر ئارلات، ئەگەر سۇلدۇز.
(مەنىسى: بارلاس، تەرخان، ئارلات، سۇلدۇز قەبىلىلىرىمۇ نەۋايى ئۈچۈن گۈزەل ھۆسنلىك كۆرۈنىدۇ.)⑥
دەپ خىتاب قىلىپ، ئۆزىنى ئەينى ۋاقىتتا ياشاۋاتقان بارلىق تۈ*ركىي خەلقلەرنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ئىچىگە قويۇپ، مىللەت، دۆلەت، دىن، ئىرق ۋە تىل پەرقلىرىگە قارىماي، ئەسەر قەھرىمانلىرىنى خوتەندىن تاكى يۇنانغىچە بولغان تېررىتورىيەدىن تاللاپ ئېلىپ، ئەسىرىدە يارىتىلغان پېرسوناژلار ئۈستىگە شۇ خەلقلەرنىڭ بارلىق ئىدىيە-خاھىشلىرىنى، ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ۋە ئىنسانىي مۇھەببەت قاراشلىرىنى يۈكلەپ، ئورتاق بولغان تۇرمۇش كارتىنىسىنى يارىتىشقا كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشقانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. ئەمما، ئەلىشىر نەۋايى ئۆز مىللىتى ھەققىدە شەرتلىك ھالدا «تۈ*رك» دېگەن سۆزنى تىلغا ئالغان.
«‹تۈ*رك› دېگەن ئاتالغۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، مەھمۇد قەشقەرىمۇ ‹تۈ*رك› دېگەن نامغا تەبىر بەرگەن. بۇ نام بەزىدە يالغۇز بىر خەلق توپىنى كۆرسەتسە، بەزىدە ئېتىقاد، تىل ۋە ئۆرپ-ئادەتتە بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان بىرقانچە ئونلىغان قەبىلە، خەلقلەرنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى تارىخىي ئەسەرلەردە ‹تۈ*رك› دېگەن بۇ نام ئۇيغۇرلارنىمۇ بىلدۈرگەن.»⑦ شۇنداقلا «شەجەرەئى تۈ*رك» ناملىق كىتابتا، «ئوغۇزخاننىڭ بايانىدا تۈ*رك ئېلىدىن تۈ*رك دەپ ئاتالغان بەش ئۇرۇقنى ئېيتقانمىز. ئۇلار ئۇيغۇر، قىنىقلى، قىپچاق، قالاچ، قارلۇق.»⑧ دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ ۋە «ھۇدۇدۇلئالەم» (دۇنيانىڭ چېگرا-پاسىللىرى) ناملىق كىتابنىڭ توققۇز ئوغۇزلار ۋە قارلۇقلارنىڭ بايانلىرىدا «تۈ*ركلەرنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرى ئىچىدە بۇ دۆلەت ئەڭ چوڭ، تۈ*رك زېمىنى ئىچىدە ئەڭ گۈزەل ماكان»⑨ دەپ بايان قىلىنىپ، تۈ*ركىي مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ نامىغا «تۈ*رك، تۈ*رك زېمىنى» دېگەن ئاتالغۇنى قوللىنىلغانلىقىنى ۋە «تۈ*رك» سۆزىنىڭ ئورتاق ئۇقۇمغا ئىگە ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەپ بەرگەن. شۇڭا، ئەلىشىر نەۋايىمۇ ئۆزىنىڭ مىللەت نامىغا خەلققە ئەڭ چۈشىنىشلىك بولغان «تۈ*رك» سۆزىنى شەرتلىك يوسۇندا ئىشلەتكەن. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن مەسىلە ئايدىڭلاشمايدۇ. مەسىلىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئەلىشىر نەۋايى يۇرتنىڭ تارىخى، يۇرت تەۋەسىدىكى مىللەت تەركىبلىرى، ئىجادىيىتىنىڭ ھىمايىچىلىرى، سۆھبەتداشلىرى ۋە زامانداشلىرىنىڭ قالدۇرغان بەزى بايانلىرى، شۇنداقلا شۇ تېررىتورىيەدە قوللىنىلغان يېزىقنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرگە مۇراجىئەت قىلشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەلىشىر نەۋايى ياشىغان دەۋرلەرنىڭ ئالدى-كەينىدە خۇراسان، ماۋارائۇننەھر، قارلۇق دۆلىتى، ئوغۇزلار دۆلىتى، ياغمىلار دۆلىتى قاتارلىقلار باشقىلار تەرىپىدىن «تۈ*رك زېمىنى» دەپ ئاتىلاتتى. ⑩ تۈ*رك زېمىنىنىڭ تەركىبىدە خۇراسان دۆلىتىمۇ بار بولۇپ، 80 ئەتراپىدا شەھەر، رايون، كەنت ۋە قەلئەلەردىن تەركىب تاپقان.⑪ ھىرات شەھىرىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى خۇراساننىڭ مەركىزىي شەھىرى ۋە پايتەختى بولغان. ئەلىشىر نەۋايى دەل قەدىمىي شەھەر ھىراتتا تۇغۇلغان.
ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تۇغۇلغان شەھىرى ـ ھىراتنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. «زورو ئاستىر(zoroaster) دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى ‹ئاۋىستا›(A Vesta)دىكى ماتېرىياللاردا ۋە ‹ئالدىنقى خەن سۇلالىسى تارىخى›دىن تارتىپ يېزىلغان ھەر قايسى تارىخىي ماتېرىياللاردا ھىرات شەھىرى تىلغا ئېلىنغان. ھىرات خىلمۇخىل ناملار بىلەن ئاتالغان ۋە ھىرات شەھىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅵ ئەسىردىلا مەۋجۇت بولۇپ، شەر*ق-غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ تۈگۈنى بولغان.»⑫ ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار(840−1212) دەۋرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭىيىشكە باشلاپ، ھىراتقىمۇ كۆچۈپ بارغان. چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى چاغاتاي زامانلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خانلىقتىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، كۆچۈش تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان.
چىڭگىزخان (1206-يىلى تەختكە چىققان ۋە دۆلەت نامىنى موڭغۇل دەپ ئاتىغان) تەختكە چىققاندىن تارتىپ تاكى 1240-يىللار ئەتراپىدا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقان نايمان قەبىلىسىنى يوقاتقانغا قەدەر، موڭغۇللارنىڭ بىرلىككە كەلگەن يېزىقى بولمىغان. 1240-يىلى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان تاتاتۇڭا⑬ چىڭگىزخانغا بېقىنغاندىن كېيىن، «چىڭگىزخاننىڭ تامغىچىسى بولغان ھەمدە ئۇ(چىڭگىزخان)نىڭ پەرمانى بويىچە ‹شاھزادە ۋە ئوغلان تېكىنلەرگە ئۇيغۇر يېزىقىدا دۆلەت تىلىنى يېزىشنى ئۇگەت›كەن.»⑭ نەتىجىدە، «چىنا نۇيان باشقا بەگلەرگە ‹ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەت بەردى›»⑮ دېگەندەك چىڭگىزخاننىڭ ئەمىر-لەشكەرلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەت يازىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. بىلمەك كېرەككى، چىڭگىزخان خانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا خانلىق ئاستىدىمۇ ئۇيغۇرلار كۆپ ئىدى (بولمىسا ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەت ئالاقىسى قىلىش ھاجەت ئەمەس ئىدى). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»تەك داڭلىق ئەسەرلىرىنى چىڭگىزخان ئۇلۇسىغا ئېلىپ كىرىپ، ئەسەرنىڭ ئاساسىي روھىنى ئۇلار ئارىسىغا كەڭ يايغان. «چىڭگىزخان ئوردىسىدىكىلەر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹قۇتادغۇبىلىك› ئەسىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ، يېڭى قانۇن-ياساق تۈزۈپ چىققان»⑯. بۇ خىل ئەمىر-پەرمانلارنىڭ ھەممىسى چىڭگىزخان دەۋرىدە «ياساق» دەپ ئاتالغان بولسا، كېيىنكى تارىخىي مەنبەلەردە «‹موڭغۇل ياسىقى›، ‹چىڭگىزخان ياسىقى›، ‹چىڭگىزخان كىتابى›، ‹بىلىك ياساق›، ‹چىڭگىزخان قۇتادغۇبىلىكى› دېگەن ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتالغان.»⑰ ئۇيغۇرلار بۇ تەسىرى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن چىڭگىزخان خانلىقىدا خېلى كۆپ ئىززەتلەرگە ئېرىشكەن ۋە خاننىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىدىن بولۇپ قالغان ھەمدە چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشلارغا قاتناشقان. «چىڭگىزخان ئاتلىنىپ ماۋرائۇننەھر ئۈستىگە يۈرگەندە، باۋارچىق ئەيدىقۇت[1] لەشكەرلىرى بىلەن كېلىپ، يولدا چىڭگىزخانغا قوشۇلۇپ، ياخشى خىزمەت قىلغان.»⑱ «راشىددىدىن (1247−1318)نىڭ ‹جامئۇتتەۋارىخ› ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇن موڭغۇل قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە خۇراسان رايونىدىكى ئۇرۇشلارغا قاتناشقان. چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى چاغاتاي خان زامانىسىغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ زېمىنى ھازىرقى شىنجاڭ، پەرغانە ۋە بەدەخشاننىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە جەنۇبتا قۇندۇز ۋە بەلىخنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەسلەپتە يەنە خۇراساننى، غەربىي جەنۇبتا ھىرات بىلەن غەزنىۋى، جەنۇبتا يەنە موكرانغىچە بولغان جايلار ئىدى.»⑲ چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى جوچىخان، جوچىخاننىڭ بەشىنچى ئوغلى شەيبانىخان[2]، شەيبانخاننىڭ… ئەۋلادلىرى ئاتىسىدىن قالغان زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقاندا، قالماقلار بۇ زېمىندىكى ئەلنى قاتتىق قىردى. نايمانلار ئوردىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنىدى. بىراق، «بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرى يىغىلىپ ئوردا ئىشىكىگە كەلدى. ئاندىن خانىمغا كىشى ئەۋەتىپ، ئەلنىڭ بارچىسى كەتتى. بىزمۇ كەتمەكچىمىز، يەنە بىر سۆزىمىز شۇكى، خاننىڭ خوتۇنلىرى ۋە توقاللىرى كۆپ ئىدى. ئۇلارغا ياخشىراق قاراپ باقساق، ئەگەر بىرىنىڭ بويىدا بولسا كەتمەيلى، يىگىت بولغۇچە مۇشۇ يەردە ئولتۇرايلى دېدى. بۇ سۆزنى ئىشىتكەندىن كېيىن خانىم ‹ئۆزگىلىرىنىڭ بويىدا يوق. مېنىڭ ئۈچ ئايلىق بولغان بالام بويۇمدا بار› دېدى. بۇ سۆزنى ئىشىتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقى ئوردىدىن كەتمەي ئولتۇردى… خانىم ئالتە ئايدىن كېيىن بىر ئوغۇل تۇغدى. ئېتىنى يادىگەر قويدى… كېيىن تۆردە ئولتۇرغۇزدى.»⑳ ھەتتا ئۇيغۇرلار چىڭگىزخاننىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ زامانىسىدا ‹سۇلتاننىڭ ئاغزى، تىلى، تۆرىسىگە›[3] ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن خۇددى «فىرانسىيەنىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق جوڭگۇشۇناسى لۇئىس ھامبىس (1906-1978-يىللار) ئۆزىنىڭ 1966-يىلى نەشردىن چىققان ‹ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچىلەر› دېگەن ئەسىرىدە: ‹ئەگەر جۇڭگوشۇناسلىق تەتقىقاتى بولمىسا، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ تەتقىقاتى ئاساسىنى يوقىتىپ قويغان بولاتتى›»[21] دەپ ئېيتقىنىدەك، «‹يۈەن سۇلالىسى تارىخى› 63-جىلد، ‹غەربىي شىمالدىكى زېمىنلارنىڭ قوشۇمچە خاتىرىسى› (元史63卷西北地附录)دە بۈگۈنكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 35 شەھەرنىڭ ‹ئۇيغۇرلار يېرى› (畏兀儿地) دائىرىسىدىكى شەھەرلەر ئىكەنلىكىنى ئېنىق ۋە تەپسىلىي، بىر-بىرلەپ ساناپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ھىراتمۇ مۇشۇ شەھەرلەر تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەن»[22] لىكىدەك پاكىت ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.
چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا، ئۇيغۇرلار باشتىن-ئاخىر مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ، ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكلىرى بولغان ماۋرائۇننەھر، سەمەرقەنت، خۇراسان، بۇخارا، خاررەزم قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىگە باردى. ھەتتا ئولتۇراقلىشىپ قالدى (بولمىسا ئۇيغۇرنىڭ يېرى دەپ 35 شەھەر خاتىرلىنەمتى). ئەمما، چىڭگىزخاننىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى زىيادە ئەيش-ئىشرەت، بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللاندى. ئىقتىدارلىقلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئاز قىلدى، ئۆزئارا تەخت، شەھەر تالىشىپ بىھۇدە قانلارنى تۆكتى. شۇنىڭ بىلەن چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادلىرىغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئەمىر تېمۇر[4] ئاخىرى تاقەت قىلىپ تۇرالماي، قول ئاستىدىكىلەرنى تەشكىللەپ جەڭ قىلدى ۋە 1370-يىلى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ تەختتە ئولتۇردى.
ئەمىر تېمۇر تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن، چىڭگىزخان ئىگىلىگەن جايلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ، بويسۇندۇرۇش ۋە كېڭەيمىچىلىك پائالىيەتلىرىنى ئۈزۈكسىز ئېلىپ باردى. ئەمىر تېمۇر بىلەن «…ئەڭ ئۇلۇغ سەللىلىك ئەربابلار-سەيىدلەر[5]، ئالىملار، فەتىھلەر[6]، پەزىلەت ۋە بىلىم ئىگىلىرى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر باخشىلىرى ۋە پارس ئەدىبلىرى ساھىبقىران ئالىيلىرىغا سەپەردىمۇ، ئۆيدىمۇ ئۈزۈكسىز مۇلازىملىقتا بولغانىكەن. پەرمانغا مۇۋاپىق، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھى مۇنتىزىم رەۋىشتە تەقدىر تەقەززاسى بىلەن ئۇ ئالىيلىرىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە گەپ-سۆزلىرىدە، شۇنىڭدەك دۆلەت، مىللەت ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئەھۋالىدا قانداقلىكى گەپ بولسا، ھەممىسىنى ئېنىقلاپ، تەلتۆكۈس يېزىپ ماڭاتتى.» [23]
ساھىبقىران ئەمىر تېمۇر ئۇرۇشلار جەريانىدا ئىتائەت قىلغانلارنى ئىززەت–ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالدى. بوينى قاتتىقلارنى تىزلاندۇردى. پەزىلەت ئىگىلىرىگە تۆردىن ئورۇن بېرىپ ھۆرمىتىنى قىلدى. موڭغۇل، ئۇيغۇر… دەپ ئايرىپ ئولتۇرمىدى. ئۇلارنىڭ قابىلىيەتلىرىگە قاراپ، ۋەزىپىلەرنى تاپشۇردى. «سائادەتلىك ساھىبقىران كېش ۋە ئۇنىڭ ناھىيەلىرىنىڭ قوشۇنىنى توپلاپ سەمەرقەنتكە يول ئالدى. تامارچۇق ئۇيغۇر ۋە تاغايشاھنى دۆلەت بايلىقىنى يىغىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى پۇقرادىن توغرىلىق ئاساسىدا توپلاش ئۈچۈن كېش ۋىلايىتىدە قالدۇردى.»[24] ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مېڭىپ، كېڭەش پائالىيەتلىرىدە پىكىر قاتناشتۇرۇش ھوقوقلىرىدىن بەھرىمەن قىلدى.
ئەمىر تېمۇر ھاكىمىيەت تۇتقان زامانلاردا، ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسلىق مەركىزى تەدرىجىي خۇراسانغا قاراپ يۈزلەنگەنىدى. 1405-يىلى ئەمىر تېمۇر ۋاپات بولدى. 1407-يىلى شاھرۇخ مىرزا تەختكە چىقىپ، ھىراتنى پايتەخت قىلدى ۋە ئوغلىنى ماۋارئۇننەھىرنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەپ ھاكىمىيەتنى باشقۇردى. ئۇلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن يىللاردا، ھىراتتا ئەرەب، پارس ۋە تۈ*ركىي تىللىرىدىكى ھەرخىل مەدەنىيەت ئامىللىرى تەڭ مەۋجۇت ئىدى. بىراق، خان ۋە شاھزادىلەر ئىلىمگە ئىنتايىن ھېرىسمەن بولغاچقا، ھەر مىللەت ئىلىم ئىگىلىرىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلىدى ۋە ئۇلارنى خانلىقنىڭ يېقىن ئادەملىرى دەپ ھېسابلىدى. بۇ كىشىلەر قاتارىدا ئۇيغۇر كىشىلىرىدىن ئابدۇراخمان جامى ئۇستازى سەئىددىن كاشغەرىي، لۇتفى، سۇلتان مالىك كاشغەرىي، ئەھمەد ھاجىبەگ قاتارلىقلارمۇ ناھايىتى كۆپ ئىززەتلەرگە ئېرىشتى.
مەلۇمكى، ھىراتقا نۇرغۇنلىغان شائىرلار توپلىنىپ، ئانا تىلىدا ئەسەر يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيەتلىرىنى نامايان قىلىشقا ماھىر بولسىمۇ، بىراق ئۇلار خانلار ئىستېلا جەريانلىرىدا يات يۇرتلاردىن يىغقان ۋە كۆچمەن كىشىلەر ئۆزلىرى بىلەن ئېلىپ كەلگەن بەزى ماتېرىياللارنى رەتلەش، تەرجىمە قىلىش قاتارلىق خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى ھەمدە چىقالايدىغانلار ئاز بولدى. شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھنىڭ كۆپ تىللىق كىشىلەرگە ئېھتىياجى چۈشۈپ، يىغىن ۋە سۆھبەتلەردە ئەرەب تىلى، پارس تىلى، تۈ*رك تىلى قاتارلىقلارنىڭ ھۆددىسىدىن تەڭ چىقالايدىغان كىشىلەرنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلغان ھەمدە «بۇنداق كىشىلەر قەشقەردىن ئەڭ كۆپ تېپىلىدىغانلىقىدەك ئۇچۇرغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، قەشقەردىن بىر تۈ*ركۈم كىشىلەرنى يۆتكەپ كەتكەن. غىياسىدىن باخشىمۇ شۇ كىشىلەر قاتارىدا ھىراتقا بارغان.»[25] بۇ ھەقتە پىروفېسسور، تەتقىقاتچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىنمۇ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ناملىق كىتابىدا، «ئەلىشىر نەۋايى چىڭگىزخان ئىستېلاسىدا ۋەيران قىلىنغان، بىر قانچە ئون ئائىلە كىشىلىرى چۆلگە قېچىپ ئامان قالغانلىرىدىن باشقا پۈتۈنلەي قايتا بىنا قىلىنغان يېڭى ھىرات شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر خەتتات-باخشى زىيالىلىرىنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى.» [26] دەپ يازىدۇ. دېمەك، ئەلىشىر نەۋايى دەل چىڭگىزخان ياكى تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە بولسۇن، خانلارغا ئەگىشىپ ۋە ياكى ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقلىرى تۈپەيلىدىن ھىراتقا كۆچۈپ تۇرغان ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى. يەنى غىياسىدىن باخشىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئەمما، غىياسىدىن باخشى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات قالدۇرمىدى ھەم قالدۇرۇشىمۇ ئورۇنسىز ئىدى. ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ كەلگەن كەسىپ نامىنى بىلدۈرىدىغان «باخشى» سۆزى ھەممىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيتتى. چۈنكى پۈتۈكچىلىك، باخشىلىق ۋە دىۋانچىلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆپىنچە ھاللاردا ئۇيغۇرلار قىلاتتى. ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئى تۈ*رك» ناملىق ئەسىرىدىكى «ئۇيغۇر خەلقىدە تۈ*ركىي تىلى بىلەن ئوقۇغان كىشىلەر كۆپ ئىدى. دەپتەردارلىقنى، دىۋان ھېسابلىرىنى ياخشى بىلەتتى. چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرىنىڭ زامانىسىدا ماۋرائۇننەھىر، خۇراسان ۋە ئىراقتا دىۋانلار ۋە دەپتەردارلارنىڭ بارچىلىرى ئۇيغۇر ئىدى. خىتاينىڭ يۇرتلىرىدا ھەم چىڭگىزخان ئوغلانلىرى دىۋان ۋە دەپتەردارلارنى ئۇيغۇر خەلقىدىن قوياتتى.»[27] دېيىلگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندىمۇ، چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ دىۋان ۋە دەپتەردارلىقلىرىنى ئۇيغۇرلار قىلغان ئىدى. شۇنداقلا چىڭگىزخاننىڭ كىچىك ئىنىسى ئوتچىگىننىڭ پۈتۈكچىسىمۇ ساكىس[7] دېگەن ئۇيغۇر كىشى ئىدى. ئەمىر تېمۇرنىڭ باخشىلىق خىزمىتىنى دۆلەتشاھ باخشى ئۇيغۇر[8] ئۆز ئۈستىگە ئالدى ھەمدە «…ئەمىر تېمۇر(1369∕1368-يىللىرى) خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى تارتۇقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەمىرلىرىنى ھەرخىل ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىگەن چاغدا، دۆلەتشاھ باخشىنى دىۋان ئەمرى قىلىپ تەيىنلىدى.»[28]
تېمۇرىيلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى ھۈسەيىن بايقارا زامانىسىغا كەلگەندە، ھىراتنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغان. بۇ دەۋرلەردىمۇ «باخشى»لىق قاتارلىق ئىشلارنى غىياسىددىن باخشى قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئەلىشىر نەۋايى «ۋەقفىيە» ناملىق ئەسىرىدە، «ھۈسەيىن بايقارانىڭ ھاكىمىيىتىدە ‹تۆمۈرىي› نەسلىدىن بولغان شاھزادىلەر، ‹بارلاس› ئۇرۇقىدىن بولغان ئەمىرزادىلەر، ‹ئارلاتىي› ئىسىملىك رەئىسلەر، ‹تارخان› رەسىملىك دۆلەتمەنلەر، ‹قۇبات› نەسەبلىك نامدارلار، ‹قۇڭرات› ھەسەبلىك بەرقارارلار، ‹ئۇيغۇرىي› سۈپەتلىك باخشىلار، ‹ئۇيغۇر› مەرتىۋىلىك ياخشىلارنىڭ… سۈرەنلىرى مەۋجۇت ئىدى.»[29] دەپ بىر-بىرلەپ ساناپ ئۆتۈش ئارقىلىق، «باخشى»لىق ئىشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار قىلىپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ خىل رېئاللىقنى تېخىمۇ روشەن رەۋىشتە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. «ئۇيغۇر» ئىبارىسىنىڭ ئاخىرىغا «باخشى» سۆزىنى قوشۇشى ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئاتىسىنىڭ كەسپىگە بولغان ھۆرمىتى ۋە نەسەبىگە باسقان تامغىسى ئىدى. بىراق، ئەلىشىر نەۋايى تىل جەھەتتە ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۈ*ركىي تىلى بىلەن ئەسەر يېزىپ، ئەسەر پېرسوناژلىرىنىڭ بەزىلىرىنى خوتەنگە باغلاپ، دادىسىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن تارتىپ، «باخشى»لىق كەسپىگە ماھىر ۋە ئۇنى ئۇزۈلدۈرمەي كەلگەنلىكىدەك بېشارەتلەر ئارقىلىق مىللەت تەۋەلىكىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى يەنىلا ھەل بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەلىشىر نەۋايىدىن كېيىن ياشىغان مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگان (1499-يىلى تۇغۇلغان) ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، ئۆزىنىڭ «تارىخى رەشىدى» (1541-يىلىدىن 1546-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان) ناملىق ئەسىرىدە «ئەمىر ئەلىشىرنىڭ ئەسلىي ئۇيغۇرنىڭ باخشىلىرىدىندۇر. ئاتىسىنى ‹كىچىككىنە باخشى› دەپ ئاتايتتى، ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئىدى. ئەمىر ئەلىشىرنىڭ سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىلەن كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ دوستلۇق ئالاقىسى بار ئىدى.»[30] دېگەن باياننى يېزىپ، غىياسىدىن باخشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل خەلقلەرگە بىلدۈرۈپ ئۆتتى. تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق سۈپىتىدە يازغان خىتابنامىسى ئىدى.
خۇلاسىلىگەندە، ئەلىشىر نەۋايىنى تۈ*ركىي خەلقلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل دۇنيا خەلقنىڭ ئورتاق شائىرى دېسەك تامامەن بولىدۇ. ئەمما، ئايرىم مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭلا شائىرى دەپ تۇرۇۋېلىشى، تارىخىي پاكىت ۋە ئىلمىيلىككە خىلاپتۇر. ئەگەر ئۇنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى ئىنچىكىلەپ سۈرۈشتۈرگەندە، «تارىخى رەشىدى»دىكى پاكىت ۋە نەۋايىنىڭ ئاتا كەسپىنىڭ نامىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇردىن باشقا ھەرقانداق مىللەت شائىرى دېيىش ئىلمىي تەتقىقات ئەخلاقىغا مۇناسىپ ئەمەستۇر.
ئىزاھاتلار ۋە پايدىلانمىلار:
[1] ئۇيغۇرلار كىم تۆرە بولسا ئۇنى ‹ئەيدىقۇت›دەپ ئاتايتتى. مەنىسى موغۇل تىلىدا دۆلەتلىك دېگەنلىكتۇر. (ئەبۇلغازى باھادىرخان: «شەجەرەئى تۈ*رك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 1-ئاي 1-نەشرى، 34-، 75-بەتلەردە بىرقەدەر تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.)
[2] بۇ يەردىكى 1501-يىلى ئۆزبېكلەرنى باشلاپ ئەمىر تېمۇر ئەۋلادلىرىنى مەغلۇپ قىلغان شەيبانخان ئەمەس.
[3] ئەبۇلغازى باھادىرخان: «شەجەرەئى تۈ*رك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 1-ئاي، 221-بەت.
[4] ئەمىر تېمۇر−تۆمۈرلەڭ (ئاقساق تۆمۈر) دەپ ئاتىلىدۇ. 1336-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ماۋرەئۇننەھردىكى كەشتە (ھازىرقى سەبز شەھىرى) تۇغۇلغان. تۆمۈرلەڭنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۇنى چىڭگىزخاننىڭ بىر سەپدىشىنىڭ ئەۋلادى دەپمۇ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە تۆمۈرلەڭ تۈ*رك، موڭغۇل ئەمەس.
[5] سەيىد−(1) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەنسۇپ كىشى. (2) سائادەتلىك، بەختلىك، بەختىيار. (3) خوجىلار.
[6] فەتىھ-ئىسلام قانۇنى ئۆلىماسى.
[7] ئەركىن شېرىپ تەرجىمە قىلغان: «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىل 1-ئاي، 1-نەشرى، 8-بەت.
[8] شەرەفىددىن ئەلى يەزدى: «زەپەرنامە» (ئۆزبېكچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: توختى ھاجى تىللا)، مىللەتلەر نەشرىياتى (بېيجىڭ)، 2007-يىل 9-ئاي، 1-نەشرى، 228-بەت.
① مىركەرىم ئاسىم: «زۇلمەت ئىچىدە نۇر»، «بۇلاق» ژۇرنىلى، 2006-يىللىق 5-سان، 111-بەت.
② يازغۇچى قۇربان بارات بىلەن ئەلىشىر ھەققىدىكى سۆھبەت خاتىرەمدىن (ئۇستاز قۇربان بارات 1991-يىلى ئۆزبېكىستاندا ئېچىلغان «ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 550-يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى»دىن بىلگەن.
③ ئەزىز قەيىموۋ: «ئەلىشىر ناۋايى» (ئۆزبېكچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: توختى ئابىخان، ئابدۇلھەي ئابدۇزاھىر)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993-يىل 3-ئاي 1-نەشرى، 8-بەت.
④ ئىمىن تۇرسۇن: «ئەلىشىر ناۋايىنىڭ بۈيۈك تۆھپىسى»، «تارىم» ژۇرنىلى، 1991-يىل 10-سان، 141-بەت.
⑤ ئەلىشىر نەۋايى: «مەجالىسۇن-نەفائىس» (ئابدۇرىشىت ئىسلام، ئابدۇمىجىت قۇربان نەشرگە تەييارلىغان)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994-يىل10-ئاي 1-نەشرى، 349-بەت.
⑥ قادىر ئەكبەر: «نەۋايىنىڭ ھاياتى ۋە ۋاپاتىدىن كېيىن مەقبەرىسىنىڭ تىكلىنىشى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى، 2006-يىللىق 4-سان، 70-بەت.
⑦ مەخمۇت زەيىدى: «ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىن تەرمىلەر»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1988-يىل 12-ئاي نەشرى، 3-بەت.
⑧ ئەبۇلغازى باھادىرخان: «شەجەرەئى تۈ*رك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 1-ئاي، 31-بەت.
⑨⑩⑪ ئابلەت نۇردۇن (قۇرىغار) تۈزگەن: «ھۇدۇدۇلئالەم» (دۇنيانىڭ چېگرا-پاسىللىرى)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2003-يىلى 12-ئاي، 116-، 123-بەتلەر.
⑫ غەيرەتجان ئوسمان: «قەدىمى شەھەر ھىرات ۋە ئۇيغۇرلار»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1987-يىللىق 3-سان.
⑬ تاتاتۇڭا− «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى»دا «تاتاتۇڭا ئۇيغۇردۇر. ئاقىل، ناتىق، ئۆز ئېلىنىڭ تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ئادەم. نايمان خانى تايان خاقان ئۇنى قەدىرلەپ ئۆزىگە ئۇستاز قىلغان. ئالتۇن مۆھۈر ۋە مالىيە، ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان…» چىڭگىزخان نايمان خانلىقىنى مەغلۇپ قىلىپ تاتاتۇڭانى قولغا ئالغاندا، چىڭگىزخان: «تاياننىڭ خەلقى، ۋەتىنى ھەممىسى ماڭا قالدى. سىز تامغىنى ئېلىپ قېچىپ نېمە قىلماقچى؟» دەپ سورىغاندا، تاتاتۇڭا: «مۆھۈرنى ئۆلگىچە ساقلاش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم. ئۇنى ئۆز خوجايىنىمغا تاپشۇرىمەن. باشقىلارغا بېرىشكە ھەققىم يوق!» دەپ جاۋاب بەرگەن. چىڭگىزخان تاتاتۇڭانى ساداقەتمەن ئادەم ئىكەن، دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ قولىدىكى ئالتۇن مۆھۈرىگە قىزىقىپ، ئونىڭدىن: «تامغىنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟» دەپ سورىغان. تاتاتۇڭا: «پۇل ۋە ئاشلىقنى كىرىم-چىقىم قىلغاندا، كىشىلەرنى خىزمەتكە تەيىنلىگەندە ھەم ئىش ئورۇندىلىپ بولغاندا، ئىشەنچلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئاڭلىغاندا پۈتۈككە مۆھۈر باسماي بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. چىڭگىزخان تاتاتۇڭانىڭ ساداقەتمەنلىكى ۋە قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ... ھەمدە يەنە تاتاتۇڭادىن: «سىز ئۆز ئېلىڭىزنىڭ تىل-يېزىقىنى ياخشى بىلەمسىز؟» دەپ سورىغاندا، تاتاتۇڭا: «بىلىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، چىڭگىزخان تاتاتۇڭاغا ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇللارنىڭ شاھزادە، بەگزادىلىرىگە ئۆگىتىشكە بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا خان جەمەتىگە تەلىم-تەربىيە بېرىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى تاپشۇرىدۇ... شۇنىڭ بىلەن، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا موڭغۇل يېزىقى ئىجاد قىلىنىدۇ. ـ ئابلىز مۇھەممەت سايرامى، ئابدۇرازاق توختى: «يۈەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1991-يىل 9-ئاي 1-نەشرى، 118-، 119-بەتلەر.
⑭ ئەركىن شېرىپ تەرجىمە قىلغان: «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىل 1-ئاي، 1-نەشرى، 2-بەت.
⑮ ئەبۇلغازى باھادىرخان: «شەجەرەئى تۈ*رك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 1-ئاي، 103-بەت.
⑯ غەيرەتجان ئوسمان: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تېزىس»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1987-يىل 12-ئاي 1-نەشرى، 87-بەت.
⑰ غەيرەتجان ئوسمان: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى(2)»، ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى، 331-بەت.
⑱ ئەبۇلغازى باھادىرخان: «شەجەرەئى تۈ*رك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 1-ئاي، 35-بەت.
⑲ ۋاڭ جىلەي: «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى»(2)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىل 1-ئاي 1-نەشرى، 225–بەت.
[27]⑳ ئەبۇلغازى باھادىرخان: «شەجەرەئى تۈ*رك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 1-ئاي، 163-، 164-، 35-بەتلەر.
[21] سىماچيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر» (ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987-يىل 9-ئاي نەشرى، 1-بەت.
[22] غەيرەتجان ئوسمان: «قەدىمى شەھەر ھىرات ۋە ئۇيغۇرلار»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1987-يىللىق 3-سان.
[28] [24] [23] شەرەفىددىن ئەلى يەزدى: «زەپەرنامە» (ئۆزبېكچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: توختى ھاجى تىللا)، مىللەتلەر نەشرىياتى (بېيجىڭ)، 2007-يىل 9-ئاي، 1-نەشرى، 37-، 183-، 35-بەتلەر.
[25] يازغۇچى قۇربان بارات بىلەن ئەلىشىر ھەققىدىكى سۆھبەت خاتىرەمدىن: ئۇستاز قۇربان بارات «ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 550-يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭغا بارغاندا، گېڭ شىمىن ئەپەندى بىلەن غىياسىدىن باخشىنىڭ شاخرۇخ مىرزا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن يىللاردا، ھىراتقا بارغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلاشقان. شۇنداقلا گېڭ شىمىن ئەپەندى نەۋايىنىڭ ئانىسى توغرىسىدىمۇ ئىزدەنگەنلىكىنى ھەمدە ئۇيغۇر ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇم پاكىتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان.
[26] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى، 246-بەت.
[29] مۇھەممەتتۇردى مىرزىئەخمەت تۈزگەن: «ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىلى 11-ئاي 1-نەشرى، 222-بەت.
[30] مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگان (مۇھەممەتتۇردى مىرزىئەخمەت نەشرگە تەييارلىغان): «تارىخى رەشىدى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىل 7-ئاي نەشرى، 431-بەت.
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


浅析心灵畅想者的族属问题
阿布都热合曼•吐合提,吾布力咯斯木•买买提
[摘  要]纳瓦依是属于突厥语系民族的重要诗人,是维吾尔文学史和思想史上最负盛名的卓越代表。因此,诸多学者和研究者对纳瓦依的族属问题提出了不一致的看法。本文通过叙述察合台、帖木儿统治时期的维吾尔族人的历史地位,阐述了本人对纳瓦依族属问题的一些看法。
[关键词]艾里希尔•纳瓦依;族属问题;纳瓦依的族属

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-24 20:01  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 643
تۆھپە : 5
توردا: 169
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 20:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت، يۇقارقى ماقالىنى ساقلىۋالدىم!

bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1279
تۆھپە : 32
توردا: 372
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-29

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 23:22:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      دىتى بار ئادەمگە ياراملىق قاشتېشى ئۇچرىغاندەك، ئابدۇرېھىم مۇئەللىمگىمۇ ياخشى-ياخشى ماقالىلەر كېلىپ تۇرىدۇ-ھە. مۇئەللىم ناۋايىنىڭ نەسەبى مەسىلىسى خېلى كۆپ كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىدى. دېمەك، بۇنىڭغا كۆپچىلىك قىزىقىدۇ. سىزنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ياخشى ئەسەرنى كۆپچىلىككە تەقدىم قىلغانلىقىڭىزدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم. سىزگە كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 2388
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 7604
تۆھپە : 10
توردا: 698
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 09:47:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزلان يوللىغان ۋاقتى  2012-5-24 20:29
ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت، يۇقارقى ماقال ...


ئۇكام بوزلان، بۇ ماقالىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەندەك قىلىسىز. مېنىڭچە، نەۋايىنىڭ نەسەبى توغرىسىدىكى ئەڭ كەڭ پاكىت بىلەن ئەڭ ياخىشى يورۇتۇلغان ماقالە بۇ. رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 09:47  


قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1097
تۆھپە : 3
توردا: 209
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-30

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 11:10:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالە ئىكەن.

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 2388
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 7604
تۆھپە : 10
توردا: 698
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 15:45:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagyar يوللىغان ۋاقتى  2012-5-24 23:22
دىتى بار ئادەمگە ياراملىق قاشتېشى ئۇچرىغاندەك، ئاب ...

توغرا دەيسىز ئۇكام بەگيار، بۇ ماقلالە ھەقىقەتەن ئېسىل ماقالە، ھەممىمىز بىر قېتىم ئويدىغان ۋە ساقلاپ قويدىغان ماقالە...

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 2388
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 7604
تۆھپە : 10
توردا: 698
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 11:32:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rasheed يوللىغان ۋاقتى  2012-5-25 11:10
ياخشى ماقالە ئىكەن.

  ئۇكام راشىد، شۇنداق. بۇ بەك ئېسىل ماقالە.

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش