دائىملىق ئەزا
زوردۇن ئىمىر
زوردۇن ئىمىر 1953- يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام بازىرىدا تۇغۇلغان بۇلۇپ 1970- يىلى خىزمەتكە قاتناشقان،ھازىر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك باي ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى 1980- يىلى يانۋاردا ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچەھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 1500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، «خاڭچى ناخشىسى»«سەھرا سۆيگۈسى» «قۇتلۇقلايمەن ئاتمىش يېشىڭنى» «يېزا مۇھەببىتى»«ھايات قىسسىسى»«ئانا يۇرت ئوغلى»قاتارلىق داستانلىرى ئېلان قىلىنغان،1996- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن«مەيىن سابا»ناملىق(باشقىلار بىلەن بىرلىكتە) 2008- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن«سەھرادىكى چىغىر يول» ناملىق (ئىككى توملۇق) شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان،«ئارزۇ بوستانى«تارىم ناۋاسى»«سۆيگۈ» «سىنى ئۇنتالمايمەن» «غايىپ بولغان قەھرىمان» قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا ۋە قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان«ئارزۇ بوستانى» ناملىق تەخمىسلەر توپلىمىغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن،بىر قىسىم ئەسەرلىرى مۇكاپاتلانغان. «سەھرادىكى چىغىر يول» ناملىق (ئىككى توملۇق) شېئىرلار توپلىمى ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇيچە 2008-يىللق <<ئون بىر يۇرۇق نۇقتا>> قۇلۇشىدىكى <<بىر ياخشى كىتاپ>>مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە بىر قىسىم ئەسەرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان .ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر جەمىيىتىڭ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.باي ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
جابدۇق ئىشلىتىش پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن
ئاكتىپلىق بىلەن تېما يوللىغۇچى
تۈرلۈك مۇنازىرىلەرگە قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقۇچى