يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 874|ئىنكاس: 13

«مىكرو خەت»نى ئاڭلاپ باققانمىدىڭىز؟- تۇردى لېتپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   
                  «مىكرو خەت» (微信) نى ئاڭلاپ باققانمىدىڭىز؟

                                                         تۇردى لېتىپ

قاچانكى ئالما شىركىتىنىڭ يانفونلىرى بازارغا سېلىنغاندىن تارتىپ، ئۇچۇر ئىلمى مەھسۇلاتلىرىغا ئىنقىلاپ ئېلىپ كەلدى. ئەنئەنىۋى ئۇسۇل، ئەنئەنىۋى تەپەككۇردىكى ئۇچۇر ئىلمى مەھسۇلاتلىرىنىڭ زامانى ئۆتتى. ئالما شىركىتى كومپيۇتېرنى مۇنداق ئىشلىسىمۇ بولىدۇ- دەپ، ئۇنىڭ سەپلىمىسىدىكى بىر تالاي تالاش-تارتىشلارنى بىراقلا يوق قىلغاندىن سىرت، يەنە ئۇنىڭدا بار بولۇشقا تېگىشلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆچۈرۈلىشى ۋە قاچىلىنىشىنى بىر يولىلا ئاسانلاشتۇرىۋەتتى. كومپيۇتېر ئۆگەنگۈچىلەرگە  ھەممە ئىشنى بىرلا كۇنۇپكا بىلەن ھەل قىلغىلى بولۇشتەك ئاددىي مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى. كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر يۆلىنىشىنىمۇ بۇرۇنقى چىگىش، مۇرەككەپ جەريانلىق ئىزدىنىشلەرنى ئاددىي، كېسىپلا ھەل قىلىشتەك يېڭىچە ئۇسۇلغا باشلاپ كىردى. ئالما باشلاپ بەرگەن بۇ دولقۇنغا ماسلىشىش ئۈچۈن مۇشۇ ساھەدىكى بارلىق شىركەت-كارخانىلار بەس- بەستە يېڭىچە چىقىش يولى ئىزدەشكە باشلىدى. بىر قىسىملىرى ئالما شىركىتى بىلەن رىقابەتلىشىپ بېقىپ يېڭىلدى. پەد كومپيۇتېرلىرىنىڭ سېتىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن قىلىنىدىغان ساپسىز پايدىدا ئالما شىركىتىنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمىدى. شۆھبىسىزكى ئالما شىركىتى مۇشۇ ساھەدە بايراقدار ئورۇنغا ئۆتۈپ بولدى.
ئالما شىركىتى باشلاپ بەرگەن بۇ باشلىنىشقا ھەمقەدەملىشىپ كەلگەن شىركەتلەرنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى. مەسىلەن، شىنلاڭنىڭ مىكرو بىلوگى جۇڭگونى بىر ئالدى. قاپلىنىش دەرىجىسى تېڭشۈننىڭ كيۇ كيۇ سىدىن ئېشىپ كەتتى.
تېڭشۈنمۇ قاراپ تۇرسا بولمايتتى-دە، ئۇ «مىكرو بىلوگ»دا ھەل بولۇنمىغان ئىشتىن بىرنى قىلدى، بۇ دەل بىز تېمىدا تىلغا ئالغان «مىكرو خەت» ئىدى. «مىكرو خەت» نىڭ ئالاھىدىلىكى ئاۋازنى ساقلاپ قويۇپ، قارشى تەرەپنىڭ قاچانكى ئاڭلىغۇسى كەلسە شۇ چاغدا قويۇپ ئاڭلىۋېلىشى ئىدى. بۇ خۇددى كيو كيودىكى قارشى تەرەپنىڭ ۋاقتىنى كۈتمەستىن خەت قالدۇرغانغا ئوخشاش ئىش بولۇپ، پەقەت بۇنىڭدا يېزىقچە خەت ئاۋازغا ئۆزگەرگەن ئىدى. شۇنداقلا ئەلۋەتتە بۇرۇنقىدەك خەتلىك ئۇچۇرنى يوللاشقىمۇ بولاتتى.
خەتلىك ئۇچۇرغا قارىغاندا قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىدا ئۆز پېتى كەلگەن ئۇچۇر يېقىشلىق بوللاتتى. خۇددى يىراقتىكى ئادەم كۆز ئالدىدىلا ئۇنىڭغا بىر قانداق گەپلىرىنى دەۋاتقاندەك ئاڭلىناتتى. شۇنداقلا كۆڭۈل ئويىنى خەتكە ئايلاندۇرۇپ يېزىشنىڭ ھاجىتى قالمايۋاتاتتى. قولى مەلۇم ئىشتا مەسىلەن، رولدا ياكى خىزمەتتە بولغان چاغلاردا بۇنداق قارشى تەرەپكە بىرلا كۇنۇپكىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاش ۋە بىرلا كۇنۇپكىنى بېسىپ قارشى تەرەپنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاش ھەقىقەتەن كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى. يەنە كېلىپ بۇنداق ئالاقە بۇرۇنقى كيۇ كيۇ ئالاقىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، كيۇ كيۇ نومۇرى بارلا ئادەم پەقەت «مىكرو خەت» نى قوللايدىغان يانفون ئىشلەتسىلا بۇ ئىش ھەل بولاتتى. بۇنىڭدا ئۇچۇرنى خەتكە ئايلاندۇرۇپ يېزىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقتىن ئۇيغۇرچە يېزىقنى قوللاش قوللىماسلىقى بىلەن ئويلۇشۇشنىڭ ھاجىتى قالمىغاندەك قىلاتتى.
بۈگۈنكىدەك ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىغا يانفون چىقىپ، ھەر كىم يانفونىنىڭ داۋاملىق سايراپ كېتىشىدىن بىزار بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە گېپى بولسا ساقلاپ قويۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ۋاقتى بولغاندا ئاڭلىۋېلىشىنى كۈتىشى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقا كۆپ پايدىلىق ئىدى. خەتكە قارىغاندا قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى بىۋاسىتە ئاڭلاش كىشىگە باشقىچە يېقىنچىلىق تۇيغۇسى بېرەتتى. شۇنداقلا ئىلگىرىكىدەك كيۇ كيۇدا سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ ساختا قىياپەتتە قارشى تەرەپنى گەپكە سېلىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەۋاتاتتى. ئەلۋەتتە، مىكرو بىلوگدىكىدەك قارشى تەرەپكە يېقىشلىق گەپ قىلمىسىڭىز قارشى تەرەپنىڭ سىزنى ھەر دائىم تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىشىگە، ھەتتا قارا تىزىملىككە قوشۇۋېتىپ شۇ كىشى بىلەن ئىككىنچى ئالاقە قىلالمايدىغان قىلىۋېتىشكە ھەم مۇمكىن بولىۋاتاتتى. مانا بۇ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھازىرقى زامان پەن- تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە يەنە بىر نۆۋەت قۇلايلىقلىشىشى ۋە قېلىپلىشىشى ئىدى.
ئەلۋەتتە بۇنىڭغا رىقابەت بولالايدىغان مەھسۇلاتلاردىن يەنە جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ ئۇچار خەت(飞信) ۋە يەنە قانداقتۇر ئۇچار پاراڭلىشىش (飞聊) لار بار بولۇپ، ئۇلار ھەر بىر پاراڭلىشىشقا بۇرۇنقى قىسقا ئۇچۇر يوللىغاندىكىدەك تېلېفون ھەققى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. لېكىن تېڭشۈننىڭ بۇ مىكرو خېتى بۇرۇنقى كيۇ كيۇنىڭ ئىقتىدار كۆتۈرۈلىشى بولۇپ، يانفون ھەققى ۋاقىتقا قاراپ ئەمەس، تور ئۇلىنىش ئۇچۇر ئاقما مىقدارىغا قاراپ بەلگىنىلىدۇ. ناۋادا مۇئامىلىدار ئايلىق ئۇچۇر ئاقما مىقدارىنى 6 يۈەنلىك ئۆلچەم بىلەن بەلگىلىۋالغان بولسا، بارلىق ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاشلار مۇشۇ ھەقنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. شۇڭا تولىمۇ ئەرزان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى ھەر بىر يېڭى كەشپىيات تۈپ يىلتىزىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانلارغا يەنىمۇ قولايلىق ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ يامان تەرىپىنىلا كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۆز يېنىدىن نېرى تۇرۇشىنى ئارزۇلايدۇ. لېكىن ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن چوقۇم پايدىلىنىشقا، بىلىشكە تېگىشلىك زۆرۈر دەرسلىك بولۇپ قالدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ قوبۇللاش قوبۇللىماسلىقى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي ھامان بىر كۈنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇن بىلىپ قويساق شۇ ئىشلار ئالدىمىزغا ئۇچرىغاندا، ئۇ بىزنىڭ ئىشىمىزنىڭ ئېقىشىغا بىر بالداق پايدىسى بولىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، يولىمىزغا توساق بولۇپ، بىزنى كۆرمىگەن مۇشكىلاتلارغا دۇچار قىلىشى تامامەن مۇمكىن.
ئۇنداق بولسا ھازىرلا يانفۇنىڭىزنى چىقىرىپ، «مىكرو خەت» (微信) نى ئېچىڭ، ئەگەر يانفونىڭىزدا تېخىچە بۇنداق ئىقتىدار يوق بولسا بار قىلىشنىڭ ئامالىنى قىلىڭ،  كيۇ كيۇ نومۇرىڭىز ئارقىلىق مىكرو خەتكە قېتىلىڭ ۋە مېنى (吐尔地-IZGU) قوشۇپ،  ئاۋازلىق خەت يوللاڭ، مانا مەن سىز ئۈچۈن ھەر دائىم تەييار.

شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2012-يىلى 23- ماي



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-23 19:59:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئايفون ئىشلەتكەندىن بىرى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ماس قەدەم ئالاقە قۇرالى بۇ. مىكرو خەتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئەگەر سىزمۇ ئالما يانفونى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ياكى ئەقلىي تېلېفونىڭىز ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللايدىغان تېلېفون بولسا بۇ مىكرو خەتتىن پايدىلىنىپ ئانا يېزىقىڭىز - ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا پاراڭلىشالايسىز. گەرچە تىڭشۈننىڭ باشقا ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇر يېزىقىنى يەكلىسىمۇ ماۋۇ مىكرو خەت ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ.

ۋاقتى: 2012-5-23 20:17:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم-پەن ئۇچۇرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن بۇرادەر،سىھھەت-سالامەتلىك يار بولغاي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شىرئەلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-23 20:17  


ۋاقتى: 2012-5-23 20:40:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا مۇشۇ مىكرو خەتنىڭ كومپىيوتېر نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يوللاپ قويغان بولساڭلار...

ۋاقتى: 2012-5-23 20:58:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساباھى يوللىغان ۋاقتى  2012-5-23 20:40
بولسا مۇشۇ مىكرو خەتنىڭ كومپىيوتېر نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش  ...

مەن مىكرۇ خەتنىڭ كومپىيۇتېر نۇسخىسى بارلىغىنى بىلمەيدىكەنمەن.بىلىدىغىنىم پەقەتلا ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفۇن قوللايدىغان مىكرۇ خەت.
مەنمۇ مىكرۇ خەت قورالىنى ئىشلىتىۋاتقىلى يىلچە بولغان ،ئەمما يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بېرى ئىشلەتمەس بولدۇم.ھەقىقەتەن قولايلىق بولمىسا.............
بۇ ئادەتتىكى تۇرمۇش ، خىزمەتتە تور(چ چ)ۋە باشقا تەرەپلەردىكى  ئالاقىسى ھەددىدىن زىيادە كۆپ كىشىلەرگە بەك ماس كېلىدۇ .قېنى سىناپ بېقىڭلار.......

ۋاقتى: 2012-5-23 22:33:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساباھى يوللىغان ۋاقتى  2012-5-23 20:40
بولسا مۇشۇ مىكرو خەتنىڭ كومپىيوتېر نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش  ...

مىكرو خەتنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى يوق.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-24 00:40:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چچ717695331  مۇشۇنى قوشۇڭ مەن بار

ۋاقتى: 2012-5-24 04:36:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكرو خەت 微信  دا- ئاۋازلىق ئۇچۇر ۋە يېزىق ئەۋەتىلىپلا قالماستىن،
تېلغونىڭىزدا بار بولغان رەسىمنى ياكى قىسقا سىنئالغۇلارنىمۇ ئەۋەتكىلى بولىدۇ.

بەزى ماتىرىياللارنى ياكى خەتنى رەسىمگە تارتىۋىلىپ، قارشى تەرەپكە ئەۋەتكىلى بولىدۇ...
پايدىلىنىشچانلىقى ھەقىقەتەن بەكمۇ قولايلىق ۋە قوللىنىشچان.

   مەن ئادەتتە، ئائىلەم ۋە يىقىن دوستلىرىم بىلەن- مىكرو خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   =intizar= تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-24 04:40  


ۋاقتى: 2012-5-24 07:34:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى ھەپتىلەردىكى بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە مىكروخەتنىڭ جۇڭگودىكى ئابۇنتىنىڭ QQ نىڭ ئابۇنت سانىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. شۇ سەۋەبتىنمۇ تىڭشۈن شىركىتى مىكروخەت ئالاقە قورالىغا تېخىمۇ كۈچەۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2012-5-24 09:53:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكرو ئۇچۇر ھەقىيقەتەن قۇلايلىق .قوللىنىشچان تىمىلار بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت.

ۋاقتى: 2012-5-24 10:42:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇردى لېتىپنىڭ يازمىللىرىنى ئوقۇغىلى ئامراق، چۈنكى ئۇنىڭ ھەر بىر يازمىسىدىن بىر يېڭى ئۇچۇرغا، يېڭى بىلىمگە ئىگە بولىمەن.
  سالامەت بولۇڭ تۇردى ئەپەندى، ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ روناق تاپسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-24 17:45:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىلىرىم تورداشلارنىڭ دىتىغا ياققان بولسا مەن داۋاملىق يېزىپ تۇرۇشقا تىرىشىمەن. مۇمكىن قەدەر يېڭىلىقلاردىن مۇشۇنداق قىسقا، مەزمۇنلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرىمەن. ھەممىمىز ئالدىراش، بىۋاسىتە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغان ئۇزۇن ئۇزۇن تېمىلارنى توللۇق كۆرۈشكە ۋاقتىمىز يەتمەي قالىدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق قىسقا يازىمەن، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرغىنىغا رەخمەت.
ئەگەر مەن ۋە مەن روياپقا چىقارغان ئىزگۈ شىركىتىگە قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى تېمىدا بولسۇن
forum.php?mod=viewthread&tid=482
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-24 17:59  


ۋاقتى: 2012-5-24 19:18:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكرو خەت دېمەي، مىكرو ئۇچۇر دەيلى. بۇ ھەقىقەتەن قولايلىق ئۇچۇر شەكلى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش