ئىلىم ئەھلىلىرى نورۇز ئىلىم چېيىدا
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخرلىك ئوغلانى، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ تەشەببۇسى، ئۈرۈمچى ئوسمانىيە چاي-تائاملار رېستۇرانىنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك نورۇز ئىلىم چېيى 21 - مارت چۈشتە ئۈرۈمچى ئوسمانىيە چاي-تائاملار سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. تەبىئەت بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى ئىلىم چېيىغا جامائەت ئەربابى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇدىرى مىجىت ناسىر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فېلېلوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى ئوسمان ئىسمايىل تارىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە ئاسپىرانىت يېتەكچىسى، غەربىي شىمال ئازسانلىق مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئىقتىسادشۇناس ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ماتېماتىكا پەنلىرى دوكتورى ئابدۇرىشىت ئابدۇۋەلى، مالايسىيا مالدېمىدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ پەنلىرى دوكتورى، تەتقىقاتچى ھاجى ئۆمەر رەھىم ئوغلان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ھەم مەسئۇلى ئالىم ئەھەت، ئاتاقلىق شائىر ئادىل تۇنىياز، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى، بوكس چېمپىيونى ئەكرەم ئىسھاق، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەرجان ئەسەت باغداش، «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى، ئىلىم چېيىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ھەم بۈگۈنكى نورۇز ئىلىم چېيىنىڭ رىياسەتچىسى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۈيەر، «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى تاھىر خالىق قاتارلىق مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى. ئىلىم چېيىدا، زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىم ئۇيغۇرلاردىكى كوللىكتىپ جامائەت رىشتى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نۆۋەتتكى مۇقەددەس بۇرچى ھەم مەسئۇلىيىتى، زىيالىيلار ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقى، بىرقىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا يامراۋاتقان « مەشھورلۇق كېسىلى»، «ئۆز-ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش كېسىلى» ۋە ئۇنىڭ ئاۋامغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىك ئاقىۋىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا، مىجىت ناسىر ئاكا سەمىمىيلىكنىڭ بىر ئىنساننىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى ئىكەنكىنى، بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە تىرىشچانلىقنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا، ئۇستاز ئوسمان ئىسمايىل تارىم نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ تارىخى ۋە بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈشنىڭ قىممىتى ھەم ئەھمىيىتى توغرىسىدا، ماتېماتىكا پەنلىرى دوكتورى ئابدۇرىشىت ئابدۇۋەلى مۇئەللىم بۈگۈنكى ئىلىم -پەن يېڭىلىقلىرىنىڭ يۈزلىنىشى، بولۇپمۇ ياپونىيەنىڭ ئىلغار كارخانا باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە كارخانا مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى زىيالىيلار بىلەن تەبئىي پەن ساھەسىدىكى زىيالىيلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا، ئۇستاز ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن مۇئەللىم ئىلىم-مەرىپەتنىڭ مۇھىملىقى، بولۇپمۇ مەكتەپ مائارىپىنىڭ، يەنى ئاساس مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپىنىڭ بىر شەخسنىڭ كېيىنكى ھايات مۇساپىسىگە كۆرسىتىدىغان مۇھىم تەسىرى توغرىسىدا، ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم مەسئۇلى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ئۇيغۇرسوفت ئىملا لۇغىتى ۋە ئۇيغۇرسوفت كۆپ تىللىق لۇغەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش، مىكروسوفت windows سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى ئېچىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى يېڭىلاش جەريانىدىكى سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى ھەققىدە، مائارىپ پەنلىرى دوكتورى، تەتقىقاتچى ھاجى ئۆمەر رەھىم ئوغلان ئەپەندى مالايشىيادىكى ئوقۇش ھاياتى ۋە ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىنتايىن يۈزەكى بىلىمىنى دەستەك قىلىپ، تۈرلۈك مۇنبەرلەردە ئاۋامنى تۇيۇق يولغا باشلاۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلەش بىلەن بىرگە، قانداق زىيالىيلارنىڭ ھەقىقىي زىيالىي بولۇشقا مۇناسىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىلمىي ۋە پاكىتلىق سۆزلىدى. داڭلىق شائىر ئادىلجان تۇنىيازمۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە تىجارەت قىلىش جەريانىدا بىۋاسىتە كۆرگەن-بىلگەنلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىش جەريانىدا، مەيلى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بولسۇن ياكى سودا-تىجارەتتە بولسۇن ، ئۇيغۇرلاردەك سەمىمىي ، ئاق كۆڭۈل، ئەركەك مىجەز بىر مىللەتنى كۆرمىگەنلىكىنى (بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان ئەللىرىدە)، ۋەتەن سىرتىدا تۇرۇپ لىللا باھا بەرگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر بىر مىللەت بولۇشقا مۇناسىپ كېلىدىغانلىقىنى پاكىتلىق ھەم چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە سورۇندىكى نورۇز ئەھلىگە «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق شېئىرىنىڭ بىر بۆلىكىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. بۇ قېتىمقى ئىلىم چېيىغا يەنە ئىلىمخۇمار ياشلاردىن ئابدۇغۇپۇر ئابدۇراھمان، ئابدۇلئەزىز ئىسكەندەر، ئابدۇۋەلى ئابدۇشۈكۈر، يەھيا روزى، بەھرام يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق قاتارلىق ياشلارمۇ قاتناشتى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، باغداش تورى، ئەلدىيار تورى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم مۇخبىرلىرىمۇ ئىلىم چېيىغا قاتناشتى. بولۇپمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلنغان تاراتقۇلاردىن ئەلدىيار تورى پۈتكۈل سۆھبەت جەريانىنى سىنغا ئالدى ۋە بىر قىسىم سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلدىيار تورىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. ئەلدىيار تورىنىڭ مەسئۇلىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلار پات يېقىندا پائالىيەتنىڭ نەق مەيدان فىلىمىنى ئۆز تور بېتىگە يوللايدىكەن.
تاھىرخالىق، ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۈيەر خەۋىرى، تاھىر خالىق فوتۇسى
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر رىياسەتچىلىك قىلماقتا
دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباش سۆز قىلماقتا
دوكتور ئوسمان ئىسمايىل تارىم سۆز قىلماقتا
پىشقەدەم رەھبىرىمىز مىجىت ناسىر بىلەن سۆھبەت
پىروفېسسور ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن سۆز قىلماقتا
بىر قىسىم ئىلىم چېيىغا قاتناشقان دوستلار ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت مۇئەللىم بىلەن بىللە
مائارىپ پەنلىرى دوكتورى ھاجى ئۆمەر سۆز قىلماقتا
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ھەم مەسئۇلى ئالىم ئەھەت سۆز قىلماقتا
شائىر ئادىل تۇنىياز سۆز قىلماقتا
مىجىت ناسىر ئاكا بىلەن بىللە
ئىلىم چېيى پائالىيىتىگە قاتناشقا بارلىق زىيالىيلار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-23 17:55