يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 987|ئىنكاس: 14

تاھىر خالىق: ئىلىم ئەھلىلىرى نورۇز ئىلىم چېيىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىلىم ئەھلىلىرى نورۇز ئىلىم چېيىدا  

  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخرلىك ئوغلانى، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ تەشەببۇسى، ئۈرۈمچى ئوسمانىيە چاي-تائاملار رېستۇرانىنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك نورۇز ئىلىم چېيى 21 - مارت چۈشتە ئۈرۈمچى ئوسمانىيە چاي-تائاملار سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. تەبىئەت بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى ئىلىم چېيىغا جامائەت ئەربابى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇدىرى مىجىت ناسىر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فېلېلوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى ئوسمان ئىسمايىل تارىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە ئاسپىرانىت يېتەكچىسى، غەربىي شىمال ئازسانلىق مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئىقتىسادشۇناس ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ماتېماتىكا پەنلىرى دوكتورى ئابدۇرىشىت ئابدۇۋەلى، مالايسىيا مالدېمىدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ پەنلىرى دوكتورى، تەتقىقاتچى ھاجى ئۆمەر رەھىم ئوغلان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ھەم مەسئۇلى ئالىم ئەھەت، ئاتاقلىق شائىر ئادىل تۇنىياز، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى، بوكس چېمپىيونى ئەكرەم ئىسھاق، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەرجان ئەسەت باغداش، «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى، ئىلىم چېيىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ھەم بۈگۈنكى نورۇز ئىلىم چېيىنىڭ رىياسەتچىسى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۈيەر، «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى تاھىر خالىق  قاتارلىق مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى.  ئىلىم چېيىدا، زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىم ئۇيغۇرلاردىكى كوللىكتىپ جامائەت رىشتى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نۆۋەتتكى مۇقەددەس بۇرچى ھەم مەسئۇلىيىتى، زىيالىيلار ئارا  ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقى، بىرقىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا يامراۋاتقان « مەشھورلۇق كېسىلى»، «ئۆز-ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش كېسىلى» ۋە ئۇنىڭ ئاۋامغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىك ئاقىۋىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا، مىجىت ناسىر ئاكا سەمىمىيلىكنىڭ بىر ئىنساننىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى ئىكەنكىنى، بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە  تىرىشچانلىقنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا، ئۇستاز ئوسمان ئىسمايىل تارىم نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ تارىخى ۋە بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈشنىڭ قىممىتى ھەم ئەھمىيىتى توغرىسىدا، ماتېماتىكا پەنلىرى دوكتورى ئابدۇرىشىت ئابدۇۋەلى مۇئەللىم بۈگۈنكى ئىلىم -پەن يېڭىلىقلىرىنىڭ يۈزلىنىشى، بولۇپمۇ ياپونىيەنىڭ ئىلغار كارخانا باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە كارخانا مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى زىيالىيلار بىلەن تەبئىي پەن ساھەسىدىكى زىيالىيلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا، ئۇستاز ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن مۇئەللىم ئىلىم-مەرىپەتنىڭ مۇھىملىقى، بولۇپمۇ مەكتەپ مائارىپىنىڭ، يەنى ئاساس مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپىنىڭ بىر شەخسنىڭ كېيىنكى ھايات مۇساپىسىگە كۆرسىتىدىغان مۇھىم تەسىرى توغرىسىدا، ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم مەسئۇلى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ئۇيغۇرسوفت ئىملا لۇغىتى ۋە ئۇيغۇرسوفت كۆپ تىللىق لۇغەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش، مىكروسوفت  windows سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى ئېچىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى يېڭىلاش جەريانىدىكى سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى ھەققىدە،  مائارىپ پەنلىرى دوكتورى، تەتقىقاتچى ھاجى ئۆمەر رەھىم ئوغلان ئەپەندى مالايشىيادىكى ئوقۇش ھاياتى ۋە ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىنتايىن يۈزەكى بىلىمىنى دەستەك قىلىپ، تۈرلۈك مۇنبەرلەردە ئاۋامنى تۇيۇق يولغا باشلاۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلەش بىلەن بىرگە، قانداق زىيالىيلارنىڭ ھەقىقىي زىيالىي بولۇشقا مۇناسىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىلمىي ۋە پاكىتلىق  سۆزلىدى. داڭلىق شائىر ئادىلجان تۇنىيازمۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە تىجارەت قىلىش جەريانىدا بىۋاسىتە كۆرگەن-بىلگەنلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىش جەريانىدا، مەيلى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بولسۇن  ياكى سودا-تىجارەتتە بولسۇن ،  ئۇيغۇرلاردەك سەمىمىي ، ئاق كۆڭۈل، ئەركەك مىجەز بىر مىللەتنى كۆرمىگەنلىكىنى (بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان ئەللىرىدە)، ۋەتەن سىرتىدا تۇرۇپ لىللا باھا بەرگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر بىر مىللەت بولۇشقا مۇناسىپ كېلىدىغانلىقىنى پاكىتلىق ھەم چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە سورۇندىكى نورۇز ئەھلىگە «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق شېئىرىنىڭ بىر بۆلىكىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. بۇ قېتىمقى ئىلىم چېيىغا يەنە ئىلىمخۇمار ياشلاردىن ئابدۇغۇپۇر ئابدۇراھمان، ئابدۇلئەزىز ئىسكەندەر، ئابدۇۋەلى ئابدۇشۈكۈر، يەھيا روزى، بەھرام يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق قاتارلىق ياشلارمۇ قاتناشتى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، باغداش تورى، ئەلدىيار تورى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم مۇخبىرلىرىمۇ  ئىلىم چېيىغا قاتناشتى. بولۇپمۇ  ئالاھىدە تەكلىپ قىلنغان تاراتقۇلاردىن ئەلدىيار تورى پۈتكۈل سۆھبەت جەريانىنى سىنغا ئالدى ۋە بىر قىسىم سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلدىيار تورىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. ئەلدىيار تورىنىڭ  مەسئۇلىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلار پات يېقىندا پائالىيەتنىڭ نەق مەيدان فىلىمىنى ئۆز تور بېتىگە يوللايدىكەن.      
                                                                                                               
          تاھىرخالىق، ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۈيەر خەۋىرى، تاھىر خالىق فوتۇسى
ilim cheyining korunishi .jpg

ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر رىياسەتچىلىك قىلماقتا
ilim  ilim cheyining maslashturghuchisi hem riyasetchisi esjerjan enwer alsuyer.jpg
دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباش سۆز قىلماقتا
zulpiqar barat ozbash .jpg

دوكتور ئوسمان ئىسمايىل تارىم سۆز قىلماقتا

doktor osman ismayil tarim .jpg

پىشقەدەم رەھبىرىمىز مىجىت ناسىر بىلەن سۆھبەت
mijit  nasir aka .jpg

پىروفېسسور ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن سۆز قىلماقتا

professor ablikm hesen ogen .jpg

بىر قىسىم ئىلىم چېيىغا قاتناشقان دوستلار ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت مۇئەللىم بىلەن بىللە
matematika penliri doktori abdurishit muallim ilim cheyidikiler bilen bille .jpg

مائارىپ پەنلىرى دوكتورى ھاجى ئۆمەر سۆز قىلماقتا
doktor haji omer rehim oghlan .jpg

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ھەم مەسئۇلى ئالىم ئەھەت سۆز قىلماقتا

alim ahat mullim .jpg
شائىر ئادىل تۇنىياز سۆز قىلماقتا  
ataqliq shair adiljan tuniyaz .jpg

مىجىت ناسىر ئاكا بىلەن بىللە
mijit nasir aka  ilim cheyidikiler bilen bille.jpg

ئىلىم چېيى پائالىيىتىگە قاتناشقا بارلىق زىيالىيلار
noruz ilim cheyigha qatanshqan barliq ziyaliylar ning opche xatirisi.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-23 17:55  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-22 23:03:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ قۇتلۇق پائالىيەت بوپتۇ. يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىيلىرىمىزنىڭ بۇنداق جەم بولۇپ بۇ خىلدىكى ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ زامانىمىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش،ساپانى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىشى ئەلۋەتتە تەبرىكلەشكە تېگىشلىك .موشۇنداق سورۇنلارنىڭ پات-پات بولۇپ تۇرىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. گەرچە بىزلەر بۇنداق پۇرسەتلەرگە نائىل بولالمايۋاتقان بولساقمۇ ،پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىش شەرىپىگە ئىرىشكەن بىر تۈركۈم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق بۇ پائالىيەت مەزمۇنىدىن خەۋەر تېپىپ ئولتورۇپتىمىز. بۇنداق ياخشى  پائالىيەت ئۇچۇرى بىلەن بىزنى ئۇچۇرلاشتۇرغان تاھىر خالىق ئەپەندىگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2015-3-22 23:09:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىلىم سۆيەرلەر يىغىلىشىنىڭ بىزنى يېتەكلەش رولى ھەقىقەتەن زور، ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.

ۋاقتى: 2015-3-22 23:52:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئىلىم روھىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ھادىسسى سۈپتىدە چايلىرىمىزدا قارار تاپقىنىغا تەساننالار بولسۇن،
پەخرلىك ئالىم -ئۇستازلىرىمىزنىڭ سىماسىنى كۆرۈپ دىلىم سۆيۈندى.
سالامەت بولۇڭلار ئەزىزلىرىمىز،... تىنىقىڭلار ئاسمان بولسۇن...

ۋاقتى: 2015-3-23 00:08:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       ئىلىمنى سۆيۈش، ئىلىمنى ئۇلۇغلاش، ئىلىمخۇمارلارنىڭ قەدرىنى قىلىش خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسى. بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئىنمكان بار كېڭەيتىش، بولسا بالىلارنى مۇشۇنداق پائالىيتلەرگە قاتناشتۇرۇش، ھېچ بولمىغاندا خەۋەردار قىلىش تېخىمۇ ياخشى تەسىر بېرىدۇ. داستىخان سالغان ئەزىمەتلەرگە ۋە ئەقىل ئۆگەتكەن دانالارغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-3-23 00:36:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كاتتا پائالىيەتتىن خەۋەر بەرگەن تاھىر خالىققا رەھمەتلەر بولسۇن، ئىلىم سۆيەر ئەزىزلەرنىڭ ئېزىز تېنى ئامان بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھىممىتى بىلەن ئاۋام روھىدا يورۇقلۇق بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-3-23 01:01:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىلىم چېيى »-بۇ بىزدىكى ئەڭ يېقىملىق سۆزنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ ھەقىقەتەن ئالقىشلىغۇدەك ئېسىل پائالىيەت بوپتۇ.
     تولىمۇ ئەپسۇس، بەزى جايلاردىكى ئاتالمىش ئەدىب-ئەدىبەلەر بۇ چىرايلىق ،ئەھمىيەتلىك نامنى  سۈيئىستېمال قىلىپ  پائالىيەت تەشكىللەپ،  غەيۋەت-شىكايەت ، مەي-شاراپ بىلەن  بۇ نامنىمۇ بۇلغاۋاتىدۇ.  ئىلىم چېيى مۇشۇنداق ئۆتكۈزۈلسە، ئاندىن بۇ چاينىڭ تەمى تېخىمۇ تاتلىق بولىدۇ.


ۋاقتى: 2015-3-23 01:23:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتتا يېغىلىش بۇلۇپتۇ، بەك سۈيۈندۈم. مۇمكىن بولسا شۇ پائالىيەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى توردا كۈرۈۋالغان بولساق بەك ياخشى بۇلاتتى.....

ۋاقتى: 2015-3-23 11:10:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر كاتتا ئىش بوپتۇ ،بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ‹‹ئىلىم چىيىنىڭ›› داۋام ئىتىشىنى تىلەيمەن ! ئۇچۇرلاشتۇرغۇچىمۇ ناھايتى تەپسىلى خەۋەر بەرگنلىكىدىن سۆيۈندىم !

ۋاقتى: 2015-3-24 11:44:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ  سۆيۈنگىدەك! تاھىر خالىق ئەپەندىم ياخشى ئىشلاردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرۇسىز دائىم، ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2015-3-24 16:00:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتتىن ئۇچۇر بەرگەن تاھىر خالىققا رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-3-25 15:08:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

ۋاقتى: 2015-3-25 20:08:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىر خالىققا رەھمەت.بۇ ئىلىم چېيىنىڭ يۇرت -يۇرتلاردا  داۋام قىلىشىنى، توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-3-25 21:22:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەم1 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-25 20:08
تاھىر خالىققا رەھمەت.بۇ ئىلىم چېيىنىڭ يۇرت -يۇرتلاردا   ...

     ‹‹ كىتاب يىلىمىز ›› دا مۇشۇنداق  نەپ بېرىدىغان ‹‹ ئىلىم چاي ›› لىرىمىزنىڭ كۆپلەپ
بولىشىنى ، ‹‹ سۆڭەكتىن باشقىسى يۇقىدۇ ›› -دېگەندەك، دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقالىرىغا تارىلىپ ،
‹‹ ئىممۇنېت كۈچى ›› بولۇپ قېلىشىنى تىلەيمەن. مىجىتكام باشلىق ھەممەيلەنگە سالامەتلىك يار
بولغاي !

ۋاقتى: 2015-3-26 17:59:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپتۇ، مۇشۇنداق پائالىيەتنىڭ كۆپراق ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداشمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش