كۆرۈش: 336|ئىنكاس: 8

ئاڭكور خارابىيلەر توپى (ئايجامال ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1052
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 385
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 17:11:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلەت تەۋەلىكى : كامبودژا
ئېگىلىزچە نامى :Angkor
                                                

                            ئىسسىق بەلۋغ ئورمانلىقىدا بايقالغان قەدىمى شەھەر

                                                                                    766712197057.jpg

                                                                           
   كامبودژا دۆلەت بايرىقىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا 3 دانەئالتۇن رەڭ بۇددا مۇنارىدىن تەشكىللەنگەن ئىبادەتخانا رەسىمى بار ، مانا بۇ شەر*قتىكى 4 مۆجىزىلىك خارابىنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنگەن ئاڭكور ئۆڭكۈرى .ئوتتۇرا ئەسىردە ياسالغان بۇ ئىبادەتخانا كامبودژانىڭ دۆلەت سىمۋولى .شۇنداقلا يەنە ئىنسانلار بىناكارلىق تارىخىدىكى يۈكسەك قىممەتكە ئىگە ئابىدە .1992-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئاڭكور خارابىسىنى مەدەنىيەت مىراسى قىلىپ بىكىتىپ ‹‹دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن.
ئاڭكور ئۆڭكۈرى ھەققىدە سۆزلىگەندە فىرانسىيەلىك ئاسارە ئەتىقەشۇناس ھىنرى مۇۋېلنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ .
   1860-يىلى ھىنرى قىممەتلىك ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى يىغىش ئۈچۈن كامبودىژانىڭ ئادەم ئايىغى كەمدىن كەم بىسىلغان قويۇق ئورمانلىقىنىڭ ئىچىگە كىرگەن. توساتتىن ئۇ قويۇق شاخلار ئارىسىدا زور تاش ئويما بۇت ،مۇنار ئىبادەتخانىلارنى بايقىغان، بۇلار بىر گەۋدىلىشىپ بىر شەھەر كۆز ئالدىدا نامايەن بولغان .
     كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرە ئۇنىڭ يول باشلىغۇچىلىرىنى ھاڭ –تاڭ قالدۇرغان .نەزەرلىرى ھەر ياققا چېچىلغان ،ئۇلار خۇددى سىرلىق بىر دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىشقان .ھەممە يەردە ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك ئىبادەتخانا، نەپىسلىكتە تەڭداشسىز تاش ئويما ھەيكەل قاپارىتمىلار ،شەكلى ھەر خىل ،گۈزەل پەزىزات، مىھرىبانلىقى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بۇتلارنى كۆرگەن. نەچچە يۈزلىگەن ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بۇددا مۇنارى ،ھەجىمى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۇغىرىش سىستىمىسى، كەڭتاشا يوللار بار بولۇپ لىكىن بىرمۇ ئادەم يوق بولۇپ بۇ شەھەر دەل ئاڭكور ئىدى.  كىيىن مۇۋىل: ‹‹ئۇ يەر گىرىكلار ۋە رىملىقلار  بىزگە قالدۇرغان ھەر قانداق نەرسىدىن بەھەيۋەت ››دەپ يازغان .ھالبۇكى شۇنچە سەلتەنەتلىك شەھەر نىمىشقا باشقىلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن، ئۇ ھەر قانچە ئويلاپمۇ تېگىگە يىتەلمىگەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاڭكور بايقىلىپ 2-يىلى ئۇ كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن .3-يىلى ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى مۇۋىلنىڭ بايقىشىنى ياۋروپادا ئىلان قىلغان .شۇنىڭ بىلەن ئاڭكور دىگەن بۇ نام پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان .
    بۇ ئەتراپتا ئادەملەر شالاڭ ،ھەممىلا يەر ئاسمان پەلەك دەرەخلەر، قويۇق  شاخ-شۇمبىلار بىلەن قورشالغاچقا تەرەپ –تەرەپكە سوزۇلغان شاخلار ئاللىقاچان ھەيۋەتلىك ھەم نەپىس بۇتلارنى قاتمۇ –قات قورشىۋالغاچقا قەدىمى ئىبادەتخانا سۇ ساقلاش كۆلچىكى ،قانال قاتارلىقلارنى قويۇق چۆپلەر بېسىپ پەرق ئېتىش تەس ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان .ئارخىئولوگلارنىڭ كۆپ يىللىق ئەجرى بىلەن كۆپلىگەن ئىبادەتخانىلار ئەسلىدىكى قىياپىتىگە قايتقان .قۇياش نەچچە ئەسىردىن بېرى ئۇيقۇغا غەرق بولغان ئاڭكور قەدىمى شەھىرىنى قايتا يورۇتقان .ئىنسانلارمۇ ئاخىرقى ھىساپتا بۇ قەدىمى شەھەرنىڭ سىرىنى ئاچقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاڭكور جۇڭگودىكى سەددىچىن، مىسىردىكى ئەلئىھرام ،ھېندونوزىيەدىكى بورابدورلار بىلەن بىر قاتاردا شەر*قتىكى 4 مۆجىزنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنگەن .كامبودژانىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچ مۇنارلىق ئالتۇن رەڭ ئىبادەتخانا دەل ئاڭكور ئىبادەتخانىسىدۇر .
    ئاڭكور كخمېرتىلىدا ”شەھەر“دىگەن مەنانى بىرىدىغان بولۇپ كخمېر ئىمپىرىيەسى ھەققىدىكى  رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا مىلادىيە 1-ئەسىردە كامبودژا پادىشاھى  يولباشچىسى فانشىھمان (تەخمىنەن 225~240 يىللار)ۋە فانجان (تەخمىنەن 205~243؟ئەتراپىدا ) مىكوڭ دەريا دېلتىسى رايونىدا قۇرغان. كامبودژانىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى كۈچلۈك بولۇپ، مىكوڭ دەرياسى رايونى جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى سودا يولىغا جايلاشقان .4-ئەسىردىن 5-ئەسىرگىچە كخمېر پادىشاھلىقى مەمۇرچىلىق دەۋرىگە كىرگەن، كخمېر پادىشاھلىقىنىڭ ئەجدادلىرى زوركۈچ بىلەن ھىندىستان بىلەن بولغان سودىنى كۈچەيتكەچكە بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودىسى نەچچە يۈز يىل گۈللەنگەن .
   كخمېر پادىشاھلىقى كىيىن كىمىر پادىشاھلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان .كىمىر پادىشاھلىقى بىلەن كامبودژانى بىرلىككە كەلتۈرگۈچى ۋاتساۋارمان دۇر(598-يىللار) .8-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا كخمېر سەنئىتى ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش دەۋرىگە كىرگەن ۋاقىتتا  جاياۋارمەن Ⅱ(850-802-يىللار) كامبودژانى يەنە بىر قېتىم بىرلىككە كەلتۈرۈپ يىڭى بىر دۆلەت دىنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .ئۇ ئالاھىدە مۇراسىم ئارقىلىق ئۆزىنى تەڭرىقۇت، پادىشاھلىق ئىلاھنىڭ ئىرادىسىدۇر دەپ جاكارلىغان .
   جاياۋارمەن Ⅱتەخىتكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي جىنبىيەن كۆلىنڭ شىمالىدا ئاستانە قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان .مانا  بۇ دەل ئاڭكور شەھىرى بولۇپ كىيىن بۇ يەر ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ ئېمپىرىيەنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. كىيىنكى 200 يىل مابەينىدە كخمېر ئىمپىرىيەسى ئۈزلۈكسىز شىمالدا جۇڭگوغا ،جەنۇپتا مالاي يىرىم ئارىلىغا كېڭىيىپ بۈگۈنكى كامبودژا، لائوس، تايلاند، ۋىيتنام قاتارلىقلارنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنىنى ئىگەللىگەن .كىيىن سۇرىياۋارمانⅠ(1002~1050يىللار ) كخمېرنى ئىدارە قىلغان مەزگىلدە ئاڭكور خان سارىيىنى ياساتقان .100 يىلدىن كىيىن كامبودژا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخسنىڭ بىرى سۇرىياۋارمانⅡ(1113~1150يىللار )بۈيۈك ئىلاھ ۋىشنۇغا ئاتاپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دىننى ئىبادەت سورۇنىنى ياساتقان .ئەڭ ئاخىرىقى كخمېر ئىبادەتخانىسىنى ياساتقان پادىشاھ جاياۋارمەن Ⅶبولۇپ ئۇ ئاڭكور غارى بىلەن ئاڭكور شەھىرىنى تۇتاشتۇرغان .ئۇنىڭ تۆھپىسىنى پەقەت سۇرىياۋارمانⅡ بىلەن سېلشتۇرۇش مۇمكىن .
5ئەسىرلىك بەرپا قىلىشتىن كىيىن ئاڭكور ئاخىرى دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك بۇتخانا ۋە شەھەرگە ئايلانغان .كخمېرلىقلار ئاڭكور ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا 600گە يېقىن ھويلا قورۇقلارنى قۇرغان، كەڭتاشا يوللارنى ياساپ ئاستانە بىلەن ئىمپىرىيەنىڭ باشقا جايلىرىنى تۇتاشتۇرغان ،ساياھەتچىلەر سەيياھلار ئۈچۈن قونالغۇلارنى ياسىغان . ھازىرقى ئاڭكور خارابىسى 9-ئەسىردىن 15-ئەسىرگىچە بولغان كۆپ جايدىكى ئىزنالار بولۇپ ئەتراپقا 400كۇۋادرات كىلومىتىر يېيىلغان. ئىبادەتخانا پۈتۈش بىلەن تەڭ يەنە سالغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى سۈنئى كۆل ياسالغان بولۇپ شەھەر ئاھالىلىرى ئاز دىگەندىمۇ بىر مىليون بولغان .
ئاڭكور خارابىسىنىڭ جەۋھىرى ئاڭكور غارى بولۇپ  ئاڭكور ئىبادەتخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .بۇ سانسىكىرىت تىلىدا ئىبادەتخانىلارنىڭ پايتەختى دىگەن مەنانى بىلدۈرىدىغان بولۇپ 30 يىللىق قۇرۇش ئارقىلىق ئاران پۈتتۈرۈلگەن .ئالدىن لايىھەلەنگەن چېرتىيوژغا ئاساسەن ياسالغان. بۇ ئىمارەتنىڭ ئورۇنلىشىشى ناھايىتى مۇۋاپىق ،سۈرلۈك ،تەكشى ،نىسپەتلىرى گارمونىيەلەشكەن بولۇپ مەيلى مىمارچىلىق ھۆنەر سەنئىتىدە بولسۇن ياكى ھەيكەلتاراشلىقتا بولسۇن  كامالەتكە يەتكەن.
   ئاڭكور غارىنىڭ چوڭ دەرۋازىسى غەرپكە قارايدىغان بولۇپ ئاڭكور پادىشاھلىقى شەھىرىنىڭ جەنۇبى چوڭ دەرۋازىسى بىلەن تۇتاشقان. ئىككى قەۋەت تام تاش ئارقىلىق قوپۇرۇلغان . بۇ دەرۋازا ئىگىزلىكى 1500 مىتىر، كەڭلىكى 1300 مىتىرلىق بىر دانە تەدىرىجى تارىيىپ بارىدىغان بۆلەكلىك تاش سۇپىدىن تەشكىل تاپقان ئەلئىھرام شەكلىدىكى ئىمارەت بولۇپ ھەر بىر قەۋىتىنىڭ ئوڭ سول ئوتتۇرا تەرىپىگە تاش پەلەمپەي قوپۇرلۇپ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە تۇتاشتۇرۇلغان .ئەڭ يۇقىرى قەۋەتنىڭ سۇپىسىغا 5 دانە نىلوپەر گۈللۈك بۇددا مۇنارى چىقىرىلغان .ئۇ بارلىق شەيئىلەرنى ئىدارە قىلىدىغان مىلو تېغىنىڭ  كىچىكلىتىلىشى بۇلۇپ ئىلاھ تېغىدىكى بەش دانە چوققىسىغا ۋەكىللىك قىلىنغان .ھىندى دىنى ئىتىقادىغا ئاساسلانغاندا  مىلو تېغى ئىلاھلارنىڭ ماكانى بولۇپ سۇپا بولسا ئالەمىنى قورشاپ تۇرغان   تاغ تىزمىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .ئىبادەتخانىنىڭ ئەتراپى كەڭلىكى 180 مىتىر كىلىدىغان خەندەك بولۇپ دۇنيانىڭ پاسىللىرىدىن يىراق دېڭىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .
    ئاڭكور غارىنىڭ بىرىكتۈرلىشى مۇرەككەپ دىننى ئىمارەت بولۇپ مەيدان سۇپىسى ،كارىدۇر ،مۇنار قاتارلىقلارنىڭ ھەممسى تاشتىن ياسالغان ،ئۇلار ئارىسىغا ھىچقانداق يەملەشتۈرگۈچ ئىشلىتىلمەي پۈتۈنلەي تاش يۈزىنىڭ ماسلاشتۇرۇپ قېلىپلاشتۇرۇلىشى ۋە ئۆزىنىڭ ئىغىرلىقى بىلەن بىرىكتۈرۈلگەن،ئىنچىكە تەرەپلىرىنىڭ بېزىلىشى ناھايىتى نەپىس بولغان .
    ئاڭكور غارىنىڭ سەنئەت پۇرىقى ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ ھەممىلا يېرىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، ئىنچىكىلىك بىلەن ئويۇلغان نەپىس قاپارتما ئويمىلىرىدا گەۋدىلەنگەن .ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئاڭكور غارىدىكى  بارلىق ھەيكەللەر18000 پارچىدىن ئاشىدىغان بولۇپ خەلق ئارىسىدىكى بىباھا گۆھەر دىگەن سۈپەتكە لايىق  ، ئۇنىڭدىن سىرت ئاڭكور غارىدىكى ھەيكەللەر چىنلىق تۇيغۇسىغا باي بولۇپ كخمېر ئمپىرىيە سەنئىتنىڭ جەۋھىرىنى نامايەن قىلغان. ئىبادەتخانا ئىچىدىكى كارىدور تاملىرى ،سىرتقى تاش تام، ئۇلتاش، دىرىزە گىرۋەكلىرى، تۇتقۇچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە قاپاتما ھەيكەللەر ئويۇلغان .بۇ قاپارتما ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسى ھەرەمخانا تۇرمۇشى ۋە دىننى تىما قىلغان .ھىندى دىنى رىۋايەتلىرىدىكى بۈيۈك ئىلاھ ۋىشنۇغا ئائىت رىۋايەتلەرگە ئائىت، تائام تەڭشەش ،ئۇسۇل ،شىكار ،ھۆنەر سەنئەت ،يىزا ئىگىلىك قاتارلىقلارنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىرىمۇ بار .بىزەك نۇسخىلىرى ئۆسۈملۈكلەرنى تىما قىلغان بولۇپ سۇرىياۋارمانⅡدەۋرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىرىمۇ بار .ئۇلارنىڭ بەزىلىرى لەشكىرى قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرگەن كۆرۈنۈش بولسا بەزىلىرى چەۋەندازلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ پىللارغا مىنىپ جەڭگە چىققان يەنە بەزىلىرى يەلكەنلەرنى چىقىرىپ دىڭىزغا چىققان ،ئۇرۇشلاردا گىرەلەشمە جەڭ قىلغان كۆرۈنۈشلەردىن ئىبارەت .نەچچە يۈز مېتىرلىق تام تۈۋىدە يەنە 200دىن ئارتۇق ئۈستى قىسمى يالىڭاچ، بويۇنلىرىغا مارجان تاقىغان ئۇسسۇلچىلارنىڭ قاپارتما ھەيكەللىرى بار .بۇ ھەيكەللەرنىڭ قىياپىتى ئۆزگىچە، قول ھەركىتى نازۇك، قىياپىتى جانلىق ئوبرازى بەدىئى چىن بولۇپ ئەينى دەۋىردە ئۈستىمۇ ئۈستىلەشكەن قاتلاملار ئارقىلىق تىخىمۇ چۇڭقۇر يىراق بوشلۇقنى ئەكىس ئەتتۈرگەن .بۇلارنىڭ ھەممسى دۇنيا سەنئەت تارىخىدىكى نەمۇنە بولۇپ كخمېر ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ كامالەتكە يەتكەن ھۈنىرىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن .
    ئاڭكوردىكى بارلىق قەسىر ساراي بۇتخانىلار شەر*ق غەرپ يۆنىلىشىدىكى ئوق ئۈستىدە ،ئالدى شەر*ققە قارايدىغان بولۇپ پەقەت ئاڭكور غارىلا دەرۋازىسى غەرپكە قارايدىغان قىلىپ ياسالغان، قەدىمكى كخمېر تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغانلار ھازىرغىچە بۇنى سەۋەبىنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولالمىدى .
    ئاڭكور غارىدىن ئاڭكور شەھىرىگە  تۇتىشىدىغان چوڭ يولنىىڭ ئىككى قاسنىقىدا رەت-رەت گىگانت ھەمدە سۈرلۈك ھەيكەللەر بار بولۇپ ئۇ ھىندى دىنىدىكى قوغدىغۇچى ئىلاھ گاشىنىننىڭ ھەيكىلى .
   جاياۋارمەن  Ⅶياساتقان بارون ئىلاھى قەسىرىنىڭ تاملىرىغا ئويۇلغىنى پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بولۇپ  بەزىلىرى دىھقانلارنىڭ قىزغىن كەيپىياتتا توخۇ سوقۇشتۇرۇشىنى كۆرگەن مەنزىرىسى.يىراقتىن قارىماققا بارون ئىلاھى قەسىرى بىر دۆۋە مۇنتىزىم بولمىغان تاشلار دۆۋىسىدەك كۆرۈنىدۇ. بىراق يېقىن بىرىپ قارىغاندا ئۇنىڭدا نەچچە مىڭلىغان بۇتنىڭ قىياپىتىنى كۆرەلەيسىز .بۇ يەردىكى ھەر بىر تال تۈۋرۈكنىڭ تۆت تال يۈزىگە بۇتلارنىڭ تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن .ئۇلار جىمجىت ھالدا پايانسىز سوزۇلغان زىمىنغا نەزەر تاشلاپ تۇرىدۇ .قارىماققا ھىچ نەرسە ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالمىغاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ .
    ئاڭكور غارىدىن شىمالغا قاراپ مېڭىپ ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا ئاڭكور شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ.بۇ يەردە كۇۋادىرات شەكىللىك كۆل بار بولۇپ، ئاڭكور غارىنىڭ 4 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ. ئاڭكور شەھىرىنىڭ غەرپ، شەر*ق، جەنۇپ ،شىمال تەرەپتە بىردىن قوۋۇقى  بولغاندىن سىرت يەنە شەر*ق تەرىپىنىڭ قىيپاش يىنىدا بىر غالىبىيەت دەرۋازىسى بار .ھەر بىر قوۋۇق ئالدىدا يەنە خەندەك ئۈستىگە سېلىنغان كۆۋرۈك بار .كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رىشاتكىنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تەرەپتە 54 دانىدىن تاش ھەيكەل چىقىرىلغان بولۇپ بىر تەرىپى ئىلاھقا ،بىر تەرىپى ئىبلىسقا ۋەكىللىك قىلىدۇ .
    بىراق 15-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە  ئاڭكور ئادەمسىز شەھەرگە ئايلىنىپ قالغان .شۇنىڭدىن كىيىنكى نەچچە ئەسىر مابەينىدە بۇ ھەشەمەتلىك كاتتا شەھەر نائېنىقسىز رەۋىشتە تاشلىنىپ قىلىپ قويۇق ئورمان ئىچىدىكى بىر پارچە تاشلاندۇق زىمىنغا ئايلىنىپ قالغان.
    ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەينى زاماندا كۆلگە يىقىن ياسالغان شەھەر كۆلدىن 20 كىلومېتىر يىراقلاشقان ،قۇشلار تارقاتقان ئۇرۇقلار ئۆگزىلەردە، تاملاردا بىخ سۈرۈپ ئاللىقاچان تونىغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان، تاكى 19-ئەسىردە مۇۋىل بۇيەرنى بايقىغۇچە ھىچكىم بۇ يەرنى بىلمىگەن .
    ئاڭكور زادى قانداق بالايى ئاپەتكە مۇپتىلا بولغان ؟تارىختا ھىچقانداق خاتىرە يوق. ھازىرقى زامان ئالىملىرى بۇ ھەقتە بەس مۇنازىرە قىلىشماقتا .بىر قىسىم كىشىلەر ئاڭكور شەھىرىدە يۇقۇملۇق كىزىك تارقىلىپ شەھەر ئاھالىلىرى قىرىلىپ تۈگىگەن دەپ قارايدۇ .يەنە بىر قىسىم كىشىلەر سەۋەبىنى تاشقى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ ئاڭكور تايلاند قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مۇنقەرز بولۇپ مۇشۇنداق بولغان دەيدۇ. بىراق كېزىكنىڭ بىر شەھەرنىڭ ئاھالىسىنى  تەلتۆكۈس قىرىۋىتىشى مۈمكىن ئەمەس ،ھەمدە تارىخى ماتىرىياللاغا ئاساسلانغاندا تايلاند قوشۇنى چىكىنگەندىن كىيىنمۇ كخمېر پادىشاھلىقى يەنە ئۇزاق بىر مەزگىل مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان .شۇڭا بۇ ئىككى خىل قاراشنىڭ ھىچقايسىسى مۇستەھكەم پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ .
    يەنە بىر خىل قاراش بولسا كىخمېردىكى دىنى مۇرىتلار ئېتىقادىنى ماھايانا مەزھىپىدىن  ھىنايبنا مەزھىپىگە   ئۆزگەرتكەچكە  بۇتخانىلار تاشلىنىپ قالغان دەيدۇ ،لىكىن بۇنىڭغا قارىتا يەنىلا گۇمانى قاراشلار بار. بۇ ئىككى مەزھەپنىڭ ھەر ئىككىسى بىر دىننىڭ ئىچىدىكى مەزھەپلەر بولۇپ ئىتىقاد قىلىدىغان ئىلاھى بىر، پەقەت دىننى ئەھكاملارغا بولغان ئىزاھلىشى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بۇتخانىنى تاشلاپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاڭكور خارابىسى پەقەت بۇتخانىلار توپى بولۇپلا قالماي يەنە پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى. ئارخىئولوگىيەلىك ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا ئاڭكور گۈللەنگەن چاغلاردا ئۇنىڭ مىليوندىن ئارتۇقراق نوپوسى بولغان .ئۇنداقتا بۇ ئادەملەر قەيەرگە كەتكەن ؟ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئانكورنىڭ كىيىنكى دەۋرىدە پادىشاھلار بۇتخانا قەسىرلەرنى ياسىتىش ئۈچۈن بەك چەكتىن ئاشقان، پۇقرالار بۇنىڭغا چىدىماي قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ،قۇللار ئاقسۆڭەكلەرنى ئۆلتۈرۈپ شەھەرنى تاشلاپ قىچىپ كەتكەن دەپ قارىماقتا. بىراق مەيلى كىزىك بولسۇن يىكى قۇللار قوزغىلىڭى بولسۇن ۋە ياكى ئۇرۇش بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاددى قىياسلار خالاس .چۈنكى بۇشەھەردە ئادەم ياكى ئۇرۇش پەيدا قىلغان مالىمانچىلىقتىن ھىچقانداق ئىزنا يوق، قىرغىن قىلىنغانلارنىڭ جەسەتلىرىمۇ يوق بولۇپ ھەممە نەرسە تەبىئەت قوينىدا ئۈن-تىنسىز غايىپ بولغان .
ئاڭكور قەدىمى مەدىنىيىتى مۆجىزىسى ئىنسانلار قەدىمكى مەدىنىيىتى ئۈستىدىكى قىيىن سۇئالدۇر .

‹‹ مەدەنىيەت مىراسلىرى›› ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى. ‹‹ مىراس ›› ژۇرنىلى 2012 - يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان.

تەرجىمە قىلغۇچى : ئايجامال مۇھەممەت







mukam.cn

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 18:55:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايجامال بۇ قەدىمي شەھەرنى بىزگە يېزىق بىلەن ئايان قىلىپ بېرىپتۇ، مەن سۈرىتىنى قوشۇمچە قىلىپ قوياي:

1412106_033012447849_2.jpg


1772601_190921094185_2.jpg


2004813_141951829000_2.jpg



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 19:03:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5345553_111045960493_2.jpg


1649161888549508507.jpg


3339982073648764160.jpg


6491572_193936055198_2.jpg


6491572_192801032161_2.jpg


6491572_192801028160_2.jpg


6225195_210301001107_2.jpg


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1216
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3088
تۆھپە : 1
توردا: 544
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 00:38:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  تېمىنى ھەمبەھرلىۋالدىم.ئارخىلوگىيە جەھەتتىكى قىممىتى يۇقۇرىكەن.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1191
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 351
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 21:00:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ئارخىلىگىلوگىيىلىك قىممىتى يۇقۇرۇى بولۇش بىلەن بەدىئى زۇق بىرىش قىممىتى تەڭلا شەرھىلىنىپتۇ!

نان ئىلغىساڭ نانسىز قالۇرسەن، نام قوغلاشساڭ نامسىز قالۇرسەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  678
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 300
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 23:59:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇكامنىڭ بىزنى  قىممەتلىك سۈرەتلەر  بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگىمۇ  كۆپ رەھمەت.

ياشىماسلىققا ئاساسىمىز يوق !

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 793
تۆھپە : 46
توردا: 483
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 00:15:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايجامال: بۇ تېما توغرىسىدا يەنە باشقىچە بايقاشلار، قاراشلار بولسا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويسىڭىز بولغۇدەك.

بىكارچىلىقتا بەكرەك زىرىكىپ كىتىدىغىنىمنى بايقىدىم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  355
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 829
تۆھپە : 0
توردا: 132
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 20:02:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما توغرىسىدا يەنە باشقىچە بايقاشلار، قاراشلار بولسا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويسىڭىز بولغۇدەك.

بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۇچۈن بولدى دەۋزەخ،
ياش گۇلۈمنى خازان قىلدى قانخور ئەبلەخ

                                  _ ل،مۇتەللىپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش