يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1066|ئىنكاس: 23

زۆھرەگۈل ھامۇت: شاياردا مەشرەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شاياردا مەشرەپ
(چوڭ تىپتىكى كۆرەك)

ئاپتورى:زۆھرەگۈل ھامۇت

قاتناشقۇچىلار:
مىرشاپرىياسەتچى يىگىت)
ياردەمچىرىياسەتچى قىز)
يىگىت بېشىيۇرت ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن،بىلىملىك،مەلۇم جەھەتتە نەتىجە قازانغان شەخستىن تاللانغان)
1.        ناخشىچىلار  
2.        ئۇسسۇلچىلار ۋە سازەندىلەر
3.        بۇ قېتىملىق مەشرەپ ئۆتكۈزگەن ساھىبخان ئورۇن ۋەكىلى
4.        كېلەر قېتىملىق مەشرەپنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئورۇن ۋەكىلى.
.........
پەردە ئېچىلىپ چىرايلىق سەھنە كىيىمى كىيگەن مىرشاپ، رىياسەتچى قىز  ۋە بۇ قېتىملىق مەشرەپ ئۆتكۈزگەن ساھىبخان ئورۇننىڭ ۋەكىلى خۇش تەبەسسۈم بىلەن يىنىك قەدەم ئېلىپ سەھنىگە چىقىدۇ.ئۇلار پەستە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارغا قاراپ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ ئېھتىرام بىلەن تازىم قىلغاندىن كېيىن يېقىملىق ئاۋازدا سۆز باشلايدۇ.
مىرشاپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى!
رىياسەتچى قىز:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىرىشچان،مېھنەتكەش شايار خەلقى!
مىرشاپ ۋە رىياسەتچى قىز: (تەڭلا) تېلىۋۇزۇر ئالدىدىكى قەدىرلىك كۆرۈرمەنلەر،ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
مىرشاپپەخىرلىنىش ئىلكىدە)
دىل ھىجرى٧گە/باردۇر دە٧ۋا /قىبلىگا٧ھىم/شاھ دى٧يار/،
ئول باغرى٧دۇر/ئوت شەۋكى٧تىڭ/بىرلە نا٧مىڭ/شاھ دى ٧يار/.
  تاپتى كا٧مال/جاھانشۇ٧مۇل/تۆھپەڭ ئى٧ رۇر/شاھ دى ٧يار/،
نۇسرىتى٧بىر/بالقىدى٧نۇر/كۈلدى چې٧ھىر/شاھ دى ٧يار/.
بۈيۈك نا٧مىڭ/داستان ئى٧رۇر/ئىقلىمدا٧ يەك/شاھ دى ٧يار/،
شادلىقى٧ھەم /بەختىگە٧ ھەل/غەمگۈزا٧رىم/شاھ دى ٧يار/.  
         دىل ھىجرىگە باردۇر دەۋا قىبلىگاھىم شاھدىيار،
         ئول باغرىدۇر ئوت شەۋكىتىڭ بىرلە نامىڭ شاھدىيار.
  رىياسەتچى قىز:
    تاپتى كامال جاھانشۇمۇل تۆھپەڭ ئىرۇر شاھدىيار ،
    نۇسرىتى بىر بالقىدى نۇر كۈلدى چېھىر شاھدىيار.
مىرشاپ ۋە رىياسەتچى قىز: (تەڭلا)
بۈيۈك نامىڭ داستان ئىرۇر ئىقلىمدا يەك شاھدىيار،
شادلىقى ھەم بەختىگە ھەل غەمگۈزارىم شاھدىيار!
(ھەر بىر مىسرا 36 ھەرپتىن تۈزۈلگەن،پائىلاتۇن ۋەزنىدە يېزىلغان غەزەل)
مىرشاپ: شايار ناھىيىسى مەرىپەتپەرۋەر،ئوت يۈرەك ئەزىمەتلەرنى،مېھرى ئاپتاپتەك گۈل چىراي خانىم-قىزلارنى ئۆزىنىڭ ئىللىق باغرىدا ئەللەيلەپ چوڭ قىلغان.شايار ناھىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پاراسەتلىك خەلق ئىختىرا قىلغان ئەقىل مۈلۈكلەر دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك تۈرلۈك شەرەپ ۋە مۇكاپاتلارغا نائىل بولۇپ،ناھىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش،مەدەنىيەت تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشماقتا.
رىياسەتچى قىز:شۇنداق،شايار ناھىيىسى ئىسلاھات،ئېچىۋېتىشنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا كۈنسايىن ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ،جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىپ،ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ،ناھىيەنىڭ تەرەققىياتىغا كۆمۈلمەس شانلىق ئىزلارنى قالدۇردى.
مىرشاپرىياسەتچى قىزغا كۈلۈپ قاراپ)شايار ناھىيەسى ئەزەلدىن دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق،ئورمانچىلىق ناھىيەسى.بۇ ناھىيە پاختا ئىشلەپچىقىرىشتا ئاپتونۇم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.
بۇ قېتىمقى مەشرەپنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئورۇن ۋەكىلى:ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 20يىلدىن بۇيان،شايار ناھىيەسىدىكى ئەمگەكچان،پاراسەتلىك ھەر مىللەت خەلقى ناھىيەلىك پارتكوم،ھۆكۈمەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگرىلەش،ئىلغارلىق تالىشىپ،ئەلالىق يارىتىشتەك شايار روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ،يۇرتنى زور كۈچ بلەن گۈللەندۈرۈپ،شايار ناھىيەسىنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.يېزا ئىقتىسادى ئۇمۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ،ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ماس قەدەمدە ئاشتى،پاختا تۈۋرۈكلۈك كەسپ سۈپىتىدە تېز تەرەققىي قىلىپ،ئورمانچىلىق،چارۋىچىلىق ئىشلىرى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ياراتتى.دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى تېز سۈرئەتتە ياخشىلىنىپ،يېزا-بازار كارخانىلىرى سانائەتلىشىش مۇساپىسى مۇقىم تەرەققىي قىلدى،سودا ئوبوروتى كۈنسايىن گۈللەندى.شەھەر قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق بارلىققا كەلدى.ئىجتىمائىي ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.
رىياسەتچى قىز:دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى كۈنسايىن ياخشىلىنىپ،قاتناش-تىرانسىپورت،پوچتا-تېلىگىراف ئىشلىرى،پەن-مائارىپ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى. بۇ نامى ئوتلۇق يۇرتتىكى ئەزىم دەريا تارىم مېھرى بىلەن شاۋقۇنلاپ ئاقماقتا.كەرەملىك بەستىدە ھالال مېھنەت بىلەن تەر ئاققۇزىۋاتقان ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى ئانا يۇرتى شايارغابولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلماقتا.
بۇ قېتىمقى مەشرەپنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئورۇن ۋەكىلى:
ئالتۇن ماكان،دىيارىمىز شاياردا قۇتلۇق مەشرەپ ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن شىركىتىمىز نامىدىن ئەزىز مېھمانلارغا ئوتلۇق سالام يوللايمەن ھەم بۈگۈنكى مەشرەپنىڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈشىنى چىن قەلبىمدىن تىلەيمەن!مەرھابا مېھمانلار!مەرھابا توغراق ماكانىدا ياڭرىغان قۇتلۇق مەشرەپ!!!
مىرشاپۋەكىلگە قاراپ)مۆھتىرەم ۋەكىلنىڭ تىلەكلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئورۇندايمىز.
مىرشاپ،رىياسەتچى قىزتەڭلا)قېنى،مەشرەپ باشلانسۇن!
يىراقتىن مۇڭلۇق مۇزىكا ئاۋازى ياڭراشقا باشلايدۇ.
مىرشاپ:گۈلشەن،ئاڭلاڭە!شايار ناھىيسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى بۇ ياقتىن زوق-شوخ بىلەن سۆزلەۋاتساق،ئۇياقتىن بەزىلەر قوشاق قېتىپ مەدھىيلىگىلى تۇردىمۇ نىمە؟
رىياسەتچى قىزقۇلىقىنى سەھنىنىڭ يان تەرىپىگە يۇپۇرۇپ) مەن ئەجەپ ئاڭلىمىدىمغۇ؟
مىرشاپ:قۇلىقىڭىزنى تازا بىر كولىۋېتىپ تىڭشاڭە.
رىياسەتچى قىزمىرشاپنىڭ سۆزىنى تەستىقلىغاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ ھاياجان ئىلكىدە ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارايدۇ)ۋۇي راستكەن!نىمانچە ئىزگۈ مۇڭلۇق ئاۋاز بۇ مىرشاپ؟
مىرشاپ:ۋاھ،قالتىس!گۈلشەن،تېز بولۇڭ،ناخشىچىغا ئورۇن بېرەيلى!
رىياسەتچى قىز:شۇنداق قىلايلى!
ئۇلار سەھنىدىن ئايرىلىدۇ.
مۇزىكا ئاۋازى كۈچىيىپ سەھنىگە چىرايلىق سەھنە كىيىمى كىيگەن ئارتىسىت چىقىپ «شايار»(1-نۇمۇر) ناملىق ناخشا ئۇقۇيدۇ.
        شايارغامۇھەببەت        
(مۇخەممەس)
سۆزى:ئۆمەرجان تۇنىياز تەشنائىنىڭ
شايار بوستانلىقى شايار ساھىلى،
ئۆزگىچە ماكانسەن گۈزەللىكىڭدىن.
    بايلىقىڭ بىھىساپ تۇپرىقىڭ مۇنبەت،
    باياشات ياشاشقا ئەۋزەللىكىڭدىن.

   ئوتلۇق كۈي ناخشىلار ئاتالغان ساڭا،
      ھەم بولغان تىللاردا داستان تەرىپىڭ.
      شۇ سەۋەپ ساڭا ياربولغانكەن شاھلىق،
      شاھيار دەپ ئاتىلىپ نامۇ-شەرىپىڭ.

شاھىتتۇر ئەجدادلار پاراسىتىگە،
سەندىكى قەلئە-شەھەرلەر.
     باغرىڭنى كېزىشكە دائىم خۇماردۇر،
     قەدىمدىن ھازىرغا قەدەر سەيياھلار.

    جىمىكى جانلىقلار مەئىشەتگاھدۇر،
   سەندىكى دالا-تۈز،يايلاق،ئورمانلار.
       تاللاردا سايرىسا قۇشلار ۋىچىرلاپ،
       جاڭگالدا يايرايدۇ بۇغا ماراللار.
(«شايار»ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق1-سانىدىن ئېلىندى)
ناخشىچى ناخشىدىن كېيىن سالام بېرىپ سەھنىدىن ئايرىلىدۇ.
سەھنىگە مىرشاپ بىلەن رىياسەتچى قىز چىقىدۇ.
مىرشاپ:گۈلشەن،قەدىمىي يۇرت شاياردا نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى بولمىش خاس مەدەنىيەت ئىزنالىرى بار.
رىياسەتچى قىز:يورۇقبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىسى،قىزىل قەدىمكى شەھەر خارابىسى ،كۆكتوغراق قەدىمكى شەھەرخارابىسى،قۇم سوقتى قەدىمكى شەھەر خارابىسى...يەنە ساناپ كەلسەم ساناپمۇ تۈگىتەلمىگۈدەكمەن.
مىرشاپ:بايا تارىم دەرياسى بويىدا بېلىقچىلار قۇيغان بېلىق ئۆپكىسىنى يەۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر توپ ئۇسسۇلچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم.ئۇلار تارىمنىڭ قەدىمىي توغراقلىقىدىن تىكلەنگەن ئابىدىگە سىمىۋول قىلىپ ئۇسسۇل ئىشلەۋېتىپتىكەن.بۇ چاغقىچە ئۇسسۇل تەييار بولدىغۇ دەيمەن.
رىياسەتچى قىز:ئۇنداقتا ئاشۇ ئوماق قىزلارنىڭ ماھارىتىنى بىر كۆرۈپ باقمايلىمۇ؟
ئۇلار كىرىپ كېتىپ قەدىمىي تۈس ئالغان مۇزىكا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپلا سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئۇسسۇلچى قىزلار چىقىپ «توغراق گۈزىلى»(2-نۇمۇر)دىگەن ئۇسسۇلنى ئوينايدۇ.قىزلار ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ بولغاندىن كېيىن خۇش تەبەسسۈم بىلەن سەھنىدىن ئايرىلىدۇ.
مىرشاپئالمان-تالمان سەھنىگە چىقىپ تۇيۇقسىزبىر ئىش يادىغا يەتكەندەك چۆچۈپ)ۋۇي،گۈلشەن!مەن بىر ئىشنى خاتا قىپتىمەن!
رىياسەتچى قىزتەئەججۈپ ئىلكىدە مىرشاپقا قاراپ)نىمە ئىش؟
مىرشاپئاۋازىنى سەل پەسلەپ) بوش سۆزلەڭ.بايامدىن بېرى سەھنىگە چىقىپ يىگىت بېشىدىن رۇخسەت ئالمايلا نۇمۇرنى باشلىۋېتىپتىمىز؟.بىزنى قانداق جازا كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇ دەپ قورقۇپ يۈرىكىم جىغىلداپ كېتىۋاتىدۇ.
رىياسەتچى قىزشوخلۇق بىلەن كۈلۈپ)ھە،مۇشۇ ئىشمىدى؟ئۇنچە قورقۇپ يۈرمەي يىگىت بېشىدىن كەچۈرۈم سورايلى.
مىرشاپ:ئۇھ،ئەقلىڭىزگە بارىكاللا.
مىرشاپ ئالدىغا بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ تاماشىبىنلار قاتارىدا ئولتۇرغان يىگىت بېشىغا قاراپ سۆزلەيدۇ.
مىرشاپ:ھۆرمەتلىك يىگىت بېشى!بايا ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك  رۇخسىتىنى ئالمايلا ئۇشبۇ مەشرەپنى باشلىغان ئىدۇق،گۆدەكلىكتە قىلغان ئەدەبسىزلىكىمىزنى كەچۈرىۋەتكەن بولسىلا.
رىياسەتچى قىزمىرشاپقا قەدىمىنى يېتىشتۈرۈپ)
                       يىگىت بېشى نامى ئوتلۇق قىلغان ئىشى،
                       كەڭ قورساقلىق بابىدا يوقتۇر تەڭدىشى.  
مىرشاپ:             بايا قىلغان گۇناھىمغا شاھىد بولغايلا،
                            قۇبۇل قىلىپ مەكتۇبىمنى خۇشال كۈلگەيلا.
يىگىت بېشى:مىرشاپ،بايا ئىككىڭلار مېنىڭ ئىجازىتىمسىز سەھنىدە قالايمىقان سۆزلەپ يۈردۈڭلار،ھەر ئىش يولىدا بولغىنى ياخشى،بۇ گۇناھىڭلار كەچۈرگۈسىزدۇر.بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنى جازالىماق جايىزدۇر.قېنى كېلىڭلار!(قولىدا ئىشارە قىلىدۇ)
سەھنىگە تۆت نەپەر ئارتىسىت چىقىپ ئىككىسىنىڭ مۈرىسىدىن تۇتىدۇ.
مىرشاپ:بىزنى قانداق جازالايلا ھۆرمەتلىك يىگىت بېشى؟
يىگىت بېشى:ھازىرچە ئەڭ يېنىك جازا-ئەل ئىچىدە تونۇلغان سەنئەتكارلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىتوت ئورۇنلاشقا بۇيرۇيسەن.
مىرشاپخۇشال كۈلۈپ)بۇ بولىدىغان جازاكەن،گۈلشەن،تېز بولۇڭ،چولپان ئىزدەيلى.(ئىككى تەرىپىدىكى كىشىلەرگە قاراپ)بۇلارمۇ بىز بىلەن بىللە ماڭامدا؟
يىگىت بېشى:ئەلۋەتتە.
ئۇلار سەھنىدىن ئايرىلىدۇ.
سەھنىدە«ۋاقىتلىق باشلىق»(3-نۇمۇر)ناملىق ئىتوت ئورۇنلىنىدۇ.
ۋاقىتلىق باشلىق
(ئىتوت)
ئاپتورى:ئەسقەر غۇپۇر(زۆھرەگۈل ھامۇتنىڭ«ۋاقىتلىق باشلىق»ناملىق ھېكايىسىدىن ئۆزگەرتىلگەن)
(ئاددىي كىينگەن ئابباس ئىنتايىن ياۋاش قىياپەتتە باشلىق ئىشخانىسىنى تازىلاۋاتقان،جوزا-ئورۇندۇقلارنى سۈرتۈۋاتقان قىياپەتتە ئىتوت باشلىنىدۇ،سىرىتتىن زاۋۇت باشلىقى كىرىدۇ،ئابباس دەرھال شۈمشىيىپ ئىشىكنىڭ كەينىدەئۆرە تۇرىدۇ).
باشلىق:ۋۇي،ئابباسكا،كەپ بولدىڭىزما؟قېنى مايەردەئولتۇرۇڭ. (ئابباس قورۇنۇپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئولتۇرىدۇ)سىزگە گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتاي،بۇ قېتىم سىزگە تاپشۇرىدىغان مۇھىم بىر خىزمەت بار،جايىدا بېجىرەلەمسىز؟
ئابباس:نىمە دەيدىغانلا چاڭجاڭ،مەن سىلى دىگەن ئىشنىڭ قايسىبىرىنى جايىدا بېجىرمىگەن؟ئەلۋەتتە جايى-جايىدا،ئېپىدە بېجىرىمەن دىسىلە.
باشلىق:مەن بۇ قېتىم ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپىگە ئىككى ئايلىق ئۆگىنىشكە بارىدىغان بولۇپ قالدىم.سىز زاۋۇتتا ھەممىدىن ياشتا چوڭ،خىزمەت ئىستاژىڭىزمۇ ھەممىدىن ئۇزۇن.شۇڭلاشقا مەن كەلگۈچە زاۋۇتنىڭ ئىشىنى ماڭا ۋاكالىتەن ئىشلەپ تۇرسىڭىز قانداق؟
ئابباسھەيرانلىقتا ھاڭ-تاڭ قالىدۇ،ھاياجاندىن قوللىرى تىترەپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرالماي قالىدۇ)مەن...مەن...بۇ...بۇ...قانداق بولار؟
باشلىق:ھە،جىددىيلەشمەڭ.ھىچقانداق بولمايدۇ.زاۋۇتتىكى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى سىزگە ،جۈملىدىن بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بەش قولدەك ئايان.ھەر قايسى فۇنكىسىيىلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئۆز خىزمەتلىرىگە ئۆزلىرى مەسئۇل.سىز پەقەت نازارەت قىلىپ خىزمەتلەرنىڭ يۈرىىشىشگە كاپاكەتلىك قىلسىڭىزلا بولىدۇ.چوڭ-چوڭ ئىشلار بولسا تېلىفۇندا ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز،بولامدۇ؟
ئابباس:بولۇشىغۇ بولىدۇ،لىكىن ئەمدى شۇ،مېنىڭ مۇشۇ تۇرقۇم باشلىققا قاملىشارمۇ؟مېنىڭ سۆز قابىلىيىتىم تۆۋەن تۇرسا.
باشلىق:بۇ ھىچقانچە ئىش ئەمەس.سىز كەيپىياتىڭىزنى ئۈستۈن تۇتۇپ،خىزمەتنى توغرا،ئەستايىدىل ئىشلىسىڭىزلا مەسىلە چىقمايدۇ.
ئابباسبىردىنلا  جانلىنىپ)سىلە شۇنداق دەپ ماڭا يۆلەنچۈك بولۇۋاتقاندىكىن ئىشلەپ باقساممۇ ئىشلەپ باقاي.
باشلىق:ئۇنداق بولسا،سىز دەرھال ئۆيىڭىزگە بېرىپ بەزى تەييارلىقلارنى قىلىۋېلىپ،دەرھال مەن تاپشۇرغان خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە قول تىقىڭ.مەن چۈشتىن كېيىن يولغا چىقىمەن.ھەمدە مۇناسىۋەتلىك گورۇپپا باشلىقلىرىغا ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەرنى تاپشۇرۇپ قويىمەن،سىز خاتىرجەم بولۇڭ.
ئابباس:سىلىنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىرىگە كۆپ رەھمەت.لېكىن سىلىنى مۇشۇنداقلا قۇرۇق يولغا سېلىپ قويسام قانداق يۈزۈم چىدايدۇ؟ھىچبولمىغاندا كەچتە بىر ۋاق تاماقنى...
باشلىق:بولدى،چىقىپ مەن دىگەن ئىشنى قىلىڭ.
ئابباس:بولىدۇ،چوقۇم شۇنداق قىلىمەن.(خۇشاللىقىدىن پۇت-قوللىرى قولاشماي چىقىپ كېتىدۇ،سىرىتتىن ئايگۈل كىرىدۇ).
باشلىق:ئايگۈل،سىز دەرھال ھەر قايسى گورۇپپا باشلىقلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىڭ.مەسلىھەتلىشىدىغان مۇھىم ئىش بار.
ئايگۈل:بولىدۇ.(چىقىپ كېتىدۇ)
ئۇزۇن ئۆتمەي باشلىق ئىشخانىسىغا گورۇپپا باشلىقلىرى يىغىلىدۇ.(ئادەم سانى ئەمەلىي ئەھۋال بويىچە بولىدۇ،ھەر قايسى گورۇپپا باشلىقلىرى ئۆز-ئارا گەپلىشىپ ئولتۇرىدۇ).
باشلىق:قېنى،تىنىچلىنىڭلار،مەن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن،ۋىلايەتلىك پارتىيەمەكتىپىگە ئىككى ئايلىق ئۆگىنىشكە بارىدىغان بولۇپ قالدىم،(باشقىلار بىر-بىرىگە قارىشىدۇ)مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ قوياي:تۈنۈگۈنكى يىغىندا ئىدارىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلىرىنى گورۇپپىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولدۇق.بۈگۈندىن باشلاپ ھەر قايسى گورۇپپا باشلىقلىرى ئۆز دائىرەڭلاردىكى خىزمەتنى ھەر بىر ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ،خىزمەتنى ئۈنۈملۈك ئىشلەڭلار.مەن كەلگىچە ئابباسكام ئۇمۇمى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەپ تۇرىدۇ.قېنى،پىكرىڭلار بارمۇ؟(باشقىلار ئۆز-ئارا غۇلغۇلا قىلىشىدۇ).
مامۇت:چاڭجاڭ،بۇ قانداق بولغىنى؟ئابباسكام ئۆزىغۇ ياۋاش ئادەم،لېكىن ئىسمىنىمۇ تۈزۈك يازالمايدىغان چالا ساۋات،مىس-مىس ئادەم تۇرسا.
ھامۇت:قورسىقى تويغاننى قورسىقىنى بېسىپ بېقىپ ئۇقىدۇ ئۇ لامزەللە.
داۋۇت:شۇ...شۇ...خالتىنى ئەكەل دىسە پالتىنى ئەكىلىدىغان بىر نىمە ئۇ.
ئايگۈل:چاڭجاڭ،ئابباس ئۆزى ياۋاش بولغىنى بىلەن،يۈرۈش-تۇرۇش،كىيىنىش دىگەنلەرگە ئەسلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلى كەلگىچە يۇقىرىدىن خىزمەت تەكشۈرۈپ كېپقالسا،تاغدىن-باغدىن سۆزلەپ بىزنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويارمىكىن؟
باشلىق:ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭلار،مېنىڭ ئويلىغىنىم:زاۋۇتىمىزدا ئابباسكام ھەممىدىن پىشقەدەم.ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تۇلۇق چۈشىنىدۇ.بولمىغان جايلىرىنى ھەر قايسىڭلار بولغاندىن كېيىن،بار مەسلىھەت ئىش قىلمامسىلەر؟سىلەرمۇ مۇشۇ زاۋۇتنىڭ تايانچىلىرىغۇ؟مۇھىم ئىشلار بولسا ئالاقىلىشىپ ھەل قىلمايمىزمۇ؟
ھامۇت:دىگەنلىرىغۇ توغرا.بىزمۇ ياردەمدە بولىمىز،لىكىن ئەنسىرەپ قالىدىكەنمىز.
باشلىق:بولدى قىلىڭلار،شۇ بويىچە بولسۇن.ۋاقىت چىقسا ئارىلىق يىراق بولمىغاندىن كېيىن كەپ تۇرىمەن.شۇ بويىچە ئىشلەڭلار.مەن تەييارلىق قىلىپ ماڭمىسام بولمايدۇ.(ئورنىدىن تۇرىدۇئايگۈلگە قاراپ)ئايگۈل،سىزبەزى ماتىرىياللارنى تەييارلاپ قويۇڭ،مەن چۈشتىن كېيىن ماڭىمەن.
مامۇت:چاڭجاڭ،بەكلا تۇيۇقسىز بولۇپ قالدى،قۇرۇقلا يولغا سېلىپ قويىدىغان بولدۇق.
باشلىق:كۆڭلۈڭلارنى چۈشىنىمەن.ئەمىسە خوش.خىزمەتلەرنى ئوبدان ئىشلەڭلار،مەن كەلگىچە زاۋۇتتا ئىتتىپاقسىزلىق ئامىللىرى يۈز بېرىپ قالمىسۇن .ھە،خوش.(چىقىپ كېتىدۇ)
(قالغانلار ئىشخانىدا غۇلغۇلا قىلىشىدۇ.بۇ چاغدا سىرىتتىن پوزۇر كىيىنگەن ئابباس غادىيىپ كىرىپ كېلىدۇ.باشقىلار ھەيران قالىدۇ.ئابباس باشلىقنىڭ جوزىسىغا بېرىپ سالاپەت بىلەن ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەچ گېزىت كۆرىدۇ)
ئايگۈل:ۋاھ،ئابباسكا،بۈگۈن قالتىس بولۇپ كېتىپسىز،سالاپەتلىك تۇرقىڭىزغا قاراپ ھاكىم كەلگەن چېغى دەپ قاپتىمىز.
مامۇت:ھاكىم،ھاكىم دىگۈچە گېنىرال دەڭلا،گېنىرال.
داۋۇت:بۇنىڭدىن كېيىن«ئابباسوف» گېنىرال دىسەك بولغىدەك.(ئۆز-ئارا كۈلۈشىدۇ)
ئابباس:داۋۇت،قۇرۇق گەپ قىلىپ ھارمىدىڭما؟كۈرۈك مېكياندەك كوتۇلداپ ئولتۇرماي ماڭە چىقىپ ئىشىڭنى قىل.(داۋۇت قۇلىقىغا ئىشەنمەي ھەيران قالىدۇ)چىقە،مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن.ئىشخانا دىگەن ئۇلاق بازىرى بولمىغاندىكىن،ھەر قايسىڭلارمۇ چىقىپ ئىشىڭلارنى قىلىڭلار.(قالغانلار بىر-بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ ئاستا چىقىپ بولغاندىكىن)
مامۇت:ئاغىينىلەر،بۇ نىمە گەپ بولۇپ كەتتى؟ئابباس لامزەللە كۈن بويى مۆرىمەي يۈرەتتى،ھېلىتىن بىزنى دۈشكەلەۋاتىدا؟
ھامۇت:تۇمۇرۇمنى تۇتقۇزۇپ قويماي دىگەن چېغى ئۇ لامزەللىنىڭ.
ئايگۈل:مانى يامان دىسىڭىز ئەنە ئەيسا غوجىڭىز»دىگەن مانا مۇشۇ.ئىككى ئايغىچە كۆرىدىغان كۈنىمىز بار ئوخشايدۇ.
داۋۇت:«تاغدا يولۋاس بولمىسا،مايمۇن پادىشاھ بولۇپتۇ»دىگەندەك ئىش بولدىغۇ.
مامۇت:ھەي ئاغىينىلەر،يۈرۈڭلار،ئىشىمىزنى قىلايلى،ھېلى بىكار يېڭى باشلىقىمىز دەپتەرگە«يوق»دەپ يېزىپ قويمىسۇن.(ھەممەيلەن سىرىتقا چىقىپ كېتىدۇ.ئابباس ئىشخانىدا ئۇياق-باياققا مېڭىپ باشلىقلارچە ھەركەتنى،مېڭىشنى مەشىق قىلىدۇ،سىرىتتىن ئايالى مېھرىنىسا كىرىدۇ)
مېھرىنىسا:ۋاي-ۋۇي ئابباس،بىر دەمدە ئىشخانىغا كەپ بوللىما؟
ئابباس:ئابباس؟(خوتۇنىغا ئالىيىپ قويۇپ)ئابباس چاڭجاڭ دە!
مېھرىنىسا:ھە...ھە ئابباس چاڭجاڭ.ئەستەغپۇرۇللا،ما ئادەمنىڭ گالاستۇكىنى،ماڭا قارىسىلا،بوينىلىرىدىكى ساتىراشنىڭ قوزۇقىغا ئىلىپ قويغان كاپلىغۇچ بولمىغاندىن كېيىن، تۈزۈك تاقىسىلا،ئەكەلسىلە مەن تاقاپ قوياي(گالاستۇكىنى ئوڭشايدۇ).
ئابباس:ئاھا...باشلىقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي نېرى تۇرە.
مېھرىنىسا:ۋىيەي،ما پۇسلاشنىڭ ھالىنى،نىمانداق قىلىلا؟سىلىچۇ ۋاقىتلىق باشلىق.«قەلەندەرگە ئەمەل تەگسە ھاجەتخانىغا گېلەم تارتىپتۇ»دىگەندەك قىلىۋاتقان گېپىنى.ئوھوش...
ئابباس:ئاستىراق،باشقىلار ئاڭلاپ قالمىسۇن.
مېھرىنىسا:ھە،ئۇنداق بولسا مېنىڭ گېپىمنى قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلىسىلا.سىلى بۈگۈندىن باشلاپ باشلىق بولدىلا.باشلىق باشلىقتەك بولۇشى كېرەك.بىرىنچىدىن:باشقىلاردىن ئۆزلىرىنى ئۈستۈن تۇتىلا.ئىككىنچىدىن:باشقىلار بىلەن كوللىكتىپ ئەمگەككە ياكى ئاممىۋى تازلىققا چىقىشقا توغرا كەلسە،باشقىلار بىلەن تەڭ ئىشلەپ كەتمىسىلە.مەسىلەن:بىرەر نەرسىنى ياكى بىرەر ساندۇقنى ئۈچ ئادەم كۆتىرىپ ھاسىراپ ئۆلەي دىسىمۇ كۆرمەسكە سالسىلا.مانا بۇ رەھبەرلىك ئىلمى.ئۈچىنچىدىن:ئۆزلىرىدىن ئىقتىدارلىق،قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەمدىن پەخەس بولسىلا،ئۇنداق ئادەملەرنى يىغىندا پات-پات تەنقىدلەپ،گەپ قىلدۇرمىسىلا،ئۇنداق ئادەملەر يۇشۇرۇن خەۋپ،باشقىلار ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ،ئۇقتىلىمۇ؟
ئابباس:ئۇقتۇم،خوتۇن.ئۇقتۇم.(ئىشىكنىڭ كەينىدىكى سۈپۈرگىنى ئېلىپ ئىشخانىنى تازىلاپ كېتىدۇ)
مېھرىنىسا:ۋۇي،نىمىش قىلىۋاتىلا؟تاشلىسىلا قوللىرىدىكى سۈپۈرگىنى.
ئابباسبىردىنلا ئېسىگە كېلىپ)چېچىلماڭلا خوتۇن،سىلىنى كۆرۈپ ئۆيدە قىلىدىغان ئىشىم ئېسىمگە كەپقالغان چېغى.
مېھرىنىسا:ئۇنداق بولسا مەن ئىشىمغا چىقىپ كەتتىم.مەن دىگەندەك قىلسىلا جۇمۇ،تۇتسىلا ماۋۇ تاماكىنى،ئەمدى چېكىپ ئۆگەنسىلە.
ئابباس:ھە،ماقۇل(قاملاشمىغان ھالدا تاماكا چېكىپ ئولتۇرىدۇ)
ئايگۈل كىرىدۇ.
ئايگۈل:ئابباسكا،بىرەر ئىش بارمىدى؟
ئابباس:ھە،ئىش بولمىسا چاقىراتتىممۇ؟ئەتە قىلىدىغان مۇھىم ئىش بار،قولىڭىزغا قەغەز-قەلەم ئېلىپ،مەن دىگەن گەپنى بىر-بىرلەپ يېزىڭ.(ئايگۈل قەلەم-قەغەز ئېلىپ تەييار بولۇپ تۇرىدۇ)
ئابباسكارنىيىنى قىرىپ يۇقىرى ئاۋازدا)ئۇقتۇرۇش(ئايگۈل قاراپلا قالىدۇ)نىمە پاقا تەشكەن سويمىدەك قاراپ تۇرىسىزكۇسپىرۇش؟ھە يېزىڭ،زاۋۇتىمىزدىكى ھەر قايسى گورۇپپىلارغا،ئەتە ئەتىگەن زاۋۇتىمىز تەۋەسىدە ئۇمۇميۈزلۈك تازىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.ھەر بىر خادىم بىردىن كەتمەن،بىردىن گۈرجەك،بىردىن پالتا،بىردىن خالتا،بىردىن سۈپۈرگە،بىردىن چېلەك،بىردىن نوگوي ئەكىلىشى كېرەك.
ئايگۈل:ئابباسكا،بىر ئادەم ئۇنچىۋالا جىق سايماننى نىمىگە ئىشلىتىدۇ؟
ئابباس:تولا ساقال غېرىچلىماي مەن دىگەننى يازمامسىز؟ھە كەتمەننى چاپىمىز،ئوتۇن يارىمىز،چېلەكتە سۇ توشۇيمىز.
ئايگۈل:ئوتۇننى نىمىشقا يارىمىز؟ھەممە ئىشخانىدا پار تۇرسا؟چېلەكتە سۇ توشۇغىچە سۇ تورۇبىسىدا چاچساق ئىش تۈگىمەمدۇ؟
ئابباس:نىمە؟سىزگە بۇ ئاتىكاچىلىقنى كىم قويدى؟بۇ جايدا ھازىرچە مېنىڭ دىگىنىم ھىساب،سىزگە قايسى ئىشنى قىلىڭ دىسەم شۇ ئىشنى قىلىسىز،ئۇقتىڭىزما؟
ئايگۈل:بۇ نىمە دىگەنلىرى؟سىلى ئورۇنلاشتۇرغان ئىشنى ۋاقتىدا ئىشلىمىگەن چاغدا بىر نىمە دىمەملا؟مەن پەقەت مەسلىھەت تەرىقىسىدە گەپ قىلدىم شۇ.
ئابباس:تولا سۆزلىمەي يازغانلىرىڭىزنى ئوقۇڭ(ئايگۈل خۇشياقمىغان ھالدا دوراپ ئوقۇيدۇ)مەن سىزگە ئاخىرقى سۆزنى«كېرەك»دەپ بەرسەم،سىز«لازىم»دەپ يېزىپسىزا،دەرھال ئۆزگەرتىپ يېزىڭ.
ئايگۈل:ئابباسكا،بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسى ئۆز-ئارا يېقىنغۇ؟ئۆزگەرتىپ نىمە قىلىمىز؟
ئابباس:ئەكىلىڭە،يازغۇڭىز بولمىسا ئۆزۈم يېزىۋېرىمەن.ۋاقتىمنى ئالماي ئىشخانىڭىزغا چىقىپ ئۆز ئىشىڭىزنى قىلىڭ.خوتۇن خەق دىگەن كىيىم كىيىپ ئۆزىنى پەردازلاشتىن باشقا نىمىنى بىلەتتى؟چىقىڭ،چىقىڭ!(ئايگۈل كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا چىقىپ كېتىدۇ)
ئايگۈلچىقىپ كېتىۋېتىپ سىرىتتا)نىمانداق قىلىدۇ ماۋۇ ئادەم؟«ئەمەل بەرسە توشقانمۇ ئادەم چىشلەيدۇ»دىگەن راست گەپ ئوخشايدۇ.ئۇ ھازىر باشلىق مەن دەپ كۆرەڭلەپ كەتتى.باشلىقىمىز قايتىپ كەلسە ئۇنىڭ بارىدىغان يېرى سامانلىق.خوتۇنىچۇ تېخى،بۇرۇن تازىلىق ئىشچىسى ئىدى،ھازىر بىزگە قارايدىغاندەك ئەمەس.
سىرىتتىن مامۇت كىرىدۇ.
مامۇت:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،باشلىق.(باشلىقنىڭ جوزىسى ئالدىدائۆرە تۇرىدۇ)
ئابباس:قېنى ئولتۇر.بىرەر ئىشىڭ بارمىدى؟ھە راست،سېخنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى قانداقراق؟
مامۇت:ئەتىگەندە توك ئىدارىسىدىن ئادەم كەلدى.زاۋۇتنىڭ توك يوللىرىنى دەرھال ئوڭشاڭلار دەيدۇ.بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىكەن.
ئابباس:نىمە؟توك يوللىرىنى؟
باشلىق:قانداق گەپ بولۇپ كەتتى بۇ؟ئادەم ماڭىدىغان يولنى ئوڭشاپ بولالمايۋاتساق،توك يولىنى ئوڭشاشقا نەدە پۇل؟
مامۇت:دىمىسىمۇ توك سىملىرى بەك كونىراپ كەتتى،تاساددىپىي ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ قالسا قانداق قىلىمىز؟
ئابباس:ئوت كەتسە سۇ چېچىپ ئۆچۈرىمىز.
مامۇت:توك سىمىغا ئوت كەتسە سۇ چاچقان نەدە بار؟
ئابباس:ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇرۇندىن تارتىپ ھەر قانداق ئوت ئاپىتىنى سۇ چېچىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغان،مۇشۇنىمۇ بىلمەمسەن؟بىزچۇ؟سەندەك ۋاقىتتا توك بولمىسىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى مۇشۇ ئىككى قولغا تايىنىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن جۇمۇ.
مامۇت:ئۇغۇ شۇنداق،لېكىن،دەپ باقسىلا،ھازىر قايسى دەۋر؟
ئابباس:كىچىك بالىدىن سۇئال سورىغاندەك گەپ قىلمىغىنا.قايسى دەۋر بولاتتى،ئۇلۇغ كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دەۋر.
مامۇت:بۇنى مەن ئەمەس،ھەممە ئادەم بىلىدۇ.ئۇنىڭ ئارقىسىغا قوشۇپ ئىلىم-پەن دەۋرى،ئۇچۇر دەۋرى،ئېلىكتىرۇن دەۋرى دىمەملا؟
ئابباس:ھەي پەلىپەتىش!گالدا-گۇلدۇڭ گەپ قىلىپ بېشىمنى ئاغرىتمىغىنا.
مامۇت:ئاچچىقلانمىسىلا،مەن سىلىدىن بىر سۇئال سوراپ باقاي،ئېشەك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ ماڭغان ياخشىمۇ ياكى ماشىنىدا ماڭغان ياخشىمۇ؟
ئابباس:ھەي كالۋا،ئېشەك دىگەن سۇ ئىچىدۇ،ماشىنا دىگەن ماي ئىچىدۇ.ئىككىىسىدىن قايسى ئەرزان،دەپ باقە؟
مامۇت:بولدى،سىلىگە گەپ قىلمىدىم.ئەڭ ياخشىسى باشلىق بىلەن ئالاقىلىشاي.(چىقىپ كېتىدۇ)
ئابباسئۆز-ئۆزىگە قايناپ)نىمە بولۇپ كەتتى بۇ جاھان؟بۇ كۈننىڭ ياش بالىلىرىنى-زە؟ھەي،ئانى دىسە مانى دىگەن.راست گەپنى دىسەك،بۇ كۈننىڭ ياشلىقىدىن ئۆتۈكىمىزنىڭ باشلىقى ياخشى جۇمۇ.
ھامۇتسىرىتتىن كىرىپ ئابباسقا يېقىنچىلىق قىلىدۇ ھەم مۇلايىملىق بىلەن)ئاداش...ئاداش...
ئابباس:نىمە؟مەن ئاداشما؟ مەن ئاداشما؟
ھامۇت:ئاغىينەم،نىمە بولدۇڭلا،ئۇزۇندىن بېرى بىر-بىرىمىزنى «ئاداش،ئاغىينەم»دەپ ئۆتەتتۇققۇ؟
ئابباس:مەن ئاغىينىما؟مەن ئاداشما؟
ھامۇتبىردىنلا ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ)ئېسىم قۇرۇسۇن،مۆھتىرەم باشلىق،جانابى باشلىق(رۇسلىنىپ ھەربىيچە چاس بېرىدۇ)
ئابباسقاقاھلاپ كۈلۈپ)ھە،ئەمدى بولدى.ما گېپىڭ جايىدا.ھە،نىمە ئىشىڭ بار ئىدى؟
ھامۇت:باشلىق،ئۆزلىرىگىمۇ مەلۇم،ئانام ئۇزۇندىن بۇيان دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتىدۇ،تىببى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە،يۇقىرى دەرىجىلىك دوخۇرخانىلاردا كېسىلىنى ئېنىقلىتىپ تەكشۈرۈپ كەلمىسەم بولمىغۇدەك.شۇڭا ماڭا بىر ھەپتىلىك رۇخسەت بەرگەن بولسىلا...
ئابباس:نىمە؟ھازىر قانداق ۋاقىت؟ئەتىدىن باشلاپ زاۋۇتىمىزدا ئۈچ كۈن تازىلىق قىلىش،گۈل-گىياھلارنى ئوتاش،سۇغۇرۇش ئەمگىكى ئېلىپ بېرىلىدۇ.مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە رۇخسەت سورىساڭ قانداق بولىدۇ؟
ھامۇت:ئوبدان باشلىق،جېنىم باشلىق.مەن ئانامنىڭ بىردىنبىر يالغۇز ئوغلى.ئاتام رەھمەتلىك تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئانام مېنى مىڭ جاپادا چوڭ قىلىپ،ئوقۇتۇپ مۇشۇ كۈنگە تەستە ئېرىشتۈرگەن.ئەمدىلىكتە ئانامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىسام خەلق-ئالەم مېنى نىمىمۇ دەر؟
ئابباس:ھەي...خوتۇنۇڭ نىمە ئىش قىلىدۇ؟ئاھا...خوتۇنۇڭ كىنوخانىنىڭ ئالدىدا گازىر-پۇرچاق،پوشكال-قۇيماق سېتىپ ئولتۇرغىچەئاپاڭنى شۇ ئاپارسا بولمامدۇ؟
ھامۇت:گەپلىرىغۇ توغرا،لېكىن خوتۇنۇم چالا ساۋات،ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار ئۇششاق،ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق.ئۇنداق قىلماي ماقۇل دەۋەتسىلە.مەن خۇش بولۇپ قالاي.زادى بولمىسا ئورنۇمغا ئادەم ياللاپ بېرەي.مەن ئۈچۈن ئىشلەپ تۇرسا.
ئابباس:بولمايدۇ.بۇ ئىدىيە مەسلىسى،پىرىنسىپ مەسلىسى،ئۇقتۇڭما؟
ھامۇت:ئۇنداق قىلمىسىلا،ئانامغا ئىچىلىرى ئاغرىسۇن!
ئابباس:بولمايدۇ دىدىم،بولمايدۇ.تولا بېشىمنى ئاغرىتماي چىقىپ ئىشىڭنى قىلە.
ھامۇتئاچچىقلىنىپ)بولمامدا؟(ئۈنلۈك قىلىپ)بولمامدا؟
ئابباس:بولمايدۇ،قەتئىي بولمايدۇ.
ھامۇت:ئۇنداق بولسا مەن باشلىققا تېلىفۇن ئۇرۇۋالاي.
ئابباس:باشلىققا؟مانا مەن باشلىق.
ھامۇتباش بارمىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ)مەنچۇ مانداق باشلىققا تېلىفۇن ئۇرىمەن.
ئابباس:ھەي،مەن قانداق باشلىقكەنمەن؟
ھامۇت:سىلىچۇ(سىنچىلاق بارمىقىنى كۆرسىتىپ)مانداق باشلىق(دەپ تېلىفۇننىڭ ئاۋازلىق كۇنۇپكىسىنى باسىدۇ).
ئابباس:ھەي قاپاقباش،تېلىفۇن ئۇرۇشنى ئۇقامسەن؟مۇشۇ كۈنلەردە سېنىڭ خورىكىڭ ئەجەپ ئۆسۈپ قالدىيا؟تېلىفۇن دىگەننىچۇ قارا،تورۇپكىنى قولغا ئېلىپ ئۇرىمىز جۇمۇ.(ھامۇتقا ھومىيىدۇ)
ھامۇت:نىمە دەيسەن ھەي لامزەللە؟خۇڭشۇ كاللا،ھېلىلە گەدەن،غېجەك كاللا تاز.سەن دىگەن بىزگە ۋاقىتلىق باشلىق جۇمۇ.نىمەڭگە كۆرەڭلەيسەن؟چوڭ بىلمەيمىز سەندەك باشلىقنى.
ئابباس:نىمە دىدىڭ؟يەنە بىر دەپ باقە...يەنە بىر دەپ باقە...(ھامۇتنىڭ ياقىسىدىن ئالىدۇ.ھامۇت«قويۇۋەت،قويۇۋەت مېنى»دىگىنىچە ئابباسنىڭ كېكىرتىكىدىن ئالىدۇ.سىرىتتىن باشقىلار كىرىدۇ)
ئايگۈل:بولدى قىلىڭلار،ئۇرۇشماڭلار.باشلىقتىن تېلىفۇن كەلدى،باشلىق قايتىپ كەپتۇ،زاۋۇتقا ھازىر كېلىدىكەن.
ئابباس:نىمە؟باشلىق قايتىپ كەپتىما؟نىمانچە تېز؟...(بىردىنلا بوشىشىپ)ۋاي ئىسىت...ۋاي ئىسىت...بۇ ئىشخانىدىكى جوزا-ئورۇندۇققا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن.يەنە بىر مەزگىل باشلىق بولۇپ ئىشلىگىم بار ئىدى.مانا ئەمدى ئارزۇ-ئارمانلىرىم سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈككە ئايلاندى،ھەي ئىسىت...ھەي ئىسىت...(يىغلامسىراپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ،ئايالى كىرىپ يۆلەيدۇ)
مامۇتتەنە ئارىلاش)ئەمدىچۇ،بۇرۇنقى ئىشلىرىنى ئاستا تېپىپ ئوبدان ئىشلەلا،مۆھتىرەم باشلىق.
ئايگۈل:ئەمدىچۇ،«كېرەك»دىگەن خەتنى «لازىم»دەپ،ئاۋۇ ئۆيدىكى خوتۇنلىرىغا يازغۇزالا جانابى باشلىق.
ھامۇتئۈنلۈك قىلىپ)ئاداش...ئاغىينەم...«موزاينىڭ يۈگرىشى سامانلىققىچە»دىگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمۇ سىلە؟«سۇ كېتىدۇ تاش قالىدۇ،ئوسما كېتىدۇ قاش قالىدۇ»دىگەندەك كىملەردىن قالمىغان جاھان بۇ؟(ئالدىغا بېرىپ)ئاداش...ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھە...ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەڭلا.(ئابباس خىجىل بولغاندەك شۈمشىيىپ ئولتۇرىدۇ)
ھامۇت:ھۆرمەتلىك باشلىق،جاھاننىڭ تىنىچ ۋاقتىدا ئاستا ئۆزلىرىنى بىلىپ،جوزا-ئورۇندۇقلارنى بېكارلاملا؟(ئابباس ئاستا شۈمشىيىپ ئايالى بىلەن چىقىپ كېتىدۇ)
مامۇت:يائاللا،خۇداغا شۈكرى.ھەر نىمە بولسا قۇتۇلدۇق بۇ لامزەللىدىن،مەن زادى ئۇقمىدىم.باشلىق نىمىنى ئويلاپ بۇ لامزەللىنى بىزگە ۋاقىتلىق باشلىق قىلىپ قويدىكىنتاڭ؟
ئايگۈل:ھە راست،ئابباسكام بىر نەچچە يەردە بىزنىڭ باشلىقنىڭ ئارقىسىدىن كۇس-كۇس گەپ قىلغانمىش.مەسىلەن:تۈنۈگۈن كېلىپ
بىزگە باشلىق بولۇۋىدى،بۈگۈن بىزدەكلەرنى كۆزگە ئىلمىدى.يەپ كەتتى،ئىچىپ كەتتى،ئويناپ كەتتى دىگەندەك.شۇڭا باشلىق ئابباسكامنى بىر سىناپ باققان چېغى.
داۋۇت:ئابباس لامزەللە بۇرۇن كەندىر يېغىنى ئىچىۋالغان ئادەمدەك گالدى-گۇلدۇڭ يۈرۈيتتى،ۋاقىتلىق باشلىق بولغاندىن بۇيان سامساق يەۋالغان مايمۇندەك چىچاڭشىپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان.ئەمدى كۆرىمىزغۇ ھالىنى.
مامۇت:«كەسلەنچۈك مىڭ يىلدىمۇ يىلان بولماپتۇ«دىگەندەك،ئابباس لامزەللە قانداقمۇ بىر زاۋۇتقا باشلىق بولالىسۇن؟
ھامۇت:توغرا.باشلىق بولغان كىشى ئۇمۇمنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى،ئاممىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماسلىقى،ئاممىنىڭ دەرد-ھالىغا يېتىشى،ئامما ئۈچۈن پۇختا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى لازىم.
ئايگۈل:شۇنداق،مەنسەپ قارىشى كۈچلۈك،ماھارەت قارىشى كۈچسىز ئادەملەرنى رەھبەرلىك قاتلىمىغا ھەرگىز يولاتماسلىق كېرەك.
مامۇتسىرىتقا قاراپ)ھەي ئاغىينىلەر،قاراڭلار،باشلىق كېلىۋاتىدۇ.يۈرۈڭلار،ئالدىغا چىقايلى!
ھەممەيلەن«شۇنداق قىلايلى!»دىيىشكىنىچە سەھنىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
.......
مىرشاپ بىلەن رىياسەتچى قىز سەھنىگە چىقىدۇ.
مىرشاپ:ئۇھ،ئاخىرى جازادىن قۇتۇلدۇق ھە گۈلشەن.
رىياسەتچى قىز:ھەئە.
مىرشاپ:ھۆرمەتلىك يىگىت بېشى،توغراق قىزى پاتىمە(ئۆزگىرىشچان ئىسىم) «سۆيەلەمسەن»(4-نۇمۇر) دىگەن ناخشىنى تاماشىبىنلارنىڭ كۆڭۈل ئارامىغاسۇنسام دەپ سوراۋاتىدۇ،رۇخسەتمۇ؟
يىگىت بېشى:قىزلارنى نائۈمىد قويۇش ئەخلاقسىزلىق جۈملىسىدىندۇر.قېنى سەھنىگە چىققاي!
مىرشاپ،رىياسەتچى قىزتەڭلا)قېنى پاتىمە،سەھنە سىزگە قالدى.
سۆيەلەمسەن
ناخشا
سۆزى:ئۆمەرجان كېرىمنىڭ
سۆيەلەمسەن گۈل بېغىم سۇنۇپ،
جەزىرىدە يۈرگەندە تېنەپ.
دوستلىرىممۇ دۈشمىنىم بولۇپ،
باش ئۈستۈمدە يۈرسە دېۋەيلەپ.

سۆيەلەمسەن قاقاس دالىدا،
تەنھا ئۆزۈم يۈرگەندە تېنەپ.
سۆيەلەمسەن ئاچچىق نالىدا،
تەسەللىگە قويغاندا تەلەپ.

سۆيەلەمسەن كاج قىسمەت بىلەن،
كېتىپ قالسام بىر كۈن يىراققا.
سۆيەلەمسەن ئەقىدەڭ بىلەن،
بەرداش بېرىپ ئېغىر سىناققا.
(«شايار»ژۇرنىلىنىڭ2012-يىللىق1-سانىدىن ئېلىندى)
تارىم سۈيىنىڭ نازۇك شىلدىرلاپ ئاققان ئاۋازى كېلىپ سەھنىگە بىر توپ ئوماق قىزلار چىقىدۇ.ئۇلار نەپىس ھەركەتلەر بىلەن «تارىمدا باھار»(5-نۇمۇر)ناملىق ئوپچە ئۇسسۇل ئورۇنلايدۇ،بىر پەستىن كېيىن زەبەردەست يىگىتلەر سەھنىگە چىقىپ ئۇسسۇلنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ.تاماشىبىنلارنىڭ ئەقلىنى لال قىلغان ئۇسسۇل ئاياقلاشقاندىن كېيىن مىرشاپ بىلەن رىياسەتچى قىز سەھنىگە چىقىدۇ.
مىرشاپ:مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى،سوتسىيالىستىك ئەخلاق تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى مەينەت كىرلەرنى تۆۋەندىكى «ھېكمەتلىك سوۋغا»(6-نۇمۇر)ناملىق ئىتوت پاكىزلىيالىسا ئەجەب ئەمەس.
رىياسەتچى قىز:يىگىت بېشى بۇنىڭغا نىمە دەيدىكىن؟
يىگىت بېشى:ئىتوت ئورۇنلىغۇچىلار سەھنىگە چىققاي!
ھېكمەتلىك سوۋغا
(ئىتوت)
ئاپتورى:زۆھرەگۈل ھامۇت
سەھنىدە تازىلىق ئىشچىسى سۈپۈرگە بىلەن ئەتراپىنى تازىلاپ،ئەخلەت قاچىسىغا ئەخلەت ئېلىۋاتقان ھالەتتە سەھنىدە نامايەن بولىدۇ.
سودىگەر ئايالتوختىماي گازىر چاققاچ)تېزرەك ماڭمامسەن قىزىم ئەزمەڭنى ئەزمەي؟قاتار چايدىكى دوستلار تولا سۈيلەپ ھېرىپ قالدى مېنى.
قىزىبانان يەپ شۈپۈكىنى تاشلىغاچ) شەنبە كۈنى بولسىلا بىر ئىشىڭ چىقىدۇ ئاپا،مېنى قاتار چايغا ئاپىرىمەن دىگۈچە دۇكىنىڭنى ئاچساڭ بولمامدۇ؟مەن بارمايچۇ،ئۆيدە قېلىپ تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەي.
سودىگەر ئايال:بىر كۈن دۇكان ئاچمىغانغا ئۆلەمتىم؟كىيىم لازىم بولسا ئۇچامدىكى كىيىملىرىمنى كۆرۈپلا خېرىدارلىرىمنىڭ يۈرىكىگە ئوت تۇتىشىپ ماڭا پالانى كىيىمدىن لازىم ئىدى دەپلا تېلىفۇن قىلىدۇ.بىچارىلەرگە ئىچىم ئاغرىپ لازىم دىگەن كىيىمنى دەرھال سېتىپ بېرىمەن.دىمىسىمۇ ئۇ بىچارىلەر دۇكىنىمدىكى پېچچەت كىيىملەرنى كىيىشىپ دۈشمىنىنىڭ كۆزىگە مىخ،يىگىتلىرىنىڭ كۆزىگە ئوت بولۇپ كۆرۈنسۇن. تاپشۇرۇقنى ئەتە ئىشلىسەڭمۇ ئوخشاش،ھازىردىن باشلاپ ئاشۇنداق سورۇنلارغا بېرىپ كۈنگىن.
قىزىتازىلىق ئىشچىسىنى كۆرۈپ ھۇدۇقۇپ)ۋۇي، ئاۋۇ يەردە تازىلىق ئىشچىسى باركەن.(تاشلىغان شۈپۈكنى ئالمان-تالمان قولىغا ئېلىپ)ئاپا،گازىر چاقمىساڭچۇ، ئۇ ئاچاش جاپا تارتىپ تازىلىق قىلىۋاتسا سەن بۇ يەردە گازىر چاقساڭ بولامدۇ؟
سودىگەر ئايال:ئۇ مۇشۇنداق قىلىپ جان باقمىسا قانداق جان باقىدۇ؟(سومكىسىدىن بىر دانە بانان ئېلىپ سويۇپ يەپ شوپۇكىنى يەرگىلا تاشلاپ، لەۋ سۇرۇقى بىلەن كىچىك ئەينەك ئېلىپ لېۋىنى بويايدۇ).
قىزى:ئاپا،بۇنداق قىلمىساڭچۇ.مۇئەللىم بىزگە ئاممىۋى سورۇندا تازىلىققا رىئايە قىلىڭلار دەپ تەربىيە بەرگەن.ئەينەككە قارىمىغىنە،خەق بىزگە قاراۋاتىدۇ.
سودىگەر ئايال:بىز خەق يولدىن ئۆتكەچ ئەخلەت تاشلاپ تۇرمىساق ئۇ خوتۇن زېرىكىپ قالمامدۇ؟
تازىلىق ئىشچىسى ئايالئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ) قىزلىرى ناۋاتتەك گەپ قىلىدىكەن،ئۆزلىرى قىزلىرىچىلىكمۇ بولالمايدىكەنلا خېنىم.
سودىگەر ئايالتېرىكىپ) ھۇي...خېنىم!بۇ نىمە دىگەنلىرى؟بۇ قىزىمنى كىچىكىدىن ناۋات بېرىپ چوڭ قىلغاچقا مۇشۇنداق ناۋاتتەك گەپ قىلىدىغان بالا بولغان،نىمە گەپ قىلمىسام جېنىمغا تېگىدۇ بۇ خوتۇن!
قىزى:ئاپا،ئۇ ئاچاشنىڭ گېپى توغرا.
سودىگەر ئايالقىزىغا ۋارقىراپ)ھەي ياخشى-ياماننى ئايرىيالمايدىغان بېزەڭ!خەقنى دەپ ئاپاڭنى ئەيىبلىگۈدەك بولدۇڭما؟
قىزى:سەن خاتا قىلغان تۇرساڭ.
تازىلىق ئىشچىسى ئايال:قارىسام تازا تەتۈر ئايالكەنلا.سىلى بىلەن گەپ تالىشىپ ۋاقتىمنى زايە قىلغۇچە ئىشىمنى قىلاي.
سودىگەر ئايالئالىيىپ)كىم سىلىگە گەپ قىلىپتىكەن؟سىلىدەك كۆك ئۈچەيگە گەپ قىلىپ ئاغزىمنى ئۇپراتقىچە مەنمۇ يولۇمغا ماڭاي! (سومكىسىدىن تازىلىق قەغەز ئېلىپ مىشقىرىپ قەغەزگە سۈرتكەندىن كېيىن قەغەزنى كەينىگە تاشلاپ قولىنى سىلكىيدۇ.شۇ پەيتتە قولىدىن ئالتۇن بىلەيزۈكى «تىرىڭڭىدە» يەرگە چۈشىدۇ. ئالدىراش سائىتىگە قاراپ)بولە تېز،ماشىنا كېلىپ قالدى.(ئالدىراش سەھنىدىن چىقىپ كېتىدۇ).
تازىلىق ئىشچىسى ئايال ئۇنىڭ قولىدىن چۈشۈپ قالغان ئالتۇن بىلەيزۈكنى كۆرىدۇ-دە ئىتتىك قولىغا ئېلىپ يۈگۈرۈپ)ھىي خېنىم ،توختاڭ،بىلەيزۈكىڭىز چۈشۈپ قالدى...كەينىدىن يېتىشىپ بولغىچە ماشىنىغا چىقىپ بولدىغۇ بۇ ئايال؟مېنى تېخى كۆك ئۈچەي دەپ تىللاۋاتىدۇ ئاغزىغا باقماي سۆزلەپ.تازىمۇ بىر مەدەنىيەتسىز ئايالكەن بۇ. قىزىڭنى دورىساڭچۇ كاشكى.تېخى بايىلا تازىلىغان يەر ئىدى،ھەي...ئىشتىن چۈشىدىغىنىمغا خېلى ۋاقىت بار،ئۇ بىلەيزۈكىنىڭ يوقاپ كەتكىنىنى بىلسە ئىزدەپ كېلىپ قالار،كەلمىسە ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرەرمەن.ئىشىمنى قىلغاچ ساقلاي.(يەنە تازىلايدۇ. تېلىفۇن كېلىپ ئۇ بىرسى بىلەن ئەھۋاللىشىدۇ)قانداق ئەھۋاللىرى خوشنام؟ھە،مەنمۇ قەدىر ئەھۋال.يەنەجاپاتارتىپ ئوغلۇم پۇرقەتكە تاماق ئەچىققانمىدىلە؟ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا دادا بالا ئىككىسى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ دادىسىدىن ئايرىلىپ قالدۇق، بىچارە ئوغلۇم پالەچ بولۇپ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بەك قىينالدى.ئۇنى ئوقۇشسىز قويماسلىق ئۈچۈن ھەر كۈنى ئەتىگەن قاراڭغۇدا كېلىپ خەلق مەيدانىنى تازىلاپ بولۇپ يەنە ئۆيگە قايتىمەن،بالامنى ئەتىگەنلىك غىزالاندۇرۇپ مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىمەن،چۈشتە يەنە ئالدىغا بېرىپ ئەكىلىۋالىمەن،بەزىدە ساۋاقداشلىرى ھەتتا مۇئەللىملىرىمۇ ئەكىلىپ قويدى. ئوغلۇم مېيىپ بولسىمۇ بەك ئەقىللىق،مەكتەپ بويىچە ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇدى دىسىلە.بۈگۈن بالامنىڭ تازا مىجەزى يوقتى. ئۇنىڭغا دورا بېرىپ قويغان بولسىلا بوپتىكەن، دائىم سىلىنى ئاۋارە قىلىپ كېلىۋاتىمەن...مەن ئىشتىن چۈشۈپلا بارىمەن.ماقۇل ئەمىسە،سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى،خوش.
تازىلىق ئىشچىسى ئايال يەرنى تازىلاۋاتسا بىر دانە بانان شۆپۈكى بېشىغىلا تېگىدۇ)ۋۇي بېشىنى يەيدىغان!ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئەخلەت تاشلاپ ماڭغىنىنى كۆرمەمدىغان بۇ تەربىيىسىزنىڭ؟
سەھنىگە بىر قولىدا سۇلياۋخالتىغا يىمەكلىك ئېلىۋالغان يىگىت چىقىدۇ.
يىگىتيانفۇندا سۆزلىشىپ)ئوخ...خو...(تازىلىق ئىشچىسى ئايال بۇ ئاۋازدىن قاتتىق چۆچۈپ كېتىدۇ)سەن ھازىر نەدە؟مەن خەلق مەيدانىدا سېنى ساقلاۋاتىمەن. (سۆزلىگەچ خالىتىدىن خاسىڭ ئېلىپ يەپ شۈپۈكىنى خالىغان يەرگە تاشلايدۇ،تازىلىق ئىشچىسى يىگىت ئەخلەتنى نەگە چاچسا شۇ يەرگە بېرىپ تازىلايدۇ).تېز كەلگىنە جېنىم ئادەمنى تەقەززا قىلماي.
قىز سەھنىگە چىقىدۇ.
قىز:مانا كەلدىم.
يىگىت:بۇ ياققا كەلگىنە،ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى.(ئىككىسى بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ مىۋە يەپ شۈپۈكىنى تاشلاشقا باشلايدۇ).
تازىلىق ئىشچىسى ئاياليانچۇقىدىن سۇلياۋ خالتا چىقىرىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا قويۇپ)ئۇكىلىرىم،خاپا بولماي ئەخلەتنى بۇ خالتىغا تاشلاڭلار.
يىگىت:ئاچا،ئادەمنىڭ گېپىنىڭ قاپ بېلىگە تەپمەي نېرى كەتسىلە.
تازىلىق ئىشچىسى ئايال:سىلەر باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەشنى بىلمەمسىلەر؟
قىز:ئاچا،بولدى خاپا بولمىسىلا،(يىگىتكە قاراپ)دىمىسىمۇ ئۇ بىر تەرەپتىن تازىلاۋاتسا بىز ئەخلەت تاشلىساق تازا قاملاشمىدى جۇمۇ.
تازىلىق ئىشچىسى ئايال:ئۇكىلىرىم،ھازىر پاكىزە شەھەر مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ناھىيە بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەركىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ.مۇھىت تازىلىقىنى قوغداش ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.ھەممە ئادەم تازىلىققا رىئايە قىلغاندىلا پاكىزە مۇھىت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
قىزخىجىل بولۇپ) بۇ ئاچام توغرا ئېيتىدۇ.ئۇ ئاتايىن كېلىپ يېنىمىزغا سۇلياۋ خالتا قويۇپ كەتكەندىن كېيىن ئەخلەتنى يەرگە تاشلىمايلى.
يىگىتخىجىل بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ)بىز خاتا قىپتىمىز ئاچا،بايىقى ئەدەبسىزلىكىمىزنى كەچۈرىۋەتسىلە.
تازىلىق ئىشچىسى ئايال:خاتالىقىڭلارنى تونۇغىنىڭلارنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش.باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسنى قەدىرلىسەڭلار قارشى تەرەپمۇ سىلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ.ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت تاپارسەن دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟ مەن ھەرگىز خاپا بولمايمەن.
يىگىت:يۈرە،ئويۇنغا كېچىكىپ قالمايلى.(سەھنىدىن چىقىپ كېتىدۇ).
سەھنىگە سودىگەر ئايال بىلەن قىزى چىقىدۇ.
قىزى:ئاپا،ئاۋۇ تازىلىق ئىشچىسى ئاچاشتىن سوراپ باقايلى.
سودىگەر ئايال:ئۇ تېگى پەس خوتۇن ئۇچرىتىپ قالسا مېنى نەس باسقىنى شۇ.
قىزى:بۇ نىمە دىگىنىڭ؟ئۇنى بىكاردىن بىكار ھاقارەتلەۋاتىسەنغۇ؟
سودىگەر ئايال: ئۇنىڭغا ئۇچرا پ قالسا بەرمەسمىكىن دەيمەن.
قىزى:سورىغاننىڭ نىمە يامىنى بار؟
سودىگەر ئايالجىددىي قىياپەتتە تازىلىق ئىشچىسىغا قاراپ)بايا ئۆيدىن چىققاندا بىلىكىمدە ئالتۇن بىلەيزۈكۈم بار ئىدى،چايغا بېرىپ قارىسام يوق تۇرىدۇ،سىلى ئۇچراتمىغانلا؟
تازىلىق ئىشچىسى ئاياليېنىدىن بىلەيزۈكنى چىقىرىپ)مۇشۇ شۇمۇ؟
سودىگەر ئايالھاياجانلىنىپ ۋارقىراپ)ۋۇي شۇ...شۇ...شۇ...
تازىلىق ئىشچىسى ئايالئۇنىڭغا سۇنۇپ)بايا شۇنچە چاقىرسام ئاڭلىماي كېتىپ قالدىلا،بىلەيزۈكىنى يوقىتىپ قانچە كۆڭلى يېرىم بولغاندۇ دەپ سىلىنى ساقلاپ تۇرغان.
سودىگەر ئايالخۇشال بولۇپ)رەھمەت سىلىگە.سىلى بەك ئاقكۆڭۈل ئايالكەنلا.
    قىزىئاپىسىنى يانغا تارتىپ)ئاپا،مەن بۇ ئاچاشنى تونۇيمەن،ئۇ مەن ساڭا دائىم گېپىنى قىلىپ بېرىدىغان،مەكتەپ بويىچە ئەلاچى مېيىپ ئوقۇغۇچى پۇرقەتنىڭ ئاپىسى،ئۇنىڭغا رەھمىتىڭنى بىلدۈرۈپ قويغىن،ساۋاقدىشىمغا قىلغان ياردىمىڭ بولۇپ قالار.
سودىگەر ئايالپورتمالدىن پۇل ئېلىپ ئايالغا تەڭلەپ) بۇ200يۇەن پۇلنى ئاز بولسىمۇ سۈيۈنچىگە بېرەي،لازىم قىلسىلا.
تازىلىق ئىشچىسى ئايال:بولدى، ماڭا پۇلنىڭ لازىمى يوق.
سودىگەر ئايال:پۇلنى ئاز كۆرۈپ قالمىغانلا؟ناۋادا شۇنداق بولسا يەنە قوشاي.(سومكىسىدىن پۇل ئېلىشقا ھەركەت قىلىدۇ).
تازىلىق ئىشچىسى ئايالخاپا بولۇپ)مەن سىلىدىن ھىچنىمە تاما قىغىنىم يوق.پۇللىرىنى دەرھال يانلىرىغا سالسىلا.
سودىگەر ئايال:بۇنىڭدا قانداق بولىدۇ؟
تازىلىق ئىشچىسى ئايال:ھىچنىمە بولمايدۇ.سىلى مېنى كۆپرەك پۇل ئۈندۈرىۋېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ قالغان ئوخشىماملا؟ئادەم ئۈچۈن پۇلدىنمۇ مۇھىم بىر نەرسە بار،ئۇ بولسىمۇ پاك ۋىجدان،سەمىمىي قەلب.
سودىگەر ئايال: توۋا...سىلى ھەقىقەتەن كەم تېپىلىدىغان ئېسىل خىسلەتلىك ئايالكەنلا .مەن سىلىنىڭ سىرىتقى قىياپەتلىرىگە قاراپلا باھا بېرىپتىمەن ئەمەسمۇ؟مەن سىلىدىن ئۆگەنسەم بولغىدەك.
تازىلىق ئىشچىسى ئايال: بايا قىزلىرى سىلىگە يەرگە ئەخلەت تاشلىماسلىق توغرىسىدا گەپ قىلسا ئۇنىڭ گېپىنى قىسلچاقلىرىغىمۇ ئالماي كېتىپ قالدىلا،تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن دىسە قاتار چايغا بارىسەن دەپ جاھىللىق قىلدىلا.قىز بالا دىگەن مىللەتنىڭ ئانىسى ئەمەسمۇ؟قىز بالىنى مۇشۇنداق تەربىيلىسىلە ئۇ كېيىن قانداق ئادەم بولۇپ چوڭ بولار؟ئۇنىڭ بالىسىچۇ؟
سودىگەر ئايالخىجىل بولۇپ)مېنىڭ بالا تەربىيلەش ئۇسۇلۇم توغرا بولماپتۇ،شۇ تاپتا خىجىللىقىمدىن يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بولۇۋاتىمەن.
تازىلىق ئىشچىسى ئايال:خاتالىقىنى تونۇغان ئادەم ياخشى ئادەم.قىزلىرى ياخشى مەكتەپ تەربىيىسىگە ئىگە بولغاچقا سىلىنىڭ خاتالىقلىرىنى تېزلا بايقىۋالدى.ياخشى بالا تەربىيلەش ئۈچۈن ياخشى ئانا بولۇش كېرەك. سىلى مۇشۇ ئەپتىلىرى بىلەن قانداقمۇ قىزلىرىغا ئۈلگە بولالايدىلا؟ سىلى مۇشۇ شەخسىيەتچىلىكىلىرى بىلەن بالا تەربىيلىسىلە جەمئىيەتتە يەنە بىر داشقالنى ئاينىتقان بولمامدىلا؟
سودىگەر ئايال:مەن سىلىنىڭ سۆزلىرىنى ئېسىمدە چىڭ تۇتىمەن.سىلىگە كۆپ رەھمەت.
تازىلىق ئىشچىسى ئايال:ماڭا رەھمەت ئېيتماي،ۋۇجۇدىلىرىدىكى مەينەت كىرلەرنى تازىلىسىلا.مەن سىلىگە بىر ئېغىز ھېكمەتلىك سۆزنى ھەدىيە قىلماقچىمەن:«ئۆزۈڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي دىگەن كىشى ئۆتۈپ كەتكەن شەخسىيەتچى ئادەملەر تەبىقىسىدىندۇر»!
سودىگەر ئايال:مەن چوقۇم سىلىنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن ئۆگىنىمەن.سىلىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!(كۆزىگە ياش ئالىدۇ).
تازىلىق ئىشچىسى ئايال:بولدى،خىجىل بولمىسىلا،سىلىنىڭ ئورۇنلىرىدا باشقا ئادەم بولغان بولسىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇنداق قىلغان بولاتتىم.(سائىتىگە قاراپ)ۋۇي،ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قاپتۇ،ئوغلۇم پۇرقەتنىڭ مىجەزى يوقتى،دەرھال قايتمىسام بولمايدۇ،خوش ئەمىسە.(سودىگەر ئايال بىلەن قىز ئۇ كەتكەن تەرەپكە ھاڭۋېقىپ قالىدۇ).
سودىگەر ئايالئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ) ئۇ ھەقىقى پەرىشتىكەن،مەن ئۇنىڭ ئاددىغىنە ئۈستىبېشىنى كۆرۈپ كۆزگىمۇ ئىلماپتىكەنمەن.ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرغان ھېكمەتلىك سۆزى ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك.مەن ئۇ سۆزلەرنى كەشتىلەپ رامكىغا ئېلىپ مېھمانلىق ئۆينىڭ تۆرىگە ئېسىپ قويىمەن.ھەر كۈنى ئۇ ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن قەلبىمنى پاكلايمەن.ئۇ ماڭا ئادەم بولۇشنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئۆگەتكەن قالتىس ئايال!(ھاياجان ئىلكىدە سۆزلەيدۇ).
قىزى:ئاپا،بىز بۇ يەردە تۇرۇۋەرمەي ئۇ ئاچاشنىڭ كەينىدىن بېرىپ پۇرقەتنى يوقلاپ كېلەيلىچۇ.
سودىگەر ئايال:توغرا دەيسەن قىزىم،چاققان ماڭايلى!!!...(ئۇلار ئالدىراپ تازىلىق ئىشچىسى ئايال كەتكەن تەرەپكە ماڭىدۇ).
.....
مىرشاپ بىلەن رىياسەتچى قىز سەھنىگە يىنىك قەدەملەر بىلەن چىقىپ كېلىدۇ.
7-نۇمۇر:
گۇمان قىلما ئايا دوستلار(ئەي)،بۇ يۇرتنى بىپايان چۆل دەپ،
سىياقى مىسلى بىر جەننەت،كۆڭۈل سەيلانىسى شاھيار،
ئەمدى مەن دەۋران سۈرەي(ئەي)،(ۋاي) كۆڭۈل سەيلانىسى شاھيار.
مىرشاپ:گۈلشەن،بۇلتۇر شايار ناھىيىسى ئۈچۈن كاتتا بىر يىل بولدى جۇمۇ.
رىياسەتچى قىز:ۋۇي قانداق دەيسىز؟(ئەجەبلىنىپ مىرشاپقا سۇئال نەزەرىدە تىكىلىدۇ).
مىرشاپ:مەن تېخى سىزنى خەۋەردارمىكىن دەپتىمەن.
رىياسەتچى قىز: (يىگىت بېشىغا قاراپ)ھۆرمەتلىك يىگىت بېشى،مىرشاپنىڭ سۆزىنى ھىچ چۈشىنەلمىدىم،ماڭا بىر يېشىپ بەرسىڭىز...
يىگىت بېشىئۇرغۇلۇق قىلىپ)بولىدۇ،مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئولتۇرغان مېھمانلارغا بۇ ھەقتە شايار ناھىيىسىنىڭ بۇلتۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە-مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئۇچۇر بېرىپ ئۆتەي:بۇلتۇر شايار ئەلنەغمىلىرى ئاساسىدا يېڭىدىن ئىشلەنگەن شايار سەنىمى جىياشىڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇيەن ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ سەنئەت كۆرىكىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا نائىل بولۇپ،شايار ناھىيىسى ئۈچۈن كاتتا شان-شەرەپ كەلتۈردى.شايار سەنىمى شايار ناھىيىسىنىڭ تاۋار ماركىسى قىلىپ بېكىتىلىپ،مەكتەپلەرنىڭ 2-دەرسخانا پائالىيىتىگە كىرگۈزۈش قارار قىلىندى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە شايار سەنىمى ئىدارە-ئورگان ۋە مەكتەپلەرنىڭ رادىئو گىمناستىكىسى قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.شايار سەنىمىدە ئىشلىتىلگەن ناخشا تېكىستلىرى ئاددىي،ئاممىباب،يارقىن تىللار بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.ئۇنىڭدا خەلق ناخشىلىرى بىلەن غەزەل شەكلى زىچ بىرىكىپ،ناخشا ئاھاڭى بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن.  
مىرشاپ:رەھمەت يىگىت بېشى،ئۆزلىرى كەمىنىگە شايار سەنىمى توغرىلىق كاتتا بىر ئۇچۇر بەردىلە،شۇ تاپتا شايار تۇپرىقىدا يېڭىدىن  كۆز ئاچقان سەنەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەم ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ،ئەل قەلبىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان ئاشۇ ئۇستا سازەندىلىرىمىز،خۇش ئاۋازلىق ناخشىچىلىرىمىز،زەبەردەست يىگىتلەر بىلەن نازۇك بەدەن قىزلىرىمىزنىڭ ماھارىتىنى بىر كۆرۈپ باقساق قانداق؟
يىگىت بېشى:ئەلۋەتتە،(مۇشۇ گەپكە ئۈلگۈرۈپ شايار سەنىمىنىڭ مۇزىكىسى باشلىنىدۇ)قىز-يىگىتلەرمۇ كېپقالدى مانا.
رىياسەتچى قىز:«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىركۆرگەن ئەلا» دىگەن ھېكمەتلىك سۆز بار،بارچە دىللارنى سۈيۈندۈرگەن شايار سەنىمى،ئوتلۇق قەدىمىڭگە مەرھابا!(مىرشاپ بىلەن رىياسەتچى قىز ئارتىستلارغا ئورۇن بېرىپ سەھنىدىن ئايرىلىدۇ).
سەھنىگە سازەندىلەر،ناخشىچىلار،ئارقىدىن نەپس ھەركەتلەر بىلەن قىز-يىگىتلەر چىقىپ كېلىدۇ ۋە دىللارنى سۈيۈندۈرگەن «شايار سەنىمى»نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلايدۇ.
شايار سەنىمى:
مۇقەددىمە:گۇمان قىلما ئايا دوستلار(ئەي)،بۇ يۇرتنى بىپايان چۆل دەپ،
سىياقى مىسلى بىر جەننەت،كۆڭۈل سەيلانىسى شاھيار،
ئەمدى مەن دەۋران سۈرەي(ئەي)،(ۋاي) كۆڭۈل سەيلانىسى شاھيار.
1-نەغمە:
ئالتە ئاي بولدى بارالمىدىم يۇرتۇم تارىمغا،
نىمە قىلسام بولار ئىكىن بويى تالىمغا.
ئەجەپ ئىچىم ئاغرىپ كەتتى شېرىن جانىمغا،
يۈرىكىمنى ئېلىپ باراي ھۆر جامالىمغا.

يانتاقشەنىڭ يوللارىدا ماڭدىم پىيادە،
پوتوغراقتا بىر يارىم بار گۈلدىن زىيادە.
قانداق قىلاي تەقدىر بىزگە ھەقتىن ئىرادە،
مېھنەت قىلماي يارغا يەتكەن بار قانداق يەردە.
2-نەغمە:
يارنىڭ كويىدا ئۆلمەك،
سائادەتتۇر ماڭا.
بەلكى ئىشقىدا زەبۇن،
بولماق ھالاۋەتتۇر ماڭا.
نەقرات:
(ۋاي-ۋاي)دەردۇ ئەلەم،
(مانە)ئويناڭ شاھيار سەنەم.
دىلدا ئارمان قالمىغاي دەردۇ ئەلەم(دادەي)،
بىللە مەشرەپ ئوينايلى،ئاي يۈزلۈك سەنەم.

يارسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنىڭ،
(ۋاي)قانچە بولغاي لەززىتى.
چۈن ئانىڭسىز كى مۇسۇلمانلىق،
ئارى زالالەتتۇر ماڭا.
نەقرات:
(جانىما)(ۋاي-ۋاي)يوق دەردۇ ئەلەم
(مانا)ئويناڭ شاھيار سەنەم.
دىلدا ئارمان قالمىغاي دەردۇ ئەلەم(دادەي)،
بىللە مەشرەپ ئوينايلى،ئاي يۈزلۈك سەنەم.

نە كېرەك يارسىز ماڭا،
شاھىي ڧەرىددۇن دۆلىتى.
يارنى مەشۇق قىلماقىم
تەقدىر ئىرادەتتۇر ماڭا.
نەقراتۋاي-ۋاي)دەردۇ ئەلەم،
(مانە)ئويناڭ شاھيار سەنەم.
دىلدا ئارمان قالمىغاي دەردۇ ئەلەم(دادەي)،
بىللە مەشرەپ ئوينايلى،ئاي يۈزلۈك سەنەم.

(ۋاي)باراي دىسەم كەلمەڭ دەيدۇ،
(ۋاي-ۋاي)مەيلىم ئۆزۈمنىڭ.
(ۋاي)ئۇرغان بىلەن سەكسەن قامچا،
(ۋاي-ۋاي)يارىم ئۆزۈمنىڭ.

كەچ بولدى،زاۋال بولدى،
يارىمگە ئۇۋال بولدى.

(ۋاي)ئۇيان ئۆتۈپ،بۇيان ئۆتۈپ
(ۋاي-ۋاي)ئالاي كۆڭلۈڭنى.
(ۋاي)قارچىغىنىڭ بالاسىدەك،
(ۋاي-ۋاي)ئېگەي بوينۇڭنى.
نەقرات:
كەچ بولدى،زاۋال بولدى،
يارىمگە ئۇۋال بولدى.
4-نەغمە:
يارسىز ئۆتكەن ئۆمۈر،
مىڭ ياشىسام بىر كۈنچە يوق(ئەي).
ئىشىق ئوتىنىڭ ئالدىدا
دەۋزەق ئوتى ئۇچقۇنچە يوق(ئەي).
يارسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنىڭ
پايدىسى بولمايدىكەن.
ئىشىق ئوتى تەگكەن يۈرەكنىڭ
دورىسى بولمايدىكەن(ئەي).

يار بىلەن ئوينايمەن دەپ(ئەي)،
سۇندى مېنىڭ نازۇك قولۇم(ئەي).
يارىمنىڭ ياغلىقىدا
تاڭسا ساقايمامدۇ قولۇم.
5-نەغمە:
قايسىبىر گۈلنىڭ مېنىڭدەك
قەلبىدە شەيداسى بار(دادەي).
قايسى بۇلبۇلنىڭ مېنىڭدەك
سازىنىڭ مەناسى بار.

قايسى ئىنسان،قايسى دەۋران
كۆردى مەندەك زارىنى.
قايسى غەمكىننىڭ مېنىڭدەك،
باشىدا سەۋداسى بار.

قايسى دىلبەرنىڭ مېنىڭدەك
جان كۆيەر ئاشناسى بار.
قايسى زىبانىڭ مېنىڭدەك
بىناۋا ھەمراھى بار(دادەي).
بىناۋا-ناۋا ھەمراھى بار.
6-نەغمە:
ۋاي ئوتمۇ بۇ ئاتەشمۇ بۇ،
نەدىن تۇتاشتى ئۇ ماڭا(دادەي).
(ۋاي)مەندىكى بۇ ئوتنى ئېلىپ
قادىر ئېگەم (ۋاي)سالسۇن ساڭا.

چامغۇر تېرىدىم بەش كۈن،
مازار غوجام دىگەن يەردە.
ئوينىغىكى قويمامسەن،
كۆڭلۈم خالىغان يەردە.

تويبولدى دىگەن يەرنىڭ
مەنزىرىلىك ھاۋاسى بار.
قىزلىرىنى يار تۇتسام،
ئۆمۈرلۈك ۋاپاسى بار.

قايلورنىڭ بازارىدىن
ئوغلاق پولو ئەپ بەرسىلە.
ئاخشام دىمىگەن گەپنى،
بۈگەن ئاخشام دەپ بەرسىلە.
7-نەغمە:
يارنىڭ ئۆيى جەينەكتە(ئويناڭ دەردى بار باللار)،
قەستىم يارنى سۆيمەكتە(دادەي ئۆرگىلەي باللار).
يار مەندىن چاناي دەيدۇ(ئويناڭ دەردى بار باللار)،
قااپ باقسۇن ئەينەككە(دادەي ئۆرگىلەي باللار).

باردىم دەريا كەچكەلى(ئويناڭ دەردى بار باللار)،
ئولتۇردۇم سۇ ئىچكەلى(دادەي ئۆرگىلەي باللار).
يار يادىمغا كەلگەندە(ئويناڭ دەردى بار باللار)،
قاناتىم بولسا ئۇچقىلى(دادەي ئۆرگىلەي باللار).

ئۇسسۇلنىمڭ ئوينايلى(ئويناڭ دەردى بار باللار)،
تۇرغانلارغا يول بولسۇن(دادەي ئۆرگىلەي باللار).
ئۇسسۇل ئوينىغان قوللارى(ئويناڭ دەردى بار باللار)،
رەيھان بىلەن گۈل بولسۇن(دادەي ئۆرگىلەي باللار).

مەن باغىڭغا كىرمەيمەن(ئويناڭ دەردى بار باللار)،
ئانارىڭنى ئۈزمەيمەن(دادەي ئۆرگىلەي باللار).
ئەمدى كەلدىم ئەقلىمگە(ئويناڭ دەردى بار باللار)
نادان بىلەن يۈرمەيمەن(دادەي ئۆرگىلەي باللار).
چۈشۈرگۈ:
گۇمان قىلما ئايا دوستلار(ئەي)،بۇ يۇرتنى بىپايان چۆل دەپ،
سىياقى مىسلى بىر جەننەت،كۆڭۈل سەيلانىسى شاھيار،
ئەمدى مەن دەۋران سۈرەي(ئەي)،(ۋاي) كۆڭۈل سەيلانىسى شاھيار.
مىرشاپ بىلەن رىياسەتچى قىز كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن سەھنىگە چىقىپ كېلىدۇ.
مىرشاپ:«شايار سەنىمى»نىڭ زىلتارلىرى قەلب تارىمنى چېكىۋەتتى-دە،گۈلشەن.
رىياسەتچى قىز:ئولتۇرغان مېھمانلارنىڭ بىر جۈپ كۆزلىرى دەل «شايار سەنىمى»گە بولغان ئىپتىخارلىقنى،قايىللىقنى ئىپادە قىلىپ چاقناپ تۇرۇپتۇ.
مىرشاپ:شۇنداق!گۈلشەن،شايار دىيارىدا كۆز ئاچقان ھەر بىر مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمىدۇر.بۇ ئالتۇن دىياردا ئاتاقلىق شائىر موللا ئەلەم شەھيارىدەك بۈيۈك شائىرمۇ ياشاپ ئۆتكەن.
رىياسەتچى قىز:تۆۋەندەياش ناخشىچى ئەركىنجان(ئۆزگىرىشچان ئىسىم)نىڭ ئورۇنلىشىدىكى«شايار ياشلارى»(8-نومۇر)ناملىق ناخشىدىن ھوزۇرلانساق قانداق؟
مىرشاپ:بولىدۇ،ئەركىنجان،قېنى سەھنىگە مەرھەمەت!
شايار ياشلارى
يارلار ئۆتتى يانىمدىن،
كۆيدۈرىۋەتتى جانىمنى.(يارلار ۋاي دادەي ھەي جان شايار ياشلارى)
ئاز كۈن ئويناپ ئايرىلدۇق،
جاندىن ئەزىز يارىمدىن. (يارلار ۋاي دادەي ھەي جان شايار ياشلارى)

تۇمۇچۇقۇم سايرايدۇ،
(ئا)نىگارىم ئوينىغان باغدا.
تامامۇ جانىم كۆيەدۇ،
سېنى ياد ئەيلىگەن چاغدا.(ھەي جان،شايار ياشلارى)

بولمايمەنۇ بولمايمەن،
سېنىڭ بىلەن بولمايمەن.(ھەي جان يارلەر ۋاي دادەي)
سېنىڭ بىلەن بولغىچە،تەنھا يۈرۈپ ئوينايمەن. (يارلار ۋاي دادەي ھەي جان شايار ياشلارى)

ئايغا ئوخشايسەن يارىم،
رومالىڭنى چەككەندە.(ھەي جان يارلەر ۋاي دادەي)
زارلىنىپ ياتالمايمەن،
سەن يادىمغا يەتكەندە. (يارلار ۋاي دادەي ھەي جان شايار ياشلارى)
  ناخشىچى تاماشىبىنلارغا ھۆرمەت بىلەن سالامۇ ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن سەھنىدىن ئايرىلىدۇ.
يېقىملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە«سايراڭ بۇلبۇلۇم»(9-نومۇر) ناملىق ناخشا ئورۇندىلىدۇ:
سايراڭ بۇلبۇلۇم
يارنىڭ قوينىدىكى
ئالمامىكىن بىيەمىكىن(ئا ۋاي دادەي).
قولىدىكى ياچەن ئۈزۈك
ئاشنالىرى زەرگەرمىكىن(ئا ۋاي دادەي).

نەقرات:
ئاچىلدى گۈلۈم،
ساچىلدى گۈلۈم.
يارنىڭ باغىدا،
سايراڭ بۇلبۇلۇم (ئا ۋاي دادەي).

كەلمىگەن يەرگە كېلىپ،
ئەندىشىگە قالدى كىشى.(ئا ۋاي دادەي)
چەككىلى تاماكا يوق
ئويناغىلى نەدە كىشى(ئا ۋاي دادەي).

نەقرات:
ئاچىلدى گۈلۈم،
ساچىلدى گۈلۈم.
يارنىڭ باغىدا،
سايراڭ بۇلبۇلۇم (ئا ۋاي دادەي).
ناخشىچى تۆۋەندە ئولتۇرغان مېھمانلارغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن كىرىپ كېتىدۇ.
مىرشاپ بىلەن رىياسەتچى قىز يېنىك قەدەملەر بىلەن سەھنىگە چىقىپ كېلىدۇ.
مىرشاپ:شايار دىيارىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەشرىپىمىز ئىنتايىن كۆڭۈللۈك داۋام قىلىۋاتىدۇ،تۆۋەندە ئولتۇرغان، كېيىنكى قېتىملىق مەشرەپنى ئۆتكۈزۈش قۇتلۇق شەرىپىگە نائىل بولغانxxx نى بۇ قېتىملىق شايار مەشرىپىنىڭ گۈلچېيىنى ئۆتكۈزىۋېلىشقا تەكلىپ قىلىمىز!قېنى مەرھەمەت!
xxxئەر-ئاياللىقى ھازىرچە نامەلۇم)(سەھنىگە كۆتىرەڭگۈ روھ بىلەن چىقىپ مەشرەپ ئەھلىگە سالام بېرىدۇ)ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شايار دىيارىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار!كەمىنە xxxتىن ھەرقايسىڭلارغا ئوتلۇق سالام!مەشرەپ-ئىناقلىق مەشرىپى،ئۇ ئەل-ئاۋامنى ئۇيۇشچانلىققا ئىگە قىلىپ،خەلقنىڭ مەنىۋىيىتىگە روھىي ئوزۇق بەخش ئەتكۈچىدۇر.شىركىتىمىزنىڭ كېيىنكى قېتىملىق مەشرەپنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكىنىدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەشرەپنى ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىغا چىن قەلبىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ۋە ئولتۇرغان مېھمانلارنى كېيىنكى قېتىملىق مەشرەپكە تەكلىپ قىلىمەن!
xxx مۇشۇ قېتىملىق مەشرەپنى ئۆتكۈزگەن ساھىبخان سۇنغان گۈلچېيىنى ئەدەب بىلەن قولىغا ئالىدۇ).رەھمەت!(بېشىنى ئېگىدۇ).
تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك ئالقىش ساداسى ياڭرايدۇ.
مىرشاپرىياسەتچى قىزغا قاراپ)گۈلشەن،مەشرەپنى داۋاملاشتۇرساق قانداق؟
رىياسەتچى قىز:بولىدۇ،ئۇنداقتا سەھنىمىزنى سەنئەت بېغىدىكى بىر جۈپلەرگە قالدۇرايلى.
سەھنىگە دۇچار تەمبۈر كۆتۈرگەن خەلق سەنئەتكارى ۋەكىلى بولغان بىرجۈپ ئەر-ئايال چىقىپ كېلىدۇ ھەم مېھمانلارغا ئەدەب بىلەن سالام قىلغاندىن كېيىن خەلق ناخشلىرى(10-نومۇر)دىن تامشىبىنلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىدۇ.
ناخشا ئاياقلاشقان كېيىن ئۇلار تاماشىبىنلارغا ئەدەب بىلەن سالام قىلىۋېتىپ سەھنىدىن ئايرىلىدۇ.
مىرشاپ بىلەن رىياسەتچى قىز يېنىك قەدەملەر بىلەن سەھنىگە چىقىدۇ.
مىرشاپتاماشىبىنلارغا قاراپ)بالىلار ۋەتەننىڭ ئۈمىدى،بالىلار مىللەتنىڭ كېلەچىكى!
رىياسەتچى قىز: (مىرشاپقا قاراپ تەبەسسۈم بىلەن)شۇنداق!بالىلار بىزنىڭ كۆز قارىچۇقىمىز،بالىلارنى ياخشى تەربىيلىگەندىلا مىللەت تەرەققىي تاپىدۇ.تۆۋەندە ئوماق بالىلارنىڭ كۆڭۈل تىۋىشلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى:
11-نومۇر:
بىر توپ ئۆسمۈر بالىلار چۈچۈك قىلىقلىرى بىلەن ئۇسۇللۇق ناخشا ئورۇندايدۇ.
ئۆسمۈرلەرنىڭ نومۇرلىرى ئاياقلىشىپ مىرشاپ بىلەن رىياسەتچى قىز سەھنىگە چىقىپ كېلىدۇ.
مىرشاپ:قاراڭ گۈلشەن،شايار ناھىيىسىدىكى خەلق ھەقىقەتەن سەنئەت سۆيەر،سەنئەتنىڭ قەدرىنى بىلىدىكەن جۇمۇ.
رىياسەتچى قىز:راست،مەن ئەتىگەندىن بېرى ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ئېگىلمەس-سۇنماس قەيسىرانە روھنى كۆرمەكتىمەن،ئۇلارنىڭ غەيرەت-شىجائىتىنى،باتۇرانە-مەردانىلىقىنى قۇمساڭغۇ تۇپراقتىكى مەزمۇت توغراق دەرىخىنىڭ زىمىستان قىشنىڭ سوغۇقىغا،يازنىڭ ھىل-ھىل ئاپتىپىغا،بوران-چاپقۇنغا بوي بەرمەي قەد كۆتىرىپ كۆكىرىپ تۇرغان باتۇر روھىغا سىمىۋول قىلغۇم كەلدى.
مىرشاپ:مانا بۇ ئوخشىتىشىڭىز دەل جايىغا كەلدى گۈلشەن.ئۇلاردا دەل شۇنداق ئېتىقاد ۋە مۇستەھكەم ئىرادە بولغاچقا تارىخ بېتىدىن ئىز قالدۇرالىغان ئەمەسمۇ؟
رىياسەتچى قىز:گەپ بىلەن بولۇپ كېيىنكى نومۇرنى ئېلان قىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمىز مىرشاپ.
مىرشاپ: شۇ ئەمەسمۇ؟گۈلشەن ئۆزىڭىز بىر ئېلان قىلىۋېتىڭە.
رىياسەتچى قىز: شايار ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسىتلارنىڭ ئورۇنلىشىدا كوللىكتىپ ئۇسسۇل«سارايدا مەشرەپ ئوينايلى»(12-نومۇر)  قېنى،مەرھەمەت!
سارايدا مەشرەپ ئوينايلى
بىزنىڭ يارلار ئوينايدۇ،
ئۆرۈلۈپ(ئا)چۆرۈلۈپ.
يار ئالامدۇ بۇ جاننى،
قىزىلگۈلدەك كۆرۈنۈپ.
نەقرات:
سارايدا مەشرەپ ئوينايلى
بىللە ماڭغان سەپەردە،
مەن پىيادە سىز ئاتلىق.
كۆڭلۈمنى ئۇتۇۋالدى،
مېھرىبان شېرىن-تاتلىق.
نەقرات:
سارايدا مەشرەپ ئوينايلى
يار كېلىپ گۈللەر تۇتسا،
تار كېلۇر دۇنيا ماڭا.
جان دىلىمدىن ئەتىۋار،
ئۇ گۈلى رەنا ماڭا.
نەقرات:
سارايدا مەشرەپ ئوينايلى
قىزىلگۈلۈم قەلەم قاشىم،
دەريادەك ئاقار ياشىم.
چاڭقىسام لېۋى بىلەن،
سۇ ئىچۈرگەن ئاداشىم.
مۇزىكا داۋاملىشىپ،مىرشاپ،رىياسەتچى قىز،گۈل چېيىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزىۋېلىش قىلغان مۆھتىرەملەر،بارلىق ناخشىچى،ئۇسسۇلچى،سازەندىلەر سەھنىگە چىقىپ،ياڭراۋاتقان ناخشا-مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ چاۋاك چالىدۇ.
مىرشاپ:ھۆرمەتلىك مېھمانلار!
رىياسەتچى قىز:مۆھتىرەم مەشرەپ ئەھلى!
ئىككىسى تەڭلا:
تېلىۋۇزۇر ئالدىدىكى ئەزىز كۆرۈرمەنلەر،بۈگۈنكى شايار مەشرىپى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى،كېيىنكى قېتىملىق مەشرەپتە كۆرۈشەيلى،خەير-خوش!!!
شوخ مۇزىكا ساداسى ئىچىدە مەشرەپ ئاياقلىشىپ پەردە يېپىلىدۇ.

تامام.
(2014-يىل2-ئاينىڭ1-كۈنى كېچە سائەت1:41)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-21 20:01  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-22 00:52:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەشرەپ ئۆتكۈزۈلدىمۇ–ئۆتكۈزۈلمىدىمۇ؟ خېلىلا سەۋىيە بىلەن يېزىلىپتىغۇ!؟

ۋاقتى: 2015-3-22 10:59:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سارايدا مەشرەپ ئوينايلى
قىزىلگۈلۈم قەلەم قاشىم،
دەريادەك ئاقار ياشىم.
چاڭقىسام لېۋى بىلەن،
سۇ ئىچۈرگەن ئاداشىم.
ماۋۇ كۇبلىتى  ماڭا بەك ياقتى   زۆھراگۈل كۆز تەگمىسۇن! يىزىڭ ،يەنە يىزىڭ.

ۋاقتى: 2015-3-22 11:40:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    خېلى ئىنچىكە قەلەم تەۋرىتىپسىز، كۆپ ئەجىر قىپسىز. كۆپ قىرلىق تالانتىڭىزنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-23 12:07:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.خ.ئەرتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2015-3-22 00:52
بۇ مەشرەپ ئۆتكۈزۈلدىمۇ–ئۆتكۈزۈلمىدىمۇ؟ خېلىلا سەۋىيە ...

تېخى ئۆتكۈزۈلمىدى.

ۋاقتى: 2015-3-23 12:56:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنارىيە يېزىقچىلىقىدىمۇ راۋۇرۇس دىتىڭىز باركەن.

ۋاقتى: 2015-3-23 16:11:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئۇتۇق يار بارسۇن

ۋاقتى: 2015-3-23 20:36:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك كۆپ كۈچ سەرىپ قىپسىز ،ئەجىرىڭىز نۇسرەت تاپقاي !قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2015-3-24 18:53:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېتىملىق چىققان سەھنە ئەسىرىدىن ھۇزۇرلانغانلىقىمغا خوشالمەن !

ۋاقتى: 2015-3-24 18:56:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھنىگە ئېلىپ چىققۇدەك دەرجىدە ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-3-24 23:00:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ي.ت.توغراق يوللىغان ۋاقتى  2015-3-24 18:56
سەھنىگە ئېلىپ چىققۇدەك دەرجىدە ياخشى چىقىپتۇ.

     مەن سەھنىگە چىقىپ يىگىت بېشىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدىم ،تەلىيىم بامىكەن ،دوستلار .

ۋاقتى: 2015-3-25 15:09:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشرەپ ئىشلەيدىغان بوپ قالساق ، ئاساسلىق تەييارلىقنى زوھرەگۈل تەل قىلىپ بوپتۇ. قالغىنىنى بىز  ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار قىلسا،بىر سان مەشرەپ پۈتەر ئىكەن؟ زوھرەگۈلنىڭ تىراكتۇرنىڭ سوقىسىدەك ئۆتكۈر قەلىمىگە ئاپىرىن.

ۋاقتى: 2015-3-25 19:24:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۆھرەگۈلنىڭ قابىلىيىتىگە ئاپىرىن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-26 11:16:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر تېمامغا قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ ئىنكاس يازغان دوستلارغا قىزغىن سالاملار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-3-26 11:59:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رادىئو سىنارىيسىى بولغان بولسا ئىشلەيدىكەنمىز

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش