يازغۇچىلار تورى

زۆھرەگۈل ھامۇت: شاياردا مەشرەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-26 18:52:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2015-4-4 23:37:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەخ مەيدان سەنئەت پائالىيتىنىڭ  سىنارىيەسىنى يېزىشقا كۆپ ئەجىر كىتىدۇ، ھەممە تەرەپتىن ئىزدىنشىكە، شۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان نۇمۇرلارنى پىششىق بىلىشتىن باشقا شۇ يۇرىتنىڭ خاس ئالاھىيدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئوڭاي ئەمەس! مەنمۇ ناھىيەمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرنەچچە قېتىملىق چوڭ تىپتىكى بايراملارنىڭ سىنارىيەسىنى يازغانىدىم، بىرەق سىز يازغاندەك بۇنچە تەپسىلى ئەمەس ئىدى! كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز! ئىنچىكە ۋە تەپسىلى بوپتۇ، بۇ جەھەتتىكى تالانىتڭىزغا ئاپىرىن!

ۋاقتى: 2015-4-8 18:37:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىرەر ناخشا ئوقۇيدىغان قىلىپ يېزىڭ ھە؟

ۋاقتى: 2015-4-8 19:03:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامال بار يەرلىك ئەل-نەغمە نومۇرلىرىنى ئاساس قىلىڭ، ھەر بىر نومۇردىن شايارنىڭ ھەممە نىمىسى بالقىپ تۇرسۇن. شىۋە، كىيىم-كېچەك جەھەتتىكى ئۆلچەممۇ قاتتىق قۇيۇلۇپ يەرلىك ئالاھىدىلىك، شايارچە تۈس ئەكىس ئېتىشى كېرەك.(مېنىڭچە). ئىتوت، دېكلىماتسىيىلەرنى كىرگۈزمەسلىك كېرەك. ئىجادى تېكىستلەرنىڭ خەلق تىلىغا يېقىن بولغىنى ياخشى...يالغۇز ئورۇنلىدىغان نومۇرلار سەھنىنى قۇرۇق قۇيۇپ، كەيپىياتنى بۇزىدۇ. كوللىكتىپ نومىرلار ئاساس قىلىنسا...(مەن چىرا مەشرىپى سىنارىيىسىنى يۇقارقىدەك تەلەپلەر ئاساسىدا يېزىپ چىققان ئىدىم)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-9 18:25:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
د.ج يوللىغان ۋاقتى  2015-4-8 19:03
ئامال بار يەرلىك ئەل-نەغمە نومۇرلىرىنى ئاساس قىلىڭ، ھە ...

بۇ ئىنتايىن سەمىمىيلىك بىلەن بېرىلگەن پىكىر بولدى.مەن بۇ تېمىنى يەنىمۇ پىششىقداپ ئىشلەشكە ھەر قاچان تەييار!!!

ۋاقتى: 2015-4-9 18:43:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسىرىڭىزگە  كۆپ ئەجىر قىپسىز، ھەر جەھەتتىكى قابىليىتىڭىز نامايان قىلىنىپتۇ، سىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-9 18:56:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارۋان- يوللىغان ۋاقتى  2015-4-9 18:43
بۇ ئەسىرىڭىزگە  كۆپ ئەجىر قىپسىز، ھەر جەھەتتىكى قابىلي ...

ماڭا مەدەت بەرگىنىڭىزدىن دىلىم سۆيۈندى.يېتەرسىزلىكلىرىم بولسا ئايىماي كۆرسىتىپ بېرەرسىز...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-9 19:04:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
د.ج يوللىغان ۋاقتى  2015-4-8 19:03
ئامال بار يەرلىك ئەل-نەغمە نومۇرلىرىنى ئاساس قىلىڭ، ھە ...

سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىزغا قوشۇمچە قىلغۇم كەلدى:مەشرەپكە قايسى ناخشا ياكى قايسى ئۇسسۇلنىڭ تاللىنىدىغانلىقى ھەم ناھىيەمىزدە بۇ مەشرەپنىڭ قاچان ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم بولغاچقا ،ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ ۋاقتىنچە مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كىرگۈزۈپ قويغان ئىدىم.مېنىڭچە مەشرەپنىڭ سىنارىيىسى شۇ ۋاقتى كەلگەندە سەھنىدە ئارتىستلار تەرىپىدىن ئوينىلىدىغان نومۇرغا قاراپ يېزىلىدۇ.بەلكىم ناھىيەمىزدە مەشرەپ ئۆتكۈزۈلۈپ قالسا سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىزنىمۇ ئويلىشىپ بېقىشقا تولۇق ئەرزىيدۇ.سىزنىڭ .اتايىن ۋاقىت چىقىرىپ ئەسىرىمگە قىممەتلىك پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەتلەر بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-4-10 01:57:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر  سىنارىيە يازغۇچى بار بۇپتۇ، ئۆمەرجان كېرىمنىڭ  بىر شېئىرى باركەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش